‹‹ قاينام ئۆركىشى ›› ماقال - تەمسىللىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
ماقال - تەمسىل قەدىمدىن تارتىپ خەلق ئارىسىدا بارلىققا كىلىپ ، خەلق ئارىسىدا ئەڭ كۆپ قوللۇنۇپ ۋە تارقىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى . شۇ سەۋەپتىن ، مەن يىقىندا ئوقۇپ تۈگەتكەن ، يازغۇچىمىز ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىنىڭ << قاينام ئۆركىشى >> ناملىق كىتابىدىكى ماقال - تەمسىللەر ۋە بەزى چوڭقۇر مەنىلىك سۆز - جۈملىلەرنى رەتلەپ چىققان ئىدىم . ياقتۇرغايسىلەر !
( بەزى ئۆزۇم چۈشەنمىگەنلىرىنى قارا رەڭدە كىرگۈزدۈم . خالىساڭلا ئىزاھلاپ بەرسەڭلا ، سىلەر چۈشەنمىگەنلىرىڭلا بولسا سۆز قالدۇرساڭلا ، ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق . )
1. ئەردىن قالغان ئەر ئەمەس ، دان بەرمىگەن يەر .
2. يولۋاس ئىزىدىن يانماس ، يىگىت سۆزىدىن .
3. ئەل ئارلىغان سىنچى ، توقاي ئارلىغان ئۇيچى .
4. كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق .
5. يولنى كارۋاندىن سورا ، سۆزنى سەۋدادىن .
6. زامان زورنىڭ ، تاماشا كورنىڭ .
7. سۇ سايغا ، پۇل بايغا .
8. گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلەر .
9. بېگىڭگە يەتكۈچە بىلىڭ سۇنۇپتۇ .
10. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك .
11. ئاغزىمدىن چىقتى ، ساقىلىمغا ياماشتى .
12. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا .
13. توپىلاڭدىن توقاچ ئوغىرلاش .
14. ئۈجمە پىش ،ئاغزىمغا چۈش .
15. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىش .
16. يىغا ياندىن قوپار ، بالا قىرىنداشتىن .
17. يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ .
18. بىتەلەيگە سۇ كەلسە ، ئاللاكۇدىن يار كىتىپتۇ .
19. قازاندا نىمە بولسا ، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ .
20. دىلىڭدا نىمە بولسا ، تىلىڭغا شۇ چىقىدۇ .
21. ھالۋىنى ھېكىم يەيدۇ ، تاياقنى يېتىم .
22. ئان ئىچكۈچى كەتسە ، قان ئىچكۈچى كىلىپتۇ .
23. ئوڭدا ياتقان گىردە يەيدۇ ، كەتمەن چاپقان جىگدە .
24. يامان بولساڭ ئاسىدۇ ، ياۋاش بولساڭ باسىدۇ .
25. ھالى پەرىشان ، كىيىشى تىرە ئىشتان .
26. بېگىم چىقىپ ئوردىسىدىن ، قورقۇپ كەتتۇق دورغىسىدىن .
27. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا .
28. تۆمۈرنى دات يەيدۇ ، يۈرەكنى ھەسرەت .
29. پالچىدا داڭگال تولا ، شائىردا خىيال .
30. زامان ناداننىڭ قولىدا قالغاندا گالۋاڭغا ئامراق بولىدۇ ، يۇرت زالىمنىڭ قولىغا قالغاندا ئالۋانغا ئامراق بولىدۇ ، پادىشاھ ساراڭ بولغاندا يالغانغا ئامراق بولىدۇ .
31. سۇ كىتىدۇ تاش قالىدۇ ، ئوسما كىتىدۇ قاش قالىدۇ ، زالىم تۇگەيدۇ زامان قالىدۇ ، ھەقىقەت دائىم ئامان قالىدۇ .
32. ئاي تۈندە كىرەك ، ئەقىل كۈندە .
33. مال سەمىرىسە ياغ بولۇر ، يەر سەمىرىسە باغ .
34. قىز تارتىنچاق ، يىگىت غەم يىمەس .
35. سۆز تىپىلغاندا يار يوق ، يار تىپىلغاندا سۆز .
36. بىلىملىك ئەل غېمىدە ، نادان گال غېمىدە .
37. گۈل چىغىڭدا گۈل قىس ، قىرىغاندا غىرىت قىس .
38. ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا .
39. ئات ھارسا ئېغىل ياخشى ، پاتقاققا شىغىل .
40. قىتىقنى ئىچكەن قۇتۇلۇپ تاۋىقىنى يالىغان تۇتۇلۇپتۇ .
41. ئۇستا بار يەردە قولۇڭنى تارت ، موللا بار يەردە تىلىڭنى .
42. قىزىل گۈلنىڭ تىكىنى بار ، چىرايلىقنىڭ سەپكۈنى .
43. ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى .
44. ياخشى دوست يولدا سىنىلار ، ئۆتكۈر قىلىچ قولدا .
45. كاجنى بازار ئوڭلار .
46. جەڭگە ئالدىرما ، ئاتقاننى كۆرىسەن ، سۇغا ئالدىرما ئاققاننى كۆرىسەن .
47. ئىش ئىگىسى بىلەن ، قۇش مىڭىسى بىلەن .
48. خۇيى يامان قىز ئۆي تۇتالمايدۇ .
49. شەرىئەت ئىزلىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى ، تەرىقەت ئىزلىسەڭ ئاغرىتما جاننى .
50. ئۇيقۇ مۇھەببەتسىزنىڭ ، بىكارچىلىق ھورۇننىڭ .
51. گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىساڭ نىمە پايدا .
52. قىزنىڭ كۆزى قىزىلدا .
53. ئۆستەڭنىڭ يارىشىغى تال ، ئايالنىڭ يارىشىغى خال .
54. قۇرۇق سۆلەت ، ياغاچ پەشمەت .
55. تىشى پال - پال ، ئىچى غال -غال .
56. ناز قىزغا يارىشار ، غاز كۆلگە .
57. سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ ، كۆرگەن كۈنۈم نىمە بولۇر .
58. شەرتى كىتىپ پەرتى قالىدۇ .
59. ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلىدۇ .
60. ئاشىقنىڭ دەردىنى دىلبەر بىلىدۇ .
61. ئات ئۈستىدە كارۋان مەن ، كۈرەش يولىدا پالۋان مەن .
62. سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دۈم يەپتۇ .
63. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ .
64. ئاغزى شىكەر دىلى زەھەر .
65. بازاردا مىڭ كىشى ، كۆڭۈلدە بىر كىشى .
66. ساپىقى بار بىغى بار .
67. تۇتسا بېغى بار ، كۆيگەن دىغى بار .
68. ئەر كىشى تۆشۈككە ئارىلاشسا سۇپىرىسىدا ئۇن قالماس ، ئۆي مۈشۈكىگە ئارام خۇدا كۈن قالماس .
69. گەپ يۈزدە ، ئۇسۇل تۈزدە .
70. بىشىڭ ئىككى بولمىغۇچە قاچاڭ ئىككى بولماس .
71. خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن يىگىتنىڭ بويتاقلىقى يامان .
72 . قازان ئالساڭ چىكىپ ئال ، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ .
73. ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش ، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش .
74. ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما .
75. تاز دىمەي تېگىۋالاي ، ماز دىمەي كىيىۋالاي .
76. توينىڭ ئەلچىسى بولغۇچە ، باينىڭ غالچىسى بول .
77. ئۆزى كەلگەن يارەي ، ئۆزى كەتكەن يارەي .
78. يارىم يامانلىغىنىغا خۈش ، مەن قۇتۇلغىنىمغا .
79. قورققانغا قوش كۆرۈنەر ، قارا باسقانغا جۈپ .
80. چۈشىدە كۆيگەن گۈل بولۇر ، ئاققان يىشى كۆل بولۇر .
81. قاشقا سانىساڭ كۆزگە ، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە .
82. ئۆزۈم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي دەۋاغا .
83. ئىغىز يۈگۈركى باشقا ، پۇت يۈگۈركى ئاشقا .
84. ئالدىراپ سۆزلىسەڭ ، ئاغرىماي ئۆلىسەن .
85. قەست قىلغاننى پەس قىل .
86. تارتىنساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلۇر ، ئىرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر .
87. تونۇشمىغاننىڭ ئېتى يوق ، لىكىن ھىچقايسىمىزنىڭ يېتى يوق .
88. بىر كۆرگەن تونۇش ، ئىككى كۆرگەن دوست .
89. كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە .
90. سەن دىگۈچە مەن دەۋالاي ، گۇناھىمغا مۇشت يەۋالاي .
91. پىتنىخورنىڭ ھالى ئەنە شۈنچىلىك ، نەگىلا بارسا شەرمەندىسى چۇۋۇلۇپ تۇرىدۇ ،ئىچى كاۋاك ، ۋۇجۇدى كىر ، ئاشالمايدۇ قىر ؛ كۆڭلى ئۇنىڭ قارا كىلىدۇ ، تىلىدىن ھەر چاغ بالا كىلىدۇ ؛ بالا يالقۇنى كۆيدۈرەر ئۇنى ، شۇ چاغدا تىلىدىن چىقماس ئۈنى .
92. جاھاندا ئىككى ئىش ياماندىن يامان ، مۇپتىلا بولغاننىڭ چىرايى سامان ؛ بىرىدۇر تەماگەر ، بىرى ئىغۋاگەر ، مۇپتىلا بولغاننىڭ يىگىنى زەھەر ؛ تەماگەر شۆھرەتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ، مەنسەپكە ئىرىشسەم تىز دەپ يۈرىدۇ ؛ ئىغۋاگەر تىلىدىن كىسىلەر كۆپ باش ، كۈلگەندەك قىلىدۇ باغرى قارا تاش ؛ تارىختا ئۇلارغا ھۆكۈم يىزىلغان ، ئۈكلەن دەپ ۋولقاندىن خەندەك قىزىلغان .
93. بىر ھارغاندىن سورىماڭ ، بىر ئاچقاندىن .
94. يىمىگىنىم گەندە ، كۆرمىگىنىم گۆر .
95. غوجامنىڭ غوجىسى بار ، چامغۇرنىڭ ئورىسى .
96. ياخشى مىھمان قۇرۇق كەلمەيدۇ .
97. سۇنىڭ ئىقىشىغا ، تۈكنىڭ يىتىشىغا .
98. پادا باققاندا دوست ئىدۇق ، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق .
99. ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىغا .
100. يامانغا ياخشىلىق ياراشماپتۇ ، ئۆچكىگە يۇمغاقسۈت .
101. دەرد - ئەلەمنى مەن تارتسام راھىتى سىنىڭ بوپتۇ .
102. ئىرى تارتۇقنىڭ خوتۇنى پۇچۇق .
103. قوشناڭنى كولىساڭ كۆچەر ، ئوتنى كولىساڭ ئۆچەر .
104. تەگسەڭ تېرىق ، تەگمىسەڭ ئېرىق .
105. چىرايىڭنىڭ سەتلىكىگە ئەينەك گۇناھكار ئەمەس .
106. ئوغرى تۇتقىن تۇماندا ، ئۆلۈپ كەتمە گۇماندا .
107. ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا .
108. خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دىسەڭ ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا قاراپ تۇر .
109. گۈلنىڭ شىخىدا تىكىنى بىللە بولىدۇ ، تىكىنى بولمىسا گۈلنىڭ قەدىرى بولمايدۇ ، چىمەنزار يىنىدا يانتاق ئۆسىدۇ ، بولمىسا چىمەننىڭ قىممىتى بولمايدۇ .
110. ھاياتنىڭ زىننىتى --- ھايات ئۈچۈن توغرا تەپەككۇر قىلىشتا . تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى ئۈلپىتى --- ئاق كۆڭۈل بولۇشتا .
111. ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن .
112. تۈلكە تۇشۇقىدىن ئىلىنار ، بۆرە ئوشۇقىدىن .
113. كاززاپلىقنىڭ نىقابى قەسەمخورلۇق .
114. قەيسەر دىمەك غەلبە دىمەكتۇر .
115. تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپالمىغان بىر باش پىياز ؛ تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر ، تاپالمىغان چۈجۈ - خوراز .
116. مۇھەببەت پۇلغا ئالدانمايدۇ ، تىغدىن قورقمايدۇ ، ئۇنى قىماردا جەز قىلغىلى بولمايدۇ .
117. تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي ، قەرز بولۇپ تۆلىمىگىنىڭنى .
118. خىرىدارىڭ بولمىسا زىبالىغىڭ نە كىرەك .
119. ئوتنى سەل چاغلىما كۆيدۈرىدۇ ، دۈشمەننى كىچىك كۆرمە ئۆلتۈرىدۇ .
120. سۇ كىچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس ، قان كىچىكىدىن ئۆتسەڭ ھىساب .
121. مۇشۈككە ئويۇن ، چاشقانغا قىيىن .
122. ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا ، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە .
123. دوستۇڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق .
124. ئۆلۋىلىش نامەردلىك بولىدۇ ، ھەم ئۇنىڭغا بىر مۇنچە بەتناملارنى كەلتۈرۈپ بىرىدۇ ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدۇ ، دوستلارنى يىغلىتىدۇ ، دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىپ ئوق يەپ ئۆلگەن ئەڭ چوڭ شەرەپ ! ئوق يىگەندىمۇ ئالدى تەرەپتىن يىيىش كىرەك ، ئارقا تەرەپتىن ئوق يىسە ئوغۇزخان خاپا بولىدۇ .
125. ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالغۇچە قازىنىم نەزىر .
126. سوراپ ياشنى تاپ ، كۆرۈپ قاشنى . (قازاق خەلق ماقال - تەمسىلى )
127. جەڭنىڭ بىرىلا جەڭ ، قالغان توققۇزى رەڭ .
128. زۇلۇمنىڭ زورى ، ئۆزۈڭنىڭ شورى .
129. ھالىڭغا بىقىپ ھال تارت ، خالتاڭغا بىقىپ ئۇن .
130. كەمبەغەلنىڭ ئېشى چىشقا دورا .
131. دەشنام يىگىنىم ئاش - نان يىگىنىم .
132. يالىڭاچ سۇدىن قورقمايدۇ .
133. ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار .
134. خورلۇق كۈرەش بىلەن يىمىرلىدۇ ، نۇمۇس پىداكارلىق بىلەن ئاقلىنىدۇ ، داغلار قان بىلەن يۇيۇلىدۇ .
135. قوي بولۇپ مىڭ يىل ياشىغاندىن ، يولۋاس بولۇپ بىر كۈن ياشا .
136. دىسەڭ گەپ بولىدۇ ، دىمىسەڭ دەرد .
137. ئىچىشقان يەرگە تۇز سىپىش .