مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3711|ئىنكاس: 22

مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز .... تولۇقلانغان نۇسخىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14915
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 08:58:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەھلى :
  مەزكۇر ئەسەر 2013-يىللىق مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلۇپ ئىككىنجىلىككە نائىل بولغان ئىدى . ئىلان قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى باھالىنىپ نادىرلانغىچە تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولدى، بۇنىڭدىن كەمىنە تولىمۇ خوشال .
    ئەسەر ئىلان قىلىنىپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر مەدەپ ئىلھاملارنى بىرىپ ئەسەرنى قايتا تولۇقلاپ يىزىشىمنى ئىيتتى ، ھەم ئۆزۈممۇ ئەسەرنىڭ چالا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم . ئەمدى تۇنجى چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىم بولغاچقا سەۋەنلىك ، نۇقسانلارنىڭ بولۇشى تەبى . شۇڭا قايتا قايتا ئويلىنىش ، تۇرمۇش كۈزىتىش ھەم تورداشلار بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق مەزكۇر ئەسەرنى قايتىدىن تولۇقلاپ يىزىپ چىقىتىم . تەكلىپىم مەزكۇر ئەسەر قايتا تولۇقلىنىش بىلەن بىللە باشتىكى بۆلەكلەرمۇ قايتىدىن كىڭەيتىلىپ يىزىپ چىقىلدى شۇڭا تورداشلارنىڭ باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، شۇنداقلا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
     ئاخىرىدا مەزكۇر ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ماڭا ھەرجەھەتتىن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ، ياردەملەرنى بەرگەن مۇنبەرداشلىرىمغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمەن .  رەھمەت سىلەرگە ..

         مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭز ......

1-  شاڭخەي سەپىرى

2-  مۇئەللىمدىن كەلگەن خەت

3-  پويىزدىكى ئۇچرىشىش

4-  يەرئاستى ئۆيىدىكى ھارام تاياق

5-  مەن سۆزۈمدىن يانمايمەن

6-  مانا مەن ھەقىقىي ئۇيغۇر

7-  قەشقەردىكى زىرىكىش

8-  تۇنجى مۇھەببەت

9-  كەچلىك بازاردىكى يانچۇقچى قىز

10-     ئاپا!مىنى تاشلاپ كەتمەڭ......

11-     ئامانەت

12-     ۋىسالتاپقان سۆيگۈ



1-شاڭخەي سەپىرى

  -يۇلۇچىلار دىققەت شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگەبارىدىغان T52-قىتىملىق پويىز ھازىر قوزغۇلىدۇ،يۈك-تاقاڭلارنى رەتلىكئورۇنلاشتۇرۇپ مىڭىشقا تەييارلىنىڭلار .......

   پويىز رادىئوسىدىن پويىزنىڭ قوزغۇلۇشىئۇقتۇرۇلماقتا ئىدى . ئۆيىگە قايتمىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان خۇشتۇرمۇ ئۆز ئورنىداپويىزنىڭ مىڭىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى . چىرايىدىن خۇشخۇيلۇق يىغىپ تۇرىدىغان بۇدىھقان يىگىتنىڭ بۇ چوڭ شەھەردە ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىنى ئۇ ئۆزىمۇئويلاپ بىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.....

  خۇشتۇر قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ،ئاددى-ساددا،رايىش،سىرىقتال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بىر دىھقان پەرزەنتى . كىچىكىدىنئوقۇشقا ھىرىسمەن، ئىشقا چىۋەر ئىدى.مەكتەپتىكى نەتىجىسى مۇئەللىملىرىنى سۈيۈندۈرسە،ئېتىز-ئىرىقتىكىچەبدەس،چاققان،تېتىكلىكى ئاتا-ئانىسىنى راھەتلەندۈرەتتى.

  خۇشتۇر تولۇقسىز ئىككىنجى يىللىققا چىققان يىلىدادىسى ئابدۇرىھىماخۇن بەختكە قارشى كىسەل كارۋىتىدا بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈكۋىدالاشتى . پۈتۈن ئۆينىڭ ئىغىر-يىنىك ئىشى ،ھاشار-ئالۋاڭلار،تېرىلغۇ-زىرائەتلەرخۇشتۇر ۋە ئۇنىڭ بىردىنبىر قىرىندىشى خۇشتار،ئانسى زۆھراخانغا يۈكلەندى . بۇئەھۋاللارنى كۆرگەن خۇشتۇر مەكتەپتىن چىكىنىپ ئۆي-ئارام،ئېتىز-ئىرىقنىڭ ئىشىنىزىممىسىگە ئىلىپ ،ئىنىسى خۇشتارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئانىسى زۆھراخاننىڭتۇرمۇش بىسىمىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتمەكچى بولدى . ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنىمەكتەپ رەھبەرلىكى ،سىنىپ مەسئۇللىرى رەت قىلدى.چۈنكى ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكى ئاخىرى ئۇنىمەقسىتىگە يەتكۈزۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئۇزىتىپ قويدى .

  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي دىھقانچىلىق ھاياتىباشلاندى .خۇشتۇر كۈندۈزلىرى ئېتىزدا،كەچلىرى ئىنىسى خۇشتارنىڭ دەرسىگە كۆڭۈلبۆلۈپ ئۇنىڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتىشىگە بەلگىلىك ئاساسيارىتىپ بەردى .خۇشتارمۇ ئاكىسىدەك رايىش ، تېرىشچان ،ئوڭلۇق ،جاپاغا چىدايدىغانبالا ئىدى .

  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى،خۇشتۇرمۇئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىنىڭ ئارىسالدى ۋاخلىرىدا يىزا بازىرىدىكى ھۆسەن بودەكنىڭئاشخانىسىدا ئىشلىگەچ ھۆنەر ئۆگەندى . كىچىكىدىن ئىشقا پۇختا ،چەبدەس بولغانلىقتىنئاشپەزلىك ھۆنىرىنىمۇ خىلى ياخشى ئۆگىنىپ قالدى . ئازغىنە تۆت-بەش ئاي ئىچىدە پولوئېتىش،قورۇما قورۇش،شورپا،قورداق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدى.ئەتكەن تاماقلىرىنىڭمۇ تەمىرەڭگى جايىدا چىقىپ ھۆسەن بودەكنىڭ تىجارىتىنى خىلىلا ئىلگىرى سۈردى.ھۆسەن بودەكمۇئۇنىڭدىن تولىمۇ رازى،ھەم بەك ئامراق بولۇپ قالدى.

  كۈن ئاينى،ئاي يىلنى قوغلاپ خۇشتارمۇ تولۇقسىز3-يىللىقنىڭ ئىككىنىجى مەۋسۈمىگە يىتىپ قالدى،ئاكىسىنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىشى ۋەئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقى  بىلەن ئۇنىڭمۇئۆگىنىش نەتىجىسى مەكتەپ بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا ئىدى .

  ھەش-پەش دىگۈچە خۇشتارمۇ ئوقۇشنى غەلبىلىكتاماملاپ ناھىيە بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ شاڭخەيدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇلقىلىندى ، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دەپ ئۇنىڭ بارلىق ئوقۇش راسخوتى ھەقسىز ئىدى .ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن يېزىنى خوشال قىلىۋەتتى .

  مانا بۈگۈن مەكتەپتە ئۇنى ئۇزىتىش ئۈچۈن بارلىقئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مەيدانىغا يىغىلغان ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىمەكتەپكىمۇ ئاز بولمىغان شان-شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى . مەكتەپرەھبەرلىكى،يېزا رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار خۇشتارغا تەبرىك ۋە تىلەكلەرنى بىرىپ،يوللۇق تۇتۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۆز يېزىسىدىن چىقىپ باقمىغان دىھقان پەرزەنتىشاڭخەيدەك چوڭ شەھەرگە ئوقۇشقا بىرىشى ئانىسى زۆھراخاننى ئاز-تولا ئەندىشىگەسالماقتا ئىدى.

  -بالام-دېدى زۆھراخان-ئۇ شاڭخەي دىگەن بىزنىڭقەشقەر شەھىرىمىز ئۇياندا تۇرۇپ تۇرسۇن،ماۋۇ ئۈرۈمچىدىنمۇ چوڭ شەھەر ئۇ ، ئۇنىڭئۈستىگە ئۇيغۇرلار يامان ئاز ،تاماقتىن ياكى باشقا تەرەپلەردىن قىسىلىپقالىدىكەنسەن،ئۇنىڭ ئورنىغا مۇشۇ كۆزۈمگە يىقىن قەشقەردىلا ئوقۇمامسەن يا.

  ئانا- دېدى خۇشتۇر جاۋابەن-قىزىق گەپقىلىدىكەنسە ،شاڭخەي بىلەن قەشقەرنى قانداق سىلىشتۇرغىلى بولىدۇ .ئەمدى بۇ ئۇكاممۇشۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتى،ھۆكۈمەت بارلىق چېقىمىنى كۆتىرىمەن دەۋاتسا بىرىپئوقۇپ كەلسۇن،مۇئەللىملەرمۇ دېدىغۇ مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئاشپەز باركەن،تۈزۈمىقاتتىقكەن،ھەرقانداق ئادەمنى خالىغانچە كىرگۈزمەيدىكەن،سەن ئەنسىرىگىدەك يەنە نىمەئىش با. ئەمدى چوڭ يەردە ئوقىغاننىڭ پايدىسى باركى زىيىنى يوق،خاتىرجەم بولۇپئەۋەتىۋەر، بۇنىڭمۇ ئوتتەك بارغۇسى بار.

  -بالام ،ئۇدىگىنىڭغۇ ئورۇنلۇق ،لىكىن شاڭخەيدىگەن 1000 ئادەمنىڭ توققۇزيۈز توقسان توققۇزى خاڭسۇ تۇرسا،يا ئۇكاڭ راۋان سۆزلىيەلمىسەخاڭسۇچىنى-دېدى زۆھراخان ئەنسىرىگەن ھالدا.

  -ۋاي خاتىرجەم بولغىنە،بارغاندىن كىيىنئۆگىنىدۇ،ھىلىمۇ ئۇنىڭ خەنزۇچىسى ئانچە ناچار ئەمەس ،كۆرمىدىڭمۇ خەنزۇچە نەتىجىسىۋىلايەت بويىچە ئۈچىنجى بولدىغۇ.

   -بالام سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن ، خەقنىڭ يۇرتىئۇ ، ئۇكاڭ يا ھىچكىمنى تونۇمىسا ، مۇشۇ چاغقىچە قەشقەر شەھىرىنىمۇ تولۇقبىلەيدىغان تۇرسا ، ئەمدى چوڭ شەھەردە قىيلىنىپ قالسا مەن قانداق چىدايمەن.

   -ئانا ، سەن بىزگە مەڭگۈ چىدىمايسەن ، بىزمۇئەتە-ئۆگۈن جەمئىيەتكە چىقىمىز ،كەچكىچە يەرگە قاراپلا يۈرەمدۇق ،بىلىملىك ئادەمخار بولمايدۇ ئانا . ئەمدى مەن شۇ ئۇكامنى دەپ ، سىنى قىيلىنىپ قالمىسۇن دەپئوقۇشتىن چىكىندىم . نىمە ئۈچۈن؟شۇ ئۇكام بولسىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ ياراملىق ئادەمبولسۇن دەپ . ئۇنداق خاتىرجەم بولالمىساڭ بولدى مەنلا ئۇكامنى ئىلىپ شاڭخەيدىكىمەكتىپىگە ئاپىرىپلا قوياي ،شۇ بانادا مەنمۇ شەھەر كۆرىۋالامە.

  -ئۇنداق بولسا مەيلى بالام ،بىر كۆرۈپ باقبىزنىڭ ما قەشقەدىكى مەكتەپچىلىك مەكتەپ بولسا باندۇرۇپ كەل ،مەشەدە ئوقۇسۇن،ئەگەردىگەندەك ياخشى مەكتەپ بولسا بوپتۇ، ئۇكاڭ بولسىمۇ مۇرادىغا يەتكىچە ئوقۇسۇن-دېدىزۆھراخان خۇشتارغا قىيمىغان ھالدا.

  شۇنداق قىلىپ خۇشتۇر،خۇشتار ئاكا-ئۇكا بىللەشاڭخەيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە،ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگىچە بولغان بەشكۈنلۈك سەپەر بۇ ئاكا-ئۇكىنى خىلىلا چارچاتقان ئىدى . شاڭخەي ۋوگزالىدىن چىقىشىغامەسئۇل مۇئەللىملەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن خۇشتۇر ئىنىسى خۇشتار ئۆتكەن مەكتەپكەكەلدى. كۆز ئالدىدىكى مەكتەپنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.

  -توۋا،بۇ تولۇق ئوتتۇرىمۇ ياكى ئالىي مەكتەپمۇ، نىمانچە چوڭ مەكتەپ بۇ ،ۋاھ....

  خۇشتۇر ھەيرانلىق ئىلىكىدە مەكتەپ ئوقۇتۇشبىناسى،ۋە مەيدانلىرىغا تويماي قارىماقتا ئىدى، ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق مەكتەپلەردەئوقۇغۇچى بولۇپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىپ كەتتى.ھەي....ئامال قانچە كاج پەلەكئۇنى بۇ ئامەتتىن مەھرۇم قىلدى.

  خۇشتۇر ئىنىسى خۇشتارنى ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپدىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى قويماي تاپىلاپ ئىنىسى بىلەن خوشلۇشۇپ قەشقەرگە قايتىشئۈچۈن ئارقىغا ياندى . يولدا كىتىپ بارغاچ ئۇنى ئاجايىپ قىسمەتلەرگە دۇچارقىلىدىغان خىياللارنى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا سۈرۈپ ماڭماقتا ئىدى.

  -توختا ،چوڭ بولغان ياقى ئۈرۈمچىگىمۇ بىرىپباقماپتىمەن،ئەمدى شاڭخەيگە ئاران كەلگەندە بىرە كۈن چۆگىلەپ قايتمايمۇ-دەپ ئويلىدى،ۋە يىقىن ئەتراپتىكى ئاپتوبوس بىكىتىگە بىرىپ ئۇدۇل كەلگەن ئاپتوبوسقا چىقىپشاڭخەي ساياھىتىنى باشلىۋەتتى .

  - ۋاھ نىمىدىگەن ئىگىز بىنا، نىمىدىگەن چوڭيول،ھەيۋەتلىك كۆۋرۈكلەربۇ، ئا باغچىنىڭ چىرايلىقلىقىنى ،نىمىدىگەن پاكىز،چىرايلىقشەھەر بۇ-خۇشتۇر شاڭخەينىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە مەستانە بولۇپ ئۆزىنىڭ قەيەرگەكىلىپ قالغىنىن ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى ، بىر چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا جۇڭگودىلائەمەس ،پۈتۈن دۇنيادا بەلگىلىك تەسىرى بار<شەرق مەرۋايىتى> مۇنارى نامايانبولدى.

  -ۋاھ نىمىدىگەن ئىگىز ،نىمىدىگەن ھەيۋتلىكمۇنار بۇ ...نىمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە....

  ۋەيتەننىڭ ئىگىز بىنالىرى،خواڭپۇ دەرياسىدىكىكىمە،پاراخوتلار ،جىنماۋ سارىيى ۋە دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزىدەك بەھەيۋەتئىمارەتلەر خۇشتۇرنىڭ بارلىق خىياللىرىغا چاڭگال سالغان ئىدى.ئاجايىپ بىر ھىستۇيغۇلار خۇشتۇرنى بۇ شەھەرگە بۆلەكچىلا مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى .ئۇنىڭ بۇشەھەردىن كەتكۈسى كەلمەيۋاتاتتى ، ئۇ ھەر تەرەپكە تويماي قاراۋاتاتتى .

  بىر چاغدا خۇشتۇر قورسىقىنىڭ بەكمۇ ئاچقىنىنىتولۇق ھىس قىلىپ يەتتى ، چۈنكى ئۇ شاڭخەي مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇر ئالىمەن دەپ چۈشلۈكتاماقنىلا ئەمەس ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.

  -ئاللاھ،نەدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا باردۇ - ئۇئەتراپتىن ئاشخانا ئىزدىمەكتە ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى پەقەت چەتئەلئىگىلىدىكى شىركەت،بانكا ،مىھمانخانىلار ئىدى.

- ئەمدى نەدىنئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىنى تاپارمەن، خۇشتارنىڭ مۇئەللىمىغۇ شاڭخەيدە ئۇيغۇرئاشخانىسىنىڭ خىلى كۆپ دىگەن ، لىكىن نەدىدۇ؟- خۇشتۇرنىڭ كاللىسى قاتماقتا ئىدى.

-ھە راست ،تاكسىغاچىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ قوي دىسەم بولىدىغۇ –دىگىنىچە چوڭ يولغاقاراپ يۈرۈپ كەتتى .

  خۇشتۇر يولغا چىقىپ بىر تاكسىنى توستى ، لىكىنتاكسى توختىماي كىتىپ قالدى ، يەنە توستى ئەمما تاكسىلار توختايدىغاندەك ئەمەس. –قىززىقبۇ يەردە نىمىشقا تاكسى توختىمايدىغاندۇ ، توۋا ،يا بۇ يەردە خىرىدار ئىلىشچەكلەنگەنمىدۇ ، ياق ،ئەگەر چەكلەنگەن بولسا ئالدىمدىكىلەر ئەجەپ توسالىدى ،نىمىشقا ماڭا توختىمايدىغاندۇ- خۇشتۇر قورۇق تاكسىنى كۆرسىلا تۇسۇپ باقتى ،ئەمماھىچبىر تاكسى توختىمىدى.

  بىر چاغدا بىر تاكسى خۇشتۇر تۇرغان جايدىن 10مىتر ئالدىدا توختىدى ، ماشىنىدىن خىرىدارلار پۇلىنى بىرىپ چۈشتى . خۇشتۇرمۇچاققان بىرىپ ، چۈشكەن ئادەمنىڭ پۇتى يەرگە تەككۈچە ماشىنىغا چىقىۋالدى . شۇپۇرخۇشتۇرغا قارىۋىتىپ :

  -ۋو ياۋ جياۋ بەن چىڭ شيا چې (ئىشتىنچۈشتۈم،چۈشۈپ كەت) دېدى .

  -خۇشتۇر ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنمەي ، نەگە بارىسەندەۋاتقاندۇ دەپ ئويلىدى ۋە :

  - پىڭيو ، ۋوشىما شىنجاڭ لەيدا ، ۋىيزۇ رېن .جىگىما دۇزا ئې لا ، چىپەندى دىفاڭ چۈ يىخا.(دوستۇم ، مەن شىنجاڭلىق ، ئۇيغۇر ،قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى ئاشخانىغا)دېدى ، ئەمما شوپۇر ئۇنىڭ گىپىنى تولۇق چۈشۈنمىدى، خۇشتۇرمۇ تىرىكمەي ئىشارەت بىلەن ئاخىرى گىپىنى چۈشەندۈردى بولغاي ، شوپۇرمۇئۇنىڭ شاڭخەيگە يىڭىدىن كەلگىنىنى پەملىدىمۇ –خاۋدې ،خاۋدې- دەپ ئۇنى ئىلىپ ماڭدى. شوپۇر باھا ھىساپلىغۇچنى بىسىشىغا خۇشتۇرنىڭ بىشى قايدى.

  - نىمە 12 كوي ، چىقا-چىقماي 12 كوي چىقتىياماۋۇ،زەھەردىن قىممەت كىرا بولدىغۇ،مەن بارار يېرىمگە بارغۇچە قانچە پۇل چىقار –دىگەن ئىقتىساد خىياللىرى خۇشتۇرنىڭ ھوشىنى تامام ئالغان ئىدى . ئانچە ئۇزۇنماڭماي شوپۇر خۇشتۇرنى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ قويدى . كىرامۇ 45 يۈەنچىققان ئىدى . خۇشتۇر پۇلنى بەرگەچ ناھىيدىن قەشقەر شەھرىگە 10 قىتىم بارىدىغانپۇلغا بۇيەردە بىر ئاشخانىغا بارغىلى بولىدىكەن دىسە.دىگىنىچە ئاشىخانىغا كىرىپكەلدى . پاكىزغىنە كىچىك بۇ ئاشخانا مۇلازىملار خۇشتۇرنى بۆلەكچىلا خوشالقىلىۋەتكەنىدى . چۈنكى شاڭخەيدەك ئادەم دىڭىز شەھەردە ئۆز قەۋمىنى ئۇچرىتىش ھەرقانداق قەۋم،مىللەت ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ئەلۋەتتە . خۇشتۇرنىڭخوشاللىقىمۇ دەل مۇش سەۋەپتىن .

  -نىمە تاماق يەيسىز-دېدى مۇلازىم چاي قۇيغاچ.

  -پولو يەي،راست نان بارمۇ-دېدى خۇشتۇرمۇ ئەدەپبىلەن.

  -ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا نان بولمامدۇ بۇرادەر-دېدىمۇلازىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  -ئەمىسە ناندىن بىرنى .

  ئۇزۇن ئۆتمەي نانمۇ ،ئارقىدىن پولومۇكەلتۈرۈلدى ، گەرچە شىنجاڭ ئاشخانسى بولغان بىلەن،ئەمما نان،تۇزى شىنجاڭنىڭكىدەكتەملىك بولمايتى ،چۈنكى ئىچكىرى ئۆلىكىلەرنىڭ ئىقلىمى سۇ،ياغ،خۇرۇچلىرى تامامەنباشقىچە تەمدە ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبتىكى خەنزۇلار ئاساسەن تۇزسىز تاماقيىيىشكە ئادەتلەنگەن بولغاچقا ئىچكىرىدىكى ئاشخانىلاردا تاماقنى سەل تۇزسىزراقئىتەتتى. شۇڭا تۇنجى قىتىم تاماق يىگەنلەرگە بۇ تاماقلار سەل غەلىتە تېتىيدۇ . بۇتاماقلار خۇشتۇرغىمۇ دىگەندەك تېتىمىسىمۇ ھەر ھالدا قورسىقى خىلى ئىزلاشتى.مۇشۇنداق چوڭ يات شەھەردە يۇرتنىڭ تائاملىرىغا ئىغىز تىگەلىگەن خۇشتۇر خىلى خوشبولغان ئىدى .خۇشتۇر تامىقىنى يەپ بولۇپ

  -نەچچە پۇل –دىگىنىچە پۇكەيگە باردى.

  -28 كوي –دىدى كاسسىر

  -ھە؟!.......28 كوي –خۇشتۇر چۈچۈپ كەتتى-ئاداشخاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟ مەن بىر نان بىر پولو يىدىم...

   -خاتا ئەمەس،بىر پولو 25 كوي،بىر نان ئۈچ كوي.

  - ئاداش مەنمۇ ئاشپەز ، بىر پولونىڭ نەچچە پۇلبولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن،ئەمدى مىنى سەھرالىقكەن دەپ بوزەك قىلىۋاتامسىلە يا–دىدى خۇشتۇر قايىل بولماي.

  -بۇرادەر،شىنجاڭدا پولو ئىشىپ كەتسە 10 كوي،ئۇنى مەنمۇ بىلىمەن،لىكىن شىنجاڭ 5000 كىلومىتىر يىراقتا قالدى. بۇيەردە ئىجارەقىممەت،ئۇستاملارنىڭ مائاشىمۇ يۇقىرى ،شۇڭا تاماقلارمۇ قىممەت-دەپ سىلىققىنەچۈشەندۈرۈپ قويدى كاسسىر.

  -ھە ،ئەمىسە مەيلى، مانا پۇل –خۇشتۇر ھىسابقىلىۋىتىپ يەنە سورىدى:

  -ھە راست ، بۇ يەردە ئەرزانراق ياتاق بارمۇ ؟

  -ئەڭ ئەرزىنى 180 يۈەن – دىدى كاسسىر.

  - نىمە ؟! 180 كوي؟ ئەڭ ئەرزىنى ؟ توۋا ، ئادەمبۇلايدىغان شەمۇ بۇ ؟ 180 كويغا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان ئاپتوبوسنىڭ ئەڭنوچىسىغا ئولتۇرۇپ بارىمىز، نىمانداق قىممەتچىلىك شەھەر بۇ؟.....

   -ئاداش ،شۇ ياتاقنىڭ چىققىنىغا خوش بولۇڭلا ،ماۋۇ يىنىمىزدىكى ياتاققا ئۇيغۇرلارغا 180 كوي باشقىلارغا 320 كويدىن بىرىدۇ .

   -ئاداش ، ئۇنداق دىگەن بىلەن 180 كوي دىگەن ئاز پۇل ئەمەس .........

  خۇشتۇر شاڭخەينىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىگە قەۋەتلاقايناپ كەتكەنىدى – بولدىلا كىتەيچۇ ، ئاداش پويىز ئىستانىسىسىغا قانداق بارىدۇ؟-دەپ سورىدى كاسسىردىن .

  -نەگە بارىسىلە –دەپ سورىدى كاسسىر.

  -شىنجاڭغا كىتىمەن ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم ، پۇلبۇنداق كىتىۋەرسە،ئۆيگە مىڭىپ كىتىدىغان ئوخشايمەن.

  -ھازىر بىلەت بەك قىس،ئەگەر لازىم بولسا كەچتەبىر نەچچە بىلەتچى كىلىدۇ ،مەن شۇلاردىن بىرنى ئىلىپ قوياي ، لىكىن بىر بىلەتكە200 كوي پايدىسىنى بىرىسىلە ، قانداق؟ -دىدى كاسسىر سەمىمىيلىك بىلەن.

  -نىمىشقا پايدىسىنى بەرگۈدەكمەن . 200 كويتاپماق ئاسانمۇ ماڭا ، ئاشخانىدا 10 كۈن پولو دۈملەپ، سەي قورىسام ئاندىن تاپىمەن200 كوي دىگەن پۇلنى ،180 كوي چىدىمايۋاتسام ھۆكۈمەت باھاسىنى ئىنىق بىكىتكەنبىلەتكىمۇ پايدا بىرىسەن دەۋاتامسىلە، بولدى ،ئۆزۈم بىرىپلا ئالايچۇ شۇ بىلەتنى .پويىز ئىستانسىسىغا قانداق بارىدۇ؟

  كاسسىر پويىز ئىستانىسىسىغا قانداقبارىدىغانلىقىنى تەپسىلىي دەپ بەردى . خۇشتۇر كاسسىر دەپ بەرگەن ئادرىس بويىچەپويىز ئىستانسىسىنى تىپىپ بارالىدى.ئەمما بىلەت ساتىدىغان كامارنى تاپقان بولسىمۇ، گىپىنى قىيلىنىپ چۈشەندۇرگەن بولسىمۇ ، نەتىجە كاسسىر دىگەندەك بىلەت يوق ئىدى.خۇشتۇر نائىلاج پويىز ئىستانىسىسىدا بىر كەچ قونۇپ ئەتىسى يەنە ھىلىقى ئاشخانىغابىرىپ ھايانىغا بىلەت ئىلىپ كەتمەكچى بولدى . لىكىن بۇ كەچ ئۇنىڭ ئۈچۈنئۇنتۇلغۇسىز بىر كەچ ئىدى. ئۇ ۋوگزال بىناسىنىڭ پويىز ساقلاش ئۆيىدە قاتتىقئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئانىسىنى ، دوستلىرىنى ئەسلەپ مۈگدىمەكتە ئىدى . ئۆيىدىنئايرىلىپ باقىمىغان ھەرقانداق كىشىگە بۇلار تەبىئىي لىكىن ناھايىتى ئازاپلىق بىرئىش ئەلۋەتتە . ئۇ بىر تەرەپتىن ئانسىنى ، مەرھۇم دادىسىنى ، يۇرتىنى ئەسلىگەچسىغىنىش ئىلكىدە دائىم يىنىدىن ئايرىمايدىغان كىچىك خاتىرىسىگە مۇنو مىسرالارنىيازدى :

مۇساپىر بولۇپ ياقا يۇرتلاردا ،

قىيلىنىپ يۈرۈپ كەزدىم ھەم جاھان.

يۇرتنى، ئانامنى شۇنچە سىغىندىم،

سىغىنىش ئوتى قەلبىمدە پىنھان .

ئانا دەپ باقتىم بار ئۈنۈم بىلەن ،

لىكىن بالام دەپ سادا چىقمىدى.

بۇ سوغوق تۈندە ئۆزۈم ھەم تەنھا،

مىھرىبان ئانام كۈلۈپ كەلسىدى .



   خۇشتۇرنىڭ سىغىنىش ھىسلىرىنى مۇشۇ مىسرالاربىلەن ئىپادىلەپ بولمايتى . مۇساپىرلىق ئەنە شۇنداق سىغىنىشلىق بولىدۇ .خۇشتۇرتاڭنىڭ چاققانراق ئېتىشىنى،ئۆيىگە تىزدىن قايتىپ ،ئانا يۇرتنىڭ توپىسىنى كۆزىگەسۈرتىشىنى ئويلاپ ئويقۇسىمۇ كەلمەيتى . ئۇزۇن كىچە ئاخىرى خۇشتۇرنىڭ قوينىغا ئىلىپئۇنى ئۇخلىتىپ قويدى . كۆزىنى ئاچقىنىدا كۈنمۇ چىققان سائەتمۇ 8 دىن ئاشقان ئىدى .ئۇ ھاپىلا-شاپىلا يۈزىنى يۇيۇپ ئاشخانىغا قاراپ يول ئالدى . ئاشخانىغا كىرىشىگەئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان مەنزىرە تۈنۈگۈن بىلەن تامامەن ئىككى دۇنيا ئىدى. تۈنۈگۈن خۇشخۇيلۇق ، ئىللىق ھەر يان تاراپ تۇرغان ئاشخانىنى ،بۈگۈن تامامەنجىددىيلىك قاپلاپ تۇراتتى .

  -قېنى ھىلىقى سولامچى ،ھارامدىن بولغان-دەپۋارقىرايتى ، سىمىزغىنە كەلگەن چوڭ سۈپەت بىرى . قارىماققا ئۇنىڭ خۇجايىنئىكەنلىكىنى بىلىش ئانچە تەس ئەمەس ئىدى .

  -ھاجىمكا ئەتىگەن قارىساق يوق،يۈك-تاقىسى،نەرسە-كىرەكلىرىمۇ يوق،قاچقان ئوخشايدۇ-دىدى كاسسىر.

  -خەپ ھاراملىق ، تۆت كۈن تۇرۇپ تۇر دىسەم –دىدى بودەك خۇجايىن ئاچچىقلىنىپ، ئەمما شاڭخەيدە ماڭا ئۇچراپ قالمىسۇن ،ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋىتىمەن . بۈگۈن پولونى قانداق قىلىمىز؟ ئاشخانىداپولو ئىتەلەيدىغان بىرەرسى باردۇ ؟

  -ئەمدى ،ھاجىمكا ، ناسىرجان ئۇستام ئىتەلەيدۇ ،لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇمىلىرىنى قورۇش بىلەن ئالدىراش ، ھەم پولوغا ئىپى يوق ،باشقا بالىلار ئاساسەن شاگىرت ،ئوخشىمىغان پولونى ئېتىپ خىرىدارلارنى نارازىقىلساق ياخشى بولماس.

  - ئەمىسە پولو ساتمىساق نىمە ساتىمىز ؟ بىزنىڭئاشخانىغا پولو يىگىلى جياڭسۇ،جېجياڭلارنى خىرىدار كىلىدىغان تۇرسا- دىدى خوجايىنئالاقىزادە بولۇپ.

  بۇ ۋاقىتتا كاسسىر ئىشىك يىنىدا تۇرغانخۇشتۇرنى كۆرۈپ قالدى .

  -ھە ئاداش، كىتەلمىدىڭلىما ؟

  -شۇ ،بىلەت يوقكەن ، شۇڭا سىلىنى ئىلىپبىرەمىكىن دەپ كىلىشىم –دىدى خۇشتۇر.

  -ھە راست ، سىلى مەن پولو ئىتەلەيدىغان ئاشپەزدىدىڭلا ھە –دەپ سورىدى كاسسىر يانداپلا

  -ھە ، يىزىدا ئاشخانىدا ئىشلەيتىم ، پولو ،لەغمەن ، قورداق ، شورپا ئىتەلەيمەن .-دىدى خۇشتۇر جاۋابەن .

  -ئەمىسە –دىدى كاسسىر –ھاجىمكا بۇ بالا بۈگۈن بىرەكۈن ئىتىپ بەرمىسۇنمۇ، بەرىبىر بۈگۈن بىر كۈن تۇرغاندىن كىيىن ، ھازىر بىلەتمۇ بەكقىسكەن ، بۇ بالىمۇ خىلى مۇلايىم، ئەدەپلىك ، رايىش بالىكەن –دەپ خۇجايىنغامەسلىھەت بەردى.

  -خۇجايىن خۇشتۇرغا بىر قۇر قارىۋىتىپ – نەدىنكەلدىڭ ئۇكام ،شاڭخەيگە نىمىگە كەلگەن ؟

  -قەشقەردىن كەلدىم ، ئىنىم شاڭخەي تولۇقئوتتۇرىغا ئۆتكەن ، شۇنى ئەكىلىپ قويغىلى كەلگەن ، ئەمدى ئۇنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپبولدۇم.قايتاي دەپ تۇرغان .

  -ھە ، قەشقەردىن دە ، مەنمۇ پەيزىۋاتتىن ، پولوئىتەلەمسەن –دەپ سورىدى خۇجايىن .

  - ئىتىشىمغۇ ئىتىمەن ، لىكىن مەن قايتماقچى ، بۇ يەردە ئىشلىيەلمەيمەن . خاپا بولمىسىلا–دەپ سىلىق رەت قىلىدى خۇشتۇر .

  - مەن سىنى ئىشلە دىمىدىمغۇ تېخى – خۇجايىنكۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ – سەن ئىشلەيمەن دىسەڭمۇ ئىشلىتىدىغان ئىش يوق ، ماندا ھۈنىرىڭبىزگە يارىسا ئاندىن مەسلىھەت قىلىمىز تېخى.

  -شۇ ...مەن....- خۇشتۇر گەپتە كەتكۈزۈپ قويغىنىھىس قىلىپ كىكەچلەپ قالدى.

  -مۇنداق گەپ ئۇكام ، مەن گەپنى ئۇدۇللاقىلىدىغان ئادەم –خۇجايىن خۇشتۇرنىڭ مۆرىسگە ئۇرۇپ – قىنى ئولتۇر –دەپ ئولتۇرۇشقائىشارەت قىلدى ،

   -ماۋۇ بىزنىڭ پولوپەز دىگەن خۇمسى گۇي بۈگۈن قىچىپتۇدىگىنە ، ما ئاشخانىدا پولونىڭ سودىسى باشقا تاماقلاردىن تىز ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنيەكشەنبە خىرىدارلامۇ جىق ،سودىمۇ ياخشى ، ئەمدى ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق بولغاندىنكىيىن شۇنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ بولسىمۇ بۈگۈن بىر قازان پولو دۈملەپ باق ، ئەگەربازارغا يارىسا ، بولدى ئىش ھەققىڭ 100 كوي ، ئەگەر ئوخشىمىسا بالىلار يەۋىتە،لىكىن يەنىلا 100 كوي بىرىمەن . قانداق –دىدى خۇجايىن مەرتلىك بىلەن- ئاندىنكاسسىر كەچتە بىلىتىڭنى ئىلىپ بەرسە ئەتە كىتەرسەن.

   خۇشتۇر ئويغا چۈمدى< ئەمدى بۈگۈن بىلەت يوق، ئەتە ماڭماقتىن بۆلەك چارىمۇ يوق ، ئىككى كۈندە تاماققىلا پالان پۇل كەتكەن ،ياتاق يەنە شۇ ۋوگزالدىن قاتتىق ئورۇندۇق،ئۇنىڭدىن بىكار تۇرغىچە بىكار ئىشلەدەپتىكەن.بىر قازان پولو دىگەن بىر سائەتتە پىشىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئەتسەممۇ ئىتىپباقاي .

  -لىكىن سەھرانىڭ پولوسى بۇ يەردە قانداق بۇلاركىن؟

  -دىدىمغۇ ،ئوخشىمىسىمۇ ماڭا ھىساپ،100 كويبىرىمەن –دىدى خۇجايىن كەسكىنلا .

  خۇجايىننىڭ كەسكىنلىكى بىلەن خۇشتۇر ئۆزىنىھەرخىل قىسمەتكە دۇچار قىلىدىغان قەدىمىنى باستى .

  كىچىكىدىن چىۋەر ،چەبدەس خۇشتۇرنىڭ ئاشپەزلىكھۆنىرىمۇ بولۇپمۇ پولو ئىتىش ھۆنىرى ئۆزگىچە ئىدى. بىردەمدىلا خۇشتۇرنىڭ تۇنجىقازان پولوسى مەزىلىك ھىدى بىلەن ،تەخسىلەرگە چىچىلىپ ئۈستەللەرگە قاراپ يول ئالدى، ئۇ ئەتكەن پولونىڭ مەيلى تەمى ياكى رەڭگى بولسۇن بودەك خۇجايىننىڭ ئالاھىدەدىققىتىنى تارتقان ئىدى . شۇ كۈنى خۇشتۇر 6 قازان پولو دۈملىدى . خىرىدارلامۇدىيىشىۋالغاندەك پولولا بۇيرۇيتى.سودىمۇ قىززىدى . سەھرالىق ئاشپەزنىڭ ھۈنەرگەبۇنداق ئۇستا ئىكەنلىكى بودەك خۇجايىنى بىر تەرەپتىن سۈيۈندۈرسە،يەنە بىر تەرەپتىنئۇنى بۇنداقلا كەتكۈزىۋىتشىكە كۆزى قىيمايتى .

  كەچبولغاندا خۇجايىن خۇشتۇرنى چاقىرىپ مۇڭداشتى :

  -ھە ئۇكام –دەپ گەپ باشلىدى خۇجايىن-مىنىڭئىسىم قاسىم ھاجىم ،ئاشخانىدىكىلەر ھاجىمكا دەپ چاقىرىدۇ ،سەنمۇ شۇنداق چاقىرساڭبولىدۇ، ئەمدى ھۆنىرىڭ ھەقىقەتەن بولىدىكەن ، بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاشپەز،پولوپەزلەرنىڭھىچقايسىسى سەندەك پولو دۈملىيەلمەيتى ،ماندا پولو شاڭخەي ئەمەس كۇلىدىكى ھىچقايسىئۇيغۇر ئاشخانىسىدا يوق دىيەرلىك،بولسىمۇ ساناقلىقلا،ئەمدى بىرە ئۇستام ئەچىقايدىسەم،سەندىن ئۇستا بولسىغۇ.ياق،سەندەك ئىتەلىسىمۇ مەيلىتى،لىكىن بۇ يەرگە كۇلىدىگەن قانداق يەركىن دەيدىغان،قوڭى يوق ئاقنانچى،ساختىپەز ، ئىشنى ئالاڭ،ئوڭنىساراڭ قىلىدىغان ئۇستاملار چىقىپ ئادەمنى چىچىلدۇرۇپ يا ئۆزىنى خوش ئىتەلمەي ، يائۆزگىنى خوش ئىتەلمەي ئادەم ئاۋارە قىلىدىكەن ، ئەمدى سەندەك رايىش،چىۋەرئۇستاملار بەك ئاز چىقىدۇ-دەپ ئەھۋال چۈشەندۇردى خۇجايىن.

  -ھەراس ئۇكام،ئۆيۈڭدە كىملەر بار؟

  -دادام تۆت يىل بورۇن ۋاپات بولغان،ئۆيدە ئانام،ئىنىم،مەن بار ، ئەمدى ئۇكام بۇ يەردە ئۈچ،تۆت يىل ئوقۇيدۇ،شۇ ئانام بىلەن مەنلاقالىمەن.

  -ھە...ئۇنداقتا يىللىق كىرىمىڭلار قانچە پۇلبۇلاۋاتىدۇ؟

  -دىھقانچىلىقتىن يەتتە،سەككىز مىڭ كوي،ئۆيدە 7قوي ئون نەچچە توخو بار شۇلاردىن بىر ئىككى مىڭ كوي كىرىم قىلىمىز .

  -ئاساسەن 10000 كويغا بارىدۇ دە ؟

  -شۇنداق .

  -ئەمىسە سىنىڭ ئورنۇڭدا ئادەم ئىشلەتسە قانچەپۇل كىتەر ؟

  -بىزنىڭ يۇرتنىڭ شارائىتدا ئۈچ-تۆت مىڭ كويكىتىدۇ.

  -ئۇنداقتا-سۆزىنى داۋام قىلدى خۇجايىن-شۇئادەمنىڭ ئىش ھەققىگە بەش مىڭ ئاناڭنىڭ تۇرمۇشىغا بەش مىڭ ، سىنىڭ ئىش ھەققىڭگە30000 كوي بەرسەم ماڭا بىر يىل قارىشىپ بىرەمسەن ؟

  -ھە....-خۇشتۇر ھەيران بولۇپ-بىر يىلدا 40000كوي بىرەمسىز ؟

  -ئوغولبالىدەك ئىشلىسەك 40000 كوي ئىش ھەققىڭشاڭخەيدىن ئۆيگە بىرىپ كىلىش يول كىراسى بولۇپ 42000 كوي بىرەي ، ئۇندىن سىرتئايدا ئالىدىغان مۇكاپاتىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ، ھىيت-ئايەملەردە ھىيتلىقكىيىم-كىچەكلىرىڭ مەندىن.مەنمۇ گىرى ئەمەس بىر يىل مۇشۇنداق پولو دۈملەپ بەلەنقارىشىپ بەرسەڭ يوللۇقۇممۇ بار،ئەمدى قالغان گەپ ئەركەكتەك ئىشلىسەڭلا .

  -لىكىن ئانام ئۆيدە يالغۇز قىيلىنىپ قالارمۇ؟-دىدى خۇشتۇر ئەنسىز ھالدا.

  -قېنى ئويلىشىپ باق،ئەگەر كاللاڭدىن ئۆتسەئىشلەسە،كىتىمەن دىسەڭمۇ مەيلى، مەن ئەزەلدىن بىرىگە يالۋۇرۇپ ، زورلاپئىشلەتمەيمەن ، ئارىلىقتا كىتىمەن دىسەڭ  ئايلىقىڭنى 3000 كويدىن ھىسابلاپ 1000 كوي كىرابىرىمەن .مانا ماۋۇ بۈگۈنكى ئىش ھەققىڭ ، بىر قازان دۈملەپ باق دىسەم ئالتە قازاندۈملىدىڭ ، رەھمەت ساڭا-دىگەچ 300 يۈەن پۇلنى خۇشتۇرغا ئۇزارتتى-ھوي ئابلەت –دەپكاسسىرنى چاقىرىدى قاسىم ھاجىم-ما ئاغىنەڭ،ۋاي  ئاللاھ، قارا ئۇكام ئىسىمىڭنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپقاپتىمەن دىسە ، ئىسمىڭ نىمىتى ؟

  -خۇشتۇر ، خۇشتۇر ئابدۇرەيىم .

  -ھە ،خۇشتۇرجاننىڭ ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،بىلەتچىلەرگە تېلفۇن قىلىۋەت ، ئەتە،ئۆگۈننىڭ بىلىتىدىن بىرنى ئەپقويسۇن،خۇشتۇرجان كىتىمەن دىسە شۇنى ئىز پۇلىغا بەرسۇن مىنى دىدى دە، قاچاننىڭبىلىتى بولسا شۇ چاغقىچە ياتاق تامىقى بىزدىن .

  ئابلەت خۇشتۇرنى ئىلىپ ياتاققا ماڭدى ، ئۇلاريولدا ماڭغاچ ئۆز ئارا سىرىدىشىپ ماڭدى.

  -ئاداش –ئابلەت سۆز باشلىدى، پولوغا راسئۇستىكەنسىلە،ئادەتتە باشقا كۈنلەردە ئىككى قازان ئاران تۈگەيتى،بازار ياخشىبولغان كۈنلەردىمۇ ئۈچ قازان ئاران تۈگەيتى،لىكىن قۇلۇڭلارنىڭ راسلا تەمىباركەن،بۈگۈن كەلگەن كونا-يىڭى خىرىدارلار < ۋوي يىڭى ئاشپەز كەپتۇدە،ماندابولمامدۇ پولو دىگەن ، پولودەكلا پولوكەن بۇ > دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپبىرنى يەيدىغانلار ئىككىنى يەپ كىتىشىنى .ھاجىمكاممۇ بەك خوش بولدى ، سىلىنى بولساداۋاملىق ئىشلەپ بەرسىكەن ،سەن چىقىپ دەپ باق دىگەن، مەن يەنىلا ئۆزلىرى دىسىلە دىگەن، سىلىگە نىمە دىدى .

  -شۇ ئىشلەپ بەر دىدى،لىكىن ئانام سەھرادايالغۇز ،قىيلىنىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن.

  -ئەمدى ئانىنى يىراقتا تىكەندەك يالغۇز قويۇپئىشلەشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ، لىكىن ئۆزەڭلا بىلىسىلەر ئەمدى بۇ يەردە ئېستىماليوقىرى ، مائاشىمۇ ياخشى ، قوڭنى بۆكۈپ بىر ئىككى يىل ئىشىلىسە يۇرتتا تۆت،بەشيىلدا تاپىدىغان پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ ،شۇ يېرىنى دىمىسە ساراڭمۇ بىر ئادەم ئۆزيۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ بۇ يەردە جان قىيناپ . ھە راس ، نەچچە پۇلبىرىدىكەن ؟

  شۇ بىر يىل قارىشىپ بەرسەم 42000 كوي بىرىدىغانئوخشايدۇ .

  -ۋوي ،راۋۇرۇسلا دەپتىغۇ ، قاچقان پولوپەزنىڭمۇئايلىقى 2000 كوي ئىدى،سىلى كۆزىگە خىلى ئىسسىق كۆرىنىپ قاپسىلە ، بولمىسا ئۇئادەم قىلنى قىرىق يارىدىغان لوبەن.ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە ئۇنچىلىك جىق پۇلبىرىدىغان لوبەن ئەمەس . مەنمۇ يىڭى كەلگەندە 800 كوي بىرىتى ، مانا دىگەن ئىشىنىۋاقتىدا قىلىپ ھازىر 3500 كوي بىرىدۇ ، شۇڭا مەنمۇ ئىشلەۋاتىمەن 3 يىل بولاي دىدى.

  -ھە ،راس ئاداش سىلى نەدىن ؟

  -مەن ئۈرۈمچىدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان ، تىگىمقەشقەردىن ،لىكىن قەشقەردە ئاساسەن جىق تورۇپ كەتمىگەن ، شۇ تەتىللەردە بىرىپكىلىپ دىگەندەك .

  -ئۇنداقتا سىلى قانداق كەلگەن ؟

  -شۇ ئائىلە بىسىمى بولمامدۇ ، ئۆيدە ئاتا-ئانامبار ئىككى سىلىڭلىم بار ، دادام دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن شۇتىجارەت ئىشلىرىمۇ دىگەندەك يۈرۈشۈپ كەتمىدى، ئانام ئۆيدە ئۆي ئىشى بىلەن،ئۆينىڭچىقىمى كىرىمىدىن ئىشىپ كەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئوقۇشتىن توختاپ ئىشلىدىم ،دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە ئىشلىدىم ، ئەمدى ئۆزەڭلا بىلىسىلە ، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلايدىسە چوڭراق دەسمى بولمىسا بولمايدۇ ،ئىشلىسە مائاش تۆۋەن،شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۈلئاللاھ پۇلنى پۇل جىق يەردە تاپاي ، يا مۇش يەمە ، يا گۆش يەمە دەپ شاڭخەيگە چىقىپسىلىدەك ئاشخانا ئىزلەپ مۇشۇ ئاشخانىغا كىلىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن خوجايىنغائەھۋالىمنى ئىيتىپ ئىشلەي دىسەم ماقۇل دىدى ،ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىمەن.ئاللاھقاشۈكرى ھەر ھالدا پۇل تىپىپ بىيىپ كەتمىدىم ،ئەمدى مائاش دىگەن ئۆلمەسنىڭ دورىسىكەن، نىمە دىگەن بىلەن ئۆينىڭ دەردىنى ، ئۆزۈمنى بىقىپ بىر يىل بولدى ئازراقئىشىندىم،خەققە ئىشلىگەندىن كىيىن شۇنداق بولىدىكەن، خەققە ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشئۇ ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشكەن،لىكىن بىرە ئىشنىڭ ئەلمى،تەلمىىنى بىلىپ،پىشىنى تۇتقىچە بىكار قالغاندىن ياخشىكەن.

  -دىگىنىڭلا ئۇرۇنلۇق –دىدى خۇشتۇر قايىللىقبىلەن.

  -مانا ياتاققىمۇ كەلدۇق-خۇشتۇر ئابلەتنى باشلاپياتاققا چىقتى-ماۋۇ كارۋاتتا ئۇخلاڭلا ، مۇنچا ئاۋۇ يەردە ، ئوبدان ئويلىشىپئوبدان ئارام ئىلىڭلا ،سىلىنىڭ ئەھۋالىڭلىنىمۇ بىلدىم،سىلىگە مەسلىھەتىم ئەگەرئاناڭلا راسلا قىيلىنىپ قالسا ،ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمىسا قايتىپ ھالدىن خەۋەرئىلىڭلا،چۈنكى ئانىنى ياخشى كۈتمىسەك پەرزەنتلىك قەرزىمىزنى ئادا قىلمىساق ،دۇئاسىنى ئالمىساق بۇ دۇنيادا ھەرگىز راۋاج تاپالمايمىز، ئەگەر قىينالمىسا ، پۇلقىيىنچىلىق بولسا ،بىرە يىل ئىشلەڭلا ، ئىشلەيمەن دەپلا ھاجىمكامغا گەپئۈزەلىسەڭلا ئاي توشمىسىمۇ ئۇ ئادەم پۇل دەپ بولغۇچە تەقلەپ بىرىدۇ ،ئۇ يەرىدىنخاتىرجەم بولۇڭلا.ئەمما مەن ئۆزۈم شەخسەن ئىشلەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئابلەت خۇشتۇرغا ئىشلارنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى، خۇشتۇر قاتتىق خىيالغا چۆممەكتە ئىدى.

-ئىشلەيمۇ؟قالايمۇ؟ كىتەيمۇ؟ كەتسەم 40000 كويدىگەن پۇلنى جۇغلىغۇچە بىرە چوڭ كىلىشمەسلىك بولمىسا ھۆسەن بودەككە بىر يىلئىشلىسەم ئاران بەش ئالتە مىڭنى بىرىدۇ ،ئىتىزدىن ،ئۇلاغدىن ئون مىڭ كويچە تاپساق، ھاشارغا ، سۇ ،ئوغۇت باشقا چىقىملارنى ئايرىۋەتسەك قالغىنى يا ئون مىڭ ياسەككىزمىڭ .مۇشۇ ھالەتتە بەش يىل ئېتىزدا جان قىيناپ ، ئاشخانىدا ئوچاق پۈلەپئۆتسەم ئاندىن تاپىمەن،لىكىن بۇ يەردە بىر يىلدا بەش يىلنىڭ پۇلىنى تاپىمەن،بىريىلدا 42000 كوي تاپسام 2000 كوي يول خىراجىتى ، سوۋغا-سالام بىلەن كەتسە 40000كوي قالىدۇ ، قالغىنىنى ئېتىزدىن ،ئۇلاغدىن 10000 قىلساق 50000 كوي، ۋاھ 50000كويغا قەشقەر شەھىرىدىن چاققىغىنە ئاشخانىدىن بىرنى ئاچىقىلى يىتىپ ئاشىدۇ تىخى ، قانداققىلسام بولا، توختا ،خۇشتارمۇ يىڭى كەلدى ، كۈنىۋالغىچە بىرە يىل تۇرسام ، تىلداقىيلىنىپ قالسا،ياكى ئۆينى سىغىنىپ كىتىمەن دەپ بىكار ئاران تەستە كەلگەن ئامەتنىيوق قىلىۋەتمىسۇن،شۇنىڭ ئۈچۈن تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقۇپ بىر يىل تەۋەككۈل ئاللاھدەپ ئىشلەپ باقاي.

خۇشتۇر ئىشلەش قارارىغا كەلگەن ئىدى ، ئەمدىئەنسىرىۋاتقىنى بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا قانداق ئىيتىش ،قانداق قايىل قىلىش ئىدى،-توغرا ئانامغا قانداق دىسەم بولا ، قۇشۇلامۇ ، ئەجەپ بىشىم قاتتا؟

  خۇشتۇر ئانىسىنى قانداق قايىل قىلىشىنىبىلەلمىدى،ئەمما بىر يىلدا قىرىق نەچچە مىڭ كوي تاپىدىغانلىقىنى ئويلىسا ،ۋۇجۇدىيايراپ كىتەتتى،خۇشتۇر بىر تەرەپتىن خوشال بولۇپ،بىر تەرەپتىن ئانىسىنىڭقوشۇلماسلىقىنى ئويلاپ بىشى قىتىپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى.

  ئەتىسى خۇشتۇر ئويغۇنۇپ ئانىسىغا قانداقئېيتىشىنى ،قانداق قايىل قىلىش توغرىسىدا يەنە باش قاتۇردى ،ئاخىرى ئانىسىغاتىلىفۇن ئىلىپ گەپنى ئۇدۇللا دىيىشىنى لايىق تاپتى .

  خۇشتۇر تىلفۇن بوتكىسىغا كىلىپ ئانىسىغاتىلىفۇن ئالدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى ئانام قۇشۇلماي قالامۇ دەپ ئەنسىز سوقماقتائىدى.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا، تىنچلىق تۇردۇڭمۇ؟

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،بالام ،نىمانداق ئادەمنىئەنسىرىتىپ تىلفۇن ئىلىپ قويمايسەن ؟سەن ئۈرۈمچىگە كەلدىڭمۇ يا؟

  -ياق تېخى، مەن شاڭخەيدە.

  -نىمە سەن يەنە شاڭخەيدىما ، بىرە ئىش بولمىغاندۇبالام ، ئۇكاڭ كۆنەلمەيۋاتامدۇ يا؟ كۆنەلمىسە بولدى بۈگۈنلا قايتىپ كىلىڭلا ،مەكتەپ دىگەن مۇشۇ يەردىمۇ بار.

  -ۋاي ئانا ،نىمە دەۋاتىسەن ،خۇشتۇر مەكتىپىبىزنىڭ قەشقەر سىپەندىمۇ (قەشقەر پىداگوگىگا ئىنىستىتوتى) چوڭ مەكتەپكەن ،تۈزۈمىمۇ چىڭ ھەقىقەتەن ئىسىل مەكتەپكەن .ئۇنىڭغىمۇ خوپ ياقتى،باشقۇرۇشىمۇئەتراپلىق ،ئوقۇتۇشىمۇ ياخشى سىستىمىلىقكەن .خالىغان ئادەمنى كىرگۈزمەيدىكەن .ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلار ئايرىم ياتاقتا ياتىدىكەن ، ئۇلارنى قالايمىقان سىرتقا چىقارمايدىكەن-دەپئەھۋال چۈشەندۈردى .

  -ھە ، خۇدا يا شۈكرى ، سەنچۇ ،قاچان ماڭىسەن،ما كىۋەزلەرمۇ ئىچىلاي دىدى ،يىنىڭدا پۇل باردۇ؟

  خۇشتۇر سەل جىمىپ قالدى ، ئۇ سۆزنى قانداقباشلاشىنى بىلەلمەيلا قالدى.

  -ئانا مەن.....مەن...شۇ...

  -نىمە بولدى،بالام ،بىرە كىلشىمەسلىكبولمىغاندۇ؟-زۆھرەخانمۇ جىددىيلىشىپ قالدى.

  -ياق ، مەن...شۇ...شاڭخەيدە ئىشلەي دىگەنتىم ،بۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى باركەن، خۇجايىنىمۇ ياخشى ئادەمكەن ، شۇ ماڭاياردەملىشىپ ئىشلەپ بەرسەڭ دىگەنتى؟

  -بالام ، قانداق گەپ بۇ ، شاڭخەيدە بىر ئىشقايولۇقۇپسەن ھە ،راس گەپ قىلە بالام ، نىمە ئىش بولدى؟

  -خۇدايا توۋا دىگىنە ئانا ، سەن ماڭا دۇئاقىلىۋاتساڭ،ماڭا يەنە نىمە ئىش بولاتتى ، مەن ياخشى ، ھىچ ئىش بولغىنى يوق . شۇئاشخانىدا ئىشلەي دىگەن.

  -ياق ،بالام ،يالغان گەپ قىلما ،نەدە بىرسىئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ئىشلىتىدىكەن، يا سىنىڭ پىشانەڭدە ئاشپەز دەپ خەت بولمىسا ،قاراپلا سىنىڭ ئاشپەزلىكىڭنى بىلىپ ئاشخانامدا ئىشلەپ بەر دەمدا؟

  -ۋاي ئانا ،نىمانداق مۇرەككەپ ئويلاپ كىتىسەندەيمەن، شۇ ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەن ،ئۆزەمنى ئاشپەزلىكىنى دىگەنتىم ،ئەتىسىبارسام ئۇلارنىڭ پولوپىزى قىچىپ كىتىپتىكەن،خوجايىن پولو ئىتىپ بەرسەڭ دىگەن ،شۇھۆنىرىم ياراپ قىلىپ ئىشلەپ بەرسەڭ دەيدۇ-خۇشتۇر بولغان ئەھۋاللارنى تەپسىلىيچۈشەندۈردى.

  -بالام ئۇكاڭنى ئەۋەتمەي دىسەم ، شاڭخەي دىگەنئۇندا يە ،بۇندا يە دەپ ئەۋەتكۈزدۈڭ،ئەمدى ئۆزەڭمۇ كەلمەي ئىشلەيمەن دەۋاتىسەن،خەقمۇ تۇرالماي قىچىپتۇغۇ ،ئەگەر ياخشى ئادەمنىڭ قولىدا بولسا قىچىپ كىتەمدۇ ؟مەنبۇ سەھرا قىيامەتتە ،ئېتىز تىخى تۇرسا،ئۆي تىخى تۇرسا،ئۇلاغ تىخى مەرەپ بىشىمنىئاغرىتىۋاتسا مەن قايسىبىرىنى قىلىپ بولىمەن،بولدى بالام ،شەيتاننىڭ كەينىگەكىرمەي قايتىپ كەل .

  زۆھراخانمۇ بار ئەھۋالنى ئىيتتى،دىمىسىمۇ سەھرادىگەندە بىردەم ئېتىز ئىرىق ،بىردەم ئات-ئۇلاغ،باغ-ۋاران،بىردەم ئۆينىڭئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى ئازمۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ياشانغان ئايال قايسىنى قىلىپئۈلگۈرىدۇ .

  -ئانا-دىدى خۇشتۇر-مەن شۇلارنىئويلىمىغاندىمەنمۇ؟ ئەمدى دىگىنىڭمۇ توغرا،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىمۇ ھەلەم بار، ئەمدىئېتىز-ئىرىققا يىتەلىشەلىگىنىڭنى قىلىپ تۇر،يىتىشەلمىگىنىڭگە تاغام ھاشىمكاقىلىشىپ بەرسە،ھاشارنى كۆتىرەگە بەرسەڭ،قالغان چوڭ ئەمگەككە ئادەم سالساقبولىدىغۇ؟

  -ئادەم سالساق پۇل كىتە،ھازىر نەدە بىكا ئىشقىلىدىغان لىي پىڭجانلا باركەن.(لېي فېڭ)

  -ۋاي ،خاتىرجەم بولغىنە ، ماڭا بىر يىلدا 42000كوي بىرىدىغان بولدى.5000 كوي بىزنىڭ ئۆينىڭ ھەر قانداق چىقىمىغا بويلىشا؟

  -نىمە ؟ قىرىق مىڭ كوي ؟بالام سەن ئاشخانىدائىشلەمسەن يا ؟ راس گەپ قىلە ،بالام شاڭخەيدە بىرە ئىشقا چىتىلىپ قالمىغانسەن؟،ئاڭلىسام شاڭخەيدە ئوغرى ،يانچۇقچى ،ئاقچى ،قىمارۋازلا بەك جىقكەن ،شۇلارغاچىتىلىپ قالمىغانسەن؟

  -توۋا دە ئانا، ما شاڭخەي يامان قىممەتچىلىك شەھەركەن،بىرتەخسە پولو 25 كويكەن، شۇڭا مائاشىمۇ يوقىرىكەن ، تۆنۈگۈن ئالتە قازان پولودۈملىسەم خۇجايىن 300 كوي بەردى،ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشتار مۇ قىيلىنىپ قالمىسۇن،دەماللىققا ،كۆنىۋالغىچە بىرە يىل بىللە تۇرمايمۇ ؟

  زۆھراخان سەل ئىرىگەندەك قىلاتتى ، ئۇئىرىتكىنى خۇشتۇر چۈشەندۈرۈشى بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ 40000 كوي مائاشىئىدى،چۈنكى زۆھراخانمۇ بىر ئۆمۈر ئېتىز-ئىرىقتا پالاقشىپ ئىشلەپ ئۇنچىلىك پۇلنىكۆرۈپ باقمىغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشتۇر شۇ سەھرا قىيامەتتە نەچچە يىل بەلمۈكچەيتىپ ئىشلىسە ئاندىن شۇنچىلىك پۇلنى تاپالايتى ، پۇل بەخت ئەمەس ،ئەمما پۇلبەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىدە ،زۆھراخان گەرچە ئوقۇپ باقىمىغان بولسىمۇ بۇنچىلىكئىشلارنى چۈشىنىپ يىتەلەيتى ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئانىدە قايسىبىر ئاناپەرزەنتلىرىنىڭ بەختىنى ئويلىمايدۇ دەيسىز.

  -بالام دىگىنىڭ راسمۇ يا ؟

  -ساڭا يالغان گەپ قىلىپ نىمە قىلىمەن ، بولمىساخۇجايىن بىلەن كۆرۈشۈپ باقامسەن ؟

  -خۇجايىن قانداقراق ئادەمكەن ؟

  - ناھايىتى مەرد ، ياخشى ئادەمكەن . شاڭخەيدەخىلى ئىناۋىتى باركەن . ئەمدى ئانا ، ئۆزۈڭ بىلىسەن ،سەھرادا دادام رەھمىتى بارۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە يىلدا تاپقان پۇلىمىز خەجىمىزگە ئاران يەتتى ، ئەمدىخۇشتارمۇ تېرىشىپ شۇنداق ياخشى مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدى ، بۇندىن كىيىن مەن ئۆيلەنسەمئۆيلەرنى قايتىدىن ئوڭشاپ سالساق ، يەنە شۇ پۇل كىتەر ، ئېتىزغا تىرىغانبۇغداي،قوناق بىزنىڭ قورساق بىلەن ،ئۇلاغدىن ئاشمىسا ، كىۋەز ساتقان پۇلغا كۆمۈر ،يەم-خەشەك ، ئوغۇت ئىلىپ ئاشقىنىغا يىلدا بىر قۇر ھىيتلىق كىيىم كىيىدىكەنمىز ،ئۇلاغلىمۇ سەي-كۆكتات ، ئوتياش،گۆش-ياغقا ئاران بويلىشىۋاتسا ئانا ، بانكىدىنئالايلى دىسەك يىلدا دىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈمى چىقىدىكەن ، بەرمىسەك خاڭجاڭلا كىلىپئىغىلدىكى ئۇلاغلىنى،ئۆيدىكى بىسات ،مەھەللە كويدىكى دەرەخلەرنى كىسىپ ئەكىتىپبارسا ،ھىلىمۇ يىتىمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم دەپ ھازىرغىچە بىرە چوڭ ئاغرىق-سىلاقبولمىدۇق ، ئاللاھ يۈزمىڭ قەتلا شۈكرى ، ئانا، ئەمدى بىز ئاشۇ نەچچە مو يەرگە ،ئىغىلدىكى قوي ، توخوغا قاراپ ئولتۇرساق ، يىل ئاخىرى بولغاندا يەنە شۇ يەپ-ئىچىپئىزى قاپتۇ دەپ يۈرىدىكەنمىز . ئۇنىڭدىن ئانا ، ئەگەر قىينالمىغۇدەك بولساق ،ئەمدى مەن بىر يىل ئىشلەپ پۇل تاپاي ، ئەگەر قىينىلىپ قالساڭ مەن قاچان دىسەڭ شۇچاغدا يىنىڭغا ئۈنۈپ بولىمەن.................

  خۇشتۇر ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىرى ئانىسىنىقايىل قىلدى، زۆھراخاننىڭ قوشۇلىشى بىلەن خۇشتۇرنىڭ شاڭخەي ھاياتى رەسمىيباشلاندى..........

                                                                                   2 -مۇئەللىمدىنكەلگەن خەت


   شۇنداق قىلىپ خۇشتۇر ئاشخانىغا ئورۇنلىشىۋالدى.كىچىكىدىن خۇشپېئىل ،كەمتەر بولغاچقا خىزمەتداشلىرىمۇ بىلەنمۇ ئوبدانلا تونۇشۇپچىقىشىپ قالدى . خىزمەتكىمۇ ۋاقتىدا چىقىپ ، پولونى ئوخشىتىپ دۈملەپ ، كەسىپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ، خۇجايىننىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ۋە ئاز-تولا ھۆرمەت ،ئىناۋەتكە ئىگەبولۇپ قالدى . بولۇپمۇ ئابلەت بىلەن تىخىمۇ يىقىن قەدىناسلاردىن بولۇپ قالدى .ئابلەتمۇ خۇشتۇردەكلا سەمىمىي ، كۆڭلىنىڭ كىرى يوق ،خۇش مىجەز بالا ئىدى . شۇڭىمۇخۇشتۇرنىڭ كۈنلىرى خىلى مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى .

    ئەمدىخۇشتار قانداق ئىشلارغا يولۇقتى ؟ ئەمدى نەزىرىمىزنى خۇشتارغا قارىتىپ باقايلى :

  خۇشتار مەكتەپكە كىلىپ قىينالغان تۇنجى ئىشمۇھىت مەسىلىسى بولدى ، چۈنكى شاڭخەينىڭ ھاۋاسى نەم ، تىنجىق بولۇپ ، كىچىسى تىخىدىمىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاشا ئارام بەرمەيدۇ . ئەتىگىنى كارۋاتقا چاپلىشىپقالغاندەك قوپۇش تىخى تەس .

  خۇشتۇرنىڭ مەكتىپى شاڭخەيدىلا ئەمەس جوڭگودىمۇبەلگىلىك نام شۆھرىتى بار داڭلىق مەكتەپ ئىدى.مۇئەللىملەرنىڭ ساپاسىدىن تارتىپ ،ئوقۇتۇش شارائىتىگىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن ئىدى.بۇ مەكتەپكە قوبۇلقىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى بولۇپمۇ شىنجاڭدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش،تورمۇششارائىتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىنەتتى . ئۇلارنىڭ تىل جەھەتتىكىبولامدۇ،ياكى ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى بولامدۇ مەكتەپ ھەر تەرەپلىمەئويلىشىپ ئۇلارنىڭ ياتاق-تاماق مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىپ ، ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلارنى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاشخانىغىمۇ شىنجاڭدىن ئاشپەز سەپلەپبەرگەن ئىدى . شۇڭىمۇ بۇ ئوقۇغۇچىلار تاماق جەھەتتە دىگەندەك قىيىنچىلىققا يولۇقۇپكەتمەيتى . مەكتەپنىڭ تۈزىمىمۇ چىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقارمايتى . خالىغانئادەممۇ ئۈسسۈپلا كىرەلمەيتى . ھەتتا سىرتتىن نەرسە-كىرەك سىتىۋىلىشقا توغراكەلسىمۇ مەكتەپ مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايتۇرۇپ كىلەتتى. شۇڭا خۇشتارمۇ بۇ شارائىتلارنىڭ قەدرىگە يىتىپ تىخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندى .خۇشتارلا ئەمەس باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەتتى . دەل شۇ كۈنلەردەخۇشتارنىڭ يىزىدىكى مۇئەللىمى ئەخمەت مۇئەللىمدىن بىر پارچە خەت كەلدى .

  ئەخمەت مۇئەللىم يىزىلىق مەكتەپتىكى سەۋىيسىئەڭ يوقىرى ، مەرىپەتچى ئۇستاز ئىدى . خىزمەت تەجرىبىسى مول ، مەسئۇلىيەتچانئوقۇتقۇچى ، ئۇنى مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار،ھەتتا ئىلىمى مۇدىردىنتارتىپ مەكتەپ مۇدىرىغىچە ھۆرمەت قىلاتتى . نەچچە قىتىم شەھەردىكى نوقتىلىقمەكتەپلەردىن تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەخمەت مۇئەللىم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىرەت قىلىپ ئۆز يىزىسىدا قىلىپ مۇئەللىملىك قىلىۋاتاتتى ، ئۇ ئەينى چاغدا خۇشتۇرمەكتەپتىن چىكىنمەكچى بولغاندا قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ئۈمىدلىكئوقۇغۇچىنىڭ بۇنداقلا مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلىشىغا كۆزى قىيمايتى . ئەمما ئامالقانچە ؟ شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ خۇشتۇرنىڭ ئىنىسى خۇشتارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپئۇنىڭغا ئاكىسىغا باغلىغان ئۈمىدلەرنى باغلاپ مەكتەپتىكى تەلىم-تەربىيە،مۇزاكىرەئىشلىرىغا كۆپ ئەجىر قىلغان ئىدى . خۇشتارنىڭ شاڭخەيگە ئۆتكەن خەۋىرى ئۇنى ئالەمچەسۈيۈندۈرگەن ئىدى . ئۇ بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىر ھىس قىلاتتى .

  خۇشتار خەتنى ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدى .

ئەسسالامۇئەلەيكۇم خۇشتار :

  قانداق ئەھۋالىڭ ؟ سالامەت تۇردۇڭمۇ ؟مەكتىپىڭگە كۈنۈپ قالدىڭمۇ ؟ ئۇ مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى بىزنىڭ مەكتەپلەردىن نەچچەيۈز ھەسسە ياخشىدۇ ؟

  قانداق بىزنى سىغىندىڭمۇ ؟ بىزمۇ سىنى ھەمئاكاڭ خۇشتۇرنى تولىمۇ سىغىندۇق . ئاكاڭ خۇشتۇر ئەينى چاغدا ئائىلىنى دەپ ئوقۇشتىنچىكىنمىگەن بولسا ، ئۇمۇ ئاشۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان بولاتتى .ئەمما ئامال قانچە ؟ تەقدىر ئاشۇنداق رەھىمسىز ئىكەن . ئاڭلىسام ئاكاڭمۇ شاڭخەيدەقىلىپ ئىشلەۋىتىپتۇ ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ، ئۇ ئىرادىلىك ، قەيسەر يىگىت ،مەيلىنەدە بولسۇن ئۇ چوقۇم ئىرادىسىگە مۇخالىپ ئىش قىلمايدۇ . تەقدىر ئۇنى يىگىرمىگەكىرمەي تۇرۇپلا تۇرمۇشنىڭ ھەممە قازىنىدا قاينىتىپ ، ھەممە ئوچاقلاردا تاۋلاپھەقىقىي بىر ئەركەك قىلىپ يىتىشتۈردى . گەرچە ئۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغانبولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچەم كامىل .

  خۇشتار سىنىڭ شاڭخەيدەك چوڭ شەھەرگە ئوقۇشقابىرىشىڭ بىزنى ھىلىھەممۇ ئىپتىخارلاندۇرماقتا . سىنىڭ ئاشۇ ئەلا نەتىجەڭمەكتىپىمىزگىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن يىزىمىزغا شان-شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلدى . مەيلىمائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ يىغىنى ياكى يىزا پارتكومىنىڭ يىغىن پائالىيەتلىرىدە بولسۇن، بىز سەندەك ئۈمىدلىك ، تىرىشچان ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ چىققانلىقىمىزدىنپەخىرلىنىپ تۇرماقتىمىز . بىز سەندىن شۇنداق ئالى ئۈمىدلەر كۈتمەكتىمىز . سەنئاناڭدىن خاتىرجەم بول ، بىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئاناڭنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈلبۆلىمىز . چۈنكى ئۇ بىزنىڭ پەخىرلىك ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ئانىسىدە.

  خۇشتار گەرچە سەندىن بورۇن يىزىمىزدىنئىچكىرىگە ئوقۇشقا بارغان ئۇقۇغۇچىلىرىمىز بولمىسىمۇ ،ئەمما مىنىڭ ئوقۇغۇچىلىقھاياتىمدا تۇنجى تۈركۈمدە ئىچكىرىگە بارغان ساۋاقداشلىرىم بار . مەن ساڭا ئۇلارنىڭبەزى ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن ، ئۈمىدىم سەن چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ ئىچكىردىكىئوقۇش ھاياتىڭنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ، مەقسەت-مۇددىئالىرىڭنى توغرا بىكىتىشىڭنىشۇنداقلار ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ چوقۇم ، يۇرتىمىزغا ، مىللىتىمىزگە ئاز تولاتۆھپە قوشۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەينى چاغدا مىنىڭ بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمئوقۇشقا باردى . ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلدى . چۈنكىئۇلار ئىچكىرىدىكى ئەركىن ھاياتنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنۇتتى. ئۇلار بىردىنلا ئۆز يۇرتىدا ئەركىنلىكنىڭ ناھايىتى كەملىكىنى ، ئوقۇشتىن كەلسە ،ئۆي ئىشى قىلىپ چارچاپ خۇددى ، قەپەستىكى قۇشتەك ھىس قىلىپ ، ئىچكىرىگە بىرىپقەپەستىن قوتۇلغاندەك ھىس قىلىپ ئۇيۇن تاماششاغا بىرىلىپ كەتتى . ئاتا-ئانىسىدىنھەرخىل ئۇسۇللاردا پۇل ئىلىپ ئۇنى ئاشۇ ئاتالمىش ئەركىنلىكى ، ئويون-تاماششىسىئۈچۈن سەرپ قىلىۋەتتى . يۇرتىدىن قانداق ئايرىلغان بولسا ، شۇپىتىلا قايتىپ كەلدى. ھىچقانداق بىلىمگە ئىگە بولالمىدى . مەن سىنىڭ شۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىڭنىئۈمىد قىلىمەن .

ئەمما يەنە بىر تۈركۈمى بولسا ئوقۇشقا بىرىلىپياخشى ئۆگەندى . تىرىشتى . ئۇلارنىڭ قولىدىن كىتاپ چۈشمەيدۇ. پەقەت مەكتەپ بىناسى، كۈتۈپخانا ، ياتاقتىن باشقا ھىچ يەرنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ كالىسىدا پەقەتبارلىق بىلىم كىتاپتا دەيدىغان ئوي بار . ئۇلار جەمئىيەت كۆزەتمىدى .يۇرتىدىنقانداق كەلگەن بولسا شۇنداق قايتىپ كەلدى. پەقەت كىتاپ خالتىسى بولۇپ قالدى خالاس. بۇلارمۇ مىنى قىزىقتۇرالمىدى .

  ئەمما سەن بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بولما . يەنەبىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار باركى ، ئۇلار دەرسىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىدۇ . جەمئىيەتنىمۇئەتراپلىق كۆزىتىدۇ . ھەر بىر قەدىمىدىن تەجرىبە توپلىيالايدۇ . ھەم شۇنداقلاتۇرمۇش كۆزىتىشكە ماھىر . ئۇلار مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ،ياكى سىرتتا بولسۇن ،ھەممە جايدىن مۇئەييەن بىلىم ئالالايدۇ . ئۇلار ئۆزىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ،تەپەككۇر قىلىش ، شۇنداقلا ئىزدىنىش روھىنى يىتىلدۈرگەنلەر . مانا بۇلار دەل سىنىڭئۆگۈنىشىڭگە ئەرزىيدىغان، شۇنداقلا مىنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم .

بايىقى ئويۇنچىلار قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكىئىشى بولسا ، ئىچكىرىدىكى ئەركىنلىكىنى ، ئويۇن-تاماششالىرىنى ، قاراملىقىنى ،شوخلۇقىنى ،ئاتالمىش مۇھەببەتلىرىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ سۆزلىدى . ھەمئۆزىنىڭ يەنە شۇ ئەركىن ھاياتقا تەلپۈندىغانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن ئىيتىپ ئۆتىۋەردى. ئەمما ئاخىرىدا رىقابەت كەسلىكىدىن شاللاندى .

  كىتاپ خالتىلىرى بولسا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجەبىلەن تاماملاپ ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان دىپلوم ،ئۇنۋانلىرىنى ئىلىپ، قايتىپ كەلگەندىنكىيىنمۇ خىزمەتكە ئىرىشكەن بولسىمۇ ، يەنىلا شۇ بىر فورمۇلا بىلەن ئۆتىۋەردى .چۈنكى ئۇلاردا تەپەككۇر قىلىش ، ئىزدىنىش روھى يوق . پەقەت بىر رىتىمدا سائەتئىستىرىلكىسىدەك بىر يۆلىنىشتە ئۆتىۋەردى .

  ئەمما بايا دىگەن ئوقۇغۇچىلار بولسا جەمئىيەتنىتوغرا تەھلىل قىلىپ ئۆز كەسپىدە تىخىمۇ تىرىشىپ ،يىڭىلىق يارىتىپ بەلگىلىكنەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . ھەتتا بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىپشىركەت،كارخانا ئىچىپ ئۆز كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۈپ جەمئىيەتكە بەلىگىلىكتۆھپىلەرنى قوشتى . ئىسىڭدە بولسۇن كىتاپتىكى نەزىيىۋى بىلىملەرگە باغلىنىپ ،ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالمىساڭ ئۇ چاغدا ھىچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەيسەن .

  مانا بۇلار مىنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم . سەن قايتىپكەلگەندىن كىيىن بەلكىم يۇرتتىكى تۇرمۇش ، شارائىتقا كۆنەلمەسلىكىڭ مۇمكىن .مەدەنىيەت سەۋىيەسى ، كۆز قارىشى سەندىن تۆۋەن بۇرادەر،دوسلىرىڭ بىلەن بىللەبولغاندا ، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز ، ئىش-پائالىيىتى ساڭا ياقمىسا ئۇلارنى كەچۈرۋەت.چۈنكى ئۇلار تەربىيەگە مۇھتاج ،ئۇلاردىن بىزار بولما ، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە بول ، پىكىر ئالماشتۇر ، مۇئەللىملىرىڭبىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇر . ئاۋال ئۆز تۇرمۇشىڭنى ئىسلاھ قىل . ئۆزۈڭنى باشقۇرۇشدائىرىسىدىكى بارلىق ئىشلىرىڭنى ئىسلاھ قىل . شۇندىلا ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشنىزامىڭنى ، ئىسلاھاتىڭنى ، رىتىمىڭنى تۈزەلەيسەن . ئاندىن كىيىن بەلگىلىكيۈز-ئابروي ، ئىناۋەتكە ،ياكى بىرەر مەنسەپكە ئىرىشكەندە ئاندىن بۇئىسلاھاتلىرىڭىنى ئومۇملاشتۇرالايسەن .

  خۇشتار مىنىڭ ئىچكىرىگە بارغان ساۋاقداشلىرىمنىكۆپ قىسىمى مانا مۇشۇنداق مەغلۇپ بولدى . ئەمما سەن سۆزۈمنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت .سىنىڭ ئوقۇشقا بىرىشىڭ بىلىم ئىلىش ، يىڭىلىق يارىتىش ، تەپەككۇر قىلىش ، ئىزدىنىشروھىنى يىتىلدۈرۈش ، قايتىپ كىلىشىڭ يۇرتۇڭغا ، خەلقىڭگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ،ئۇلارنى تەربىيلەش ، ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن بولسۇن .

  ساڭا ئالىي تىلەكلەرنى ، يۈكسەك نىشانلارنى تىلەپ:

                                               ئوقۇتقۇچۇڭ : ئەخمەت ھاشىم .


خۇشتار مۇئەللىمىنىڭ خىتىنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ئوقۇشمەقسىتىنى قايتا چۈشەنگەندەك بولدى . ئۇ مۇئەللىمىنىڭ سۆزلىرىنى نىشان قىلىپدەرسلىرىنى تىخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۇرۈپ ،ھەققىي بىر ياراملىق ئىسلاھاتچى بولۇش ئۈچۈن ئۈگەنمەكتە ئىدى.نەتىجىسىمۇ ئالدىنقىقاتاردا ئىدى . مۇئەللىملىرىمۇ ئۇنىڭدىن خوشال ئىدى . شىنجاڭلىق بۇ دىھقانپەرزىتىنىڭ بۇنچىلىك ئىجتىھاتچانلىقى ئۇلارنىمۇ خىلىلا تەسىرلەندۈرگەن . سۈيۈندۈرگەنئىدى.......

  زۆھرەخان بولسا ، تىكەندەك يالغۇز قىلىپ ئىككىئوغلىنىڭ بەختىنى ئاللاھدىن تىلەپ ، ئۆينىڭ بارلىق ئىغىر-يىنىك ئىشلىرىنى قىلىپئۆتىۋەردى . تېرىقچىلىقنىڭ ئالدىراش پەيتلىرىدە توققانلىرى ، خۇشتارنىڭ ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى كىلىپ ھەمدەمدە بولدى . لىكىن شۇنداقتىمۇ بىر ئۆينىڭ غىمى ئازمۇ ؟ھىلى ھاشارغا دەپ كەنت باشلىقلىرى ھەيدەۋاتقان، بەزى قىزغانچۇق ، ساۋاتسىزسىكىرتارلار :

-زۆھراخانئاچا ، ئەمدى بۇ ئىشلارنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ ، بىزدىمۇ ئامال يوق ،ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئوقۇشقا كەتتى ، ئەمدى يەنە بىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ دەپ يۈرمەي ،ئاستا خۇشتۇرجاننى قايتۇرۇپ كەلسىلە ، سىلى ياشىنىپ قالدىلا ، يا سىلىگە قاتتىقتەگكىلى بولمايدىكەن ، ئەمدى ئۇ بالا ئۇيەردە ئىشلەۋاتىمەن دەپ نىمە ئىشقىلىۋاتىدۇ ، ئۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ ، ئا شاڭخەي دىگەن يامان چوڭ ، قالايمىقانشەھەر دەيدۇ ، باللا يامان يولغا كىرىپ قالمىسۇن . ئەمدى بۇ سەھرادا تېرىقچىلىقبولىدۇ ، ھاشار بولىدۇ ، ئۇنى دىمىسەكمۇ چۈشىنىلا ، ئاستا خۇشتۇرجان قايتىپ كەلسۇن.-دەپ سوغۇق گەپ قىلىپ زۆھراخانغا ئارام بەرمەيتى ، لىكىن زۆھراخان – مەيلىبالىلىرىمنىڭ بەختى ئۈچۈن قانچلىك جاپا چەكسەممۇ مەيلى ، ھىلىمۇ 20 يىل توپىغامىلىنىپ ياشىدى ، ئەمدى بىرە يىل بولسىمۇ پاكىزراق ياشىۋالسۇن . ۋاي ... بۇ ئىشلارئۇلار كەلمىگەنگە تۈگىمەي قالامتى ، بوپتۇ ، كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماس ، بۇئىش دىگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ –دەپ ئۆزىگە تەسەللىي تىپىپ يۈرمەكتە ئىدى . نىمەدىگەن بىلەن ئانىدە ، ھەي مىھرىبان ئانا ! ھەي ، پەرزەنتىنىڭ بەخت-ئىقبالى ئۈچۈنشامدەك كۆيگەن يالغۇز ئانا .كونىلارنىڭ <ئالتۇن باشلىق ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باش ئاناڭ بىلەنقالساڭچۇ> دىگەن ھىكمەتلىك سۆزى دەل مۇشۇ بولسا كىرەك . خەير ، كىرەملىك ئاللاھئاشۇ ئانىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن ،تىنى سالامەت قىلىسۇن .ئەجرىنى ئىككىلا ئالەمدەئەزىز قىلسۇن . بىزدىن ۋاقتىسىز خوشلاشقان مىھرىبانلىرىمىزنىڭ ياتقان يىرىنىجەننەتتە قىلسۇن ..................


3-پويىزدىكى ئۇچرىشىش


  -بۇ ئورۇندا ئادەم بارمۇ ؟

  خۇشتۇر خىيال دەرياسىدا ئۈزۈۋاتقان مۇشۇپەيىتتە تويۇقسىز سورالغان بۇ سۇئال ئۇنى سەل چۈچۈتۈپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆزئالدىدا ئوماققىنە بىر قىز تۇراتتى.

  -ھازىرچە ئادەم يوق –دىدى ئۇ ئارانلا.

  -ھە ، ئەمىسە مۇشۇ يەردە بىردەمئولتۇرۇۋالاي-قىز ئاۋايلاپ ئولتۇردى،قولىدىكى يۈك-تاقىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەسئىدى.خۇشتۇرمۇ ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى ئۈسىتىدىكى يۈك-تاقا قويىدىغانيەرگە ئىلىپ بەردى.

  -ۋايەي،نىمىدىگەن ئىسسىق-قىزچاق ھاۋادىنشىكايەت قىلىشقا باشلىدى-ئەجەپمۇ نەس باسقاندەك كىملىكىمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ بۇجاپاغا قالدىم دىسە.

  -قانداق ،بىرەر كىلىشمەسلىك بولدىمۇ ؟ بەك خاپاكۆرىنىسىز-خۇشتۇر قىزىقىپ سورىدى.

  -شۇ كىملىكىم يوق ئايرۇپىلانغا چىقالماي ،مۇشۇئەبگا پويىزغا چىقىپ ئۆيگە قايتىدىغان بولدۇم.

  -ھە..راسلا كىلىشمەسلىك بوپتۇ.

  -شۇنى دەڭە،پۇلۇم يۈتسىمۇ مەيلىتىغۇ ، قىرىقنەچچە سائەت قانداقمۇ ئولتۇرۇپ بولامە،ئۈرۈمچىگە بارغۇچە ئۇشتۇلۇپ كەتمىسەممەيلىغۇ.

  -ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس،قاراڭ ئاۋۇياشانغانلارغا ، ئۇلار قورقمىغان يەردە سىز ياش تورۇپ.-دىدى خۇشتۇر چاقچاق ئارلاش.

  -ۋىييي ،تىخى ، ئۇ ماڭنۇرلار كۈنۈپ كەتكەنتۇرسا.

  -سىزمۇ كۈنۈپ قالىسىز،بىسمىللاھ دەپ مىڭىڭ،ئاللاھ ئاسان قىلىپ بىرە.

  -ئىلاھىم دىگىنىڭىز كەلسۇن.

  قىز ناھايىتى سۇس گىرىم قىلغان ئىدى،بىر جۈپخوما كۆزى ،يۇمىلاق يۈزى ،ئاغزىنىڭ يىنىدىكى كىچىككىنە بىر تال مەڭ بۇ قىزغائاجايىپ ياراشقان ئىدى. كىيىنىشىمۇ ئانچە چاكىنا ئەمەس ، يوتىسىغا چاپلىشىپتۇرىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى ،قىزنىڭ پىگورىسىنى ئەينەن كۆرسىتەتتى ، بىر قاراشتائالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك قىلاتتى . قىسقىسى بۇ قىز خىلىلا نازاكەتلىك،زىبالىق،خۇش مىجەز ،چىرايلىق ئىدى.

  ئۇزۇن ئۆتمەي بىر خەنزۇ چىقىپ :

  -بۇ مىنىڭ ئورنۇمكەن ،خاپا بولماي بىكار قىلىپبەرسەڭ –دىدى.

  قىزمۇ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا:

  -بىز ئىككەيلەن تۇققان ،خاپا بولماي سەن مىنىڭئورنۇمدا ئولتۇرساڭ-دەپ قوشنا ۋاگوندىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويدى.خەنزۇمۇبوپتۇدەپ يۈرۈپ كەتتى.

  خۇشتۇرمۇ بىر يىلدىن بىرى خەنزۇچىنىمۇ خىلىئۆگەنگەن ئىدى، مەقستىنى ئۇدۇللا ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشتە بىر ئاز قىينالسىمۇ،ئاڭلاپ چۈشىنەلەيتى.ئۇ باياتىندىن بىرى بۇلۇۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىنى بىلىپيەتكەن ئىدى.

  -بۇ سىزنىڭ ئورنىڭىز ئەمەسكەندە-دىدى خۇشتۇر.

  -شۇ بايا قارىسام بۇ پويىزغا چىقىدىغانئۇيغۇرلا جىق ئەمەسكەن،پويىزغا چىققۇچە سىزنىڭ مۇشۇ ۋاگونغا چىقىنىڭىزنى كۆرگەنتىم، مىنىڭ ئورنۇم بار ۋاگوندا ھەممىسى خەنزۇلاركەن ،ئەمدى مەن قىز بالا بولغاندىنكىيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئىتىقادىمىز ،ئۆرپ-ئادىتىمىز ئۇلار بىلەن بىر بولمىغاندىنكىيىن ئۇنچە جىق يات مىللەت بىلەن بىللە ئولتۇرالمايدىكەنمەن. شۇڭا ئىككىمىز بىرمىللەت بولغاندىن كىيىن بىللە ماڭايلى دەپ.....

  -ھە ،مۇنداق ئىشمىتى ، توغرا ئويلاپسىز ، ئەمدىئىككىمىزنىڭ تىلى بىر ،ئىتىقادى بىر بولغاندىن كىيىن بىللە ماڭغىنىمىز ياخشى ،دەماللىققامۇڭدىشىپ ھەمسەپەر بولساق يول ئازابىمۇ بىلىنىپ كەتمەس، ھە راس ئىسىمىڭىزنىسورىسام .....؟

  -مىنىڭ ئىسىم قەندىل ،سىزنىڭچۇ ؟

  -قەندىل ،چىرايلىق ئىسمكەن ، مىنىڭ ئىسىمخۇشتۇر .قەشقەردىن .

  -رەھمەت ، مىنىڭ تىگىم كۇچادىن ، ئۈرۈمچىدە چوڭبولغان.

  -ھە ، مانا ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق ، شاڭخەيدەئوقۇمسىز؟

  -ھەئە ، ئۈچ يىل بولدى.

  -ھە ، مىنىڭ ئىنىممۇ شاڭخەيدە ئوقۇيدۇ .

  -ھە ،سىزمۇ ئىنىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇمسىز ؟

  -ۋاي ،ياق ، بۇلتۇر ئىنىم شاڭخەيگە ئۆتكەن ،شۇنى ئەكىلىپ قويىمەن دەپ ئۆزۈممۇ تۇرۇپ قالدىم.

  -ھە ،مۇنداق دەڭ ، قانداق قىلىپ تورۇپقالدىڭىز؟

  -دىسەم گەپ جىق ،شۇ مۇشۇ يەردە ئۇيغۇرئاشخانىسىدا ئىشلەپ تۇرۇپ قالدىم ، يۇرتۇمدا ئاشپەزلىكنى ئۆگەنگەن ئىدىم ،ئويلىمىغان يەردىن ھۆنىرىم ئاشخانا خۇجايىنىغا يىقىپ قىلىپ تۇرۇپ قالدىم.

  -ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئىشلەمسىز؟ قاسىم ھاجىمنىڭئاشخانىسىدىمۇ يا ؟

  -ھەئە ، سىزمۇ بىلىدىكەنسىز ھە .

  -بىلىدىكەنسىز ؟ شاڭخەيدە ئۈچ يىل ياشاپ ئەمدىئۇيغۇر ئاشخانىسىنى بىلمىسەم سەت تۇرا، ئۇ ئاشخانىنى شاڭخەيدە كىم بىلمەيدۇ .سىزئاشخانىدا نىمە قىلىسىز؟ ئۇ ئاشخانىغا تولا بارىمەن لىكىن سىزنى كۆرمەپتىكەنمەن .

  -مەن ئۈستىدە پولو ئىتىمەن ، تۆۋەنگە جىق چۈشۈپكەتمەيمەن .

   -پول ئىتەمسىز؟

  -شۇنداق .

   -ھە .... بىر يىلدىن بىر شۇ ئاشخانىدا يىگەنپولولىرىمنى سىز ئەتكەن دەيلى ، پولوغا بەك ئۇستىكەنسىز ، ھەر قىتىم بارسام ئونقىتىمنىڭ توققۇزىدا پولو يەيتىم ، ئەمدى شۇ پولونىڭ ئۇستىسى بىلەنمۇ تونۇشىۋالدۇقدەيلى.

  -ئانچىمۇ ئەمەس ،ئادەتتىكىچە...-خۇشتۇر سەلخىجىل بولۇپ قالدى.

  -راس دەۋاتىمەن، مەنمۇ ئۈنچىلىك ئىتىش تۈگۈلپولو دۈملەشنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن ، نەچچە قىتىم سىناپ باقتىم ، بىر دۈملىسەم خامقىلىۋاتقان ، بىرىدە كۈيۈپ كەتكەن.بىرى قوماچتەك بىرى ئۇماچتەك دەڭە.

  -توۋا دەڭە قىزلارمۇ تاماق ئىتەلمەمدۇ ؟

  -شۇ ئەمدى ئارزۇلۇق قىز دەپ ئاپام ئۆي ئىشىغاجىق ئارلاشتۇرمايدۇ.

  -ھە ... راس ،گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ قورساقمۇئىچىپ كىتىپتۇ ، سىزنىڭمۇ ئاچقاندۇ ؟ ھاجىمكام يولدا يەپ ماڭ دەپ كاۋاپ ،نانلارنىقىلىپ بەرگەن ،كىلىڭ بىللە يەيلى.

  -ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ،بولدى ،ئۆزىڭىز يەڭ ،مىنىڭ قورسىقىم تىخى ئاچمىدى.

  -قانداق بولاتتى ، ياخشى بولىدۇ،تەڭ يىگەنتەڭگە سىڭەر دەپتىكەن،تارتىنماڭ ، ئەمدى بۇ سەپەر ،مۇنداق تەكەللۇپ قىلىپ كەتمەي ،تارتىنماڭ ،قىنى ئىلىڭ – خۇشتۇر ناننى ئۇشتۇشقا باشلىدى.

  -ۋاي ،رەھمەت ، راس قورسىقىم ئاچمىدى ،ئۆزىڭىزيەۋىرىڭ.

  -سىز قاراپ تۇرسىڭىز مەن قانداق يەيمەن ، قىنىئىلىڭ –دىگىنىچە بىر پارچە ناننى قىزغا ئۇزارتتى.

  -ياق بولدى-قىز تارتىنماقتا ئىدى-ئەجەپ خىجىلقىلدىڭىز-قىز ئەدەپ بىلەن ناننى ئالدى، ئىككەيلەن ئۇنى بۇنى دىگەچ غىزالانماقتائىدى.

  -سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بەك جاپالىق ھە؟-قەندىلتاماقتىن كىيىن سۆز باشلىدى.

  -قانداق دەيسىز؟-خۇشتۇرمۇ قىزىقىپ سورىدى.

  -شۇ دەيمەنغۇ ، كۈندە ئەتىگەن تۇرۇپ ئىشقاچىقىسىلەر،ئون نەچچە سائەت ئىسسىقتا مىدىرلىماي ئىشلەيسىلەر، بەش-ئون مىنوت يوقاپكەتسەڭلا لوبەنلەرنىڭ سىسىق گىپىچۇ تىخى،نەگە كەتتىڭ ، نەدە تۇردۇڭ دەۋاتقان، ھىلىئۇنى دەپ ھىلى بۇنى دەپ ئادەمنىڭ كۆزىگە كىرىۋالغان.

  -شۇنى دەڭە، يۈز نومۇرلۇق گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ ،ئەمدى خەققە ئىشلىگەندىن كىيىن شۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي ئىشلەيدىغانگەپكەن،ئادەم جىق يەردە ،گەپمۇ جىق بولىدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە شاڭخەينىڭ ئىستىمالسەۋىيەسى يوقىرى بولغاچقا،سىرتقا چىقىپ بىرەر نەرسە سىتىۋالاي دىسە قىممەت،ئەرزانراقىنى ئالايلى دىسەك يىراق بىر يەرلەردە، ئويناپ كىلەيلى دىسە ئىشتىن كەچچۈشىۋاتقان، كەچ سائەت 12دىن بورۇن قايتىپ كىلەلمىسەك ئىشنى تاقىۋالىدۇ ، سىرتتاتۈنەپ قالساق ، بولدى ،ئەتىسى ھاجىمكامدىن ئۆلگۈدەك دۇمبا يەۋاتقان.

  -نىمە دۇمبا ، سىلەرنى ئۇرامدا تىخى؟

  -ئۇرامدا؟ ئۆلۈپ قالمىساق خۇداغا شۈكرىدەيمىز.  

  -نىمىشقا؟

  -شۇ ھاجىمكام بەك ئىغىر ئالىدۇ ، ئۇنىڭقارىشىدا كەچ قالغانلار يا دىباغا،يا شوپاڭغا بىرىپ قالسا ،ئەيىش-ئىشرەتكە ئۆگىنىپقالسا بولدى ،كىيىنكى ھاياتى تۈگىشىدىكەن، شۇ ھاجىمكام بىزنىڭ يامان يولغا مىڭىپقىلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ تەربىيەنى جاندىن ئۆتكۈدەك قىلىۋىتىدۇ.

  -ھە...مۇنداق دەڭ ، بۇمۇ بىر ھىساپتائورۇنلۇق،ئەمدى شاڭخەيدە كۆردىڭىز ھەرخىل ئادەملەر بار ، 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىتىپىلىدۇ ، ئوڭىمۇ بار ساراڭمۇ بار. ئەمدى ئەنسىرگىنىمۇ ئورۇنلۇق.

  -مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،ئۆتكەندە بىزنىڭ بىركاۋاپچى ئۇستام كەچ قىلىپ ياتاققا كىرەلمىگەن،ئەتىسى ھاجىمكام يەر ئاستى ئۆيىگەئەكىرىپ تازا ئۇرىۋەتتى،يىشىمۇ 35 تە بار ئۇ ئۇستامنىڭ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنىگە بىرپۈتۈن قوي كاۋاپ سالاتتى ، باشقا كاۋاپلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋىتەتتى، لىكىنھاجىمكام بۇلار بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمىدى، تۈزۈم دىگەن تۈزۈم دەپ يۈز خاتىرىمۇقىلمىدى.

  -ھە.... ئاچچىقى ئاجايىپ يامان ئادەمكەندە.

  -ئىشلىقىلىپ خوشلۇقى تۇتسە ئۇنىڭدەك ياخشىئادەم يوق ، ئەمما بىرەسىمىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلدۇڭما،بولدى ، خۇداساقلىسۇن.....

  -شۇڭا سىلەرنىڭ ئىشىڭلار جاپالىق ئەمەسمۇ .

  قەندىلنىڭ دىگىنى تامامەن ئورۇنلۇق ئىدى.دىمىسىمۇ ئىچكىرىدىكى ئاشخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن جاپالىق ،يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ ئىشلىگەن ،لوبەنلەرنىڭ تاپا-تەنىسىچۇ تىخى،ھىلى ئۇنىدەۋاتقان ھىلى بۇنى قىلما دەۋاتقان.تىخى شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپمۇبەزىبىر ساپاسىزلار ماۋۇ يۇرتنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ مۇشۇ شەھەردە بىزنىڭھاجەتلىرىمىز راۋا قىلىۋىتىپتۇ دىمەي مۇلازىملارنى سىلكىپ كىتىشىچۇ تىخى.يائادەمنىڭ ئۇسسىغان يىرىگە بارمىغان. يا بىر ھاردۇقىنى چىقارغىدەك< جاپا تارتتىڭلارھە ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر > دەيدىغان سۆزلىرىمۇ يوق.

  خىزمەتچىلەرمۇ ئىشتىن چۈشسە ئۇخلاپ ،ئۇخلاپقوپسا ئىشلەپ كۈندە بىر رىتىمدا ئۆتىۋەرگەن، كۈندە قىلسا شۇ بىر ئىش ،شۇڭىمۇكۈنلىرى بەكمۇ زىرىكىشلىك ئىدى.

  -ھە،راست- قەندىل يەنە بىر قىتىم جىمجىتلىقنىبۇزدى-سىلەرنىڭ ئاشخانىدا ئابلەت دەيدىغان بىر كاسسىر بالا بولىدىغان،بەكمۇيىقىشلىق ،مۇلايىم ،ئوڭلۇق بالىتى،كىيىن يوقاپ كەتتى، ئۇنىڭ كىيىن كەلگەن توڭقاپاق خەنزۇ خوتۇن كۆزۈمگە پەقەتلا سىغىمىغان، ئۇ بالا كەتتىما ؟ ئاشخانىكىلەردىنسورىسام ئۆيىدە بىر كىلمەسلىك بوپتۇدەك ، راسما؟

  -ئۇنىمۇ تونۇمسىز؟

  -ياق ، شۇ ھەر قىتىم تاماققا كىرسەم بەك قىزغىنمۇئامىلە قىلاتتى،ھىلىقى توڭ قاپاقنىڭ چىرايىغا قارىغىسىمۇ كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ ،سۆرۈن تەلەت.

  -ھا..ھا..-خۇشتۇر كۈلىۋەتتى-راست دەيسىز، يەنەبىر قىتىم يۈز نومۇرلۇق گەپ قىلدىڭىز ، ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭمۇ خوشۇم يوق.ھا...ھا..

  خۇشتۇر كۈلدى ،ئەمما كۆڭلى سەل بىئارام بولۇپقالدى، چۈنكى ئۇ شاڭخەيدىكى تۇنجى سىردىشى ،ئۇنىڭ قىلىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئوڭلۇق،خۇشچاقچاقئاغىنىسى ئابلەتنى ئەسلەپ قالغان ئىدى،ۋە ئىختىيارسىز ھالدا نەچچە ئاي ئىلگىرى يۈزبەرگەن ئابلەتنىڭ پاجىئەسىنى كۆڭلى غەش ھالدا ئەسلىمەكتە ئىدى.........


4-يەر ئاستى ئۆيىدىكى ھارام تاياق


  ئابلەت كاسسىر ئاشخانىنىڭ پۈتۈن چىقىم-كىرىمىگەمەسئۇل بولۇپ ،ئاشخانىنىڭ كۈندىلىك سەي-كۆكتات،ئۇن،ياغ،گۆش لازىمەتلىك،ئاددىيسىچىش كولىغۇچتىن تارتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغىچە بارلىق ھىساۋات ئۇنىڭ ئالدىدىنئۆتەتتى.ئۆزىمۇ ھىسابقا چىڭ. ئالغان ،بەرگەن پۇللىرىنى ئىنىق خاتىرلەپ ھاجىمغاتەپسىلىي ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى.شۇڭىمۇ ھاجىم ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.چۈنكىئىقتىساد باشقۇرۇش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە،ھىساب تۇتقىلى ھەم لايىق،ئىمانلىق،سەمىمىي ئادەم تىپىشمۇ تەس. ئەمما ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق يوقدىگەندەك ئاخىرىدا ئابلەتنىڭ بارلىق تېرىشچانلىقىنىڭ نۆل بولىشىنى كىممۇ ئويلىغاندەيسىز.

  خۇشتۇر ئىشقا چۈشۈپ نەچچە ئايدىن كىيىنھاجىمنىڭ نۇرمەمەت ئىسىملىك ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك بۇرادىرى ئاشخانىغا سەيگويەنبولۇپ كەلدى.دەسلىپىدە خىلى ياخشى بىجاندىل ئىشلەپ ،ماتىرياللارنى ئۆزۋاقتىدا،سۈپەتلىك تەمىنلەپ بەردى.ھىساۋاتىمۇ نەخ قىلىپ ئۆتكۈزۈپ ئاشخانىنىڭ باشقايۈگۈر يىتىم ئىشلىرىغىمۇ ئوبدان قارىشىپ ھاجىمنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.

  لىكىن پۇل تۇتتۇڭ،ئوت تۇتتۇڭ دىگەندەكنۇرمەمەتنىڭ ئىچىگە شەيتاننىڭ ئوتلىرى توتاشماقتا ئىدى.ھەركۈنى ماتىريالپۇللىرىدىن 20~30 كوي ،40~50 كويدىن قەرىگىلى تۇردى ، كىيىنچە نەپسى يوغىناپ بىرەيۈز كويغىچە قارا قول سالغىلى تۇردى .ئۇنىڭ ئەكەلگەن تالۇنلىرى بىلەن ئاشخانىنىڭسودىسى ئابلەتنىڭ دىققىتىنى بارغانسىرى تارتماقتا ئىدى.نەچچە ۋاقتىن بىرى ھىساپتۇتىۋاتقان ئابلەت ئۈچۈن بۇلار ناھايىتى ئىنىق ئىدى،ھەم بىلىش ئانچىمۇ قىيىنبولمىغان بىر ئىش ئەلۋەتتە.ھەر قىتىم نۇرمەمەتتىن چىقىمنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكىنى سورىسا،نۇرمەمەتئەندىكمەيلا،شۇ باھا ئۈسۈپ كىتىپتۇ ئۇكام،قىممەت دەپ ئەكەلمىسەك ئاشخانىداچىنە-قاچا،قوشۇق-چوكا ساتامدۇق، دەپلا قۇياتتى. ئابلەت ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەتقىلدىكى ھەتتا ئەكەلگەن كۆكتاتلارنىڭ كىلو سانىدىمۇ خاتالىق بارلىقىنى پەملىدى ۋەخۇشتۇرغا:

  -ئاداش ، ماۋۇ نۇرمەمەت دىگەن گۇي ھازىرھىساۋاتقا سوغۇق قول سىلىۋاتىدۇ، ئەمدى بىز بۇنى پاكىتى بىلەن تۇتمىساقبولمايدۇ.سەن ئىغىر كۆرمەي ئەكەلگەن كۆكتاتلارنى بىرمۇ بىر جىڭلاپ ماڭا بەرسەڭ-دەپتاپىلاپ قويدى.

  خۇشتۇرمۇ چاندۇرماي ئابلەتنىڭ دىگىنى بويىچەكۆكتاتلارنى كۈندە جىڭلاپ ئابلەتكە بەردى،دەرۋەقە ئابلەتنىڭ گۇمانى توغرائىدى.نۇرمەمەت ھەركۈنى كۆكتاتلارنى ئاز ئەكىلىپ ، بىر ئىككى كىلو قوشۇپ يازدۇرۇپتالۇن ئالاتتى. ئەمما بىر كۈنى خۇشتۇر كۆكتاتلارنى جىڭلاۋاتقاندا نۇرمەمەت كۆرۈپقىلىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى . خۇشتۇرمۇ سەل ھودۇقۇپ قالدى.

  -ئۇكام ،خۇشتۇرجان ، نىمە قىلىۋاتىسەن؟

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرمەمەتكا-دىدى خۇشتۇرۋەزىيەتنى ئوڭشاپ،ما چوڭ ئۇستامنىڭ شاگىرتى دىگەن تاسما گۇي تىخى چىقماپتىكەن، ماكۆكتاتلار پۇتلۇشۇپ ، شۇڭا پۇتلاشمايدىغان يەرگە ئىلىپ قوياي دىگەن.

  -ھە، بۇ گۇيلار بىرە مىنۇت بالدۇراق چىقايدىمەيدۇ ، ئىشتىن چۈشكىچە مىنۇت ئۆتكۈزمەي سائەتكە قاراپ سكونت سانايدۇ .-نۇرمەمەتشۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى،ئەمما ئۇ ئاللىقاچان ئابلەتنىڭ ئۆزىگە قارشى ھۇجۇمغائاتلانغانلىقىنى كۆڭلىدە مۇسەللەپ بولدى.بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇئەلۋەتتە ،چۈنكى ئۇ ھاجىم بىلەن بىر يۇرتلۇق، تىخى قەدىناس،ئەگەر ھاجىم ئۇنىڭ بۇئىشلىرىنى بىلسە چوقۇم ئۇنى بوش قويىۋەتمەيدۇ،ھەتتا رەسۋايى ئالەم قىلىپ بۇئالەمدە ياشاي دىسە سىسىق بام ، ئۆلەي دىسە سىسىق تاپ قىلىۋىتىشتىن يانمايتى.ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر قورساق ئىنىسى ئالىمنىمۇ ئەينى چاغدا ئۆتكۈزگەن كىچىككىنەخاتالىقى ئۈچۈن يىنىدىن ھەيدىۋەتكەن ئىدى . ئۆز قىرىندىشىغا يۈز-خاتىرە قىلمىغانئادەم ، ھەر قانچە يىقىن بۇرادىرى بولسىمۇ بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەشقولدەك ئايان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئابلەتنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ بىلدى، ئۇ بۇ مىخنىچوقۇم يۇلۇپ تاشلىشى كىرەك ، بولمىسا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىمەك تەس .

  ئابلەتمۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى نەخلەپ ھاجىمغاكۆرسىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىمەكتە ئىدى.ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ھاجىم بىر تويغاقاتنىشىش ئۈچۈن ئاشخانىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى نۇرمەمەتكە ، ھىساۋاتلارنىئاۋالقىدەكلا ئابلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ شىنجاڭغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئىككىرەقىپ بىر بىرىنى بابلاش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ يۈردى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى تەگىشىمۇقالدى،لىكىن ئابلەت كىچىكلىك قىلىپ ھاجىمنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ئىككەيلەن چىشبىلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئابلەت نۇرمەمەتتىن كۈندىلىك ھىساۋاتنىئىلىۋاتاتتى.

  -ئاكا ، ما مۇقاتىلىنى <يەنى ياۋگو> كەمئەكەپسىزغۇ؟

  -نىمىنى كەم ئەكەپتىمە؟-دىدى نۇرمەمەت پەيلىنىبۇزۇپ.

  -مۇقاتىلىنى ، ئەتىگەن جىڭلىسام بىر كىلو كەلدى، سىزنىڭ تالونىڭىزدا بىر يىرىم كىلو يىزىلىپتۇ،كەم بولماي نىمە؟

  -ۋە ھاراملىق ، گەپ قىلمىسام ھاجىم كەتكەندىنبىرى ھەجەپ چىشىمغا تىگىۋىرسىنا ، بىردەم ئۇنى دەپ بىردەم بۇنى دەپ ، سەنزە مىنىپۇلنى ئۇغۇرلاپ كەتتىمىكى ،يەپ كەتتىمىكى دەۋاتامسەن؟ كىسۋالامسەن يا سولامچى.

  -نىمە ئاغزىڭنى بۇزىسە ،كام بولغاندىن كىيىنكام دىمەي نىمە دەيمەن، خەنزۇنىڭ بەرگىنىنى ئالماي جىڭىغا قاراپ ئالىسەن، دىققەتقىلىمىساڭ بۇ يەردە سەندەك سەيگويەندىن ئوننى قاتار دوڭغايتىپ كەينىگە ھۈنەرقىلىدىغان مەككار جىق بىلەمسە شۇنى ، بىر كىلوسى 90 كوي ما نەرسىنىڭ .

  ھە، ماندا دە ،ئۇنداق بولسا ئەتىدىن باشلاپئۆزۈڭ بىرىپ ئەكەل جۇمۇ ، سەن يامان بولغاندىن كىيىن ،مەن تىقىپ ،ئوغۇرلاپ دادامبىلەن ھامماچامغا كۇسار ئىلىپ بىرىمەن بۇ پۇللارغا .

  -كۇسار ئىلىپ بىرەمسە ، پوسما ئىلىپ بىرەمسە ،مىنىڭ پۇلۇمغا ئالمايسەن،ھاجىمكام ما خىزمەتكە مىنى ئەمەس ، سىنىقويغان،قىلالمىساڭ ھاجىمكامغا دە،بۇ يەردە ئىشنى ئالاڭ ،ئوڭنى ساراڭ قىلماي-دىدىئابلەتمۇ بوش كەلمەي،-خاتىرجەم بول قىلغان.ئەتكەن ئىشلىرىڭ ھەممىسى پاكىتى بىلەنبار ،ھاجىمكام كەلسۇن قىنى ، ئاندىن دىيىشىمىز.......

  ئىككەيلەن بىر-بىرىگە مۇش ، پەشۋا ئىتىپئۇرۇشۇپ كەتمىدىيۇ ئۇنىڭ بىرىسى بولدى، تىللاشمىغان گىپىدىن ئاتا-ئانىسىنى سۆرەپچىقمىدى ئۇنىڭ باشقىسىنى بىر-بىرىدىن ئاياپ ئولتۇرمىدى. ئەمدى ئۇرۇشقان ئادەم<پولو يەڭ ، گۆشكە بىقىڭ>دىمەيدىكەن باشقىسىنى پوق بولامدۇ ، مەينەت بولامدۇدەۋىرىدىغان گەپكەن .شۇنداق قىلىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت ،ئۆچمەنلىكرەسمى يۇسۇندا باشلاندى . ئەمدى بۇنىڭ ئاخىرلاشتۇرغۇچىسى پەقەتلا ھاجىم ئىدى.

  ئابلەت ھاجىمنىڭ ئىتتىكرەك كىلىشىنى،نۇرمەمەتنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئىسپاتى بىلەن كۆرسىتىپ رەسۋا قىلىپ كۆزدىنيوقاتماقچى ، بۇ ياقتا نۇرمەمەت بولسا ھاجىم كەلگىچە ئابلەتنىڭ بىرەر كۇكۇلىسىنىتۇتىۋىلىپ ئۇنى شاڭخەيگە قايتا ئاياغ باسماس قىلۋەتمەكچى ئىدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا پىچاق بىلەپ تۇرغاندا ھاجىمنىڭ كىلىدىغان خەۋىرىمۇ كەلدى ، بۇ خەۋەر ئابلەتنىخوشال قىلسا،نۇرمەمەتنى ساراسىمىگە سىلىپ قويغان ئىدى. دەل مۇشۇ جىددى پەيتتەئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بىرىپ ئاشخانىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى . چوڭ ئۇستامناسىر شاگىرتىنى ئىلىپ ئاشخانىدىن قاچتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەل ھاجىمنىڭ كىلىدىغانكۈنىگە توغرا كەپ قالغانىدى. <بالا كەلسە قوش كەپتۇ> دىگەن شۇ بولسا كىرەك .ئابلەت ھاجىمغا تىلفۇن قىلىپ ئالالمىدى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھاجىم ئايروپىلاندابولىشى مۇمكىن ئىدى. پۈتۈن ئاشخانىنى جىددىيلىك قاپلىغان ئىدى. نۇرمەمەت خۇددى<توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلىغاندەك> ، ئابلەتنى باپلايدىغان رەزىل پىلاندىنبىرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئابلەتكە :

  -ئابلەت ئۇكام، ناسىر ھازىر ۋوگزالدىكەن ، سەنھازىرلا تاكسىدا بىرىپ ،ئۇنى ئىزدەپ باق ئەگەر كۆرسەڭ دەرھال ماڭا تىلفۇن قىل ،مەنشۇئان بىرىپ ئۇ خۇمسىنىڭ ئاغزىدىن يومىلاق،قوڭىدىن دۇمىلاق چىقىرىپ ،ئانا-مانىسىنىكۆزىگە كۆرسىتىۋىتىمەن. بولە ئۇكام.

  -كىم دىدى سىزگە ؟

  -بايا بىلەتچى ۋاڭ پاڭزا دىگەن تىلفۇن قىلىپسىلەرنىڭ ئاشخانىدىن بىرسى بىلەتكە كەپتىكەن دەپ ، بۇلە ئۇكام بىرىپ ئىزدەپ باق .

    ئابلەتنۇرمەمەتنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ، پۇكەينى نۇرمەمەتكە تاشلاپ ۋوگزالغا يۈرۈپ كەتتى ،ئەمەلىيەتتە ئۇ نۇرمەمەتنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .

  نۇرمەمەت ئابلەت كەتكەندىن كىيىن تارتمىنىئاختۇرۇپ بىر نەرسىلەتنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى . ئابلەتنىڭ < خاتىرجەم بول ،قىلغان ،ئەتكەن ئىشلىرىڭ ھەممسى پاكىتى بىلەن بار > دىگىنى نۇرمەمەتنى بەكلائەنسىرەتكەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇ ئابلەتنىڭ چامادانلىرىنى ئاختۇرۇپ ،ئۆزىتوغۇرلۇق بىرەر ئىسپات تاپالماي ئىچى بەكلا تىتىتلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەس يادىئاچقۇچى پەقەت ئابلەتتىلا بار پۇكەينىڭ تارتمىسىدا ئىدى.مانا بۇ پۇرسەتمۇ كەلدى ،ئۇئاختۇرۇپ ئاخىرى بىر پىچاقنىڭ قىپىدىن بىر سولياۋ خالتىغا ئورالغان قەغەزلەرنىكۆرۈپ قالدى،شۇنداق ئىچىشىغا ھەممسى نۇرمەمەت نەچچە ۋاقتىن بىرى ئەكەلگەن ماتىريالتالونلىرى ، يەنە بىر قەغەزدە خۇشتۇر جىڭلىغان ماتىريال ئىسمى، كىلو سانى ،ئاي-كۈنىدىن تارتىپ ئىنىق خاتىرلەنگەن ۋاراقچىلار بار ئىدى.- ئۇھ –دىدى ئۇ ،چۈنكىئۇ پاكىتلار نۇرمەمەتنى رەسۋايى ئالەم قىلىۋىتىشىكە تامام يىتەتتى. ئۇنىڭسۈيقەستىنىڭ بىرىنجى قەدىمى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.ئەمدى ئىككىنچى قەدەم ئۈچۈنقولىغا تىلفوننى ئىلىپ بىلەتچى ۋاڭ پاڭزىغا تىلفۇن قىلىپ مەقسىتىنى :يەنى ئابلەتنىۋوگزالدا تۇتۇپ تۇرۇش ،ئاندىن نۇرمەمەت كەلگەندە يالغاندىن ئابلەتنى بىلەت ئالغىلىكەپتىكەن دىيىش ۋە ئابلەتكە ئاغىنەڭ ئالغان بىلەت مۇشۇ سەن بىرىپ قوي دەپ ئۈچ تالبىلەت بىرىش.................قاتارلىق بىر قاتار سۈيقەستلەرنى دىدى. بۇنىڭ بەدىلىئۇنىڭغا 2000 يۈەن ۋە ئاشخانىدىكى يولۇچى،خىرىدارلارنىڭ بىلىتىنى ئۇنىڭدىن ئىلىپبىرىش بولدى.ۋاڭمۇ بۇ پايدىنى قولدىن بەرمىدى. چۈنكى ئىتىقادسىز كىشلەر نەپ ئۈچۈنھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ ئەمەسمۇ .

  ئاندىن نۇرمەمەت ئۈرۈمچىدىكى ئايرۇپىلان بىلىتىسىتىش ئورنىغا تىلفون قىلىپ ھاجىمنىڭ قاچان ، قايسى ئايروپورتقا چۈشىدىغانلىقىنىبىلىۋالدى.نۇرمەمەت بۇ ئىشلارنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ئابلەتكە تىلفۇنقىلدى.

-     قانداقئۇكام ،ناسىر باردەكمۇ؟

-       ئەمدى كەلدىم ،ۋوگزالغا،ۋاڭ پاڭزا ئۇنى بۈگۈننىڭبىلىتىنى ئالدى دەيدۇ.

-     ئۇنداقبولسا ئۇكام سەن ۋوگزالدىكى ئاشخانا،تورخانىلارغا ، ۋوگزالدىكى پويىز كۈتۈش ئۆيىگەبىرىپ باق ، مەنمۇ ھازىر بارىمەن.

  نۇرمەمەت تىلفۇننى قۇيۇپلا سائىتىگە قارىۋىتىپ،ئاخىرقى قەدەمنى بىسىش ئۈچۈن ئايروپورتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  نۇرمەمەت ئايروپورتقا بىرىپ ھايال ئۆتمەي ھاجىمكىلىدىغان ئايرۇپىلانمۇ كەلدى.بىر ئازدىن كىيىن ھاجىم يۈك تاقىلىرىنى ئىلىپ چىقتى،ھاجىم نۇرمەمەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى،چۈنكى ھاجىم بۇنىڭدىن بىخەۋەر ھەم ئۇنىڭغائايروپورتقا چىقىشنى تاپىلىمىغان ئىدى.

-     ۋاينۇراخۇن،مىنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىمنى قانداق بىلدىڭلا ؟

-     ۋاي،ھاجىمكا ،ھىرىپ-ئىچىپ كەلگەندە سىلىگە بۇ خەۋەرنى دىمىسەم بۇلاتتى؟

-     ۋاينىمە بولدى،بەك جىددى كۆرىنىسىلەرغۇ؟

-     شۇئابلەت،ناسىر،ناسىرنىڭ شاگىرتى ۋەلى قاچتى.

-     نىمەئابلەت قاچتى؟تىخى ئاخشام كۆرۈشكەنغۇ ئۇنىڭ بىلەن.

-     شۇ،ئاڭلىسام ئابلەت بىلەن ناسىر تەڭ پۇل چىقىرىپ ، باشقا شەھەردە ئاشخانا ئاچماقچىبولۇپ قىچىپتۇ،سىلى كەتكەندىن كىيىن ئابلەت يۇقىرىدىن چۈشەلمەيدىغان،ناسىرپۇكەيدىن كىتەلمەيدىغان بولۇپ قاپتىكەن ، كىيىن بىلسەم مۇشۇ مەسلىھەتنىقىلىۋىتىپتىكەن،مەنغۇ ناسىرنى يۈز ئۆرىسىمۇ ئابلەت ئۇنداق قىلماس دەپتىكەنمەن،كىمبىلەن ئۇنىڭ ئالىسى ئىچىدىكەن ئەمەسما.

-     راستما؟

-     شۇ، مەنمۇ ئىشەنمىگەن لىكىن بايا ھىلىقى بىلەتچى ۋاڭ پاڭزا ماڭا تىلفۇن قىلىپ ،ئۇلارنىڭ بۈگۈننىڭ بىلىتىنى ئالغانلىقىنى ئىيتتى ئەمەسما.

-     ماڭاتىز ، ۋوگزالغا بىرىپ ئۇ ئىشىتنىڭ بالىسىنى تۇتۇپ كىلىپ ،ئاسىيلىقنى قانداقبولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي.

ئىككەيلەن ئالمان-تالمان ۋوگزالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.يولدا نۇرمەمەتھاجىمغا ئىشلارنى ئوڭ تەتۈر بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق قىلىپبولغان ئىدى .بىلەتچى ۋاڭمۇ ئىشىنى ئاللىقاچان نۇرمەمەت دىگەندەك توغۇرلاپ بولغانئىدى،ئۇلار ۋوگزالغا يىتىپ كەلگەندە ئابلەت ناسىرنى ئىزدەپ ئۇيان بۇيان چىپىپيۈرۈپ ھاجىم بىلەن نۇرمەمەتنى كۆرمىگەن ئىدى. نۇرمەمەت يۈگۈرۈپ بىرىپ ئابلەتنىڭقوڭىغا تىتىپ ، پاتىڭىدىن تۇتىۋىلىپ :

  -ھە سۇلامچى ، نەگە قاچاي دىگەن،ھارامدىنبولغان ئىشتنىڭ بالىسى – دىگىنىچە ئۇنى سۆرەپ ماشىنىغا باستى.

  ئابلەت نىمە بولغانلىقىنى پەقەتلا ئاڭقىرالمايقالدى.ھاجىم نۇرمەمەتكە :

  -ھەيدە ماشىنىنى بۇنىڭ بىلەن ئاشخانىغا بىرىپھىساپلىشىمىز –دىگىنىچە قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى.

  ماشىنا ئاشخانىنىڭ ئارقىسىدا توختىدى.نۇرمەمەتئابلەتنى سۆرەپ يەر ئاستى ئۆيىگە كىردى . ھاجىممۇ ئاچچىقىدا ئارقىسىدىنلا كىردى.

  -ھە،ھاراملىق ،نەگە قاچاي دىگەن ؟

  -كىم قىچىپتۇ ؟ مەن نەگە قىچىپتىمەن-دىدىئابلەت.

  -نەگە قىچىپتىمەن؟-نۇرمەمەت ئابلەتنىڭيانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ ۋاڭ پاڭزا بەرگەن بىلەتنى ئىلىپ:

  -ما نىمە ؟

  -بۇ ۋاڭ پاڭزا بەرگەن ناسىرنىڭ بىلىتى .

  نۇرمەمەت تىلفوننى قولىغا ئىلىپ ۋاڭغا تىلىفۇنئۇردى .

  -شاۋ ۋاڭ ، ئابلەت سەندىن بىلەت ئالدىما –نۇرمەمەت تىلفوننىڭ قوش ئاۋازىنى ئىچىپ.

  -ھە ،جىددى ئۆيگە ماڭىمىز دەپ ئۈچەيلەنكەپتىكەن .

  -ھە ، بولدى – نۇرمەمەت تىلفوننى قويىۋىتىپ،ئابلەتنىڭ يۈزىگە چاڭڭقىدە قىلىپ بىر كاچاپ سالدى. ئاڭغىچە ھاجىم سۆز باشلىدى.

  -ھە ، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دە، ھەئابلەت ، ئىشتنىڭ بالىسى گۇي ، مەن سىنى شۇنچە چوڭ كۆرسەم،ئىنىلىرىمدىن ئارتۇقكۆرسەم ماڭا بەرگەن جاۋانىڭ مۇشۇ ما،ۋۇ سولامچى ھايۋان.....-دىگىنىچە ئابلەتنىدۇمبالاپ كەتتى.

  -ئىسىت ساڭا قىلغان ئىشەنچەم،ھايۋانسولامچى-ھاجىم بىردەم مۇشلاپ ، بىردەم كاچاتلاپ ، بىردەم تىپىپ ئابلەتنى قانقىلىۋەتتى . ئابلەتكە ۋايجان دىيىشتىن باشقا سۆزلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى.ھاجىمھىرىپ قالسا نۇرمەمەت دۇمبالىدى.ئۇرغاندىمۇ بوش ئۇرمىدى.ئۇ ئابلەتنىڭ يۈزىگە كۈچەپبىر مۇشت ئۇرۇپ ئارقىدىنلا :

  -ۋاي ئابلەت ،خاپا بولما بەك چىڭ تىكەتتى ھە،ئەكىلە بىرنى سۈيۈپ قۇياي-دەپ بىرنى سۈيۈپ يەنە بىر مۇشت سالاتتى .ئابلەت ۋايجاندىمەي ، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ناھەق زۇلۇمغا بولغانئاجايىپ بىر ئۆچمەنلىكمۇ ياكى غەزەپمۇ ئىشقىلىپ تەسۋىرلىگۈسىز بىر سادا چىقىپتۇراتتى.نۇرمەمەت بولسا بىردەم ئۇرۇپ ،ئارقىدىن سۈيۈپ يەنە ئۇرۇپ توختىمايتى،ھەتتا ئابلەت نەچچە قىتىم ھوشىدىن كەتتى. ئۇنى دۇمبالاش بىر سائەت ئەتراپىدا داۋامئەتتى .

  ھاجىم ئابلەتكە يەنىلا چىدىمايتى، چۈنكىئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى ، بەزىدە –ئابلەتكا، بازار قانداراق ، خەجلەيدىغانپۇل تۈگەپ كەتتى ، ئەكىلە پۇلۇڭدىن ئىككى تال دەپ چاقچاقلىشىپ ئۆتەتتى .شۇسەۋەبتىنمىكى ئابلەتنى ئۇرۇشقا ھاجىمنىڭ پەقەتلا قولى بارمىدى. ئاخىرى نۇرمەمەتكە:

        -بولدى، نۇراخۇن ، ئادەم دىگەن ئازىدۇ ،بوپتۇ بۇمۇ ئادەم ،ئىزىشتىن خالىي ئەمەس،بۇنى ۋوگزالغا يىقىنراق دوختۇرخانىغائورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلا ،تامىقىنى يەنە باشقا ئاشخانىدىن ئورۇنلاشتۇرايلى ، ماڭىمەندىگەن بولسا يارىسى ساقايغاندىن كىيىن ماڭسىمۇ ماڭسۇن .

  -نىمە ؟ بۇ تۇزكور توڭگۇزغا كەڭچىلىك قىلامدۇق؟

  -نۇراخۇن ، بۇنىڭ ئاسيلىقىنى دىسەمئۆلتۈرۋەتسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ ، بوپتۇ نەچچە يىلدىن بىرى ئاز كۈچ چىقارمىدى، شۇنىڭيۈز-خاتىرىسىنى قىلاي-دىدى ھاجىم ئىغىر-بىسىقلىق بىلەن،ئاندىن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ:

  -ھەي ئىشتنىڭ كۈچۈكى ، ئەمدى سىنى شاڭخەيدەقايتا كۆرۈپ قالماي ، دوختۇرخانىدىن چىقىپلا بۇ يەردىن يوقال، ئۇقتۇڭما؟

  ئابلەت ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى،ئۇ ئۆزىنىڭتۆھمەت قۇربانى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھاجىمنىڭ مەرتلىكىدىن،ئىنسابىدىن  تەسىرلەنگەن ئىدى، ئۇ يەر ئاستى ئۆيىدە تاياقيىگەنلەرنى كۆپ كۆرگەن ، لىكىن ھىچقايسى قاچقاقنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنىڭدەك بولمىغانئىدى.ئۆلگىدەك تاياق يەپ ئەتىسى كۆزدىن يوقىلاتتى ، ئەگەر شاڭخەيدە يەنە تۇتۇلۇپقالسا ،يەنە تاياق يەيتى، <ۋاي مەن ئىزىپتىمەن ، مەن بەلەن ئىشلەپ بىرەي ، ھەقسىزئىشلەپ بىرەي ، مىنى كەچۈرۋەتسىلە>دىگەندەك نىدالار ھاجىمغا كار قىلمايتى.ئەگەر كىم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئوبدان ئىشلەپ كەتسە ھاجىممۇ لايىقىدا ئىززىتىنىقىلىپ ، ھەققىنى ساق بىرىپ يەنە يوللۇق سالاملىرىنى قوشۇپ چىرايلىق يولغا سالاتتى، شۇڭا بۇ ئاشخانىدىن ئالدىراپ ئادەم قاچمايتى، ئەمما بەزى توزكورلار شۇنداق ياخشىشارائىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەي،ئۆزىنىمۇ رەسۋا قىلىپ ، ھۆنىرىنىمۇ خار قىلىپ قوياتتى. ھاجىمنىڭ باغرى تاش ئەمەس ، لىكىن ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى،ۋەدىسىدەتۇرمىغان ئاقنانچى ساختىپەزلەرنىڭ ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپقىلمايتى.چۈنكى ئۇ جەمىئىيەتنىڭ ھەرخىل قاتلاملىرىدا يۈرگەن،جاھاننىڭ ھەممەقازىنىدا قايناپ ،نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەم ئىدى.

   ھاجىم ھەرگىزمۇ ئابلەتنىڭ ئاسىيلىققىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتى، ئەمما كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ساختا رىئاللىق ھاجىمنىئىشەندۈرگەن ئىدى، گەرچە سۈيقەست بولسىمۇ ، ۋەزىيەت ،گۇۋاھچى ھەممىسى ئەمەلىيەتكەباغلاشقان ئىدى. نىمىلا دىگەن بىلەن خام سۈت ئەمگەن ئادەمدە.

   ئاللاھ ئىنساننى ئەقىل بىلەن ياراتقان،شۇنداقلا شەيتاننى ئىسانلارغا دۈشمەن قىلىپ ياراتقان،ئادەمنىڭ قەلبىگە شەيتاننىڭئوتلىرى توتاشسا،قەلبىگە شەيتان ھۈكۈمران بولسا،ئادەم ئەقىلنى يوقىتىدۇ،.ئەقىلسىزئادەم ئادەم ھىسابلانماس. ئادەم كۆزى قارا ، يۈرىكى قىزىل گۆش، ئەگەر ئادەمنىڭكۆزى قىزارسا ،يۈرۈكى،قەلبى قارىدايدۇ . ئىمان-ئىتىقادمۇ بۇنداق قەلپنى تاشلاپ چىقىپكىتىدۇ..........

  خەير ، بوپتۇ،ئابلەت شۇنداق قىلىپ تۆھمەتقۇربانى بولۇپ كەتتى، ئۇ ھاجىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالاندى،ئۇ نەچچە قىتىم ھاجىمغا تىلفون قىلىپ ئەينى ئەھۋالنى ئىيتقۇسى كەلدى، لىكىن يەنەيالتالدى.<خەير > دىدى ئۇ ، بوپتۇ ، قاچقاق دىگەن بەتنامغا قالساممۇ ، مەنئاللاھ ئالدىدا يەنىلام پاك ، ئاللاھ ئۆزى خەيرلىك قىلاھ ، ئاشكارلانمايدىغان سىريوق ، قىنى نۇرمەمەت قاچانغىچە كۆرەڭلەپ يۈرىسەن بىر كۆرۈپ باقاي ، جاھاننىڭمۇرادى ئۇزۇن ، تىخى كۆرىمىز .

  ئابلەت دۇختۇرخانىدا بىر ھەپتە يىتىپ ،ھىچكىمبىلەن خوشلاشماي يۇرتىغا جىمجىتلا قايتىپ كەتتى ، ئاشخانىدىكىلەرگە ئۇنى قاچتى دەپئەمەس، ئانىسى ئاغرىپ قاپتۇ ،شۇڭا جىددى قايىتتى دەپ خەۋەر بىرىلدى،ھاجىم يەنىلائۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان ئىدى..................

   -نىمىنى ئويلاۋاتىسىز ؟-قەندىل يەنە بىرقىتىمجىمجىتلىقنى بۇزدى.

  -ھە....ھىچنىمنى-خۇشتۇر تۇيۇقسىز سورالغانسۇئالغا دەمال ئىنكاس قىلالمىدى.-شۇ ئابلەت ئىسىمگە كىلىپ قالدى، بىچارە ئاغىنەمشۇنچىلىك ئوڭلۇق، خۇشخۇي ئىدى،مىنىڭ ئاشخانىدىكى ئەڭ يىقىن سىردىشىم ئىدى.ئۇكەتكەندىن كىيىن ئاشخانا چۆلدەرەپ قالغاندەك بىلىندى،خۇددى روھى چىكەتكەندەكلابولۇپ قالدى.

  خوشتۇر قەندىلغا ئابلەتنىڭ ھىكايىسىنى،ئاشخانىدىكى بەزى ئىشلارنى ئىيتىپ بەردى، ھەم ئىچكىردىكى ئاشخانىلاردا ئىشلەشنىڭنەقەدەر جاپالىق ھەم زىرىكىشلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.گەپ ئارلىقىدا خۇشتۇرقەندىلغا شېئىر يازىدىغان خاتىرىسىنى ئىلىپ بىر پارچە شېئىرنى كۆرسەتتى.

  -مانا بۇ مەن ئاشخانىدىكى بەزى ئىشلارنىتەسۋىرلەپ يازغان شېئىر .

  -ۋوي ، تېخى شېئىر يازىمەن دەڭ .-قەندىلخاتىرىنى ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى.

كۈندە بىر جىدەل

ھەركۈنى سەھەر تۇر ئىشقا ماڭ دىسە،

كىچىكسەڭ جەرىمانە تۆلەيسەن دىسە.

يوقلىمىغا ۋاقتىدا ئۆتۈپ بول دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


تاماقنى توغرا ياز،باھانى ئىنىق،

قىممەتنى بەكرەك تونۇشتۇر دىسە.

خاتا يازساڭ ھەسسىلەپ تۆلەيسەن دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


تاماقنى ۋاقتىدا چىقارغىن دىسە،

تەمىنى رەڭگىنى كەلتۈرگىن دىسە.

ۋاقتىدا كەلمىسە ئۆزۈڭ يە دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


كاۋابنى زىخنىمۇ كۆيدۈرمە دىسە،

تالونى كۆرمەي پىشۇرما دىسە.

ئۇ قانداق پىشۇرسا شۇنداق قىل دىسە

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


بازار بولغاندا دەم ئالما دىسە،

ئادەم كۆپ ۋاقتىدا ئولتۇرما دىسە،

ھاجەتكە بارساڭمۇ رۇخسەت ئال دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


ئىسمىڭنى توۋلىسام ھە دىگىن دىسە،

ھە دىمىسەڭ دەككەڭنى بىرىمەن دىسە.

ئۇشۇق ئىشقا ئارلاشماي نىرى تۇر دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


ئۈستىلىڭگە ئۆزۈڭ قارىغىن دىسە،

مەن نىمىشقا قارايمەن كارىم يوق دىسە.

چاي قۇيغىن مىھمانغا ۋاقتىدا دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


نىنىڭنى كۆيدۈرمەي ساق ياققىن دىسە،

سۈت تۇزنى گىراملاپ تەڭشىگىن دىسە.

سۇپراڭنى پاكىز،رەتلىك قىل دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


تازلىقنى ۋاقتىدا پاكىز قىل دىسە،

يەرلەرنى ئالا قويماي سۈرتۈپ تۇر دىسە.

ئەسۋاپنى ئاسرىماي يىدىڭمۇ دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


گۆشنى چوڭ قىلىپ توغراپسەن دىسە،

چۆپنى تەخسىگە جىق ئاپسەن دىسە.

لەڭپۇڭنىڭ لازىسى جىق ئىكەن دىسە.

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


ئىچىملىك سىتىلماي تۈگەپتۇ دىسە،

كىم ئىچتى ،كىم ئەمەس كۆردۇڭمۇ دىسە.

توڭلاتقۇغا چوڭ قولۇپ سالىمەن دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


چايخانا مەينەتكەن كىم قىلدى دىسە،

سۈرتكۈچنى يۇيماي تازلاپسەن دىسە،

يا سۈرتكۈچ قولۇڭدا تۇرمامدۇ دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


ئاي توشسا مائاش دەپ بارسا ئالدىغا،

ئىككى كۈن توختاپ تۇر قول قىسقا دىسە،

گەپ قىلدىم چۈشەنگىن ئەي ئىنسان دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.


ئىشنى قىلساق ۋاقتىدا ماختاش يوق تىخى،

ئالالمىدۇق ياخشى نام تۆلەپمۇ بەدەل.

چۈشەنمىسە كۆڭۈلنى بىر نە ئامال.

يەنە دىسەك يەنە بار كۈندە بىر جىدەل.

  -ھا...ھا..-قەندىل كۈلىۋەتتى-ئەجەپيىزىۋىتىپسىزغۇ بۇ شېئىرنى.

  -شۇ ئەمدى ئاشخانىدا بوپ تۇرىدىغانئىشلار-خۇشتۇرمۇ كۈلۈمسىرىدى.

  -توغرا دەيسىز، ئادەم جىق يەردە گەپمۇ جىقبولىدۇ،ئەمدى قىلماي دىسە تىخى ،قىلاي دىسە تىخى ئىككى ئارىلىقتا قالغان.

  -نىمە ئامال ،خەققە ئىشلەكمۇ تەسكەن، گۈلنىخالىسا گۈل دەيدۇ،خالىسا كۈل دەيدۇ............

  -لىكىن ھاجىمكام ئۇ دەرىجەدىكى كاج ئادەم ئەمەس، ئۇ ھەقىقەتەن ئەركەك مىجەزى بار ، كۆپنى كۆرگەن ،ئادەمنىڭ ھالىغا يىتىدىغانلوبەن . ئەمما باشقا ئاشخانىدىكىلەردىن ئاڭلىدىم ،خۇجايىنلىرى تۈگمىنى تۆگە دەپئۇستام، مۇلازىملارغا ئورۇنسىز ئازار بىرىدىكەن .ئابلەت كەتكەندىن كىيىن نۇرمەمەتدىگەن سەيگويەن ئاشخانىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ ، ھىلى ئاشپەزلەرگە مانى قىلىدىڭ ، ئانىقىلدىڭ دەپ كۆزىگە كىرىۋىلىپ ، ھىلى مۇلازىملارغا چاي قويمىدۇڭ ، قىممەت تاماقيازالمىدىڭ دەپ ھەممىمىزنى زىرىكتۈرىۋەتتى . ئۇنى ئاز دەپ ھاجىمكامغا ئوڭ تەتۈرچىقىپ ،ھاجىمكامنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىمىزنى مەنتەڭ قىلىۋەتتى . ئەمما ھاجىمكام – ھەبولاپتۇ ، نۇراخۇن قانداق قىلىمىز ؟ بىزگە بۇ بالىلار لازىم بولماسمۇ ؟ يائاشخانىنى بىر ئىككى ئادەم بىلەنلا ئاچقىلى بولمايدىكەن . ئادەم جىق يەردە گەپمۇجىق بولىدۇ . ئىسىڭلىدىمۇ بىز تويۇڭخانىدا ئىشلەۋاتقادا ھىلىقى تۇرسۇن دىگەن گۇيكەچكىچە مەخەتكامغا بىزنى چىقىپ ئىشلىگەنگىمۇ تويغۇزىۋەتكەنغۇ . ئەمدى ئادەم ياشۋاقتىدا ئاشۇنداق ياشلىق قىلىپ قويىدىكەن .-دەپ قۇياتتى .

  -ئەجەپ ياخشى ، ئىسىل ئادەمكەن .قارىماققىمۇناھايىتى سالاپەتلىك كۆرىنىدۇ .

-سىزھاجىمكامنى كۆرگەنما ؟

  -مەن نەچچە قىتىم كۆرگەن ئۇ ئادەمنى-دىدىقەندىل ئۇلاپلا-ئۆزى ناھايىتى كەسكىن ئادەم .

  -راس ،ئەمما ئۇنىڭدەك ۋىجدانلىق ئادەملەر مەنچەجاھاندا خىلى ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ.

  -قانداق دەيسىز ؟

  - مەن ئابلەتتىن ئۇنىڭ بۇ ئاشخانىنى قانداقئاچقانلىقىنى ، نىمە مەقسەتتە ئاچقانلىقىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل بولغان، ئۇ ھەقىقەتەن جىگەرلىك ، ۋىجدانلىق ئادەم.

  - مۇنداق دەڭ ، مەنمۇ شۇنداق ھىس قىلغان.

-سىزگە دىسەم ھاجىمكام ئۆز غورورىنى قوغدايمەندەپ مۇشۇ ئاشخانىنى ئىچىپتىكەن ، ئەسلى قىلىدىغان ئىشى چەتئەلگە مال سىلىشكەن ،ھازىرمۇ شاۋشىڭدا شىركىتى بار . بەزىدە نەچچە كۈن شاۋشىڭغا بىرىپ شىركەتتىكىئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرۋىتىپ، خىرىدارلىرىنى شاڭخەيگە ئەكىلىپ قاتتىق مىھمان قىلىپ،ئوينۇتۇپ كىتىدۇ ،خىرىدارلىرىمۇ باشمالتاقلىرىنى چىقىرىپ ماختاپ كىتىدۇ.... -خۇشتۇر قەندىلغا قاسىم ھاجىمنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى ئىيتىپ بەرمەكتە ،قەندىل زەن قۇيۇپ ئاڭلىماقتا ئىدى............


                                                                               5-  مەن سۆزۈمدىن يانمايمەن

  قاسىم ھاجىم قەشقەر پەيزىۋاتتا چوڭ بولغان قارادىھقان . كىچىكىدىن تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئىغىر كۈنلىرىنى،ئىسىق –سوغۇقلىرىنى تەڭ كۆرگەندىھقان . قاسىم ھاجىمنى مەھەللىسىدىكى دوست يارەن ، ئاغىنىلىرى قاسىم جاھىل دەپچاقىراتتى . چۈنكى قاسىم ھاجىم ئەزەلدىن سۆزىدىن يىنىپ باققان ئەمەس.چۈنكى قاسىمھاجىمنىڭ دادىسى ساۋۇتاخۇن داۋاملىق بالىسىغا شۇنداق تەربىيە قىلاتتى :

  -بالام سەن ھەقىقەتەن جىگەرلىك ، غورۇرلۇق ئادەمبولۇپ چوڭ بولدۇڭ ، ساڭا نەسىھىتىم شۇكى ھەر قانداق ئىشتا ، ھەرقانچە مەنپەئەتىڭگەتاقاشسىمۇ سۆزۈڭدىن يانما ، بىر ئەركەك بولساڭ سۆزۈڭنى قەتئىي يانما،سۆز دىگەنئاتقان ئوق ، ئوقنى ئىتىپ بولۇپ ئۇنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ ، سۆزمۇ شۇ ئاغزىڭدىنچىكەتتىما ياندۇرۋالالمايسەن،مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ھەرقانداق گەپنى ئويلىشىپقىل ،دىگەن سۆزۈڭدىن يانما.-دادىسى ساۋۇتاخۇننىڭ مۇشۇ نەسىھەتىنى ئۇدۇم ئالغانقاسىم ھاجىمنىڭ جاھىل دىگەن لەقىمىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن بولسا كىرەك .

  قاسىم ھاجىم 17ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئاغرىپدوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ، دادىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەن دوختۇرلارشەھەرلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەش تەكلىپىنى بەردى . قاسىم ھاجىم دادىسىنى ئىلىپشەھەرلىك دوختۇرخانىغا باردى . دوختۇرلار دەرھال ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ،داۋالاش ھەققىگە 3000 يۈەن تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئىيتتى . ئەمما قاسىم ھاجىمدا 500يۈەنمۇ يوق ئىدى . ئۇ ۋاقىتلاردا پۇلنىڭ خىلى جېنى بار ئەمما خەلق غۇرگۈل ۋاقىتلارئىدى.قاسماجىم ئىزدىمىگەن توققانلىرىمۇ قالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تومۇز ۋاقتىبولغاچقا دىھقانلارمۇ سىرىقتال ئۆتەتتى.قاسىم ھاجىمنىڭ بىشى قاتماقتا ئىدى. ئۇنائىلاج ئاغىنىسى نۇرمەمەتتىن مەسلىھەت سورىدى .

  نۇرمەمەت ئۇ چاغدا قەشقەردىن پاكىستانغا يۈكتوشۇيدىغان ھاۋالە يۈك توشۇش ئورنىدا مال بىسىش،چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلانى قىلاتتى. ئۇ قاسىم ھاجىمغا پەقەت بولمىسا ھاۋالە يۈك توشۇش ئورنىنىڭ خۇجايىنىدىن قەرزئىلىپ ئاندىن ئىشلەپ قايتۇرۇش مەسلىھەتىنى بەردى.قاسىم ھاجىم ئامال يوقىدىن ماقۇلبولۇپ خۇجايىننىڭ ئالدىغا باردى .

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم – قاسىم ھاجىم سالام قىلىپئىشخانىغا كىردى.

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، خوش ئۇكام ،كىلەئولتۇرە– دىماققىنە كەلگەن خۇجايىن سالام قايتۇردى.

  -ئاكا ، سىلىگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ كىلىشىم ،ئەمدى مەن گەپنى تۈز قىلىدىغان ئادەم ، سىلىدىن ئازراق پۇل ئۆتنە ئىلىپ، ئىشلەپقايتۇراي دىگەن .

  - ئۇكام ، سەن مىنى تۇنۇمسەن ؟

  -ياق ، ئاغىنەم مۇشۇ يەردە ئىشلەيدۇ.

  -كىمۇ ؟

  -نۇرمەمەت.

  -نۇرمەمەت ؟ قايسى نۇرمەمەت .

  -ماۋۇ ، پەزىۋاتلىق ، مۇشۇ يەردە مالباسىدىغان.

  -نۇرمەمەت ؟... ھە..ھىلىقى قارا بالا شۇغۇ

  -ھەئە.

  -توختاپتۇ- ھە ،ئۇكام – خۇجايىن شۇنداقدىگىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئۇ نۇرمەمەتنى ئىزدەپ :

  -نۇر ، مەكىلە ، ئاۋۇ ئىشخانىدىكى بالا سىنىڭئاغىنەڭما ؟

  -ھەئە ، مەخەتكا ، ئۇ ئاغىنەمنىڭ دادىسىدوختۇرغا كىرىپ قاپتىكەن ، شۇڭا مۇشۇ يەردە ئىشلىگەچ پۇل تاپسۇن دەپتۇنۇشتۇرغانتىم .

   - ھە ، بالا ئىشەنچىلىكمۇ يا؟

  -ۋاي، مەخەتكا ،خاتىرجەم بولسىلا ئۇ جانلىقئىشلەيدۇ دەيمەن، ئۆزىنىڭ تۆت مو يىرى بار ھەممىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق قىلىدۇ ،جاپاغا چىدايدۇ دەيمەن . خاتىرجەم بولسىلا بولىدۇ دەيمەن.

  -ئەمىسە مەيلى – مەخەت لوبەن قاسىم ھاجىمنىڭئەھۋالىنى بىر قۇر ئىگەللىۋىتىپ ئىشخانىغا كىردى.

  - ئەمدى ئۇكام ،-سۆز باشلىدى مەخەتلوبەن-ئىشلەيمەن دىدىڭ ، قانچە ئاي ئىشلەيسەن؟

  -ماڭا ھازىر 4000 كوي لازىم . شۇ تۈگىگىچەئىشلەيمەن .

  -4000 كوي دىدىڭما ؟

  -شۇنداق .

  -4000 كوي ، ئەمدى ئىشىمىز جاپالىق ئۇكام ،مەنغۇ بىرىمەن ، ئەمما كىيىن چىدىمىدىم دەپ مىنى ئاۋارە قىلساق ياخشى بولماس .

  - ئاكا ، مەن ئەركەك ، گەپ ئاغزىمدىن چىقتىمۇھەرگىز يانمايمەن ، ھاياتلا بولسام شۇ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ سىزنى رازى قىلىپ ئاندىننىمە ئىش قىلىسام قىلىمەن.

  -گەپنىغۇ شۇنداق قىلىمىز ، قىنى بىر كۆرەي قىنىجىڭ ئەركەكمۇ سەن ياقمۇ ؟

  -بولىدۇ ، گەپ بىر قولاق ئىككى .

  -ئەمىسە ئايلىقىڭ 400 كوي ، ماڭا بىر يىلئىشلەيسەن ،ھازىر 4000 نى نەق ئالىسەن كىلەر يىلى مۇشۇ كۈندە 1000 كوينى ئالىسەن.قاندا، ئەگەر ئارلىقتا ئىشلىمەيمەن دەپ قالساڭ ئايلىقىڭنى 300 كويدىن ھىساپلاپبىرىمەن ، ئۇدۇللاشسا تۈگەيدۇ ،بولمىسا نەق قايتۇرىسەن ، ئەمما قىچىپ قالساڭ بولدى، ئۆزەڭنى يا دوختۇرخانىدا ياكى مازاردا كۆرىسەن . ماۋۇ چاقچاق گەپ ئەمەس .

  - ئەمما يەنە بىر گەپنى ئىنىق قىلىشىۋىتەيلى ،بىر يىل ئىشلىسەممۇ ئىشلەي ئەمما دىھقانچىلىق ۋاقتىدا ، كىپەز تىرىدىغان ، ئومائورىدىغان چاغلاردا چوقۇم ماڭا 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە روخسەت بىرىسىز . ئېتىز-ئىرىقئىشلىرىنى قىلىۋىتىپ كىلىپ ئىشلەيمەن . مەسىلە يوقتۇ ؟

  -دىمەك بىر يىلدا 30 كۈن روخسەت ئالىمەندىمەكچىما ؟

  -ئامال يوق ، دىھقانچىلىقنى سىزمۇ بىلىسىز ،قانچە كۈن ۋاقىت كىتىدۇ .

  - بولىدۇ ، كىۋەز تىرىيدىغان چاغدا 5 كۈنروخسەت ، ئوز قىلىش ، قىغ ئىچىقىش ، تىرىش ھەممىسىگە ئارىلاپ بارساڭ بولىدۇ .ئومىغا 10 كۈن ، كىۋەز تىرىشقا بىر ھەپتە بولىدۇ .

  -كىلىشتۇق .

  -خوش ، پۇلنى ھازىر ئالامسەن يا ؟

  -شۇنداق ، ھازىرلا ، ئاندىن دوختۇرخانىغاتۆلىۋىتىپ كىلىپلا ئىشلەيمەن .

  -بولىدۇ ئەمىسە، ماڭا بانكىغا – مەخەت لوبەنقاسىم ھاجىم باشلاپ بانكىغا چىقىپ كەتتى ،

  قاسىم ھاجىم پۇلنى ئىلىپ ، دوختۇرخانىغاتۆلىۋىتىپ ئانىسىغا بار ئەھۋالنى ئىيتىپ ،مەخەت لوبەننىڭ تويۇڭخانىسىغا قاراپيۈرۈپ كەتتى ...................

   قاسىم ھاجىم تويۇڭخانىدا ئىشنى ۋاقتىدا ،ئەتراپلىق ، جانلىق قىلغاچقا مەخەت لوبەنلا ئەمەس باشقا پاكىستانلىق خىرىدارلارمۇئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.

مەخەت لوبەننىڭتويۇڭخانىسى پاكىستانغىلا مال توشاتتى ، شۇڭا تويۇڭخانىدىن پاكىستانلىقخىرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى . ئۇ يەردىكى پاكىستانلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىنىخىلى يامان ئەمەس سۆزلەيتى . بەزىلىرى چالا سۆزلەپ چۈشەندۈرەلمىسە شەرەت بىلەنئۇقتۇراتتى . ئۇلار ئاساسەن ماللارنىڭ سانىنى ، كىرا ھەققىنى بىلگىلى كىلەتتى.بەزى ماللار توشۇش جەريانىدا بۇزۇلغان بولسا ئۇلار ،شۇ يەردىكى بالىلارغا ئازراقپۇل بىرىپ قايتىدىن ئوراپ قاچىلىتاتتى. شۇ خىرىدارلار ئىچىدە لالىخان ئىسىملىك بىرپاكىستانلىق خىرىدار بار ئىدى . ئۇ داۋاملىق كەلسە ماللىرىنى بىر قۇر كۆرىۋىتىپئاندىن مەخەت لوبەن بىلەن :

  -مەخەتھاجى ، ھازىي پۇلنى بەك بەك تىپىۋاتىسىزھە ، ئاللاھ جىك جىك بەسۇن سىزگە ھاجىم، ما مىنىڭ ماللىرىمىنى ئەزانراق قىپ بىرىڭھاجى ، بىزگە پايدا بىلىسىزگۇ ئاز ئاز قالىدۇ ، سىز كاتتا خۇجايىن ، ئەزان قىلىڭ ،سىزگىمۇ بوسۇن، ماڭىمۇ بوسۇن،ئا پاكستاندىكى خىرىداغىمۇ بوسۇن.....

   لالىخان ئەنە شۇنداق باھا تالىشىشقا ماھىر،ئەينو،ھەم ئىشنى گەپ بىلەنلا پۈتتۈرەلەيدىغان ،ھەتتا ئاسماندا ئۇچىۋاتقانكەپتەرنى گەپ بىلەن قەپەسكە سولىيالايدىغان سودىگەر ئىدى. ئۇ قاسىم ھاجىمنىڭچاققان ، جانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ داۋاملىق ماللىرىنى شۇنىڭغىلا قاچىلىتاتتى .دائىم قاسىم ھاجىم بىلەن بىرە يىرىم سائەت مۇڭدىشىپ كىتەتتى . قاسىم ھاجىم ئىشقاچەبدەس بولۇپلا قالماستىن ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى خىلىلا ياخشى ئىدى.ئۇلالىخاندىن ئەڭ ئالدى بىلەن ئاددى بولغان كۈندىلىك سالام-سائەت،ئەھۋاللىشىشتەكتۇرمۇش سۆزلىرىنىڭ ئوردوچىسىنى ئۆگەندى . ئاندىن بارا بارا ئاددىلىقتىنمۇرەككەپلىككە قاراپ تەدرىجى ئۆگىنىپ نەچچە ئايدا ئوردوچىنى خىلى راۋانسۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى .

  قاسىم ھاجىم لەۋزىدە تورۇپ تويۇڭخانىدا بىر يىلئىشلەپ ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ بىر مەزگىل بورۇنقىدەك دىھقانچىلىق قىلدى . ئۇ تورۇپئويلاپ قالدى :

  -توختا ، بۇ دادام دوختۇرخانىدىكى چاغدىمۇ،خەققە ئىشلەپ دادامنى داۋالىتىپ يەنە تىخى ئازراق ئىشىندىم ، دىھقانچىلىقمۇ ئۆزيولىدا بولىۋەردى . مەن بۇنداق كىتىۋەرسەم ، كەچكىچە تۆت مو يەرگە قاراپ ئۆتۈپكىتەمدىم ، كىيىنچە ئىنىلىرىم توي قىلماسمۇ ؟ سىڭىلىرىمنى ئوقۇتمامدىم، كەچكىچەيەرگە ئىشلەپ ئۆتىۋەرسەم تاكى يەرگە يەم بولغىچە ئىشلسەم بولىدۇ . ئۇنىڭدىن ھازىرئىككى ئىنىممۇ خىلى كارغا كىلىدۇ ، ئۇلار دادام بىلەن دىھقانچىلىق قىلسا مەن بىرىپ،شەھەردە ئىشلەپ ئازراق بولسىمۇ پۇل تاپاي ، كەچكىچە بۇنداق ئۆتىۋەرسەكمۇ بولماس ،شەھەردىكىلەرمۇ بىزدەك ئادەمكەنغۇ .....

  قاسىم ھاجىم شۇلارنى ئويلاپ ئاخىرى دادىسىساۋۇت ھاجىم بىلەن مەسلىھەتكە چۈشتى .

  -دادا ، مەن شەھەرگە بىرىپ بىرە ئىش-ئوقەتقىلايمىكى دەيمەن .

  -خوش ، بالام ، بۇنداق ئويلاپ قاپسەنغۇ ؟

  -ئەمدى كەچكىچە تۆت مو يەرگە قاراپ ئۆتەپكىتەمدۇق ، ئۇنىڭدىن ھازىر ئالىم بىلەن سادىرمۇ خىلى چوڭ بولدى ، ئېتىز-ئىرىقئىشىغا يىتىشەلەيدۇ ، شۇڭا مەن چوڭ بولغاندىن كىيىن ئەمدى بىرىپ بىرە ئىش-ئوقەتقىلىپ باقاي .

  -ئۇنىغۇ ياخشى ئويلاپسەن بالام ، ئەمدى ساڭامانىڭغا ئىش قىل دەپ بىرىدىغان دەسمىمۇ يوق،ئەمدى مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ كىتەلەيمەندىسەڭ ، مەيلى قىلىپ باق ، ئەمما نەسىھىتىم شۇكى سەن ئوقەت قىلىمەن دىدىڭ ، مەيلىپۇل تاپ ياكى تاپما، چوقۇم ئىشنى لىللا ، دۇرۇس قىل ، يەنە دەيدىغنىم ھەرقانداقئىشتا غورۇڭنى قوغدا ، ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىشنى قىلما ، سۆزۈڭدىن يانما ، ھەرقانچەپايدا مەنپەئەتىڭگە بىرىپ تاقالسىمۇ سۆزۈڭدىن يانما –ساۋۇتاخۇن قاسىم ھاجىمغا مۇشۇنەسىھەتلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە قوشۇلدى،توغرىسىنىئىيتقاندا خوش بولدى ، چۈنكى ئاتا بولغۇچى بالىسىنىڭ ئۆزەمنىڭ نىنىنى ئۆزەم تىپىپيەي ، سەن جاپا تارتىڭ دىگەن سۆزىنى ئاڭلىسا نەقەدەر خوشال بولىدۇ ، نەقەدەرپەخىرلىنىدۇ ھە !

   قاسىم ھاجىم شەھەرگە بىرىپ بىر ئاز مەبلەغتوپلاش ئۈچۈن يەنىلا مەخەت لوبەننىڭ تويۇڭخانىسىدا ئىشلىدى. شۇ چاغلارداقەشقەردىكى پاكىستانلىقلاردا بىردىنلا ئىچكىرىدىن مال ئىلىش قىزغىنلىقى كۆتىرىلدى.ئۇلارمۇ ماللارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەرزانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى . شۇنىڭبىلەن قەشقەردىكى ئوردوچە بىلىدىغانلار بىر ئىككىدىن پاكىستانلىق خىرىدارلارنىباشلاپ ئىچكىرىگە يۈرۈش قىلدى.

  بىر كۈنى قاسىم ھاجىم تويۇڭخانىدا مالقاچىلاۋاتقاندا لالىخان كىرىپ كەلدى . ئۇ مەخەت ھاجىم بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللىشىپقاسىم ھاجىمنى كۆرۈپ قالدى .ۋە قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى .

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، كىي ھالى بۇرادەرقاسىمجان .(قاسىمجان قانداق ئەھۋالىڭىز)

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، لالىخان بۇرادەر ،كىياھالى تىكتاكى ئو ئاپسىلو(ياخشى ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئۆزىڭىزچۇ؟) .

  -قاسىمجان بۇرادەر ، يەنە كەلدۇكما ؟ بۇ يەردەئىش ياخشما، ئۆيدە ئانا،دادا ياخشىما؟

  -ياخشى لالىخان ، ئۆزىڭىزچۇ ؟

  -ئاللاھقا شۈكرى ،قاسىمجان بۇرادەر ،كاندائىشلا ياخشى بولۋاتامدا ؟

  -ھە ، خىلى ياخشى .

  -قاسىمجان بۇرادەر سىز بىلىسزگۇ ، مەن سىزگەئامراق ھە ، مەن كۇلىغا بارايمىكى دەيمەن .

  -نىمىشقا ؟ نىمە قىلىسىز ئۇ يەردە ؟

  -ئۇ يەردە نۇرغۇن نۇرغۇن فابرىكا باركەن ، مالئالىمىز ، بەك ئەرزان دەيدۇ .

  -شۇندامۇ ، ئۇنداقتا ياخشى گەپكەنغۇ ؟

  -قاسىمجان ، خەنزۇچە بىلەمسىز ؟

  -بەكمۇ بىلىپ كەتمەيمەن ، نىمە بولدى ؟

  -ئەمدى قاسىمجان ، مەن سىزگە ئامراقگۇ ، مەنبىلەن كۇلىغا بارامسىز ؟

  -مەن نىمىش قىلىمەن ؟

  - ئەمدى بارسىڭىز بىللە مال ئالىمىز .

  -ۋاي لالىخان ، مەندە پۇل بولمىسا ، نىمىگەئالىمەن ئۇ مالنى ؟

-ھەي قاسىمجان بۇرادەر، ماڭا ئالمامدۇك ، مەنپاكىستاندا ساتىمەن .

-لالىخان مەن يا خەنزۇچە بىلمىسەم ، مەن سىزگەئوخشاش دەيمەن .

-ھە ، قاسىمجان بۇرادەر ، ئەمدى مەن سىزگە ئامراق ئەگەر قىلالايمەن دىسىڭىز مەنبىلەن بىرىڭ ، كۈنىگە 50 كوي  بىرىمەن .

  -50 كوي .

  -ھەئە ، بەلكىم 15 كۈن تۇرامىز ، 15 كۈنگە 1000كوي بىرەيمۇ ؟

  قاسىم ھاجىم ئويلىنىپ قالدى ، 15 كۈندە 1000كوي بەرسە بۇ بەلەن سودىكەن ، لىكىن ئۇ يەردىكى خەنزۇلارنىڭ گىپىنى بىلىپ ،ماللارنى توغرا ئالالامەنمۇ ؟ توختا، ئادەم بولغاندىن كىيىن بىلگىنىمچە دەپ باقامە، بولمىسا شەرەت بىلەن چۈشەندۈرەمە . بولدى ،بارساممۇ باراي قىنى يا قاملىشىا ، يابىر نىمە بولا.

  -ئۇنداقتا قاچان ماڭىمىز لالىخان ؟

  -كىلەر جۈمەنى ئوقۇپ بولۇپ ماڭىمىز ، ئاۋۋالئۈرۈمچىگە بىرىپ ئاندىن خاڭجۇغا بارىمىز .

-ئۇنداقتا مەن تەييارلىق قىلاي لالىخان .

  قاسىم ھاجىم شۇنداق دىگىچە مەخەت لوبەننى تىپىپئۇنىڭغا بار ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ،ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ سەپەرنىڭ تەييارلىقىنىقىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى .

  ئۇ ئۆزىنىڭ پاكىستانلىق خىرىدار بىلەن بىللەئىچكىرىگە بىرىپ مال ئالىدىغانلىقىنى ئىيتقاندا ئانىسى ئايزىمخان قاتتىق قارشىتۇردى .

  -بالام ،توۋا دە، كۇلى دىگەن نە ئۇ بىلەمسەن ؟قانداق ئادەم بار بىلەمسى يا ؟ نەچچە كۈنلىك يول بىلەمسە شۇنى . بولدى ، سەنشەگىمۇ بارماي مۇشۇ يەردىن ھىچ يەرگە بارما ، خۇدايىم بەندىسىنى كەچ قويسىمۇ ئاچقويمايدۇ ، تاپقىنىمىزغا شۈكرى قىلىپ مۇشۇ يەردىرەك ياشايلى جۇما .

  -ئانا . مەن بىرىپ كەممەيمەن دىمىدىم ، بىرخىرىدار بىلەن مال ئالغىلى بارىمەن ، قىنى بىرىپ كۆرۈپ جاھاننىڭ ئەلمى ، تەلمىنىبىلىپ باقمامدىم . قانداق دىدىم دادا ؟

  -شۇنداق ئويلىغان بولساڭ ، مەيلى ، ئەمما كۇلىدىگەن بەك قالايمىقان يەر دەيدۇ ، ئۆزەڭگە ھىزى بولۇپ يۈرەلەسەنمۇ ؟

  -ۋوئۇش ، نىمە دەيدۇ ما ئەدەم –دىدى ئايزىمخانتىرىكىپ – ئەۋەتمەيمەن دەۋاتسام ، بارما دىمەي نىمە دەپ يۈرىيدىغاندۇ ؟

  -ماڭا قايلا خوتۇن ، بۇ جاھان بۇنداقلا ئۆتەپكىتىدىغان جاھان ئەمەس ، جاھان كۆرگەن يامان ئىشمۇ ئەمەس ، كۆپ كۆرگەن كۆپنىبىلىدۇ دەيدۇ ، بۇمۇ چوڭ بولدى . ئەمدى مۇشۇنچىلىك غەيرەتكە كىلىپ ئاۋۇ سەن بىزكۆرمىگەن يۇرتلانى كۆرۈپ كەلگەننىڭ زىيىنى يوق . بوپتۇ ، كۆزى ئىچىلسۇن. ماڭا قارابالام – قاسىم ھاجىم دادىسىغا قاراپ تۇراتتى – مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم ،ھەم مەندىنساڭا قالىدىغان ئودۇم شۇ بولسۇنكى ، ھەر قانچە مەنپەئەتىڭگە تاقىشىدىغان ئىشبولىسمۇ ، ھەتتا كاتتا مىليونىر بوپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ، سۆزۈڭدىن يانما،ئاغزىڭدىن چىققان سۆزگە ئىگە بولۇپ چوقۇم شۇنى قىل ، غۇرۇڭنى قوغدا ، غۇرۇردىنئايرىلغان ئەركىشىنى ئەر دىيىشكە بولىدۇ ، ئەركەك دىيىشكە بولمايدۇ . ئىسىڭدە چىڭتۇت .

  قاسىم ھاجىم دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى زىھىنقويۇپ ئاڭلىماقتا ئىدى . ساۋۇتاخۇن بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا قايتا قايتا دەيتى ، خۇددىبۇ گەپلەر قاسىم ھاجىمنىڭ يۈرۈكىگە چىڭ ئورناپ ، ئۇيۇپ كەتكەندەك قاسىم ھاجىممۇناھايىتى غورۇرلۇق دىگىنىم دىگەن دەيدىغان ، دىگەن سۆزىدىن يانمايتى،شۇڭا قاسىمجاھىل دىگەن لەقەم بىكارغا قويۇلمىغاندە .

  قاسىم ھاجىم ئۆيىدىكىلەر بىلەن خوشلىشۇپلالىخان بىلەن خاڭجۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى . يول ئازابى گۆر ئازابى دەپ نەچچەكۈنلۈك سەپەر ئۇلارنى خىلىلا چارچاتقان ئىدى. چارچاشتىن ھالىدىن كەتكەنئىككەيلەننى ۋوگزالدىن چىقىشىغا كۈتىۋالغىنى ئىللىق دۇنيا بولماستىن تىنجىق ھەمبەدبۇيلۇققا تولغان پويىز بىكىتى بولدى .

  جەنۇبىي رايون شۇنداقلا دىڭىز بويى رايونىبولغاچقىمۇ خاڭجۇنىڭ يازلىق ھاۋاسىغا ، تىنجىلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتى. پىژغىرىمئىسسىق ، دىمىق ھەتتا ئانچە مۇنچە چىقىپ قۇيىدىغان شامالمۇ ئىسسىق . پىيادە مىڭىشئەمەس ماشىنا ئاپتوبوسمۇ ، موتسىكلىت مىنسىمۇ ئىسسىقنىڭ دەردىدىن تۇرغىلى بولمايتى. ئەدناسى كۈن نۇرى چۈشمىگەن دەرەخ سايىلىرىمۇ تىنجىق ئىدى .

  قاسىم ھاجىم چوڭ شەھەر دىگەن بۇ شەھەر دىگەندەكچوڭ بولسىمۇ ئەمما ھاۋا ئىنتايىن تىنجىق ئىدى . ئۇلار ۋوگزالدىن چىققۇچە تەرگەچۈمۈلۈپ كەتتى .نەچچە كۈنلۈك سەپەر ھارغىنچىلىقى ، بۇ تىنجىق ھاۋا ئۇلارنىڭھاردۇقىغا خىلى ئاز بولمىغان ھاردۇقلارنى قوشۇپ قويغان ئىدى .

  -قاسىم بۇرادەر ، بۇ بەك قىززىقكەنگۇ ؟

  -شۇنى دەڭە لالىخان ، قانداق يەر بۇ ؟

  -ۋاي ۋاي ، مەن تىخى پاكىستاننى قىززىق دىسەمبۇ يەر تونۇركەنغۇ ؟

  -ئەمدى نەگە بارىمىز لالىخان ؟

  -مىڭىڭ ، بىز ئاپتۇستا سوشىڭغا (شاۋشىڭ)بارايلى ، بىز ئالىدىغان مال ئاشۇ يەردە .

  لالىخان قاسىم ھاجىمنى باشلاپ شاۋشىڭغا قاراپيۈرۈپ كەتتى .ئۇلار شاۋشىڭغا بىرىپ ياتاققا ئورۈنلىشىۋىلىپ ئاندىن ، ئەكەلگەن نان، گۆشلىرىنى يەپ قورسىقىنى ئەستەلىۋىلىپ ، ئارامغا تەگدى . ئەمما ھاۋا يەنىلاتىنجىق ئىدى . ياتاقتىكى شامالدۇرغۇچ پىرقىراۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن نەسالقىن شامال چىقسۇن،يەنىلا شۇ ئىسسىق شامال ئىدى. قاسىم ھاجىم بولالماي سوغۇقسودا يۇيۇنۇپ چىقىپ سەل ئارام تاپقاندەك بولۇپ كارۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى ، سەپەرجاپاسى ، تىنجىق ھاۋا ئۇنى خىلىلا ھالىسزلاندۇرغان بولسىمۇ ئەمما كىچىدىكى شۇدىمىق ھاۋا ئۇنى ئويقۇسىنى ھارام قىلماقتا ئىدى. ئۇ نەچچە سائەت ئۇخلاپ ئويغۇنۇپقارىسا پۈتۈن بەدىنى چىلىق تەر ئىدى . ئۇ يەنە سوغۇق سودا يۇيۇنۇپ چىقىپ بەدىنىنىئىيتقاچ دەرىزە يىنىغا كەلدى . پەستە ، ئىرىق بويلىرىدا ، ياتاق ئالدىكى قورۇئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدە نۇرغۇن خەنزۇلار چىغنىڭ تۆپىسىدە ئاران ، ئاران ئۇخلاۋاتاتتى، ئۇنى ئاز دەپ پاشىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايتى . بەزىلەر يىنىغا پاشاقوغلايدىغان كۆجىلەرنى يىقىۋالاتتى . قاسىم ھاجىم ئىچىدە : توۋا ماۋۇ خەق قانداقياشاۋاتقاندۇ ، ھىلىمۇ ئۆلەپ قالماپتۇ ، يا پانا ، قاندا يۇرت بۇ . قاسىم ھاجىمئۆرۈلۈپ لالىخانغا قارىدى . لالىخانمۇ تەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەن ئىدى . قاسىم ھاجىمئەمدى ياتاي دەپ تۇرۇشىغا لالىخان :

  -قاسىمجان بۇرادەر ، ئۇيقۇ يوقما ؟

  -ئۇنى بىر دىمەڭ لالىخان ، سىزچۇ ؟

   -مەندىمۇ ئويقۇ يوق ، نىمانداق جىق تەر بار بۇيەردە ؟

  -لالىخان سۇغا چۈشىۋىلىپ يىتىڭ ، خىلى سالقىنداپقالىدىكەنسىز ؟

-شۇندامۇ ؟ ماقۇل مەن چۈشەي ھازىر.........

  بۇ كىچە ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ جاپالىق بىر كىچەبولدى . ئويقۇسىمۇ ياخشى بولمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار سەھەر تورۇپ بامدات نامىزىنىئوقۇۋىتىپ ئاندىن يىرىم سائەت ئەتراپىدا قۇرئان ئوقۇپ تۇرىشىغا كۈنمۇ چىقتى .ھاۋامۇ دىمىقلىقتىن سالقىن بولۇشقا باشلىدى . قاسىم ھاجىم ، لالىخان ئەمدى خىلىراھەت ھىس قىلماقتا ئىدى . ئۇلار سەھەرنىڭ ساپ،سالقىن ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسئىلىپ ناشتا قىلىپ بولۇپ مال ئىلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .

  بازاردا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك خىرىدار ،تەرجىمانلار مىغ مىغ ئىدى ،نۇرغۇن چەتئەللىك خىرىدارلار مال ئىلىش ئۈچۈن گىپىنىئوقتۇرالماي ،تەرجىمان تاپالماي ئۇياق بۇياققا بۇيۇنداپ قارايتى .لالىخان قاسىمھاجىمنى ئەگەشتۈرۈپ بىر نەچچە دۇكانغا كىرىپ مال كۆردى ، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنىئاساسەن رەخت ئىدى . لىكىن نەچچە دۇكان نەق مال يوق ، زاكاس قىلىسابولىدىغانلىقىنى ئىيتى . ئەمما تەلىيىگە باشقا دۇكانلاردىن نەق مال تىپىلدى .لىكىن تىپىلغىنى ئۇلار ئەڭ كىرەكلىك مال ئەمەس ئىدى . ئۇلار بازارنى يىرىم كۈنئايلىنىپ بىر دۇكاندىن ئۆزىگە لازىم مال بارلىقىنى ئىككى كۈنگىچە پۈتتۈرۈپبىرىدىغانلىقى بىلدى . ئۇلار مال سانى ، سۈپىتى ،تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئىنىق پۈتۈشۈپزاكاس قىلىپ زاكالەت بىرىپ سودىسىنى ئاساسەن پۈتتۈرۋالدى . كىچىكىدىن ئىشقا پۇختاقاسىم ھاجىمدىن خۇجايىندىن ئەۋرىشكە تەلەپ قىلدى ، ئەمما خۇجايىن بەرگىلىمئۇنىمىدى، لالىخان ئۇنى بولدى ، ئەكەلگەندەك كۆرسەكمۇ بولىدۇ دىسىمۇ ئۇنىمايئاخىرى ئەۋرىشىكىنى ئىلىپ بىر كۈنلۈك سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياتاققا قايتى.

  ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇلار ئالدىن ئىسكلاتتا ماليىغىشقا كىرىشىپ كەتتى ، ئۇلار زاكاس قىلغان ئەڭ ئاساسلىق مىلى چۈشتىن كىيىن ،باشقا ماللار يىغىلىپ بولۇپ ناماز شامغا يىقىن كەلدى . خۇجايىن تالوننى كۆتۈرۈپكىلىپ مالنىڭ كەلگەنلىكىنى ساناپ پۇلىنى بىرىشنى تەلەپ قىلدى . قاسىم ھاجىم ئۇنىڭنىمىشقا بۇنچە كىچىكىپ يەنە كىلىپ كەچ كەلگەنلىكىدىن گۇمان قىلماقتا ئىدى .ئۇنىڭئۈستىگە ئۇ چاغلاردىكى چىراغلارمۇ ئۆينى ئاران يورىتاتتى ، ئىسكىلاتلارنى بولسائادەم ئادەمنى كۆرگىدەك دەرىجىدە يورىتالايتى. قاسىم ھاجىم خۇجايىننى چاقىردى :

  -ئاچە تاغارنى ، مالنى تەكشۈرىمەن .

  -ۋاي شىنجاڭلىق دوستۇم خاتىرجەم بۇلە ، مەنشىنجاڭغا ، پاكىستان ،ئافغانىستانغا نۇرغۇن مال سالىمەن ،مالدا ھىچقانداق مەسىلەيوق دەيمەن .

  -مالدا مەسىلە يوق .

  -ھەئە ، بىز دىگەن ئىناۋەتنى بۇلغىمايمىز .

  -راسلا مەسىلە يوقما ؟

  - يوق ، ماڭا ئىشەن دەيمەن .

  -ئەمىسە ، ئاچە تاغىرىڭنى ، مەسىلە يوق بولساقورقۇشىڭنىڭ ھاجىتى يوق .

  -ۋاي ماڭا ئىشەن دەيمەن ، ئاچساممۇ بەرىبىرئوخشاش .

  -ھە ، ئاچە قىنى ، بىر كۆرۈپ باقاي .

  -ۋاي ،كۆرمىسەڭمۇ ئۆزەمنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلىگەنمال بۇ .

   خۇجايىن قەستەن مالنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈنئۆزىنى ماختاپ ، قاسىم ھاجىمنى ئىشىنىشكە زورلايتى . لالىخان بولسا قاسىم ھاجىمنىجاھىللىق قىلما دەيتى . قاسىم ھاجىم ئاخىرى تاغارنى ئۆزى ئىچىپ مال قارىدى.قارىماققا مالدا مەسىلە يوق ئىدى . قاسىم ھاجىممۇ كەسپ ئەھلى بولمىغاچ پەرقئىتەلمىدى . لالىخان رەختنى كۆرۈپ :

  -قاسىمجان بۇرادەر ، مال شۇ كەن .

  -لالىخان ئالدىرماي تۇرۇڭ ، قىنى ئالدىرمايكۆرۈپ باقايلى ، بىز بۇنىڭغا چۈش سائەت بىر دە كەل دىسەك سائەت يەتتىدە كەلدى ،بۇنىڭدا بىر گەپ بار .

  قاسىم ھاجىم يىنىدىكى ئەۋرىشكىنى ئىلىپ مالنىسىلىشتۇردى ، شۇندىلا چاتاقنى بىلىپ يەتتى . خەنزۇ ئەكەلگەن مالنىڭ توقۇلۇشى قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەتكەن ماتىريال ئەۋرىشكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتى .قاسىم ھاجىمبۇ مالدا ساختىلىق بارلىقىنى ھىس قىلىپ لالىخانغا كۆرسەتتى .

  -قاراڭ لالىخان ،بۇ مالدا مەسىلە باركەن ، بۇئەۋرىشكە بىلەن ئەكەلگەن مالنىڭ ماتىريالى ئوخشمايدىكەن . بۇ ئاز مال ئەمەسلالىخان 120000 كويلۇق مال بۇ . ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.

  لالىخان مالغا سىنجىلاپ قاراپ ھەقىقەتەنئوخشىمايدىغانلىقى بىلىپ يەتتى .ئۇ قاسىم ھاجىمغا قاراپ :

  -قانداق قىلىمىز بۇنى ؟

  -قانداق قىلاتتۇق ، قايتۇرىمىز .

  -ئەمىسە دەڭ ، مالغا ساختىلىق قىپتۇ ئالمايمىزدەپ .

  قاسىم ھاجىم خۇجايىنغا ئەكەلگەن مال بىلەن ،ئەۋرىشكىنى كۆرسىتىپ :

  -ماڭا قارا ، مىنى ئەخمەق قىلالمايسەن ، ماڭاماۋۇ ئەۋرىشكىنى بىرىپ ماندا مال ئەكەپسە، بولدى ئالمايمەن ،پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر.

  -شىنجاڭلىق دوستۇم ، ئوخشاش دەيمەن ، بۇنىڭئەمدى بۇنچىلىك پەرقى بولمامدۇ .

  -ئازراق پەرقى بولسىمۇ ، بۇنداق چوڭ پەرققىلماس ، سەن زاۋۇتۇم بار دەيسەن ، ئەجىبا سەن مەنچىلىك بىر نىمە بىلمەمسە ؟

  -مەن شۇ بىلگەچكە دەۋاتىمەن . قارا بۇ ئوخشاش .

  -ئوخشاش ، ئەمسە ،توختاپ تۇر ، سودا سانائەتئىدارىسىگە بىرىپ ئايرىپ باقايلى ، ئۇلار ئوخشاش دىسە ئاندىن ئالاي قاندا ؟

  -ھەي ، ئۇنچىلىك قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى . ئەمدىبۇ مالنى سەن ئالمايسەن ، مەن ساڭا 5000 كوي بىرەي ،خىرىدارغا دەپ قۇيە ئىلىۋەتسۇن.

  -ئۆزەڭ دە بىرىپ ، مەن ئۇنداق 5000 كويدا كۆتۈمنىمۇئىيتمايمەن جۇمۇ .مەن ئالمايمەن دىدىمۇ ئالمايمەن .

  خۇجايىن لالىخاننىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزرە ئىيتىپچۈشەندۈرۈشكە باشلىدى :

  -ماڭا قارا ، بۇ قىتىم زاۋۇتتىكىلەر خاتا قىلىپقويۇپتۇ ، ئەمدى بۇ ماللارنى باشقىلارغا قانداق ساتىمەن ، خاپا بولماي ئىلىپقويساق ، مەن 10000 كوي كۆتىرىۋىتەي .

  لالىخان چۈشەنمەي قاسىم ھاجىمدىن سورىدى .قاسىم ھاجىم ئەينەن تەرجىمە قىلىپ بەردى . ئەمما لالىخان قوشۇلمىدى . خۇجايىن ھىلىلالىخانغا ، ھىلى قاسىم ھاجىمغا ھارماي چۈشەندۈرۈپ ئاخىر 120000 كويلۇق مالدا50000 كوي كۆتىرىۋىتىپ 70000 كويغا ساتماقچى بولدى ، ئەمما قاسىم ھاجىم قوشۇلمىدى.

  لالىخان 50000 كوينى ئاڭلاپ سەل يۇمشاپ قالدى .ئاندىن قاسىم ھاجىمغا ؛

   -قاسىمجان بۇرادەر ، 70000 كويغا ئالامدۇق ،پاكىستاندا ساتقىلى بولىدۇ .

  -ياق ، ئالمايمىز .

  -نىمىشقا ؟

   -مەن ئۇنىڭغا بىكارغا بەرسەڭمۇ ئالمايمىز دىدىم.

  -بولدى ئىلىۋىرەيلى .

  -لالىخان ، مىنى قەشقەردە نىمە دەيدۇ بىلەمسىز؟

  -قاسىمجان دەيدۇ .

  -شۇنداق قاسىمجان دەيدۇ ، لىكىن لەقىمىم قاسىمجاھىل بىلەمسىز ؟

  -ھە ، ئاڭلىغان .مەلۇم بار .

  -مەن سۆزۈمدىن قەتئىي يانمايمەن . بۇ ھازىر بۇمىلىدا 50000 كوي يىنىپتۇ ، ئەگەر بىكارغا بىرىپ تۆپىدىن يەنە 50000 كوي بەرسىمۇمەن ئالمايمەن . ئەگەر ئالىمەن دىسىڭىز سىز ئىلىڭ ، ئەمما ئىككىمىزنىڭ مۇئامىلىسىمۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ . مەن سۆزۈمدىن يانمايمەن . ھەر قانچە ئالتۇن تاغ ئەكىلىپبەرسىمۇ سۆزۈمدىن قەتئىي يانمايمەن .

  -بولدىقاسىمجان ، بۇنداق جاھىلللىق قىلماڭ . بۇ قەشقەر ئەمەس .

  -لالىخان ، ئەمىسە ئاللاھ ئامانەت ، بۇ يەرسىزگە قالدى ، ئالامسىز ئالمامسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى مەن كەتتىم .

  قاسىم ھاجىم ئارقىسىغىمۇ قارىماي كىتىپ قالدى ،بايىدىن  بىرى ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەن ، بولۇنغانئىشلارنى كۆرگەن يەنە بىر پاكىستانلىق خىرىدار ھەيدەرخان ئىسىملىك خىرىدار قاسىمھاجىمنىڭ ئەركەكتەك مىجەزىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئارقىدىن چىقىپلا :

  -قاسىمجان بۇرادەر ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،توختاڭ – دەپ چاقىردى .

  - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەندە بىر ئىشىڭىز بارما؟

  -سىز نىمىشقا ئۇ خەنزۇ پۇل بىرەي دىسەئالمايسىز ؟ ئۇ مالمۇ ئەرزان توختىدى ، پاكىستاندىمۇ ياخشى ساتقىلى بولىدۇ ،خىرىدارغىمۇ ، سىزگىمۇ ياخشى پايدا قىلاتتى .-ئەمىليەتتە ھەيدەرخان قاسىم ھاجىمنىسىناۋاتاتتى .

  -سىز نىمە ئادەم ؟

  -مەن ھەيدەرخان ، مەنمۇ سودىگەر .

  -ھەيدەرخان ، مىنىڭ تۇرمۇشۇم ھەر قانچە نامراتبولۇپ كەتسىمۇ ، مەن خەقنىڭ ھەققىگە قول سۇنمايمەن ، چاڭ سالمايمەن . ئۇنداق پۇلبۇ ئالەمدە ھارام ، ئۇ ئالەمدە كىشىنىڭ ھەققى بولىدۇ ، كىشى ھەققىدىن ئاللاھمۇئۆتەلمەيدىغان تۇرسا ، مىنىڭ ئۇنداق چوڭ گۇناھ قىلىغۇم ، قىيامەتتە بارچە خەلقئالدىدا رەسۋا بولغۇم يوق . ئاللاھ مىنى ياراتتى ، مىنىڭ رىزقىمنىمۇ بىللە قىلىپياراتتى . يەنە بىر گەپ مەن قەتئىي ۋە قەتئىي سۆزۈمدىن يانمايمەن . قىلىمەن دىدىمقىلىمەن ، قىلمايمەن دىدىم قىلمايمەن . بىر دىگەن بىر ئىككى دىگەن ئىككى .

  -يارايسىز بۇرادەر ، ئەمىسە بۇندىن كىيىن مىنىڭمىلىمنى سىز ئىلىشىپ پاكىستانغا سىلىپ بىرىڭ . مۇشۇ يەردە تۇرۇپ مال سالسىڭىزمۇبولىدۇ ، مەن پاكىستانلىق خىرىدارلارنى سىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن ، ھەر قىتىملىقسودىنىڭ بەش پىرسەنتى سىزنىڭ قانداق؟

  -مەن ئويلىشىپ كۆرەي .

  -بولدى ئويلاشماڭ ، ئەتە مەن بىلەن بازار چىقىپمال ئىلىڭ ، ئاندىن مۇشۇ ئىسكىلاتتا يىغىپ پاكىستانغا سالىمىز .

  -نەچچە كۈن كىتەر شۇ ئىشلارغا ؟

  -بەش كۈن كىتىدۇ . نەچچىلىك مال ئالسام شۇنىڭبەش پىرسەنتى سىزنىڭ .

  -ھە مەيلى . ئەمىسە ئەتە كۆرىشەيلى .

  -نىمىنى ئەتە كۆرىشىمىز ، ھازىر بىللە تاماقيەپ ئاندىن مىنىڭ ياتىقىمغا كىتىمىز ، بولدى سىز ھازىردىن باشلاپ مەن بىلەنئىشلەيسىز بارلىق چىقىم مەندىن .

  - بۇ .....

  ئاڭغىچە لالىخان چىقىپ كەلدى .

  -قاسىمجان بۇرادەر ، بولدى خاپا بولماڭ ، ئۇمالنى ئالمايلى ، ئەتە يەنە باشقا يەردىن كۆرەيلى .

  -لالىخان ، ئەمدى ئۇ ئىشلارنىڭ مەن بىلەنئالاقىسى يوق ، مەن سۆزۈمدىن يانمايمەن ، گەرچە ئىككىمىز ھەمسەپەر بولۇپ كەلگەنبولساڭمۇ ، مەن بايا مۇئامىلىمىز ئاخىرلاشتى دىدىم .خۇشۋاخ بولۇڭ .

  -قاسىم بۇرادەر ، بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ .ئۇنداقتا مەن سىزگە پۇل بەرمەيمەن .

  -مەن تىخى سىزگە پۇل دىمىدىمغۇ ؟ ئەگەر پۇلنىدىگەن بولسام بايا خەنزۇ 10000 كوي بىرەي دىگەن ،شۇنى ئالساممۇ سىز بىرىدىغان 1500كويدىن خىلى جىق بولا بولغۇيتى ، تىخى ئايرۇپىلاندا كەتسەممۇ يەتتە ،سەككىزمىڭ كويئاشاتتى ماڭا .

  -قاسىمجان بۇرادەر ، مەن ئەپۇ سورايمەن ، بۇماللارنى ئىلىۋىتەيلى.

  -لالىخان ، خاپا بولماڭ ،سىز باشقا تەرجىمانتىپىڭ ، ئەمدى سىز بىلەن ئىشلىيەلمەيمەن . مىنىڭ سۆزۈم ئاتقان ئوق ، ئوق ھىچقاچانكەينىگە يانمايدۇ .

  قاسىم ھاجىم لالىخانننىڭ قايتا-قايتا ئەپۇسورىشىغا ئۇنىماي ھەيدەرخان بىلەن يۈرۈپ كەتتى .

  ھەيدەرخان قاسىم ھاجىم قەتئىي مىجەزىنى ، ئىشقاپۇختا ھەم دىيانەتلىك ، ئىسىل ئادەملىكىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى ، تۇنجى سودا سوممىسىلا 235000 كويدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ قاسىم ھاجىمغا قالىدىغان پايدىسى 11500 يۈەندىن ئارتۇق ئىدى . شۇنىڭ بىلەنھاجىمنىڭ ئىچكىرىدىكى تەرجىمانلىق ھاياتىمۇ رەسمىي باشلاندى .

  ھەيدەرخان ئۇنىڭغا پاكىستاندىن چوڭسودىگەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ قويدى، ھاجىممۇ ئىشنى پۇختا ئەستايىدىل قىلىپ ئۇلارنىڭمۇھۆرمىتىگە ئىرىشىتى . يىلدا نەچچە مىليونلۇق سودىنى خىرىدارلار بىلەن بىللە قىلىپخىلىلا پۇل تاپتى . ئۇ تەرجىمانلىق جەريانىدا پارس تىلىنىمۇ ئۆگىنىپ ئافغانخىرىدارلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى . كۈندە يىگىرمە ئوتتۇز خىرىدار ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدامال ئالايلى دەپ تۇرۇپ كىتەتتى ، ئۇ ئاۋال يىرىمىنى ئىلىپ چىقىپ ماللارنى ئىلىپبولۇپ ، چۈشتىن كىيىن قالغان يىرىمىنى ئىلىپ چىقاتتى . شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇخىرىدارلارنىڭ مىلىنى تەكشۈرۈشتە قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلمايتى . ئۇنىڭ بۇنداقئەستايىدىللىقىنى ، پۇختىلىقىنى كۆرگەن خىرىدارلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىبارغانچە ئىشىپ كىيىنكى كۈنلەردە ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپلا مال زاكاس قىلىدىغان بولدى. قاسىم ھاجىم شۇ تۇرغىنىچە شاۋشىڭدا يەتتە يىل تەرجىمانلىق قىلىپ نەچچە مىليون پۇل تىپىپ ئاخىرى دادىسىنىڭ<سۆزۈڭدىن يانما، ھەرقانچە مەنپەئەتىڭگە تاقاشسىمۇ سۆزۈڭدىن يانما> دىگەننەسىھىتىنىڭ نەتىجىسىدە ، ئۆزىنىڭ تىرىشچان ، دىيانەتلىك ، قەتئىيلىكى بىلەنئاخىرى كۆزلىگەن مەنزىلىگە يىتىپ ئىگىلىك تىكلەپ ، يۇرتتىكى قاسىم جاھىل دىگەندىنقاسىمباي دىگەن نامغا مۇيەسسەر بولدى . بورۇن ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلار ئەمدىلىكتەئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمما ھاجىم دەل مۇشۇنداقئادەملەرگە قاتتىق ئۆچ ئىدى .

   قاسىم ھاجىم يۇرتىدا ئاساسەن جىق تۇرمايتى ،چۈنكى خىرىدارلا ئۇنى جىم تۇرغۇزمايتى ، قاسىم ھاجىم ئۆزىنىڭيىتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ئىنىسى ئالىمنى بىللە ئىلىپ كەتتى. ئالىمۇ باشتاتىلدا سەل قىينالدى ، ئەمما تۇرغانچە پىشىپ يىتىلىپ خىلى پىشقان تەرجىمانلاردىنبولۇپ قالدى . ئەمما ئۇ ئاكىسى بىلەن تامام ئىككى دۇنيا ئىدى . ئۇ ئاكىسىدەكقەتئىي بولماستىن سالاغا بوش بالا ئىدى .چۈنكى ئۇ ئاكىسى يۇرتتا يوق چاغلاردامەھەللىدىكى داشقال بالىلار بىلەن ئارلىشىپ كەيپخۇمار بولۇپ قالغان ئىدى.ئۆيدىمۇئېتىز –ئىرىق ئىشلىرىنى ئىنىسى سادىرچىلىكمۇ قىلالمايتى ، ئاكىسىغا ئەسلا يەتمەيدۇ، ساۋۇتاخۇن بىلەن ئايزىمخانمۇ ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندا قانداق قىلا دەپ خىلىلائەنسىرەيتى.

  ئۇ مالئالغىلى چىقىپ قالسا قاسىم ھاجىمدەك ،كىلەمدۇ كەلمەمدۇ دەپ كەسكىنلا گەپ قىلمايتى.بەزىدە بىر ئىككى مو ئۈچۈن خەنزۇلارغا دىمىگەن گىپى قالمايتى ، شۇڭاخىرىدارلارنىمۇ سەل زىرىكتۈرۈپ قوياتتى ، ئەمما ئۇنىڭ بىر ئەسكى تەرىپى بار ئىدى ،ئۇ بولسىمۇ خەنزۇ خۇجايىنلاردىن شىرىنكانە ئىلىش ئىدى ، ئەمما بۇنى قاسىم ھاجىمبىلمەيتى ، بىلىپ قالسا ئالىم بىلەن تەركى دۇنيا بۇلۇپ كىتەتتى . خۇددى پاختىنىڭپاختىنىڭ ئىچىدە ئوت ساقلىغىلى بولمىغاندەك ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىمۇ ئوزۇنغا بارمىدى .

  ئۇ بىر خىرىدارغا 60000 كويلۇق مال ئىلىپ بىرىپخەنزۇدىن 2000 كوي شىرىنكانە تەلەپ قىلدى. خەنزۇمۇ بەردى ، ئەمما مال تاپشۇرغانكۈنى ئويلىمىغاندىن مالغا ساختىلىق ئىشلەتكىنىنى قاسىم ھاجىم بىلىپ قىلىپ مالنىقايتۇرۋەتمەكچى بولدى ، بۇنى ئاڭلاپ خەنزۇ خۇجايىن ئالىمغا ئاكىسىغا خىزمەتئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى، ئالىم :

  -ئاكا ، بىرە قىتىم ئۇنچىلىك بوپ قالمامدۇ ،ئاينىڭمۇ دىغى بار جۇما ، بولدى ئەپ قۇيىلى .

  -نىمىنى ئەپ قۇيىسەن ، خىرىدار ساڭا ساختا پۇلبىرىپ ئالمىغاندۇ ما مالنى ، سەن خەنزۇغا مىلىغا ئوخشاش ساختا پۇلدىن بىرنى بىرەقىنى ماقۇل دەمدىكى . قايتۇرە ما مالنى .

  -ۋاي ، ئاكا بىرە نۆۋەت بولدى قىلساڭ .

  -نىمىنى بولدى قىلىسەن ، بۇ سەن بىلەن مىنىڭئوتتۇرامدىكى ئىش ئەمەس ، ئا بىزگە تاغدەك ئىشەنگەن خىرىدارلارنىڭ ئامانەت ئىشى ،ئامانەتكە خىيانەت قىلساڭ مۇناپىق بولىسەن ، مۇناپىق دىگەن باغۇ ئۇكام ،دوزاختاكاپىردىنمۇ بەكرەك ئازاپلىنىدۇ بىلەمسەن شۇنى. بولدى ، گەپنى جىق قىلماي ، بۇمالنى قايتۇر .

  ئالىم ئاكىسىغا تەڭ كىلەلمەيدىغانلىقىنى ھىسقىلىپ مالنى قايتۇرماقچى بولدى . ئەمما ئويلىمغان يەردىن خەنزۇ خۇجايىن :

  -ئەمىسە ھىلىقى 2000 كوينى 5000 كوي قىلىپقايتۇرە ، سەن ما مالنى سىتىپ بىرىمەن دەپ مەندىن 2000 كوي ئالغانغۇ ، ئەمدى 5000كوي ئالىمەن سەندىن ، يا بۇ مالنى ئالىسەن، يا 5000 نى تۆلەيسەن –دەپ قايناپلاكەتتى .

  -نىمە 2000 كوي ئۇ ، نىمە دەۋاتىسەن –دىدىقاسىم ھاجىم غەزەپ بىلەن .

  - ما ئۇكاڭ مەندىن 2000 كوي ئىلىپ ما مالنىسىتىپ بىرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ، ساتالمىغاندىن كىيىن ئۆسۈمى بىلەن تۆلەيدۇ ،بولمىسا بولدى قىلمايمەن .

  -ئالىم ماۋۇ نىمە دەۋاتىدۇ – قاسىم ھاجىمئالىمغا تىكىلىپ تۇراتتى ، مۇشلىرىمۇ تۈگۈلۈپ كەتكەن ئىدى .

  - ئاكا ، بۇ ، بۇ .

  -نىمە دەۋاتىدۇ دەيمەن ؟

  -مەن شۇ ...شۇ....

  -دىمەك سەن بۇنىڭدىن پۇل ئىلىپ مىنىڭ بۇرۇتۇمغاچالما تىزىۋاتامسەن .

  -ياق ئاكا ، ئەمدى خەقمۇ قىلىدىكەن . شۇڭا،مەنمۇ .....

  -سەل توختاپ تۇر ھە .

  قاسىم ھاجىم يىنىدىكى بىر تۇتام پۇلنى ئىلىپخەنزۇغا بەردى .

  -تۇتە ، ماۋۇ ئون مىڭ ، ئاشقىنىنى قايتۇرما ،قىنى سەن مۇشۇنداق ساختىلىق قىلىپ قانچىلىك تىجارەت قىلالايسەنكى ،قاراپ تۇردۇكىنىڭنى 3 ئايغىچە تاقىۋەتمىسەم ، ئىسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن .

  -قولۇڭدىن كەلسە مەن تەييار ،كىم ئاخىرغىچەكۈلەلەيدۇ قىنى ،كۆرىمىز-خەنزۇ شۇنداق دىگىنىچە كىتىپ قالدى .

  قاسىم ھاجىم ئالىمغا قاراپ :

  -ھەي ماز گۇي ، پۇلۇڭ تۈگىسە ماڭا دىمەمسە ، ۋەئىشتنىڭ بالىسى ، ھە ، مەن ساڭا خەقنىڭ ھەققىدىن قورق ، دىيانەتلىك بول ، ھالالياشا دەپ نەچچە قىتىم سۆزلىدىم دەيمەن،ھە ،  يەنە تىخى خەقمۇ قىپتىكەن دەيسىنا ، خەق پوقيىسە يەمسە، يا سەن خەق بىلەن بىر گوردا ياتامتىڭ ؟  سىنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابىڭ مۇشۇما ، ۋايسولامچى گۇي ، ئەستا، ئانامنىڭ بالىسى بولمىغان بولساڭ مۇشۇتاپتا چانىۋىتىم سەنھىجىقىزنى ، يوقالە ۋە سولامچى ، ھايۋان گۇي ، ماڭا ھازىرلا يۇرتقا بىرىپكەتمىنىڭنى چاپ ، ساڭا شەھەر ياراشمىغاندىن كىيىن بىرىپ شۇ توپىدا ياشا.......

  قاسىم ھاجىم ئەنە شۇنداق كەسكىن ئادەم ،ھەرقانداق كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ ، كىمكى راستچىل ، ۋىجدانلىق بولساقاسىم ھاجىم ئۇنىڭدىن قىنىنىمۇ ئايىمايدۇ . كۆرىۋاتىسىز ئۆز ئىنىسىنىڭ ئازراقلاخاتالىقىغىمۇ سەۋر قىلالماي ، يۇرتقا ھەيدىۋەتتى .

  قاسىم ھاجىم ئالىمنى يولغا سىلىۋىتىپ ھىلىقىخەنزۇنىڭ دۇكىنىغا باردى ، دۇكاندا ئىككى پاكىستانلىق خىرىدار مال ئالماقتا ئىدى .قاسىم ھاجىم ئىككەيلەن بىلەن چىرايلىق كۆرىشتى :

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەرلار ، قانداقئەۋالىڭلا ؟

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر قاسىم ، ياخشىتۇردىڭىزمۇ ؟

  -ئاللاھقا شۈكرى ، قانداق مال ئىلىۋاتامسىلە؟

  -ھە ، بۇ رەختتىن ئالايلى دەيمىز .

  -بۇ خەنزۇ مۇشۇ بازاردىكى ئەڭ ساختىپەز دۇكانچىبۇ ،مىلىمۇ ساختا ، بۇنىڭدىن مال ئالماي ، بىزنىڭ چۆپقەتلەردىن ئىلىڭلا،سۈپەتلىك،باھاسىمۇ بۇنىڭدىن ئەرزان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستىگە ئۆزۈم چىقىرىپ بىرىمەن .-قاسىمھاجىم شۇنداق دەپ ئۇ خىرىدارلارنى ئىلىپ چىكەتتى . قاسىم ھاجىم پاكىستان ،ئافغانىسانغا بارمىغان بولسىمۇ ئەمما ، خىرىدارلىرى ، قاسىم بۇرادەر جۇڭگودىكى ئەڭنوچى تەرجىمان دەپ تەشۋىق قىلىپ شۇ يەردىمۇ بەلگىلىك ئىناۋەتكە ئىگە قىلغان ئىدى ،ھەتتا بەزى يىڭى خىرىدارلار قاسىم ھاجىمنىڭ نامىنى ئاڭلاپلا ئۇدۇل ئىزدەپ كىلەتتى. شۇڭىمۇ رەخت بازىرىدا قاسىم ھاجىمنىڭ ئىناۋىتى خىلى يوقىرى ئىدى ، چەتئەللىكخىرىدارلار ئەمەس ، بەلكى يەرلىك دۇكان ئاچىدىغانلارمۇ ئۇنى قاتتىق ھۆرمەتلەيتى .

  شۇنداق قىلىپ قاسىم ھاجىم ھەركۈنى بازارغابىرىپ ئاشۇ خەنزۇنىڭ دۇكىنىدىكى خىرىدارلارنى بىر بىرلەپ ئىلىپ چىكەتتى ، شۇخەنزۇنىڭ ئۆزىنىڭ خاس ماللىرىنىمۇ باشقا دۇكانلاردىن ئىلىپ بەردى ، ئەلۋەتتە باشقادۇكانلارنىڭ باھاسى ئۇنىڭكىدىن پەرقلىنەتتى ، ئۇ چاغدا قاسىم ھاجىم ئۆز يىنىدىنتولۇقلاپ بىرەتتى . شۇنداق قىلىپ قاسىم ھاجىم ئىككى ئايغا قالماي ،ئۇنىڭ بارلىقخىرىدارلىرىنى تامام تارتىپ ئەكەتتى .

  بىركۈنى چۈشتە قاسىم ھاجىم پىشىن نامىزىغاماڭاي دەپ تۇرىشىغا ھىلىقى خەنزۇ كىرىپ كەلدى :

  -كا لوبەن ، ياخشىمۇ سىز  ؟

  -مىنىڭ ئىسىم قاسىم ، كا لوبەن ئەمەس .

  -ھە، خاپا بولماڭ ، قاسىم ، ئەمدى ئۆتكەندەئاچچىقىمدا ئەپلەشمىگەن ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويۇپتىمەن ، ئەمدى كۆڭلىڭىزگە ئالمايكەچۈرۋەتسىڭىز. بۇ ئازراق كۆڭلۈم دەپ – تۆپىگە 50000 مىڭ دەپ يىزىلغان چەكنىئۇنىڭغا ئۇزارتتى .

  -ھە ، كىم ئاخىرغىچە كۈلىسە شۇ نوچى دىگەننىكىم دىگەنتى ؟

  -ۋاي ، قاسىم لوبەن ، ئەمدى ئادەم ئاچچىقىدانىمىنى دىمەيدۇ ، سىز دىگەن چوڭ لوبەن ، خاپا بولمىسىڭىز .

  -قارا ، مەن سۆزۈمدىن يانمايمەن ، مەن ساڭادۇكىنىڭنى تاقىۋەتمىسەم ئىسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن دىگەنغۇ ، سىنىڭ دۇكىنىڭنى تاقايمەندەپ ھىلىمۇ يۈز نەچچە مىڭ كوي خەجلەپ بولدۇم، ئەمدى بولغاندا 50000 كوي بىلەن خاپابولما دىسەڭ بولماس .

  -ۋاي ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ – دەپ تۇرىشىغا قاسىمھاجىم :

  -ماڭا 50000 كوي ئەمەس 50 مىليون ئەكىلىپبەرسەڭمۇ ، مەن دىگىنىمنى قىلىمەن ، ماڭا يالۋۇرماي ، يا چىقىپ دۇكىنىڭنى ئاچ ، ياتاقا . مەن چىكەتتىم، ئەگەر پۇلۇم ئاقمىسا ، زوراۋانلىق بىلەن ئىش قىلىمەن دەپئويلىغان بولساڭمۇ مەن ھەر قاچان تەييار . دۇكىنىڭنى تاقايمەن دىدىممۇ تاقايمەن .-قاسىمھاجىم شۇ گەپلەرنى قىلىپلا چىقىپ كەتتى،خەنزۇ خۇجايىنمۇ ئۆمۈرىدىكى بۇ ئورنىنىتولدۇرۇپ بولغۇسىز چوڭ خاتالىقىنىڭ ئاچچىق بەدەلىنى قوبۇل قىلىپ چىقىپ كەتتى .شۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە كۈندە ئۇ دۇكىنىنىمۇ تاقىدى ، ئۇنىڭ دۇكان تاقاش سەۋەبىنىبىلگەن بازاردىكى خوشنىلىرى قاسىم ھاجىمنىڭ بۇ قەدەر جاھىل ،قىلىمەن دىگىنىنىقىلىدىغان ئەركەك مىجەزىنى بىلىپ ماللارغا ساختىلىق قىلمايدىغان، ئۇنى تىخىمۇھۆرمەتلەيدىغان بولدى ،كۆرسىلا سالام قىلىدىغان، توغرىسىنى ئىيتقاندا ئۇنىڭدىنتىخىمۇ قورقىدىغان ، يىتىرقايدىغان بولۇپ كەتتى ......................


                                                                                 6-مانا مەن ھەقىقىي ئۇيغۇر


  بىر يىلى قاسىم ھاجىم يۇرتقا قايتىپ ، خوتۇنبالىلىرىنى ئىلىپ بىللە شاۋشىڭغا قايتماقچى بولۇپ ئايرۇپىلان بىلىتى ئالغىلى كەلدى، ئەمما چاغان مەزگىلى بولغاچقا خاڭجۇنىڭ بىلىتى قىس بولۇپ كەتكەن ئىدى ، شۇنىڭبىلەن قاسىم ھاجىم شاڭخەينىڭ بىلىتىنى ئىلىپ شاڭخەيگە ماڭدى .ئايرۇپىلان چۈشتىنكىيىن سائەت ئۈچتە ئۈرۈمچىدىن پايانسىز ئاسمانغا قاراپ كۆتىرىلدى . شۇ ئۇچقىنىچەبەش سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا شاڭخەي خۇڭچىياۋ ئايروپۇرتىغا قوندى .


   قاسىم ھاجىم خوتۇن بالىلىرىنى ، يۈكتاقىلىرىنى ئىلىپ ئايروپورتتىن چىقتى ، بۇ چاغدا سائەت ئاللىبۇرۇن ئوندىن ئاشقانئىدى. قاسىم ھاجىممۇ <ئەمدى نەچچە يىل تىجارەت دەپ بىقىنىمدىكى شاڭخەيگە كىلىپئويناپ باقماپتىمەن ،  ئەمدى بۇ قىتىم خۇدائىرادە قىلغان ئوخشايدۇ ، بالىلىرىم بىلەن نەچچە كۈن ئويناپ ئاندىن ماڭاي ،بەرىبىر بازارمۇ تولۇق ئىچىلىپ بولمىدى> دىگەن خىياللار بىلەن تاكسىغا چىقماقچىبولۇپ ماڭدى ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىيالى ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغانقىسمەتلەرنى ئىلىپ كىلىشىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتى .


  قاسىم ھاجىم تاكسىغا چىقىپ شەھەر ئىچىگە دەپلامىڭىپ كەتتى ، تاكسى شوپىرى :


  -شاڭخەي بەك چوڭ ، سەن نەگە بارىسەن ؟


  -پاكىزراق ياتاققا ، بىراق شەھەرنىڭمەركىزىدىرەك بولسۇن ھە .


  -چاتاق يوق .


  تاكسى تەخمىنەن يىرىم سائەت ئەتراپىدا مىڭىپ شۈخۈيرايونىدىكى بىر يەتتە قەۋەتلىك مىھمانخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى . قاسىم ھاجىمتاكسىدىن چۈشۈپ خوتۇن بالىلىرىنى ئىلىپ كىردى .ۋە مۇلازىمغا ئۇدۇللا قىلىپ :


  - ماڭا قوش كىشىلىك ياتاق لازىم ، ئازادىراقبولسۇن –دىدى . مۇلازىم ئۇنىڭغا بىر قۇر قارىۋىتىپ ؛


  -ياتاق يوق . باشقا ياتاققا بىرىپ باقساڭ –دىدى.


  -ياتاق يوق ؟


  -شۇنداق ، ياتاق تۈگەپ كەتتى .


  قاسىم ھاجىم نائىلاج سىرتقا قاراپ يەنە باشقامىھمانخانا ئىزدەپ ماڭدى . ئۇزۇن ماڭمايلا يەنە بىر ياتاققا كەلدى ، ئەمما نەتىجەيەنىلا ياتاق يوق بولدى . قاسىم ھاجىم بەش-ئالتە مىھمانخانىغا كىرگەن بولسىمۇيەنىلا ياتاق يوق دىگەن جاۋاپتىن باشقىسى چىقمىدى. توساتتىن ئۇ نەچچە يىل ئىلگىرىدوسلىرى بىلەن بولغان پاراڭ ئارىلىقىدىكى <شاڭخەيدە ئۇيغۇرلارغا ياتاقبەرمەيدىكەن> دىگەن گىپىنى ئەسلەپ قالدى .ئۇ ئويلىماقتا ئىدى : مەن تىخى ئۇ ئاغىنىلەرنىقىزغىنىپ يالغان سۆزلەۋاتامدىكى دەپتىكەنمەن ، راست ئوخشىمامدۇ ، توختا، مەنباشقىچە ئۇسۇلدا سىناپ باقاي .>قاسىم ھاجىم بايا كىرگەن ياتاقلارنىڭ بىرىگەسىرتتا تۇرۇپ تىلفۇن قىلدى :


  - ياخشىمۇسىز ئەپەندىم – مۇلازىم ئەدەپ بىلەنتىلفۇننى ئالدى


  -ياخشىمۇسىز ماڭا ياتاق لازىمتى ، سىلەردەياتاق بارمۇ ؟


  -قانداق ياتاق لازىم ؟


  -قوش كىشىلىك ، ئازادىرەك ياتاق بارمۇ ؟


  -بار ئەپەندىم ، بىر كۈنلىكى 458 يۈەن ، زاكاسقىلامسىز ؟


  -شۇنداق بەش كۈن تۇرىمەن .


  -بولىدۇ ، ئەپەندىم ، فامىلىڭىز ؟


  - نومۇرۇمنى خاتىرلىۋىلىڭ ، مەن ھازىرلابارىمەن .


  قاسىم ھاجىم بىر ئاز تۇرۇپ ياتاققا ئۈسسۈپكىردى .ئۇنى كۆرگەن مۇلازىملار :


  -يەنە كەپسىزغۇ ، ياتاق يوق دىدۇققۇ ؟


  -ياتاق يوق ؟


  -شۇنداق ، ياتاق تۈگىدى ، بوش ياتاق يوق .بايادىدىمغۇ ؟


-مەن تىخى ھازىر بىرنى زاكاس قىلدىمغۇ ؟


  -فامىلىڭىز نىمە ؟


  -نومۇرۇمنى قويۇپ قويغان .


  -نومۇرىڭىز قانچە ؟


قاسىم ھاجىم نومۇرىنىدەپ بەردى ، ئەمما مۇلازىم ئۇنداق زاكاس يوقكەن دەپ ئىنكار قىلدى . قاسىم ھاجىمنىڭغەزىپى تىشىپ ۋارقىراپلا كەتتى :


  -ھە قاسىڭ ، مىللى بۈلگۈنچىمۇ ؟ ھە ، نىمىشقازاكاس قىلغاندا ياتاق بار مۇنچە پۇل دەيسەن، ئەمدى كىرسەم ئۇنداق ياتاق يوقدەيسىنا ؟ دىيىشە ، ھە قاسىڭنىڭ نىمە غەرزى بار ؟ يا مەن بىكارغا ياتىمەن دىدىممۇ؟ مەن سىلەرنى سوتقا ئەرزى قىلىمەن ، ما ئىش توغرىسىدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماڭاچۈشەنچە بىرىش ، بولمىسا مەن بۇ يەردىن كەتمەيمەن .....-قاسىم ھاجىم دەتالاشقىلىۋاتاتتى .مۇلازىم ھاجىمغا تەڭ كىلەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ ، خۇجايىنىنىچاقىردى ، خۇجايىن يىرىم ئۇيقۇ چۈشۈپ :


  -نىمە ئىش بولدى ؟-دەپ سورىدى. مۇلازىم بولغانئەھۋاللارنى ئىيتىپ بەردى . خۇجايىن ھىچقانچە ھۇدۇقماستىن:


  -بىز شىنجاڭلىقلارنى قوبۇل قىلمايمىز ، باشقايەرگە بارغىن –دەپ تۇرىشىغا ، قاسىم ھاجىم چىچىلىپ كەتتى .


  -شىنجاڭلىقلا ھە قايسىڭنى قانداق قىلغانتى ؟ ھەقايسىڭ شىنجاڭغا بارساڭ بىز شۇنچە ئىللىق قارشى ئالىمىز ، پولو ،نان ،كاۋاپلىرىمىزنى ئاغزىڭغا تەڭلەپ تۇرىمىز ، بىز بىر ھامماچاڭنى بىر قانداقىلغانمىدۇق.............-قاسىم ھاجىم زەردە بىلەن قايناپ كەتتى . لىكىن خۇجايىن پەرۋاسىزلا:


  -مەن شىنجاڭغا بارمىغان ، سەن شۇ قارشىئالغانلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ تۇر ئۇنداق بولسا ، بىزگە ج خ ئورنىدىن قوبۇل قىلما دەپبۇيرۇق چۈشۈرگەن – دەپ قوقاق سالدى .


  -ج خ ئىدارىسى ؟ ماقۇل مەن ساڭا شۇلارنىچاقىرىپ بىرەي ھە ؟ -قاسىم ھاجىم قولىغا يانفوننى ئىلىپ 110 باستى ،ۋە ساقچىلارنىچاقىردى . ساقچىلارمۇ ھايال ئۆتمەي يىتىپ كەلدى . قاسىم ھاجىم ساقچىغا بولغانئىشلارنى سۆزلەپ بەردى . ئەمما ساقچىلار مىھمانخانا خۇجايىنى بىلەن يەرلىك شاڭخەيتىلىدا سۆزلىشىپ بۇلۇپ ، قاسىم ھاجىمغا قارىدى، ئۇنىڭدىن تۇنجى سورىغىنى سۇئالبولماستىن ، ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ كىملىكى بولدى . قاسىم ھاجىم ئۇلارغا كىملىكىنىئىلىپ بەردى ، ساقچىلار كىملىكنى تەكشۈرۋىتىپ سورىغان تۇنجى سۇئالى :


  -سىلەر نىمىگە كەلدىڭلا ؟ نىمىش قىلىسىلەر؟


  -مەن شاۋشىڭدا شىركەت ئاچىمەن .


  -شاۋشىڭغا خاڭجۇ بىلەن بارسا يىقىنغۇ ، نىمىشقاشاڭخەي بىلەن كەلدىڭ ؟ شاڭخەيدە نىمە ئىش قىلماقچى ؟


  -شاڭخەيگە ئوينىغىلى كەلگەن ، بولماپتىما ؟ ياقانۇندا ئۇيغۇرلار شاڭخەيگە كەلسە بولمايدۇ دەپ ماددا بارمۇ ؟ ياكى شاڭخەيگەپاسپورت ،ۋىزا ئىلىپ كىلەمدۇق ؟


-سەن نىمە تىجارەت قىلىسەن ؟


-چەتئەلگە مال سالىمەن ..........


ساقچى بولسا دىلونى ئايرىماي قاسىم ھاجىمنىسوراق قىلىپ چۈشۈپ كەتتى ، ئاخىرى قاسىم ھاجىمنىڭ غەزىپى تىشىپ ، ساقچىغىمۇ ۋارقىراپكەتتى :


  -مەن سىنى ما ئىشنى ھەل قىلىپ بەر دىسەم، مىنىسوراق قىلىۋاتىسەنغۇ ؟ مەن ئوغۇرلۇق قىپتىمەنمۇ ؟ مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپتىمەنمۇ ؟نىمانداق تۈگىمىگەن سوراق بۇ ؟ مەن ما ياتاقتا ياتسام بولامدۇ بولمامدۇ ؟


  -ئەمدى قارا – ساقچى يەنىلا بىغەم سۆزلىمەكتەئىدى – ھازىر چاغان مەزگىلى بۇ ياتاقتا بىكار ياتاق يوقكەن ، باشقا ياتاققا بارساڭ.


  - نىمە ؟ بايا ياتاق بار دەپ زاكاس قىلغانغۇ ؟


  -ئەمدى، قارا ، مۇلازىم خاتالىشىپتۇ ، خاپابولمىساڭ .


  -ياتاق راست يوق شۇنداققۇ ؟


  -ھەئە ، ماڭىمۇ ئىشەنمەمسەن؟


  -مەيلى ، قىنى بۇ ياتاق شىنجاڭلىققا ياتاقبىرەمدۇ ، بەرمەمدۇ ، قىنى كۆرىمىز .


  قاسىم ھاجىم ئۇدۇل يولغا چىقىپ تاكسى توستى ،ئەمما تاكسىلارمۇ توختىمايتى ، ئۇ ئاچچىقىدا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ بىر تاكسىنىزورمۇ زور توسۇپ ، خوتۇن بالىلىرىنى ئىلىپ شوپۇرغا ئۇدۇللا ئىيتتى :


  -مەن شىنجاڭلىق ، ماڭا ياتاق بىرىدىغانمىھمانخانىغا ئاپار. 500 كوي بىرىمەن ، ھەيدە – دەپلا يانچۇقىدىن 500 كوي ئىلىپشوپۇرغا بەردى .


  -شوپۇر سەل ئويلىنىپ ، ئۇنداقتا سەن شىنجاڭ ئىشبىجىرىش ئورنىغا بار ، شۇ يەردە ياتاق بىرىدۇ .


  -ھەيدە .


  شوپۇر ئۇلارنى شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭئارقىغا جايلاشقان يىپەك يولى مىھمانخانىسىغا ئىلىپ كەلدى ، قاسىم ھاجىم،شوپۇرنىڭساقلاپ تۇرۇشىنى ئىيتىپ،مىھمانخانىغا كىرىپ مۇلازىمنىڭ يىنىغا بىرىپلا :


  -قوش كىشلىك ياتاق بارمۇ -دەپ سورىدى .


  -ھازىر ئادەتتىكى ياتاق ، ئۆلچەملىك ياتاقتۈگەپ كەتتى ، تۇرىمەن دىسەڭ ئالىي دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك بىر ياتاق بار . 1188 يۈەنئالامسەن ؟


  -ئالىمەن ، كىسە شۇ ياتاقنى .


  -نەچچە كۈن ياتىسەن .


  -10 كۈن .


  -ھەمىمىنى بىر تۆلەمسەن ياكى كۈندىمۇ ؟


  -10 كۈنلۈكى نەچچە پۇل بولىدۇ ؟


  -10 كۈن تۇرساڭ ، ئىتىبارى بىلەن 11000 يۈەنبولىدۇ ، زاكالەت 4000 جەمئى 15000 يۈەن بولىدۇ .


  -بانكا كارتىسى ئىشلەتسەم بۇلامدۇ ؟


  -ئەلۋەتتە .


  قاسىم ھاجىم 10 كۈنلۈك ياتاقنى ئىچىۋىتىپ ،خوتۇن بالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، پەسكە چۈشۈپ ھىلىقى تاكسىغا چىقىپ :


  -بايا مەن ماشىناڭغا چىققان يەرگە ئاپار ؟


  -ئۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسەن ؟


  -ئۇ يەردىما ؟ شىنجاڭلىقنىڭ قانداقلىقىنى ،ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن.


  -خۇجايىن ، سەن قارىماققا ياخشى ئادەمكەنسەن،مەنچە بولدى قىل،شاڭخەيدە شىنجاڭلىق ئوغرىلار بەك جىق ،شۇڭا ئۇيغۇرلارغا ئالدىراپياتاق بەرمەيدۇ، بىزمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىلىشتىن قورقۇپ ئالدىراپ ئىلىپ كەتمەيمىز .بۇيەردىكىلەر ئۇيغۇرلارنى ھەممىسىنى ئوغرى ، يانچۇقچى دەپ بىلىدۇ . لىكىن سەنئۇلارغا ئوخشىمايدىكەنسەن .


  -نىمىشقا ؟


  -سەن بىلمەيسەن ، ئۇلارنى ئالساق ، بارىدىغانيىرىگە بىرىپلا پىچاق،قىڭغىراق چىقىرىپ پۇل بەرمەي، بىزنى قورقۇتىۋىتىدۇ ،بەزىلىرى بولايدۇ .شۇڭا قورقۇپ ئالمايمىز .


  -ئەمىسە نىمىشقا ياتاق بەرمەيدۇ ؟


  -ھەي ، بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئاڭلىسام ،شىنجاڭلىقلار مىھمانخانىلاردىمۇ جىدەل قىلىپ ،نورمال تىجارەتكە دەخلى قىلامىش .


  -سەن شىنجاڭغا بارغانمۇ ؟


  -ياق .


  -ئەمىسە سەن ھەقىقىي ئۇيغۇرنى بىلمەكچى بولساڭئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرنىڭ ماكانى بولغان  شىنجاڭغا بىرىپ تۇرۇپ باق . ئاندىن ئۇيغۇرغاباھا بەر . بولدى ھەيدە ، ھىلىقى مىھمانخانىغا بارىمىز .


  شوپۇر ماشىنىنى ھەيدەپ بايىقى مىھمانخانىغاكەلدى ، قاسىم ھاجىم نەچچە پۇل دىيىشىگە . شوپۇر :


   -بولدى ، بايا بەرگىنىڭ يىتىدۇ ، ئەمما سەنياخشى ئادەمكەنسەن . ئەگەر ھەممە شىنجاڭلىق سەندەك بولسا ، ئەمىسە شىنجاڭلىقتىنقورقمىساممۇ بولىدىكەن جۇمۇ .


  -مەن تىخى ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، خالىساڭ مەنسىنى ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلەي .


  -رەھمەت ، پۇرسەت بولسا چوقۇم بارىمەن.


  قاسىم ھاجىم شوپۇر بىلەن خوشلىشىۋىتىپ مىھمانخانىغاقاراپ كىرىپ كەتتى.مۇلازىم بىر ئىشلەمچى خەنزۇغا باھا ئىيتىۋاتاتتى :


  -بىزنىڭ بۇ يەردە ئەڭ ئەرزان ياتاق 258 يۈەن ،ئۇنىڭدىن ئەرزىنى يوق .


  -258 يۈەن بەكلا قىممەت ، بىزدەك سىرتتىنكەلگەن ئىشلەمچىلەر چىقىش قىلالمايمىز ، يىقىن ئەتراپتا باشقا ئەرزانراق ياتاقيوقما ؟


  -بۇ يەردە ساپلا مىھمانخانا بار ، بىزنىڭ ياتاقئەڭ ئەرزان ، ئەگەر تىخىمۇ ئەرزانراقىنى ئالىمەن دىسەڭ ،ئۇنداقتا شەھەر سىرتىدىكىمىھمان كۈتۈش ئورنىغا بىرىپ باق .


  ئىشلەمچى باھادا كىلىشەلمەي چىقىپ كەتتى .مۇلازىم قاسىم ھاجىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى.


  -يەنە سەنكەنسەنغۇ ؟ دىدىمغۇ ياتاق يوق دەپ .


  -ياتاق يوق بۇنى بىلىمەن . لىكىن مەن مۇشۇيەردە ياتىمەن دىدىم ياتىمەن ، مەنلا ئەمەس ، ھەرقانداق شىنجاڭلىق بۇ يەردە ئەركىنئازادە كىرىپ-چىقىپ ياتىدۇ تىخى ، قاراپ تۇر.


  -ئۇنى مەن بىلمەيمەن ، لىكىن ھازىر ياتاق يوق ،خاپا بولماي باشقا يەرگە بىرىپ باقساڭ.


  -نىمە ئالدىرايسەن ، ياتاق بولمىسا ، ياتاققايتۇرغىچە مۇشۇ يەردە ساقلايمەن .


  -ياتاقنى ئەتە قايتۇرىدۇ ، ئەمىسە ئەتە كەل .


  -ئەتە ؟ ئەتە كەلسەم خەق ئىلىپ كەتمىسۇن ، مۇشۇيەردە ساقلايمەن .-قانداق قانۇنغا خىلاپ ئەمەستۇ ؟


مۇلازىم گەپتە تەڭ كىلەلمەي ، بىرە سائەت تۇرسازىرىكىپ كىتەر دەپ ئويلاپ ھاجىم بىلەن ئىتىشمىدى.


قاسىم ھاجىم بولسا زالدىكى سافادا ئولتۇراتتى .ئەمما غەزەپ ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇراتتى . ئارىدىن يىرىم سائەتتىنكۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە ، ياتاققا ھىلىقى ئىشلەمچى خەنزۇ كىرىپ ياتاق بارمۇدىيىشىگە ، قاسىم ھاجىم مۇلازىمنىڭ ئالدىدا :


  -ياتاق يوق ، بولسىمۇ ئاۋۋال مەن ياتىمەن ،ئاندىن سەن ، مۇشۇ يەردە ياتىمەن دىسەڭ ئۆچرەتتە تۇر بولمىسا باشقا يەرگە بار –دىدى.


  ئۇ خەنزۇ لام جىم دىمەيلا چىقىپ كەتتى . ئۇزۇنئۆتمەي يەنە بىرى كىردى ، ئەمما ھاجىم ئۇنىمۇ يا ئۆچىرەتتە تۇرىسەن ، ياكى باشقايەرگە بار دەپ چىقىرۋەتتى . قىسقىغىنا ئىككى سائەتتە ھاجىم ئالدى كەينى بولۇپ 13خىرىدارنى ياتاقتىن چىقىرىۋەتتى . مۇلازىم بۇنىڭغا ئامال قىلالماي ئاخىرى يەنەخۇجايىنىنى چاقىردى . خۇجايىن ئەلپازىنى بۇزۇپلا چۈشتى :


  -سەن نىمە قىلماقچى ؟


  -مۇشۇ يەردە ياتماقچى .


  -دىدىمغۇ ياتاق يوق دەپ ، چىقىپ كەت .


  -ياتاق بولمىسا نىمە  بوپتۇ ، مەن تاكى ياتاق بىكار بولغىچەساقلايمەن .


  -بۇ نەچچە كۈن ياتاق بىكار بولمايدۇ .


  -مەيلى ، بىكار بولغىچە تۇرىمەن . نوچى بولساڭ مىنىچىقىرىۋەت.


  -ھەي ، شىنجاڭلىق ، تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي، چىقە ياتاقتىن ، سىنىڭ ياتىقىڭمىتى بۇ ؟


  -ھامماچاڭنىڭ يىنىغا چىقامدىم ، ما ياتاقنىپۇلغا بىرەمتىڭ يا بىكارغىمۇ ؟ مەن بىكارغا ياتىمەن دىدىممۇ ؟يا مەن قىزىڭنى ئالايدەپ كىردىممۇ ؟ ئاۋۇ مىھمانخانا ئىجازەتنامىسى سىنىڭدۇ ؟ سەن ياتاق ساتىمەن دەپئىجازەت ئالغاندىن كىيىن مەن شۇ ياتاقنى ئالىمەن ،قاراپ تۇر بۇندىن كىيىن ھەرقانداق شىنجاڭلىققا ياتاق بىرىسەن يا بولمىسا ما جودەيسورىڭنى(مىھمانخانا)تاقايسەن.مەن دىگىنىمنى قىلىمەن ، قىنى يامان بولساڭ قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل ،ھارامدىنبولغان.


  خۇجايىن ھاجىمغا تەڭ بولالماي ساقچى چاقىردى .ھايال ئۆتمەي بايىقى ساقچىلار يىتىپ كەلدى . ئۇلار ھاجىمنى كۆرۈپ :


  -بىز دىدىققۇ ، باشقا يەرگە بار دەپ ، نىمانداقجاھىللىق قىلىسەن ؟


  -بۇ يەردە ياتاق يوققۇ ؟


  -ھە ، يوق ، بولدى باشقا يەرگە بار .


-مەن مۇشۇ ياتاقتا ياتىمەن دىدىم ، ياتىمەن ،ياتاق بىكار بولغۇچە ساقلايمەن . بۇ قانۇنغا خىلاپ ئەمەستۇ ؟


  -قانۇنغا خىلاپ ئەمەس ، لىكىن سەن باشقىلارنىڭنورمال تىجارىتىگە دەخلى قىلساڭ بولمايدۇ-دە .


  -دەخلى قىلىش ؟ ئۇ مىنى ھاقارەتلىسە ، مىللىغورۇرۇمنى دەپسەندە قىلسا،مىنىڭ كىشىلىك ھوقوقۇمغا دەخلى قىلغان بولمامدىكەن ؟


  - بۇنى ئۇنداق چۈشەنسەڭ بولمايدۇ .


  -ئەمىسە سەن چۈشەندۈرۈپ قوي-قاسىم ھاجىمساقچىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى .


  -بۇ...بۇ...- ساقچى كىكەچلەپ قالدى .


  -ئالدىرما ، مەن ئەتە سىنىڭ ئىدارەڭگە ،شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بىرىپ بۇ ئىشلارنى قانداق ئەرز قىلمەنكى ، ئەگەر شاڭخەيدەسورىسا سورىدى ، بولمىسا بىيجىڭنىمۇ ئوبدان بىلىمەن جۇمۇ .


  ساقچىلار ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى سىزىپيەنە خۇجايىن بىلەن يەرلىك تىلدا گۇڭۇرلىشىپ كەتتى . ئاخىرى ساقچىلار ئۇنىڭغاياتاقتىن بىرنى ئىچىپ بەردى . قاسىم ھاجىم ياتاق كارتىسىنى ئىلىپ :


-بۈگۈن مەن ياتتىم ،ئەتىدىن باشلاپ ھەر قانداق شىنجاڭلىق كىلىپ ياتىدۇ بۇ يەردە .قاراپ تۇر ، يا ئۇلاركىلىپ ياتىدۇ ، يا سەن تاقايسەن .- دىدى قاسىم ھاجىم ساقچى بىلەن خۇجايىنغا .قاسىمھاجىم ياتاققا چىقىپ خىلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدى . – قاراپ تۇرۇپ ئەجەپ بوزەكقىلدا ماۋۇ رەزگى ،< ئۇيغۇرغا ياتاق يوق ، چىقىپ كەت >. بىز ئۇيغۇرلارئۇلارغا نىمە گۇناھ قىلدۇق، ئىشسىزلار بارسا چىرايلىق خىزمەت ئورنى بەردۇق،تىجارەتچىلەر بارسا بازار ئىچىپ بەردۇق ، ئەجىبا ئۇلار بۇنى بىلمەمدىغاندۇ . دادامماڭا ئىيتقان غۇرۇرۇڭنى قوغدا ، سۆزۈڭدىن يانما دەپ ، مەنغۇ بۇ يەردە يىتىۋىرەمەن، ئەمما باشقا ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم يەنىلا ئوخشاش ياتالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ غورۇرىمۇمىنىڭ غورۇرۇم، مەن مىللىتىمنىڭ غورۇرىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىم كىرەك .شۇنداق ، ئەينى چاغدا دادامنىڭ : بالام ،غورورۇڭنى ساقلا ، سۆزۈڭدىن يانما دىگەنسۆزىنىڭ نەتىجىسىدە قارا دىھقاندىن ھازىرقىدەك باي تىجارەتچى بولدۇم ، بايا ھىلىقىئادەمنىڭ سەتى خۇجايىنغا ھەرقانداق شىنجاڭلىق كىرىپ چىقىپ ئەركىن ياتىدۇ دىدىم .مەن بۇنى قىلىشىم كىرەك ، ئەمما قانداق قىلىمەن .- قاسىم ھاجىم ئويلانماقتا ئىدى ،توغرا ئىنسان غورورى بىلەن ياشىغاندا ھەقىقىي ئادەمدەك ياشايدۇ . ھەقىقىيقەدىر-قىممىتى بىلەن ياشايدۇ .


  -توختا-قاسىم ھاجىم ئەقىل تاپقاندەك بولدى –مەن بىر تىجارەت قىلىشىم كىرەك ، مىھمانخانا ئاچسام قانداق بولا ؟ ياق بولمىغۇدەك، ئۇنىڭ نىمە پايدىسى ، مىنىڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم چوقۇم مۇشۇ مىھمانخانىدايىتىشى كىرەك ،ھەرگىزمۇ مەن ئاچقاندا ئەمەس ، ھە ،توغرا ئاشخانا ئاچاي ، مۇشۇبىنادىن ياكى ئەتراپتىن بىر ئاشخانا ئاچاي ، شۇنداق قىلسام ئاندىن دىگىنىمنىقىلالايمەن . ئەتىلا دۇكان تىپىپ ئىشنى باشلاي ، قىنى شاڭخەيلىكلەر مەن سىلەرگە ھەقىقىيئۇيغۇرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىر تونۇتۇپ قوياي . شۇ چاغدا يەنە نىمە دەيسەنكى ،كۆرۈپ باقاي .-قاسىم ئەنە شۇ خىياللار بىلەن ئەتراپلىق پىلاندىن بىرنى تۈزمەكتەئىدى.


  ئەتىسى قاسىم ھاجىم ياتاقنىمۇ قايتۇرماي يەنە 5كۈنلۈك ئالدى . ئاندىن سىرتقا چىقىپ مىھمانخانا يىنىدىكى كىيىم-كىچەك دۇككىنىكۆردى . دۇكاننىڭ ئالدىدىكى ياڭراتقۇدا :


  -دۇكان ئىجارىسى توشقانلىقتىن ،ماللارنىزىيىنىغا سىتىۋاتىمىز،باھاسى ئەرزان ، تاللاپ سىتىۋىلىڭلار –دىگەن سادالارچىقىۋاتاتتى . قاسىم ھاجىم دۇكانغا كىرىپ بىر قۇر قارىۋىتىپ ، ئاندىن پىركازچىكنىڭيىنىغا كىلىپ سورىدى :


  -خۇجايىنىڭلار بارمۇ ؟


  -بار .


  -قىنى ؟


-سىرتقاچىقىپ كەتكەن ھازىر كىرىدۇ .


  ھايال ئۆتمەي سىمىزغىنە كەلگەن ئايال خۇجايىنكىرىپ كەلدى ، پىركازچىك :


  -مانا بۇ خۇجايىن شۇ – قاسىم ھاجىم خۇجايىننىڭيىنىغا بىرىپ :


  -خۇجايىن ئىجارە قاچان تۇشىدۇ –دەپ سورىدى .


  -ئاز قالدى ، يەنە بىر ھەپتە بار .قانداق بىرەئىشىڭ بارمىتى ؟


  -ما دۇكاننى ئالاي دىگەن .


  -ئەمىسە ئۆي ئىگىسىنى ئىزدە .


  -تىلفۇنى بارمۇ ؟


  -بار – دەپ ئۆي ئىگىسىنىڭ نومۇرىنى قاسىمھاجىمغا بەردى .


  قاسىم ھاجىم ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇدۇككاننى 10 يىللىق ئىجارىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىيتتى. ئۆي ئىگىسى ئۇنداقتاتەپسىلىي دىيشىش ئۈچۈن، ھاجىمنى دۇكاندا ساقلاپ تۇرىشىنى ئىيتتى .چۈنكى شاڭخەيدەدۇكانلارنىڭ ئىجارىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ قىممەت دىسىمۇ بولىدۇ .شۇڭا ئۆيئىگىلىرى بۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاملارغا بەكمۇ ئامراق ئىدى . قاسىم ھاجىمدۇكاندا ئۆي ئىگىسىنى ساقلاپ تۇردى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆي ئىگىسىمۇ يىتىپ كەلدى ، ئۇھاجىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل قورققاندەك تۇراتتى .ئۇ ھاجىمدىن :


  -دۇكاننى سەن ئالامسەن ؟-دەپ سورىدى .


  -شۇنداق.


  -نىمىگە ئىشلىتىسەن .


  -ئاشخانا ئاچىمەن .


  -ئاشخانا ؟


  -شۇنداق ، شىنجاڭ ئالاھىدە تائاملىرى ئاشخانىسىقىلىمەن .


  -ئاشخانا قىلىساڭ ئۆيلەر بەك بۇزۇلۇپ كىتەرمۇ ؟


  -خاتىرجەم بول ، مەن ئاۋۋال ئون يىللىق ئالىمەن، سودا ئەپلىشىپ قالسا يەنە بەش،ئون يىل ئالىمەن .


  -سەن ئاشخانىلا ئاچامسەن ،ياكى باشقا ئىشمۇقىلامسەن؟


  -مەن جېجياڭنىڭ شاۋشىڭدا شىركەت ئاچىمەن .شىركىتىممۇ ئەنگە ئىلىنغان رەسمىي شىركەت . ئەمدى قارىسام شاڭخەينىڭ ئىستىمالسەۋىيىسى خىلى يوقىرىكەن . ئەمدى بۇ يەرگە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ، ئالاھىدە تائاملىرىنىساتىدىغان بىر ئاشخانا ئاچسام بولغۇدەك دەپ ئويلۇشۇپ ، مۇشۇ دۇكاننى ئالايمىكىدەيمەن . سەن خاتىرجەم بول ، مەن ھەممە رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ ، قانۇنلۇق قىلىپئاچىمەن . توختامنى گۇۋاھلىق بىرىش ئورنىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىنئىمزالايمەن .


  -ئۇنداقتا نەچچە ئىغىزىنى ئالىسەن ؟


-مۇشۇ ئۈچ ئىغىزنى .


-ئونيىللىقنى بىرلا ئالامسەن ؟


  -شۇنداق ، نەچچە پۇل ؟


  -ئەمدى بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى ھازىر يىلدىنيىلغا ئۆسۈپ مىڭىۋاتىدۇ . ئەمدى دۇكاننىڭ كۆلىمى 200 كۋادىرات مىتردىن ئاشىدۇ ،ئەمدى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 380000 يۈەن بىر يىللىقى ، ئون يىل ئالساڭ ھەر يىلىغا4% تىن قوشۇلۇپ ماڭىدۇ .


  -نىمە؟ تۆت پىرسەنت ؟ قانداق گەپ ئۇ ؟


  -بۇ قارا بۇ يىل 380000 يۈەن كىلەر يىلى 380000نىڭ تۆت پىرسەنتى 15200 يۈەن قوشۇلۇپ 395200 يۈەن ، ئۈچۈنجى يىلى 395200 نىڭ تۆتپىرسەنتى 15808 يۈەن قوشۇلۇپ 411008 بولىدۇ . مانا مۇشۇنداق قوشۇلۇپ ماڭىدۇ .چۈشەندىڭما ؟


  -ھە ، چۈشەندىم. سوراپ باقسام ، سىنىڭ مۇشۇبىرلا يەردە ئىجارە دۇكىنىڭ بارمۇ يا ؟ باشقا يەردىمۇ بارمۇ؟


  -قانداق دەيسەن ؟


-ئەمدى ، ئاشخانا ئاچسام ئاشپەز مۇلازىملارغاياتاق ئالمىسام بولمايدۇ ، شۇڭا ؟


  -ھە ، ئۇنداقتا ئۈستىدە بىر ئۆي بار ئۈچئىغىزلىق ، كۆرۈپ باقامسەن .


  -ئۇنىڭغىمۇ تۆت پىرسەنت قۇشۇلامدۇ ؟


  -ياق ، ئۆينىڭ شۇ بىر باھادا بولىدۇ .


  -ھە ، مۇشۇ بىنادىما ؟


  -ھەئە ، بۇ بەش قەۋەتلىك بىنا مەن بىلەنئاكامنىڭ ، ئاۋۇ يەتتە قەۋەتلىك مىھمانخانىمۇ مىنىڭ .


  -ماۋۇ مىھمانخانىمۇ سىنىڭما ؟


  -ئەلۋەتتە .


-ئۇنداقتابولىدىكەن . ئەمىسە ئالە توختامنى ، ھازىر ئىمزالايمىز ؟


  -راستما ؟


  -مىنىڭ چاقچاق بىلەن خوشۇم يوق .


  -ئەمىسە ئاۋال نەچچە يىل ئالىسەن .


  -دىدىمغۇ 10 يىللىق توختاملىشىمىز ، بەش يىللىقئىجارىسىنى  توختامغا قول قۇيۇپ ، گۇۋاھلىقبىرىش ئورىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ نەق بىرىمەن .


  - ماڭە كەتتۇق ئەمىسە .


  قاسىم ھاجىم ئۆي ئىگىسى بىلەن توختاملاشقىلىماڭدى . ئۇلار گۇۋاھلىق بىرىش ئورنىغا كىلىپ ، توختامنىڭ ماددىلىرىنى بىر بىرلەپكۆرمەكتە ئىدى ، شاڭخەيدىكى دوكان ئىجارە توختامى ئاساسەن ئىجارە بەرگۈچىنىڭھوقۇقى قوغدالغان ، ھەم ئىمتىيازلىرى كۆپ بولىدۇ،باشقا تەرەپلىرى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى، ئەمما قاسىم ھاجىم مۇنداق بىر ماددىنى قوشۇپ قويدى .<ئەگەر تاشقى ئامىللارسەۋەبى بىلەن ئاشخانا سودىسى يۈرۈشمەي ، ئىجارە ئالغۇچى زىيان تارتسا ، ئىجارەبەرگۈچى تەرەپ بارلىق ئىجارە ، ھەم ئاشخانا بىزەشكە كەتكەن چىقىملارنى تۆلەيدۇ.> ئۆي ئىگىسى دۇكان مىنىڭ تۇرسا قانداق تاشقى ئامىل بارتى دەپ ئويلاپلاتوختامغا قول قۇيىۋەتتى .گۇۋاھلىق بىرىش ئورنىنىڭ گۇۋاھلىق بىرىشى بىلەن،توختامنامە رەسمىي قانۇنلۇق بولۇپ كۈچكە ئىگە بولدى. شۇنداق قىلىپ قاسىم ھاجىمشاۋشىڭدىكى تىجارەتلىرىنى  شىركەتتىكىتەرجىمان بالىلارغا تاشلاپ بىرىپ ئۆز شاڭخەيدىكى ئاشخانا تىجارىتىنى باشلىۋەتتى .ئاشخانا بىزەشكە ، ئۇستام ،مۇلازىم ، شاگىرت تولۇقلاشقا ئالاھەزەل 3 ئاي ۋاقىتكەتتى .


ئۈچ ئايدىن كىيىن ناغرا ،سوناي چىلىنىپشاڭخەيدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسى داغدۇغىلىق تىجارەت باشلىدى. ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭئىچىلغانلىقى شاڭخەيدىكى ھەم شۇنداقلا خوشنا ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلىقىغايىتىپ ، ئۇلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇردى ، شۇنداقلا شاڭخەيدىكى باشقا مىللەتئاھالىلىرىمۇ ، يەرلىكلەرمۇ ، ئاقما نوپۇسلار،ياكى چەتئەللىكساياھەتچى،تىجارەتچى،ئوقۇغۇچىلار بولسۇن شىنجاڭ تائاملىرىنى تىتىپ بىقىش ئۈچۈن ئايىقىئۈزۈلمەي كەلگىلى تۇردى . ئاشخانا سودىسىمۇ كۈنسىرى ياخشى بولدى . دەل شۇ پەيتتەقاسىم ھاجىم ئۆزىنىڭ يادرولۇق پىلانىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىگە تىلفون قىلىپ، ئۇنىڭ چاققان كىلىشىنى ئىييتى .ئۆي ئىگىسى كىلىشى بىلەنلا قاسىم ھاجىم :


  -ما دۇكاننى قايتۇرىمەن ، پۇلۇمنى ، ماۋۇبىزەشكە كەتكەن ، ئۇستام ئىچىققان پۇللۇرۇمنى قايتۇرۇپ بەر –دەپلا چۈشتى . ئۆيئىگىسى ھىچنىمىنى ئاڭقىرالماي :


  -ۋاي ، نىمە بولدى ، ئاچقىلى بىرە يىل بولماي ،پۇلنى قايتۇر دەيسەنغۇ ؟


قاسىمھاجىم يىنىدىن توختامنى چىقىرىپ : <ئەگەر تاشقى ئامىللار سەۋەبى بىلەن ئاشخاناسودىسى يۈرۈشمەي ، ئىجارە ئالغۇچى زىيان تارتسا ، ئىجارە بەرگۈچى تەرەپ بارلىقئىجارە ، ھەم ئاشخانا بىزەشكە كەتكەن چىقىملارنى تۆلەيدۇ .> دىگەن ماددىنىكۆرسەتتى .


  -نىمە تاشقى ئامىل بولدى ، بۇيەردە ،سىنىڭتىجارىتىڭ ئاقمىغىدەك ؟


  -ماۋۇ ياتاقمۇ سىنىڭغۇ ؟


  -ھەئە . مىنىڭ ، نىمە بولدى .


  -ما ياتاقنىڭ خۇجايىنى شىنجاڭلىقلارغا ياتاقبەرمەي ، شىنجاڭلىق خىرىدارلار ياتاق ئالالمايدىكەنمىز دەپ تاماق يىگىلى كەلمىدى ،بۇ تاماقلارنى شىنجاڭلىقلارغا ساتمىسام ،كىمگە ساتىمەن ، شۇڭا بۇنداق كىتىۋەرسەزىيان تارتىپ كىتىدىكەنمەن ، بولدى قايتۇرىۋىتىمەن .


  -ۋاي بىرە يىل ئىچىپ باقمامسەن ؟


  -بىرە يىل ئاچسام پۇل تاپالمىغاننى ئاز دەپماۋۇ ، ئاشپەزلەرگە قەرز بولۇپ قالىدىكەنمەن ، بولدى پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر ،بولمىسا ئەرز قىلىمەن.


-سەن مىنى نىمە قىلسۇن دەيسەن ، ئۆزەڭ 10يىللىقئىجارىگە ئالىمەن دەپ توختاملىشىپ ئەمدى يىرىم يىل بولمايلا قايتۇرىمەن دەيسەن ،مىنى ئەخمەق قىلىۋاتامسەن .


  -سىنى ئەخمەق قىلىپتىمەنما ؟ توختامغا ئىمزاقويغاندا كۆزۈڭ تىڭىپ قويمىغان بولغۇيتۇم ؟ توختامدا نىمە دىيىلىپتۇ ؟ ئەمدى بۇئەھۋاللارنى كۆردۈڭ ، سىنى ئەخمەق قىلغاندەك تۇرامدىم؟


  -ئۇنداقتا سەن مىنى نىمە قىلسۇن دەيسەن ؟


  -ئەمىسە ،مىنى ماۋۇ ئاشخانىنى داۋاملىق ئاچسۇندىسەڭ، سەن ما ياتاقنىڭ خۇجايىنىغا دە، شىنجاڭلىققا قاچانلا كەلسە ياتاق بەرسۇن،بولمىسا ئىككىمىز سوتتا كۆرىشىمىز . مىنىڭ گىپىم شۇ .


  ئۆي ئىگىسى نائىلاج قالدى ، چۈنكى توختامدىكىمادىدىغا ئاساسلانغاندا ئۇ ئىجارە توختامىدا ئىنىقلا زىيان تارتاتتى ، تۆۋەنبولغاندىمۇ 200000 يۈەن زىيان تارتىشى ئىنىق ئىدى ، يەنە تىخى بىزىگەن ئاشىخانىنىقايتىن دۇكان ئىسكەتىگە ئەكىلىش ئۈچۈنمۇ بىرمۇنچە مەبلەغ كىتەتتى . ئۇ ئاخىرىمىھمانخانا خۇجايىنىنى چاقىرىپ چىقتى .


  -شاۋ سۇڭ ، ئاڭلىسام سەن شىنجاڭلىقلارغا ياتاقبەرمەيدىكەنسەن ھە ؟


  - فاڭدۇڭ ، شۇ بەرسەك ساقچىلار كىلىپ ئاۋارەقىلىۋىتىدىكەن . شۇڭا بەرمىگەن .


  -ئەمىسە بۈگۈندىن تارتىپ ھەرقانداق شىنجاڭلىققاياتاق بىرىسەن ، بولمىسا پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرىمەن ، ئۆيلەرنى ئۆتكۈزۈۋالىمەن .


  -فاڭدۇڭ ، ئۇنداق قىلساڭ قانداق بولىدۇ ،توختامدا ئۇنداق دىيىلمىگەن .


  -ئەمىسە شاڭخەينىڭ مىھمانخانا باشقۇرۇشنىزامنامىسىدا شىنجاڭلىققا ياتاق بەرمە دىيىلگەنما ؟


  -ياق ، شۇ .


  -بىر ئىغىز گەپ شىنجاڭلىققا ياتاق بىرەمسەنياكى ، مىھمانخانىنى ئۆتكۈزۈپ بىرەمسەن ؟


  -ۋاي ، فاڭدۇڭ ، ئۇنداق قىلىپ كىتىشىنىڭ نىمەھاجىتى ، بولدى مەن شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بىرەي .


  -قاسىم لوبەن بولدىمۇ ؟-ئۆي ئىگىسى قاسىمھاجىمغا قارىدى .


  -قاسىم ھاجىم مىھمانخانا خۇجايىنىغا قاراپ :


  -ئەگەر خىرىدارلىرىم ياتاق بەرمىدى،تۈگەپتۇ دەپچىقىپ قالسا ، مەندىن رەنجىمە ، مانا ھەممە گەپنى فاڭدۇڭنىڭ ئالدىدا دىيىشىمىز،ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا مەندىمۇ ئامال يوق.


  -ۋاي خاتىرجەم بولە ، كىملا بولسا ،ياتاقتەييار –دىدى مىھمانخانا خۇجايىنى كۈچۈكلىنىپ .


  -ئىسىڭدىمۇ ؟ مىنىڭ ھەر قانداق شىنجاڭلىقنى بۇيەردە ياتقۇزۇزىمەن دىگىنىم ، قانداق مەن قىلالامدىكەنمەن ؟


  -سەن ھەقىقەتەن يامانكەنسەن ، ئەركەككەنسەن.-دىدى خۇجايىن.


  -بىلىپ قوي ، مانا مەن ھەقىقىي ئۇيغۇر ، دىگىنىقىلىدىغان ،گىپىدىن يانمايدىغان ، غورۇرىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر .


   مىھمانخانا خۇجايىنى تۇرۇپلا قالدى . چۈنكىئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلا ئوغرى ، يانچۇقچى ، ئەتكەسچى ئىدى .مانا ئەمدى ئۇنىڭئالدىدا دىگىنىنى قىلالايدىغان ۋىجدانلىق بىر ئۇيغۇر تۇراتتى .


  شۇنداق قىلىپ قاسىم ھاجىم يەنە بىر قىتىم غورۇرىنىقوغدىدى ، ئۆزىنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مىللىتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ، غورۇرىنى باشقامىللەتلەر ئالدىدا قوغدىدى .< ئەركەك بولساڭ سۆزۈڭدىن يانما > بۇ نەقەدەرتوغرا ئىيتىلغان سۆز ھە . قاسىم ھاجىم مانا مۇشۇ سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە قارا دىھقاندىنھازىرقىدەك خۇجايىن ،دىرىكتورغا ئايلىنالىدى –دە......................


  خۇشتۇر قەندىلغا قاسىم ھاجىمنىڭ ھىكايىسىنىتەپسىلىي سۆزلەپ بەردى ، قەندىلنىڭمۇ قاسىم ھاجىمغا ھۆرمىتى ئاشماقتا ئىدى .شۇنداق ئۇ ئاشۇنداق ھۆرمىتى بار ، ھۆرمەتكە ئەرزىگىدەك مۆھتىرەم ئادەم . ئۇ دەلئۆزى ئىيتقاندەك < ھەقىقىي ئۇيغۇر> ..


                                                                                     7-قەشقەردىكىزىرىكىش


  خۇشتۇر شاڭخەيدىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگىلىمۇئىككى ھەپتە بولدى.باشتا كەلگەن كۈنلەردە شاڭخەيدىكى ئىسىل ئىمارەتلەرنى،يوللارنى، خۇاڭپۇ دەرياسىنى،نەچچە قەۋەت كۆرۈكلەرنى ،كۆرگەن ،بىلگەن ،ئاڭلىغان ئىشلىرىنىئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋەردى.شاڭخەيدە چۈشكەن رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ ئەلئاغىنە ،دوست يارەنلىرىگە كۆرسەتتى .ئەمما كىيىنكى كۈنلەردە بۇلارنى سۆزلەشكە رايىبارمىدى.


  ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىدىن بىكار بولسا،ئۆيئىشى،بازار كۈنلىرى بازارغا بىرىپ دوستلىرى بىلەن ،مۇئەللىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپپاراڭلىشىپ يۈردى.لىكىن تۇرۇپ-تۇرۇپ شاڭخەيدىكى كۈنلىرىنى ئەسلەپقالدى.ھەي.........ئۆيدىن بىر قىتىم چىقىپ كىتىپ چوڭ شەھەرلەردە تورۇپ كۈنۈپقالغان ئادەمگە كىچىككىنە يىزىدا تورۇش تەستە.


  خۇشتۇر دىگەندەك شاڭخەيدە بىر يىل ئىشلەپ ئازكەم 42000 كوي تاپتى.2000 كوي يول كىراسى،بىر يىللىق خەج-خىراجىتى ،ئۆيگەسوۋغا-سالام ئىلىش بىلەن تۈگىدى.قالغان 40000 كوينى ئانىسىنىڭ ئالدىدا قويدى.ئانىسىمۇ ھەيران قالدى.چۈنكى ئۇ بۇ ئۈمرىدە بۇنداق پۇلنى ئىھتىمال بانكىلارداكۆرگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى.ئەمما كۆز ئالدىدا گۇگۇتتەك تۇرغان پۇللارغا قاراپھەيران قالدى.


  -بالام-دىدى زۆھراخان-بۇ پۇللارنى راست ئىشلەپتاپتىڭما؟


  -ھە،ئىشلەپ تاپماي، تام تېشىپ تاپتىمىكى دەمسە؟


  -ياق ،بالام ،قانداقسىگە ساڭا بۇنچە كۆپ پۇلبىرىدۇ،سەن پەقەت بىر ئاشپەزغۇ؟


  -توۋا،مانا ئانامنىڭ گەپلىرىنى ، ئانا ، شاڭخەيدىگەن بەك چوڭ بەك قىممەتچىلىك شەكەن ، بىنالارنى ئەڭ پاكاسىمۇ 30 قەۋتكەن،تاكسىدائولتۇرۇپ ئىشىكنى ياپساڭلا 12كوي چىقىدىكەن، بۇ يەردىن ناھىيە بىرىپ قالساڭ بولدى 300كويلا چىقىدىكەن ،مەن دۈملىگەن پولونىڭ بىر تەخسىسى 25 كوي تۇرسا،كۈندە 5~6 قازانپولو دۈملەۋاتسام،تىخى ئاز بەردى قاقشاۋاتسام ،نىمە دەيدىغانسەن .


  -شۈكرى دە بالام،ھىلىمۇ ئوبدان پۇلبىرىپتۇ،ئەجەپ قىممەتچىلىك شەكىنا ئۇ شاڭخەي دىگەن ، ئۇ يەردىكى خەقلەر قانداقمۇتۇرمۇش كەچۈرە؟


  -قانداق دەيسەن؟


  -شۇ دىدىڭغۇ بىر تەخسە پولو 25 كوي دەپ .بۇيەردە 25 كويغا گۆش ئەكىرسەك تازا ئوخشىغان پولودىن بىر قازان دۈملىگىلى بولىدۇئەمەسما؟


  -ۋاي ئانا شۇ ھەممە يەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىگەقاراپ تەمىنات،كىرىم-چىقىمى ئوخشىمايدۇ .


  -مەيلى بالام قاندا بولسا ياراتقان ئىگىسى ئاچقويمايدىغۇ ئادەمنى، بوپتۇ بالام ، ئەمدى مۇشۇ پۇلۇرۇڭغا سىنى بىر ئۆيلىۋالسام..؟


  -ۋاي نىمە دەپ يۈرىيدىغانسەن ئانا ، توينىئالدىرمايراق قىلىپ ،بۇ پۇلغا بۇ ئۆينى ئوڭشىتىۋالايلى،ئاندىن سىنىڭ ئىغىلدىكىچارۋاڭنى ئاۋۇتۇپ قۇيايلى ، قالغىنى سىلىپ قويساڭ مەن يەنە بىر يىل بىرەر ئىشئوقەت قىلسام ئاندىن دىيىشسەكمۇ كىچىكمەسمىز؟


  -بوپتۇ بالام ، بىر يىل ئىشلەپمۇ ھىرىپ كەتتىڭ، سەھرادا بولغان بولساڭ بۇ پۇلنى نەچچە يىلدا ئاران تاپاتتۇق،بۇلاپتۇ ئاللاھيۈزمىڭ قەدرى شۈكرى،راست ئۇكاڭ قانداراق؟


  -ۋاي گەپ قىلما ئانا، مىنىڭ كەتمەيدىغانلىقىمنىبىلىپ بەك خوشال بوپ كەتتى،دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاشخانىغا كىلىپ تاماق يەپ ،مەنبىلەن ھال مۇڭ بولۇپ كىتىدۇ،ئوقۇشىمۇ يەنە شۇنداق ياخشى.


  -ھە ، بوپتۇ باللىرىم-زۆھراخان كۆزىگە ياشئالدى-خۇدايىم ھەر ئىككىڭلارنىڭ بەختى پىشانىسىنى ئوڭ قىلىۋىتە ، بەختىڭلارنىبىرە.


  ئانا بالىنىڭ سۆھبىتى شۇ تەرىقىدە داۋام ئەتتى.


  خۇشتۇر يەنە زىرىكىشكە باشلىدى،چۈنكى ئۇ قايتىپكەلگەندىن بىرى ھىچقانچە قىممەت يارىتالمىدى،كۈندە چىقىم باركى،كىرىم يوق بۇ بىررايىش ،ئىقتىسادچىل ساددا دىھقان بالىسى ئۈچۈن ئىغىر كىلىدۇ ئەلۋەتتە.شەھەر بىرىپئىشلىگەن تەقدىردىمۇ ،قەشقەرنىڭ شارائىتىدا ئىش ئىغىر،ھەق ئاز،تىخى گەپنىڭسىسىقلىچۇ،بۇقىنى بوغاز قىلۋەتكىدەك قىلىدۇ-دە.بىر يىل ئىشلىسە تاپقىنى يا ئون مىڭيا ئون بەش مىڭ . خىراجىتىدىن ئايرىلىپ نەق قالىدىغىنىمۇ چاغلىق .


  خۇشتۇر زىرىكمەكتە ،ئىچى پۇشماقتا،شاڭخەيدىكىكۈنلىرىنى ئويلاپ بورۇختۇن بولماقتا ئىدى، نىمىدىگەن ئەركىن تۇرمۇش،بىر كۈن ئۆزكەسپىنى قىلسا،ئۇنىڭغا يارىشا ھەق ئالسا،ئۆزىمۇ خوش ،ئۆزگىمۇ خوش.خۇشتۇرنىڭ يەنەشاڭخەيگە بارغۇسى كەلمەكتە ئىدى.يەنە بىر يىل ئىشلەپ بەش يىللىق پۇلنى بىر يىلدىلاتىپىپ كەلگۈسى كەلدى.لىكىن ئانىسى ئۇنارمۇ؟ خۇشتۇر ئاشۇنداق زىرىكىپ ،ئارىسالدىبولۇپ يۈرگەن يۈنلەردە قاسىم ھاجىمدىن تىلفۇن كەلدى.


   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .


  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.


  -خۇشتۇرجان ،قاندا ئەۋالىڭ؟


  -ياخشى ھاجىمكا،ئۆزىڭىزمۇ سالامەت تۇردىڭىز،ئاشخانابالىلار ياخشىدۇ؟


  -ھەر ھالدا بولىدۇ،ئەمدى ئاشخانا ئانچە ياخشىئەمەس،ئاشخانا ياخشى بولمىغاندىن كىيىن مەنمۇ ياخشى تورالمايدىكەنمە.


  -قانداق،بىرە ئىش يۈز بەردىما؟


  -شۇ ،كۈندە قارايمەن،بىر نەرسە كام،قارايمەنكام،شۇندالا قارىسام سەن يوق شۇ كۆڭلۈم يىرىم،ئەتكەن پولورۇڭنى سىغىنىپ ،سىنى تىخىسىغىنىپ شۇ.


  -رەھمەت ،ھاجىمكا بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز.


  -ھە،شۇندامۇ،قاندا ئۆي ئىچى ،توققانلارتىنچلىقتۇ؟ سالامەتچىلكتۇ؟


  -ھەممەيلەن ياخشى ياخشى ھاجىمكا،رەھمەت.


  -قاندا قەشقەدە نىمىش قىلۋاتىسە؟


  -شۇ ،بىكار.


   -بىكا،ئا گەپنى قارا،سەندەك باللا بىكا يۈرسەباشقا ئادەم نىمىش قىلا،ئىش ئوقەتنىڭ ئىپى بولمىسا ،كىلىپ قازان چۈمۈچنى ئالامسەنئالامسەن يا؟ما ئاشخانا خۇشتۇرسىراپ كەتتى.


  -ئاللاھ ھاجىمكا نىمانداق خىجىل قىلىسىزئادەمنى،


  -ھە ،ئۇكام ،ئەمدى بار گەپنى دىدىم،ئەگەر كىلىمەندىسەڭ يەنە بىرە يىل ماڭا قارىشىپ بەر،يىللىق مائاشىڭ ،يول كىرا 50000 كوي بولسۇنقاندا؟


  -پۇلغۇ مەسىلە ئەمەس ھاجىمكا ، قىنى مەن ئانامبىلەن مەسلىھەت قىلىپ باقاي.


  -ماقا ئەمسە، ياخشى خەۋەر كۈتۈپ قالدىم جۇمۇ .


  -ئىنشائاللاھ ھاجىمكا.


  ھاجىمنىڭ بۇ تىلفونى خۇشتۇرنىيايرىتىۋەتتى،چۈنكى ئۇمۇ شاڭخەينى سىغىنغان ئىدى.خۇشتۇر يەنە ئانىسى بىلەنمەسلىھەتكە چۈشتى.


  -ۋاي بالام ، شۇ شۇ شاڭخەيما؟-دىدى زۆھراخانئەندىكىپ.


  -ھە ، ئانا ھاجىمكام بىر يىل ئىشلىسەم 50000كوي بىرىدىغان بولدى.


  -بالام،پۇل مەسىلىسى ئەمەس،ئەمدى مەن قىرىپقالدىم ،ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىغا ئاجىزلىق قىلىمەن.


  -ۋاي ،ئانا،شۇ ئېتىزنى بىرەسىگە كۆتىرەبىرە،يەنە شۇ يەر يەر دەپ ئۆتەمدۇق، يەرنىڭ كۆزى ئاچ،تىخى سەن بىزنى يەپمۇ تويمىغاچقايەر ئېتى بىلەن ئاتىلىپتىكەن.سەن بولدى شۇ ئېتىزغا چىقماي مال چارۋا بىقىپ ئارامئالە.


  -كىمگە بىرەمە بالام،ئۇنىڭ ھاشىرىنى ،دەردىنىكىمگە بىرىمەن؟


  -پۇلغا بىرىسەن ئانا ،پۇلغا،شۇ بىر يىل جاپاتارتىپ ئىشلىسەك يا 10000 كوي تاپىمىز ، يا بەش مىڭ كوي ،تىخى كەتكەن گۇڭ بىلەنسېلىق بۇنىڭ سىرتىدا.ئۇنىڭدىن مەن يەنە بىر يىل ئىشلەپ كىلەي، ئەمدى پۇل دىگەنلازىم بولىدىكەن . ئەمدى بۇ يەردە نەچچە يىل جان قىيناپ ئۇنچىلا پۇلنى تاپقىچەھىرىپ ھالىمىزدىن كىتەمىز . بۇلتۇرمۇ بىرىپ بىر يىل ئىشلەپ 40000 كوي ئەكەلدىم . ئەگەربەك قىيلىنىپ كىتىمەن دىسەڭ ، ماۋۇ يەرلەرنى تۇققانلارغا بىر يىللىق بىرىۋىتىپ ،شەھەردىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ بىرەي ، شۇ يەردە بىرە يىل ئارام ئال . ئاندىن كىلىپئۆيلەنسەم ئۆيلىنىپ ، ئاشقىنىغا پۇلغا شەھەردىن بىرە ئىش ئوقەت قىلامە،يائەپچىلغىنە ئاشخانىدىن بىرنى ئاچامەن.......


  خۇشتۇر ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئانىسىنى يەنە بىرقىتىم قايىل قىلدى،دىمىسىمۇ ئۇنىڭ دىگىنى تامامەن ئورۇنلۇق ئىدى.شۇنداق قىلىپخۇشتۇر قەشقەردىكى زىرىكىشلىك كۈنلىرىگە خاتىمە بىرىپ شاڭخەيگە قاراپ يول ئالدى.


8-تۇنجى مۇھەببەت


  8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يازنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىبولسىمۇ ئەمما شاڭخەي يەنىلا تىنجىق ئىدى، دىڭىز بويى شەھىرى بولغانلىقىدىنمۇئادەتتە ياز پەسلى شاڭخەي ناھايىتى تىنجىق بولاتتى،مۇشۇ دىمىق ھاۋادا شاڭخەينىڭئاۋات كوچىلىرىدا بىر ئۇيغۇر يىگىت يۈك تاقىلىرىنى كۆتىرىپ كىلىۋاتاتتى.ئۇ دەلخۇشتۇر ئىدى.


  خۇشتۇر مىڭىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى،ۋەئەتراپقا بىر قۇر قاراپ قانداق يىڭى ئۆزگىرىش باردۇ دىگەندەك كۆزىتىپ باقتى،ئەمماھىچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش يوق ئىدى،پەقەت ئاشخانا ئالدىدىكى بۇلتۇر يىڭىدىن يولقاسنىقىغا تىكىلگەن كۆچەتلەر ياپيېشىل بولۇپ ئەتراپى ھەرخىل گۈللەرگە تولغانئىدى.خۇشتۇر ئەتراپقا قاراپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىردى ۋە ئاشخانىدىكى ئەڭچوڭ ئۆزگىرىشىنى كۆردى ۋە كۆزىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدى.كۆز ئالدىدا يەنى پۇكەيدەئۇنىڭ شاڭخەيدىكى تۇنجى سىردىشى،يىقىن ئاغىنىسى ئابلەت تۇراتتى.


  -ئابلەت-خۇشتۇر ئابلەتنىڭ ئالدىغا ماڭدى.


  -ۋاي خوشتۇر ئاغىنەمغۇ بۇ-ئابلەتمۇ قوچاق ئىچىپخۇشتۇرنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئىككەيلەن قوچاقلىشىپ كەتتى، قول ئىلىشىپ قىزغىنكۆرۈشتى.


  -ئابلەت ،سەن قانداق قىلىپ؟


  -بولدى ،بۇ گەپلەرنى ئالدىرمايسۆزلىشىۋالىمىز،قېنى ھىرىپ كەتتىڭ ،ئاۋۋال ئولتۇر ،چاي ئىچ،قورسىقىڭمۇ ئاچ ھەقاچان،نىمە يەيسەن-ئابلەت خۇشتۇرنى تاماققا ئولتۇغۇزۇپ پۇكەيگە ھىساۋات قىلغىلىماڭدى. خۇشتۇر تامىقىنى يەپ بولۇپ ئابلەت بىلەن ياتاققا ئورۇنلاشقىلى ماڭدى. بىريىل ئىلگىرى ئۇلار مۇشۇ يولدا مۇشۇ ھالەتتە پاراڭلىشىپ ماڭغان ئىدى.


  -ھە ،ئاداش،قانداق بولۇپ كەپ قالدىڭ؟كەتكەندەبىر ئىغىز گەپمۇ قىلماي كىتىپسەن،ئۈيۈڭدە بىر ئىش بولدى دەپ ئاڭلىدۇق؟


  -ۋاي،ئاداش .نىمىسىنى دەيسەن،ناسىر دىگەنتۇزكور قاچقاندىن كىيىن نۇرمەمەت دىگەن خۇمپەر ماڭا قىلتاق قورۇپ ناسىرۋوگزالدىكەن ، بىرىپ ئىزدەپ باق دەپ مىنى يولغا سىلىۋىتىپ ،ھاجىمكامغا مىنى قاچتىدەپ يالغاندىن قارا چاپلاپ .ۋوگزالدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ يەر ئاستى ئۆيىدە قاتتىقئۇرىۋەتتى.ئاندىن......-ئابلەت ئىشنىڭ بارلىق جەريانىنى خۇشتۇرغا سۆزلەپ بەردى.


  -ھە....مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان-دىدىخۇشتۇر-ئاندىنچۇ؟


  -شۇنىڭ بىلەن يۇرتقا قايتىپ كەتتىم ،نەچچەئايدىن كىيىن ھاجىمكام تىلفۇن قىلىپتۇ.مەندىن بەزى گەپلەرنى سورىدى.


  -نىمە گەپلەرنى ،تەپسىلىي دىمەمسەن.


  -شۇ ھاجىمكام بىر كۈنى پوكەيگە قارايدىغانخوتۇن ئاغرىپ قىلىپ دۇختۇرخانىغا كەتكەندە ئىككى سائەتتەك پۇكەيدە ئولتۇرۇپقاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن خىرىدارغا پۇل قايتۇرغاچ تارتمىدا سولياۋغا ئوراقلىق بىر نەرسىنىكۆرۈپ قىلىپ ئىچىپتۇ .


  -نىمە نەرسىكەن ئۇ؟


  -ۋاي، ئاڭلىمامسەن دەپ بىرىۋاتقاندىن كىيىن ،شۇنىمە بولاتتى،سەن يازغان ماتىريال تىزىملىكى،مەن يىغقان تالونلاركەن،نۇرمەمەتئالدىراپ بىر سولياۋدىكى تالون ،تىزىملىكنى تىقىۋىلىپ يەنە بىرسىنى كۆرمىگەن چىغى،خەنزۇ خوتۇنمۇ ئىچىپ چۈشىنەلمەي قويۇپ قويۇپتۇ.كىم بىلسۇن ئايلىنىپ بىرىپھاجىمكامنىڭ قولىغا چۈشۈشىنى.شۇنىڭ بىلەن ھاجىمكام نەچچە كۈن سەھەردە چاندۇرماينۇرمەمەت ئەكەلگەن كۆكتات ماتىرياللارنى جىڭلاپتۇ . قارىسا راسلا چاتاق . بىر كۈنىنۇرمەمەت ماتىرياللارنى ئەكىلىپ تۇرىشىغا ھاجىمكام كەينىدىن كىلىپ :


  -نۇراخۇن ، ماتىرياللار قانداق ئەكىلۋاتىسىلە ؟


  -شۇ بۇرۇنقىدەك ، ئۇستاملار دىگەننى .


  -جىڭ يىنىدا ئۆزۈڭلا تۇرۇپ جىڭلىتىۋاتامسىلەياكى خەنزۇ جىڭلاپ بەرگەننى ئەكىلىۋاتامسىلە .


  -ئۆزۈم بىشىدا تورۇپ جىڭلىتىمەن .


  -شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداق بولسا ئا سەۋزىنى جىڭغاقۇياڭلا ، قىنى، ھىلىقى بۈگۈنكى تالون، قىنى كۆرۈپ باقاي ، ئۇلارنىڭ جىڭى ساقمۇ ؟- نۇرمەمەت نىمە قىلارىنى بىلمەي :


  -جىڭلىمىساقمۇ ئۆزۈم بىشىدا تۇرۇپ جىڭلاتقان ،ھاجىمكا مەسىلە يوق دەيمەن .


  -ھە ، قىنى بىر جىڭغا قۇيۇڭلا ، ئەكەڭلاتالوننى .-نۇرمەمەت ئامالسىز سەۋزىنى جىڭلىدى ، ئەمما تالون بىلەن ئىككى كىلو پەرقچىقتى .


  -ما نىمە ئىش نۇراخۇن ؟


  -ۋاي ، ما خەنزۇ خاتا جىڭلىدىمۇ بۇنى ؟


  -ئەمىسە باشقىسىنىمۇ جىڭغا قويۇپ بىقىڭلا؟-نۇرمەمەت يىسىۋىلەك، مۇچ ، كەرەپشە قاتارلىق بىر نەچچە كۆكتاتنى جىڭلىدى ئەممايەنىلا بىر كىلودىن ئۈچ كىلوغىچە پەرق چىقتى .


  -نۇراخۇن ، ھەممە خەنزۇنىڭ جىڭى بۇزۇقمىدۇ ؟مەن نەچچە كۈن بولدى ، ما ئىشنى تەكشۈرۋاتقىلى ، سىلىنى يۇرتدىشىم ، ماڭا ھەمدەمبولىدۇ ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ دەپ ما خىزمەتكە قويسام تىخى مىنىڭ ئالدىمداقۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سىتىۋاتامسىلە ؟


  -ياق ، ھاجىمكا ، بۇ ...بۇ ....


  -يەنە تىخى ئابلەتنى يالغاندىن قاچتى دەپبەتنام چاپلاپ ، مىنىڭ قولۇم بىلەن يوقاتتىڭلا شۇنداقمۇ ؟


  -ياق ، ئۇ دىمىسىمۇ قاچقان تۇرسا ؟


  -قاچقان ؟ ئۇ نىمىشقا قاچىدۇ ؟ مەن ئابلەتنىئوبدان بىلىمەن . ئەگەر ئۇ كىتىمەن دىسە گىپىنى ئوچۇق قىلىدۇ . سىلى توزاقنى خىلىئەتراپلىق قۇرۇپتىكەنسىلە شۇنداقمۇ ؟


  -ياق ، ھاجىمكا ئاندا دىسىلىرى بولمايدۇ ؟


  - يۇم ئاغزىڭنى ،ھايۋان سولامچى ، ما نىمە ماۋۇقاراپ باقە ئۆزەڭ ؟-ھاجىم ئابلەت يىغقان تالونلارنى نۇرمەمەتنىڭ يۈزىگە ئاتتى.نۇرمەمەت بولسا ئەينى چاغدا ئىشنى چالا قىلغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى .


  -بۇ...بۇ .. ھاجىمكا ، ئۇنىڭ ماڭا قىلغانتۆھمىتى ؟


  -تۆھمەت ، ئۇنداقتا نەچچە كۈندىن بىرى مەنجىڭلىغان كۆكتاتلارمۇ تۆھمەتمۇ ؟ بۈگۈنكىسىمۇ تۆھمەتمۇ ؟ يەنە پاكىت تولۇق تورۇپتۆھمەت دەيسەنغۇ ؟ تىخى نومۇس قىلماي كەچكىچە ئۇستام ، مۇلازىملاردىن داتلايسەن ،بولسا بۇلارنى تامام كەتكۈزىۋىتىپ ئاشخانىنى يالغۇز ئاچاي دىگەنما ؟


  -ياق ، ھاجىمكا ، بۇ .. بۇ ..


  -نۇرمەمەت ، ئەگەر ئەينى چاغدا ماڭا قىلغانياردىمىڭنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىسام ، سىنى ھازىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتتىم، بولدى ، ئەمدى كۆزۈمگە كۈرۈنمە ، يۇرتتىمۇ كۆرۈپ قالماي ، ئاستا يوقال .


  -ھاجىمكا ، مەن ئىزىپتىمەن ھاجىمكا ، بىز بىرمەھەللىدە چوڭ بولغان ، ئەمدى كەچۈرۋەتسىلە.


  -بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان ؟ بىر قورساقتاياتقان ئىنىمنى ئەينى چاغدا قانداق قىلغانلىقىمنى ئوبدان بىلىسەنغۇ ؟ ئۆزۈمنىڭئىنىسىنى كەچۈرمىگەن يەردە ، سەن قانچىلىك ئادەمتىڭ . بولدى ھازىردىن باشلاپئارىمىزدا ھىساۋاتمۇ يوق ، ھەم سەندەك ئاغىنەممۇ يوق . بولدى يوقال . كۆزۈمگەكۈرۈنمە .-دىگىنىچە نۇرمەمەتنى قوغلىۋىپتۇ – ئابلەت خۇشتۇرغا بولغان ئەھۋاللارنىئىيىتپ بەردى .


  -ھە،مۇنداق دە،ئاندىن ھاجىمكام سىنى قايتۇرۇپكەلدى دە؟


  -بىلىسەنغۇ ھاجىمكامنىڭ مىجەزىنى ،ناھەقكەچىدىمايدۇ،نائەھلىنى بوش قۇيىۋەتمەيدۇ،ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىپ قوغلىۋىتىپتۇ.كىيىنئۇقسام ،يۇرتتىمۇ شەرمەندە بولۇپ تۇرالماي باشقا يۇرتقا كىتىپتۇ دەيدۇ.


  -شۇ،ئاداش ،كىشىگە يامانلىق قىلسا،سورىقىبولماي قالمايدۇ،<ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشەر>دىگەن شۇ .


  -شۇنى دىگىنە ، بولۇت قوياشنىتوسالىسىمۇ،قۇياشنىڭ نۇرىنى،ھارارىتىنى توسالمايدۇ ئەمەسمۇ.ئەمدى ساڭا كىلەيلى،كىتىپ ئۈچ ئايمۇ تۇرالماپسەنغۇ يۇرتتا؟


  -شۇ ئاداش زىرىكىپ،ئۆيدىن بىر چىقىپكەتسەڭ،ئۆيدە يەنە تۇرالمايدىكەنسە.


  -راست دەيسەن،تار يەردە گۆش يىگۈچە،كەڭ يەردەمۇش يە دەيدۇ ئەمەسمۇ..........


   ئىككى قەدىناس بۇرادەر پاراڭلىشىپ ياتاققاقانداق كىلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالغان ئىدى.


  خۇشتۇرنىڭ ئاشپەزلىك ھاياتى يەنە باشلىنىپكەتتى،يەنە شۇ ئىشتىن چۈشسە ئۇخلاپ،ئۇخلاپ قوپسا ئىشلەپ كونا رىتىمدا مىڭىۋەردى.ئامالقانچە ئۆزى تاللىغان يول.


  شاڭخەينىڭ ئاشخانا سودىسى ئادەتتە چۈشلۈكتاماق،كەچلىك تاماق ئەڭ جانلىق،ئەڭ بىسىق ئىدى،چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئاشخانىغائاساسەن ئادەم كىرمەيتى.


  بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن خۇشتۇر كەچلىك بازارنىڭتەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى.


  -خۇشتۇر ئۇستام ،پولودىن بىرنى ،گۆشىنى توغراپ –دىگەنزاكاس ئاڭلاندى.


  خۇشتۇر پولونى ئۇسسۇپ ،مۇلازىمنى چاقىردى،ئەممامۇلازىم چىقمىدى.خۇشتۇر توۋلاۋىرىپ زىرىكىپ ئاخىرى پولونى ئۆزى ئىلىپ چۈشتى.


  -ما پولو كىمنىڭ؟


  -3-ئۈستەلنىڭ-دىدى ئابلەت-ۋاي،قىنى مامۇلازىملار؟


  -مەن نەدىن بىلەي،ئۇ گۇيلارنى؟


  خۇشتۇر پولونى ئۈستەلگە ئىلىپ ماڭدى ۋەخىرىدارغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.


  -ۋاي ،بۇ،سىزغۇ؟


  -ھە؟ سىز ؟ ھە..ئىسىمگە كەلدى،قانداق ئەھۋالىڭىز ،ياخشىمۇ سىز؟


  -ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟


  -ياخشى.


  -يەنە كەپسىزدە؟


  -ھەئە، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىز؟ئوقۇشىڭىزقانداراق؟


  -ياخشى كىتىپ بارىدۇ.


  ئىككلەيلەن بىر قۇر سالاملىشىۋەتكەندىن كىيىن،خۇشتۇر يوقىرىغا چىقىپ كەتتى.-نىمىدىگەن نازاكەتلىك-خۇشتۇر ئۇ قىزنىڭ خىيالىغاغەرق بولغان ئىدى.بۇ قىز دەل خۇشتۇرنىڭ سەپەردىشى قەندىل ئىدى.


  خۇشتۇر بۇ قىزنى يەنە بىر قىتىم كۆرىۋىلىشئۈچۈن پەسكە يەنە چۈشتى.قىزچاق تامىقىنى يەۋاتاتتى،خۇشتۇر ئابلەتنىڭ يىنىغا بىرىپ؛


  -ئاداش ،ئا قىزنىڭ تاماق پۇلىنى ماڭا يىزىپ قويھە.


  -نىمىشقا؟ كىمۇ ئۇ؟


  -بولدى سورىما،ماڭا يىزىپ قويساڭلا بولدى.


  خۇشتۇر يەنە قىزنىڭ يىنىغا كەلدى.


  -قانداق ئوخشاپتۇمۇ؟ بالدۇراق كەلگەن بولسىڭىزيىڭى پولو يەيتىڭىز،بۇ قازاننىڭ ئاخىرى ئانچە ياخشى ئەمەس .


  -نەدىكىنى،يەنىلا مىزىلىك تۇرمامدۇ،بەكلاكەمتەرمۇ سىز؟


  -ياقەي،سىزمۇ ئاشۇرىۋەتتىڭىز ،راست قايسىمەكتەپتە ئوقويسىز؟


  -ۋاي ، بۇ سوراپ....؟


  -خاتا چۈشىنىپ قالماڭ،ئىنىم بىلەن بىريەردىمىكى دەيمەن.


  -ھە....مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ئىنىڭىزتولۇق ئوتتۇرىدىغۇ دەيمەن.


  -شۇنداق ،ئۇنتۇپ قالماپسىزدە.


  ئىككلەيلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدى،شۇ ئەسناداخۇشتۇر بۇ قىزنىڭ بىرەر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن كاللا قاتۇرماقتائىدى،تويۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى.


  -راس،بۇنىڭدىن كىيىن پولو يىگىلى كەلسىڭىز ئالدىنماڭا دەپ قويۇڭ،سىزگە ئەڭ ياخشى يىرىدىن ئەپ قۇياي.


  -نىمىشقا ئەمدى،مەن بۇ ئاشخانىدا پولونى جىقيىگەن ،ھەمىشە ئوخشاشقۇ.


  -ياقەي،ھەممە ئىشنى ئۆز ئەھلى بىلىدۇ.ماۋۇمىنىڭ تىلفون نۇمۇرۇم ،كىلىشتىن بۇرۇن تىلفۇن قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى،ئەگەر كىلەرقىتىممۇ ئوخشاش بولۇپ چىقسا،بولدى سىزنى ئۆزەم بىر قوللۇق مىھمان قىلىمەنغۇ.


  -راستما،بولىدۇ ئەمىسە،كىلىشتۇق،ئەگەرھەقىقەتەن سىز دىگەندەك بولسا سىزنى مەن مىھمان قىلاي.


  -كىلىشتۇق.


  قەندىل تامىقىنى يەپ بولۇپ.ھىساۋات قىلغىلىپوكەيگە كەلدى، ئەمما ئابلەت خۇشتۇرنىڭ دىگىنىدەك ئۇ قىزنىڭ پۇلىنى ئالمىدى،قىزچاقھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى.ئاڭغىچە خۇشتۇرمۇ:


  -بولدى ،ئوخشىمىغان پولوغا پۇل تەڭلىمەيكىتىۋىرىڭ-دەپ چاقچاق ئارلاش كۈلۈپ قويدى.


  -ۋاي بۇ ،ئادەمنى ئەجەپمۇ خىجىلقىلدىڭىز،رەھمەت.


  -بولدى ،تەكەللۇپ قىلماڭ ،ئەمىسە كىلەر نۆۋەتئۇنتۇپ قالماڭ.


  -بولىدۇ،ئىسىمدە،قەندىل شۇلارنى دىگەچئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئابلەت خۇشتۇرغا قاراپ.


  -خۇشتۇرجان ، كىمۇ ئۇ ئاداش،توققىنىڭما؟


  -ياق، ئۇ ...-خۇشتۇر نىمە دەپ چۈشەندۈرىشىنىبىلەلمەي-ھە شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ-دەپلا يوقىرىغا چىقىپ كەتتى.


  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.خۇشتۇر پولودۈملەپ بولۇپ تىلفونىغا قاراپ قۇياتتى.لىكىن يانفون جىمجىت ئىدى.خۇشتۇرنىڭ ئىچىسىقىماقتا ئىدى.ئىنىقكى ئۇ قەندىلنىڭ تىلفونىنى ساقلاۋاتاتتى.يانفوننىڭ باتارىيىسىتۈگىگەنمىدۇ؟ يانفوننىڭ توختاپ قالغانمىدۇ؟دىگەندەك خىياللار بىلەن بىردەميانفوننىڭ توكىغا قاراپ،بىردەم تىلفون قالدۇق سوممىسىنى تەكشۈرۈپ زادى جىمتورالمىدى.ئەجىبا خۇشتۇر ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟بەلكىمشۇنداقتۇ،قارىمامىسىز ئۇنىڭ قەندىلنىڭ تىلفونىنى شۇنچە تاقەتسىزساقلىشىنى.ھەي..مۇھەببەت دىگەن قارىغۇدە.ناھايىتى تويۇقسىزلا پەيدا بولىدۇ،خۇددىتوك سوقۇۋەتكەندەكلا........ھەي ئاشىقلىق،ھەي سەۋدالىق.........


  خۇشتۇرنىڭ تىلفونى سايراپ كەتتى،ئۇ ھاپىلاشاپىلا تىلفوننى ئالدى.


  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قانداق ئەھۋالىڭىز؟


  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام،ئەھۋالىم ياخشىئۆزەڭچۇ؟


  تىلفۇن ئۇرغان قەندىل ئەمەس،بەلكى خۇشتۇرنىڭئانىسى زۆھراخان ئىدى.خۇشتۇر ئانىسى بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللىشىپ تىلفۇننىقويىۋەتتى،ئۇ يەنە ئاشۇ قىزنىڭ تىلفۇنىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلىماقتا ئىدى....


  مانا مۇھەببەت دىگەن،خۇشتۇرنىڭ تۇنجى مۇھەببەتئۇچقۇنلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومىتر يىراقتىكى بىر شەھەردە يىنىشىنىكىم ئويلىغان؟مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ماكان زامان تاللىمايدىغان قارىغۇنەرسە.ئوخشىغان تەبىقە،ئوخشىمىغان ئورۇندىكى كىشلەر قاتلاملىرىدا يۈز بىرىدىغانئاجايىپ گۈزەل.ھەم مۇرەككەپ نەرسە،يەنىلا شۇ مۇھەببەت.ئەمما تۇنجى مۇھەببەتھىچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەلتۆلەشكە رازى.خۇشتۇرمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.


  خۇشتۇرنىڭ كۈنلىرى يەنىلا شۇ قىزنىڭ تىلفونىنىساقلاش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.قىنى بۇ مۇھەببەت خۇشتۇرنى زادى قەيەرلەرگە ئاپىرىپتاشلايدۇ.......


                                                                  9 - كەچلىك بازاردىكى يانچۇقچى قىز

خۇشتۇرنىڭ يانفۇنى سايرىدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم-خۇشتۇرنىڭ يۈزىدەخوشاللىق جىلۋىلەندى،تىلفۇن قىلغان دەل ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتقان قەندىلئىدى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،خۇشتۇرجان ئۇستام قانداق ئەھۋالىڭىز؟

-ياخشى يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟

-ۋاي،شۇ ئۆگىنىشنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن.

-ھە،مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم.

-نىمە؟-قەندىل بۇ گەپلەردىن سەل ھەيران بولدى.

  -ۋاي،ھىچنىمە،قانداق ئاشخانىغا كەلدىڭىزما؟

  -مەنشۇ يولدا،سىزنى ئاۋارە قىلاي دەپ تىلفۇن قىلىشىم .

  -خوشمەرھەمەت

-ۋەدىمىز يادىڭىزدا باردۇ؟

-بولمامدىغان،يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا كىلىپ بولىسىز.

-يىرىم سائەت ئەتراپىدا.

-بولدى،تامام.ئەمىسە ئاشخانىدا كۆرىشەيلى.

  -بولىدۇ ئەمىسە.

خۇشتۇر تىلفوننى قويدى-دە پولو ئىتىشكە تۇتۇندى.ئۇ بو پولونى شۇنچىلىكتۈجۈپىلەپ ئەتتىكى مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم پۈتۈنئەس-يادى بىلەن ئەتكەن پولو دىيشىكە بولاتتى.خۇشتۇر پولونى دۈملەپ تۇرىشىغا تىلفۇنيەنە سايرىدى.

-خۇشتۇرجان ئۇستام ،پولو تەييار بولدىمۇ يا؟

  -سەلساقلاپ تۇرۇڭ ،ھازىرلا تەييار بولىدۇ.

-بولىدۇ ئەمىسە.

خۇشتۇر يەنە تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدى.بىر مىنۇت ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر سائەتبولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى.قىززىق ئىش،ئادەم سەۋدا بولۇپ قالسا ئاجايىپ بولۇپقالىدىكىنا،ھىچ ئىش خىيالىغا كىرمەيدۇ،پەقەت شۇ ئىشقى ئوتىدا ئۆرتىنىش بىلەنلا.

پولومۇ پىشتى،خۇشتۇر پولونىڭ ئەڭ ياخشى دەم يىگەن سەۋزىلىك يىرىنى ،گۆشنىڭئەڭ قارا،يۇمشاق يىرىنى ئاۋايلاپ تەخسىگە ئۇستى ۋە ئۆزى بىر قوللۇق پەسكە ئىلىپچۈشتى.

قەندىل چەتتىكى ئۈستەلدە يانفۇن ئويناپ ئولتۇراتتى.خۇشتۇر ئاستاغىنە كىلىپ:

-پولوغا ئىغىز تىگىڭ –دىدى ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن.

  -ۋايسىزنى ئاۋارە قىلىپ-قەندىلمۇ تەكەللۇپ بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.ھەم ئۇماققىنەكۈلۈمسىرەپ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

  -قىنىئالدىرماي يەڭ،يىڭى پولو قانداق بولىدۇ.تىتىپ بىقىڭ-خۇشتۇر شۇلارنى دىگەچ قىزنىتارتىنىپ قالمىسۇن دىدىمۇ ئۆزى يەنە ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.

قەندىل پولونى ھوزۇرلۇنۇپ يىمەكتە ئىدى.پولو ھەقىقەتەن ئوخشىغانئىدى.بۇنداق ئوخشىغان پولو پۈتۈن شاڭخەيدە ياق ،پۈتۈن ئىچكىرىلا ئەمەس شىنجاڭدىمۇكەم تىپىلاتتى.قەندىلنىڭمۇ بۇنداق ئوخشىغان پولونى يىيىشى تۇنجى قىتىم ئىدى.

خۇشتۇرنىڭ يانفۇنى يەنە سايرىدى.

-خۇشتۇرجان ئۇستام ،پولو ئانچە ئوخشىماپتۇغۇ؟

خۇشتۇر ھەيران قالدى.

  -ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  -يىڭىپولو كونا پولودەكمۇ ئەمەسكەن.

-بۇ...بۇ...

-بولدى ئاستا چۈشۈپ پۇلنى تۆلىۋىتەمسىز يا؟

-ھازىرلا چۈشەي.

خۇشتۇر ھەيران بولماقتا .شۇنچىلىك تۈجۈپىلەپ ئەتكەن پولونى ئوخشىماپتۇدەيدا،توۋا. خۇشتۇر ئاستا بىرىپ قەندىلنىڭ يىنىدا ئولتۇردى.

  -پولوراس ئوخشىماپتۇما؟

  -راسبولمايچۇ،قارىڭە ھەممنى يەۋەتتىم-قەندىل يەنە بىر تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىدى.

-ھە....؟ ئوخشىغان بولسا تەخسىنىمۇ يەۋىتەمسىز نىمە؟

-ۋىيەي ، ئەسكىلىنى – قەندىل كۈلۈپ كەتتى-ۋاي چاقچاق قىلىپ قويدۇم،بۇنداقئوخشىغان پولونى ئۈمرۈمدە تۇنجى يىيىشىم.

-شۇنداقمۇ ،  يائاللاھ ئەجەپقورقاتتىڭىز دىسە .

-شۇنىڭغىمۇ قۇرقۇپ كەتتىڭىزما؟

-ئەمدى نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ ئەتسەم،

  -بۇگەپچە بۇنى مەن ئۈچۈنلا ئەتمىگەنسىز.

-شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

-نىمىشقا؟

  -شۇئۇتتۇرۇپ قويماي دەپ.

  -ھە،ئەسلى جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەڭ

-ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولماس.

-چاتاق يوق ،ئەمىسە سائەت نەچچىدە ئىشتىن چۈشىسىز؟

-توققۇزدا.

-بولىدۇ،كەچتە تىلفۇن قىلىمەن.  

-راسما؟

-ئەلۋەتتە ، مەنمۇ گىپىدە تۇرىدىغان قىز جۇمۇ.

-ئەمىسە تىلفۇنىڭىزنى ساقلايمەن.

قىزچاق پۇكەي تەرەپكە تەمشەلدى،خۇشتۇر ئابلەتكە ئۇنىڭ پۇلىنى ئالما دەپشەرەت قىلىپ قويدى.

-بولدى كىتىۋىرىڭ-دىدى ئابلەت قەندىلغا.

-نىمىشقا؟

-پۇلنى تۆلەپ بولدى.

-كىمۇ؟

  -ۋايبولدى ،كىتىۋىرىڭ،بىر تەخسە پولوغا پۇل تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ-دىدى خۇشتۇر ئۇلاپلا.

-نىمانداق ئادەمنى خىجىل قىلىۋىرىسىز دەيمەن.

-بولدى ، خىجىل بولماڭ ئەمىسە ھىلىقى گەپ شۇنداق بولسۇن.

-خاتىرجەم بولۇڭ ،دەيمەن.

قەندىل شۇلارنى دىگەچ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئابلەت خۇشتۇردىن:

-ئاداش،ئۇقىز راستىلا تۇققۇنىڭما-دەپ سورىدى.

  -ھە....

-راسما؟

  -ۋاي،ھەئە

  -ماگەپ بىلەن مىنى ئالدىيالمايسەن جۇمۇ.

-خۇشتۇر ئۇستام ،پولودىن ئۈچنى-دىدى مۇلازىم ئاڭغىچە.

-ھە،ماقۇل-خۇشتۇر ئۈستىگە قاراپ ماڭدى،ئابلەت گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەيتۇرۇپ قالدى.

خۇشتۇر سائەت سەككىز بولغاندا رۇخسەت سوراپ چىقىپ كەتتى.ئەلۋەتتە ئۇ قەندىلبىلەن كۆرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقچى ئىدى.

خۇشتۇر ياتاققا كىرىپ ئاۋۋال يۇيۇنۇپ ئاندىن يىڭى ئالغان كىيىملىرىنىكىيىپ،چىچىنى رەتلىك تاراپ قەندىلنىڭ تىلفونىنى ساقلاپ ئولتۇردى.قەندىلنىڭتىلفونىمۇ كەلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇشتۇرجان ئۇستام، بىكار بولدىڭىزمۇ-يا؟

-ئەلۋەتتە،سىزنى ساقلاپ تۇرغان.

-ئەمىسە ۋەيتەنگە كىلىڭ.

-ۋەيتەنگە؟

-شۇنداق،كىلەلەمسىز يا؟

-ھازىرلا بارىمەن.

  -ئەمىسەسىزنى سائەت بار بىنا ئالدىدا ساقلايمەن.

-بولىدۇ.

خۇشتۇر شۇلارنى دىدى-دە ياتاقتىن ئۇچقاندەك چىقىپ تاكسى توستى ۋە ئۇدۇلۋەيتەنگە قاراپ يول ئالدى.ئۇ ناھايىتى خوشال ئىدى. چۈنكى ئۇ نەچچە كۈن پىراقىداكۆيگەن ،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن تۇنجى قىتىم كۈرۈشكىلى ماڭدى.ئۇ بۇمىنۇتلارنى قانچىلىك تەققەزالىق بىلەن كۈتتى-ھە.

  تاكسىۋەيتەننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.خۇشتۇر تاكسىدىن چۈشۈپ سائەتلىك بىناغا قاراپ تىزيۈرۈپ كەتتى.ئۇ شۇقەدەر تىز ماڭدىكى ئاشۇ 100 مىتر ئارىلىقمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نەچچەكىلومىتردەك،خۇددى جايىدا تۇرماي ، يىقىنلاشقانسىرى،يىراقلىشىپ كىتىۋاتقاندەكتۇيۇلماقتا ئىدى.

  ئۇبىنا ئالدىدا تۇرغان قەندىلنى كۆرۈپ ،ئالدىغا بىرىپ ئەدەپ بىلەن.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم-دەپ سالام قىلدى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ھەجەپ تىز كەپسىزغۇ ؟

-ئەمدى ،كىچىكىش بىلەن پەقەت خۇشۇم يوق .

  -ھەمۇنداق دەڭ .قىنى ئەمىسە يۈرۈڭ.

  -نەگەبارىمىز؟

-پاراخوتقا چىقىمىز.

-پاراخوتقا؟ تاماق يەيدىغان بولغانغۇ؟

-ئەسلى شۇنداقتى،ئەمدى سىز ئاشخانىدا ئىشلەيسىز،ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپچارچىغانسىز،تاماق يەيلى دىسەم،سىز ئاشخانىدا يىمىگەن تاماقلارمۇ قالمىغاندۇ،شۇڭاسىزنى شاڭخەينىڭ كەچلىك ساياھىتىدىن بەھىر ئالغاچ ،دەريا تاماششىسى قىلسۇن دىدىم،قانداق؟

  -ھە،مۇنداق دەڭ،بەك ئەتراپلىق ئويلىشىپسىز،مىنىڭ پاراخوتقا بەكمۇ چىققىم بار ئىدى.ئەمما ئاشخانىدىن بىكار بولالماي ھازىرغىچە چىقالمىغان،بۈگۈن سىزنىڭ بانالىرىڭىزداچىقىۋالىدىغان بولدۇم –دە،رەھمەت سىزگە .

  -ۋاي،نىمىگە تەكەللۇپ قىلىسىز ،قىنى يۈرۈڭ.

-ئىككەيلەن بىللە پاراخوت تەرەپكە قاراپ ماڭدى .قارىماققا ئۇلار ناھايىتىماسلاشقان بىر جۈپلەر ئىدى.قەندىل بىلەت ئىلىپ خۇشتۇرغا يول باشلاپ پاراخوتقاچىقىش سوپىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

خۇشتۇر بىلەن قەندىل پاراخوتتا شاڭخەينىڭ ئەڭ ئاۋات،ئەڭ گۈزەل،تەرەققىيقىلغان پۇدۇڭ رايونىدا كەچلىك ساياھەت قىلماقتا ئىدى.نىمىدىگەن گۈزەل،مەنزىرە،نىمىدىگەن بەھەيۋەت ئىگىز بىنالار،جۇش ئۇرۇپ ئىقىۋاتقان دەريا،سەيلە پاراخوتلىرى،ھەقىقەتەنمۇتەسۋىرلەش قىيىن بولغان ئاجايىپ بىر دۇنيا.

خۇشتۇر شۇ تاپ ھەممە تەرەپكە بويۇنداپ قارىماقتا ئىدى.خۇددى بۇ يەرنىكۆرمىگەندەك،تۇنجى كىلىپ قالغاندەك ھىسسىيات بىلەن قارىماقتا ئىدى.توغرا ئۇ ئىككىيىل بۇرۇن مانا مۇشۇ يەرلەرنى كۆرىمەن دەپ دەل مۇشۇ يەردىن تاكسىغا ئولتۇرۇپئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بارغان ، شۇ سەۋەپ شاڭخەيدە تۇرۇپ قالغان ئىدى.ئەگەر شۇ چاغدابۇ يەرگە كەلمەي ئۇدۇل كەتكەن بولسا،بۈگۈنكى بۇ ھىسسىياتلارنى ئۇ قاچانمۇ ھىس قىلابولغىيتى ؟!

-قانداق ؟چىرايلىقمىكەن؟-قەندىل سۆز باشلىدى.

-ئەلۋەتتە. نىمىدىگەن گۈزەل جايلار بۇ .

  -نىمە،ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىز ،بۇ يەرگە كىلىپ باقمىغانما؟

-كىلىشنىغۇ كەلگەن ،لىكىن كەچتە كىلىپ باقماپتىكەنمەن دىسە، پاراخوتقاتۇنجى چىقىشىم تىخى.

-ئۇنداق ئەمەستۇ؟سىز شاڭخەيگە كەلگىلى بىر يىلدىن ئاشقان تۇرسا ،پاراخوتقاچىقىپ باقمىدىم دەيسىزغۇ؟

-شۇ،بىلىسىز،كۈندۈزى خىزمەت بىلەن ئالدىراش،كەچتە يا سىرتقا يۈرەكلىكچىقالمايمىز،كەچ قالساق،ياتاققا كىرەلمىسەك،ئۆلگىنىمىز شۇ.

-ھە...

ئىككەيلەننىڭ پارىڭى داۋام ئەتمەكتە ئىدى.قەندىلنىڭ ھەر بىر گىپى خۇشتۇرغاشۇنچلىك يىقىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى.ئۇ ۋاقىتنىڭ ئاستا ئۆتىشىنى،قەندىل بىلەن بىرمىنۇت بولسىمۇ ئۇزۇن تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى،قىرىشقاندەك ۋاقىت شۇنچىلىك ئىتتىكئۆتىۋاتاتتى.بىردەمدىلا بۇ كىچە خۇشتۇرغا ئۇنتۇلغۇسىز ،گۈزەل ئەسلىمىلەرنىقالدۇرۇپ ئۇنى قايتىپ كىتىشكە مەجبۇر قىلماقتا ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ بۇ قىزدىن پەقەتلائايرىلغۇسى كەلمەيتى.يەنە بىر سائەت ياق ئەدناسى بىر مىنۇت،دىقىقە بولسىمۇ بىللەتۇرغۇسى بار ئىدى.لىكىن ئاشخانا تۈزۈمى ،ھاجىمنىڭ جازاسى ئۇنى قايتىشقا مەجبۇرقىلماقتا ئىدى.

-قانداق ،ياخشى ئوينىغانسىز-دىدى قەندىل خۇشتۇرغا قاراپ.

-ئەلۋەتتە،ئۈمرۈمدە بۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپ باقمىغانىدىم.رەھمەت سىزگەمىنىڭ بىر يىللىق ھاردۇقۇمنى بىرلا چىقىرىۋەتتىڭىز.

-ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  -راسدەيمەن،شۇنداق كۆڭۈللۈك بولدى دىسە.

-قانداق دەيسىز؟

  -شۇ،ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە سەيلى قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تىپىلماس بەختكەن-خۇشتۇربۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى پەقەتلا بىلمىدى.

  -نىمەدىدىڭىز؟-قەندىلمۇ ھەيران قالدى.

-ھە....ھىچنىمە؟ شۇ بەك كۆڭۈللۈك بولدى.

-ياخشى كۆرگەن ئادەم دىدىڭىزغۇ؟

-ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  -مەنشۇنداق ئاڭلىدىمغۇ.

  -مەنھەجەپ بىلمەپتىمىنا؟

-ئەگەر زە.....؟

  -نىمەئەگەر؟

  -مىنىئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز بۇنداق قىيلىنىپ يۈرۈشىڭىزنىمۇ ھاجىتى يوقتى.

-ھە...سىز...؟

  -شۇ،مىنىڭ قولۇمدىن خىلى ئىش كىلىدۇ،ئۆزۈممۇ شۇنداق ئويلايمەن.مىنى ئالىدىغان ئەرنىڭچوقۇم ئامىتى بار ،ھىچ ئىش قىلمىسىمۇ ئۆزۈم بىر قوللۇق بىقىپ كىتەلەيتىم.

-قانداق قىلىپ؟

-دىدىمغۇ مىنىڭ قولۇمدىن خىلى ئىش كىلىدۇ،پۇل تىپىشقا خىلى ئىپىم بار.

  -ۋاي،راستما؟

-يالغانمۇ ئەمەس.ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ،ئەمدى قايتايلى.

-بولىدۇ سىز نەگە بارىسىز؟مەن ئاپىرىپ قوياي.

-بولدى ئاۋارە بولماڭ،مەن يىقىن ئەتراپتا تۇرىمەن،لىكىن سىز كىتىۋىرىڭكەچتە تاكسى تاپماق تەس.

-ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا سىزنى ئاپىرىپ قويمىسامبولماس.سىز قىز بالا تۇرسىڭىز.كەچتە مىڭىپ يۈرسىڭىز ياخشى بولماس.

  -ۋاي،بولدى ئاۋارە بولماڭ،مەن دىگەن بۇ يەرنىڭ كونىسى ،ھە، تاكسى كەلدى،قىنى چىقىڭ،كەچقالماڭ.

  -بەكسەت بولدى،ئەمىسە ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.

-ماقۇل ،خوش ئەمىسە.

  -خوش.

خۇشتۇر تاكسىغا چىقىپ ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ،ئەمما ئەس-يادىقەندىلدا،بۈكۈنكى سۇ ئۈستى ساياھىتىدە ئىدى.نەقەدەر گۈزەل ،ئەستىن چىقماس مىنۇتلارھە.خۇشتۇرنىڭ خىيالىدا يەنە بىر سۇئالمۇ بار ئىدى.ئۇ بولسىمۇ قەندىلنىڭ <مىنىئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز، بۇنچىلىك جاپا تارتمايتىڭىز> دىگەن سۆزى ئىدى.ئۇ نىمىشقابۇنداق دەيدۇ،ئەجىبا بۇ قىز بىرە باينىڭ قىزىمىدۇ ؟ ياكى كەسپى شۇنداق ياخشىكىرىمى ياخشىمىدۇ؟.... خۇشتۇرنىڭ خىيالىغا ھەر نەرسىلەر كەلمەكتە ئىدى.....

خۇشتۇر ياتاققا كىلىپ خىلى ۋاققىچە ئۇخلىيالمىدى،چۈنكى ئۇ قەندىلنى شۇقەدەر ياخشى كۆرۈپ قالدىكى ،ئۇنى كۆرگۈسى ،بىللە بولغۇسى ،قەلبىنى ئىزھار قىلغۇسىكىلىپ كەتتى.ئەمما قەلبىنى قانداق ئىزھار قىلىشنى پەقەتلا بىلمىدى.<تىلفۇندادەيمۇ؟ياكى يۈز تۇرانە دەيمۇ؟>خۇشتۇر ئويغا چۆككەن ئىدى،قانداق قىلسا ئۇ قىزغاقەلبىدىكى دىيەلمىگەن گەپلىرىنى تولۇق دىيىشىنى ئويلىشىۋاتاتتى. <توختا ،ئەڭياخشى خەت يازاي،شۇنداق،ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە مۇڭداشسام داۋاملىق تىلىمگاچىلىشىپ، دەيدىغان گىپىمنى تاپالمايدىكەن مەن ئۇنىڭدىن خەتتە ئۇچۇق دەي ،توغراشۇنداق قىلاي.> خۇشتۇر ئورنىدىن تورۇپ قەغەز،قەلەم ئىلىپ كارۋىتىدا يىتىپقەندىلغا <سۆيگۈ مەكتۇبى> يازدى.......

  ئەتىسى خۇشتۇر ئاشخانىغا بالدۇر چىقىپ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا سەۋزەقىرىۋاتاتتى،بىر چاغدا ئابلەت ئۇنى چاقىردى.خۇشتۇر پەسكە چۈشۈپ ئابلەتنىڭ يىنىغاباردى.

-خۇشتۇر ئاداش ،راست گەپ قىلە ،ئاخشام نەگە باردىڭ-دىدى ئابلەت.

  -شۇكەچلىك بازارغا.

  -نىمەئالدىڭ؟

-تۈزۈك نەرسىنىڭ تايىنى يوقكەن،ئايلىنىپ يىنىپ كەلدىم.

-ئاداش مەندىن گەپ يۇشۇرما،ئاخشام ھىلىقى تۇققۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بىللەئايلاندىڭغۇ دەيمەن؟

-قايسى تۇققۇنۇم بىلەن؟

  -تولامۇغەمبەرلىك قىلما،سەن دائىم پولو بىلەن مىھمان قىلىدىغان قىز توققۇنىڭ بىلەن.

  -بۇنىسوراپ نىمە قىلىسەن؟

-ئاداش ،سەن ئۇ قىزنى راس تۇنۇمسەن؟

-ھەئە.

  -ئۇتۇققۇنىڭ ئەمەسقۇ دەيمەن؟

-تونۇشۇم،ئەجەپ سوراۋەتدىڭ،ئۆيگە قايتقۇچە پويىزدا تۇنۇشۇپ قالغان.

-ھە،مۇنداق دە ،بۇ يەردە نىمىش قىلىدىكەن؟

-ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدىكەن.

-ئالىي مەكتەپتە دە،سەن شۇنداق دىسە ئىشەندىڭما؟

-ئىشەنمەي،قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن قالىدىكەن.

  -سەنتىخى بالىكەنسەن ئاداش،ھەي ،ئويلاپ باقە قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار چۈشتىنكىيىن دەرس ئوقۇماي لاغايلاپ يۈرىدىكەن ؟قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار سائەت10دىن بورۇن قايتماي سىرتتا يۈرۈيدىكەن؟

  -سەنزادى نىمە دىمەكچى؟

  -سەنتۇققۇنۇم،تۇنۇشۇم دەپ يۈرگەن ئۇ قىز ئوغرى ،بىلەمسەن؟

  -ياق، يالغان

-يالغان، ئەمىسە كەچتە گۇاڭجۇ يولىغا بىرىپ قاراپ باق.مەن شاڭخەيدەتۇرىۋاتقىلى تۆت يىلىدىن ئاشتى ،كىمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدانبىلىمەن.قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل.

خۇشتۇرنىڭ بىشىدا چاقماق سوققاندەك بولدى،ئۇ قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى.<سەن تۇققۇنۇم،تۇنۇشۇم دەپ يۈرگەن ئۇ قىز ئوغرى ،بىلەمسەن > بۇ گەپ خۇشتۇرنىڭقۇلاق تۈۋىدىن پەقەتلا كەتمىدى.<بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن،قەندىل ئوغرىما؟ياقئىشەنمەيمەن،ئابلەت چوقۇم خاتالاشتى ،ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.

خۇشتۇر گاراڭ بولۇپ قالغان ئىدى.ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنىبىلەلمىدى.پولونى قانداق دۈملەۋاتقانلىقىنى ،قانداق كەچ بولغانلىقىنى پەقەتلابىلمىدى.ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن گۇاڭجۇ يولىغا بىرىپ ، ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنىبىلمەكچى بولدى.

  مانائۇ ئىشتىن چۈشۈپ گۇاڭجۇ يولىغا قاراپ ماڭدى.ئىچىدە:

-ئابلەت چوقۇم خاتالاشتى،قەندىل ئۇنداق قىز ئەمەس-دىگەنلەرنى ئويلاپماڭدى.ئۇ مىڭىپ گۇاڭجۇ يولىغا قانداق كىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلەيلا قالدى.ئەتراپناھايىتى جانلانغان، كىلىپ-كىتىۋاتقانلار،ئالارمەن،ساتارمەنلەر ئۆز ئىشى بىلەنبەند ئىدى.

  خۇشتۇرئەتراپقا نەزەر تاشلىدى.ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى.خۇشتۇرنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپكىتىۋاتقان كىشىلەت خۇشتۇرغا قاراپ ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ سومكىلىرىنى مەھكەم تۇتۇپ،خۇددى ئوغرىدىن قاچقاندەك تىز-تىز ماڭماقتا ئىدى.

  -ۋۇ،ھاراملىق ئوغرىلار،ئادەمنىڭ يۈزىنى تامام تۆكۈپ بولدى-دە،ياخشمۇ ئوغرى،يامانمۇئوغرى قارىلىپ،يا بۇ شەھەردە خاتىرجەم ماڭغىلى بولىمىغان،يا بىرەر ياتاققا ئۈسسۈپكىرىپ ياتاق ئالالمىغان،يا تاكىس ئالدىراپ توختىمىغان،بازارغا بارسىمۇ دۇكاندارلارقوغلاۋاتقان،پۇل تۇرۇپ خەجلىيەلمىگەن.ھەممىسى مۇشۇ مىللەتنىڭ شەنىگە چىچىدىغانبىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دەپ بۇ بىر نەچچە ئوغرىلارنىڭ كاساپىتىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارئوغرى ئاتىلىپ كەتتى دىسە.ھەي......

خۇشتۇر شۇلارنى خىيال قىلىپ ،ئوغرىلارغا نەپرەتلىنىپ ،لەنەت ئوقۇپ،قارغاپقىتىۋاتقاندا خۇددى قاققان قوزۇقتەك داڭقىتىپ تۇرۇپ قالدى. كۆز ئالدىدا يۈزبىرىۋاتقان مەزىرىگە پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتى.

  ئەممارىئاللىق ئۇنى ئىشىنىشكە مەجبۇر قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى،نەچچە كۈنئىشقىدا سەۋدا بولۇپ ،يۈرەكنى ئۆرتەنتكەن مەشۇقى قەندىل بىر ياش خەنزۇ قىزنىڭسومكىسىغا قول سالماقتا ئىدى.خۇشتۇرنىڭ كۆزىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتى.خۇشتۇر مۇشۇۋاقىتتا ئۆزنى چۈش كۆرىۋاتىمەن ،ئۇ قەندىل ئەمەس دەپ خىيال قىلىپ باققۇسى،بۇرىئاللىقنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيۋاتاتتى.لىكىن ئامال قانچە،كۆپىنچە ۋاقىتلاردارىئاللىق ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى تولىمۇ ئىچىنىشلىق،قايغۇلۇق بولىدۇ.خۇشتۇرمۇبۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.

خۇشتۇر ئارقىغا بورۇلۇپ ماڭدى ، ئۇ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلماي دىسىمۇلىكىن ئامالى قانچە؟ ئۇ چىن دىلىدىن سۆيگەن ،ئىشقىدا كۆيگەن قىز ،ئۇ تىخى بايىلاتىللاپ ،لەنەت ئوقىغان ،بىزار بولغان ئوغرى ئىدى.

  بۇرىئاللىق نىمىدىگەن رەھىمىسىز ھە؟! تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقى خۇشتۇرغا بەك ئىغىر بولۇپكەتتىمۇ قانداق؟ ھەي تەقدىر..........ھەي پەلەك.............


                                                                            10- ئاپا ! مىنى تاشلاپ كەتمەڭ.........


  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى.خۇشتۇرنىڭكەيپىياتى تىخىچە چىچىلاڭغۇ،بىنورمال ئىدى.قەندىل ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇمەنزىرە ئۇنى تامام گاراڭ قىلىپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭ كالىسىدا:-نىمە ئۈچۈن؟ ئۇ نىمەئۈچۈن بۇ يولدا ماڭىدۇ؟ ئەجىبا ئۇ، بۇ يولنىڭ ئۇنى قانداق ئاقىۋەتكەباشلايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟ شۇنداق چىرايلىق ، نازاكەتلىك ئۇيغۇر قىزى نىمەئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ ؟.....-دىگەندەك چىگىش ،تىگى يوق خىياللار خۇشتۇرنىڭ پۈتكۈلزىھنىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىچە بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەپباقتى،لىكىن جاۋابلىرىدىن قانائەتلەنمىدى.يەنە شۇ چىگىش خىياللار.ئۇ ئۆزىنى بۇ رىئاللىقتىنقاچۇرغىسى ، ئۇنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمىدى. ئەمما ئامال قانچە؟


توساتتىن ئابلەت خۇشتۇرنى چاقىردى.خۇشتۇر پەسكە چۈشتى ۋە ئابلەتنىڭ يىنىغاباردى.ئابلەت سۆز باشلىدى:


-ئاداش نىمە بولدۇڭ ؟ ئۆزۈڭ بىر يەردە ، كۆڭلۈڭ بىر يەردە بوپ قالدىغۇ؟


-ياقەي، ئۇنداق ئەمەستۇ .


-ئۇنداق ئەمەستۇ . قارىغىنە ئەتكەن پولوغا، مۇشۇ سەن ئىتىدىغان پولوما؟ بىردۈملىسەڭ ئۇماچتەك، بىرىدە قوماچتەك،بىرى شاكراپ،بىرى تۇزسىز .كۆرمەيۋاتامسەنخىرىدارلارنىڭ ئىككى قوشۇق يەپلا يىمەي چىكىتىۋاتقانلىقىنى ، يەنە ئۇنداق ئەمەسدەيسەن ، ھاجىمكام بىلىپ قالسا ، قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل.


-بولىدۇ ئاداش ،دىققەت قىلاي.


-دىسەم دىمىسەم ، سەن يەنە شۇ ئوغرى قىزنى ئويلاۋاتامسەن؟ ئۇ سىنىڭ شۇنداققىلىشىڭغا ئەرزىمدۇ ؟ ئۇ قانداق ئادەم ؟ سەنچۇ؟ ئەگەر ئىنىڭ بىلىپ قالسا سەنچەقانداق بۇلا ؟ ئۆزۈڭنى تۇتىۋال ئاغىنەم جاھان تىخى ئۇزۇن.


خۇشتۇر ئۈندىمەي چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئوي خىيالى قەندىل توغرىسىداسۇئاللارغا جاۋاپ تىپىشتا ئىدى . لىكىن جاۋاپ تاپالمايتى.چۈنكى بۇ ئىشلار خۇشتۇرغاقاراڭغۇ ئىدى.


ئارىدىن يەنە نەچچە كۈن ئۆتتى . خۇشتۇرنىڭ كەيپىياتىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى.بارغانچەئەسەبىيلىشىپ كەتتى . نىمىلا دىگەن تۇنجى سۆيگۈسى ئەمەسمۇ ، كىممۇ تۇنجىسۆيگىسىنىڭ بۇنداق ئىچىنىشلىق بەرپاد بولىشىنى خالايدۇ ؟ ئۇ ئاخىرى بۇ سۇئاللارنىڭجاۋابىنى قەندىلنىڭ ئۆزىدىن ئالماقچى بولدى.توغرا ، بۇ سۇئاللارغا پەقەت قەندىللاتوغرا ،ئىنىق جاۋاپ بىرەلەيدۇ.


خۇشتۇر قولىغا يانفوننى ئىلىپ قەندىلنىڭ نومىرىنى ئىزدىدى.ئاندىن ئۇنىڭغاتىلفون ئۇردى.


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، خۇشتۇرجان ئۇستام قانداق ئەھۋالىڭىز ؟


-ياخشى ئەمەس-خۇشتۇر ئۇدۇللا جاۋاپ بەردى.


  -نىمە؟ بىرە ئىش بولمىغاندۇ .


  -بۇنىكىيىن دەپ بىرەي ، كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ كۆرىشەيلى


-كەچتە ....كەچتە ئۆگىنىشىم بار ئىدى .


خۇشتۇرنىڭ – سەن ئوغرىنىڭ نىمە ئۆگىنىشى بار –دىگۈسى كەلدى ، لىكىندىيەلمىدى ۋە يالۋۇرغان قىياپەتتە :


-ئۇنداق قىلماي ، كۆرۈشسەك بوپتىكەن ، سىزنى ئىزدەيدىغان مۇھىم ئىشىم بارتى.


-مۇھىم ئىش ؟ قانداق ئىش ئۇ ؟


-تىلفوندا دىيىش سەل بىئەپ.


-ئۇنداق بولسا-قەندىل بىر ھازادىن كىيىن جاۋاپ بەردى-نەدە كۆرىشىمىز؟


-جۇڭسەن باغچىسىدا كۆرۈشسەك قانداق ؟


-بولىدۇ ، كەچتە كۆرۈشەيلى ئەمىسە.


-بولىدۇ ، رەھمەت ، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.


خۇشتۇر ئىشتىن چۈشۈپ ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىپ ماڭدى.يول بويى يەنە شۇمەنزىرىنى ئويلاپ كۆڭلى غەش ھالدا جۇڭسەن باغچىسىغا يىتىپ باردى.


شاڭخەيدە ئاممىۋى باغچىلار خىلى كۆپ ئىدى.لايىھىلىنىشىمۇ كۆركەم . تۆتپەسىل يىشىل تۇرىدىغان ئاكاتسىيە دەرەخلىرى،قارىغاي،چىملىقلار ، ۋە ھەرخىل گۈللەربىلەن تولغان،ھەر 10 مىتر ئارلىققا بىردىن ئورۇندۇق،سۇنئىي تاغلار بىر-بىرىگەتولىمۇ خوپ كەلگەن ئىدى .كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايتى.


خۇشتۇر جۇڭسەن باغچىسى ئالدىدا قەندىلنى ساقلاپ تۇردى.قەندىلمۇ ھايالئۆتمەي كەلگەن ئىدى.ئىككەيلەن بىر قۇر سالاملىشىپ ،ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىنباغچىغا كىرىپ خالىي جايدا ئولتۇردى.


-قانداق، مىنى ئىزلەيدىغان قانداق مۇھىم ئىشىڭىز بار ئىدى-قەندىل سۆزباشلىدى.


  -سىزگەدەيدىغان گىپىم ناھايىتى نۇرغۇن .قايسىنى دىسەم بۇلا بىلمەيۋاتىمەن.


  -قىنىدەڭ ، نىمە گەپ بولسا.


-قەندىل ، بىلەمسىز ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. سىزنى چىن دىلىمدىنسۆيىمەن. سىز بىلەن پويىز ئۇچراشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىزنى قانداق ياخشى كۆرۈپقالغانلىقىمنى ، قانچىلىك سۆيىدىغانلىقمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن......


  -مىنىئالداۋاتامسىز ؟ يا چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟


  -ياق، سىزچە چاقچاق قىلغاندەك تۇرامدىم. مەن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن دەۋاتىمەن.


-لىكىن مەن بۇلارغا ئەرزىمەيمەن.


-شۇنداق ، راس دەيسىز ، ئۇنداقتا سىز نىمە ئۈچۈن مىنى ئالدايسىز ؟


-سىزنى ئالدىدىم ؟ قانداق ئالداپتىمەن ؟


  -تولامۇغەمبەرلىك قىلماڭ .


  -قىنىدىمەمسىز ، سىزنى قانداق ئالدىدىم ؟


  -سىزئالىي مەكتەپتە ئۇقامسىز ؟


  -ھەئە.


  -مانا، يەنە ئالداۋاتىسىز ، سىزدىن ئۆتىنەي ، ماڭا راس گەپ قىلىڭ ،مەن ھەممىنى كۆردۈم.


-نىمىنى كۆردىڭىز ؟


  -تولاسوراۋەرمەڭ ، سىز نىمىشقا مىنى ئالدايسىز ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ يولنى تاللايسىز ؟


  -سىززادى نىمە دىمەكچى ؟ دىگەنلىرىڭىزنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.


  -نىمەئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلىسىز ؟ سىزگە باشقا يول يوقما؟ نىمىشقا بۇ يولدا ماڭىسىز ؟ بۇسىزگە يارىشىدىغان ئىشما؟


  -نىمەدەپ جۈيلىۋاتىسىز ؟ نىمە دەۋاتقىنىڭىزنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم-قەندىل ئۆزىنىقاچۇرۇۋاتاتتى،لىكىن ئۇنى چىرايى ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلماقتا ئىدى.


-قەندىل،مەن ھەممىنى كۆردۈم ، سىز گۇاڭجۇ يولىدا ئوغۇرلۇق قىلىدىكەنسىز ،ئىيتىڭە نىمىشقا شۇنداق قىلىسىز ؟


-ئەجىبا سىز راستىنلا باردىڭىزما ؟


-قەندىل ئەمدى مىنى ئالدىماڭ،سىز نىمىشقا بۇ يولدا ماڭىسىز ؟ بۇ ئىش سىزبىزگە يارىشىدىغان ئىشما؟ بۇ بىزدەك بىر ئىسىل ،ئەخلاقلىق،ئىمانلىق مىللەتكەيارىشىدىغان ئىشما؟ بىز ئالتۇن تىپىۋالساقمۇ كۆز قىرىمىزنى سالمايدىغان ، خەقنىڭھەققىگە چاڭ قوندۇرمايدىغان مىللەت تۇرساق ، سىز نىمىشقا بۇ يولنى تاللايسىز .


قەندىل جىمىت كەتتى . ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلمەكتە ئىدى.شۇ تاپتا ئۇ قەلپيارىسىنى ئاشىقىغا قانداق ئىيتىشىنى بىلمەيۋاتاتتى. پەقەت كۆز ياش بىلەن ئۈندىمەيتۇراتتى . خۇشتۇر يەنە سورىدى:


  -قەندىل سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىڭ ، نىمە ئۈچۈن بۇيولنى تاللىدىڭىز ؟


قەندىل بىر ھازا ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى :


  -مەنئىسىمگە كەلسەم – قەندىل يىشىنى سۈرتكەچ دەردىنى بايان قىلىشقا باشلىدى-ئاتا-ئانامناھايىتى ئىناق ئۆتەتتى. ماڭىمۇ بەك ئامراق ئىدى . بولۇپمۇ دادام -ئۇماق قىزىم ،ئالتۇن قىزىم ، تاتلىق قىزىم-دەپ ئەركىلىتىپ ،نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرەتتى.لىكىن بىزنىڭ بۇ بەختىمىز ئۇزۇن بارمىدى.دادام تىجارىتىدە زىيان تارتىپ تۈگىشىپلاكەتتى.بىر كىچىدىلا قويمىچىلارغا قويۇلۇپ بارلىق دەسمىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى،ئۇنىئاز دەپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. دادام بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي ھاراققابىرىلىپ كەتتى. ھەركۈنى مەس كىرىپ ئاپام بىلەن ئورۇنسىزلا ئۇرۇشىدىغان ، مىنىمۇسىلكىپ ئۇرىدىغان بولىۋالدى. ئاپام بۇ خورلۇققا پەقەتلا چىدىماي ئاخىرى ئاجرىشىپكەتتى . سوتتا مىنى ئاپامغا بۇيرۇپ بەردى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئاپام بىر بايئادەمگە ياتلىق بولدى، شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئۆگەي دادام بار بولدى . ئۆگەي دادامخىلىلا مىھرى بار ئادەم ئىدى ، ئاپامغىمۇ ، ماڭىمۇ كۆيۈنەتتى . مەھەللىدىمۇ خىلىئىناۋىتى بار ، يوقسۇللارغا ، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىدىغان ، كۆڭلى تۈز،مەرد،سېخىي ئادەم ئىدى.


كىيىنچە ئۇنىڭ مىھرىمۇ مىنى ئەركىلىتىشلىرىمۇ ئازايدى. ئاپام بىلەن ئورۇنسىزئۇرىشىدىغان ، مىنى باھانە قىلىپ ئاپامغا ئازار بىرىدىغان بولۇپ قالدى. كىيىنچە ئۇھىچ ئىش قىلماي پۇل بۇزىدىغان ، بەزىدە بىر چىقىپ كەتسە ھەپتە ئون كۈندە كىلىدىغانبولىۋالدى. ئاپام : -نەگە باردىڭىز –دىسە ، -نىمە كارىڭ-دەپ ئۇرۇشىدىغان بولدى.


  كىيىن بىلسەم ئۇ مەھەللىدىكى بەزىناچار ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ رىستۇرانمۇ رىستۇران رەڭلىك سورون تۈزىدىغان ،قىمارئوينايدىغان،ئۇنى ئاز دەپ خروئىن چىكىشنىمۇ ئۆگىنىپ قاپتۇ. ئۇ تاپقان پۇللىرىنى،ئۆي-بىساتىنى، ۋەجىنى قىز چوكانلارغا خەجلەپ، قىماردا ئۇتتۇرۇپ ، ئوتتا كۆيدۈرۈپكۈل قىلىپ نەچچە ئايدىلا قاق سەنەم بولۇپ قالدى.ئاپام بۇنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىنئاجراشماقچى بولدى . لىكىن ئۇ ئاجراشقىلى ئۇنىمىدى ، ئەكىسچە ئاپام ئۇخلاپ قالغاندائۇنىڭغا زەھەرلىك قول سۇندى.ئاپامغا خروئىن ئۇرۇپ ئۇنىمۇ ئۆزىدىن بىر قەدەممۇئايرىلماس قىلىپ قويدى. ئاپاممۇ خروئىنغا قۇل بولدى.دادامنىڭ پۇلى تۈگىگەندە ئاپامپۇللىرىنى بەردى. ئۇ تۈگىگەندە ئالتۇنلىرىنى تۈتۈنگە تىگىشىتى. خروئىن دىگەن بۇئاپەتكە ھەر قانداق مال دۇنيا توشىمايدىكەن . دادام-ئاپاملار بارلىق پۇللىرىنىتۈتۈن قىلىپ سورىۋەتتى .


  بىر كۈنى دادامنىڭ قاتتىق خۇمارىتۇتۇپ كەتتى . ئۆيدىن پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە تاپالماي ،ئاپامغا ئىسىلدى، ئاپامدىمۇپۇل يوق ئىدى. دادام ئاپامغا باشقىچە بىر نەزەردە قارىۋىتىپ – توغرا ، ماناپۇل-دەپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى ، مەن نىمە بولغانلىقىنى پەقەتلا بىلمىدىم .ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دادام بىشىدا چاچ يوق ، يۈزى قاپقارا، چوقۇر ئادەم تەلەتىيوق بىرىنى باشلاپ كىرىپ :


  -قارىسىلا ، مانا ئايال كىشى دىگەن، ماندا ئىسىل ئايال ما شەدە يوق جۇما، پىگور دىسە بار ، ئىشقىلىپ نى نى سەتەڭلەرقولىغا سۇ بىرەلمەيدۇ جۇما بىزنىڭ خوتۇننىڭ.


-ھىم..بولىدىكەن.


-ئەمىسە مەن چىقىپ تۇراي ، قالغان ئىشلارنى ئۆزلىرى چاغلاپ بىر ئىشقىلالا-دەپ مىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.


  دادامبىلەن مەن يولدا ئۆتكەن-كەچكەنگە قاراپ تۇردۇق.دادامنىڭ خۇمارى كۆچىيىۋاتاتتى،


نىمانداق چىقىپ بولالمايدۇ ما رەزگى ، ئادەمنى رەللە قىلىپ – دادامئىشىكتىن كۆزىنى ئۈزەلمىدى . بىر چاغدا ھىلىقى چوقۇر تاز يۈزى مورىلانغان ھالداچىقتى .


  -ۋاينىمانداق ياۋا خوتۇن بۇ ، خۇددى يۈزى ئىچىلمىغان قىزلاردەك ياۋىكەن دىسە.


-قاندا ، يارىغاندۇ؟


-جايىدا، جايىدا ، يارىمامدىغان . ماڭا قارا كىلە قىتىم سەنمۇ بىللە كىرىپباش قوللۇرىنى تۇتۇپ بەرسەڭ،ئاندىن ئىش باشلىسام ،ۋاھ ،ۋاھ، تازا پەيزى بولغۇدەك


-ئەمىسە ھىلىقىنى


  -ھە،تۇتە ، كىلەر قىتىم يەنە ئىزدەيمەن جۇمۇ ،ھە راس ئانچە-مۇنچە سورانلارغا بىرىپقالسام ،ھەمرا قىلىۋالسام بولا.


– ۋاي بولمامدىغان ، خاتىرجەم ئەكىتىۋەسىلە ، قالغان ئىشقا مەن بار ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۈلپەت بولسا ھايت دەۋەتسىلە ، ما شەھەردىكى ھەممە سەتەڭنىڭدىسىلىمۇ توغۇرلاپ بىرىمەن جۇمۇ .


-ۋاي مۇنداق ھۆنەرلىرىممۇ بار دە ، ئەمدى سىنى ئوبۇل قاپاق دىمەي ، ئوبۇلشاپاق دىسەك بولامدۇ نىمە ،ھا..ھا..- دەپ قاقاقلىغىنىچە دادامغا ئاق رەڭلىك كىچىكبولاقتىن ئىككى تال تۇتقۇزۇپ قويۇت كەتتى. داداممۇ خۇددى ھىيتلىق ئالغانبالىلاردەك خوشال بولۇپ ئويناقشىپ يوقالدى.


  ئۆيگەكىرسەم ئاپام بولۇڭدا چىچى چۇغۇلغان ھالەتتە ئولتۇرۇپتۇ.ئاپامنى كۆرۈپ قورقۇپكەتتىم .-ئاپا ! سىزگە نىمە بولدى ئاپا-دىگەپ يىغلىغانچە بىرىپ ئاپامنىڭ بوينىغائىسىلىپ يىغلاپ كەتتىم .


  -ھىچئىش بولمىدى بالام- ئاپام شۇنى دەپ ئورنىدىن تورۇپ چىقىپ كەتتى.


  دادامشۇ يوقالغانچە قايتىپ كەلمىدى، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئۆيگە بىر نەچچە ساقچىكىرىپ ئاپامنى چاقىرتىپ ساقچىخانىغا كەتتى،


  ئاپامئۆيگە كۆزى ياش ھالدا قايتىپ كەلدى. كىيىن بىلسەم دادام ئاقنى جىق ئۇرىۋىلىپ قىتىپقالغان ئىكەن . دادامغۇ شۇ پىتى كەتتى . ئەمما بارچە پىشكەللىك ، جاپا ئاپام بىلەنماڭا قالدى. ئاپاممۇ ئاققا ئۆگىنىپ قالدى. ئۇ ئاشخانىلاردا قاچا يۇيدى،كوچاسۈپۈردى ئەمما ئايلىق پۇلى بىر چىكىمگىمۇ يەتمىدى. ئاخىرى كوچىغا چىقىپ ئۆزىگەخىرىدار ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پاھىشىنىڭ بالىسى بولدۇم. دەسلەپتە ئۆينىڭ غىمىنى، تاماكىسىنىڭ دەردىنى تارتىشقا لايىق سودا قىلدى،لىكىن كىيىنچە خەقلەر ئۇنىڭزەھەر چىكىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى تامام تۈگىدى.


  بىركۈنى ئاپام قاتتىق خۇمارى تۇتۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .ئۇزۇن ئۆتمەي مىنى بىللەئىلىپ تاكىسىغا ئولتۇرۇپ چەت بىر يەرگە ئاپاردى.تاكسىدىن چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا بىرئايال چىقىپ :


  -مۇشۇبالىما ؟


-ھەئە.


  -يىشىسەل چوڭكەن.يىللىقى ئون مىڭ سوم بولسۇن.قانداق؟


-مەيلى نەچچە يىل ئالىسىز ؟


-ئاۋۋال ئىككى يىل ئالاي ، قالغىنىنى قولى راۋۇرۇس ئىشقا كەلسە يەنەئۇزارتامىز.


  -ھەمەيلى ، ئەمىسە پۇلنى....


  -مانا، يىگىرمە مىڭ سوم . سانىۋىلىڭ .- ئۇ ئايال ئاپامغا پۇلنى بىرىپ مىنىڭ يىنىمغاكەلدى:


  -خان، ئەمدى بىز چوڭ ئۆيگە بىرىپ كىلەيلى ھە ، گەپ ئاڭلاڭ ، مىنى خاپا قىلماڭ ھە .


-قايسى چوڭ ئۆيگە بارىمىز ؟


  -ھىلىبىلىسىز ، گەپ ئاڭلىسىڭىز مەن سىزگە مارۇژنى ، شاكىلات ،پىرەنىك يەنە جىق قونچاقئىلىپ بىرىمەن جۇمۇ –دىگىنىچە مىنى يىتىلەپ ماڭدى. مەن ئاپامغا چىدىماي:


  -ئاپا، مەن بارمەيمەن ، مىنى بىللە ئىلىپ كىتىڭ ، سىز خاپا قىلمايمەن- دەپ ئۇ ئايالنىڭقولىدىن سىلكىنىپ ئاپامنىڭ يىنىغا بىرىۋالدىم .


  -ئەمدىسەندەك بالام يوق ، ئەمدى سەن بۇ ئاپاشنىڭ بالىسى، گىپىنى ياخشى ئاڭلاپ پۇلنى جىقتىپىپ بەر،ئەمدى سەن مىنىڭ بالام ئەمەس .


-جىنىم ئاپا ، مىنى تاشلاپ كەتمەڭ ، مەن گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن ، سىزنى خاپاقىلمايمەن ، ئەمدى قورسىقىم ئاچتى دىمەيمەن، ئاپا..ئاپا...........


  لىكىنئاپام مىنىڭ يىغا زارىمغا پەرۋا قىلماي كىتىپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ قاباھەتلىكھاياتىم باشلاندى. ھىلىقى ئايال مىنى كۆتەرگەن پىتى :-يىغلىما ،يەنە يىغلىساڭكۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ،ۋۇ رەسۋا پاسكىنا – دىگىنىچە مىنى ماشىنىغا بىسىپ ،ئۇنىمىغىنمغا قارىماي بىر بوتۇلكا سۇنى ئىچكۈزىۋەتتى. سۇنى ئىچىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.


كۆزۈمنى ئاچسام بىر ياتاقتا يىتىپتىمەن.ئەتراپىمدا مەن دىمەتلىك بالىلارتۇراتتى. بەزىلىرىنىڭ قوللۇرىدا تارتۇق،يۈزلىرى ئىششىق ئىدى . بىر دەمدىن كىيىنچىرايىدىن جىنمۇ قورقىدىغان ،بەدتەلەت بىرسى كىرىپ:


  -ھەي، شۇملا ، بۇندىن كىيىن مەن نىمە دىسەم شۇنى قىلىسەن ، بىلىشتىڭما ؟ قايسىڭ گەپئاڭلىمىساڭ،قاچساڭ ئۆلتۈرىۋىتىمەن ، بىلىشتىڭما –دەپ بىرگە قائىدە سۆزلىدى.ئارقىدىنلا مەندىن :


-ئىسمىڭ نىمە – دەپ سورىدى.


-قەندىل –دەپ جاۋاپ بەردىم .


  -قەندىلبۇلامسەن ، ناۋاتدىل بولامسەن ، بۇنىڭدىن كىيىن ئىسمىنىڭ خۇدېي(كىپىنەك)،بىلدىڭما؟ خۇدېي دىسەم ھە دەپ بول .


-نىمىشقا ؟


  -نىمەنىمىشقا ؟ سىنىڭ ئىسمىڭ بۇندىن كىيىن خۇدېي.


  -مەنبۇ يەردە نىمىش قىلىمەن ؟


-نىمىش قىلىمەن؟پۇل تاپىسەن پۇل.


-قانداق پۇل تاپىمەن ، مەن تىخى كىچىك تۇرسام.


  -مانامەن ساڭا ئۆگىتىمەن.


-نىمىنى ؟


-ئوغۇرلۇقنى .


  -ياق، مەن ئوغۇرلۇق قىلمايمەن .


-قىلمايمەن ، مانا قىلمىغىنە – ئۇ يۈگرۈپ كىلىپ مىنى تىپىۋەتتى .مەن يىغلاپكەتتىم . ئۇ يىنىمغا كىلىپ :


-زۇۋانىڭنى ئۆچۈر ، ۋۇ پاسكىنا ،بولمىسا يەنە يەيسەن.


  مەنئاغزىمنى تۇتىۋىلىپ يىغلىدىم . بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم . ئۇ ئارقىغا بورۇلۇپ:


  -ھە ،ھارام تاماق شۇملا ، قىنى قايشىڭ گەپ ئاڭلىماي باق ، قىنى قانداق قىلىمەنكى .- ئۇشۇ گەپلەرنى قىلىپ چىقىپ كەتتى . ئەتىسى ئۇ مىنى يەنە ئىككى بالىنى باشلاپ سىرتقاچىقتى . مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنى چېڭدۇغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلدىم . ئۇ بىر چوڭيولنىڭ دوقمۇشىغا كىلىپ :


  -خۇڭماۋ (قىزىل تۈك) سەن مۇشۇ كوچىدا قال ، ھىلى كىلىمەن، قاچىمەن دەپ يۈرمە جۇمۇ ،ئالدىنقى قىتىمدىكى تاياق يادىڭدا باردۇ .


-يادىمدا ئاكا ،ھەرگىز قاچمايمەن.


-ئەمىسە ياخشى ، مەن كەلگىچە 2000 كوي تىپىپ بول جۇمۇ.


  -ئاكامەن...


-بىرنى قويىمەن ما ھاراملىقنى . تولا ئەزمەڭنى ئەزمەي ،ماڭە پۇل تاپ .


خۇڭ ماۋ مىڭىپ ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ غايىپبولدى. ئاندىن ئۇ يەنە بىزنى ئىلىپ يەنە بىر ئاۋات كوچىغا كەلدى.


-لاۋشۇ (چاشقان) سەن مۇشۇ يەردە پۇل تاپ . تۆتۈگۈندىدەك 800 كوي بىلەنكەلمە جۇمۇ ،3000 كوي ئەكەلمىسەڭ ئاقىۋىتىڭنى ئۆزەڭ بىل، بولمىسا ئاخشامقى تاياقتادىڭدىدۇ .


-ماقۇل ئاكا .


  ئۇمىنى ئىلىپ يەنە بىر سودا بازىرىغا كەلدى ، ئاندىن ماڭا قاراپ:


  -خۇدېي،سەن مۇشۇ يەردە پۇل تاپىسەن.بىلدىڭمۇ بۈگۈن 500 كوي تاپالىساڭ ، ئاشخانىغائاپىرىپ نىمە دىسەڭ شۇنى ئەپ بىرىمەن ، بىلدىڭما ؟


  -مەنئوغۇرلۇق قىلمايمەن-دىدىم كەسكىنلا .


-قىلمايمەن ، ئاخشامقى تاياق ئۆتمەپتۇ دە ، يەنە تاياق يىگىڭ كەلدىما ؟


  -مەنقىلالمايمەن .


-قىلالمىساڭ ئۆگىنىسەن ، مەن ساڭا ئۆگىتىمەن- ئۇنى مىنى يىتىلەپماڭدى.ئالدىمىزدا بىر ياشانغان موماي كۆكتات كۆتۈرۈپ مىڭىۋاتاتتى. ئۇ بەدتەلەتماڭا قاراپ :


  -ئاقىرىنىڭ يانچۇقىدا پۇل بار ، ماڭە بىرىپ ئىلىپ كەل .


  -مەنئالالمايمەن.


  -ماڭابىرىپ ئالە ، خۇددى ئۆزەڭدىن يانچۇقىنى ئاختۇرغاندەك ئاختۇرىۋەر.


  -مەنقىلمايمەن .


   -ماڭە ، ھارامدىن بولغان رەسۋا . تولا چىشىمغاتەگمەي


-مەن...-چاڭقىدە قىلىپ تەگگەن بىر كاچات مىنى يىقىتىۋەتتى،ئىسىمنى يىغىپبولىغىچە يەنە بىر پەشۋا يىدىم-دە يەردە دومىلاپ كەتتىم.يىغلاپ ئاران تۇردۇم .


-ئەمدى ھوشىڭنى تاپتىڭمۇ ، قانجۇق ؟ -ئۇ مىنى سىلكىپ تۇرغۇزدى.مەن ناھايىتىقورقۇپ تۇراتتىم.ئاغزىم گەپكىمۇ كەلمەيتى.ئۇ يەنە مىنى سىلكىپ ئىلىپ ماڭدى.ئاندىنياش بىر خەنزۇنى كۆرسىتىپ :


  -ماڭا، ئا تەتەينىڭ سومكىسىنى ئىچىپ قاراپ باق ، ئىچىدە پورتمال،يانفون،پۇل بولسا ئىلىپكەل-مەن يەنىلا بارغىلى ئۇنىمىدىم . ئۇ يەنە مىنى ئۇردى.


تاياقنىڭ زەربىسىدىن ھوشۇمدىنمۇ كىتىپتىمەن. ئۇ ئاخىرى مىنى گەپكەكىرگۈزۈلمەي مىنى يىتىلەپ ئىلىپ ماڭدى ،ھەم بايا بارغان يەرلەردىن ھىلىكى ئىككىبالىنى ئىلىپ ئۆيگە كەلدى.ئاندىن قولىغا چىۋىقنى ئىلىپ:


  خۇڭماۋ –دەپ چاقىردى.خۇڭ ماۋ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.-نەچچە پۇل تاپتىڭ.


  -خۇڭيانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ھەممە پۇلنى ئۇنىڭغا بەردى.


  -نىمە، ئاران مۇشۇ ما ، ھەي ،خىجىل بولماي 465 كوي ئەكەلدىڭ ، ماڭا بىرىپ ياتە-دەپئورۇندۇقنى ئىشارەت قىلىدى.خۇڭ ماۋ يىغلاپ تورۇپ .


-جىنىم ئاكا ، مەن كەچكىچە تاپاي ، بولدى مىنى ئۇرما ،


  -نىمەئۇرما،قوپە ،ھىجىقىز،كىلە مايەگە ،ھىلى مەن بارسام جازاسىنىمۇ قوشۇپ يەيسەن .


  -خۇڭماۋ يىغلاپ تۇرۇپ ئورۇندۇقنىڭ يىنىغا كەلدى. ئۇ خۇڭماۋغا:


-قاراپ تۇرىسەنغۇ ، سالە ئىشتاننى ، ياتە بۇ يەدە ؟


  -ئاكا، بولدى ئۇرما، مەن چىقىپ جىق پۇل تاپاي.


-نىمانداق ئەزمىسىنى ئىزىدۇ ما گۇي ، ياتە ما يەدە – دەپلا ئۇنى ئورۇندۇققادۈم قىلپ بىسىۋىلىپ،تېزىنى دۈمبىسىگە تىرەپ ، ئىشتىنى سالدۇرۇپ-ھە ، يەنە ھورۇنلۇققىلامسە،يەنە گەپ ئاڭلىمامسەن-دەپ چىۋىق بىلەن نەچچىنى سىلىۋەتتى.


  خۇڭماۋ تىترەپ كەتتى. ئىچىنىشلىق نالە قىلىپ :


  -ۋايجان،جىنىم ئاكا . مەن گەپ ئاڭلايمەن، ئاكا پۇلنى جىق تاپىمەن،بولدى ئۇرما جىنىم ئاكا.....-ئۇيىلىنىپ يىغلايتى،لىكىن ئۇ بەدتەلەت پىسەنتمۇ قىلماي يەنە قاتتىق نەچچىنى ئۇرىۋەتتى.خۇڭ ماۋ نىڭ ساغرىسىنىڭ چىۋىق تەگگەن يەرلىرى قىزىرىپ تىتىلىپ كەتتى.كۆزىدىن ياشدەريا قۇيۇلماقتا ئىدى.


  -ھە ،گەپ ئاڭلايسەن شۇنداغۇ .


-ھەئە، ئاكا گەپ ئاڭلايمەن.


-ماقۇل بۇ قىتىم يەنە بىر قىتىم ئىشىنەي،كىلەر قىتىم ئامىتىڭ بۇنداقكىلىۋەرمەيدۇ،مىنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىپ كەتمەيدۇ جۇمۇ-دەپ خۇڭ ماۋنى قويىۋەتتى-دەئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماكا تۇتاشتۇردى:


-لاۋشۇ ، سەن كىلە ، نەچچە پۇل تاپتىڭ-ئۇ لاۋشۇنى چاقىردى.


  -مانائاكا-لاشۇ بىر تۇتام پۇل بىلەن،ئىككى يانفوننى بەردى. ئۇ يانفونغا بىر قارىۋىتىپ ،پۇللارنى سانىدى.


  -ھەي ،ھارام تاماق ئاران مۇشۇ 1300 كويئەكەپسەنغۇ ، ما ئىككى ياڭاق چىقىپ يەيدىغان تىلفونۇڭ 100 كويدىن 200 كوي بولسۇن،ئاران 1500 كوي بوپتىغۇ ، قالغان يىرىمىنى قانداق قىلىمىز ؟


  -ئاكا، ئاكا ، مەن چىقىپ تاپاي.


-مەكە، ئىشتنىڭ بالىسى ،رەسۋا جالاپ .-ئۇ لاۋشۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۇيەر،بۇ يەرلىرىگە تاماكا ياقتى.


-ۋايجان ، جىنىم ئاكا،مەن تاپاي،ئاكا ، بولدى ياقماڭ.


-ياقماڭ ، بۇ گەپلەرنى خىزمەت ۋاقتىدا ئويلىشىتۇق، بوپتۇ ، كەچكىچەتاپساق،قۇتۇلىسەن،تاپالمىساڭ مەندىن رەنجىمە ھە – ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى ۋى خۇڭماۋغا :


  -خۇڭماۋ ،ماڭە بىرىپ داس بىلەن چايداننى ئەكەل . ما قىزچاقنىڭ قولىنى كەلتۈرۈپ قوياي ،قىنى ئىگىلەمدۇ،ئىگىلمەمدۇ بىر كۆرۈپ باقاي.


  خۇڭماۋ بىر داس بىلەن چايداننى ئەكەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.ئۇ چايداندىن قىززىققايناقسۇنى داسقا قۇيدى ، ئارقىدىنلا ئون بەشتەك تەڭگىنى داسقا تۆكتى.


-خۇدېي ، ما تەڭگىلىرىمنى ئىلىپ بەر.


  -سۇزقىززىق تۇرسا .


  -ئالەۋە پاسكىنا – دەپلا بىلىكىمگە ئىككى چىۋىق سىلىۋەتتى.


  مەنيەنە يىغلىدىم ، لىكىن ئۇ پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى. يەنە مىنى ئۇردى. تاياققاچىدىماي تەڭگىلەرنى ئالماقچى بولدۇم ، لىكىن سۇ بەك  قىززىق بولغاچقا پەقەتلا ئالالمىدىم . ئۇ بۇنىكۆرۈپ –مەن سىنى ئال دەۋاتىمەن،ئالامسەن يا-دىگىنىچە يەنە مىنى ئۇردى.


  مەنيەنە قولۇمنى داسقا سالدىم لىكىن تەڭگىنى ئالالمىدىم . ھەر قىتىم تەڭگىنىئالالمىسام چىۋىق يىدىم.چىۋىق بىشىمغا، دۈمبەمگە،بىلەكلىرىمگە رەھىمسىزلەرچەتىگەتتى.بىشىمنى قولۇم بىلەن توسىۋالسام بىقىنىمغا تىگەتتى.ئاشۇنداق زورلۇق،قىيناشبىلەن مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئوغۇرلۇققا ئۆگەندىم.


ھەركۈنى كەچتە ھەممىمىز تاپقان پۇللىرىمىز ئۇنىڭغا بىرەتتۇق.ئادەتتەنورمىمىز 2000 كويدىن 5000 كويغىچە بولاتتى.ئۇزاق تۇرغانچە نورمىمىز ئاشاتتى.نورمىسىنى توشقۇزالمىغانلار چىۋىق يەيتى، ياكى داستىن تەڭگە سۈزەتتى. ئاندىن بىرسائەت موتو مىندۈرەتتى. بىلەمسىز بىز قانداق موتو مىنىمىز، ئىككى قولىمىزنىئالدىغا سوزۇپ ، تېزىمىزنى ئىگىپ ھەر بىيچە تۇراتتۇق ، ياكى بىر سائەت قولىمىزنىئىككى يانغا سوزۇپ. بىر پۇتىمىزنى ئارقىغا كۆتىرىپ يەرگە ئىڭىشىپ تۇرىمىز ، بۇنىئايرۇپىلان ئۇچىمىز دەيمىز.بىر سائەت تۇرۇپ قالساق ، پۇت-قۇلىمىزدا جان قالمايتى.مۇشۇ جازادىن قوتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ئامال بار نورمىمىزنى تولۇق تاپشۇراتتۇق. كەچتەمۇڭداشقاچ يىتىپ قالاتتۇق.


  كىيىنئۇقسام خۇماۋ دىگەن بالىنىڭ ئىسمى ئەنۋەركەن.ئۇ بالىلار ئويناۋاتقاندا بىرماشىنىدا بىرسى كىلىپ:


-ئۇكام ، پوچتىخانىغا قانداق بارىدۇ –دەپ سوراپتۇ.ئۇ ئورنىنى دەپ بىرىپتۇ.لىكىن ئۇ ئادەم ماشىنىغا چىقىپ ئاپىرىپ قوي دەپتۇ. ئۇ بىلمەي چىقىپتۇ.شۇنىڭ بىلەنئۇلار ئۇنى ئالداپ ، ھۇشسىزلاندۇرۇپ چېڭدۇغا ئەكىلىپ ئوغۇرلۇققا ساپتۇ.


  لاۋشۇدىگەن قىزنىڭ ئەسلى ئىسمى دىلنىگار بولۇپ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كىتىپتىكەن.ئاپىسىدائىم دىگۈدەك قاتار چاي ئوينايدىكەن.بىر كۈنى ئاپىسى قاتار چايغا كەتكەندە بىرئايال ئۇنىڭغا:-قىزىم ،ئاپىڭىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى،ماشىنا سوقىۋىتىپتۇ-دەپئالداپ ماشىنىغا چىقىرىپ ماڭا ئوخشاش ئۇيقۇ دورىسى ئىچكۈزۈپ ، چېڭدۇدىكى جەزىخورغاسېتىۋىتىپتۇ. بىر بىلەن يەنە بىر ئاچاش بىللە چىقاتتى. ئۇ بىزدىن 4 ياش چوڭ ئىدى.ئۇنىڭ ئىسمى جەۋھەر بولۇپ ئۇنى ئۇ يەردە مېي گۈي (ئەتىرگۈل) دەپ چاقىراتتى. ھىلىقىبەدتەلەتنى ھەممىمىز چاڭدۇ ئاكا دەيتۇق.


  چاڭدۇھەر كۈنى كەچتە بىزدىن پۇللارنى يىغىۋىلىپ جازالايدىغانلارنى جازالاپ بولۇپجەۋھەرنى ئىلىپ چىقىپ كىتەتتى.


  بىزباشتا جەۋھەرنى كەچلىك بازارغا ئىلىپ چىقىپ ئوغۇرلۇققا سالامدىكىن دەپئويلاپتىكەنمىز،لىكىن كىم ئويلىغان ئۇ ھايۋانلانىڭ 11 ياشلىق قىزغىمۇ نۆۋەتلىشىپباسقۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى.ھەتتا بەزىدە خەنزۇ بالىلارغىمۇ سولاپ بىرىدىكەن.بۇنى بىز كىيىن بىلدۇق.


يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆيىۋەردى . مەنمۇ كەسپتە پىشقان ، ماھىر ئوغرى بولۇپقالدىم .مەن 11 گە كىرگەن يىلى مىنى 50000 كويغا ۋۇخەندىكى بىر جەزىخورغاسىتىۋەتتى.مەن ۋۇخەنگە بارغاندا چاڭدۇدىنمۇ بەتبەشىرە بىرسى شوركا قىلىۋالدى.ئۇيەردىكى بالىلار ئۇنى خۇگې (يولۋاس) دەپ چاقىرىدىكەن.ئۇ يەرنىڭ تۈزۈمىچېڭدۇنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. لىكىن خۇگې نىڭ جازالاش ئۇسۇلى تىخىمۇ قەبىھئىدى. بەش-ئالتە ياشلىق بالىلار ئەگەر نورمىسىنى توشقۇزالمىسا خۇگې قايناقسۇغا 100تال تەڭگىنى تاشلاپ ئۇلارنى سۈزگىلى سالاتتى.ئالالمىسا چىۋىق بىلەن بەك قاتتىقئۇرىۋىتەتتى.ھەتتا جېنىسى ئەزالىرىنى ئامبۇر بىلەن قىسىۋىتەتتى. بىچارە بالىلارقان-زار يىغلايتى، يالۋۇراتتى ،ئەمما ئۇ بۇلارغا پىسەنت قىلىپمۇ قويمايتى.ھەتتاقوللىرىغا تاماكا يىقىپ ، بىرتىۋا بىلەن تېلىۋىتەتتى،ئارقىدىنلا :


  -ۋاي، قان چىقىپ كەتتىغۇ ، توختا مەن قاننى توختىتاي دەپ يارىلىرىغا تۇز تۈكىۋىتەتتى.بىچارەبالىلار كىچىك تۇرۇپلا دوزاخ ئازابى تارتىيتى. مەن شۇ بالىلار ئىچىدە يىشى ئەڭ چوڭئوغرى ئىدىم.


بەزىدە خۇگې كىچىك بالىلارنى بىللە ئىلىپ باشقا شەھەرگە كىتەتتى .لىكىنئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كىلەتتى.كىيىن ئۇقسام ئۇ بالىلارنى ئىلىپ يۈك-تاقىلارنى تەكشۈرۈپبولۇپ ھاجەتخانىغا كىرىپ بالىلارنى چامدانغا قاچىلاپ ئاپتوبوسنىڭ يۈك-تاقسالىدىغان يىرىگە قويۇپ ئۆزى ئاپتوبۇسقا چىقىپ ماڭىدىكەن.ئاپتوبوس قوزغالغاندىنكىيىن بالىلار چامداندىن چىقىپ باشقا يۈك تاقىلانى ئىچىپ پۇلغا يارايدىغانبەرسىلەرنى چامدانغا سىلىپ يەنە چامانغا كىرىۋىلىپ ياتىدىكەن . ئۇلارنىڭ ئوغۇرلۇققىلىشتىكى ۋاستىسى ھەرخىل ئىدى. ئەمما بىر قىتىم بىر بالا سىلىنغان چامدان يۈكتاقىلارنىڭ ئاستىغا بىسىلىپ قىلىپ ئىچىدىكى بالا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى.شۇندىنتارتىپ ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى قىلمايدىغان بولدى.


بىركۈنى مەن ۋە ئۇكىلىرىم تاپقان پۇللىرىمىزنى خۇگېغا بىرىپ يىتىشقاتەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق . مىنىڭ نورمامغا 500 كوي كام ئىدى. بىر چاغدا خۇگې كىرىپ:


-خۇدېي ، پۇل كامغۇ ؟


  -ھەئە، ئەتە تولۇقلاپ بىرەي.


  -ئەتە، مىنىڭ نىسىدىن تەلىيىم يوق ، ماڭە .  


  مەنكىيىملىرىمنى كىيىپ ماڭماقچى بولدۇم.


-بولدى ، مۇشۇ پىتى ماڭ.


  -نەگەبارىمىز ؟


-ئاناڭنىڭ يىنىغا ، پاسكىنا ، جالاپ ،نىمانداق جىق گەپ قىلىدۇ ماۋۇ .


  ئۇنىڭئەلپازىدىن قورقۇپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي بىللە ماڭدىم .ئۇ مىنى ياتىقىغائەكىرىپ كىيىملىرىنى سىلىشقا باشلىدى.


  -خۇگېنىمە قىلىسىز؟


  -ياتەما يەردە .


  ئۇئىتىلىپ كەلگەنچە مىنى كارۋاتقا بىسىۋالدى.


  -خۇگېئۇنداق قىلماڭ ، مەن تىخى كىچىك .


-كىچىك ، كىچىك بولساڭ ئەمدى چوڭ بولىسەن.


  -ياق....ئاپا....


  -مانائاپاڭ ، ماۋۇ ئاناڭ ،ھە...ماۋۇ داداڭ ، قانداق پەيزى بولامدىكەن ، خوشياقتىما؟...........


يىغلاۋاتىمەن، كۆزۈم يىشىم دەريا ئىدى، ئۇ پىسەنت قىلمىدى.مىنىڭ مۇشۇ ياشقاكىرىپ كۆرمىگەن خورلۇقۇم،ئازابلىرىم يەتمىگەندەك ، تىخى بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپباسقۇنچىلىققا ئۇچرۇدۇم.يىغلاۋاتىمەن، خۇدادىن :-ماڭا بۇنچە ئازاپنى بەرگىچەجىنىمنىلا ئالساڭچۇ –دەپ نالە قىلدىم.لىكىن مەندەك گۇناھقا پاتقان شور پىشانىنىڭنالىسى خۇداغا يەتمىدىمۇ ، يەنە ھايات قالدىم.شۇ كۈندىن ئىتىبارەن كۈندۈزىيانچوقچى ،ئوغرى ، كىچىسى پاھىشە بولۇپ ياشىدىم.بەزىدە خۇگې بىلەن،بەزىدەئاغىنىلىرى بىلەن ، بەزىدە يىڭىدىن قاۋاقتىن چىققان خەنزۇلار :


-شىنجاڭ خۇا گۇ نىياڭ ، ۋىي داۋ جېن خاۋ (شىنىجاڭ گۈزىلىنىڭ تەمىياخشىكەن)-دەپ زورلۇقلارغا ، ئاياغ ئاستى قىلىشقا ئۇچرۇدۇم...........


   مەن14 ياشقا كىرگەن يىلى ھامىلدار بولۇپ قالدىم ، خۇجايىن بۇنى بىلىپ مىنى خروئىنيۆتكەشكە سالدى.چۈنكى قانۇندا ھامىلدارلارنىڭ جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىناتتى ياكىجازاغا تارتىلمايتى.


ئاي-كۈنۈم يىقىنلاشقاندا ، خۇجايىن ماڭا 20000 كوي بىرىپ :


-بولدى ، بۈگۈندىن تارتىپ سەن مىنىڭ ئادىمىم ئەمەس، ئۈلۈك-تىرىكىڭ مەنبىلەن مۇناسىۋەتسىز-دەپلا مىنى زۇلمەتلىك،قاباھەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلدى.


  مەنبۇ بالىنى توغايمۇ ، تۇغمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم تۇغاي دىسەم بالىنىڭ دادىسىكىمۇ ،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ناپاك ، شورپىشانىنىڭ ئانا بولۇشقاسالاھىيىتى توشامدۇ ؟تۇغماي دىسەم نىمە ئۈچۈن گۇناھسىز بالىنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن،مىنىڭ ئاللاھ بەرگەن جاننى ئۆلتۈرۈشكە نىمە ھەققىم بار ، ئوغۇرلۇق گۇناھلىرىميەتمىگەندەك ، قاتىللىق قىلامدىم، يەنە كىلىپ تىخى ئاق-قارىنى بىلمەيدىغان سەبىينىئۆلتۈرۈشكە نىمە ھەققىم بار.


ئاشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن كىتىپ بارسام تويۇقسىز تولغۇقۇم تۇتۇپ كەتتى، يەردە يىتىپ تولغۇنۇپ كەتتىم ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر 120 گە تىلفون قىلدى. بىرچاغدا جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ ماشىنىسى كىلىپ مىنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتتى.


تولغۇقۇم قاتتىق تۇتتى ، چىدىيالمىدىم ، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاپبولمىسا كىرەك، قايناقسۇدىن تەڭگە سۈزۈش، موتو مېنىش، ئايرۇپىلان ئۇچۇش ، چىۋىقئازاپلىرى بۇ ئازاپنىڭ ئالدىدا چىۋىن قونغاندەكلا ئىدى. ئاغرىق ئازابىدىن يىلاندەكتولغۇنۇپ كىتىۋاتىمەن، يىغلاۋاتىمەن،-ئاھ خۇدا جىنىمنىلا ئىلىپ مىنى بۇ راھىتىدىنئازابى كۆپ ، خولىقىدىن خورلىقى كۆپ دۇنيادىن ئىلىپ كەتسەڭچۇ ،؟ قالغانئازاپلىرىمنى دوزاختا تارتساممۇ مەيلىتى –ئاشۇنداق ئىچىنشىلىق نالەقىلىۋاتىمەن،ئاغرىق ئازابىدىن قاتتىق تولغاندىم،سىلكىندىم،ۋارقىرىدىم ،ئاھ خۇداجىنىمنى ئالغىن ،ئۆتىنەي ،مىنىڭ ئانا بولۇش سالاھىيىتىم يوق منى بۇ دۇنيادىن ئىلىپكەتكىن ، ھىلىمۇ دۇنيالىقنىڭ ئازابىنى يەتكىچە تارتتىم ،مىھرىبان رەببىم مىنىدەرگاھىڭغا ئىلىپ كەتكىن .-قەندىلنىڭ يۈرۈكى ئۆرتەپ ئىسەدەپ يىغلىماقتا ئىدى-شۇكۈنكى ئازابلىرىمنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ، رەھىملىك، كىرەملىك ئاللاھ بۇئازابنى بەندىسىگە بەرمىسۇن.


خۇشتۇرمۇ يىغلىماقتا ئىدى،كۆز يىشى دەريا قۇيۇلماقتا ئىدى.بىر مەسۇم قىزنىڭ20 گە كىرمەي تۇرۇپلا بۇنچىلا ئاچچىق ،سوغۇق،دەرت-ئەلەملەرنى تارتقىنىنى ئۇئويلاپمۇ يەتمىگەن ئىدى.


ئۇنداقتا بالىنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىدىڭىزمۇ ؟-خۇشتۇر پەسكويدا ئاران سورىدى .


  -مىڭئۆلۈپ بىر تىرىلىپ يەڭگىدىم .


-ئەمىسە ئۇ ھازىر ؟


  -مەنئۇنى يەڭگىپلا ھوشىمدىن كىتىپتىمەن،ھوشۇمغا كەلسەم ئايدىن چىرايلىق بىر قىزتورۇپتۇ ،دوختۇرلارمۇ مىنىڭ بۇنچە كىچىك تورۇپ بالىلىق بولغانلىقىمغا ھەيران قالدى.شۇ تاپتا كۆز يىشىم توختىمايتى. دوختۇرلار مىنى رىغبەتلەندۈرۈپ :


-بولدى يىغلىما ، قارا بالاڭ نىمىدىگەن چىرايلىق، سەن بەكمۇ قەيسەركەنسەن،كىچىك تۇرۇپمۇ ئوپراتسىيە قىلمايلا ئوڭۇشلۇق يەڭگىدىڭ –دىدى ، لىكىن مەن بۇنىڭئۈچۈن ئەمەس ، بۇ ناتىۋان قىز ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتىم ، مىنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئانابولىمەن ، مەندەك گۇناھكار مەلئۇن ، قانداقمۇ ئانا بولالىسۇن، مەن ئانا بولۇشھەققىم بارمۇ ، بۇ بالىنىڭ دادىسى كىم؟ دوختۇرلار مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭبىنورماللىقىنى بىلىپ چىقىپ كەتتى. مەن چۈشتىن كىيىن سىستىرانى چاقىرتىپ داۋالىنىشپۇلۇمنى سورىدىم.سىستىرا ئەينى چاغدا ئەھۋالنىڭ ناھايىتى جىددى ئىكەنلىكىنى ،شۇڭامىنى ھەق ئالمايلا ياتاققا ئىلىپ ، يەڭگىتكەنلىكىنى ئىيتتى.مەن سىستىراغا بانكاكارتامنى بىرىپ ، مەخپى نومۇرىنى دەپ بىرىپ ھىساۋات قىلىشىنى ئىيتتىم.


بىردەمدىن كىيىن سىستىرا مەسئۇل دۇختۇر بىلەن بىللە كىرىپ كارتامنى،ۋەھىساۋات تالونىنى ئۇزارتتى.


مەسئۇل دوختۇر :


-بالاڭ ناھايىتى ساغلام تۇغۇلدى، لىكىن سىنىڭ تىنىڭ بەك ئاجىزكەن ، بىزتىخى سىنى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كىتەمىكى دىسەك ،لىكىن سەن بەك قەيسەركەنسەن،ياخشى ئارامئال ، بالاڭغا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ-دىدى ، يەنە يىغلىدىم.


  -ئىھ! خۇدا ،مىنى بۇ بارسىدىگە ئانا قىلغۇچە ، نىمىشقا تۇغۇتتىلا جىنىمنى ئالمايسەن .سەن مىنىڭ ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىمىنى بىلىسەن،لىكىن نىمىشقا مىنى ئانابولۇشقا زورلايسەن،نىمىشقا تۇغۇتتىلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن-دەپ يىغلىدىم ،زار-زاريىغلىدىم .لىكىن تەقدىر ئالدىدا يەنە ئاجىز كەلدىم.


  شۇنىڭبىلەن ئىككى كۈندىن كىيىن يىرىم كىچىدە بالامنى دوختۇرخانىغا تاشلاپ قىچىپكەتمەكچى بولدۇم.لىكىن بالامغا قاراپ ئويلۇنۇپ قالدىم .ئەگەر مەن بۇ بالىنى تاشلاپچىكەتسەم ، ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولا؟ ماڭا ئوخشاش شورپىشانە بولۇپ قالامۇ ؟ مەنكۆرگەن ئازاپلارنى كۆرەمۇ ؟ ئۆزۈم باقسام بالىنىڭ دادىسى كىم ؟ بۇنى ئۆزۈممۇبىلمەيمەن ، بۇ بىر ئادەمدىن بولغان بالا دەپ ئۆتەمدىم ؟ ئۇنى نىمە بىلەن باقىمەن؟ يەنە شۇ ئوغۇرلۇق قىلىپ باقامدىم ؟ ئەجىبا بۇ گۇناھسىز نارسىنى ھارامدىن كەلگەنپۇل بىلەن باقامدىم ؟ ئۇھالدا ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولا؟ بالامنىڭ كەلگۈسىنىئويلاپ يىغلاۋاتىمەن ، ئۇنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدۇم ، لىكىن مەندە ئۇنىڭبەرگىدەك مىھىر ، ئىنايەت بارمۇ ؟ مەندەك بىر ئاسىي مەلئۇننىڭ قەلبىدە يەنەمۇھەببەت بارمۇ ؟ زادى قانداق قىلسام بولا ؟ ياق ، مەن ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس، مەندە ئۇنى تەربىيلەيدىغان ، چوڭ قىلدىغان ،ئىشەنچ ،جاسارەت يوق ، مەيلى ئۇ بۇيەردە قالسۇن ، ئىلاھىم تەقدىر پىشانىسى ياخشى بولسا بىرە ئاقكۆڭۈل كىشى بىقىۋالا؟ ئۇ مەن بىلەن يۈرسە كۆرىدىغىنى ھايۋان كۆرمەيدىغان كۈن . ئاخىرى بالامنى خۇداغائامانەت قىلىپ تاشلاپ دوختۇرخانىدىن چىكەتتىم ، نەچچە قىتىم كەينىمگە يانماقچىبولدۇم ، لىكىن جۈرئەي قىلالمىدىم ، مەيلى ئۇنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ،ئۇنىياراتقان تەڭرىم ئۆزى ئىگە بولسۇن .ئاران دىگەندە بانكىغا كىلىپ ،كارتامدىكى پۇلنىئىلىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر ئادەتتىكى مىھمانخانىدا ھەپتە تۇرۇپ ،سەل ئەسلىمگەكىلىپ ، شۇ ئەتراپتىن بىر كىچىك ئۆينى ئىجارە ئىلىپ ياتتىم.مەن تۇرغان يەردە بۇخۇيزۇنىڭ ئۈگرىخانىسى بار ئىدى. ھەر كۈنى شۇ ئاشخانىدىن تاماق بۇيرۇپ يەپ ،ئۆيدىنچىقماي ياتتىم. ئاندىن خىلى ئەسلىمگە كەلگەندىن كىيىن يۇرتۇمغا قايتتىم. لىكىنمەندەك بىر يىتىمنى ھىچكىم قارشى ئالمىدى.كەلگۈندى،سۇقۇندى بولدۇم،چەتكە قىقىلدىم.


-ئاپىڭىزنى ئىزدىمىدىڭىزما ؟


-ئاپامنى ، سەندەك بالام يوق دىگەن ئادەمنى ئىزدەمدىم-قەندىل يەنەئىسەكىدەپ يۈرۈكىنى مۇجۇپ يىغلاپ كەتتى-ئەينى چاغدا ئاشۇ ئاپام ،سەندەك بالام يوقدەپ مىنى كۈلپەتلىك ھاياتقا دۇچار قىلدى، شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئىشت كۆرمىگەن كۈننىكۆرۈپ ياشىدىم،مىنى شۇنچە دەرتكە دۇچار قىلغان،بىھىساپ كۈلپەت ، ئازاپلارنى بەرگەنشۇ ئاپامنى ئىزدەمدىم ، مەن ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن. داداممۇ شۇ بىرئەركىشى تۇرۇپ ،بىر ئەركەك تۇرۇپ ئازراق پىشكەللىك سەۋر قىلماي شەيتاننىڭ يولىغاماڭغان ئۇنداق ئازغۇنمۇ دادا بولۇشقا مۇناسىپمۇ ؟-قەندىل يىغلىماقتا ئىدى،خۇشتۇرمۇيىشىنى ئىيتىپ ئۈلگۈرمەيتى.


-شۇنىڭ بىلەن يۇرتۇمدىمۇ ئوغرى ، كۇلىچى ، جالاپ ، رەسۋا دىگەن كەمسىتىشبىلەن تۇرالمىدىم، ماڭا يۇرتۇممۇ ئىللىق قوينىنى ئاچمىدى، ئۇلاردىن ئاغرىنىپمۇكەتمىدىم ، ئاغرىنىشقىمۇ ھەققىم يوق،چۈنكى ئۇ ماڭا قىلىنغان تۆھمەت ئەمەستە. نەچچەقىتىم ئۆلىۋالماقچىمۇ بولدۇم،لىكىن يەنە يالتىيىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىچكىرىگەكىلىپ مۇشۇ يولدا مىڭىۋاتىمەن.


خۇشتۇر بۇ مەسۇم قىزغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىماقتا ئىدى:


-لىكىن سىزگە بۇنىڭدىن باشقا يولمۇ بار ئىدىغۇ ؟


-شۇنداق ، يول ئاز ئەمەس، لىكىن باشقا يولدا جىق پۇل تاپالمايمەن ئەمەسمۇ ؟


  -پۇلسىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ ؟


  -مۇھىممۇ؟ ئويلاپ بىقىڭ ، مەن ھازىر پۇل تىپىۋالمىسام ،كىيىن نىمە يەپ جان باقىمەن .ئوغرىنىڭ ئىستىقبالى يوق ، بۇنى بىلەمسىز ؟


  -جانبىقىش ئۈچۈن يول ئازمۇ ؟


  -سىزئۈچۈن جىق ، مەن ئۈچۈن ئاز .


-نىمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟


-ئويلاپ بىقىڭ ، مىنى ئالىدىغان ، ماڭا كۆيىنىدىغان،ھەمراھ بولىدىغان ئەربارمۇ؟ مەندەك نەچچە ئەرنىڭ تىگىدىن قوپقان ، بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ھارام بالاتاپقان قىزنى كىم ئالىدۇ؟ شۇنچە باغرى كەڭ يۇرتۇممۇ مىنى سىغدۇرمىسا؟ سىز ھازىرمىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى بىلدىڭىز ، ئەمدى يەنە مىنى داۋاملىق ياخشى كۆرەلەمسىز ؟ مىنىئەمرىڭىزگە ئالالامسىز ؟


-لىكىن سىز مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز جاپا تارتمايسىز دىگەنغۇ ؟


-شۇنداق ، ئەگەر سىز مىنى ئالسىڭىز شاڭخەيدىكى جەزىخورلار مىنى ئۆزىگەقىتىۋالالمايدۇ، سىز پەقەت مىنىڭ نامدا ئىرىم بولىسىز، سىز ھىچ ئىش قىلماي ئۆيدەئولتۇرسىڭىزمۇ ، ساڭناغا ، تورخانىغا بىرىپ ئويناپ يۈرسىڭىزمۇ مەيلى مەن كۈندەئىككى ئۈچ مىڭ كوي بازار قىلالايمەن ، لىكىن سىز ئۇنداق قىلالمايسىز ، بىلىمەن سىزناھايىتى ئاقكۆڭۈل ، سەمىمىي ئادەم ، لىكىن مىنىڭ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئىرىشىشھەققىم يوق ، ھەم مىنىڭ بۇنىڭغا سالاھىيىتىم توشمايدۇ.


خۇشتۇر جىمىپ كەتتى . ئۇ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمىدى،ئۇنىڭدا بۇ سۇئالغاقانداق جاۋاپ بىرىشىنى بىلمىدى. بالىلىقنىڭ شىرىن چۈشلىرىنى تولۇق كۆرمەيلا ،ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە ئەڭ تەشنا ۋاقىتلىرىدا ھاياتلىقنىڭ تۈرلۈككۈلپەتلىرىنى كۆرگەن بۇ ناتىۋان ، مەسۇم قىزنىڭ بۇ سۇئالىغا ئۇ جاۋاپ بىرەلمىدى.


-بولدى ،خۇشتۇرجان ئۇستام، ئەمدى مەن ئۈچۈن بىھۇدە ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ، مەن ئاللىقاچان تەقدىرىمگە تەن بەرگەن ، ساقچىغا تۇتۇلمىسام ھامان بىركۈن بىرپىشكەللىككە دۇچار بولىدىغانلىقىمنى ، ئۆز ئەجىلىم بىلەن ئۆلمەيدىغانلىقىمنىبىلىمەن، مىنىڭ ھىچقانداق ئىستىقبالىم يوق بىر شورپىشانە. لىكىن سىزئىستىقباللىق،مەرت ،ئىسىل يىگىت ئاشۇ پاك مۇھەببىتىڭىزنى مەن ئۈچۈن زايەقىلىۋەتمەڭ ، مەن ئۇنىڭغا لايىق قىز ئەمەس،ئاللاھ سىزگە نىيىتىڭىز لايىق ،ئۆزىڭىزپاك ، ئىمانلىق ھايالىق ،سادىق،ۋاپادار بىرىنى نىسىپ قىلسۇن.ئەمدى مىنىئىزدىمەڭ،خەير ئامان بولۇڭ ، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزدا ماڭايلى.


  قەندىل شۇ سۆزلەرنى دەپلا قايتىپ كەتتى . قەندىلنىڭ بايانىدىن ئۇنىڭقەلبىدە مۇھەببەتتىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى .چۈنكى ئۇبالىلىقنىڭ ئەڭ تاتلىق چاغلىرىدىلا مۇھەببەتتىن مۇستەسنا،رەزىللىككە تولغان ،ئادەمقىلىپىدىن چىققان مەلئۇنلار ئارىسىدا ياشاپ ،ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت يالقۇنىئاللىقاچان ئۈچۈپ كەتكەن ئىدى.قەندىلنىڭ يۈرىكى يىغلىماقتا . چۈنكى ئۇ مۇھەببەتنىھىس قىلغان ئىدى .


يۈرىكىم يىغلايدۇ پىنھاندا غەمكىن،
تۆكۈلۈپ ئۈنچىدەك تارام ياشلىرىم.
ۋەلىكىن ياش ئەمەس ئېقىپ چۈشكىنى،
بارچە دەرت غەم قايغۇ ھەسرەت پىغانىم.

كۆرگۈنۈم دۇنيادىن ئازاپ ۋە خورلۇق،
قەلبىمدە سۆيگۈنىڭ ئۆچكەن يالقۇنى.
قانداقمۇ سۆيۈلۈپ ياشايمەن ئەمدى،
سۆيگۈ نىمە؟ مۇھەببەتچۇ؟ بىلمەيمەن بۇنى......


   لىكىن خۇشتۇر تىگى يوق خىياللار ئىچىدە قالدى.ئۇنى تۇنجى مۇھەببىتى مانا مۇشۇنداقلا ۋەيران بۇلارمۇ ؟ ئەجىبا تەقدىر بۇ چاقچىقىخۇشتۇرغا بەكلا ئىغىر بولۇپ كەتمىگەنمىدۇ؟


خۇشتۇر چىگىش خىياللاردا ماڭماقتا ئىدى. ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا قەندىلدا ،قەندىل كۆرگەن ئازاپ-ئۆقۇبەتلەردە ئىدى. نىمىلا دىگەن بىلەن تۇنجى مۇھەببىتىئەمەسمۇ ، ياخشى بولسۇن ، يامان بولسۇن ئۇنتۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.


خۇشتۇر نەچچە ۋاختىن بىرى نەپرەتلەنگەن ئوغرىلارغا ئەمدىلىكتە ھىسداشلىققىلماقتا ئىدى. توغرا ئۇلاردا نىمە گۇناھ ؟ ئۇلارمۇ مەجبۇرلانغانلارغۇ ؟ ئەسلىتىللاشقا، نەپرەتكە، قارغىشقا تىگىشلىك كىشلەر دەل ئاشۇ نەپسى بالا جەزىخورلار،ئادەم بىدىكلىرى،ئاشۇ لەنەتتەككۈر شۇمپەن جەزىخورلار بىلەن ئىغىر-بورۇنيالىشىۋاتقان نەپسانىيەتچى ، مەسئۇلىيەتسىز ساقچىلار.ئەگەر شۇ ساقچىلار جەمىئىيەتئامانلىقىنى،مۇقۇملىقىنى ھەقىقى كۆزدە تۇتسا بۇ ئوغرىلارنى نەچچە ئاي ئىچىدە تامامتازىلاپ ، باش جىنايەتچىلەرنى تۈرمىلەرگە،جازا مەيدانلىرىغا يوللاپ بولغانبۇلاتتى.لىكىن نىمە ئامال؟


  يەنەتىخى قەندىل،دىلىگارنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك مەسئۇلىيەتسىز،زەھەر ئاشنالىرى،قاتارچاي،رەڭلىك سورۇن ئۈلپەتلىرىمۇ بار.ئەگەر ئۇلار قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي سەۋرقىلغان بولسا، شۇ ئاپەت زەھەرنى چەكمىگەن بولسا بىر چىكىم ئۈچۈم ئاياللىرىنى سولاپبىرەمدا؟ تۆت تەڭگە ئۈچۈن يۈرەك پارىسىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىپ ئۇلارنى ھايۋاننىساتقاندەك سېتىۋىتەمدۇ؟ غەيۋەت،ھەشەمەتخورلۇق دەرياسىغا چۆمگەن قاتار چاي ، رەڭلىكسورۇن ئاشنىلىرى شۇ سورۇنغا بەرگەن ۋاقتىنى ، زىھنىنى پەرزەنتلىرىگە بەرگەن بولسا، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەي ئاجراشمىغان بولسا، بالىلىرىنى تىرىك يىتىم قىلمىغانبولسا ئاشۇ بالىلار بۈگۈنكىدەك ئىچىنىشلىك كۈنگە قالارمۇ ؟ رەزىل شەيتاننىڭكەينىگە كىرىپ ئۆز پەرزەنتىگە بولغان مىھىر-ئىنايىتىمۇ قالمىغان ئاشۇ ئاتا-ئانىلارنىمە ئۈچۈن بالىلىرىنى ئويلىمايدىغاندۇ ؟ تىخى بالىلىرىغا : بالام ،ئەسكى بالىلاربىلەن ئوينىما ،يامان ئۆگىنىپ قالىسەن ،بولمىسا چوڭ بولغاندا يارامسىز بولۇپقالىسەن دەپ تەربىيە قىلىشىنى بىلىدۇ ، ئەمما ئۆزى كىملەر بىلەنئارلىشىۋاتقانلىقىنى ، قانداق يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ .


زەھەرخەندە مىللەتنىڭ دۈشمنى ، كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغۇچى ئادەم بىدىكلىرىبالىلارنى ئالداپ ساتمىسا ، ئىچكىرىدە <شىنجاڭنىڭ ئىككى ئالاھىدە مەھسۇلاتى،بىرى قۇرۇق ئۈزۈم،بىرى ئوغرى> دىگەن ھاقارەتلەر بىزگە ئىنئام قىلىنامدۇ؟ھەيئادەملەر، ياق ھەي رەزىل ئادەم سۈرەتلىك ئىبلىسلار!!


خۇشتۇر ئەنە شۇلارنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ ماڭماقتا ئىدى. مىللەتنىڭ ھەققىت زىيانداش، پارازىتلىرىنى تىللاپ قارغاپ ماڭماڭتا ئىدى.ئۇ خۇداغا نالە قىلماقتا :


   -ئىھكىرەملىك تەڭرىم ! ئاشۇ سەبىي ، مەسۇم ، ناتىۋان پەرزەنتلەرنى بۇ دۇنيادىكى ئادەمسۈرەتلىك ئىبلىسلار قولىدىن قۇتقۇزىۋالغىن ! ئۇلارغا بۇ گۈزەل ئالەمنى دوزاخ قىلىپبەرمىگىن! ئاشۇ نىجىس،ئىپلاس ئىبلىسلارنىڭ ئەجىلىنى بالدۇرراق قىلىپ بەرگىن ! شۇبىگۇناھ سەبىيلەرنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بەرگىن! ئاشۇئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنساپ-ئىنايىتىنى،مىھىر-مۇھەببىتىنى،ئىمان-ئىتىقادىنى زىيادەقىلغىن! مىللەت كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىدىغان ئاشۇ پارازىتلارنىڭ ئىككى دۇنياسىنىپەيمان قىلغىن،ئۇلارنى بۇ دۇنيادا خار-زار،ئۇ دۇنيادا ۋەيلۇن دوزاخ قىلغىن!.......


خۇشتۇر تەڭرىدىن تىلىمەكتە.ئاشۇ بىچارە بالىلارغا ،بەرنا قەندىلغائىچىنماقتا ئىدى.ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى.خۇشتۇر ماڭماقتا، ئۇ تۇنجىسۆيگىنى بىلەن بىللە بولغان ،ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز،گۈزەل مىنۇتلارنىڭ شاھىدىبولغان ۋەيتەنگە قاراپ ماڭماقتا ئىدى.شۇ تاپ ئۇ دەل شۇ گۈزەل،ئۇنتۇلغۇسىزئەسلىمىلەرنى ئىزدەپ ماڭماڭتا . تولىمۇ قىسقا ، لىكىن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىسقىلغان گۈزەل،ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان شۇ جايغا قاراپ ئىنتىلمەكتەئىدى.........


11-ئامانەت


ئالدىنقى قۇر سەترىلەردە خۇشتۇرنىڭ قەندىلغا مۇھەببەت مەكتۇبى يازغانلىقىنىبايان قىلغان ئىدۇق،ئامما ئۇ خەتنى ئوقۇمىدۇق.خۇشتۇر شۇ تاپتا ۋەيتەندە،خۇاڭپۇدەريا قىرغىقىدىكى رىشاتكىغا يۆلىنىپ شۇ خەتنى ئىچىپ تۇنجى سۆيگىنىگە يازغان ئاشۇمۇھەببەت مەكتۇبىنى قايتا ئوقىماقتا .


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :


قەندىل ياخشىمۇسىز ؟ ئەسلى بۇ گەپلەرنى سىزگە يۈ-تۇرانە دىگىم بار ئىدى،لىكىن ھەرقىتىم سىزنى كۆرگىنىمدە تىلىم گاچىلىشىپ ، سۆزلىرىمنى تاپالمايدىكەنمەن.شۇڭايەنىلا مەكتۇپ يوللاشنى لايىق كۆردۈم.


قەندىل ، سىزگە ئىيتسام سىز بىلەن دەريا ساياھىتى قىلغان ئاشۇ مىنۇتلارھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار ھىسابلىنىدۇ.چۈنكى مەن ئۆزۈم ياخشىكۆرگەن ،دىلدىن سۆيگەن بىر پەرى بىلەن بىللە بولدۇم. گەپ ئارلىقىدا <ئۆزى ياخشىكۆرگەن ئادەم بىلەن سەيلى قىلىش ھەقىقەتەن گۈزەل بەخىتكەن>دىگىنىم .شۇ چاغدائەسلى دادىل ھالدا شۇنداق مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن بولسامچۇ كاشكى . لىكىنيەنىلا خىجىل بولىدىكەنمەن.


  مىنىڭسىز بىلەن مەڭگۈ،مەڭگۈ، ئەبەدىلئەبەد بىللە ساياھەت قىلغۇم بار.مەڭگۈ پەقەت ۋەپەقەت سىزنى سۈيۈپ ئۆتكۈم بار .راست دەۋاتىمەن،سىزنىڭ يىقىملىقئاۋازىڭىز،خۇشچاقچاقلىقىڭىز ، ئۇماق كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز مىنى شۇنچىلىك ئەسىرقىلدىكى نەچچە تۈن ئىشقىڭىزدا ئۆرتىنىپ ، نازىڭىزنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. ئەگەرخالىسىڭىز سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە بولسام،بىللە ساياھەت قىلساق،سىزنىڭ ئاشۇ ئۇماقتەبەسسۇملىرىڭىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرسام ، سىز ئامراق پولونى ئىتىپ بەرسەم، ئۆزۈمنىدۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھىسابلىغان بولاتتىم .


                                  سىزگە ئاشىقيۈرەكتىن سىزگە ئوتلۇق سالام يوللاپ


                                                                 ئاشىقىڭىز : خۇشتۇردىن .


خۇشتۇر خەتنى يىرتىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ خەتنى قەندىلغا بىرەلمىدى. ئۇقەندىلغا ھىسداشلىق قىلماقتا ئىدى .خۇشتۇر خەتنى يىرتىپ يىرتىپ خۇاڭپۇ دەرياسىغاتاشلىۋەتتى.خۇشتۇرنىڭ تۇنجى سۆيگىنىگە يازغان ،سۆيگىنى تىخى ئوقۇپ بىقىشقائۈلگۈرمىگەن بۇ مۇھەببەت مەكتۇبى خۇاڭپۇ دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرىدا بىپايان دىڭىزغاقاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى......


ئارىدىن يەنە نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ ، خۇشتۇر قەندىلنىڭ كۈلپەتلىرىنىئويلاپ كۈڭلى غەش ئىشلىمەكتە ئىدى . ھىچكىمگىمۇ گەپ قىلمىدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنىكۆرگەن ئابلەت بىر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە خۇشتۇر بىلەن پاراڭلاشماقچى بولۇپ ،ياتاققا ئانچە يىراق بولمىغان بىر باغچىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتى .


-ئاداش ، سەن زادى نىمە بولدۇڭ ؟ بۇنداق كىتىۋەرسەڭ بولمايدۇ ئاداش .


-ئابلەت بولدى مەندىن گەپ سورىما . ئۆتىنەي.


-خۇشتۇر ئادىشىم ، نىمە دەردىڭ بار قىنى ئىيىت ، ئىچىڭ بوشاپ قالىدۇ .


-ئاداش سورىما .


  -ياق، دىگىنە زادى نىمە بولدى ، يەنە شۇ ئوغرى قىزنى ئويلاۋاتامسەن،ئويلاپ باقە ،ئۇلارنىڭ دەستىدىن بىز ئىچكىرىدە قانداق كەمسىتىش ، يەكلىنىشكە ئۇچرايمىز ؟ يولداماڭساقمۇ مۇشۇ خەنزۇلار قانداق قىلىپ كىتىدۇ ، ئون مىتر يىراققا قاچىدۇ ، تىخىسومكىرىلىنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىشچۇ تىخى ، يا تاكسى توختىمايدۇ ، كوچا ئاپتۇبوس ،مىتروغا چىقساقمۇ تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ ، ھەتتا قىرىلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدۇ،يا بىرەر ياتاققا ئۈسسۈپ كىرىپ ياتاق ئالالمايمىز؟ ھىلىغۇ بىزكەنمىز ، ئۆتكەندەشىنجاڭدىن كەلگەن پۇقراچە ساقچىلارمۇ ياتاق ئالالماي ، ئاخىرى ساقچىلىقكىنىشكىلىرىنى كۆرسىتىپ،بىر مۇنچە جىدەل قىلىپ ئاران ياتاق ئالالاپتۇ . مانا بۇدەل ئاشۇ ئوغرىلارنىڭ كاساپىتى ئەمەسمۇ ؟ بىز قانداق مىللەت ؟ ئەجىبا تارىختىنئىلىمخۇمار ، جەڭگىۋار ، دىيانەتلىك ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئاشۇلارنىڭ قەندىلدەكرەسۋا ئوغرىلار كاساپىدىن ئوغرى ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ . ئويلاپ باقە . سەن ئۇنىڭدەكئوغرىلارغا نەپرەتلەنمەي ، تىخى ئىچ ئاغرىتىۋاتامسەن . ئەگەر قانۇن رۇخسەت قىلغانبولسا ، ھەممىسىنى ئىتىۋەتسەم دەيمەن .بىرىنجى بولۇپ سىنى مۇشۇنداق قىلىپ ھىلىقىپاسكىنا ،رەسۋانى ئاشۇ گال قىڭراق بىلەن چاناپ-چاناپ ئىتقا تاشلاپ بىرىتىم .


  -ئاداش، ئۆزەڭنى بىسىۋال ، قەندىلغا تىل تەككۈزمە .


  -نىمە ، تىل تەككۈزمە ؟ سەن ساراڭ بولۇپ قالدىڭما ؟ تىل تەككۈزمە دەيسەنغۇ ؟توۋا،ئۇ رەسۋا سىنى قانداق قىلىپ قويدى ؟ توۋا خۇدايىم .


  -ئابلەت ، ئەمدى ئاغزىڭنى يۇم . قەندىلغا تىل تەككۈزمە دىدىم.-ئابلەت خۇشتۇرنىڭ بۇگىپىدىن چۈچۈپ كەتتى .


  -نىمە؟ نىمە دەۋاتىسەن ، سەنچە ئۇ ئوغرى ئەمەس پەرىشتىكەندە ، خەپ رەسۋا ئەتە گۇاڭجۇيولىغا بىرىپ ھىسابلىشىپ كىلەي ، خىيالىدا بىزنى ئەخمەق قىلىمەن دەپ قاپتۇ-دە ئۇپاسكى... . – ئابلەتنىڭ گىپى تۈگىمەيلا خۇشتۇر ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر مۇشت سالدى .


  -ھەي، خۇشتۇر ، مىنى ئۇرىۋاتامسە ؟ سەن ئەجىبا ئاشۇ رەسۋا ،ئوغرى پاسكىنىنى دەپ مىنىئۇرۇۋاتىسەن؟


-ئابلەت ، ئەمدى ئاغزىڭنى يۇم ، بولمىسا....


-بولمىسا قانداق قىلىسەن ؟ مىنى ئۇرامسەن . ئاشۇ پاسكىنا ئوغرى ئۈچۈن مىنىئۇرىسەن .


  -ئۇپاسكىنا ، رەسۋا ئەمەس ئابلەت ،مەن ساڭا ئىيتىپ قوياي ،ئۇ مىنىڭ سۆيگۈنۈم ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ھاقارەت قىلىشىغا يول قويمايمەن .


  -ھە ؟!پاسكىنا ،رەسۋا ئەمەس دە ، خوپ، ئەمىسە ئۇ كىم ؟ سۆيگۈنۈم ؟ سەن ئۇنى ئالامسەن .


-شۇنداق ، ئالىمەن ، ھەقلەپ، نىكاھلاپ ئالىمەن.


  -خۇشتۇر كەيپىياتىڭ جايىدا ئەمەس ئاداش ، ئۆزەڭنى تۇتىۋال ، ئۇ ساڭا ماسكەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ھەتتا ساڭا بىرىدىغا ئامانىتمۇ يوق تۇرسا ،سەن ئاشۇ نەچچە ئەرنىڭتىگىدىن قوپقان قىزنى ئالامسەن ؟


  -ئامانەت، ئەگەر قىزلاردىكى ئامانەت پەقەت ۋە پەقەت ئىپپەت بولسا ، ئۇنداقتا بىزدىكىئامانەت نىمە؟ بىزنىڭ ئىپپتىمىز يوقما ؟ ئىسىڭدە بولسۇن ، دەل ئاشۇ ناتىۋان ،بەختسىزلەرنىڭ ئىپپىتى دەل بىزنىڭ ئىپپتىمىز ئىدى. بىز ئۇنى قوغدىدۇقمۇ ؟ھازىرغىچە ئۇلارغا نەپرەتلىنىپلا يۈردۇق ،قايسىمىز ئۇلارنىڭ ھالىنى سورىدۇق ؟سەنچە ئۇلار ئۆزى خالاپ مۇشۇ يولنى تالىغانما ؟ ئەجىبا ئۇلار ئىپپەتسىز يۈرۈشنىخالىغانلارمۇ ؟ سەن كىمنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن ، قىنى دەپ باقەئۇلاردىن سەن نىمىشقا ئوغۇرلۇق قىلىسەن دەپ سوراپ باقتىڭمۇ ؟ ئۇلارنىڭ قانچىلىكئازاپ- ئوقۇبەت تارتقانلىقىنى بىلەمسەن ؟ سەن ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىك ئۆتمىشىنى بىلەمسەن؟ قىنى ئىيتە ، بىلەمسەن ؟-ئابلەت خۇشتۇرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمىدى .


  -سەنئۇلارنى ئوغرى ، رەسۋا دەپ تىللاشنى ، نەپرەتلىنىشنى بىلىسەن ، ئەجىبا ئۇلارنىئاشۇ قاباھەتلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ ئەينى چاغدا نۇرمەمەتساڭا قانداق قىلتاق قۇرۇپ ، بەتنام چاپلاپ رەسۋا قىلدى . بۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟نۇرمەمەتقۇ سىنى رەسۋا قىلىپ كۆزدىن يوقاتقان ئىدى ، ئەمما ھاجىمكام ئىشنىڭ ئەسلىماھىيىتىنى بىلىپ سىنى قۇتۇلدۇردى ، يۈزۈڭنى يورۇق قىلدى ، لىكىن سەن دەل سەننەپرەتلىنىپ ، قارغاۋاتقان ئاشۇ ئوغرىلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىپ باقتىڭمۇ ؟ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ مانا مەن قەندىلنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭكۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئاڭلىدىم ، ئۇنىڭ قانچىلىك خورلانغانلىقىنى بىلگىنىمدە مەنئۇلاردىن ئەمەس ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم، مەن نىمە ئۈچۈن ئۇلاردىن نەپرەتلەنگەندىمەن، نىمە ئۈچۈن ئۇلاردىن ھالىڭ نىچۈك دەپ سورىمىغاندىمەن؟دەپ نەپرەتلەندىم .بىلەمسەن ، ئەگەر قەندىل تارتقان ئازاپ ، خۇرلۇقلارنى بىز كۆرگەن بولساقئاللىبۇرۇن بۇ ئالەمدىن خوشلاشقان بولاتتۇق . ھىلىمۇ قەندىل قەيسەركەن ، ئۇ تىخىبالىلىقنىڭ شىرىن چۈشلىرىنى كۆرمەيلا بىھىساب كۈلپەتلەرنى تارتىپمۇ ئۆلىۋالماپتۇ .مەيلى قەندىلنىڭ ئىپپىتى بولسۇن بولمىسۇن ئۇ مەن ئۈچۈن پاك ، ئاشۇ ئىپپەت دەپئاتالغان شۇ ئامانەت قىزلارنىڭ ئىپپىتى ھىسابلانسا ، ئۇنداقتا قەندىل ئۇنىھىچكىمگە بەرمىدى ، ئۇ يەنىلا پاك ، ئۇنىڭ ئىپپتى بولاپ تالاندى ، مەيلى، ئۇ مەنئۈچۈن يەنىلا بىغۇبار پاك قىز.ھەقىقىي پاكلىق قەلبتە ، نىيەتتە بولىدۇ . ھىلىمۇئەتراپىمىزدا نۇرغۇن قىزلار بار ، ئازراق ھىسسيات كەينىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنىيوق قىلدى .نۇرغۇنلىرى شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە كىلىپ پۇلدار خۇجايىنلارنىڭ قۇچىقىدائەركىلەپ ئاتالمىش چولپان،ئاتالمىش داڭلىقلاردىن بولۇپ قالدى .  ئۇلارغا سىلىشتۇرغان قەندىل پاك بىغۇبار قىز. ئۇھىلىمۇ بۇ ئالەمنىڭ بارلىق كۈلپەت ، ئازابىنى تارتىپ بولدى ، ئەمدى مەن مۇشۇ قولۇمبىلەن ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادىكى بەختنى ھىس قىلدۇرىمەن ، ئۇنىڭ ئاشۇ قانمىغانبەختلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىمەن ، بۇ دۇنيانىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ نەقەدەر پاك ، بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىمەن ،ئۇنى ھەقىقىيسۆيىدىغانلارنىڭ ، كۆڭۈل بۈلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىمەن . ئۇنى ھەقىقىيبەختلىك قىلىمەن.بىلەمسەن ، ئۇ ھازىر ئۆزىنى جەمئىتەتنىڭ داشقىلى دەپ ھىسابلايدۇ ،چۈنكى بىز ئۇنى سىغدۇرمىدۇق،ئوغرى ، پاھىشە دەپ تىللاپ ، خارلاپ يۈردۇقيۇ،ئۇنىڭنىمە ئۈچۈن شۇ يولنى تاللىغىنى سوراپمۇ باقمىدۇق. ئەسلى ئۇ دەل ئەڭ كۆڭۈل بۆلىشكەتىگىشلىك قىرىنداشلىرىمىز ئىدى ، ئەپسۇس،بىز پەقەت تىللاشنى ، نەپرەتلىنىشنىلابىلدۇق،ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىدۇق ، بىز ئۇلارنى ئادەم دەپھىسابلىمىساق ، ئۇلارنى ئىتراپ قىلمىساق ، ئۇلار قانداقمۇ ئۆزىنى ھەقىقىيتۇنالايدۇ ؟ ھەممىمىز ئۇلاردىن ئاغرىنىپ يۈرسەك ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمىساق،ئۇلارنى ئارىمىزغا سىغدۇرمىساق،ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتمىسەك،ئۇلارنىيىتەكلىمىسەك ،ئۇلار مۇشۇ يولدىن قايتامدۇ ؟ ئەگەر ئۇ سىنىڭ ئۆز سىڭلىڭ بولۇپقالسا قانداق قىلاتتىڭ ؟ ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەمتىڭ ؟ئۇنى قۇتقۇزماي ،سەن مىنىڭيۈزۈمنى تۆكتۈڭ ،سەندەك سىڭلىم يوق دەپ ئۇنى ئىتراپ قىلمامتىڭ ؟ ئۇلارمۇ دەلبىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز ، ئىنى-سىڭىلرىمىز . يىلدا نۇرغۇنلىغان بالا ئوغرىلارساقچىلار تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇپ كىتىدۇ ، ئەمما ئۇلار يۇرتىغا بارغاندىن كىيىن بىزيەنە شۇلارنى تىللىدۇق ، كۆڭۈل بۆلمىدۇق ، ئۇلارغا غەمخۇرلۇق قىلمىدۇق.ئۇلار بىزنىڭمىھرىمىزگە تەلمۈرگەندە بىز ئۇلارنى يەكلىدۇق ، خۇددى مەرەزدىن قاچقاندەك قاچتۇق .ئاقىۋەتنىمە بولدى ،بەزىلىرى ئادەم خالىماس بولۇپ ئۆزىنى كەمسىتىپ يۈردى ،ئۆزىنىڭئاتا-ئانىسىغۇ گەپ قىلمايدىغان ،ئەسەبىي ،ياۋايى بولۇپ كەتتى . ھەتتا نەچچىسىئۆلىۋالدى .بەزىلىرى يەنە ئۆزىنى جاھاندا ئارتۇقچە ئادەم ،جەمئىيەتنىڭ داشقىلىھىسابلاپ،بولۇشۇم شۇ ئوخشايدۇ، باشقىلار ماڭا ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمىسا ،مەنمۇئۇلارغا ئوخشاش قىلىمەن دەپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يەنە شۇ ئازغۇنلۇقتا يۈرىۋەردى. ئۇلارھىچكىم تەربىيە قىلمىسا ، كۈيۈنمىسە ئۇلارغا مۇھەببىتىنى بەرمىسە ،ئۇلار قانداقمۇبۇ ئالەمدە مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلالايدۇ ،ئۇلارغا مۇھەببەتنىڭ ،ئىنايەتنىڭنىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىسەك ،ئۇلارنىڭ ئاشۇ قەلبى مۇھەببەتتىن جۇدا بولماسمۇ ،قەلبىگە جۇدۇن يەتمەسمۇ ؟ بىلەمسەن ، قەندىل ماڭا –يەنە مۇشۇ يولدا ماڭىمەن دەيدۇ،ئەگەر مەن ئۇنى توسمىسام ، توغرا يولنى كۆرسەتمىسەم ئۇنىڭ ھاياتى نابۇت بولماسمۇ؟ يەنە قانچىلىغان قەندىللىرىمىزنىڭ بارلىقى ۋەيران بولمايدۇ؟ ھەتتا سەن بىزدەكئىچكىرىدىكىلەر ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرغا قورقماي گەپ قىلالمايمىز،تونىمايدىغان قىرىنداشلىرىمىزنىمۇئوغرى دەپ گۇمانلىنىپ بىر-بىرىمىزدىن قىچىپ يۈرىمىز.ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىزقورقىۋاتساق خەق بىزدىن قورقماسمۇ ؟ئۆزىمىز ئۆزىمىز ئىتراپ قىلمىساق خەق بىزنىئىتراپ قىلامدۇ ، ئۇنى ئوغرىكەن ، بۇنى بولاڭچىكەن،مىللەتنىڭ دۈشمىنى ، مىللەتنىڭپارازىتى دەپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سىسىتىپ يۈرىمىز. ئۇلار باشقىلار ئەمەس ، دەلبىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز ،بىزنىڭ تۇققانلىرىمىز ،بىزنىڭ دوسلىرىمىز.ئۇلار بىزنىڭدۈشمىنىمىز ئەمەس ،دەل بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزگە ، غەمخورلۇقىمىزغا ئەڭ مۇھتاجقىرىنداشلىرىمىز. ئابلەت مەن قارار قىلدىم ، مەن قەندىلنى ئالىمەن ، مەنمۇھاجىمكامدەك سۆزۈمدىن يانمايمەن . يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم .ئابلەت مەن ئۇنى ئالىمەن . ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن .


  ئابلەتخۇشتۇرنىڭ جاۋابىدىن ھەيران قالدى.بىردىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا نەچچە يىلدىن بىرىئاشخانىغا تاماققا كىرگەن ئاشۇ ناتىۋان ئوغرىلارنىڭ سىماسى كەلدى ، نىمىدىگەنبىچارە كۆزلەر ، كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى ئاشۇ بالىلارنىڭ كۆزىدىن پارلىغىنى قورقۇنچ ،مىھىرگە بولغان تەشنالىقلار ئىدى . ئەپسۇس،بەكمۇ ئەپسۇس، ئابلەت بۇنى تولىمۇكىچىكىپ ھىس قىلغان ئىدى .


-ئاداش –دىدى ئابلەت-توغرا ئىيتىڭ ،ھازىر نىمە دىيىشىمنىبىلمەيۋاتىمەن-ئابلەتنىڭ كۆزىگە ياش ياماشتى- ئۇلار دەل بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىشكە ،بىزنىڭ غەمخورلۇقىمىزغا تەشنا قىرىنداشلىرىمىز ئىدى . مەن بۇلارنى تىخى ئەمدى ھىسقىلىۋاتىمەن ، بىز ھەممىمىز بىر مىللەت ، بىر گەۋدە تۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ كىسىلىنىيۇشۇرۇپ ، ئۆزىمىزدىن بىزار بولۇپ يۈرۈپتۇق ، نىمىشقىمۇ ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپيۈرگەندىمەن ، توغرا ،ئەسلى ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بىقىشىم كىرەك ئىدى ، ئەينىچاغدا تۆھمەت قۇربانى بولغان چىغىمدا نەچچە رەت ھاجىمكامغا تىلفۇن قىلىپ ، ئۆزۈمنىئاقلىماقچى بولغان ئىدىم ،لىكىن قورققان ئىدىم ، ھەتتا بىرىنىڭ كىلىپ ھالىمنىسورىشىنى ، نىمە ئۈچۈن بۇ كۈنگە قالغىنىمنى بىلىشىنى بىلىپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىپكەتكەن ئىدىم، ئەمما ھىچكىم كەلمىدى ، باشقىلارنى ئىزدەشتىنمۇ قورققان ئىدىم .خۇددىئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھىسابلاپ ،ئۆيگە قايتىپ كىلىپمۇ نەچچە ئاي خۇدۇمنى بىلمەييۈرۈپ كەتتىم. ئەمما ھاجىمكامنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ مىنى قايتا ئەكەلگىنىدە ،ئىززەت-ھۆرمىتىمنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىنى بىلگىنىمدە ، نۇرمەمەتنىڭ تىگىشلىك جازاسىنىتارتقىنىنى ئاڭلىغىمدا يىغلاپمۇ سالدىم، ھەقىقەتنىڭ ھامان ئايان بولىدىغانلىقىنىتولۇق ھىس قىلغان ئىدىم . ئاشۇ سەبىي ناتىۋان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ يولدامىڭىشىنىڭ مەلۇم بىر سەۋەبى بارلىقىنى بىلىپ باقمىغانلىقىمدىن ، ئۇلارغائورۇنسىزلا نەپرەتلەنلىكىمدىن ئەمدىلىكتە تولىمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن . ئاداش توغرا ئويلاپسەن، ئەركەككەنسەن ، ياشاپ كەت ، شۇ قارارغا كەلگەن بولساڭ ئاللاھ سىنىڭمۇ ،قەندىلنىڭمۇ بەختىنى بەرسۇن ، بەختىڭلارنى تىپىڭلار .بىز ئەمەلىيەتتە ھەممىدىنمۇھتاج نەرسە ئەسلى قوللاش ، كۆڭۈل بۆلۈش ،ھالىغا يىتىشكەن . ئاداش بايا ئۇرغانمۇشۇڭغا رەھمەت ، مىنىڭ ئەقلىمنى تاپقۇزدۇڭ.


-توغرا ئىيتىڭ ئاداش ، بولدى ، مەن بىرقارارغا كەلدىم ئەتە قەندىل بىلەنكۆرۈشىمەن ، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىيتىمەن . ئۇنى ئەمرىمگەئالىمەن .


  ئىككىدوست بىللە ياتاققا قايتماقتا ئىدى . خۇشتۇرنىڭ كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ قەندىل بىلەن بىللە بەخت تاپىدىغان ئاشۇ ۋىسال دەقىلىرىنى خىيال قىلىپچىرايىدىن خوشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى .ئابلەت بولسا خۇشتۇردەك مەرت ئاغىنىسىدىنتەسىرلىنىپ ، ئاشۇ ناتىۋانلارنىڭ مىھىرگە تەشنا كۆزلىرىنى ئويلاپ كۆزىدىن ئاققانياشنى سەزمەي كىتىپ باراتتى.........


ئەتىسى خۇشتۇر قەندىلغا تىلفۇن ئۇردى ، ئەمما قەندىل تىلفوننى ئالمىدى ،خۇشتۇر يەنە ئۇرىۋەردى ، قەندىل قەتئىي ئالمىدى . ئاخىرى قەندىل تىلفوننىئىتىۋالدى . خۇشتۇر تىت-تىت بولماقتا ئىدى .خۇشتۇر يەنە نەچچە قىتىم تىلفۇن ئۇرغانبولسىمۇ ، قەندىلنىڭ تىلفۇنى ئىتىك ئىدى . خۇشتۇر ئاخىرى ئۇنى ئىزدەپ گۇاڭجۇيولىغا بارماقچى بولدى . ئۇ سائەت يەتتە بولغاندا ئابلەتكە ئىيتىپ قويۇپ ، گۇاڭجۇيولىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .


خۇشتۇر گۇاڭجۇ يولىغا كەلگەندە ئاللىبۇرۇن كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ھەرياندىن قەندىلنى ئىزلىدى ئەمما تاپالمىدى ، ئۇنىڭ كىرمىگەن كوچىسى قالمىغان ئىدى ،ئەتراپتىكى خەنزۇلار ئۇنى كۆرۈپ سومكىلىرىنى ،يانچۇقلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ قىچىپماڭماقتا ئىدى .ئەمما بۇ ئىشلار خۇشتۇرنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتى ، ئۇنىڭئەس-يادى قەندىلنى تىپىش ئىدى. بىر چاغدا خۇشتۇر قەندىلنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدى-دەئۇنىڭ يىنىغا قاراپ ئۇچقاندەك ماڭدى ، قەندىل بولسا ، 45 ياشلار چامىسىدىكى بىرئايالنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۋاتاتتى ، خۇشتۇر قەندىلغا يىتىشىۋىلىپ ئۇنىڭ قولىدىنكۈچەپلا تارتتى ، قەندىل ساقچى ئوخشايدۇ دەپ قىچىش ئۈچۈن ئۆزىنى ھەريان ئاتاتتى .


-قەندىل بۇ مەن . قورقماڭ .


قەندىل كەينىگە قاراپ خۇشتۇرنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى .


  -قۇيىۋىتىڭ – قەندىل بىر سىلكىنىپلا قاچتى ، خۇشتۇر ئۇنى قوغلىماقتا ئىدى .


   -قەندىل ، قاچماڭ ، ئۆتىنەي .


  -سىزگە مىنى ئىزدىمەڭ دىگەنتىمغۇ ، يەنە نىمىگە كەلدىڭىز ، بولدى ، قايتىڭ.


  -ياق، مەن سىزگە قەلبىمنى ئىزھار قىلغىلى ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دىيەلمىگەن گەپلىرىمنىدىگىلى كەلدىم . قەندىل مەن سىزنى سۆيىمەن ....


قەندىل خالىي جايدا توختىدى .


  -نىمەدىدىڭىز ؟


  -مەنسىزنى سۆيىمەن .


-سىزگە ئىيتىمغۇ مەن سۆيگىڭىزگە مۇناسىپ ئەمەس – ئۇنىڭ كۆزىدىن يەنە ياشتۆكۈلدى – نىمە ئۈچۈن مىنى سۆيىسىز ، كۆردىڭىز ، مەن ئوغرى ، مەن ھىچكىمنىڭسۆيىشىگە لايىق ئەمەس .


  -كىمدەيدۇ ؟ سىز دەل ئىزلەپ يۈرگەن قىز ، سىز مىنىڭ ھاياتىم ، سىز بولمىسىڭىز مەنخۇددى سۇدىن ئايرىلغان بىلىقتەك بولۇپ قالىدىكەنمەن .


  -سىزنىمە ئۈچۈن مىنى سۆيىسىز ؟ مەن شۇنىڭغا مۇناسىپما ؟


-قەندىل ، مەن مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، ئەمما سىز دائىمخىيالىمدىن چىقمايسىز،سىزنىڭ ئاشۇ كۈلپەتلىرىڭىز مىنى نەچچە كۈن ئازاپلىدى ، سىزنىئەسلەپلا ، ياد ئىتىپ يۈردۈم ،ئەگەر مۇشۇ مۇھەببەت دەپ ئاتالسا ئۇنداقتا مەن سىزنىياخشى كۆرىمەن ، سىزنى بەختلىك قىلسامكەن ، ئاشۇ كۈلپەتلىك كۈنلىرىگە خاتىمەبەرسەمكەن دەپلا ئويلۇدۇم ھەم نىيەت قىلدىم ، ئەگەر مۇشۇ مۇھەببەت بولسا ئۇنداقتامەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .


قەندىل يەنە ياش تۆكمەكتە ئىدى . ئۇ تا ھازىرغىچە ئۆزىنى پەس كۆرۈپ ،دۇنيادا ئۇنى ياد ئىتىدىغان ، ئويلايدىغان ، كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەسىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتى،ھەم بۇلارنى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ ھىسابلىغان ئىدى . ئەمدىلىكتە ئۇ بۇ دۇنياداھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى ، ئۆزىنىڭمۇ سۆيىلىدىغانلىقىنى ،شۇنداقلا ئۇنىڭئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ، ئۇنى بەختلىك قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ھىسقىلغان ئىدى . شۇنداق ، دۇنيا ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ، چۈنكى بۇ دۇنيا مۇھەببەتكەتولغان گۈزەل دۇنيا .


-بىراق ، خۇشتۇر ، بىلەمسىز، مەن سىزنىڭ سۆيىشىڭىزگە لايىق ئەمەس ، مەنسىزنى تىخى مىنى ئىزدىمەيدۇ ، مىنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەمماسىزنىڭ مىنى بۇ دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن . شۇنداق، مەن بىرشورپىشانە ،مەن تىخى بۇ دۇنيادا مۇھەببەت يوق ،بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش بىرشورپىشانىگە ھىچكىم ئىچ ئاغرىتمايدۇ ؟ ماڭا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلاردىن نىمىشقائۆچ ئالمايمەن دەپ ئازغۇنلۇقتا يۈرۈپتىكەنمەن . مەن ئاخىرى ھىس قىلدىم ، دۇنياداھەقىقەتەن ياخشى ئىنسانلار بار ئىكەن .دۇنيا ھەقىقەتەن مۇھەببەت مەۋجۇت ئىكەن،سىزگە قەسەم قىلاي ، ئەمدى بۇ يولدا ماڭمايمەن ، سىزنىڭ ماڭا بەرگەن ئاشۇمۇھەببىتىڭىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئەمدى بۇ يولدا ماڭمايمەن، ھەقىقىيئادەمدەك ياشايمەن ، بىلەمسىز ، سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاللىقاچان يوقالغان بۇ قەلبىمدەئەمدىلىكتە ئۇ مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجاپ يانماقتا . مەن ئەمدى ھەقىقىي ھىسقىلدىم ، ئەسلى مەن مۇھەببەت يوق يەرلەردە ياشاپ ، قەلبىمدە مۇھەببەتتىن ئەسەرمۇقالماپتىكەن . نىمىشقىمۇ ئاشۇ مۇھەببەتلەرنى ئىزلەپ باقمىغاندىمەن . ئەمما خۇشتۇر، مەن سىز بىلەن توي قىلالمايمەن ، ھەم ھىچكىم بىلەن توي قىلمايمەن .   


-نىمىشقا ؟ مەن سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن .


-ئەمرىمگە ئالىمەن ؟


-شۇنداق ، مەن سىزنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەلنى تۆلەشكە رازى.


  -سىزمىنى ئاللىقاچان بەختلىك قىلىپ بولدىڭىز ، مەن ھازىر شۇ بەختلەرنى ھىس قىلماقتىمەن. مەن ھازىر قايتا تۇغۇلغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ، ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەختتىپىلمايدۇ .


-قەندىل ، مەن بىر ئىشنى قارار قىلغانكەنمەن ، چوقۇم قىلىمەن ، سىزنىئالىمەن دىدىم ، ئالىمەن .


-خۇشتۇر ، ئۆتىنەي ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ، بىلىسىز، مەندە سىزگەبىرىدىغان ئامانەت يوق . مەن ئىپپىتى يوق ،تىنى بۇلغانغان ناپاك  قىز .


-ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ، ئەجىبا سىز ئىپپتىڭىزنى ساتقانما ؟ ئەجىبا سىزئۇنى ئۆزىڭىز خالاپ يوقاتقانمۇ ؟ ئەگەر سىزنىڭ ئىپپىتىڭىز تىنىڭىزدە بەلگىلەنسە ئۇمەن ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس، ماڭا كىرىكى سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ پاك بىغۇربارلىقى ،سىزنىڭ بەختىڭىز . ئەسلى ئىپپىتى يوق دەپ بىزنى دىسە  بولىدۇ ، بىز سىلەرنى قوغدىيالمىدۇق،سىلەرگەكۆڭۈل بۆلەلمىدۇق ، سىلەرنى يەكلىدۇق. ئەسلى بىز سىلەرنى قۇتقۇزساق بولاتتى ،لىكىنئەكىسچە بىز سىلەردىن نەپرەتلەندۇق . ئەمدى بولسىمۇ ماڭا بىر پۇرسەت بىرىڭ ، مەنسىزنى بەختلىك قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى قىلاي .


  -ياق، خۇشتۇر ، ياق ، سىزدەك ئىسىل ، مەرت يىگىتكە مەندەك بۇلغانغان ،ناپاك قىز لايىقئەمەس، سىز ماڭا ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل ، ئەڭ گۈزەل بەختنى بەردىڭىز ،ماڭا ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتىڭىز، ماڭا ئاشۇ قەلبىڭىزدىكى پاك مۇھەببىتىڭىزنىبەردىڭىز ، مۇشۇ ماڭا كۇپايە .


-بولدى ، قەندىل سۆزلىمەڭ ، مەن گىپىمدىن يانمايمەن.


  -ياق –قەندىلئىسەكىدەپ كەتتى – مەن سىزگە لايىق ئەمەس ،مەن سىزگە سىز كۈتكەن بەختلەرنىبىرەلمەيمەن ، كىيىن تۇققانلىرىڭىز، دوسلىرىڭىز ، بالىلىرىمىز مىنىڭ ئوغرىئىكەنلىكىمنى بىلسە ، خەقلەر بالىلارنى ئوغرىنىڭ بالىسى دەپ كەمسىتسە ، سىزبۇنىڭغا چىداپ تۇرالامسىز ؟


  -قەندىل ، ماڭا سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز كىرەك ئەمەس ،چۈنكى بىز ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇقايتۇرۋالالمايمىز ياكى ئەسلىگە قايتۇرالمايمىز، ماڭا كىرىكى كىلەچەك ، ئەگەربالىلىرىم كىيىنكى كۈنلەردە سىزنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرىڭىزنى بىلسە بەلكىم مەندىن ،سىزدىن پەخىرلىنىشى مۇمكىن ، بۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ئەمەس ، مەن سىزنى ئالىمەن ،سىزنى سۆيىمەن .


-لىكىن مەن بالىلىرىمنىڭ بۇ ئاتاقلارنى ئىلىپ يۈرۈشىنى خالىمايمەن .


-ئەگەر بالىلىرىمىزنى ياراملىق تەربىيلىسەك ، ھىچكىم ئۇلارنى كەمسىتەلمەيدۇ. سىزدە شۇلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەيدىغان نىيەت ھەم جۈرئەت بولسا ،بالىلىرىمىز سىزدەك ئانىسىنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىدۇ ھەم مەندىنمۇ پەخىرلىنىدۇ . بالىلىرىمىزياراملىق بولۇپ خەلقى ئۈچۈن ئازراق تۆھپە كۆرسىتەلىسە ئۇچاغدا بارچە ئەل ،بالىلىرىمىزدىن ، ھەم شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئانىسى بولغان سىزدىن ، مۇشۇنداقياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ چىققان ئانىسىدىن پەخىرلىنىدۇ ، ئىپتىخارلىنىدۇ .قەندىل ئاللاھ بىزگە ئەقىلنى بەردى ، ئۆز پەزلىدىن مىھىر مۇھەببەتنى بەردى ، بىزدەل ئاشۇ مىھىر-مۇھەببەتلەرنى بىر بىرىمىزگە يەتكۈزىشىمىز لازىم .بۇ دەل بىزنىڭبىر-بىرىمىزدىكى ھەققىمىز . مەن ھازىر سىزگە رەسمىي ھالدا توي تەكلىپى قويماقچى .قەندىل مەن بىلەن بىللە ئۆتۈشنى خالامىسىز ؟ ھاياتىڭىزدا مىنى،ھەم ئانامنى خۇددىمەن سىزنى سۆيگەندەك سۆيۈشنى ، ھۆرمەتلەپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئىلىشنى خالامسىز ؟كەلگۈسىدىكى باللىرىمىزغا بارلىق مىھىر-مۇھەببەتتىڭىزنى بىرىپ ئۇلارغا سىزئىرىشەلمىگەن ئاشۇ مىھىرلەرنى ، مۇھەببەت-ئىنايەتلەرنى بىرىپ ئۇلارنى ياراملىققىلىپ تەربىيلەشنى خالامسىز ؟ ئەگەر سىز خالىسىڭىز مەن ئاللاھ خالىسا سىزنى چوقۇمدۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىككىنىجى ئادەم قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەرقانداقجاپا-مۇشەققەتلەرنى ،رىيازەتلەرنى تارتىشقا رازى .


  -ئەڭبەختلىك ئىككىنىجى ئادەم ؟


-شۇنداق ، ئەگەر سىز ماڭا ياتلىق بولسىڭىز ئۇ ھالدا مەن دۇنيادىكى ئەڭبەختلىك بىرىنجى ئادەم بولىمەن .


قەندىل يەنە يىغلىماقتا ئىدى ، ئۇ خۇشتۇرنىڭ ئۆزىنى بۇ قەدەر ياخشىكۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى ، ئۇ ئاللاھقا ئىچىدە نالە قىلماقتا ئىدى :


  ئىھ ،مىھرىبان ئاللاھ ، سەن نىمىدىگەن مىھرىبانسەن ، مەن تىخى كۆرگەن كۈلپەتلىرىمنىسەندىن كەلدى دەپ ئازغۇنلۇقتا يۈرۈپتىكەنمەن ، ئەمما سىنىڭ بۇ قەدەر مىھرىبان،شەپقەتلىك ئىكەنلىكىڭنى ، بۇ دۇنيادا سەن ئۆز پەزلىڭدىن مىھىر بەرگەنئىنسانلارنىڭ تىخى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ، سەن نىمىدىگەن ئۇلۇغ ،مىھرىبان . ئىھ ئاللاھ بەرگەن ئىلتىپاتلىرىڭغا رەھمەت. بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىمنىساڭا تاپشۇردۇم ، ئەمدى ئازغۇنلۇقتا ياشىمايمەن . ھارام يولدىن قول ئۈزىمەن ،رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىپ گۇناھلىرىمغا تۆۋبە قىلىمەن ، ئىھ ئاللاھ ، ماڭا ھىدايەتئاتا قىلغىن ، بارلىقىمنى ساڭا تاپشۇردۇم ، ماڭا ئاشۇ كۈلپەت،ئازابلارنى بەرگەنئاسىي بەندىلىرىڭنى ۋەيلۇن دوزاخ قىلغىن ، مەندەك ئازاپ قوينىدا ، قاباھەتلىكزۇلمەت ئىچىدە يول تاپالماي يۈرگەن ئاشۇ ئاجىز بەندىرىڭگە ھىدايەت ، توغرا يولنىكۆرسىتىپ قويغىن ، ئىھ ئاللاھ ، بىز ھىلىمۇ كۆپ جەۋر-جاپا،ئازاپ ، كۈلپەتلەرنىيەتكۈچە تارتتۇق، ئەمدى بىزنى ئاشۇ گۈزەل دۇنيانى دوزاخقا ئايلاندۇرغانمەلئۇنلارنىڭ قولىدىن ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرغىن ................


-قەندىل ، ماڭا ياتلىق بولامسىز ؟- خۇشتۇر قەندىلدىن يەنە سورىدى .قەندىليەنە يىغلىماقتا ئىدى .


-خۇشتۇر ، سىز راسلا مىنى ئەمرىڭىزگە ئالامسىز ؟


-شۇنداق .


-بولىدۇ ، مەن ھازىر جاۋاپ بىرەلمەيمەن . ماڭا ۋاقىت بىرىڭ .


-قاچان ؟


  -ئەتە. مەن ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ باقاي .


-بولىدۇ ، نەدە كۆرىشىمىز ؟


-مۇشۇ  يەردە .


-بولىدۇ ، قەندىل مەن سىزنى راستىنلا سۆيىمەن ، ئۈمىدىم ، مىنى نائۈمىدقويمىسىڭىز .


خۇشتۇر قەندىل بىلەن خوشلۇشۇپ قايتى ، ئۇ ئاخىرى ئۇنىڭغا قەلبىنى ئىزھارقىلغان ئىدى .ئۆزى سۆيىدىغان بىرىگە سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىشمۇ تەسۋىرلىگۈسىزخوشاللىق ئەلۋەتتە .


قەندىل بولسا يەنە كۆزىدىن ياش قورىماي ماڭماڭتا ئىدى . ئۇ ھازىرغا قەدەرمۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى . چۈنكى ئۇ باللىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپمۇھەببەتسىز ،قاباھەتلىك دۇنيادا چوڭ بولغان ئىدى . ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن كۆرگىنىپەقەت ۋە پەقەت كۈلپەت ،ئازاپ ، يەكلىنىش،كەمسىتىش ئىدى . بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىمھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغىنى ئىدى.


  توغرا،مۇھەببەت، ئەنە ئاشۇنداق مۆجىزە يارىتىشقا قادىر سىھىرلىك كۈچ ، ئۇ ھەرقانداق تاشقەلبنىمۇ ئىرىتەلەيدىغان ، جۇدۇن يەتكەن ، زىمىستان يۈرەكلەرگە ھارارەت بىرىدىغان، باھار ئىلىپ كىلىدىغان تەسۋىرلىگۈسىز سىھىرلىك كۈچ . چۈنكى مۇھەببەتنى ئاللاھبىرىدۇ .


مۇھەببەت ! مەڭگۈلۈك ياڭراق سادا ! مۇھەببەت مەڭگۈلۈك گۈزەل مىلودىيە !شۇنداق مۇھەببەت ئىنسانغا ئاجايىپ گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى بىرىدۇكى ئىنسانغا بۇدۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ، نەقەدەر ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ . ئىنساننىئاجايىپ گۈزەل دۇنيالاردا سەيلى قىلدۇرىدۇ .ئىنسانغا ھىچقاچان ھىس قىلىپ باقمىغانگۈزەل ھىسلارنى بىرىپ روھىيىتنى تىخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئىچكى دۇنياسىنى تىخىمۇبىيىتىدۇ . ئەنە شۇ ئاللاھ بىزگە بەرگەن مۇھەببەت !


  مۇھەببەت ! تۈگىمەس كۈچ قۇۋۋەت !مۇھەببەت ئەبەدىي شىجائەت ! شۇنداق مۇھەببەت ئىنسانغا ئاجايىپ قۇۋۋەتلەرنىبىرىدۇكى ، ئىنسانغا ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەت كار قىلمايدۇ . ھەر قانداققىيىنچىلىق ئالدىنى توسىيالمايدۇ . مۇھەببەت ئىنسانغا ئەبەدىي شىجائەتلەرنىبىرىدۇكى ئىنسان بۇ شىجائەتلەر ئارقىلىق ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىلەرنىيارىتالايدۇ . ئەنە شۇ مۆجىزە يارىتىشقا قادىر بولغان مۇھەببەت ئاللاھ بىزگەئىنئام قىلغان مۇھەببەت !


  مۇھەببەت ! مەڭگۈلۈك تۈگىمەس بايلىق! مۇھەببەت ! مەڭگۈلۈك بەخت ! شۇنداق مۇھەببەت ئىنسانغا شۇنداق بايلىقلارنىبىرىدۇكى ھەر قانداق ئىنسان قانچىلىك بەدەل ، قانچىلىك پۇل مال ، قانچىلىك بەدەلتۆلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنى سىتىۋالالمايدۇ . مۇھەببەت ئىنسانغا شۇنداق بەختلەرنىئاتا قىلىدۇكى ، ھەرقانداق ئىنسان ئىرىشىمەن دەپ ئىرىشەلمەيدۇ . مۇھەببەت ئىنسانغائىللىق ئائىلە ، كۈيۈملۈك ھەمراھ ،سۆيۈملۈك پەرزەنت قاتارلىق قىممەتلىكبايلىقلارنى بىرىدۇكى ئىنسان بۇ بايلىق ، بەختلەر ئىچىدە ئىنتايىن خوشال ياشايدۇ .بۇ خوشاللىق ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەتلەرنى،رىيازەتلەرنى چىكىشكە رازىئەلۋەتتە . ئەنە شۇ ئەبەدىي بەخت-سائادەت كانى ئاللاھ بىزگە بىرگەن مۇھەببەت !


مۇھەببەت ! ناھايىتى نازۇك ، ناھايىتى قەدىرلىك ! ئىنسان ئۇنى چوقۇمقەدىرلىشى ، ئاسرىشى ، قەدرىگە يىتىشى كىرەك . بولمىسا نابۇت قىلىدىغىنى مۇھەببەتبولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى . ئىنساننىڭ يوقاتقىنى مۇھەببەت بولماستىنبەلكى ئۇنىڭ بارلىق خوشاللىقى . ئەنە شۇ مۇھەببەت ! يەنىلا شۇ مىھرىبان ئاللاھبىزگە ئىنئام قىلغان ، ئاتا قىلغان مۇھەببەت !


قەندىل دەل مۇشۇ مۇھەببەتكە مۇيەسسەر بولدى . قىنى ئەمدى ئۇ ، بۇمۇھەببەتنى قەدىرلەمۇ ؟ بۇ مۇھەببەتنىڭ قەدرىگە يىتەرمۇ ؟ ....................


                                                                                  12- ۋىسال تاپقان سۆيگۈ


خۇشتۇر ئىشتىن رۇخسەت سوراپ ، سۆيگۈنىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغىلى ، ئۇنىڭ بىلەنۋىسال قەدەھلىرىدە سۆيگۈ شارابىنى ئىچىشنى ئويلاپ دىيىشىپ قويغان يەرگە قاراپماڭماڭتا ئىدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بەختلىك كىلەچىكى پارلىماقتا ئىدى . ئاشۇ گۈزەلخىياللار بىلەن ئۆزىنىڭ بىردەمدىلا كىلىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى .قەندىلمۇ ھايال ئۆتمەيلا يىتىپ كەلدى .


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قەندىل .


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام خۇشتۇر .


-قانداق ، ئويلاندىڭىزمۇ ؟


-شۇنداق خۇشتۇر ، مەن كۆپ ئويلاندىم ، ئەمما بۇ گەپلەرنى سىزگە قانداقئىيتشنى بىلمىدىم ، شۇڭا سىزگە بۇ خەتنى يازدىم .- قەندىل خۇشتۇرغا بىر پارچەخەتنى ئۇزاتتى .خۇشتۇر خەتنى ئىچىپ ئوقۇشقا تەمشىلۋىدى ، ئەمما قەندىل ئۇنىتوختىتىپ قويدى .


-خۇشتۇر بۇ خەتنى ھىلى مەن كەتكەندىن كىيىن ئوقۇسىڭىز ؟


-نىمىشقا ؟


-بولدى، سورىماڭ . خۇشتۇر بىلەمسىز ، مەن ھازىر ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلۋاتىمەن ،سىزدەك ئاشىقىمنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ بەختلىكمەن . بىلەمسىز ، مەن تىخى دۇنيادامۇھەببەت پەقەت كىنولاردىلا ئىپادىلىنىدىغان رىئاللىقتا مەۋجۇت بولمايدىغان خىيالىتۇيغۇمىكىن دەپ ئويلايتىم ، ئەمما سىزنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقىڭىزدىن شۇنى ھىسقىلدىمكى ، دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت باركەن . مەندەك شورپىشانىنىڭ بىشىنىسىلايدىغان ، كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى تولۇق ھىس قىلدىم . ئاللاھ چەكسىزشۈكرىلەر بولسۇن ، مەن ئاخىرى توغرا يولنى تاپتىم ، بۇ يول ئىنساننى ھەققىيمۇھەببەتكە ، ھۆرمەتكە ، ئىنايەتكە ، مىھرىبانلىققا ، ھىدايەتكە باشلايدىغان ،مىھىرلەرگە تولغان يولكەن . مەن ئەمدى شۇ يولدا مىڭىشنى تاللىدىم . مەيلىتەقدىرىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن ، قانچلىك بەدەل تۆلىشىمدىن ، ئىزا-ئاھانەتكەقىلىشىمدىن قەتئىنەزەر مەن بۇ يولدا ماڭىمەن . ئەمدى ئاشۇ يۈتتۈرۈپ قويغانمىھىر-مۇھەببەتلەرنى ئىزلەپ ، ئۇنى باشقىلارغىمۇ خۇددى سىز ماڭا بەرگەندەك بىرىپ ،باشقىلارغىمۇ بۇ ئالەمنىڭ نەقەدەر گۈزەل ، مىھرىبانلىقىنى بىلدۈرىمەن . خۇشتۇررەھمەت سىزگە ، سىز ماڭا ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەڭ ئىسىل ئادەم ، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزئاللاھ ماڭا بەرگەن ئەڭ گۈزەل ، قىممەتلىك سوۋغا . مەن چوقۇم بۇ سوۋغىنى قەدىرلەپئۇنى ئاسرايمەن .-دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر نەچچە ئوغرى لۈكچەكپەيدا بولدى .  


  -ۋوي، خۇدىيغۇ بۇ ، قاندا گۈزۈلىم ، نىمە قىلىۋاتىسەن بۇ يەردە ؟ -دىدى ئىگىزرەككەلگەن بەتبەشىرە بىرى .


  -ھە ،ھىچنىمە . –دىدى قەندىل .


- ۋوي، قانداراق جىنىم  ؟ ما كىمۇ؟ يىڭىدىنشوركا قىلىۋالدىڭمۇ يا كەچتە ئاپىرىپ كۈتەي دەمسەن ؟


  -ياق، داۋگې (پىچاقچى)، بۇ بالا بىر تونۇشۇم .


  -تونۇشۇم، نەدە بازار ئوينايدۇ ، ھەجەپ مەن كۆرۈپ باقماپتىكەنمىنا ؟


  -مەنئۇنىڭ ئېرى – دىدى خۇشتۇر غەزەپ بىلەن .


  -ۋوي، بەك ۋارقىرايسەنغۇ ، ئېرى دىيىشىنى مانىڭ ، خۇدىي ئاخشام تىخى مەن بىلەنيىتىۋاتقانتىڭ ، مەن ما ئاقپىشماقنى نەدىن تاپتىڭ ، مەن يارىمايۋاتامدىم يا ؟


  -ياق داۋگې، ئۇنداق ئەمەس .


  -ھە ،ئەمدى ساڭا جىق دىدۇق ، ئاستا بىزنىڭ يىنىمىزغا قايتىپ كەل دەپ ، ھازىر ۋۇخەندىكىچوڭام قايتىپ كەلدى ، سىنىڭ شاڭخەيدىلىكىڭنى ئاڭلاپ سىنى ئاستا قايتىپ كەلسۇندەيدۇ ، راس ھىلىقى خۇگىمۇ بىللە ، ماڭامدۇق يا ؟


  - داۋگېمەن ، ئەمدى ئوغۇرلۇق قىلمايمەن .


  -نىمە، ئوغۇرلۇق قىلمايمەن ، پۇلنى يەتكىچە تاپقان ئوخشىمامسەن ، ئەگەر  چوڭامنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام ، بۇ چاغقاماڭا شوركا بولۇپ ئىشلەيتىڭ . قورۇق گەپنى ئاز قىلىپ ماڭە .


-قەندىل ھىچ يەرگە بارمايدۇ ، ئۇ مىنىڭ ئايالىم ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئاۋارەقىلماڭلا-دىدى خۇشتۇر چىداپ تۇرالماي .


  - ۋوي، نوچى ، كىمسەن ؟ تىخى ماڭا بۇيرۇق قىلىپ كىتىپتا ما گۇي ، ئاۋارە قىلماڭلادىيىشىنى ، يوقالە كۆزۈمدىن ، ھىلى بىكار ئۆزۈڭنى ئۇ ئالەمدە كۆرۈپ قالما .


-قەندىل ، ھىچ يەرگە بارمايدۇ .


  -ھىچيەرگە بارمامدا ؟


-شۇنداق ، ھىچ يەرگە بارمايدۇ .


  -مانابارمىغىنىنى كۆرەي – داۋگې ۋە ئۇنىڭ شوركىلىرى خۇشتۇرنى ئۇرۇپ كەتتى ، قەندىلبولسا نالە قىلماقتا ئىدى .


-بولدى ، داۋگې ، ئۇنى ئۇرماڭلار ، بولدى ، مەن باراي ، نىمە دىسەڭلا شۇنىقىلاي ....بولدى ئۇنى ئۇرماڭلار .


-ئىشىڭنى قىلە رەسۋا ، ئۇرۇڭلا بۇ سولامچىنى ، تىخى گەپ قىلمىسا نوچىلىقىنىبۇنىڭ .


  ئۇلارخۇشتۇرنى ئۇرۇپ قان قىلىۋەتتى ، قەندىل بولسا – بولدى ئۇنى ، ئۇرماڭلا ، مەن سىلەربىلەن بىللە باراي –دەپ نالە قىلماقتا ئىدى .ئۇلار بولسا خۇشتۇرنى رەھىمسىزلەرچەدۇمبالىماقتا ئىدى.


  بىزھازادىن كىيىن ساقچىلارنىڭ سايىسى كۆرۈندى ، ئۇلار قىچىش ئۈچۈن بىر بولكىۋايغاچىقماقچى بولغىنىدا خۇشتۇر ئۇلارغا ئىسىلىۋالدى :


-قەندىل ھىچ يەرگە بارمايدۇ ، ئۇ مىنىڭ ئايالىم ، ئۇنى قۇيىۋىتىش .


-يوقال سولامچى –دەپ ئۇنى تىپىشكە باشلىدى ، ئەمما ئۇ داۋگېنىڭ ياقىسىغاچىڭ ئىسىۋالغان ئىدى . داۋگې ئۇنىڭدىن ئاجرىيالمىدى ، ئاخىرى ئۇنىمۇ ماشىنىغابىسىپ – ھەيدە ماشىنىنى-دەپ يۈرۈپ كەتتى . ئۇلار خۇشتۇرنى ماشىنىغا بىسىۋىلىپ يەنەئۇرماقتا ئىدى ، خۇشتۇرنىڭ يۈز-كۆزلىرى قانغا بۇيالدى . قەندىل بولسا ئۇلارغايىلىنماقتا ئىدى .


  -داۋگې، بولدى ئۇنى ئۇرماڭلا ، يەنە ئۇرساڭلا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىسىلەر ، ئۇ مىنىڭ ئېرىم.


-ئەجەپ جاھىل گۇيكىنا ماۋۇ ، خۇدىي بۇ راست ئېرىڭما ؟


-ھەئە.


-ماقۇل ، قالغىنىنى چوڭامنىڭ يىنىغا بىرىپ دىيشەيلى .  


  بولكىۋاي ماشىنا شاڭخەي شەھىرىنىڭسىرتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ماشىنا شەھەر سىرتىدىكى بىر ئەسكى قۇرۇلۇش مەيدانىداتوختىدى ، ئۇلار خۇشتۇرنى سۆرىگەن پىتى ماشىندىن چۈشۈپ يوقىرىغا قاراپ چىقىپ كەتتى. يوقىرىدا چىرايىدىن جىنمۇ قورقىدىغان بىرى تۇراتتى . ئۇنىڭ يىنىدا ئوتتۇرا بوي،پاناقبىرى جوزىدا ئولتۇراتتى .


  -چوڭام ، خۇدىينى ئەكەلدۇق – دىدىھىلىقى بەتبەشىرە.


  -ۋوي ، خۇدىي ، ئۇزۇن بولدىكۆرۈشمىدۇق ، مىنى ئىزدەپمۇ قويمىدىڭغۇ ؟ بىز كۆرۈشمىگىلى بەش يىل بولاي دەپتۇ ،چوڭام قانداق تۇرغاندۇ دەپمۇ قويمىدىڭغۇ ، بىرە قىتىم چۈشۈڭگىمۇ كىرمەپتىمەندە.-دىدىھىلىقى چوڭام دەپ ئاتالغان پاناق – ھەي ، داۋزا ، ماۋۇ كىمۇ ، كىم ئۇردى بۇنى ؟


-چوڭام ، بىزنىڭ خۇدىي ما ئەبگا بىلەن توي قىپتۇدەك .


-نىمە ؟ توي قىپتۇ ؟ ۋوي خۇدىي ئەجەپ تويۇڭغا باغاق يازماپسەنغۇ ؟ - بۇ نەدەبازار ئوينايدۇ ، خىلى چاققانمۇ يا ؟


  -چوڭام ، ئۇ مىنىڭ ئىرىم ، مەنھازىر ئوغۇرلۇقتىن قول ئۈزدۈم .


  -نىمە ؟ قول ئۈزدۈم . كىمگە دەپ قولئۈزدۈڭ .


  -ئەبلەخلەر – دىدى خۇشتۇر غەزەپبىلەن – قەندىل مىنىڭ ، ئۇنى قويىۋىتىش ، ئۇ مىنىڭ ئايالىم .


- چوڭامغا ۋارقىراۋاتامسەن ، ھەيھاراملىق ، ئۆزۈڭنى كىم چاغلاۋاتىسەن ، ئىتنىڭ بالىسى – خۇگى كەلگەنچە كىلىپخۇشتۇرنى ئۇرۇپ كەتتى . ئۇ خۇشتۇرنىڭ ياقىسىدىن تارتىپ تۇرۇپ كۈچەپ بىرنى ئۇردى ،خۇشتۇر مۇشتنىڭ زەربىسىدىن ھىلىقى پاناقنىڭ يىنىغا يۇمىلاپ باردى . ئۇنىڭيانچۇقىدىن بايا قەندىل بەرگەن خەت چۈشۈپ قالدى . ھىلىقى پاناق خۇشتۇرنىڭ يۈزىگەدەسسەپ تۇرۇپ خەتنى ئالدى-دە ئوقۇشقا باشلىدى :


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇشتۇر –قەندىل تۇيۇقسىزلا ۋارقىراپ كەتتى ،- چوڭام بولدى ، خەتنى ئوقۇمىسىڭىز ، ئۆتىنىپقالاي ، ئوقىماڭ .


  -ئوقۇماڭ ، ئالدىرما ۋە پاسكىنا ،قىنى بىر كۆرۈپ باقاي .


  خۇشتۇر ، مەن كۆپ ئويلاندىم ، مەنسىزگە ھەقىقەتەن لايىق قىز ئەمەس ، سىزدەك ئىسىل، مەرت يىگىتكە خۇددىمۇھەببىتىڭىزدەك پاك ، گۈزەل قىز لايىق كىلىدۇ .


  مەن بولسام ھازىرغىچە نەچچە قىتىمزورلۇقلارغا ، ئاياغ ئاستى قىلىشقا ئۇچرىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، مىنىڭ پاھىشىلەردىننىمە پەرقىم . ئەمما سىز شۇنچىلىك ئاقكۈڭۈل شۇنچىلىك ئالىيجاناپ ئىنسان . ئەگەرمەن سىز بىلەن بىللە بولسام مەن ھامان سىزنىڭ ئابرويىڭىزنى نابۇت قىلىمەن . بۇماڭا ئايان . مەن سىزگە سىز مەندىن كۈتكەندەك جاۋابنى ، مۇھەببەتنى بىرىشكەراستىنلا ناھايىتى ئاجىز . چۈنكى مەندە سىزگە بۇلارنى بىرەلىگىدەك ئىشەنچ ھەمسالاھىيىتىم يوق . مەن كۆپ ئويلاندىم ، ئەمما خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ئەمدى ھەرگىزئوغۇرلۇق قىلمايمەن ، مەن ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاپ ئاخىرقى ئۆمرۈمگىچە ئاشۇ مەنيۈتتۈرۈپ قويغان مۇھەببەتلەرنى باشقا ناتىۋانلارغا بىرىپ ياشايمەن ، ئۇلارنىڭمۇمەندەك بىر شورپىشانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىقىمنى بىغىشلايمەن .


  -چوڭام بولدى ئوقۇماڭ ، ئۆتىنىپقالاي – قەندىل يىغلاپ يالۋۇرماقتا ئىدى .


  -ئاغزىڭنى يۇم رەسۋا –پاناق خەتنىداۋام قىلىپ ئوقىماقتا ئىدى.


  خۇشتۇر كەچۈرۈڭ ، مەن سىز كۈتكەنجاۋابنى بىرەلمىدىم ، ئەمما مەن سىزنىڭ ئاشۇ ماڭا بولغان قىممەتلىك ، ساپمۇھەببىتىڭىزدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئەگەر بىز بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىپ ، غەمخورلۇققىلىپ ئۆتسەك ئۇ ھالدا بۇ ئالەم ھەقىقەتەن گۈزەل ، ئىللىق ئالەم بولىدىكەن .سىزنىڭ مىنى پەس كۆرمىگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم . ھەم ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭبەختلىك ئادەم دەپ ئويلىدىم . مەندەك كۈلپەتلەرنى كۆرگەن ، ئازاپ دىڭىزىدائىچىنىشلىق نالە قىلىپ ، ئازغۇنلۇقتا تەمتىرەپ تۇرغان بىر ناتىۋاننىڭ سىزدەك ئىسل، مەرت يىگىتنىڭ مەشۇقى بولالىشىم مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور بەختىم .


  خەير خۇشتۇر ئامان بولۇڭ .


  سىزگە گۈزەل بەخت ، ئامەتلەرنىتىلەپ :     بىۋاپا مەشۇقىڭىز : قەندىل


خۇشتۇرنىڭ كۆزىدىن ياش دەريا قۇيۇلماقتا ئىدى . ئۇمۇ ئىسەكىدەپ يىغلاپ كەتتى.


-نىمە قىز بالىدەك يىغلايسەن ۋە لاتا – دىدى پاناق – ئاڭلىدىڭمۇ بىزنىڭخۇدىينىڭ ساڭا مەيلى يوقكەن ، سەن قاراپ تۇرۇپ ساڭا خۇددى قىز چىقمىغاندەك بىرئوغرى ،پاھىشىنى ئالاي دەۋاتامسەن ، تۈفىي ، ۋۇ ئادەم بولمايدىغان ، دۆت چوشقا –ئۇ خۇشتۇردىنىڭ قورسىقىغا بىر تىپىپ قەندىلنىڭ يىنىغا باردى .


  -خوش ، خۇدىي ، ئەمدى ئوغۇرلۇق قىلمايسەن؟


  -شۇنداق ، مەن ئەمدى ئادەمدەكياشايمەن .


  -ئوھۇ ، ئادەمدەك ياشايمەن دە، ۋايئىززىتىنى بىلمەيدىغان رەسۋا – چاڭڭىدە تەككەن كاچات قەندىلنى يىقىتىۋەتتى .


  -قەندىلغا قول تەككۈزۈشمە – خۇشتۇرئىتىلىپ كىلىپ پاناقنى ئۇرماقچى بولدى ، ئەمما ھىلىقى بەتبەشىرە ئۇنى بىر تىپىپيىقىتىۋەتتى .


  -ۋوي ، تىخى چوڭامغا قولشىلتىۋاتامسەن ،ۋۇ ھاراملىق – ئۇلار خۇشتۇرنى ئۇرۇپ كەتتى . قەندىل ئىتىلىپ بىرىپخۇشتۇرنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتىدە ئۇلارغا يىغلاپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى .


-چوڭام بولدى ، ئۇنى ئۇرماڭلا ، مەننىمە قىل دىسەڭلا شۇنى قىلاي ، بولدى ئۇنى ئۇرماڭلار ، ئۆتىنىپ قالاي ، بولدى ئۇنىئۇرماڭلا .


پاناق ئۇلارنى توختاتتى . ئاندىنقەندىلنى خۇشتۇرنىڭ ئۈستىدىن يولۇپ ئىلىپ – ئۆتەۋە قانجۇق-دەپ خۇشتۇرنىڭ چىچىدىنتۇتۇپ بىشىنى كۈتەردى ، خۇشتۇرنىڭ يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالغان ئىدى .


  -ھە ، ھاراملىق ، ئىسىڭنى بىلدىڭمۇ؟ يەنە خۇدىيغا چاپلىشىۋالامسەن .


-مەن ئۇنىڭ ئېرى ، ئۇنى بىللە ئىلىپكىتىمەن .


-نىمە ، ئىلىپ كىتىمەن ، نەگە ئىلىپكىتىسەن ؟ تىخى ھۇشۇڭغا كەلمىدىڭمۇ نىمە ؟


-مەن دىگىنىمنى قىلىمەن . ئۇنى ئىلىپكىتىمەن .


- ياق ، خۇشتۇر ، بولدى قىلىڭ ، چوڭام ئۇنى قويىۋىتىڭ ، ئۇنىڭ مەن بىلەنھىچقانداق ئالاقىسى يوق ، بولدى مەن سىز نىمە دىسىڭىز شۇ قىلاي – دىدى قەندىلئۇنىڭغا تىزلىنىپ تۇرۇپ .


  - ئاغزىڭنى يۇم ، پاسكىنا ، ساڭاتىخى نۆۋەت كەلمىدى .- پاناق يەنە خۇشتۇردىن سورىدى .


  -بايا خەتنى ئاڭلىدىڭ ، خۇدىينىڭساڭا مەيلى يوقكەن ، ئۇنى يەنە ئالامسەن ؟


  -شۇنداق ، ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن ،ھاياتلا بولسام چوقۇم ئالىمەن .


-شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا ياخشى ، مەنخۇدىينى نۇرغۇن يىل تەربىيلەپ ھازىرقىدەك ماھىر قىلىپ يىتىشتۈردۈم ، ئۇنى ئىلىپكىتىمەن دىسەڭ مەيلى ، لىكىن ئالدىمغا 50000 كوي ئەكىلىپ ئاندىن ئىلىپ كەت ،قانداق ؟


  - ۋۇ رەزىل مەلئۇنلار .


  -قورۇق گەپنى ئاز قىل . قانداق پۇلئەكىلەمسەن يا يوقۇلامسەن ؟ تاللا .


  -ماقۇل ، مەن پۇل ئەكىلەي ، ھەرقايسىڭنىڭ پۇلغا تويمىغان كۆزۈڭ ھامان بىر كۈنى توپىغا ياكى دوزاخنىڭ ئوتىغاتويىدۇ .


  -ئۇنداقتا ھازىر سائەت توققۇز بولدى. ئەتە ئەتىگەن سائەت 10 دا پۇلنى ئىلىپ بايا ئىككىڭ كۆرۈشكەن يەردە ساقلا . ئەتەبىز خۇدىينى ئىلىپ شۇ يەردە بىز پۇلنى ئالىمىز، سەن قىزنى ئالىسەن . ئەمدىيوقالساڭ بولىدۇ . سائەت ئوندىن بەش مىنۇت ئۆتكىچە كىلەلمىسەڭ ، ئەمىسە خۇدىينىئۇنتۇپ كەت . ئۇنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن .


  -ماقۇل ، گىپىمىز گەپ ، مەن ئەتەدەل ۋاقتىدا پۇلنى ئىلىپ بارىمەن .


  -يەنە ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دەپجاپا چىكىپ يۈرمە، شاڭخەيدە ھەرقانداق ساقچى مىنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىسا ، بىر تالمۇيۇمغىمۇ چىقىلالمايدۇ ، بۇ چاقچاق ئەمەس ھە .


خۇشتۇر قەندىلنىڭ يىنىغا بىرىپ :


-بۈگۈن بىر كۈن جاپا تارتىدىغانبولدىڭىز ، ئەمما ئەتە سىزنى چوقۇم ئەركىنلىككە ئىلىپ چىقىمەن .مىنى ساقلاڭ .


- ياق ، خۇشتۇر ، بولدى قىلىڭ ، مەنئۇلارغا ئەرزىمەيمەن .


-بولدى ، ئارتۇق گەپ قىلماڭ . ئەتەكۆرىشەيلى . خۇشتۇر قايرىلىپ ھىلىقى پاناققا قارىدى ، ئەگەر قەندىلغا بىرە ئىشبولسا قەسەم قىلىمەنكى يا سەن ئۆلىسەن يا مەن .


  -بولىدۇ ، خىلى مەرت يىگىتكەنسەن ،بوپتۇ ، قىنى ئەتە كۆرىشەيلى .


خۇشتۇر يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى ،ھىلىقىپاناق بولسا قەندىلنىڭ يىنىغا بىرىپ :


  -سەنراستىنلا ئوغۇرلۇق قىلمامسەن ؟


-شۇنداق چوڭام، مەن ئەمدى ھەقىقىي ئادەمدەك ياشايمەن .


-ئادەمدەك ياشايمەن ، مىنىڭ قول ئاستىمدىكى قايسى بىرى ئادەمدەكياشىمايدىكەن،كۆرىۋاتقانسەن، پۇل دىگەننى سورۇپ ، خوشال ئويناپ بايۋەتچىلەردەك ياشاۋاتىدۇ.


-ھارام يول بىلەن كەلگەن دۇنيانىڭ قانچلىك لەززىتى بولماقچى ، مەنمۇ 15 يىلياشىدىم ، ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالامەنمۇ دەپ دەككە-دۈككىدە يۈرگەن،يا باشقىلار كۆزئىلمىغان ،يا ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن .


-ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالساڭ ، مەن شۇئان بىر تىلفۇن بىلەنلا ئەچىقىمەنغۇ .باشقىلار بىلەن نىمە ئىشىڭ ، بىزنىڭ بۇلارىمىز شۇ تۇرسا .


  -مەنئەمدى ئۇنداق ياشىمايمەن .


  -ھە ،مۇنداق دە ، ئەمدى مەن سىنى ئەينى چاغدا مىنىڭ ئادىمىم ئەمەس دىگەن ، ھازىرمۇ ھەمشۇ .ئەمدى سەن بۇ يولدىن قول ئۈزىمەن دىدىڭ ، بوپتۇ ، خالىغىنىڭنى قىل ، لىكىنسىنىڭ يەنە ئوغۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ دىگەن خەۋرىڭ يىتىپ قالسا ، ھىڭ ، ئىسىڭدە بولسۇن، ئىتنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلتۈرىۋىتىمەن .مىنىڭ خۇي-پەيلىمنى سەن مەندىمۇ ئوبدان بىلىسەن،شۇنداققۇ .


-ھىلىمۇ قايسى ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرمىدىم . دىگىنىم دىگەن ، مەن ئەمدى ئوغۇرلۇققىلمايمەن .


-بوپتۇ . ئۇنداقتا ياخشى، كىلىشتۇق . لاۋخۇ ، داۋزا ، سىلەر ئەتە ماپاسكىنىنى ھىلىقى مىڭىسىنىڭ دەردى بار مەجنۇننىڭ يىنىغا ئاپىرىڭلا ، ئەگەر ئۇكەلسە پۇلنى ئىلىپ ، بۇ راسۋانى قۇيىۋىتىڭلا ، ئەگەر كەلمىسە قايتۇرۇپ كىلىڭلا ،ئۇ چاغدا ئايرىم دىيىشىمىز ، قىنى بۇنىڭ ھىلىقى ئېرى قانداق قىلاكى بىر كۆرۈپباقاي .-پاناق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .


خۇشتۇر سىرتقا چىقىپ يۈزىدىكى قانلارنى كۆينىكىگە ئىيتىپ ، ئۇچقاندەك يۈرۈپكەتتى . ئاندىن يىقىن ئەتراپتىكى ماگزىندىن بىر بوتۇلكا سۇ ئىلىپ يۈزىنى يۇيۇپئاندىن چوڭ يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپ ، 50000 يۈەننى قاسىم ھاجىمدىن ئالماقچى بولۇپئۇدۇل ئاشخانىغا يۈرۈپ كەتتى .


  ئۇ ئاشخانىغا كىرمەي سىرتتائابلەتكە تىلفۇن قىلىپ ئۇنى سىرتقا چىقىشقا ئىيتتى .ئابلەت سىرتقا چىقىپ خۇشتۇرنىكۆرۈپ قورقۇپ كەتتى .


  -ئاداش نىمە بولدۇڭ ، كىم ئۇردىسىنى ؟


  -ئاداش ، كىيىن دەپ بىرەي ، ھازىرقەندىلنى قۇتقۇزۇشۇم كىرەك .


  -نىمە ؟ قەندىلغا نىمە بولدى ؟


  -ئۇنى بۇرۇنقى جەزىخورى تۇتىۋالدى ،50000 كوي بەرسەم قۇيىۋىتىدىكەن . ئاداش ھاجىمكامدىن پۇل سوراي دىگەن ، تىلفۇنقىلىپ بىرە .


  -ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟ ھاجىمكامنىڭ ئەڭئۆچ ئىشى ئوغۇرلۇق تۇرسا ، سەن ئوغرىنى قوتۇلدۇرىمەن دىسەڭ قانداق بولىدۇ ؟


  -سەن تىلفۇن قىلىپ بىرە ، ئۆزۈمدەيمەن ، ئەگەر بەرسە بەردى ، بەرمىسە باشقا يولىنى قىلىمەن .


  -قانداق يولىنى قىلىسەن ، 50000 ئازگەپ ئەمەس .


  -بولغىنە ، ھاجىمكامغا تىلفۇن قىلىپبىرە .


- ئاداش ئۇنداق قىلساق ياخشىبولمايدۇ .


-ۋاي ، ئەزمەڭنى ئەزمەي ، خۇشتۇرنىڭگىپى باركەن دىگىنە ، يا بولمىسا تىلفۇن ئىلىپ بىرە ئۆزۈم دەيمەن .


- ئاداش ئوبدان ئويلاشتىڭمۇ ؟


- بولە دەيمەن .


ئابلەت قولىغا يانفوننى ئىلىپ قاسىمھاجىمغا تىلفون قىلدى .


  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھاجىمكا


  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، خوش ئابلەتنىمە بولدى ؟


  -خۇشتۇرنىڭ سىزگە گىپى باركەن –ئابلەت يانفوننى خۇشتۇرغا بەردى .


  - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىمكا ؟


  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، خۇشتۇرجان ،نىمە بولدۇڭ ئۇكام .


  -ھاجىمكا سىز بىلەن دىيىشىدىغانجىددى ئىش بار ئىدى .


  -جىددى ئىش ، ئۈيدىكىلەرگە بىرە ئىشبولمىغاندۇ ؟


  -ياق ، مۇمكىن بولسا يۈز-تۇرانەدىيىشسەك .


  -تىلفوندا دىگىلى بولمامدۇ .نەدەسەن ھازىر .


  -ئاشخانىدا .


  -ئۇنداقتا مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىغاكەل .


  خۇشتۇر يانفوننى ئابلەتكە بىرىپلاھاجىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى .ھاجىم ئۇنى پەستە ساقلاپ تۇراتتى . ئۇخۇشتۇرنىڭ يۈزىگە ، كىيمىدىكى قان يۇقىغا قاراپ ، ھەيرانلا قالدى .


  -ۋوي ، خۇشتۇر  نىمە بولدى ساڭا ؟ كىم ئۇردى . دىگىنە ، زادىكىم ؟


  -ھاجىمكا ، بۇنى كىيىن دىيىشسەك ،ماڭا ھازىر جىددى پۇل لازىم .


  -نىمىگە ئىشلىتىسەن ،دوختۇرخانىغىما ؟ دىگىنە زادى كىم ئۇردى سىنى؟


  -ياق ، ھاجىمكا ، مەن بىرسىنىقوتقۇزماقچى .


  -كىمنى ؟ بىرەسى دۇختۇرخانىغا كىرىپقالدىما ؟ نىمانداق چۈشىنىكسىز گەپ قىلىسەن . ئالدىرماي دىگىنە ، كىمنى قۇتقۇزىسەن؟ نىمە بوپتىكەن ؟


  -ھاجىمكا ، گەپنى ئوچۇق ئىيتساملايىقىمنى قوتقۇزىمەن .


  -لايىقىمنى ؟ سىنىڭ لايىقىڭيۇرتتىمۇ يا شاڭخەيدىمۇ ؟


  -شاڭخەيدە .


  -نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەن ئەجەپ سىنىڭلايىقىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن .


  -ئۇ بۇرۇن ئوغرىتى ، ھازىر يامانيولدىن يىنىپ توۋا قىلماقچى ، ئەمما ئۇنى بۇرۇنقى جەزىخورى تۇتىۋالدى ، ئۇنى يەنەئوغۇرلۇققا سالماقچىكەن ، مەن ئۇنىڭ بۇنداقلا نابۇت بولۇپ كىتىشىنى خالىمايمەن .


  -نىمە ، سەن ئوغرى قىز بىلەنئارلاشتىڭما ؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق تۇنۇشقان ؟ ھەممىنى تەپسىلىي دە .


  - شۇ ھاجىمكا ، ئالدىنقى قىتىمئۆيگە قايتقۇچە پويىزدا تونۇشقان ، باشتا ئۇنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم ،كىيىن ئاشخانىدا كۆرۈشۈپ قىلىپ ياقتۇرۇپ قالغانتىم ، ئاندىن ئۇنىڭ ئوغرىئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزەي دەپ ئويلىغان ، ئەمما ئۇنىڭ كۈلپەتلىرىنىئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، شۇڭا ئۇنى ئەمرىمگە ئىلىپ توغرا يولغا باشلايدىگەن ، ئەمما بايا ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى جەزىخورى تۇتۇپ ئەكەتتى ،50000 كوي بەرسەم قويىۋىتىدىكەن .شۇڭا سىلىدىن سوراپ كەلگەن.


  - خۇشتۇر ، دىگەنلىرىڭ راسما ؟


  -ھەئە ، ھاجىمكا .


  -ئۇنداقتا سىنى ئۇلار ئۇردىمۇ ؟


  -شۇنداق .


  -سەن ئۇ ئوغرى قىزنى ئالامسەن ؟


  -ئالىمەن . ئۇنىڭ ھاياتىنىڭبۇنداقلا نابۇت بولۇپ كىتىشىنى خالىمايمەن .


  -ئوبدان ئويلاشتىڭمۇ ؟ توي چاقچاققىلىدىغان ئىش ئەمەس.


  -ھاجىمكا مەن كۆپ ئويلاندىم ، ئاشۇقىزنى قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نىمە قىلسام مەيلى .


  -سەن ئەجەپ ئالىدىغان قىزچىقمىغاندەك ، تاللاپ تاللاپ ئوغرىنى تاپتىڭما ؟


  -ھاجىمكا ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلائوغۇرلۇققا مەجبۇرى سىلىنىپتىكەن ، ھازىرغىچە كۆرمىگەن كۈلپەتلىرى قالماپتۇ ،ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىزغۇ ؟ ئۇلارنى بىز قۇتقۇزمىساق كىم قۇتقۇزىدۇ ؟ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ ، يەكلەپ ھازىرغىچە نىمە قىلالىدۇق ؟ ھىچ بولمىسا ئۇلارنىڭدەردىنى بولسىمۇ ئاڭلاپ قۇيايلى ، ھالىغا يىتىپ قۇيايلى . ئۇلارغا ئازراقمىھرىمىزنى بەرسەك ، ئاللاھ توغرا يولغا سىلىپ قالسا بەلكىم ئۇلارمۇ ئوڭشىلىپ كىتە.


-بىلەمسەن مەن شاڭخەيگە كىلىپ ئاشخانا ئاچقۇچە ئاشۇ ئوغرىلارنى كۆرسەمچانىۋەتكىم كىلىپ كىتەتتى ، ئەمما قىلالمايتىم ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىچىمسىرىلىپ كىتەتتى ، ھەتتا نەچچىسىنى كوچىلاردىن تىرىپ كىلىپ شىنجاڭغا قايتۇرىۋەتتىم، كىچىكلەرنىغۇ ئۇنى-بۇنى قىلىپ قۇتقۇزۋالىكەنمىز ، ئەمما ياشلارنىتوسالمايدىكەنمىز ، يا قوتۇلدۇرالمايدىكەنمىز . نەچچە قىتىم 18-20 ياشلىقئوغرىلارنى ئۇلارنى شۇنچە توسقۇم كىلىدۇ ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ كىتىمەن .نۇرغۇنلىرىمىز ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ كىتىمىز . ئەمما ئۇلارنىڭ دەل بىزنىڭ ئۆزقىرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز . ئۇلارنى سىغدۇرمايمىز . چەتكە قاقىمىز. ھەتتا قورقايمىز . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاشۇنداق ياۋايى ، ئاڭسىز بولۇپ كىتىدىكەن، چۈنكى ئۇلار ھىچكىمدىن تەربىيە ئالمىغانلار . بىز ئەسلى ئۇلارغا غەمخورلۇققىلىشىمىز كىرەك ئىدى . ئەمما قىلالمىدۇق . بوپتۇ ، ئەگەر راستىنلا شۇ قىزنى ياخشىكۆرسەڭ ، توغرا يولغا يىتەكلەپ ھەقىقىي ئادەم قىلىپ ياشاي دىگەن بولساڭ ، بولدى ،سىنىڭ ئاشۇ ئىرادەڭ ، ئاشۇ ناتىۋان ، بەختسىز قىزنىڭ بەختى ئۈچۈن بۇ پۇلنى مەنبىرىمەن . تۇيۇڭنى مۇشۇ ئاشخانىدا ئۆتكۈزۈپ چىرايلىق يولغا سىلىپ قويىمەن . مەننەچچە ۋاقىتتىن سەندەك بىرەسىنىڭ چىقىپ ئاشۇ بىچارىلەرگە كۆڭۈل بۆلىشىنى بەكمۇئارزۇ قىلغانتىم ، بوپتۇ ، ئاللاھ ئاخىرى دۇئايىمنى ئىجابەت قىپتۇ ، يارايسەنيىگىت ، توغرا ئىيتتىڭ ،ئۆزىمىز ئۆزىمىز قۇتقۇزالىغۇدەك جۈرئەت بولسا ،ئاندىن بۇدۇنيادا ھەقىقىي پۇت تىرەپ تۇرالايمىز. ئەگەر يىگىتلىرىمىزدىن يەنە نەچچىسى بولغانبولسا ئىدى ئۇ چاغدا ئىچكىرىدىكى ئوغرى دىگەن نامىمىز تامام يوقالغان بولاتتى.بوپتۇ، ئۇ كۈنلەرمۇ نىسىپ بوپ قالا . ئاللاھ بەختىڭنى بەرسۇن ئۇكام ، كاتتاساۋاپنى نىيەت قىلىپسەن ، ئاللاھ يولىدا بىر ئازغۇننى توغرا يولغا باشلاش بۇئەجىر-ساۋابى ناھايىتى كاتتا بىر ئىش . ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن ، بەختىڭنى بەرسۇنئۇكام .- قاسىم ھاجىم خۇشتۇرنىڭ قارارىدىن تولىمۇ سۈيۈنگەن ئىدى . چۈنكى ئۆزمىللىتىنى توغرا يولغا يىتەكلەش ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ، ئۆز ئارا كۈيۈنىش ، ئۆز ئاراھۆرمەت قىلىش ھەر قانداق بىر مىللەتنى بىردەكلىككە ، ئىتتپاقلىققا ئۈندەيدۇ .


  قاسىم ھاجىم قولىغا يانفوننى ئىلىپئابلەتكە تىلفون قىلدى .


  -ئابلەت ، ئەتە ئەتىگەن خۇشتۇرغابانكىدىن 50000 كوي ئىلىپ بەر . مىنىڭ خىراجىتىمگە ياز .-قاسىم ھاجىم تىلفوننىقويۇۋىتىپ ، ئەمىسە ئەتە بىرىپ قىزنى قايتۇرۇپ كەل ، ئاندىن سىلەرنىڭ تويۇڭلارنىقىلىپ قوياي ، قانداق ؟–خۇشتۇر كۆزىدىن ياش ئاقماقتا ئىدى ، چۈنكى ئۇ ھاجىمنىڭ بۇقەدەر ئاقكۆڭۈل ، ئالىيجاناپ ، پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقىمىغان ئىدى .


  -رەھمەت ، ھاجىمكا ، سىزدەكيىتىمنىڭ بىشىنى سىلايدىغان ، مۇساپىرنىڭ ھالىغا يىتىدىغان ئىسىل ئاكامنىڭبولغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىۋاتىمەن ، رەھمەت سىزگە .


  - ياق ، خۇشتۇر ، مەن ساڭا رەھمەتدىسەم بولىدۇ ، مەن قىلىمەن دەپ قىلىشقا ئىمكانىيىتىم يار بەرمىگەن ئىشنى قىلدىڭ ،ساڭا رەھمەت ، توغرا ، ھەق يولدا ماڭساق ئاللاھ بىزنى ھىچقاچان نائۈمىد قويمايدۇ .بولدى ، سۈرتە يىشىڭنى ، دوختۇرخانىغا بىرىپ ياراڭنى تاڭدۇرۇپ كەل ، يىنىمدا جىقپۇل يوقكەن ، ماۋۇنى ئىلىپ بار ، يەتمىگىدەك بولسا ئابلەتتىن ئال ، بارغىن ئۇكام ،ئەتە تىخى قىلىدىغان ئىش بار .يىڭى بىر قۇياش ، يىڭى بىر ھايات سىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.


  خۇشتۇر ھاجىمغا يىنىشلاپ رەھمەتئىيتىپ دۇختۇرخانىغا ئابلەت بىلەن بىللە ماڭدى . ئابلەت ھاجىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپئۇنىمۇ يىغا تۇتتى .


  -ئاداش ، ھەقىقىي جىگەرلىكئەركەككەنسەن ، ساڭا قايىل بولدۇم ، ئاللاھ بەختىڭنى بەرسۇن . ئاللاھ خالىسا مەنمۇچوقۇم سەندەك قىلىمەن ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمىساق ، بىزنى ھىچكىمقۇتقازمايدىكەن . ئاللاھ قۇرئاندىمۇ دەپتىكەن : <ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىدىكىئىللەتلەرنى تۆزەتمىگىچە ، ئاللاھ ئۇلارنى تۆزەپ قويمايدۇ .> دەپ .مەن نىيەتقىلدىم ئاداش .


خۇشتۇر ئابلەتنىڭ سۆزىدىن تولىمۇمەمنۇن بولدى . ئۇمۇ ئاخىرى چۈشەندى . غەمخورلۇق ، كۆيۈنۈش ، چۈشۈنۈش ،ئۆز ئاراقوللاش ،قۇۋۋەتلەش ھەقىقەتەن بۇ دۇنيانى تىخىمۇ گۈزەل ، تىخىمۇ ئىللىق قىلىدىغان ،مىللەتنى تىخىمۇ ئىناق ، ئىتىپاق قىلىدىغان يىمىرىلمەس كۈچ . ئۇنىڭغا ھىچ نەرسەتاقابىل تۇرالمايدۇ- ئەلۋەتتە .


  ئەتىسى خۇشتۇر ئابلەتتىن 50000 كوينەق پۇلنى ئىلىپ، دىيىشكەن ئورۇنغا كىلىپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇردى .ئۇزۇن ئۆتمەيئۇلار ھىلىقى بولكىۋايدا كىلىپ ھىلىقى داۋگې ، خۇگې دىگەن بەتبەشىرە قەندىلنىئىلىپ چۈشتى .


-پۇلنى ئەكەلدىڭما ؟


-ئەكەلدىم .


  -ئالەئەمىسە .


-ئاۋۋال قەندىلنى قويىۋەت .


  -بىزبىلەن شەرتلىشۋاتامسەن ؟


  -مەنبەرىبىر قاچالمايمەن ، ئەمما سىلەر پۇلنى ئىلىپ قاچساڭلار مەن قانداق قىلىمەن .


  -سولتەك، خىلى كاللاڭ ئىشلەيدىكەن ھە ، بوپتۇ ، ھەي خۇدىي چۈشە ، ئاشىقىڭ ساقلاۋاتىدۇ .


قەندىل ئاستاغىنە چۈشتى ، خۇشتۇر بىر قاراخالتىنى ئۇزارتتى :


  -ماناپۇل ، ساناۋىلىڭلار .-خۇگى خالتىنى ئىلىپ ئىچىدىكى 5 باغلام پۇلنى كۆرۈپ ھەممىسىنىقولىغان ئىلىپ ، قەرت سانىغاندەك شارىلدىتىپ ۋاراقلاپ :


  -ھىم، ساقتەك قىلىدۇ ، بولدى ، بۇندىن كىيىن ماۋۇ پاسكىنا سىنىڭ بولدى ، ئەمما بۇنىخوتۇن قىلماي ، باشقا شەھەرگە ئاپىرىپ بازار ئوينا دەپ قۇيىۋەتسەڭ ، ئانچە مۇنچەپۇلدار بايۋەتچىلەرگە سولاپ بەرسەڭ ، بولدى ئۆزەڭ جاھاننىڭ پەيزىنى كۆرۈپياشىساڭمۇ بولىدۇ . ھا ھا ھا ھا .. ھەيدە ماشىنىنى .


  -ۋۇلەنەتتەككۈر ھايۋانلار ، خەپ ! ئاللاھ ھامان بىركۈنى جاجاڭنى بىرىدۇ .


  ئۇلارماشىنىنى بوراندەك ھەيدەپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى . خۇشتۇر قەندىلغا قاراپتۇراتتى ، قەندىل خۇشتۇرنىڭ يارىسىنى سىلاپ يىغلايتى .


  -نىمەئۈچۈن بۇنداق قىلىسىز ؟ مەن شۇنىڭغا ئەرزىمدىم ؟


-شۇنداق ، ئەرزىگەچكە شۇنداق قىلدىم .


-خۇشتۇر ، سىز راسلا مىنى ئالامسىز ؟ پۇشايمان قىلمامسىز ؟


-ئەگەرپۇشايمان قىلىدىغان ئىشىم بولسا سىزنى ئىزدەپ كەلمىگەن بولاتتىم . قانداق سىزچۇ ؟ماڭا ياتلىق بولامسىز ياكى خەتتە دىگەندەك مىنى تاشلاپ كىتەمسىز ؟


  -ياقخۇشتۇر ، مەن كەتمەيمەن ، سىز مىنى ئالىمەن دەپ شۇنچە رىيازەتلەرنى چەكتىڭىز ،مەنمۇ ئەمدى بارلىقىمنى سىزگە بىغىشلاپ ئۆتىمەن . سىزنى سۆيىمەن .


-مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن .- خۇشتۇر قەندىلنى قوچاقلىۋالدى ، شۇ تاپ قەندىلقەلبىگە ھارارەت بىرىۋاتقان بۇ يىگىتنى چىڭ قوچاقلاپ ئۈنسىز ياش تۆكمەكتەئىدى..........


خاتىمە


قاسىم ھاجىمخۇشتۇر بىلەن قەندىلنىڭ تويىنى ئاشخانىدا قىلىپ قويدى ، ئابلەت خۇشتۇرنىڭ قولدىشىبولدى ، تويغا خۇشتۇرنىڭ ئىنىسى خۇشتارمۇ كەلدى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ تويىنى كۆرۈپناھايىتى خوشاللىقىدىن ھاياجان ياشلىرى كۆزلىرىدىن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا سىرغىپچۈشمەكتە ئىدى . خۇشتۇرنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ بەختىگە جۆر بولۇپ خوشالئۇسسۇلغا  چۈشكەن ئىدى . قاسىم ھاجىممۇخۇشتۇرنىڭ مەردلىكىدىن تەسىرلىنىپ نەچچە قىتىم چاناققا كەلگەن يىشىنى يۇشۇرۇپبالىلار بىلەن شوخ پەدىگە ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى . قەندىل بولسا ھەقىقىي بەختىنىتىپىپ ، ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىلەرنى ئىيتىپ ياش تۆكمەكتە ئىدى، ئەلۋەتتە بۇخوشاللىق يىشى ، بەخت يىشى .


خۇشتۇر تويىنىقىلىپ نەچچە كۈندىن كىيىن تەييارلىق قىلىپ يۇرتىغا قايتتى . ئۇ بۇ قىتىم ئاز كەم 7ئاي ئىشلىگەن ئىدى .شۇنداقتىمۇ قاسىم ھاجىم ئۇنىڭ ئىش ھەقىقىگە ئوخشاشلا 50000 كويبەردى ، توغرىسىنى ئىيتقاندا بۇ ئۇنىڭ ئىش ھەقىقىگە ئەمەس ، مەردلىكىگە بىرىلگەنئىنئام ئىدى . ئابلەت قاتارلىق خۇشتۇرنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇلارغا بەخت-ئامەتلەرنىتىلەپ يوللۇق تۇتۇپ خوشلاشماشتا ئىدى .


  -نىمىنى ئويلاۋاتىسىز ؟-دەپ سورىدى خۇشتۇرقەندىلدىن .


  -يۇرتقا بىرىپ مىنى قانداق تۇنۇشتۇرىسىز ؟


  -جامائەت ، ماۋۇ ساھىبجامال قىزنىڭ ئىسمىقەندىل ، كەمىنە خۇشتۇر ئابدۇرەھىمنىڭ ھەقلەپ ،نىكاھلاپ ئالغان ، قانۇنلۇق ئايالىدەپ تۇنۇشتۇرىمەن .


  -ئەسكى .


  -شۇنداق ، ئەمدى ئېرىڭلا بوپ قالدىم خوتۇن ،ئەسكى ،ساراڭ دەپ تۇرمىساڭلا كۆڭلىڭلا ئۇنىمايدۇ ھەقىچان.


  -ۋىييى ، قىلىن ، خوتون دەپ كەتكىنى ھىلىتىنلام.


  -ئەمىسە ، خوتۇن دىمەي نىمە دەيمەن ...........


-يۇلۇچىلاردىققەت شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگەبارىدىغان T52-قىتىملىقپويىز ھازىر قوزغۇلىدۇ،يۈك-تاقاڭلارنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ مىڭىشقاتەييارلىنىڭلار.......-پويىز رادىئوسىدىن يەنە شۇ سادالار كىلىپ تۇراتتى .ئەينىچاغدا خۇشتۇر سۆيگىنى بىلەن تۇنۇشقان ئاشۇ پويىزدا ئەمدىلىكتە سۆيگىنى مەڭگۈلۈكھەمراھى قىلىپ ،پارلاق ئەتىسىنى نىيەت قىلىپ ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار كۆڭلىگەپۈكۈپ ئانىسىنىڭ يىنىغا ، يۇرتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى..........................





                                                                                                                        ئاپتورى : نۇرجان ئېلى كەتمەن




ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94705
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 10:12:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 10:18:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم ھاجىم بىر تېلىفۇن بىلەن بىيتوچەي ئادەم يىغىپ بېرېپ جەزىخولارنى بىر ياساپ ئاندىن قەندىلنى ئەپ كەلگەن بولسا تېخېمۇ ياخشى چىقىدىكەن ئەسلى .» « ئويۇم »»

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 10:50:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:31:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نۇسقىسى تېخىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. جاپا چەكتىڭىز. تەكلىپىم بىر تەھرىرلىگەن بوسىڭىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8099
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:33:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ھىكايە،بۇ قىتىمدا ئۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىدۇرۇپسىزدا ھە......

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3357
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 1661 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:40:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ  تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئەسەر ..ئاۋۋال ساقلىۋالاي........ئەجرىڭىزگە رەھمەت..........

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1082
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:54:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruh193 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-1 10:18 AM
قاسىم ھاجىم بىر تېلىفۇن بىلەن بىيتوچەي ئادەم يىغىپ بېر ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان لىكىن ئوقۇسام ئۇنداق ئەمەسكەن !!!!

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 846
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 01:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قېتىم يوللىغاندا بالىلىق قىلۋىتىدىغان ئوخشايدۇ  چاخچاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88541
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-12-14
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 01:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇساپىر بولمۇغىچە ،مۇسۇلمان بولماپتۇ.دىگەن راس گەپ جۇما!!

ساراڭغا سوت يوق،ئىشەك ھارىۋىسىدا خوت يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش