قىزىم ، مەن يىغلىدىم
( نەسر )
مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ
قىزىم ، بۈگۈن ‹‹ 1-ئىيون ›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى . كوچىلاردا سىز كەبى ئۇماق ، سەبىي بالىلار چىرايلىق كېيىنىپ شادلىقتىن سەكرىشىپ ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە خۇددى بۇ ئالەمنىڭ ھالاۋىتىدەك ، گۈزەللىكىدەك ، بۈيۈك مۇھەببىتىدەك كەڭ كەتكەن شەھەر كوچىلىرىغا غوجايىن بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرجۈپ قاپقارا قوي كۆزلىرىدىن خاتىرجەملىك ؛ سۈپسۈزۈك نۇرانە، سەبىي چىرايلىرىدىن خۇشاللىق ؛ پاك ، ساپ قەلب رۇجەكلىرىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مېھر-مۇھەببىتى تاتلىق سېزىملار مەۋقەسىدىن شىرىلداپ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ .
بالىلار كېتىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ بىخارامان سەكرەپ ئويناشلىرىدىن ، بەخۇدۇك ، تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ، شادلىنىپ ، بىر-بىرىنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ مەھسۇلى ۋە ياراتقۇچىنىڭ شاپائىتى بولمىش سۆيۈملۈك بالىلىرىدىن قەلب بۆشۈكلىرى خۇشاللىق ، خاتىرجەملىك ، بەخت ئەللەيلەشلىرىدە يېنىك تەۋرەنمەكتە .
قارايمەن ، ئۇلارغا تويماي قارايمەن . بولۇپمۇ ئاۋۇ قوللىرىغا ھەرخىل بالىلار يېمەكلىكلىرىنى ئېلىۋېلىپ ھوزۇرلىنىپ ، تولىمۇ گۆدەكلەرچە ، ئادەمنى رام قىلغۇدەك ئۇماقلىقى بىلەن يەپ ، ئويناقشىپ كېتىۋاتقان بالىلارغا قارايمەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ئوخشايدۇ قىزىم .
مەن كېتىۋاتىمەن ، بالىلارغا ئەگىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تويماي قاراپ كېتىۋاتىمەن . شۇنچە كۆپ بالىلارنىڭ ئارىسىدىن سىزنى ئىزدەيىتتىم . ئۆزۈمنىڭكىگە ئوخشايدىغان كىچىك ، ئەمما نۇرلۇق ، غەرەزسىز كۆزلىرىڭىزنى ، قىپقىزىل يۇمران گىلاستەك ئۇمتۇلۇپ تۇرغان ئويماق لەۋلىرىڭىزنى ، ئىنسان قەلبىنى راھەتلەندۈرگۈچى مەسۇملۇقىڭىزنى ئىزدەيىتتىم . سىزنىڭ بەخت-پاراغىتىدىكى كۈلۈمسىرەشلىرىڭىزنى ، ئەمىنلىك ئىچىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ، ئەركىلەشلىرىڭىزنى، ئورتاق بەخت ماھىيىتىدىكى ئۆزلۈكىڭىزنى ئىزدەيىتتىم قىزىم .
كېتىۋاتىمەن ، ئۇلارغا ئەگىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تويماي قاراپ كېتىۋاتىمەن . قايناق بازار رەستىلىرىدىكى ئۈرۈمچى كوچىلىرى ، ئۇچىسىغا خىلمۇخىل ، تولىمۇ يارىشىملىق كىيىنىۋالغان بالىلار بىلەن تەڭ سەكرىشىپ ، سىردىشىپ ، پىچىرلىشىپ بېرىۋاتقان دۆڭكۆۋرۈك ، بالىلارنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ئاستىلاپ مېڭىۋاتقان ھەرخىل ماشىنىلار ، قاينام –تاشقىنلىققا چۈمگەن دۇكانلار ، لىققدە بالىلار بىلەن تولغان باغچىلار ، ئۆز يىشىللىقى ۋە سالقىن سايىلىرى بىلەن ھۇزۇر بېغىشلاپ يىنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ھەرخىل دەرەخلەر ، ھەرخىل ئويۇنچۇقلار ...ئىھ ، بۈگۈن كۈللى ئالەم بالىلار ئۈچۈن خىزمەتتە ئىدى ، سىز ئۈچۈن خىزمەتتە ئىدى قىزىم . مەن خۇشال ئىدىم . قەلبىم بالىلارچە سەبىي خىياللار قاينىمىدا چۆرگىلەيتتى. ئۇلار نېمىدېگەن بەختلىك ، بىز نېمىدېگەن بەختلىك ، سىز ...
... سىز ... مەن ئاخىرىنى ئويلىيالمىدىم . گويا بوغۇزۇمغا قاتتىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك نەپسىم بىردە توختاپ ، بىردە ئىتتىكلەپ ، نېرۋىلىرىم چىڭقىلىپ ، يۈزلىرىم ئىسىلىپ ، يۈرۈكۈم بىر نەرسە سانچىلغاندەك ئچېىشىپ كەتتى . كىچىككىنە بىر جۈپ كۆزۈم ئاچچىق ياشقا تولدى . بىر ھازا ئېسىمنى يۇقۇتۇپ تۇرۇپ قالدىم . تەلمۈرگەن ، چاڭقىغان ، ئۆكۈنگەن ھالدا ئەتىراپقا جىددىي قاراشقا باشلىدىم . سىزنى ئىزدەيتتىم قىزىم . راست، بالىلار توپىدىن ، ئادەملەر قاينىمىدىن سىزنى ئىزدەيتتىم قىزىم. ئەندىشە بىلەن ئىنتىلىشتىن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بىرخىيال ئىچىدە سىزنى ئىزدەيتتىم. ئەمما...ئەمما سىزنى ئۇچرىتالمايتتىم . لىققىدە ياش كەپلىشىپ قالغان كۆزلىرىم سىزنى كۆرەلمەيتتى. ئېچىشىپ زارلىنىۋاتقان يۈرۈكۈم سىزنى تاپالمايتتى. بوغۇلۇپ قالغان نەپەسلىرىم ھىدىڭىزنى پۇرىيالمايتتى. سىز ...سىز يوق ئىدىڭىز . يېنىمدا ، كەڭ كەتكەن باغچىدا يوق ئىدىڭىز ...قوللۇرۇم سىزنىڭ ئاشۇ بۇدرۇققىنە قوللىرىڭىزنى تۇتالمىغانىدى . ۋۇجۇدۇمدىكى ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك يۈرەك قەپىسىمنى چىڭقاپ تۇرغان ئاتىلىق مېھىر سىزگە يەتمىگەنىدى قىزىم . سىز ئۈچۈن شادلىنىدىغان يۈرەك سىقىلاتتى. سىز ئۈچۈن جىلۋىلىنىدىغان چىراي تاتىراتتى. سىز ئۈچۈن كۈلىدىغان كۆزلىرىم ياش تۆكۈۋاتاتتى قىزىم .
مەن يىغلىدىم . باغچىنىڭ بىر تەرىپىدىكى يوغان بىر سۈنئىي تاشنىڭ ئارقىسىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىدىم . خۇددى بۈگۈنلا تۇيۇقسىز بۇ دۇنيادا يالغۇز قالغاندەك ، يېتىم قالغاندەك ، نە شادلىق ، نە بەختى يوق ئادەمدەك ، تەنھا تۆرەلگەندەك ھېسلار ھېلىدىن –ھېلىغىچە ۋۇجۇدۇمنى ئاچچىق چۇلغايتتى ، نەپەسلىرىمنى بوغاتتى . بېشىمنى كۆتۈردۈم . ياشلىرىمنى سۈرتكەچ ئەتراپقا ، يىراقلارغا ئۈمىدلىنىپ قارايتتىم . ئاھ ، ئاسمان گۈمبىزىدە سۈپسۈزۈك بۇلۇتلار لەيلىشىپ تۇرۇپتۇ. كۆپكۆك ئاسمان ، پۈتۈن كائىناتقا ئىللىق ھارارىتىنى چېچىپ تۇرغان قۇياش ، دۇنيا نېمىدېگەن گۈزەل ، ئىللىق ۋە سۆيۈملۈك ھە ! ھەممە نەرسە بەختلىك ئىدى . مەن ...مەن بولسام بۇ بەختتىن مەھرۇم قالغانمۇ ؟ياكى سىز بۇ بەختتىن مەھرۇم قالدىڭىزمۇ قىزىم ؟ سىز نەدە ؟ مۇشۇ كۈندە سىزنى كىم كوچىغا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىدۇ ؟ كىم سىزگە ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى بېرىدۇ؟ ‹‹ئاتا،ئانا !›› دەپ چۈچۈك تىللىرىڭىز بىلەن كىمگە ئەركىلەيسىز ؟ سىنى كىممۇ ئەركىلىتەر ، كىممۇ كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ، باغچىلارغا ئېلىپ بېرىپ ، خالىغىنڭىزنى سېتىۋېلىپ قوللىرىڭىزغا تۇتقۇزار . بۈگۈن ئۈچۈن ، بايرىمىڭىز ئۈچۈن كىممۇ سىزگە خالىغان كېيىملىرىڭىزنى ئېلىپ بېرەر ؟...ئىھ ، قىزىم ، جان پارەم ، نەلەردە ئاللىكىملەرگە تەلمۈرۈپ ، بويۇن قىسىپ يۈريدىغانسىز ؟ باشقىلار بالىلىرىنى ئويناتسا مېنى ، ئانىڭىزنى ئىزدەمدىغانسىز ، بىزگە تەلمۈرگەن ھالدا ئادەملەر توپىغا قورۇنۇپ يېقىنلىشامدىغانسىز ، بىزنى زارىقىپ ئىزدەمدىغانسىز قىزىم ، كۆزلىرىڭىز ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تەرەپ –تەرەپلەرگە تەلمۈرىۋاتقانمىدۇ ؟ ئاتام نەدىدۇ ،ئانام نەدىدۇ دەپ ئىچىڭىزدە نىدا قىلىۋاتامدىغانسىز جېنىم قىزىم . سىزدىن ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى بىز نېمىشقا تارتىۋالىمىز قىزىم . بىزنىڭ بۇنداق قىلىدىغانغا نېمە ھەققىمىز بار ئىدى ؟ بىزنىڭ سىزگە بېرىدىغان قەرزلىرىمىز كۆپ ئىدى ، قىزىم . سىز بىزنىڭ مېھىر –مۇھەببىتىمىزدىن ، ھىمايىمىزدىن پايدىلىنىشقا ، بەھرىلىنىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدىڭىزغۇ . بىز نېمىدېگەن رەھىمسىز ، نېمىدېگەن غەرەز ئۇقمايدىغانلاردىن ھە ، قىزىم . سىزنىڭ يېتىم قېلىشىڭىزغا ، كوچىلاردا سەرسان بولىشىڭىزغا ، ئىللىق تۇيغۇسىز ، مېھىر-مۇھەببەتسىز قېلىشىڭىزغا بىز سەۋەبچى قىزىم .
قىزىم ، بۈگۈن پۈتۈن ئەل بالىلىرى خاتىرجەم ، غەمسىز ، خۇشال ھالدا بايرام ئويناۋاتىدۇ ، سىز يېنىمدا يوق ، مەن يېنىڭىزدا يوق ، ئانىڭىز سىزنى نەلەردە ئېلىپ يۈرگەندۇ ؟ كوچىلاردا قولىڭىزدىن يىتىلەپ ، چىرايلىق كېيىملەرنى ئېلىپ كېيىدۈرۈپ ، خالىغىنىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ ئوينىتالىغانمىدۇ ؟
-ئانا ، ئاتام نەدە ؟ قاچان مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ ؟ ئاۋۇ بالىلارنىڭ ئاتلىرى بايرامدا كېلىپ بالىلىرىنى ئوينىتىكەن ، ئاتام كېلىپ مېنى نېمىشقا ئويناتمايدۇ ؟- دەپ سۇئال سوراۋاتامدىغانسىز ؟
ئاھ ، بۇ دەقىقە مەن تۈگۈشۈپ كېتىۋاتىمەن . ۋۇجۇد ئاسمىنىم قاپقارا بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان . تەن –روھىم ئىجراچىسى يوق بىر بوشلۇققا ئايلانغان ، يۈرەكلىرىم چاقماق چاققاندەك چېقىن دىۋارلىرىغا ئۈسسۈمەكتە ، ئازاب ۋە پۇشايماندىن كۆۋەجىگەن تاشقىنلار ئۈگى-ئۈگىلىرىمىدىن ئۆتۈپ مېنى ھېچ ماجالسىزلاندۇرماقتا .
قىزىم ، سىز ماڭا ئاتىلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونىتىۋاتىسىز . ئاتىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ، ئاتا بولۇشتىكى ئۆلچەملىرىنى بىلدۈرىۋاتىسىز قىزىم .
بۈگۈن بارچە ئاتىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ قىزىم :
بالىلىرىمىز بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ، بەختىمىز ، ئۈمىد –ئارزۇيىمىز ، خۇشاللىق ھەم جاتىرجەملىكىمىز . ئۇلارنى بىزدىن ئايرىۋەتمەيلى ، ئۇلار ئاتا-ئانىسىز ، ھىمايىسىز ، مېھىر –مۇھەببەتسىز قالمىسۇن . ئۇلار نە كوچىلاردا ، نە ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولمىسۇن . ئۇلارغا كۆيۈنەيلى . بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىز باقايلى . ئاتا-ئانا بولغۇچى بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى ، يېنىكلىك قىلىپ ئائىلىنى بۇزۇپ ، ھېسيات ۋە ئەقىلسىزلىق بىلەن بالىلارنى يېتىم قىلمايلى .
ھەممىمىزنى يامان يوللار ئازدۇرۇپ كەتمىگەي . بالىلىرىمىز بەختلىك بولسۇن . ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن . ئاتا-ئانىلىرىنىڭ پاكىز تەربىيەسىدە ئەقىللىق ، ئېتىقادلىق ، ساغلام چوڭ بولسۇن . ھەممىمىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خاتىرجەملىك يار بولسۇن .
ئاپتۇر : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 189-نومۇر ‹‹ھۇنبەگ كىتابخانىسى ›› دا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-1 01:19 PM