|
|
|
|
تىركىشىش
ئىرادە ئۈستىدىن يىقىلغان ئىستەك،
ئىلتىجا قىلىدۇ زىمىندىن شەپقەت.
ئۆمۈتنى يالمىغان سۈكۈت كۆزىگە،
تىقىلار غەزەپتە قاپقارا نەپرەت.
دولقۇنلار دەھشىتى،قىرىغان ۋادا،
نەقەدەر بىچارە يىگانە ياشاش.
ئۇنتۇلسا ئىزلاردىن كۆكلىگەن ئارمان،
دەلدەڭشىپ قارايدۇ قىپقىزىل قۇياش.
قارغايلار يىتىشىپ چىققان تۇپراقتىن،
ئارمانلار يىتىشىپ چىقارمۇ ئەمدى.
پىلدىرلاپ تۇرغاندا ئاخىرقى ئۆمۈد،
مىنىڭ دەپ يۇلقۇنۇپ چىقارمۇ قەلبى.
يىللارنىڭ قوينىدا تىپىرلار يۈرەك،
ئۆمۈتلا ئۆلمىسە ئۆلمەيدۇ كۈرەش.
تىنىچ سۇ يۈزىدەك تۇرسىمۇ دولقۇن،
قانلاردىن ياسايدۇ پەيتىدە ئۆركەش.
كېسەل كارۋىتىدا
ئاق كارۋات ئۈستىدە ئىڭرايدۇ بىمار،
ئاھ ئۇرۇپ پەلەككە زارىنى ئېيتىپ.
سارغايغان چېھرىدە چاقنار ئىلتىجا،
مۇڭ باسقان كۆزلىرى قايغۇغا پىتىپ.
ئالتۇن نۇرىنى بېرىدۇ قۇياش،
تەبەسسۇم قىلىدۇ ھەتتا كۆك ئاسمان.
بۇلۇتلار توپىدىن چاقنىغان زىيا،
قاراڭغۇ ئورماندا يالتىرار ھامان.
كۆزلىرى نۇرسىز،كېرىشكەن جىسمى،
ھاياتقا باغلىغان ئوتلۇق مۇھاببەت .
ئۆمۈتنىڭ ئىتىگە مىنگەن يۈرىكى،
ئۆلۈمگە كۆزتىكىپ ئوقۇيدۇ نەپرەت.
تاڭ سەھەر شەپەقتەك ئۇنتىغان ئۈنى،
ھاياتلىق قەلبىگە ئويۇلغان تىلەك.
ئۆلۈمگە ئىڭرىغان ھەربىر دوقالدا،
ھاياتقا تارتىشىپ تېپىرلار يۈرەك.
بىغۇبار ئەسلىمە باغلايدۇ ئۇنى،
ھاياتتېن ئۆلۈمگە چىللايدۇ ھىجران.
نۇر ئۆچكەن چىراققا ئوخشايدۇ كۆزى،
ۋە لىكىن قەلبىدە پۇتمەس ھاياجان.
|
|
|
|
|
|