ئايال بىلەن ئانا ئارىسىدا قىينالماسلىق ئۈچۈن
ئانا-مەنىۋىي تۈۋرۈك، ئايال- ھىسسي ھەمراھ؛ ئانا- روھىي ئۇزۇق، ئايال -روھىي مەدەت؛ ئانا مەنىۋىي داھى، ئايال-سۆيگۈ سۇلتان؛ ئانا-ئۈن تۈنسىز قۇربان بەرگۈچى، ئايال- مىننەتلىك تۆھپە قوشقۇچى،ئانا جاپا مۇشەققەتتىمۇ تىزىمايدىغان پەرشتە، ئايال ھىسياتنى دەسمى قىلىپ ھاردۇرىغىغان يۈك، ئانا جاننى سىلىپ سىزنى يۆلىگۈچى يۆلەنچۈك، ئايال سىزنى يامان ئىشلاردىن قوغدۇغۇچى؛ ئايال-خۇشال باياشات كۈندە ھەمراھ؛ ئانا مۇھتاج كۈنلەردىكى مەدەت، ئايال-خۇشال باياشات كۈندىكى ھەمراھ؛ ئانا ھاياتنىڭ راڭدارلىق بىلەن تولغان سۈيقەست ۋە ھىسيات ئالدامچىلىرى، شەيتانلىرى بىلەن تىغمۇ تىغ ئىلىشىپ سىزنى قوغداشنى مۇقەددەس بۇرۇچ قىلغان پەرىشتە، ئايال سىزنى دۇنيانىڭ رەڭلىك سورۇن، ئىچىم - چىكىملىك ، رەزىل كىسەل ۋە ئۈچىنجى شەخستىن قوغداشنى بۇرۇچ قىلغان قوغدىغۇچى؛ ئانا سىزنى غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق،ۋاپادارلىققا يىتەكلىگۈچىدۇر، ئايال سىزنى ياخشى سۆلەت ۋە باي باياشات دۆلەتكە ئىنتىلدۈرگۈچىدۇر. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەم ئىنچىكە ھەم نازۇك بولۇپ ياخشى ھەل قىلىنمىسا سىزنى خىجالەت قاسقانلىرىغا دۇملەيدۇ. تويدىن كىيىن بۇ خىل مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىپ خۇشال ياشاي دىسىڭىز توۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
1.ئانا بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇڭ. ئايالىڭىز ئەتىۋالاپ ياخشى ياماننى، ئەدەپ ئەخلاقنى ئۈگەتمىگەن ئانا قوينىدىن سىزنىڭ مۇھاببەتلىشىپ دىگىننى قىلىپ كۆندۈرۈپ قويغىنىڭزدىن ھايات دۇلدۇلىنى ئەركە - نايناقلىق چۆللىگىگە قويىۋەتكەن يىرىدىن كىلىپ سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە سىز ئۈچۈن ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ جاپا چىكىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىغىنى ماختاشنى ئۇنۇتماڭ، ناتۇنۇش مۇھىتقا ماسلاشقۇچە ئاستىرىتتىن مەدەت بولۇڭ، قوغداڭ ، ئەيىۋىنى يىپىڭ، بۇ ئۇنىڭ جاپالىرى ۋە قىيىن ئانا قىرغقىغان ھارام شاخلاردىن چىققان ئاھ- پەرياتلىرىغا تەسەللى بولسۇن، ئائىلىدىكى جاپاسىغا مەدەت بولسۇن. بىرسى بىرسىگە ئۇچراشتۇرماي ئۆز-ئارا بىر بىرىنى تەرپلىگىنىنى ماختىغىنىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ . ھەر ئىككىسىنى يالغۇزلۇقتا غىرىپسىندۇرماڭ، بىر بىرىگە ئۆچ بولۇپ كەتكەندە ئۆرگەرتىپ بولالمايسىز.
2. تويدىن كىيىن باشقۇرۇپ كۆندۈرىۋىلىشنى ئاساس قىلماي تەربىيە بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇڭ. ئانا بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا جىدەل چىقىشتىن بۇرۇنلا سىز ئايالىڭىزغا"ئانىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى رولى ۋە بىسىپ ئۆتكەن جاپاسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەش، يول قويۇش ۋە لەۋزىنى ئىلىشنى ئۈگىتىڭ. ئانىڭىزنىڭ كۆزگە سىغمىغان ئادەت ۋە خاتالىقلىرىگە نىسبەتەن ئايالىڭىزدا بىر سەۋرىچان كەڭ قوساق ھالەت بەرپا قىلىڭ. توقۇنۇش بولغاندا ئايالىمنىڭ توغرا تۇرسا دەپ ئىسلىپ تۇرۋالماڭ. راس سىز دىگەندەك ئايالىڭىزنىڭ توغرىدۇر لىكىن سىز چوپ-چوڭ بىر ئادەم بىلەن كىچىك بالا ئوتتۇرىسىدا توغرا خاتانى ئايرىيمەن دىسىڭىز بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ ئانىڭىز سىزنى باقىمەن دەپ كۆنۈپ قالغان تىجەشلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقىنىنى ياكى سىزنى بىقىپ ياشىنىپ دىۋەڭ بولغانلىغىنى ۋە ياكى كوپ يىللىق سىزنى قوغداش ئادىتىنىڭ قان- قىنىگە سىڭىپ كەتكىنىنى ۋە ياكى سىزنى ئايالىڭىزغا تارتقۇزۇپ قويۇپ يالغۇزلۇقنىڭ غىرىپچىلىغىدىن قورقۇپ كاجلىق قىلىۋاتقانلىغىنى قورۇقماي يۇشۇرماي تۇرۇپ چۈشەندۇرۈپ، ئايالىڭىزنىڭ ياش بولغانلىقتىن يول قويۇپ، جاۋاپ ياندۇرماي سۈكۈت قىلسىلا ئۆتۇپ كىتىدىغىننى ئەسكەرتىڭ.
3.ئانا بىلەن ئايال ئۆتتۇرىسىدا ئاسىي ،ئىككى يۈزلىمىچى ساتقىن بولماڭ. بىرسى بىرسىنىڭ سۆزىنى ئۆز ئارا ئىيتىپ قويۇپ زىددىيەت سالماڭ، مۇۋاپىق ياغان سۆزلەش ئارقىلىق كۆڭۈل ئۇتۇشنى ئۈگىنىڭ. مەسىلەن ئايالىڭىزغا كىيىم ئىلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز: مەن ئاددىراقنى ئىلىپ بىرەي دىگەن ئانام ياخشىراقنى ئىلىپ بەر دىگەن دىگەندەك سۆزلەرنى ئايالىڭىزغا دەڭ. ئانىڭىزغا : ئايالىم ساڭا بەك ئامراق سەن ئۇنى يامان دىسەڭمۇ لىكىن ئۇ سىنى يامان دەپ باقمىدى دەڭ.
4. ئايالىڭىزغا پاكىز، تەرتىپلىك، رەتلىك، دىيانەتلىك، سەمىمى تەقۋادار ئايال بولۇپ ئانىڭىزنىڭ تۇرلۈك سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىلا سىزنى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭغا تاپشۇردىغىنى چۈشەبدۈرۈڭ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەر قىيىنئانىنىڭ كىلىنگە بەرگە سوغىسى.ئانىڭىز سىزنى ئايالىڭىزغا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئايالىڭىزدىن ئەخلاق پەزىلەت، ۋاپا دىيانەت جەھەتلەردە ماڭدامدا سىناق ۋە ئىنتاھان ئالىدۇ. مەسىلەن ئۇ بار يەرگە پۇل ۋە ئالتۇنلارنى نىشانلىق قويۇپ باقىدۇ، يۇغان كىر ۋە قاچىسىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ، ئىجدىماھى مۇناسىۋەت دائىرسى ۋە يۇرۈش تۇرشىگە زەڭ سالىدۇ، سىزگە بولغان ئىززەت ھۆرمىتىنى گۈزىتىدۇ.......قاتارلىقلار. ئايالىڭىز ئىنتاھاندىن قانچە بۇرۇن ئۆتسە شۇنچە بۇرۇن خاتىرجەم ھالدا سىزنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئايالىڭىزغا تاپشۇرۇپ تۇرمۇشىڭىزدىن چىكىنىدۇ. ئىنتاھاندىن ئۆتەلمىسە ئايالىڭىزنىڭ ئائىلىدە ئابرويى بولمايدۇ، تاكى شۇ تەلەپكە يەتكۈچە بىسىم بىلەن تەربىيلەيدۇ، زىددىيەت قۇرمايدۇ. بۇ سىناقنى قوبۇل قىلغۇدەك پىسخىكىلىق روھىي ھالەت يىتىلدۈرۈڭ.
5. ئايالىڭىز بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ئانىڭىزنى تاشلاپ قويماي ، ئانىڭىزغا ھەر ۋاقىت ۋاپادارلىغىڭىزنى يەتكۈزۈڭ. ئىگىز تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈڭ. گەرچە ھازىر نامرات بولسىڭىزمۇ ئانىڭىزغا ئىلتىپات كۆرسىتىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى ئانا دۇنياغا تۈۋرۈك بولمايدۇ، سىز كۆپ پۇل تىپىپ زەم- زەم قۇيۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق دەپ مىليونىر بوغاندا چىكىدىغان ئازاپ ھەسرەتلىرىڭىزگە ھاياتتىن ئورۇن بەرمەڭ. ئايالىڭىزنىڭ ئائىلىگە قەدەم بىسىشى بىلەن سىزدە بولغان ياخشى ئۆزگىرىشتىن ئانىڭىز ئايالىڭىزدىن سۆيىنىدۇ.
6.ئىززىتىڭىز بىلەن غورۇرلۇق كۈلۈپ ياشاپ ئانىڭىزغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىڭ. ئانىڭىز سىزنىڭ يىغلىغىنىڭىزنى ئەمەس كۈلگىنىڭزنى كۆرسۇن، سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئەل بولغىنىڭزنى ئەمەس غورۇرلۇق ھالدا قەدىرلەنگىنىڭىزنى، تۇرمۇشتا چىچىلىپ خارلانغىنىڭىزنى ئەمەس ھۆرمەتلىنىپ ئەركەكلەرچە ياشىغىنىڭزنى كۆرۈپ ئايالىڭىزنىڭ ئىسىللىغىدىن سۆيۇنسۇن. بۇ ئارقىلىق ئانىڭىزغا خاتىرجەملىك ئايالىڭىزغا بەخـت ئاتا قىلىڭ.
7.بۇرچىڭىز ۋە مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئانىنى بىقىش ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ۋە ئىغىرىنى كۆتۈرۈش بۇرچىڭىز ۋە ئايالىڭىزغا بەختلىك ئائىلە ئاتا قىلىش مەسئۇلىيىتىڭىز بارلىغىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ئەمىلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ ئائىلىگە قەدەم بىسىشى بىلەنئائىلىنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغىنىنى، سىزدەك شاتلىق تۇلپارىنى قامىلاپ ئانىغا بوي بەرمەي چوڭ بولغان قىران يىگىت پەرىشتە سۈپەت ياخشى ئايالغا ئىرىشىپ مۇكەممەل يىتىلگەن ئەركەك بولغىنىڭىزنى ئىسپاتلاڭ، شۇندىلا ئانىڭىز ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشماقتا يوق ئۇنى بىشىدا كۆتۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟
8. ئايالىڭىزنىڭ ئورۇنسىز گەپ سۆزلىرىگە سۈكۈت قىلماڭ. باشقىلارنىڭ ئاناڭغا تۇرامسەن ماڭىمۇ دەپ يولدىشىنى قىستاۋاتقانلىغىنى ئۇچراتتىم. نەدىمۇ مۇشۇنداق تىتىقسىز سۇئال بولسۇن!!!!بۇ خۇددى قەبى جىنايەتچىلەرنىڭ ئوڭ قولۇڭنى كىسەيمۇ سول قولۇڭنىمۇ دىگىنىدىن نىمە پەرقى؟ ھەر ئىككىسىدىن ئوخشاشلا قان چىقمامدۇ؟ بەزىلەر تىخى ئاناڭ مەينەت، سىڭلىڭ پاسكىنا دەپ سۆزلەپ كەتكىنىنى كۆردۈم. سىز قەدىردانلىرىڭىزنى ھاقارەتلىگەن بىشەم ھازازۇللارنى بىشىڭىزدا كۆتۈرۈپ ياشىسىڭىز غورۇرىڭىز نەدە قالىدۇ؟ ئاخىرىدا سىز خار بولماي كىم خار بولىدۇ؟ بۇنى كۆرگەن ئانىڭىز سىزنىڭ تۇرمۇسىڭىزدىن خاتىرجەم بولارمۇ؟ ئايالىڭىزغا نەپرەت ياغدۇرماسمۇ؟ ئەركەكلەرچە غورۇرلۇق ياشاڭ، ۋىجدانىڭىز يىغلىمىسۇن. يەنە توي قىلسام پۇلغا نەگە بارىمەن؟ ئوغلۇمنىڭ كۆڭلى بار مەندە نە ئامال؟دەپ يۈرىگىدىن ھەسرەت ياشلىرىنى تۆكىۋاتقان ئانىلارنى يىغلاتماستىن غورۇرلۇڭ ياشاڭ. ئەركەك بولسىڭىز ئايالىڭىزنى تۈزەڭ، تۈزەلمىسىڭىز مەردانە ۋاز كىچىشنىمۇ بىلىڭ. ئەۋلادىڭىزنىڭ ھايات شامى سىزنىڭ قولىڭىزدا ئۆچمىسۇن، ئەزەلدىنلا غالىپلارچە ئۆتكەن قەۋىمنىڭ غورۇرى سىزگە كەلگەندە دەپسەندە بولمىسۇن، سىز يىغلىمىغان بىلەن خارلىنىۋاتقان غورۇرىڭىز يىغلىمىسۇن!!!!!!!!!
سىز تاغدەك بۇيۈك يۈكنى ئۇستىڭىزگە ئالغان ئەركەك بولغاندىن كىيىن مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى ئايالىڭىزنىڭ قەلبىدە پارلىتىپ ، ھەركەتتە كۆرسىتىپ ئانىڭىزنى پەخىرلەندۈرۈپ ياشاڭ، شۇندىلا ئانىڭىز سىزنى خاتىرجەم ھالدا ئايالىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.سىزنىڭ ئايالىم بىلەن ئانام ئارىسىدا قانداق قىلارمەن دەپ باش قاتۇرىشىڭىز ھاجەتسىز.