|
|
|
|
شىنخۇا تورىنىڭ 25- ماي ئىستانبۇلدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆرسىتىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۈركىيە پارلامېنتى 24- ماي بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى كېڭەيتىش ۋە سېتىشقا قاتتىق چەك قويدى، ھەمدە ھاراقنىڭ ئورالمىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى چاپلاشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالىنىدىكەن.
مەزكۇر لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: 18 ياشقا توشمىغان قورامىغا يەتمىگەن كىشىلەرگە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى سېتىش چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 10 مىڭ لىرادىن 500 مىڭ لىراغىچە (تەخمىنەن 35 مىڭ يۈەندىن بىر مىليون 750 مىڭ يۈەنگىچە) جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئەگەر قورامىغا يەتمىگەنلەر ھاراق ئىچىپ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتسە، ھاراق تەمىنلىگۈچى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە قاماققا دۇچار بولىدۇ.
قانۇن لايىھەسىدە يەنە ھاراق سېتىش سورۇنلىرىمۇ قاتتىق ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، دوختۇرخانا، تەنتەربىيە سارىيى، مائارىپ ئاپپاراتلىرى، قەھۋەخانا، تاتلىق تۈرۈم دۇكانلىرى قاتارلىق جايلاردا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك سېتىشقا بولمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 10 مىڭ لىرادىن 100 مىڭ لىراغىچە (تەخمىنەن 35 مىڭ يۈەندىن 350 مىڭ يۈەنگىچە) جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ مەكتەپ ۋە دىنىي سورۇنلار بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 مېتىردىن يىراق بولۇشى كېرەك، كەچ سائەت 10 دىن سەھەر سائەت ئالتىگىچە بولغان مەزگىلدە ھاراق سېتىشقا بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، لايىھەدە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا تاماكىغا ئوخشاش «سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى يېزىش تەلەپ قىلىندى، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى يوق مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى چەكلىنىدىكەن. لايىھەدە يەنە ئىسپىرتلىق ئىچىملىككە قارىتا ھەر قانداق سودا خاراكتېرىدىكى تەشۋىقات ۋە كېڭەيتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش چەكلەندى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كىنو ۋە ئۈن- سىن بۇيۇملىرىدىمۇ غۇۋالاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىك كۆرۈنۈشىنى بېرىشكە بولمايدىكەن.
لايىھەدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىغىمۇ «قاتتىق قول بولۇش» تەلەپ قىلىندى. ئەگەر شوپۇرلارنىڭ 100 مىللىلېتىر قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 50 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالتە ئاي تۇتۇپ قېلىنىدىكەن، ھەمدە 700 لىرا (تەخمىنەن 2450 يۈەن) جەرىمانە قويۇلىدىكەن؛ ئەگەر شوپۇرلارنىڭ 100 مىللىلېتىر قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 100 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ بولغاندا ئىككى يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەردوغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «ھاراق چەكلەش پەرمانى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ياشلارنىڭ كۈنبويى ئىسپىرتقا بېرىلىپ يۈرۈشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، ئۇلار ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك، ياشلار كاللىسىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىشى كېرەك، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ئېھتىياجلىق.»
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تۈركىيە پرېزىدېنتى گۈل ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مەنبە:كارۋان تورى.
|
|
|
|
|
|