شۇنداق بىر ئايالىم بولسا...
(مەنبە : قەلىمىم )
شۇنداق بىر ئايالىم بولسا ،مىجەزى خۇش پېئىل ،ئوچۇق يورۇق ، چىرايىدىن نۇر ھەم تەبەسسۇم يېغىپ تۇرسا ، ھەرقاچان ماڭا ھەم مېنىڭ دوست بۇرادەرلىرىم ، ئۇرۇق تۇققانلىرىمغا تەبەسسۇم قىلالىسا ،ھىچقاچان تەرسا ، تەتىر ، قوپال بولمىسا ، ھەرقاچان ئاياللارغا خاس گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن پۈركەنگەن بولسا ، ئۆزىنىڭ مىھرىبانلىقى ، نازاكىتى ھەم خۇش پېئىللىقى بىلەن مېنى تەسىرلەندۈرۈپ تۇرسا ، ماڭا قوپال گەپلەرنى قىلمىسا ، تەتىرلىك قىلمىسا ، خۇددى مەن بىر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ئىنتايىن قەبىھ بىر چىراي بىلەن ماڭا قارىمىسا ...
ھەرقاچان ئەقىللىق بولسا ، ئىشلارنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولسا ، چوڭ ئىشلارنى كىچىكلىتىپ ، كىچىك ئىشلارنى يوقىتالايدىغان ، ئۇرۇق تۇققان – قوۋم قېرىنداشلىرىم بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتەلەيدىغان ، ھەرقاچان ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىيالايدىغان ،ھىچكىمگە غۇم ساقلىمايدىغان ، كىچىك پېئىل كەمتەر بولسا ، ئۆز گۈزەل پەزىلەتلىرى بىلەن مېنى ھەم باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلىسە ، بالامنى ۋە مېنى ئۇرۇق تۇققانلىرىم بىلەن يېقىن قىلالايدىغان بولسا ، بالامنى ئۇلاردىن قوغدايمەن دىگەن ئەخمىقانە خىيالنى قىلمايدىغان بولسا ، چۈنكى ئۇمۇ ئۇلارنىڭ پۇشتى ... ئۇنىڭدىن سەن زادى كىمنى كىمدىن قوغدىماقچى دەپ سورىمىسام ...
مەن ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلىك رول ئوينىسا ، ھەرقانداق جايدا ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسا ، شۇندقلا ھەرقانداق جايدا مېنى يامان دېمىسە ...
ھەرقاچان نىكاھىمىزنى قەدىرلەيدىغان بولسا ، ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئائىلىمىزگە ھەم نىكاھىمىزغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن ئىھتىيات قىلسا ، ئەخمەق ئاياللاردەك ھەدېسىلا ئاجرىشىمەن دەپ بىشەملىك قىلمىسا ...
ئىشچان ھەم پاكىز بولسا ، ئۆينى ھەرقاچان پاكىز تۇتالايدىغان بولسا ، ئۆيدە چىنە قاچىلار ھىچقاچان مەينەت دۆۋىلىنىپ تۇرمىسا ، كىيىم – كىچەكلىرىم پاكىز ، رەتلىك ھەم دەزمال سېلىنىپ تۇرغان بولسا ...
سەھەرچى بولسا ، ئىتىقادلىق بولسا ، مېنىڭ كەمچىلىكرىم بولسا خۇش پېئىللىق بىلەن تۈزۈتىشىمگە ياردەم قىلالايدىغان بولسا ، چۈنكى مەنمۇ ئادەم ، مەنمۇ سەۋەنلىكتىن خالى ئەمەس ئەلۋەتتە ...
ماڭا ئەر كىشى ئەر كىشىگە مۇئامىلە قىلغاندەك قوپال مۇئامىلە قىلمىسا ،(بولمىسا مەن ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئۇنتۇپ قېلىپ ، خۇددى ئەر كىشىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ سېلىدىكەنمەن ) ئۆزىنىڭ ئاياللىقىنى ھەرقاچان ئۇنۇتمىسا ، سېلىق سۆزلۈك بولسا ، يامان گەپ ، ئەپسانىۋى سۆزلەرنى بىلمىسە ، ئادەم تىللاشتىن ھەر قاچان خالىي بولسا ...
قولى ھەرقاچان گۈل بولسا ، ئۆي ئۈچۈن ،ئائىلە ئۈچۈن ئېسىل غىزا قىلالايدىغان بولسا ، ئۆي ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ئىشى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدىغان بولسا ...
ھەرقاچان گۈزەل خۇلىقىلىرى بىلەن مېنى كۆيدۈرۈپ تۇرالىسا ، ماڭا ھەرقاچان مەدەت ۋە رىغبەت بىرەلىسە ، خوشاللىقىمدىن تەڭ بەھىرلىنىپ ، قايغۇلىرىمغا مەلھەم بولالىسا ...
مېنى ھەرقاچان ئەسىر قىلىپ تورالىسا ، ئۇنىڭسىز بىر مىنۇتمۇ ياشاشقا رايىم بولمىسا ، شۇنداق ئايالىم بولسا ، دۇنيادا شۇ بىر ئايال بىلەنلا ياشاشنى ھەرقاچان ئىستەيدىغان بولسام ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا soda0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-30 06:42 PM