مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1741|ئىنكاس: 17

ئوقۇ ئۇيغۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكلەي دېسەڭ ئۇي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27177
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5462
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-1-21
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 11:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                       ئوقۇ ئۇيغۇر

      ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك. ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل خاتىرىلىرى ئەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا يېزىلىشقا باشلايدۇ. ھەر جايلاردىن كەلگەن ھەمراھلىرىمىز بىلەن بىللە يېتىپ قوپقان ياتاقلار، دەرسخانىغا تۇتىشىدىغان يوللار، ئاشخانا، مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھۆكۈم سۈرىدىغان دەرسخانىلار، قىز-يىگىتلەرنىڭ تاتلىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ شاھىدى بولغان رومانتىك مەكتەپ باغلىرى، گاھىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش قىلىدىغان جىمجىت ھەم باغرى ئىللىق مەكتەپ كۈتۈپخانىسى، ئۇتۇق قازانغان ياكى مەغلۇب بولغان ھەر بىر نەۋقىراننىڭ ھاياتىغا ئۆچمەس قۇرلارنى تىزىدۇ. شۇ سەۋەب ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ زادى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر شۇ تۆت يىلغا رازى بولىمىز. ھەتتا مۇمكىن بولسا يەنە ئوقۇسامكەن دېگەن قۇرۇق خىياللارمۇ كاللىمىزدىن كېچىدۇ. ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدىغان بۇ ئېسىل پۇرسەتتىن بەھرىمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خۇرسەن بولىمىز.
       توغرا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەممىمىزگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئۆزىنىڭ ئۆتەلمىگەنلىكىدىن قايغۇرۇپ نەچچە كۈنلەرگىچە يىغلاپ، قاقشاپ چىققانلارمۇ، يۇقىرى نومۇر بىلەن ئېسىل مەكتەپلەرنىڭ قۇبۇللاش قەغىزىنى تاپشۇرىۋېلىپ تۇرۇپمۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ياكى يالغۇز ئانىسى سەۋەبلىك چاقىرىق قەغىزىنى باغرىغا بېسىپ ئاچچىق-ئاچچىق ياش تۆككەنلەرمۇ ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپلا تېخى ئالىي مەكتەپ باغرىغا قانماي تۇرۇپ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوت يۈرەكلەر بولسۇن، ھەممىسى شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ لەززىتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەختىنى، ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدىن بولغان ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ مەنىسىنى بىلگۈچىلەر، تەشنا بولغۇچىلار، ھەم قەدرىگە يەتكۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭمۇ، جۈملىدىن مېنىڭمۇ شۇنداق ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ باققۇم، ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتى بولغان ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىدا ئېقىپ باققۇم، ئالىي مەكتەپ باغرىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغۇم، بولۇپمۇ بىلىم بۇلاقلىرىدىن شەربەت ئېىلپ تەشنا دىللارنى قاندۇرغۇم بار. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىم، ھەۋىسىم ئەنە شۇ تەشنالىقىمغا قوشۇلۇپ بۈگۈن كۈيىچىداشلىرىمغا تۆكۈلمەكتە.
        كۇلۇبىمىزدىكى ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز دەل يۇقارىدا دېيىلگەن بەخىت ئىگىلىرىدىندۇر. مەيلى دىيارىمىزدىكى ۋە ياكى ئىچكىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ۋە ياكى چەتئەللەردە بىلىم كانىدىن ئوزۇق ئېلىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدىنى يۈدۈپ تۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە قەدەم تاشلىغان بولىدۇ. مېنىڭچە بولسا ئۇلارغا ئاتا-ئانىنىڭ، مىللەتنىڭ-ۋەتەننىڭ ئارزۇ ئۈمۈدى بىلەن قوشۇپ، بايا يۇقىرىدا دېگەندەك بۇ بىلىم بېغىغا قەدەم باسالمىغان شۇ قارىكۆزلەرنىڭمۇ ئارزۇ-ئۈمۈ، نىشانلىرىنى يۈكلىسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم شۇ بەخىتتىن بەھرىمان بولىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى بىلەن ئۇلارنىڭ شۇ بەختى تەڭ نىسبەتتە كەپ قالىدۇ دېسەك بولىدۇ.
  ئەنە شۇنداق زور بەخىت ئىچىدە ئەللەيلىنىۋاتقىنىمىزدا زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ئارزۇ-ئۈمۈدنى، مەجبۇرىيتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا كىتابنى ئالدىمىزغا يېيىپ قويۇپ، قۇرۇق خىيالغا كەتكەندىن تارتىپ، ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ھەمدە تور ئويۇنلىرىغا قەدەر ئالتۇن ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ئىشلار ھەممىمىزدە ئازدىن-كۆپتۇر بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلار لايىقىدا بولسىغۇ مەيلىتىغۇ، لېكىن بىر قىسىم، ناھايىتى ئاز بىر قىسىملىرىمىزدا بۇنداق ئىشلار ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ناۋادا ئۆزىمىزدە شۇنداق نۇقسانلار بولسا ئىمكانقەدەر تۈزەتسەك، ئالتۇن ۋاقتىمىزنى غايىمىز يولىدا سەرپ ئېتەلىسەك، بۇ چاغدا ئۆزىمىزمۇ، باشقىلارمۇ ناھايىى رازى بولغان بولىدۇ. مېنىڭچە بولسا بەزى ئىشلار ھازىر راستنلا بالدۇر، كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئوينايدىغان سورۇنلارغا كېيىن جەمئىيەتكە چىققاندا بېرىۋالساقمۇ بولىدۇ. كېيىن جەمئىيەتتە بۇنداق پۇرسەتلەر راستىنلا ناھايىتى كۆپ. ھەممە ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىل بىزنىڭ پەقەت بىلىم ئىگەللەيدىغان ۋاقتىمىز، ھەرگىزمۇ باشقا نەرسىلەرنى، ئويۇن تاماششانى ئىگەللەيدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس. شۇڭا شۇنچە كۆپ ئۈمۈدلۈك كۆزلەرنىڭ نۇرى بولغان ئەزىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ۋاقتىمىزنى توغرا يولغا ئىشلىتەيلى، قەدىرلەيلى!
  يەنە تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر تەرەپ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا، ناھايىتى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا تۆت يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنۋاننى كۆتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ خىزمەت تېپىشتىن ئىبارەت بېكىنمىچىلىك كۆز قاراش ئورناپ كەتتى. ئۆز كەسپى بىلەن ھېسابلاشماستىن مەمۇرىيلىققا يۈگىرەۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەللەردە يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى ئىستەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. يۇقىرىلاپ ئوقۇيدىغانلار تېخىمۇ ئاز. دېمىسەكمۇ بىزدە كەسىپ ئەھلىلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، تەتقىقاتچىلار يېتەرلىك ئەمەس، نەتىجە قازانغانلار يېتەرلىك ئەمەس. بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇق بار؛ ئالىي مەكتەپتىن چىقىپلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىپ جان بېقىش ئىدىيىمىزنى، يۇقىرىلاپ ئوقۇپ كەسپىي بىلىمنى پۇختا ئىگەللەپ جەمئىيتىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىدىيسىگە ئۆزگەرتەلىسەكلا ئەنە شۇ بوشلۇق تولغان بولاتتى.
  بىزدە دېھقان كۆپ، تېخنىك ئاز؛ نامرات كۆپ، باي ئاز؛ باققال-يايمىچى كۆپ، شىركەت - كارخانا قۇرغۇچى ئاز؛ مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە، مىللىيچە مەھسۇلاتلارغا تەشنامىزيۇ، ئەمما زاۋۇت-فابرىكىلارنى قۇرىدىغانلار ئاز؛ مەندەك قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلار كۆپ، ئىرادىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەيدىغانلار ئاز؛ دېمەك، يۇقارقى ئازلارنى پەقەتلا ھازىرقى ئالتۇن ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ ئوقۇش ئۇنۋانىمىز بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇپ، كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەپ يارقىن نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق تولدۇرالايمىز. شۇڭا ئوقۇيلى، قانائەتلەنمەيلى، داۋاملىق ئوقۇيلى!
  
                       ئاتا-ئاناڭ، ۋەتىنىڭنى، مىللەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
                       ئۈمۈد ھەمدە مېھىر بەرگەن ھىممەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
                       نىشانىڭغا توساق سالغان ئىللەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
                       مەنزىل تامان بەخىت كۈلگەن نىممەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
                       دىلىڭدىكى بۈيۈك ئارمان خىسلەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
  
                        رىقابەتنىڭ زامانى بۇ ئىلىم-پەننى تەرك ئەتمە،
                        مېڭىپ بولۇپ يېرىم يولنى سەن ئارقاڭغا يېنىپ كەتمە.
                        يېڭىلگەنگە بىرەر قېتىم چۈشكۈنلىشىپ ھەسرەت چەكمە،
                        ئىرادەڭنى پۇرسەت بىلەن قوشۇپ بىللە تاشلىۋەتمە،
                        رىقابىتىڭ پۇرسەت ساڭا مەھكەم تۇتۇپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
  
  
                        بۇرۇلمىغىن سەن ئارقاڭغا، قارىمىغىن ئوڭ-سولۇڭغا،
                        مەنزىل ئارا چېپىپ كەتكىن مىنگەن پېتى دۇلدۇلۇڭغا.
                        دۇلدۇلۇڭنى تىزگىنىنى پەقەت ئۆزۈڭ ئال قولۇڭغا،
                        ئۇيغۇر چاقناپ مەنزىل ئارا ماياك بولىدۇ يولۇڭغا،
                        چاقنىغان شۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئوقۇ ئۇيغۇر.
  
                         ياشلىقىڭنى ئالتۇن بىلىپ بىلىم بىلەن تولدۇرۇشقا،
                         باشلىرىڭغا مېھنىتىڭدىن تەلەي قۇشى قوندۇرۇشقا.
                         بۈيۈكلۈكنىڭ شۇ تەختىگە ۋارس بولۇپ ئولتۇرۇشقا،
                         تۆنۈگۈنكى ۋەدەڭگە ھەم ھەقىقىي سادىق بولۇشقا،
                         نەۋقىرانلىق چاغلىرىڭدا بوشاشماستىن ئوقۇ ئۇيغۇر.
  
                         سەن، مەن ئۈچۈن قانلار كەچكەن ئەجدادنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
                        ئىزلار بېسىپ كېلىدىغان ئەۋلاتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
                        ئانا يۇرتۇڭ، خەلقىڭ بەرگەن مەدەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
                        ئىرادەڭدىن داۋان ئاشقان غەيرەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
                        ئالدىڭدىكى زور نەتىجە ھەيۋەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
   
  بايا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ دېدۇق، ئەمدى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان، ياكى يەنىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللەشكە تەشنا بولغان كىشىلىرىمىزگە كەلسەك، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يەتتە ئايلار مۇقەددەم كۈيچى ئەپەندى باشلىق بىر قانچە ئېسىل ئەزىزلىرىمىز كۈيچى كۇلۇبىدىن ئىبارەت ئانا تىل مەكتىپىنى قۇردى. ھازىرغىچە ئىنگىلىزتىلى، خەنزۇتىلى، روس تىلى، تۈرك تىلى، قانۇندىن مەسلىھەت، پىسخىكا مەسلىھەت، كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە فىلىم ئىشلەش، ئۇيغۇر تىبابەت قاتارلىق خەلقىمىز ئېھتىياجلىق بولغان كەسپىي دەرسخانىلىرى كەڭ تورداشلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن. جەمئىيەتتىكى ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپ ئەھلىلىرى دەرسلەرنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەجرى بىلەن بىزنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئىلىم-پەنگە چاقىرىۋاتىدۇ. شۇڭا، تورغا چىققۇدەك ۋاقتىمىزلا بولسا ھەرقايسى دەرسخانىلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلاشقا ئۈندەيلى. كۈيچىنى بىلمەيدىغان تور ئويۇنىغا دۈم چۈشكەنلەر بولسا چاقىرىپ كېلىپ كۈيچى دەرسخانىسىغا باشلايلى. تورغا چىقىشنى بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتەيلى، تورنى كۈيچى دەرسخانىسىدىن باشلىسۇن. ئىشىنىمەنكى، كۈيچىدىكى ھەممەيلەن ئۆزىدە بار بولغان بىلىمىنى پۈتۈن مېھرى بىلەن قوشۇپ ئەزىز قېرىنداشلىرىغا بېرەلەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ دەرسخانىلار غېرىپ قالمىسۇن. ئۇنداقتا تېمامنىڭ ئاخىرىنى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرسام:

بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر.
جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر.
سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر.

مەنبە: ئەردەۋىل(ئۇچقۇن)

مەنبە: كۈيچى مۇنبىرى

مەنزىل:كۈيچى قانىلى مۇنبىرى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئويلا ،ئەي جىسىمنىڭ چاكىرى ئىنسان ، نەپ كۈتمە جىسمىڭدىن زىيان بار پىنھان . بەخش ئەت جېنىڭغا پەزىلەتتىن كۈچ ، جىسىم ،ياق ،جاندىدۇر ھاياتتىن نىشان
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95412
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 02:19:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85858
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 459
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 08:34:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 09:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىشنىڭ ئالدىدا ئاللاھ رازىلىقى كۇزلەنگەن ئىش چۇقوم ياخشى بۇلىدۇ .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92988
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 09:39:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:45:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى(خاتېرسى) ئالىي مەكتەپتە يېزىلامىش،ھىم!بىر بولسا سىز بەك ياخشى بالا ئوخشايسىز،ياكى بولمىسا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى ماڭا ئۇچرايدىغان ئوخشايدۇدېمىسەم ياخشى بۇلاتتى .مەن كۆرگەن ئالى مەكتەپ باللىرى ئوپئۇچۇق بىر توپ پاھىشە ۋە پاھىشۋازلاردىن پەرقى يوقتەكلا بىلىنىدۇ.خۇددى ئۇلار شەھۋەت ئۈچۈنلا دۇنياغا تۆرەلگەن ئىنسانلار قاتارىدەك.ئېسىت شۇلارنىڭ ھالىغا.مەن ئاساسسىز گەپ قىلمىدىم.بولدىلا  ئۆزۈمنى بېسىۋالمىسام ،بىكا بەزى خەقنىڭ ئاشكالىنىپ قالىدىغاندەك...
ئەمما « ئوقۇ»   غا ئۈندىگىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ .كىشى ئوقۇشى كېرەك!ئوقۇ!ئوقۇ!ئوقۇ!ئەمما نىمىنى ئوقۇشنى ۋە نىمىشقا ئوقۇشنى بىلىپ ئوقۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4752
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 12:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇمساق بولمايىدۇ!

نەفس ھامان ھالاك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41384
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 12:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
forever1 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-1 02:45 PM
ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى(خاتېرسى) ئالىي مەكتەپتە  ...

  توغرا دېدىڭىز. لىكىن ئېغىرراقى مۇشۇ يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلادا .

ھالال دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋە ھارام دائىرىسىدىكى بىر لەززەت ئىچىدە مىڭلارچە ئەلەملەر باردۇر.ئۇنىڭ سېغىندۇرىشى بىر ئەلەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 718 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 12:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 2017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18388
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10350 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئوقۇش كېرەك . ئوقۇش جەريانىدا قانداق تەربىيلىنىش ،قانداق ئۈگىنىش شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە باغلىق .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش