مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 15

بىر قىزغا خەت. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن قانچە كۈچلۈك بولساڭ زىممەڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43367
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3778
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1997 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 02:26:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆچمەس(تەبەسسۇم)



ئاسمانغا يۇلتۈزلار شۇنچە ياراشقان ،

شۇئايدىڭ كىچىدە ساڭا بەخىت تىلەيمەن.

يۈرۈكۈمدە باردۇرئۆچمەس(تەبەسسۇم)

شۇكۈنلەردە ساڭا بەخىت تىلەيمەن.



سەن بىلەن تۇنجى كۇرۇشۇش قانچە تەبىئى بولغان بولسا سەندىن ئايرىلىشمۇ شۇنچە تەبىئى ،شۇنچە ئاددى بولدى.

ئىسىڭدىمۇ بىز تۇنجى قىتىم
بىر مۇنبەردە تۇنۇشقان،سەن يۇرتقا بولغان سىغىنىشىڭنى يۇرتلۇق بىرەرسىدىن تىپىشنى مەخسەت قىلغانمۇ قانداق ماڭا ئۇچۇر يوللاپ دوست قىلىپ قۇشۇۋالغان .بىزنىڭ تۇنۇششىمىز ئەنە شۇنداق ھىچقانداق مەخسەت غەرەز يۇشۇرۇنمىغان ھالدا تەرەققى قىلىپ دوستلۇق دەرىجىسىگە يەتكەن.

ماڭا ھەرقىتىم كۆڭلۈڭدىكى سىرلىرىڭنى ،دەرتلىرىڭنى ئىيتىپ بىرەتتىڭ.دىمىگەن تەقدىردىمۇ مەن بىلىۋالاتتىم.

تا ھازىرغىچە كۈلگۈم كىلىدۇ ،ئانام بىلەن ئاچامدىن باشقا ھىچقانداق بىر قىز بىلەن يۈرەكلىك پاراڭلىشالمايدىغان مىنى سەن ئۆزگەرتكەن ئىدىڭ.

تۇنجى قىتىم ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم.

مەندىن ئۈچ ياش چوڭ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن مىنى ئۇكام دەيتتىڭ منى بولسا ئاچا دىيىشكە كۆندۇرگەن.

مەن ئالى مەكتەپ دىگەن قانداق يەر بىلمەيتىم(ھازىرمۇ ھەم بىلمەيمەن)

سەن ماڭا ھىس قىلدۇرغان.مەكتەپتىكى بەزەن ئىشلارنى دەپ بىرەتتىڭ. سىنىڭ شۇنچە كۆپ دەرسلەردە يىتىشىپ شۇنچە كۆپ بىسىملارنى يىڭىپ
قىلغان تەقۋالىقلىرىڭ ماڭا بەك تەسىر قىلغان.ئۆزۈمنىڭ شۇنچە ۋاقتىم تۇرۇپ شۇ ئىشلارنى قىلمىغانلىقمنى ئويلاپ نۇمۇس قىلاتتىم.مەن يەنىلا سىنىڭ تەسىرىڭدىن ئۆزگەرگەن(ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن ئاللاھ قا مىڭ مەرتىۋە شۈكىرى)

ئوقۇۋاتقان ۋاختىڭدا ھاياتىڭدىكى ئەڭ مىھرىبان،ئەڭ سۈيۈملۈك ،ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ تىغى بولغان ئاتاڭدىن ئايرىلىپ قالغىنڭنى ئيتقان ۋاختىڭدا نىمە قىلىشىمنى،ساڭا نىمە قىلىپ بىرشىمنى بىلەلمىدىم.

چۈنكى مەن ئامالسىزئىدىم.

ئۇقۇش پۇتتۈرۈپ كىلىپ كۆڭۆلدىكىدەك بولمىسىمۇ ئەمما ئۆز يۇرتۇڭدىن خىزمەت تاپتىڭ.توۋا دەيمەن ئاتمىش ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئازماي تازماي ئۆز يىزاڭغا چۈشكەنلىكىڭنى ئىيتقىنىڭدا سەن ئۈچۈن ئاللاھ قا چەكسىز ھەمدۇ سانا ئۇقۇغان،ئاناڭ ئۈچۈن خۇشال بولغان ئىدىم.

خىزمەتكە چىقىپ جەمىيەتنى چۈشەنگەن ۋاختىڭدا سىنىپ، ئاشخانا،ياتاقتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆي ئىچىدە ئۈگەنگەن
بىلىملىرىڭنىڭ ئازراقمۇ ئەسقاتمىغانلىقىنى ئىيتىپ داتلىغان.باشلىقىڭنىڭ ئىككى ئىغىز سۆزىگە بىر ھەپتە باتناپ باشلىق بولغانغا تويغۇز غانتىڭ.........

بەكلا گۈدەك بولسام كىرەك ئۆيدىكىلەر توينىڭ گىپىنى چىقارغاندا سەندىن سۇراپ يۈرۈپتىكەنمەن.ئەمما سىنىڭ نىمە ئويلىغىنىڭنى بولسا قىلچىمۇ سەزمىگەن ئىكەنمەن.

ئۆيدىكىلەر توينىڭ ئىشىنى دىيشىپ بولغاندا ساڭا دىگەنلىرىمنى ئويلىسام
نىمەئۈچۈن شۇنداق قىلغاندىمەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن.

توينىڭ گىپى چىققاندىن كىيىن ئاۋال مەن ئۈزۈمنى سەندىن تارتقان ئىدىم .

سەۋەبى بولسا مەندە ئۆزگۈرۈش بولغان ئىدى،يەنى ساڭا قارىتا مەندە كۆڭۈل باش كۆتۈرگەنكىلىكىنى ھىس قىلىپ ساڭا يۈزتۇرانە دىيەلمەي خەت يىزىپ بۇندىن كىيىن ئالاقە قىلماسلىقنى ئيتقان ئىدىم.ئارلىقتا بەش كۈن ۋاقىت ئۆتتى ،ساڭا كۈنۈپ قالغانلىقىمغا ئىقرار بولدۇم،سەنمۇ ھەم تىلىفۇن قىلىپ
مىنى راسا تىللىغان ئىدىڭ.شۇندىن كىيىن كۇرۇشكەن بولساقمۇ بۇرۇنقىدەك بۇلالمىدىم.ئارىدىن يىرىم يىل ئۈتۈپ توي قىلدىم.توي كۈنى ماڭا تىلىفۇن قىلىپ مىنى تەبرىكلىگەپ ،ماڭا بەخىت تىلىدىڭ.توي كۇنى تۇيۇقسىز تۇنجى كۇرۇشكەن ۋاختىمىزنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

ئۇ كۇنى سەن سەپەرگە چىقان ،يەنى مەكتىۋىڭلارغا يىغىلىشقا ماڭغان ئىدىڭ ئۆزۈڭنىڭ يەل-يىمىش،ئۇششاق يىمەكلىككە ئامراقلىقڭنى بىلگەچكە بىر دۇكاندىن لىق بىر خالتا سىتىۋلىپ شۇنداقلا بىرىشكە چىدىماي ئاددىغىنە بىر قول سائەتنى ئىلىپ خالتىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويدۇم،بولمىسا سىنىڭ ئالماسلىقىڭ ئىنىق.

شۇۋاقىتتا سىنى كۈرۈپ شۇنچە ھەيران قالدىم.مەن ئازراق سىمىزلىكىڭنى رەسىمدىن كۆرگەن بولساممۇ ئەمما سىنى پاكار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن . شۇچاغدا دىققەت قىلدىڭمىكىن بۇيۇمنى سىلىشتۇرۇپ كۆرگەنتىم(ھىھىھىھى)

ماشىنىغا چىقىپ قول سائەتنى كۆرگەندىن كىيىن ‹نىمە ئىش بۇ› دەپ سۆزلەشلىرىڭ شەيتان كۈلكەمنى قوزغىغانىدى.

تۇغۇلغان كۇنۇمنى دەپ بەرمىسەم ئۇنىماي سۇراپ بىلىۋالغان ئىدىڭ.

ئۇكۇنى يولدىلا چوڭلا خالتىنى بىرىپ كەتتىڭ،ماڭا ئۇنچە نەرسە ئالار دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ئالدى بىلەن كۆرگىنىم چىرايلىق دوپپا بولدى،يەنە بىر نەچچە كىتاپ ،بىردانە بەل تاسمىسى،بىردانە پۇل قاپچۇقى بار ئىدى.

تۇغۇلۇپ مۇشۇ ياشقا كەلگىچە تۇغۇلغان كۈنۈمدە تۇنجى قىتىم باشقىلاردىن ،شۇنداقلا تۇنجى قىتىم بىر قىز بالىدىن سوۋغات ئىلىشىم بولغاچقا بەكلا خوشال بولدۇم.

مەن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە بولسا ناھايىتى ئاددى بىر يان تىلىفۇن سوۋغا قىلغان ئىدىم باشقا نەرسە قەتئى كاللامغا كەلمەپتۇ،بەلكىم تىلىفۇنۇڭنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەپ بولسا كىرەك.

مەن توي قىلىپ بىريىلدىن كىيىن تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشىڭ
بىلەن تويقىلىدىغىنىڭنى ئيتتىڭ .بۇچاغدا ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بىلەن مىنىڭ قىزىم بىر ئايلىق بولغان ئىدى.

ئەمما سىنىڭ تۇيۇڭ بولغان كۇنى ،توي بولغان ئۇرۇن بىلەن مىنىڭ ئارلىقىم 500 مىتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردە تۇرۇپ ساڭا تىلىفۇندا بولسىمۇ بەخىت تىلىيەلمىدىم.تويۇڭ بولغان كۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەي غەلىتە بوپ قالدىم خۇددى بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ ھىچقانداق ئىش خوشياقمىدى.

مانا بۇگۇن توي قىلغىنىڭغا يىگىرمە كۈن بولدى،ئاخىرى ساا تىلىفۇن قىلدىم .سەن ئالمىدىڭ.ئەمما چۈشتىن كىيىن ئالدىراشلىقىڭدىن ئالالمىغانلىقىڭنى ئيتىپ ئۆزۈڭ تىلىفۇن ئۇرۇپسەن ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم.ئەسلى سەن بىلەن بۇدىن كىيىن داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنى ئويلىغان ئىدىم .

ھىس قىلسام بولمىغۇدەك شۇڭا بۇگەپلەرنى بۇيەرگە
يازدىم ؛؛؛

بەخىتلىك بولغىن ،ئاللاھ تىن ساڭا پاك قەلبىڭ بىلەن( ئايالىمغا ئوخشاش) ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭ بولغان يولدىشىڭغا ئۈمۈت،غەيرەت-جاسارەت بىغىشلاپ ئۆمرۈڭلارنىڭ ئاخىرغىچە ئايرىلماي ياشىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

سىنىڭ بۇرۇندىن مۇنبەر ئارلايدىغىنىڭنى بىلەتتىم شۇڭا بۇ خەتنى ئىككىمىز تۇنۇشقان
مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم


سىنى كۈلدۈرۈپ كۈلدۈرەلمىگەن ئىنىڭ

ئۇماقتىن.


2013-5-23 دىيارى قەشقەر



جانلا بۇلىدىكەن چۇقۇم ئۆلىدۇ! ھەرمىنۇت،ھەرسىكىنۇت ھەممىمز ئۈچۈن مۇھىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87161
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 09:34:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم،بۇ خەتنى ئۇقۇپ،شۇنداق تەسىرلەندىم،خۇددى بىر لىرىك ناخشا ئاڭلىغاندەك بولدۇم،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارغا بەخىت ئاتا قىلسۇن!

ئىلى ـ دىيار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81012
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 09:52:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  ياخىشى  يىزىلىپتۇ  قىرىندىشىم  قولىڭىزغا  دەت  كەلمىسۇن   

ئىلى ـ دىيار

.       . .    .  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2732
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9518
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:26:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىيىزىلىپتۇ ،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارغا بەخىت ئاتا قىلسۇن!

.       . .    .  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2732
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9518
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:26:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىيىزىلىپتۇ ،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارغا بەخىت ئاتا قىلسۇن!

.       . .    .  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2732
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9518
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:26:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىيىزىلىپتۇ ،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارغا بەخىت ئاتا قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:30:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا  دەت  كەلمىسۇن   

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6533
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 11:04:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم (مۇنبەر ) جىق ھىكايىلەرگە شاھىت بولغان چىراي !
ئەمدى بىرەسى چىقىپ    بىر يىگىتكە خەت  دەپ يازارمۇ ؟    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tapalmidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-23 11:05 AM  


ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7888
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:03:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى قايسى قىز بولغىيتى ئۇ، بۇ ئەسەرنى مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىزمۇ ھەر ھالدا ياخشى بوپتۇ دەپ قارايمەن، باشقىلارغا بەخىت تىلىيەلىگەن كىشىنىڭ ئۆزىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختىيار كىشى ھىساپلىنىدۇ..

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 03:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبەسسۇم قىزچاق  تىز جاۋاپ خەت قايتۇرۇڭ، بولمىسا ئۆزەملا جاۋاپ خەت يېزىۋىتمەن جۇمۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-26 03:48 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش