|
|
|
|
‹ تاڭنۇردا › بالىلار بايرىمى
تۈنۈگۈن يەنە 6- ئاينىڭ 1- كۈنى كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى بولغان ئۇماق سەبى بالىلار ئۈچۈن بالىلار بايرىمىلىق كەڭ مەزمۇنلۇق بالىلار بايرىمى پائالىيىتى بۆرتالا شەھەرلىك تاڭنۇر مەكتەپتە ، مەكتەپ رەھپەرلىرىنىڭ ، ھەر يېزا كەنىت كادىرلىرىنىڭ ،ساخاۋەتچى سودىگەرلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاستىدا تاڭنۇر مەكتەپتە بالىلار بايرىمى پائالىيىتى غەلبىلىك ئاياغلىشىپ ،بالىلارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجى قاندۇرۇلدى ،
بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەكتەپ سىكىرتارى سەمەت مۇئەللىم ، مەكتەپ مۇدىرى تۇراخۇن مۇئەللىم، پىشقەدەم ئۇستازلانىڭ تەشكىلىشى ، ئارمان شىركىتىنىڭ ،ئىخلاس شىركىتىنىڭ ‹ بۆرتالادىكى تارماق شىركىتى › ھاۋارايى ئىستانسىنىڭ ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ، مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ سەرخىل نۇمۇر ئورۇنلىشى ، تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئالقىش چاۋاكلىرى بىلەن ئاياغلىشىپ بالىلار بايرىمى داغدۇغلۇق كۈتۈۋېلىندى .
پائالىيەت مەزمۇنلىرى ، يېڭىدىن كىرگەن پىئونىرلار ئەترىتى ، ئىتپاق ئەزالىرىنى قارشى ئېلىش ھەم كىرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ، مەكتەپ خىزمىتىدىن بىر يىللىق خۇلاسە ھەم كىيىنكى بىر يىللىق پىلان ئورۇنلاشتۇرىلدى ، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددى ياردەم بىرىش ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى تەييارلىغان سەنئەت نۇمۇرلىرى ، ئاخىرىدا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان چۈشلۇك تاماققا داخىل بولۇش قاتارلىق تەرتىپلەر بىلەن ئاياغلاشتى .
ئاھ ئانا تىلىم ،جان تىلىم ،
مەنبە---خەيرۇللا قۇربان ‹ تاڭنۇر ›
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-1 10:24 AM
|
|
|
|
|
|