ئەزەربەيجان، قازاقىستان شىمالىي كورىيە بىلەن قورال سودىسى قىلغانلىقىنى ئنكار قىلدى
جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىدە بېسىلغان ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا ب د ت نىڭ قورال سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، شىمالىي كورىيە بىلەن قورال-ياراق سودىسى قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
ئەزەربەيجان شىمالىي كورىيىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
ئەزەربەيجان دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللايېۋ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇخبىرغا باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىي كورىيىدىن قورال سېتىۋالماقچى بولغانلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئىنكار قىلدى، ئۇ بۇ ئۇچۇر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دېدى.
ئابدۇللايېۋ باكۇ دائىرلىرىنىڭ بۇ ئۇچۇرنىڭ قانداق قىلىپ ب د ت دوكلاتىغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەزەربەيجاننىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىشىچە، يەر شارىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر بېرىپ، شىمالىي كورىيە شىركىتىنىڭ ئەزەربەيجانغا 70 يۈرۈش ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنىڭ ب د ت مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى ھەمدە ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ دېيىلگەن.
ب د ت ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا ئاساسەن، ناگورنو-قارا باغ توقۇنۇشىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيىگە قورال سېتىش چەكلىنىدۇ.
يېقىندا، ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان ھەربىي جازاغا خىلاپلىق قىلىش پائالىيىتىگە ئالاقىدار دوكلات ئاشكارىلانغان. بۇ دوكلاتتا ئەزەربەيجان، قازاقىستاننىڭ ھەربىي قورال-ياراق سېتىش چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىمالىي كورىيە بىلەن قورال سودىسى قىلماقچى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالاش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ دوكلاتتا ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىي كورىيىدىن ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىق پائالىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر كومىتېت شىمالىي كورىيىنىڭ Mining Development قارمىقىدىكى شىمالىي كورىيە سودا شىركىتى خېسوڭ Hesong شىركىتىنى جازالاش تەكلىپى بەرگەن، مەزكۇر شىركەت ئەزەربەيجانغا 70 دانە ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىش مۇددىئاسىدا بولغان. 2012-يىلى، ئەنگلىيە قورال-ياراق سودىگىرى مايكول ئەزەربەيجانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش غەرىزىدە بولدى دەپ ئەيىبلەنگەن، ئەنگلىيە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مايكولنىڭ ئەزەربەيجاندىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى تەمىنلىگەن.
ئەنگلىيە تەكشۈرۈش تارماقلىرى مايكول بىلەن شىمالىي كورىيە قورال تەمىنلەش سودىگىرىنىڭ ئېلخەت يوللانمىسىنى بايقىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ دوكلاتىدا بىرلا ۋاقىتتا قازاقىستان پۇقراسىنىڭمۇ شىمالىي كورىيىگە قورال-ياراق توشۇش، سېتىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ب د ت مەخسۇس كومىتېتى تايلاندتا قولغا ئېلىنغان قورال-ياراق سودىگىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ 2009-يىلى ئايروپىلان ئارقىلىق شىمالىي كورىيىگە تەخمىنىي قىممىتى 16 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر كومىتېتى شىمالىي كورىيىگە قورال توشۇشقا چېتىشلىق قازاقىستان پۇقراسى ئالكساندىر جىكوف ۋە ئۇكرائىنا پۇقراسى يۇرى لۇنوف، ئىگور كالىف قاتارلىقلارنى جازالاش تەكلىپىنى بەردى.
قازاقىستان دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرۇپ:«بىز قازاقىستان پۇقراسىنىڭ خەلقئارا ھەربىي قورال-ياراق سودىسىنى چەقلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، شىمالىي كورىيىگە قورال ساتقانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرنى كۆردۇق. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى تېخى ئىسپاتلانمىدى دەپ قارايمىز. بىز يەنە قازاقىستاننىڭ ئۆتمۈشتە ۋە ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىك سىياسىتىنى يەنىلا قوللايمىز. بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق مەڭگۈ ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ» دېدى.
قازاقىستان پۇقراسى ئالىكساندىر 5-ئاينىڭ 16-كۈنى يەرلىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:« مەندە مېنىڭ قاتناشمىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت بار. مەن گۇناھسىز. مەن بۇ سەتچىلىك بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتىم يوقلىقىنى قايتا تەكىتلەيمەن. ئەگەر سىلەر بىرەر ئىش بولدى دېسەڭلار، ئۇنداقتا مەن سوتقا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن، نېمىلا بولمىسۇن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئابرويى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىمنى قوغداش ھوقوقۇم بار» دېدى.
مەنبە: جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىدىن قارلۇق تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-22 11:38 PM