كۆپ سىتىلمايدۇ ! ھەر ئادەمگە بىر تالدىنلا سىتىلىدۇ !
2013-يىلى 25-ئاپرېل، خاڭجۇ خاڭمىن بەيتەي زىبۇ-زىننەت شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئادىل بولۇش ئۈچۈن، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى بىرتال-بىرتالدىن تارقاتماقتا.
2013-يىلى 25-ئاپرېل، جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە، جياڭسۇ، ئەنخۇي ۋە جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالتۇن دۇكىنىنىڭ خوجايىنلىرى سەھەردىلا خاڭجۇ خاڭمىن بەيتەي زىبۇ-زىننەت شىركىتىگە كېلىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىپ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى سېتىۋالماقچى بولدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ، ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە چۈشۈپ كەتكەچكە، مەملىكەت ئىچىدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالتۇن تالىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.ئالتۇن دۇكانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بەس-بەستە بۇ ساھەدىكى ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ باھا قوشمايدىغان خاڭجۇ خاڭمىن بەيتەي زىبۇ-زىننەت شىركىتىگە كېلىپ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى سېتىۋالدى.
ئالتۇن ئېھتىياجنى تەمىنلەپ كېتەلمىگەچكە ، شۇ كۈنى بۇ شىركەت خۇددى دوختۇرخانىدا مۇتەخەسىسلەر كېسەل كۆرۈش سانىغا چەك قويغاندەك، بىر كۈندە 200 خېرىدارنىڭلا كىرىپ ئالتۇن سېتىۋېلىش چېكىنى بېكىتىشكە مەجبۇر بولدى، گەرچە ھەرخىل پاسونلارنى تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى زاۋۇتتىن چىققان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خېرىدارلار ئېلىپ بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، بىر تەرەپتىن مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ ئالتۇن دۇكىنىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئالتۇن سېتىۋېلىشى، بىر تەرەپتىن بانكىدا زور سوممىلىق پۇل كارتىسى بار ئالتۇن دۇكىنىنىڭ خوجايىنلىرى مەھكەم ئىستىھكام قۇرغانلىقتىن، شېنجىن، خاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى مال كىرگۈزەلمىگەن، ھەتتا چوڭ ئالتۇن دۇكىنىنىڭ خوجايىنى يۇقىرى باھادا كىچىك ئالتۇن دۇكىنىنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ھادىسە كۆرۈلگەن، ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئالتۇن دۇكىنىدا مال ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كۈندىلىك باھاسى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز www.1miskal.com