مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4268|ئىنكاس: 47

ياخشى يۇرت تاللا بازىرى ئۈستىدىن ئېتراز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 02:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. مەن بۇگۇن بالامنى ئېلىپ قومۇلنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان ياخشى يۇرت تاللا بازىرىغا كىرىدىم . بەزى ھاللاردا كىچىككىنە ئىشلار ئاندىن  ئادەمگە بۇرۇن نورمال تۇيۇلغان نەرسىلەرنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ، ھەممىمىزگە مەلۇم تاللا بازارلاردا كىتاپ سېتىش بولسا خېرىدارلارغا بولغان بىر خىل ئالى مۇلازىمەت بولۇپ ماددى دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيانىڭ چىگىرسىنى  يېققىنلاشتۇرغاندەك بىر خىل ھىسياتقا كەلتۇرىدۇ ، بۇگۇنمۇ ياخشى يۇرت تاللا بازىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ كۆزۇمگە كۆرۇنگىنى دەل ئاشۇ رەت رەت تىزىۋېتىلگەن  خەنسوچە كىتاپلار بولدى ، مەن بۇ زور كىتاپ دوۋىسىنى ئايلىنىپ يۇرۇپ بىرگىنە ئۇيغۇر يېزىقى بار كىتاپ بولدى ، ئەمىليەتتە بۇ كىتاپ خەنسولارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگۇنىشى ئۇچۇن چىقىرىلغان كىتاپ ئىكەن ، مانا شۇ دەقىقىدە كاللام تىرىڭڭىدە يورۇپ ئۆزەمنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىستىمالچىلىرىنىڭ ياخىشى يۇرت تاللا بازىرىدا قانچىلىك كەمسىتىلۋاتقانلىقىنى تولۇق ھىس قىلدىم .

2.خىيالى دىيالۇگ ، ياخشى يۇرت تاللا بازىرىنىڭ قانۇنى ئىگىىسى بولغان جاناپ ماڭا ئېيتىڭە قېىنى ، نىمە ئۇچۇن سىزنىڭ پۇتۇن شىنجاڭغا تارقالغان ياخشى يۇرت تاللا بازىرىڭىزدىكى كىتاپ يايمىسىدا ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرچە كىتاپلار يوق ؟ سىز كىم ئىدىڭىز جاناپ ، سىز نىمە ئۇچۇن ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارنى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا  ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلار بىلەن تەمىنلەشنى راۋا كۆرمەيسىز ؟ سىز ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارنى كەمسسىتتڭىز جاناپ !!!!

3. مەن ئازراق ئۆزەمنى بېسۋېلىپ ياخىشى يۇرت تاللا بازىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى قانچىلىق قوللانغانلىقىنى كۆرۇپ باقتىم ، كۆردۇمكى ياخىشى يۇرت تاللا بازىرىنىڭ قائىدە مىزانلىرى پۇتۇنلەي خەنسوچە  يېزىلىپ ئۇ يەر بۇيەرگە چاپلانغان ، ياخىشى يۇرت تاللا بازىرنىڭ  ماللارنىڭ جايلىىشش خەرىتە ئىخسىمىسى پۇتۇنلەي خەنچە يېزىلغان ، يەنە بىر تامغا ئىستىمالچىلارنىڭ توققۇز چوڭ ھوقۇقى ۋە يىمەكلىك تازىلىق كاپالەت قائىدە مىزانلىرىمۇ پۇتۇنلەي خەنسوچە يېزىلغان ،  سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا ئۇيغۇر ئسىتىمالچىلار ھېچنىمە ئەمەسما ؟ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇلارنىڭ يېزىقى ھېچنىمە ئەمەسما ؟

4. ئېيتىڭا جاناپ ، سىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىغا زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئېچىشنى ئويلاپسىزيۇ ئەمما سىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاپتۇنومىيە قانۇنىنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلماي بۇ زىمىندىكى ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارنى پۇتۇنلەي نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىپ كەمىسىتىپ  تۇرۇپمۇ سودىڭىزنى ناھايىتى ياخىشى قىلۋېتىپسىز ، ھەيرانمەن ، سىلەر ئاپتۇنۇمىيە تىل يېزىق قانۇن نىزاملىرىغا رىئايە قىلمايدىغان كۆزگە ئىلمايدىغان قۇلاقنى يوپۇرىۋالىدىغان بۇ جۇرئەتنى نەدىن ئالىسىلەر ، ئەجىبا جاناپ ئېيتىڭىزچۇ بۇ تىل يېزىق قانۇن نىزاملىرى سىز ساتقان ئەۋرەت قەغىزىدىن ئازراقمۇ پەرقى يوقمۇ ، ؟

5. مەن بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىدىم ، قومۇل ياخشى يۇرت تاللا بازىرىغىمۇ ، مەنگىمۇ ، قومۇلغىمۇ ۋالى مەسئ.ول ، شۇنداقكەن ، بۇ دەرتنى بۇ ئەرىزنى ئالدىى بىلەن قومۇل ۋالى خەت ساندۇقىغا يېزىشنى لايىق تاپتىم ، يەنە بىر  جەھەتتە بولسا بارلىق توراداشلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۆل بۆلۇشىنى لايىق تاپتىم  .بولسا ئۆرۇمچىدىكى تورداشلار خەلقئارا بازاردىكى كەررىفۇر تاللا بازىرىدىكى ئانا تىلىمىزنىڭ ئورنى ۋە ئىشتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇپ باققان بولسىڭىزلار ،


6.بىز چوڭ گورۇھ شېركەتلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا مەبلەغ سېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ، ئەمما بۇ شېركەتلەر ناۋادا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تىل يېزىق ۋە باشقا ئاپتۇنۇمىيە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلمىسا ئەلۋەتتە ئېتراز بىلدۇرۇشكە ھەقلىقمىز ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا كىرگەندە يەرلىك مىللەتنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئارزۇسى ئىشقا ئۇرۇنلۇشىش پۇرسىتىنىمۇ ساقالغا يېپىشقا چۆپكە ئايلاندۇرۇپ قويدى .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6987
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:00:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرمىسىڭىز ، ئۇ يەردىن ماتىرىيال تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سىتىۋالمىسىڭىز بولىدىغۇ ؟ شۇ يەردىن سىتىۋالالايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاچقان سودا دۇككانلىرى - كۈتۈپخانا، كىتابخانىلىرىدىن تاپالايسىز ھەم سىتىۋالالايسىز .
يەھۇدىلارنىڭ بىر ھېكايىسىنى ئاڭلىغان ئىدىم  بۇ يەرگە قالدۇراي دىسەم يانفۇندا يىزىۋاتقان بولغاچ خەتلەرنى يىزىپ بولالمايدىكەنمەن . بەلكىم سىزمۇ ئاڭلىغانسىز؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 توغرا ، قاقشىغىچە كىر.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسى: http://xjmac.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95027
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىخى كىچىك ئىش  قىرىندىشىم

قېرىنداشلىرىم مىنى تاشلىۋەتسىمۇ ھەرزامان يۇركۇمنى  قىرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلىشقا
تەييارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك .ئارتۇقچە ئويلىۋالمىغانسىز؟خەق دۇكىنغا نېمە قويسا ئۇ ئۆزنىڭ ئېشى يا ئۇ دۆلەت ئېگلىكېدىكى دۇكان بولمىسا ،سىز سېتېۋالمىسىڭىز بولمىدىمۇ؟سىزنى زورلىدىمۇ؟قۇمۇلدا ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلار باردۇ؟شۆھرەتپەرەسلىك قېپ بىزنى ھەم يېزقىمىزنى كۆزگە ئېلمايدىغانلارغا سودا قېپ بەرگۈچە ئۇنداق چوڭ تاللا بازارلىرغا كېرمەي ئاددى بوسىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭكېگە كېرىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94460
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:10:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمكۇراتىيە ،قانۇن -تۈزۈم دىگەنلەرنەگىمۇ  كەتتىكى بۇ دۆلەتتە . قانۇن ئارقىلىق ئدارە قىلىش قۇرۇق گەپ بوپقالدىغۇ؟

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23729
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى خوتەندىكى ياخشى يۇرت تاللا بازىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئۇ تاللا بازىرىسىزمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تاللا بازارلىرى كۆپقۇ . قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايلى .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8496
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:26:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلار توغرا دەيدۇ، قومۇل تۆت كوچىدا مىزان، ئارمان، زەرەپشان...دېگەندەك تاللا بازارلار جىققۇ؟ ئۆكۈكەن كىتاپخانىسىمۇ بار؟
نېمە بار دەيمەن خەقنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 04:36:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ  بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل  بۆلۈپ،مىللىتىمىزنىڭ غىمىنى يىگىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.لىكىن يۇقىردىكى تورداشلىرىمىز ئىيتقاندەك ئۇ يەرلەرگە كىرمەسلىك ئارقىلىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بىر قەدەر ياخشىراق بولىشى مۇمكىن.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 05:36:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1–تېمىنى كۆرۈپلا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر تىلى ئاساس سىنىپى يادىمغا كەلدى. بىزنىڭ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن يىلى بىر كەسىپ تەسس قىلىندى. يەنى مەخسۇس خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىلىدىغان كەسپ. ئاڭلىسام شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بۇ كەسپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ehrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-29 05:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11702
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5046 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 05:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا بايقۇت قىلىش كېرەك .
ئاچسا كىرمەسلىك كېرەك. قولىدىن مال ئالماسلىق كېرەك... قېنى شۇ چاغدا كۆرىمىز ھالىنى..

ھىندىستاننى مەينەت، بۇددىسلار، ھىندىلار مەينەتلەر دەيمىز.. ھەقىقى جىگىرى بار،  ئەنگىلىيىلىكلەرنىىڭ قولىدىن ھېچنىمنە ئالماي، ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىنى ئالماي، ئاخىرى ئىنگىلىسزلار ئۆزلىرى چىقىپ كەتكەنغۇ

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش