|
|
|
|
بۈگۈن ،يەنى 5-ئاينىڭ31-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخنىڭ كۆزى دەپ نام ئالغان تارىخ ئالىمى موللا مۇسا سايرامى ۋە 20-ئەسىرىدىكى ئاتاقلىق شائىرى ،جامائەت ئەربابى نىمشېھىت ئارمىيە داموللا سايرامى كەبى بۈيۈك ئوغلانلىرنى تەۋەللۇت قىلغان قەدىمىي يۇرىت باي ناھىيسىنىڭ سايرام بازىدىكى مەرىپەت بۈشۈكى سايرام بازارلىق ئوتتورا مەكتىۋىدە 1-ئيۇن باللار بايرىمنى تەبىركلەش ئەدەبى-سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نۇمۇرىلىرىنى ئورۇنداش، ئوقۇغۇچىلارياسىغان مودىل بۇيۇملىرى، يازغان ھۆسىنىخەت ئەسەرلىرى ۋە سىزغان رەسىملەرنى كۆرگەزمە قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ مول مەزمۇنلۇق ۋە قۇيۇق مىللىي پۇراققا تۇيۇنغان ھالدا تۇلىمۇ قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. يەرلىك ئەلنەغمىچىلەرمۇ باللاربايرمىغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ئېسىل سوۋغىلىرنى ئورۇنلاپ سورۇن كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى. پائالىيەت ئاخىردا ئىپادىسى كۈرۈنەرلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار ماددى بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.
تۆۋەندە پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۆزەم تارىتقان بىر قىسىم سۈرەتلەردىن تاللاپ ھوزۇرلىنىشىڭلارغا سۇندۇم .بەھىر ئالغايسىلەر!
مەنبە: ئۆزەم
|
|
|
|
|
|