مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3680|ئىنكاس: 20

قومۇللۇقلار بۇ قەرىزنى قاچان تۆلەيدۇ ؟!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 04:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. شۇنداق ئېيتىلىپتۇركى قىيامەت مەشھەرگاھتا مۇڭگۇزى يوق قوشقارغا مۇڭگۇزى بار قوشقاردىن ئەنتىنى ئېلىپ بىرىدۇ ، سۇبھانە ئاللاھ بۇ كۇن ئەلۋەتتە ھەق جايىنى تاپقان كۇندۇر .

2. يەنە شۇنداق دىيىلىپتۇكى ئاللاھ خالىسا ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ئۆتۇپ  ئاشۇ بەندىسىگە رەھمەت قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمما  كىشىنىڭ ھەققىدىن ئاشۇ كىشى رازى بولمىغۇچە ئاللاھ ھەرگىز رازى بولمايدۇ ،

3. ئۇنداقتا پۇتۇن قومۇللۇقنى قەرىزدار قىلغان بۇ ھەقدار زادى كىمدۇ ، قومۇللۇقلار زادى كىمگە قەرىزدار قانچىلىك قەرىزدار ، ئەلۋەتتە قومۇل ئادەملىرىنىڭ ئەڭ ئەدناسى قومۇل توپىسىدەك خار كەمىنە توخوتۇرمۇ ئۆزەمنى مۇشۇ قەرىز تۆلەيدىغانلار قاتارىدا دەپ ئويلايمەن ،


4.گەپنى قىسقارتىساق قومۇل زىمىنى تاغدىن باشلاپ قومۇل شەھرىگە ، قومۇل شەھىرىدىن تۆۋەنتۇرغا ، تۆۋەنتۇردىن بوغازغا سوزۇلغان بىر يانتۇلۇق بولغان جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ، ئەلھال قومۇل تاغلىرىدىن ئېقىپ كەلگەن غوللار بەزى نومۇسسىزلار دىگەندەك  تاغدىن ئۇچ تۆت كىلۇمىتىر ئىقىپلا يەر ئاستىغا سىڭىپ يوقاپ كەتكەن ئەمەس .بەلكى تاغ غوللىرىدىن ئېقىپ كىلىپ گاھى يەر ئۇستىدە گاھى يەر ئاستى بىلەن بۇ يانتۇلۇقنى بويلاپ مېىڭىپ قومۇل خەلقىنى زۇمرەتتەك پاكىز بۇلاق سۇيى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ،  قومۇلدىكى بۇ ئەلۋەك سۇ قومۇللۇقلارنىڭ ئەجداتلىرىنى تەمىنلەپ  قالغىنى بۇغازنىڭ ئايىقىدىكى نەچچە يۇز گىكتار يەردىكى بوغاز توغراقلىقىنى تەمىنلەپ كەلگەن ،

5. ئۇشبۇ نەچچە يۇز گىكتار يەردىكى بوغاز توغراقلىقى   ئېھتىمال قومۇلدا ئىنسان ۋۇجۇدى بايقالماستىلا جانابى ھەق ئاتا قىلغان بۇ زۇمرەت سۇنىڭ ساھىپلىرى بولۇپ كىيىن قومۇلدىكى ئەجداتلىرىمىز تەبئەت بىلەن ئىناق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ توغراقلارنى ۋە بىزنى بۇ ئەسىرگىچە ئۇلىدى ،

6. نۇرغۇن قومۇللۇقلارنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك ، روس بىلەن ياخشىى ئىتپاق مەزگىللەردە روسلار كۆشۆتە ئىغىزدىن تاغ داۋايدىغان يولىنى لاھىيلەپ ياسىدى ، لېكىن روسلار تەكشۇرۇپ ئەمەلدىن قالدۇرغان يەنە بىر تۇرمۇ بار ئۇبولسىمۇ قومۇلغا غايەت تەسىر كۆرسەتكەن تۆرۇك ئامبار قۇرۇلۇشى ، روس ئىنجىنىرلىرى تەكشۇرەپ بوغاز تەرەپتىكى نەچچە يۇز گىكتار يەردىكى بىپايان توغراقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ، تۆرۇك ئامبار سېلىش پىلانىنى  توختاتقان ، بۇ قومۇل ئىكلۇگىيىسىنى بۇزىدىغان   تەبئىەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان بىر پىلاندۇ ر دىگەن يەر گە كىلىشكەن ، روسلار تىزلا چىقىپ  تەبئەتنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرى ئاخىرى بۇ تۆرۇك ئامبار پىلانىغا پۇتۇن قومۇلنى سەپەرۋەر كەلتۇرگەن ، شۇنداق قىلىپ تۆرۇك ئامبار پۇتۇپ چىقىتى ، ئەمما بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلار نىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان سۇ مەنبەسى رەھىمسىزلەرچە ئۇزۇۋېتىلدى ،


7.تۆرۇك ئامبار قۇرۇلۇپ ھەقىقەتەن قومۇلنىڭ تەرەققىياتى نوپۇس يۆتكەش ، ۋە يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىمى قومۇل شەھرىنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇردى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قومۇل پۇقرالىرى بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارغا سەن ئۆل بىز ياشايلى دىگەندەكرەك بىر خىتاپنى بەردۇق ،


8. دىگەندەك بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلىق قۇرۇپ كەتتى ، كۆز ئالدىمىزدىكى يىگىرمە نەچچە كۆل قۇرۇپ تۇگۇدى ،  ئەمما قومۇل گۇللەندى تەرەققى قىلدى ، قومۇلغا كەلگەن رەھبەرلەر ياكېشى دەيدىغان بولدى ، بوغازنىڭ ئايقىدىكى قاغىجىرىغان توغراقلار تىلسىز بولغاچقا بۇ مېنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سۇيۇم ئىدى  دىيەلمىدى ، توپتالدىكى  يولداشلار قۇرىغان توغراقنى خالىغانچە كىسىپ قالاشقا باشلىدى ،


9. مەن شۇنىڭغا ھەيران قومۇلنىڭ نەچچە ئەۋلات رەھبەرلىرى قومۇلنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرىغا دەھشەت كۆڭۇل بولۇپ كۇلىمۇ كۇلى كۆچەت ئېلىپ چىقىپ قومۇل شەھىرىنى كۆكەرتتى  ،ۋاھالەنكى قومۇللۇقلار بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارنىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى تارتىۋېلىپ توغراقلارغا  جان قەرىزى بولغان ئىدى ، ئەمما قومۇلنىڭ كوچىسىنى كۆكەرتكەندە بىرمۇ رەھبەر بىز توغراقلارغا قەرىز شۇڭا قومۇلنىڭ شەھەر كۆكەرتىشىگە توغراق تىكىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىمىدى ، پەقەت قايسى دەرەخ چىرايلىق خۇشبۇي بولسا مەيلى ئۇ سۇنى جىق ئىچەمدۇ ، ھەممىسىن ىئېلىپ كىلىپ تىكتى ، ھەي خىش ھەي دەرۋىش ، قوڭاڭدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۇۋى دىگەندەك ، قومۇللۇقلار ئالدى بىلەن توغراقلارغا بولغان جان قەرزىنى تۆلەپ مىننەتدارلىق بىلدۇرۇپ ئاندىن چىرايلىق بولۇشنى ئويلاشسا بولماسمىدى ،  رەھبەرلىرى قومۇلنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرىغا دەھشەت كۆڭۇل بولۇپ كۇلىمۇ كۇلى كۆچەت ئېلىپ چىقىپ قومۇل شەھىرىنى كۆكەرتتى  ،ۋاھالەنكى قومۇللۇقلار بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارنىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى تارتىۋېلىپ توغراقلارغا  جان قەرىزى بولغان ئىدى ، ئەمما قومۇلنىڭ كوچىسىنى كۆكەرتكەندە بىرمۇ رەھبەر بىز توغراقلارغا قەرىز شۇڭا قومۇلنىڭ شەھەر كۆكەرتىشىگە توغراق تىكىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىمىدى ، پەقەت قايسى دەرەخ چىرايلىق خۇشبۇي بولسا مەيلى ئۇ سۇنى جىق ئىچەمدۇ ، ھەممىسىن ىئېلىپ كىلىپ تىكتى ، ھەي خىش ھەي دەرۋىش ، قوڭاڭدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۇۋى دىگەندەك ، قومۇللۇقلار ئالدى بىلەن توغراقلارغا بولغان جان قەرزىنى تۆلەپ مىننەتدارلىق بىلدۇرۇپ ئاندىن چىرايلىق بولۇشنى ئويلاشسا بولماسمىدى ،


10 . قومۇللۇقلار ھەقىقەتەن بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارغا لۇكچەكلەرچە مۇئامىلە قىلدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى تارتىۋالدى ، ئەمدى بولسىمۇ گۇناھىنى يۇيۇپ ئۇلارغا بىرەر ئېرىق سۇ بىرىشى ، ھەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن قومۇل شەھرىگە كۆپلەپ توغراق تىكىشى كېرەك ئىدى ، بۇ تاغقا ياماشقان يولدىكى كۆكەرتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا بولاتتى ،

11. شۇنداق مېنڭچە قەرىز تۆلەش ئىمانى ئىنسابى ، نومۇسى بار قومۇللۇقنىڭ ئىشى ، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق توغراقلارغا نىم بولسا بولمامدۇ ، دەپ قەرىزدىن تېنىش ئۆزى نومۇسسىز قومۇللۇقنىڭ ئىشى ،  ھەي قومۇللۇقلار  بىز ئەلۋەتتە بوغازنىڭ ئايقىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقزارلىقلارغا قەرىز ياندۇرايلى ، قۇتقۇزغۇدەكنى قۇتقۇزۇپ قالايلى ، شەھرىمىزگە ئەمدى توغراق تىكىپ  بۇ سۇدىن توغراقلاربىلەن تەڭ بەھرىمان بولايلى ، چۇنكى بىز ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئىچىۋاتىمىز .


12. بىر ئۆسۇملۇك مۇتەخەسىنىڭ دىيىشىچە قومۇلدىكى پۇتۇن كۆكەرتىش قوشۇلىسمۇ ئەمما بوغازنىڭ ئايقىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقنىڭ كۆلىمىگە تەڭ كىلىشتىن خېلى بەك يىراقكەن ،


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 08:20:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈچلۈك تەپەككۈر بىلەن ياخشى يېزىلىپتۇ، توغرا دەيسىز. قۇمۇللا ئەمەس دىيارىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك شۇنداق ئەھۋاللار بولىۋاتىدۇ...

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 09:37:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبئەتكە شۈنچىلىك قەرىز بولدۇقكى ياقىمىزدىن سىقمىسۇن ، سىقىپلا قالسا ئىشمىزچاتاق، بېشىمىزنى بىناغا ئۇرۇپ يىغلىساقمۇ بىكار!
تەبئەت بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بىلسەك، ئاتا-ئاننىڭ خىزمىتنى قىلىش بىزلەرنىڭ بۇرچىمىز ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-23 09:38 AM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32899
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12093 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 09:47:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە باشتا بۇزۇپ ئاندىن تۇزەيمىز دە يدىغان ئىش بار .....شۇ بۇزۇلغان موھىتنى  ئەسلىدىكىدىن نەتچى ھەسسە قۇربانلىق بىرىپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ. دەرەخ تىكىشكە توغرا كەلسە شۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورننى ۋە قايسى خىل دەرەخنىڭ ماس كىلىشىگە قارىماي بەلىكى  ئاشۇ ئورۇندىكى ئاساسلىق باشلىقنىڭ قايسى دەرەخنى ياخشى كۆرشى ئاساس قىلىنىدۇ.ھەتتا بىرەر شەھەر ئەمەس بەلىكى ئادەتتىكى بىر ئىدارىنىڭ ياكى بىر ئائىلىكلەر رايونىنىڭمۇ كۆكەرتىش ئىشلىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

.       . .    .  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2732
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9515
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 09:55:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 11:46:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنسەپدارلاردا ئادىمىيەت دەيدىغان نەرسە قالماپتۇ، پۇل بولسىلا باشقىسى بىلەن كارى يوق.

بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1074
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:05:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تۆمۈركام ،خوجانىياز پاگانلار تۈنىگەن توغراقلارمۇشۇ ،ئسىت ئۆلمىسەم بىركۆرمەسمىدىم .
توغراقلار بىزنىڭ  قۇمبۇراندىن قاراۋۇللىرىمىز ، قورغانىمىز ئىدى ئىدى .
توغراققا جان ،ھايات قەرزىمىز بار بىزئۇيغۇرلارنىڭ .
راس شەھەرلەرگە توغارق تىكسەك بۇلىدۇ ،لىكىن كىشىلەر قورقۇپ كىتەرمىكىن دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78728
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىلارنى ئىجادىي، ياخشى يازدىكەنسىز. لىكىن، شاڭجاڭنىڭ يىغىن دوكلاتىدەك  ئابزاسلارنى 1-2-3-4-دەپ غەلىتە بىر نېمى قىلىپ قويىدىكەنسىز، ئۆتكەندە بىر تېمىڭىزمۇ شۇنداق يېزىلىپتۇ. بىرلىككە كەلگەن ئىشنى قىلايلى غەلىتىلىكنى تۈگۈتۈپ.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخۇتۇر ، مىسىرانىمدا تىمىڭىز بىلەن يەنە بىرقىتىم ئۇچىراشتىم. ئىنسان تەبىئەتنىڭ  گۈزەللىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.  تەبىئەتنى قوغداش كېرەك.      

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1074
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:27:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تۆمۈركام ،خوجانىياز پالگانلار تۈنىگەن توغراقلارمۇ شۇ ،ئسىت ئۆل مىسەم بىركۆرمەسمىدىم .
توغراقلار بىزنىڭ  قۇمبۇراندىن قاراۋۇللىرىمىز ، قورغانىمىز ئىدى ئىدى .
توغراققا جان ،ھايات قەرزىمىز بار بىزئۇيغۇرلارنىڭ .
راس شەھەرلەرگە توغرا ق تىكسەك بۇلىدۇ ،لىكىن كىشىلەر قورقۇپ كىتەرمىكىن دەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش