22-مارت كەچتە دوللار قىممىتىنىڭ 84 نوقتىدىن تۇيۇقسىز 83.50نوقتىغا چۈشۈپ كىتىشى بىلەن ئالتۇن باھاسى 1380 دوللاردىن ناھايىتى تىزلىكتە ئۆسۈپ 1400 دوللارغا ھەتت 1415 دوللارغا يىقىنلاشتى .
ئالتۇننىڭ بۇنداق تىزلا 30 نەچچە نۇقتا ئىشىپ كىتىشى ئالتۇن مەبلەغچىلىرىنى ھەيران قالدۇرۋەتتى .
بىراق بۇ ئۆسۈشنىڭ ئۆمرى يىرىم سائەتكىمۇ بارمىدى .
دوللار قىممىتىنىڭ قايتا ئۆسۈپ 84 نوقتىغا چىقىشى بىلەن ئالتۇن قانداق ئۆسكەن بولسا يەنە شۇنداق چۈشۈپ ھەر ئۇنسىيەسى 1375 دوللارغا كىلىپ قالدى .
دوللار قىممىتنىڭ تىخىمۇ ئىشىپ 84.50 نوقتىغا چىقىشى ئالتۇننى يەنە چۈشۈش بىسىمغا ئۇچرۇتۇپ 1360 نوقتىغا كەلتۈرۈپ قۇيدى .
نۇرغۇن دوسىتلار چ چ دا ياكى ئۈندىداردا ؛--ھازىر ئالتۇن چۈشۈپتۇ . ئۇنداق بولسا بىر گىرام خام ئالتۇن قانچە پۇل ؟ دەپ سوراشسا يەنە بەزەن دوسىتلىرىمىز چاقچاق تەرىقىسىدە ؛-بىر كىلو ئالتۇن قانچىلىك چىقار ؟ پىشقىشتەك چىقارمۇ ؟ بىر كىلو ئالتۇن ھازىر قانچە پۇل بولار ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرۋىتىشتى .
مەن بۇ دوسىتلارنىڭ سۇئالىغا بۇ تىما ئارقىلىق جاۋاپ بىرشنى ئويلۇدۇم .
ئادەتتە ئالتۇننىڭ زىچلىقى يۇقۇرى بولغاچ بەكلا ئىغىر . ئالتۇننىڭ زىچلىقى بەك چوڭ بولغاچقا بىر كىلو ئالتۇننىڭ شەكلى بەكمۇ چوڭ بولمايدۇ .
ئادەتتە سىز شەكلىنى كۆرۈپلا 100 گىرام كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئالتۇن 300---400 گىرام كىلىپ قالىدۇ .
بىر كىلو ئالتۇننىڭ باھاسىغا كەلسەك ھازىر ئالتۇننىڭ باھاسى خىلىلا چۈشتى .
2013-يىلنىڭ باشلىرىدا بىر گىرام ئالتۇن 350 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى . شۇنداق بولغاندا بىر كىلو ئالتۇن 350 مىڭ يۈەن بولاتتى .
ھازىر خام ئالتۇننىڭ بىر گىرامى 285 يۈەندىن 290 يۈەنگىچە .
شۇنداق بولغاندا ھازىر بىر كىلو ئالتۇن 285مىڭ يۈەن ئەتراپىدا .
ئىككى-ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدىكى بازار باھاسىدىن بىر كىلو ئالتۇندا 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئەرزان .
بىر كىلو ئالتۇننى تىلفۇندا رەسىمگە تارتىېالغان ئىدىم . لىكىن مۇنبەرگە بىرقانچە قىتىم ئەكىرسەممۇ چىقمىدى .
كۆرۈپ باقماقچى بولغان دوسىتلار
http://1miskal.com/forum.php?mod ... 1&extra=#pid294
بۇ تىمىدىن كۆرۈپ بىقىڭلار . ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۇ رەسىمنى يۆتكەپ تىمىغا قۇشۇپ قۇيساڭلارمۇ بولىدۇ .