مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1324|ئىنكاس: 7

تاماكىدىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://www.dolanlik.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11319
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11364 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 10:15:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاماكىدىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى

2013-يىلى5-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان  26-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئىس–تۈتەكسىز كۈن» بۇلۇپ، باش تىمىسى «تاماكا ئىلانى، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوللاش پائالىيەتلىرنى چەكلەيلى». پۈتۈن دۇنيادا تاماكا سەۋەپلىك يىلىدا 6 مىلىيون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئچىدە 600 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئىككىلەمچى تاماكا چېكىش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئەگەر بىز ھەركەتكە كەلمەيدىغان بولساق، 2030-يىلىغا بارغاندا ھەريىلى 8 مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىشقا بۇلىدىغان بۇ خىل ئۈلۈم ھادىسىنىڭ %80 تىن كۆپىرەكى تۈۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىمىدىكى دۆلەتلەردە يۈز بىردۇ.
دۇنيا ئىس–تۈتەكسىز كۈنى پائالىيتىنڭ ئاخىرقى مەقىسىدى بولسا نۆۋەتتىكى بىر ئەۋلات شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى بارلىق ئەۋلاتلارنى بۇخىلدىكى سالامەتلىك كىرزىسىدىن، شۇنداقلا تاماكا چىكىش ۋە تاماكا بىلەن ئۇچۇرىششنڭ جەمىيئەتكە ۋە مۇھىتقا ئىلىپ كىلدىغان زىينىدىن خالى قىلش.
تاماكا چىكىشنىڭ ئۈچ چوڭ زىينى قايسىلار ؟
تاماكا كۆيگەندە چىقىدىغان ئىستا 20 نەچچە تۈرلۈك زەھەرلىك ماددا بار بۇلۇپ ھاياتلققا بولغان زىينى ئەڭ زور بولغىنى نىكوتىن. مۇشۇ نوقىتدىن ئېيتقاندا تاماكا چىكىشنىڭ 3چوڭ زىينى بار.
. 1        بىۋاستە ھاياتلىقنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.
بەزىلەر ھايۋانات تەجىربىسى ئارلىق ئادەمنى قورقۇتقۇدەك نەتىجىگە ئىرشكەن: ھەرقانچە قاۋۇل كۈچلۈك ئاتمۇ نىكوتىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ،  سەككىزىنچى تامچىسىنى ئۇرغاندا ناھايتى تىزلا ئۆلگەن.  ناھايتى شوخ ئويناپ تۇرغان ئىتنىڭ ۋىنا تۇمۇرغا بىر تامچە نىكوتىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغاندا، ئىت ھاياتىدىن ئايىرىلغان؛ ئۇندىن باشقا بەزى ھايۋانلار ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ قان تۇمۇرلىرىدا تارىيش ۋە قېتىتش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.
. 2        ئادەم بەدىننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى بۇزالايدۇ.
تاماكا چېكىش ئادەم بەنىدىكى ۋىتامىنB نىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلالايدىغان بولۇپ، نىكوتىننىڭ ۋىتامىنB غا بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار . ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن مەزگىل ۋىتامىنB كەم بولسا قان بۇزۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئېھتىماللىقى بولىدۇ .
. 3        قوشۇمچە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن تاماكا ئىسنىڭ نەپەس يولى ،ھەزىم قىلىش يولى قاتارلىق ئەزالارغا يامان سۈپەتلىك غىدىقلاش رولى بولىدۇ .شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە نەپەس يولى ياللۇغى ھەتتا ئېغىز، لەۋ، تىل، يۇتقۇنچاق، نەپەس يولى، ئۆپكە، قاتارلىق ئەزالاردا راك پەيدا قىلغۇچى ئامىل دەپ قارايدۇ .
ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە كۈنىگە 10-15تالغىچە تاماكا چېكىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆپكە راكى ،ئېغىز بوشلۇقى راكى ،كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمدىن 14ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ بۇ ئادەمنىڭ يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمدىن 4ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى 2ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ يۈرەك كېسىلىگە راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى 2ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ تاماكا چېكىش ئاستا خاراكتېرلىك كاناي شاخچە ياللۇغى ۋە ئۆپكە گازلىق ئىشقىنى پەيدا قىلغۇچى ئاساسى ئامىل، ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ . تاماكا چېكىش يەنە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككۈچىلەردە ئۆپكە راكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10-20ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ، كاناي راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 6-10ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 2-3ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ، ئايلىنىش سىستېمىسىدا كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتى 3ھەسسە چوڭ بولىدۇ، كاناي يولىدا كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتى 2-8 ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ. ئىككىلەمچى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ. ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەتتىن ئىككىلەمچى تاماكا چەككەندە ئارتېرىيە قان تومۇرلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىر قىسىم يولدىشى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن 6 ھەسسە كۆپ. پۈتۈن يەر شارى بويىچە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى بىر مىليارد 300 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 900 مىليون ئادەم تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە.
تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئىچىدىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە. جۇڭگودا تەخمىنەن 350مىليون تاماكا چەككۈچى بار.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بولسا باركى ئازراقمۇ پايدىسى يوق. شۇڭا ئامال بار تاماكا تاشلاش، بولمىغاندا ئاز چېكىش، تاماكا چەكمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلمىشتىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-31 11:11 AM  


كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 10:57:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكىنى تېز تاشلاپ ياخشى قىپتىمەن، بولمىسا مەنمۇ.......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3492
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 11:09:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تاماكا  چەككەن كىشىنى ، ئۇرۇپ  چاقسا  چىشىنى» دەپ  قويىدىغان  تولۇقسىزدىكى  ئوقۇتقۇچۇم

مەن بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈننى تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلار زارىقىپ كۈتكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 851 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 01:04:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بولۇپتۇ!  ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى مۇشۇنداق توسقان ئىشلىرىنىڭ زىيانلىق، بۇيرىغان ئىشلىرىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ!


            تاماكا،

نۇرغۇن دۆلەت چەكلىگەن زەھەر تاماكا،
تۇرمۇشىدىن يەكلىگەن زەھەر تاماكا.
(تاماكا تاشلاش كۈنى)لىرنى بىكىتىپ،
يەرگە تاشلاپ دەسسىگەن زەھەر تاماكا،
بىراق بىزلەر چىكىشكە ئۆزىنى ئۇرۇپ،
چىكىۋىرىپ كەملىگەن زەھەر تاماكا.
يەرنى ئەخلەت ھاۋانى زەھەردە بۇلغاپ،
ساقلىقنى ئىكەكلىگەن زەھەر تاماكا.
چەتئەللەردە چىكىشنى چەكلىگەن تۇرسا،
بىز چىكىشنى پەملىگەن زەھەر تاماكا.
تاماكا چىكىش مودا گۈزەل قىلىقتەك،
بىزلەردە كۆرەڭلىگەن زەھەر تاماكا.
چەككەن ھەم تۈۋىدىكىلەر ساغلاملىقىنى،
سورىغان تۈتەكلىگەن زەھەر تاماكا.
2

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6925
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 02:24:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چەككۈچىلەر ساراڭ

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4562
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1542 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 07:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيانلىق دەپ يېزىپ قويمىغان بولسا  قانچە چىكەر بولغىيتتى ھە !~~~

ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چىكىشنى چەكلىگەن بوسىمۇ نازارەرت  قىلىپ باشقۇرۇش يىتەرلىك ئەمەس !!!!
شەكىلۋازلىق كۆپ يەردىغۇ ،ھەرقانداق قانۇن ئوخشاشمىكىن دەيمەن !~~~

ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ جوڭگو پۇتبولچىلىقى ۋە تاماكىدىن يىراق تۇرايلى !!~

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش تورى ئىگىلىك تىكلەشتكى ياخشى ھەمرايىڭىز. www.uyigilik.com
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93643
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 11:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
سۈكۈتنىڭ ئۆزى بىر ياخشى جاۋاب.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19935
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6655
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 978 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 06:11:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۆرۇپ تاماكىنىڭ شۇنچۇ كۆپ زىينى بالىقىنى بىلىپ ، ئىچىم بىر خىل بوپقالدى دە،ھەي دەپ بىر تال تۇتاشتۇرۇپ تازا شۇرىدۇم.
-دوستۇم ئۇزۇندىسىدىن.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش