مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 8

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ھەققىدە ھىكايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەرق ئوغلى __

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86779
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 01:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرىنچى ھىكايە


     مالخۇلىيا كىسەللىكى تىۋىپلار داۋالاشتا ئاجىز كىلىدىغان كىسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر. گەرچە سەۋداۋى ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزاققا سوزۇلدىغان ئىللەتلەردىن بولۇپ ھىساپلانسىمۇ ئەمما، مالخۇلىيا كىسەللىكى ئىنتايىن ئۇزۇن مۇددەتتە ئوڭلىنىش بىلەن ئالاھىدە ئۆزگىچە تۇرىدۇ. ھازىرچە تېخى ھىچكىم تىبابەتتە ئابۇل ھەسەن ئىبنى يەھيانىڭ «مۇئالىجاتى بوقراتى» كىتابى كەبى زور كىتاب يازغان ئەمەس. مەزكۇر كىتابىدا بۇ كىسەللىكنى داۋالاشتا ئاجىز كەلگەن بىر نەچچە ئىمام، ھەكىم، ئالىم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

     مېنىڭ سەرەخىس تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇستازىم شەيخۇلئىمام ئەبۇ جاپپار ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ سەئىد ئەن - نەشەۋىي ئۆزىنىڭ شەيخۇلئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئۇقايىل ئەل - قازىبىيىندىن ئاڭلىغان بىر ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ شەيىخ ئەمىر فەخرۇد دەۋلە باكالجەر ئەل - بۇئىيدىن ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ شۇنداق ھىكايە قىلىدۇ: بۇ ئىيلار ئەۋلادىدىن بولغان بىر مەشھۇر كىشىدە مالخۇلىيا كىسەللىكى پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى بۇقا دەپ ھىس قىلىشقا باشلاپتۇ. بىمار كۈندە تىنماي بۇقىدەك ھۆركىرەيدىكەن ۋە كۆرگەنلا ئادەمگە:«مېنى سويۇڭلار، گۆشۈم شورپىغا ئىنتايىن باپ!» دەيدىكەن. ئىش ئاخىرى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يىتىپتۇكى، بىمار ھىچ نەرسە يىمەس - ئىچمەس بولىۋاپتۇ. تېۋىپلار ئۇنى داۋالاشقا ئاجىز كەپتۇ.

     بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋەزىر ئىدى. شاھىنشاھ ئالا ئوددەۋلە مۇھەممەد ئىبنى دۈشمەنىزىيار ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تايىنىپ قالغان ۋە مەملىكەتنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ قويغان، بارىلىق ئىشلارنى ئۇنىڭ رايى تەدبىرىگە قاراپ ئەمەلگە ئاشۇرار ئىكەن. ھەقىقەتەنمۇ، ئارىستوتىل ۋەزىر بولغان ئىسكەندەردىن كىيىن ھىچبىر پادىشاھنىڭ ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىناغا ئوخشاش ۋەزىرى بولغان ئەمەس!

     ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدىمۇ ھەركۈنى سۈبھىدىن ئاۋۋال ئورنىدىن تۇرۇپ « شىفا» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككى ۋارىقىنى يازاتتى. سۈبھى سادىق ۋاقتىدا كىيە رەئىس بەھمەنيار، ئەبۇ مەنسۇر ئىبنى زىللا، ئەبۇل ۋاھىت جۇزجانىي، سۇلايمان رىمشىقى ۋە مەن، يەنە باكالجارغا ئوخشاش شاگىرىتلىرىنى قۇبۇل قىلغاچ تاڭ ئاتقاندا دەرىس سۆزلەيتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بىز ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئادا قىلاتتۇق.

     ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئۆيدىن چىققان ۋاقتىدا مەشھۇر كىشىلەر ۋە ھاجەت - تەلەپ، ئەرىز قىلىپ كەلگەنلەردىن مىڭلاپ ئادەم ئۇنىڭ سارىيى ئالدىدا توپلىنىپ تۇرغان بولاتتى. ئۇ ئاتقا مىنگەندە توپلانغان جامائەت ئۇنى ئارقىسىدىن كۆزىتىپ تۇراتتى. ئۇ دىۋانغا يېقىنلىشىپ بارغاندا ئاتلىقلارنىڭ سانى ئىككى مىڭغا يىتىپ قالاتتى. ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا پىشىنگىچە دىۋاندا ئىشلەيتتى. ئۆيگە قايىتقاندا داستىخان يېنىدا ئولتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن تاماق يەيتتى. كىيىن ئازغىنە ھاردۇق ئېلىپ ئۇيقۇدىن تۇرغاندا نامازنى ئادا قىلىپ، شاھىنشاھ ھۇزۇرىغا باراتتى. ناماز ئەسىرگىچە ئۇلار بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىللىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولاتتى. ئۇلار پەقەت ئىككى كىشىلا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۈچىنچى كىشى بۇ سۆھبەتكە قاتناشمايتتى. دىمەك ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانىڭ بىر دەقىقىمۇ بوش ۋاقتى بولمايتتى.

     شۇنداق قىلىپ تېۋىپلار ئەشۇ بىمارنى داۋالاشقا ئاجىز كەلگەچكە ئۇلۇغ ھۆكۈمدار ئالا ئوددەۋلەگە بۇ ھەقتە خەۋەر بىرىشتى ۋە ئلتىماس قىلىپ ۋەزىرنى ئەشۇ يىگىتنى داۋالاشقا كۆندۈرۈشنى سوراشتى. ئالا ئوددەۋلە بۇ ھەقتە ۋەزىرگە ئېيىتقان ئىدى، ۋەزىر ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلدى.

     شۇندىن كىيىن ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا كىشىلەرگە: « بېرىڭلار، قاسساپ سىنى سويغىلى كىلۋاتدۇ، دەپ خەۋەر قىلىڭلار!» دوپ بۇيرىدى. يىگىتكە شۇنداق دەپ خەۋەر بەرگەندە ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى.

     ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئاتقا مىنىپ بىمارنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىككى كىشى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، يېنىدىن پىچاقنى چىقاردى - دە :«سويىدىغان بۇقا قەيەردە؟» دەپ سورىدى. بىمار يىگىت گويا «مەن مۇشۇ يەردە» دىگەندەك قىلىپ ھۆركىرىدى. ئىبنى سىنا: « پۇت - قولىنى باغلاپ، ئوتتۇرغا ياتقۇزۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان بىمار يۈگۈرۈپ، ھويلا ئوتتۇرسىغا باردىدە ئوڭ تەرىپىنى قىلىپ ياتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت - قولىنى مەھكەم باغلاشتى.

     ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ پىچاقنى بېلىدى. قاسساپلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئولتۇرۇپ قولى بىلەن بىمارنى تۇتۇپ باقتى - دە « ئەھا، بۇ بۇقا ئىنتايىن ئۇرۇققۇ! سويۇشقا ئەرزىمەيدۇ، كۆپرەك ئوت بىرىڭلار، سەمىرسۇن!» دېدى - دە ئورنىدىن تۇرۇپ تاشقىرىغا چىقىپ ئادەملەرگە: « قول - پۇتىنى يىشىپ، مەن ئېيىتقان يىمەكلىكلەردىن ئالدىغا قويۇڭلار - دە يە، تىزىرەك سەمىرسەن، دەپ ئېيتىڭلار! دېدى.

     كىشىلەر ئىبنى سىنانىڭ ئېيىتقىندەك قىلىشتى. ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق ئېلىپ كەلسە بىمار توختىماي يەيتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىبنى سىنا بۇيرىغان شەربەت دورىلىرىنى ئالدىغا قويۇپ: « ياخشى يەپ - ئىچ! بۇ نەرسىلەر بۇقىنى سەمىرتىدۇ!» دېيىشتى. بىمار ئۇلارنىڭ ئېيىتقىنىغا قۇلاق سالاتتى،تىزرەك سەمىرسەم ئاندىن مىنى سويىدۇ، دىگەن ئۈمۈددە رەت قىلماي ئىستىمال قىلاتتى.

     شۇنداق قىلىپ تېۋىپلار ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا دەستۇرى بويىچە داۋالاشنى داۋام ئەتكۈزىۋەردى. بىمار بىر ئاي ئىچىدە ئۆزىگە كىلىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

     بارىلىق ئەقىل ئىگىللىرىگە مەلۇمكى، مۇنداق مۇئالىجەنى چوڭقۇر ئىلىمى، يۈكسەك ماھارىتى ۋە ئۆتكۈر ئىدىراكى بولمىغان كىشى ھىچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ!


مەنبەسى: http://uyghurtibabat.cn

ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولاي دىسىڭىز ئۇيغۇر تىبابەت تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 04:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەبۇ ئەلى ئەل ھۇسەيىن ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئەل ھەسەن ئىبنى سىنا 980-يىلى ئاۋغۇستتا بۇخاراغا يېقىن ئەفشىنە يېزىسىدا مەلۇماتلىق ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا تاجىك مىللىتىدىن بولۇپ، نۇھ ئىبىن مەنسۇر(976-997) نىڭ مالىيە دىۋانىدا خىزمەت قىلاتتى. ئانىسى سىتارەبانۇ ئاتلىق سوغدى ئايال ئىدى.

خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 08:46:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ تەشەككۇر

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23021
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3468 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 09:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12335
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2069 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 09:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغداي يوللىغان ۋاقتى  2013-5-28 04:54 PM
ئەبۇ ئەلى ئەل ھۇسەيىن ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئەل ھەسەن ئ ...


...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HENRY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-28 09:38 PM  


ھىنرىي ، Henry  ، ヘンリー  ، هنري ، 헨리 ، Αυτεπαγωγής  ،  Henri

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 09:48:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ يەشەككۈر

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4752
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 05:38:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ تېۋىپلار ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا دەستۇرى بويىچە داۋالاشنى داۋام ئەتكۈزىۋەردى. بىمار بىر ئاي ئىچىدە ئۆزىگە كىلىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

     بارىلىق ئەقىل ئىگىللىرىگە مەلۇمكى، مۇنداق مۇئالىجەنى چوڭقۇر ئىلىمى، يۈكسەك ماھارىتى ۋە ئۆتكۈر ئىدىراكى بولمىغان كىشى ھىچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ!

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3533
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 884 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 11:41:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يۇمۇرلۇق ئىش بوپتۇ.

بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

تەقدىر يۈكى باشى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20498
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6331
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 02:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇشبۇ ھىكايەت ‹چاھار ماقالە ›  ناملىق كىتابتىن ئىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.  ئۇ كىتابتا تۆت كەسىپ توغرىلىق ئاجايىپ مەلۇماتلار بىرىلگەن.(تىبابەت،مۇنەججىملىك،ئەدەبىيات قاتارلىقلار)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش