مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4355|ئىنكاس: 28

سۇرىيەنىڭ مەجبۇرلانغان ئۇرۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 07:58:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇرىيەنىڭ مەجبۇرلانغان ئۇرۇشى

ئاپتورى: رىبال ئەل-ئاساد (سۇرىيە)

تەرجىمىدە: نەپرەت 2009

rmi62g[1].jpg

سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، غەربنىڭ سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىشنى كۈنسېرى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ مالىمان ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. پرېزىدېنت بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى يەنىلا قەبىھلىك ۋە ۋەھشىيلىك قىلماقتا، قوزغىلاڭچىلاردا خەلق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ توقۇنۇشنى ئاددىي ھالدا ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ كۈچ سىنىشىشى دەپ بېكىتسەك بولمايدۇ.
سۇرىيە ۋەتەنپەرۋەر ئۆكتىچىلىرى 2011-يىلى تىنچ نامايىشىنى ئاشقۇنلار كونترول قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، ئەمما ئەزەلدىن بىرلەشمىدى. ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرنىڭ قىلمىشى سۇرىيە ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش ياۋايىلارچە بولدى. ب د ت مۆلچەرلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى كۈرەشتە، سۇرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىن 15 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، ئۆكتىچىلەردىن 10 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، پۇقرالاردىن 45 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ب د ت نۆۋەتتە سۇرىيەدە ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەربىي گۇرۇھلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، خورلاش، ھۇجۇم قىلىش، چىرىكلىك ۋە بالا ئەسكەر ئىشلىتىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
سۇرىيە مالىمانچىلىقتا قالدى، دۇنيا قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدى. ئامېرىكا شتاب بىرلەشمە يىغىن رەئىسى مارتىن دېمپىسىي ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىگە قارىتا ئېنىق يول لايىھىسى كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ب د ت ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى لاھدار برەھىمىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، سۇرىيە قوراللىق قوزغىلاڭچىلىرىدا 38 دۆلەتنىڭ ئادىمى بار ئىكەن. ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار غازاتچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. ئەنگلىيە ئىچكىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىن سۇرىيەگە بارغان نەچچە يۈز مۇسۇلمان ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار توپىلاڭچى ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن تېرورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىشى مۇمكىن دېدى.
2013-يىلى 2-ئايدا، سۇرىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى غازاتچىلارنىڭ خان ئەل-ئاسسالدا خىمىيىلىك تەركىب بار راكېتا بومبا ئاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە 4-قانىلى بۇ قاراشنى قوللىدى. ئەمما قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمەتنىڭ خىمىيىلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى )نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز). ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان خىمىيىلىك ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئەمما غازاتچىلارنىڭ ياۋايىلارچە ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمىدى.
غەلىتە يېرى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررىي ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي كومىتېتىغا ياردەمنى كۆپەيتىش پىلانىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇنلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندا، «ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مەركىزىي بەلبېغىدا تۇرۇۋاتقان بۇ دۆلەت...ئاشقۇنلار تەرىپىدىن مەجبۇرلاندى» دېگەننى تىلغا ئالدى. ئەمما ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنى قوللاش ئىنتايىن زىددىيەتلىكتۇر. ھەتتا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىمۇ ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بىلەن ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئىدىيىسى يىلتىزداش ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە جاكارلىدى.
مۇسۇلمانلار ئالىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىدى، سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرى كونتروللىقىدىكى رايونلاردا شەرىئەت يولغا قويۇلدى. باش قوماندان سالىم ئىدرىس بىردەك قوماندانلىق قىلىنىدىغان ئاشقۇن گۇرۇھلار بىلەن ئورتاق ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پەقەت ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار جابھات ئەل-نۇسرە تەشكىلاتىنى ئاشقۇنلار دېدى (ئۇ گەرچە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر گۇرۇھ «چەتئەل تېرورچى تەشكىلاتى» دېگەن قارىشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ).
بۇنداق مۇھىتتا، غەربنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قىسمەن ئەزالىرىغا ياردەم بېرىشكە بولىدۇ دېگەن قارىشى يالغان، «جانغا زامىن بولمايدىغان» ياردەم ئۇقۇمى، مەسىلەن كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى، داۋالاش ئەسلىھەلىرى، دۇبۇلغا دېمىسىمۇ ئېنىقتۇر، چۈنكى مۇنتىزم «ئەجەللىك» قورال ياردىمى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن زور مىقداردا كىرىپ بولدى. «مۇھاپىزەت گېزىتى» يېقىندا خەۋەر قىلىپ، ئىئوردانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا ھەربىي قورال-ياراق تەمىنلەش مەبلىغىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلارنى قوللايدىغان غەربلىك قوللىغۇچىلار، مەسىلەن كېررىي ۋە ئەنگلىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىليام بۇ خىلدىكى ياردەم تەمىنلەش يولىدا ئوخشىمىغان ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى پەرقلەندۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىپ يېرىشى كېرەك.
تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، غەرب رەھبەرلىرى يېنىدا تۇرغان خەۋپ-خەتەرنى چوقۇم چۈشىنىشى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئافغانىستان ساۋىقىغا ئەمدى سەل قارىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەينى يىلىدىكى خاتالىق تالىبان كۈچلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ يەنە 2011-يىلدىكى لىۋىيە مۇداخلىسى ئاقىۋەتتە ئاجىز ھەمدە بۆلۈنۈپ كەتكەن ھۆكۈمەت پەيدا قىلدى، بۈگۈنگە قەدەر ھەل خىل ئىسلام كۈچلىرى ئالقىنىدا ئويناتماقتا.
گەرچە دوكلاتتا سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ 263 نەپەر قۇرغۇچىسىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، فرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ سەرگەردان رەھبىرى موئاز ئەل-خاتىب ئامېرىكا ھەمدە سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى تۈركىيەنىڭ جابھات ئەل-نۇسرە تەشكىلاتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش قارارىنى ئاشكارا تەنقىد قىلدى.
ھېچ بولمىغاندا بىر نۇقتا كۈلكىلىك بولدى، غەرب دېموكراتىك ھۆكۈمەتلىرى خوشال ھالدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى، ئەمما تېخىمۇ ئەركىن گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلدى. بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى ھەمدە بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بەك ئەركىن بولۇپ كەتتى، تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىر سۇرىيەدىكى غازاتچىلار بىلەن تېرورچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار فرانسىيىنىڭ دەمەشىق دېپلوماتىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى ئالىيەن چوئېت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەل قارىدى. ئالىيەن چوئېت يېقىندا فرانسىيىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قورال تەمىنلەش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ «پۈتۈنلەي قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە «غازاتچىلار باشقا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئېشىپ كەتتى» دېدى.
سۇرىيە ئىشلىرىدىكى تايىنى يوق تەدبىرلەر سۇرىيە بىر دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، سۇرىيە مىللەت، مەزھەپ، رايون ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ ئۈزۈلمە قاتلىمىغا جايلاشقان، روسىيە، جۇڭگو، ئىران، ئىراق ۋە لىۋاننىڭ ئىسراتىگىيىلىك مەنبەتى سۇرىيەدە ش ئا ئە ت، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، كۇۋەيت ۋە ئىئوردانىيەلەر بىلەن تىغمۇتىغ تىركىشىدۇ. رايونلۇق جىددىي ۋەزىيەت خېلى ئېغىر.
سۇرىيەنى يۈكسەلدۈرىدىغان تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنىڭ كەلگۈسى چوقۇم دېپلوماتىيىدىن باشلىنىشى كېرەك. دېموكراتىيە ۋەكىلگە مۇناسىۋەتلىكتۇر، ۋەكىللەر پۈتكۈل سۇرىيە خەلقىنى قاپلىشى كېرەك. سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆكۈمەت، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە سەرگەردانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر توپ رەسىمىي سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىشى كېرەك. باراۋەر رىقابەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئەرەب ئىتتىپاقى (سۇرىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى كونترول قىلىۋاتقان سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاققا بەردى) ۋەكىل بولۇپ سۇرىيە مەزھەپچىلىرى ۋە ئاشقۇنلىرىنىڭ مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئىكەنلىكىگە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.
بۇ جەرياندا، غەرب ھۆكۈمەتلىرى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى مەبلەغ ۋە باشقا خىلدىكى ياردەملەرنى بېرىشنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك ھەمدە تۈركىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئاشقۇنلارنى قوللاشنى توختىتىشقا بېسىم قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق پۇل-مۇئامىلە ياردىمى چوقۇم قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ۋە ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلار ئارقىلىق بېرىلىشى، خەلققە يۈزلەنگەن داۋالاش سەھىيە ياردىمى تەمىنلىشى ياكى مەبلەغنى ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
بىر قىسىم رەھبەرلەر ئېھتىمال يېڭى ھاۋاغا موھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قوزغىلاڭچىلارنىڭ يېقىندا دەمەشىقتىكى مەلۇم مەسچىتكە قاراتقان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، بۇ ھۇجۇم ھۆكۈمەتكە مايىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئىمامغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يېقىندا سۇرىيىنىڭ «ئاشقۇنلارنىڭ زېمىنى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئاشقۇنلار مالىمانچىلىقتا بارلىققا كەلگەن» لىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما رېئاللىقتا، سۇرىيە ئاللاقاچان ئاشقۇنلارنىڭ زېمىنى بولۇپ قالدى. ھەربىي ياردەم پەقەت ئاپەتنى ھالاك بولۇشقا ئۆزگەرتىدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى رىبال ئەل-ئاساد سۇرىيەدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى. (نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى)



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 08:36:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇش ، كۇشلۇكنىڭ كۇچىنى ئاجىزغا كۇرسىتىدىغان ئەبلەخلەر !!!!!!!!!!!!ئىران قۇتۇلسا سۇرىيە بىلەن ئۇرۇشىدۇ . سۇرىيە توختىسا كىم بىلەن سوقۇشا بۇ توڭگۇزلار !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4040
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8442
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 09:04:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىۋان ئاللاھ پارتىيسى  ئەسەدكە ياردەم بىرىشنى قارار قىلغىنىغا  قارغاندا ئەسەد ئۇنچە  ئەسكى  ئەمسمۇ نىمە  ئەجەپ گاڭگىراپ  قالدىم دىسە؟

بۇيەردە نىمە بادۇ.....Www.TizULnix.Com

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 09:54:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altun_anqar يوللىغان ۋاقتى  2013-5-29 09:04 AM
لىۋان ئاللاھ پارتىيسى  ئەسەدكە ياردەم بىرىشنى قارار قى ...

  يادىڭىزدا بولسۇن ، بىز كۈرۈۋاتقان بارلىق خەۋەرلەر ، ئۇچۇرلارغا تارقاتقۇچىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ، ئىدىيىسىنىڭ ، ھىسسىياتىنىڭ تەسىرى سىڭگەن بۇلىدۇ . بىز ئەقىل كۈزىمىز بىلەن بۇلارنى ئايرىشقا ، توغرا تەپەككۇر قىلىشقا مۇھتاج . بۇلۇپمۇ سۈرىيە كىرىزىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار مەزھەپ ، سىياسى مەنپەئەت سەۋەپلىك تېخىمۇ بۇرمىلانغان بۇلىدۇ . مۇنبەردە بەشىر ئاسادنى تىللاش ، قارغاش سۈرىيىدە ھاكىمىيەتنىڭ بەشىر ئاسادتىن ئىبارەت شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلماننىڭ قۇلىدا بۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئىنقىلاپ غەلىبە قىلسا ھاكىمىيەت ئاتاقتا بولسىمۇ سۈننىلەرنىڭ قۇلىغا ئۈتىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇرنى ئوز ئىچىگە ئالغان سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئۇنىڭ بالدۇرراق موللاق ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
    كىم قانداق ، ھەقنىڭ ئىگىسى ئەڭ توغرا بىلگۈچىدۇر ..............................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sultannur + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75600
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 10:01:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى« دۆلەت ئاتىسى»دەۋالغان ئاۋۇ ئەبلەخلەرمۇ پۇخرالىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغان ،ئادىل يۇرت سورىغان بولسا بىرى دارغا ئېسىلمىغان،يەنە بىرى ئىتنىڭ ئۈلۈمىنى كۆرمىگەن بولاتتى...... ئەگەر روسىيە يۆلەنچۈك بولمىسا  بەشىر  ھاكىمىيىتىمۇ نىمە كۈنگە قالغان بولاركىن.......
تېمىڭىزغا رەخمەت.

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 10:16:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن..

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

روھىڭنى تاۋلاپ ت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65257
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 10:59:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« ئۇرۇش» دىسە يۈرەكلىرىم سىقىرايدۇ ، كۆز ئالدىمغا يېتىم قالغان بالىلار كېلىدۇ.......

ئوۋچىنىڭ قولىدا ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1097 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 11:09:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى بىر ئىت تالاشتۇرغۇچىنىڭ (ئامرىكىنىڭ)ئويۇنلىرى   .   بۇ تالاشتۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئىككى تۈرلۈك . 1- ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇش .2- مەيلى ئاق ئىت قارا ئىتنى يىسۇن ياكى قارا ئىت ئاق ئىتنى يىسۇن بەرىبىر (بىرگە ھىساپ) ئاخىرىدا قالغىنىنىڭ بوينىغا زەنجىر سىلىپ ئۆيگە قاراتقۇزۇش . بولۇناۋاتقان ئۇرۇشلار مۇشۇ دائىرىدىن ھالقىپ كىتەلمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 11:23:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altun_anqar يوللىغان ۋاقتى  2013-5-29 09:04 AM
لىۋان ئاللاھ پارتىيسى  ئەسەدكە ياردەم بىرىشنى قارار قى ...

ئەسلىدە دۇنيادىكى ئاجىز مۇسۇلمانلارغا يار-يۆلەك بولىمىز دەپ قۇرۇلغان، ھەم ئۆزىنى ئىزچىل شۇنداق پارتىيە دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى...
كېيىن سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا كەلگەندە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن نۇرغۇن ئاجىز مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ئىچكەنلەر بىلەن بىر سەپتە تۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئوبرويى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا داغ چۈشتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 11:33:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كافىر دۆلەتلەر بىر-ئىككى قېتىم كۈچكۈرتۈپ قويسا ، مانا بۇلار ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ !!!
   قارىغاندا ئۇلار كافىرلارنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىدۇ!!!  ھەي~~~  بىز مۇسۇلمانلار قاچانمۇ بىرلىشەرمىس!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش