مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14079|ئىنكاس: 56

ئېرىم ، مانا ئەمدى ئەرگە ئوخشىدىڭىز ( ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1247 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 11:06:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېرىم ، مانا ئەمدى ئەرگە ئوخشىدىڭىز

( ھېكايە )

ئاياق تىۋىشى ئىشخانامنىڭ  ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئىشىك چېكىلدى. ئىشىكنىڭ چېكىلىش تولىمۇ يىنىك تەبئى ئىدى.

-كېرىڭ.

-ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم !

- ۋەئەلەيكۇم ئاسسالام، كېلىڭ. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ.- چوكان مەن كۆرسەتكەن ئورۇندۇققا بېرىپ تارتىنىۋىپقىنا ئولتۇردى.

-ئۆتكەنكى ئەسىرىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتىكەن ، ئاڭلاتقاندىن كېيىن ناھيىتى ياخشى ئىنكاسلار بولدى-دېدىم مەن ئاردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.

-مەن قايىتاي ،ماۋۇنى كۆرۈپ باقارسىز-دېگىنىچە چىرايلىق قاتلانغان ئىش قەغىزىنى ماڭا بېرىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ مېنىڭ ماختاشلىرىمنى ئاڭلىغۇسى ، بۇ يەردە ئۇزاقراق تۇرغۇسى يوقتەك قىلاتتى.

« ئەتراپىمدا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مېنى تەتۈر قىيناپ كېلىۋاتقىنىغا خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. ھىچ قۇتۇلالمىدىم. ئوي-خىياللىرىم مۇرەككەپ . ھەر قانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ يارىماس بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ئەرنىڭ يارىماس بولۇپ قېلىشى ئايالنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. يۇمشاق باش ئەرلەردىن ئاچچىقى يامان ئايال مىڭ ياخشى.

ساداقەتنى ، ۋاپانى ، سەۋرىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلمىغان ئايال شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدۇ.ئېرىنى ھۆل قىشقا دەسسىتىپ ، ئۇنىڭ بۆكىگە جىگدە سېلىپ ياشايدۇ. گۇناھتىن قورقىمايدۇ، ھارامدىن يانمايدۇ. راستتىنى دېسەم ئاياللارنىڭ ئېزىقىپ كىتىشىدە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر. ئەپسۇس،بەزى ئەرلەر پۇل ئۈچۈن بىر كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالغان چىغى، ئاڭلىق ئەرلەرلەر كۈندىن –كۈنگە كۆپۈيىپ كەتتى. ئېرىم مەن سىزنىڭ شۇنداق ئەرلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ، ھەر بىر ئىش ھەركىتىڭىزدە ئەرلىك جەزبىڭىزنى نامايەن قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. جېنىم ئىرىم ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ ، يەرلا بولسا ئۇرۇق سېلىپ «ئايال»دىن ئىبارەت بۇ مېۋىنى چېچەك ئاچتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، يەرگە لايىق ئۇرۇق بولۇشى، ئۇنى قانداق ئۈندۈرۈپ، قانداق ئاسراپ، قانداق ئۆستۈرۈشنى ، چېچەكلىتىپ مېۋە ئېلىشنى ئۆزىنى مەن ئەركەك دەپ ياشاۋاتقانلار بىلىشى،تەگى-تەكتى بىلەن چۈشىنىش كېرەك. قىسقىسى بارلىق مېھرىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا بېرەلىشى ، جايىدا ، ۋاقتىدا ئاتا قىلالىشى كېرەك. شۇندىلا قىزىل گۈل لەۋلەردە ئەمەس، يۈرەكلەردە پورەك ئاچىدۇ. مانا شۇنداق قىلالىغان ئەر خوتۇنىنى يۈرىكىدىن سۆيەلەيدۇ، سۆيۈلەلەيدۇ.ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى ، ئىشەنچىسى بىر-بىرىدىكى كەملىكنى تولۇقلاپ بارىدۇ. مەن نۇرغۇن ئاياللار بېلەن مۇڭدىشىش ، پىكىرلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ‹ ئېرىم، مانا ئەمدى ھەقىقى ئەرگە ئۇخشىدىڭىز !  › دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە نەقەدەر تەشنا ئىكەنلىڭىنى تۇنۇپ يەتتىم. دېمەك ئۇلارنىڭ قەلبى ئەرلىك مېھرىگە تەشنا!...»

مەن چوكاننىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نىمىشقىكىن ئېغىر ئۇھ تارتتىم. بېشىمدىكى دوپپامنى شىرەسىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپ، چەكسىز ئويلار قاينىمىغا غەرق بولدۇم. چوكاندىكى دادىللىق، دىت ، تەخىرسىزلىككە بولغان جىددى مۇئامىلە مېنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئۇھ تارتقۇزدى. چوكان توغرا دەپتۇ ، خوتۇنىنىڭ مېڭىش-تۇرۇش، كىيىنىشلىرىگە ئىگە بولمىغان، ئەرنى قانداقمۇ ئەركىشى دېگىنى بولسۇن؟! ئەل كۈلسە كۈلمىگەن ، ئەل قايغۇرسا قايغۇرمىغان ئەركەكنى قانداقمۇ ئەركەك دېگىنى بولسۇن؟؟...قاچاندىدۇر بىر ۋاقىتتا ، قەيەردىدۇر بىر يەردە  ئاڭلىغانلىرىم قۇلاق تۈۋىمدە تەكرارلىنىشقا باشلىدى.

- ئېرىم نېمە قىلىپ بەر دېسەم شۇنى قىلىپ بېرىدۇ.

-ئېرىم بەك ئاق كۆڭۈل گېپىمنى يىرمايدۇ.

-مېنىڭ كۈنۈم بەك تەس ، سىرتتا ئازىراقلا ئاۋارە بولۇپ قالسام ، كۆرۈدىغان كۈنۈم بار.

-ۋاي، ۋاي بىچارە . ئېرىمچۇ ماڭا بەك ئىشىنىدۇ، كەچ قالساممۇ توغرا چۈشىنىدۇ.

-ئىرىم مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ، سىرتلاردا قونۇپ قالساممۇ سەۋەبىنى ئانچە سۈرۈشتۈرمەيدۇ.

-....

-...

« مانا بۇ بىزنىڭ ئاياللىرىمىز!» ، « مانا بۇ بىزنىڭ باللىرىمزنىڭ ئانىللىرى»، « مانا بۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئانىللىرى » ... بىر-بىرىدىن توقۇناق تۇيغۇلار مېنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى. ۋەھىمىلىك خىياللار تەتۈر قىيناشقا باشلىدى. « ئەر » ، « ئەركەك » توغرىسىدا قايتتا ئويلىنىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم. چوكاننىڭ يازمىسى  ماگىنىت تۆمۈر پارچىسىنى ئۆزىگە تارتقاندەك مېنى ئۆزىگە تارتىۋالغانتى.

« بەلكىم ئەرلەر مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقاچقا بىز ئاياللار ھەددىمىزدىن ئېشىپ كېتىۋاتقاندىمىز.ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ ياكى ئاچا سىڭىللىرىنىڭ گۇناھ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇنى توسقان ئەيىپلىگەن ياكى بىر شاپىلاق سالغان بولسا،نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى –ھە؟ .لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى بەلكى مەزلۈمەلەرگە يامان نىيەتتە بولدى.شۇنداق قىلىپ ئەرلەر ئۆزىنى باشقۇرالمىغاچقا،ئاياللارنىمۇ ، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ باشقۇرالمىدى.ئەرلەرنىڭ يۇمشاق باشلىقى قىز ئاياللىرىمىزغا تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولدى.  مودا دېسە جان بىرىدىغان ، ئەر قېرىندىشىدىن ئەيمەنمەي ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئېچىپ يۈرىيدىغان ، نامەرەمگە پىسەنت قىلمايدىغان بىر تۈركۈم قىز-ئاياللىرىم مەيدانغا چىقتى .

ئېھ ھەممىگە قادىر ئاللاھ، قەلىبىمىزنى پاكلاپ ، مۈشكۈلۈمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن !پەقەت سەنلا شۇنداق قىلىپ بېرەلەيسەن ... ئاياللارنى دوۋزاق ئەھلىدىن قىلىپ قويمىغىن... ئەرلىرىمىزگە ، ئەركەكلىرىمىزگە بىزنى قوغدايدىغان جاسارەت بەرگىن، ئۇلاردىكى ئەرلىك تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ بەرگىن...قاغجىرىغان روھىمىز ئەرلىك مېھرىگە قانسۇن!...يۈرەكلىرىمىز ‹ ئېرىم، مانا ئەمدى ھاققى ئەركە ئوخشىدىڭىز! › دەپ ۋاقىرىۋالسۇن!...  »

ئىشىكنىڭ چېكىلىشى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى. راستتىنى دېسەم بۇ دەقىقىدە بىرىنىڭ كېرىپ ماڭا دەخلى قىلىشىنى خالىمايتىم. شۇڭا ئىشىككە قاراپ قويۇپ جىم ئولتۇردۇم. ئاياق تىۋىشى ئىشىك ئالدىدىن يىراقلاشتى. مەن يازمىنى ئوقۇشنى باشلىدىم:

« قىز-ئاياللار تاپتىن چىقىۋاتىدۇ . نېمىشقا؟؟  شۇلار ئەيمەنگۈدەك ، ھېيىققۇدەك يىگىتلىرىمىز، ئەركەكلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ خالىغىنىچە ئېچىۋاتىدۇ ، چىكىۋاتىدۇ ، ئويناۋاتىدۇ ... شۇنىڭ بىلەن مېھرىبان ئانىللىرى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كېتىۋاتقان  روھى ساغلام ، ئەقىدىسى كۈچلۈك بىر قەۋم گۇمراھلىققا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ ، ئەرلەردىكى لاتىلىق-زەيپانىلىق ، بوشاڭلىق جىمكى پاسىقلىقنى بىزگە تېڭىۋاتىدۇ... ئاياللار ئەرلەرنىڭ قوغدىشىغا ، قانات ئاستىغا ئېلىپ مەسئۇل بولۇشىغا يارىتىلغان ئاجىزەلەر ئىدى .ئەمما بۇ ئاجىزەلەر ھازىر ئۆزىگە مېھرىبان، ۋاداپار يۆلەنچۈكلەرگە ئاۋالقىدىن بەكۇ مۇھتاج بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. قىزنىڭ ئىپپىتى يىگىتنىڭ ئامانىتى ئىدى. ئايالنىڭ ھاياسى ئەركەكنىڭ غۇرۇرى ئىدى . ئەپسۇس ... ھازىر بىزدە تار كىيىم ئىچىدە ئەزايى بەدىنىنى نامايىش  قىلىپ ، تۈمەن تۈرلۈك كەرەشمە بىلەن دىكىلداپ كېتىپ بارغان ھەمشىرىسىگە ئۆز پەرزى يولىدا ھەقلىق ئىككى ئېغىز نەسىھەت قىلىدىغان ، ئۇنى شەيتان چاڭگىلىدىن تارتىپ توغرا يولغا سالىدىغان ۋىجدانى شەبنەمدەك پاكىزە ئەركەكلىرىمىزدىن ، ئۇنىڭغا شەھۋەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئاچ بۆرىدەك تىكىلىپ ، ئاغزىنى تامشىپ ،شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ، تامىقىنى چىكىلدىتىپ  ھاڭۋىقىپ قاراپ قالىدىغان ، ئارقىسىدىن لالما ئىتتەك سوكۇلدايدىغان ئەرلىرىمىز كۆپ ... مەن يازمامنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تۇختەم ئىمىننىڭ ‹' يۇق دېمەيمىز زىنھارلا،ئاياللاردا تۇزكۇرلار › ناملىق شېئىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپپىق تاپتىم:


ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكى،تۈۋرۈكسىز ئۆي ئۈرىلەر،
لىكىن ئاجىز كەلدىمۇ ؟بەزەن ئۆيگە تۈۋرۈكلەر...
باسالمايدۇ ئانىلار مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۇرنىنى،
            بۇشاپ قالسا بۇ ئۇرۇن ،كىملەر قەددى پۈكۈلەر؟!...
)

قارا بۇلار قارىلار ،ھەرگىز ئاقمۇ بۇلالماس،
نۇمۇسىسىزغا ھاياتمۇ بىر دەستە گۈل تۇتالماس.
               پاك-پاكىزە تۆرلەردىن ئۇرۇن ئالسا ساداقەت،

بۇرىچ بۇلسا،ئاشقىمۇ شەيتان تۇپا چاچالماس.:
يۇق دىمەيمىز زىنھارلا،ئاياللاردا تۇزكۇرلار،
بار ھەقىقەت‹‹ئانىلار››شەنىگە داغ تۇققانلار.
سۇرىقى بار ھەر ئىشنىڭ ‹‹ئۇتنى تۇتسا كۆيەر قۇل ››،
( تۈزۈلىدۇ ئۇلارمۇ سىلەر بىلەن ‹‹ئارىسلانلار››!..

ئاياللار بىنەم يەرگە ئوخشايدۇ، بىراۋلار ئۇ يەردە باغ ئەھيا قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىراۋلار ئۇ يەردە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈپ، پادا بېقىشى مۇمكىن. يەنە بىراۋلارنىڭ بىپەرۋالىقى، ئۆزۈمچىلىككى سەۋەبىدىن بىنەم يەر چاك- چاك يېرىلىپ ئاخىر جەزىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ ھەتتا شورلىشىپ تاشلىنىپ كېتىشمۇ مۇمكىن...بەزىدە ئويلاپ قالىمەن  بىر قىسىم  ئەرلەر ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمىسا، ئۆيىنى قانداق قوغدايدۇ ، خوتۇنىنى قانداق قوغدايدۇ ؟!... ئاللاھ ئەسلى ئەرلەرنى كۈچلۇك ،ئاياللارنى ئاجىز ياراتقان ئىدى. شۇڭا ئەرلەر پۇتۇن ئۆمرىنى خوتۇنىنى ، ئائىلىسىنى ھەم باللىرىنى قوغداپ ،ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن بىر ئۆمۈر چىقسا، خوتۇن بولغىچىمۇ بۇنداق ئەرنىڭ پۇت- قولىغا سۆيۇپ ئۇلۇغلىسا ئازلىق قىلاتتى ئەمەسمۇ ؟! مىڭ ئەپسۇس بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكدىن ئاياللار ئۆزىنى ئۆزى قوغداشقا مەجبۇر بولدى. بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ بۇلۇمسىزلىقى ئاياللارنى ئەرلەرسىز ياشالايدىغان تەمەننا ھەم ھاكاۋۇرلۇققا،شەيتان ئالقىنىغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن گۇناھكارلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
بىز ئەرلەر-ئاياللار ئاللاھنىڭ يولىدىن تاندۇق ئاللاھمۇ بىزدىن  تاندى. جاھان بۇزۇلدى،  ئەر بۇزۇلدى ئايال بۇزۇلدى، بالىلار بۇزۇلدى ... كەلگۈسىمىز بۇزۇلدى .ھەممە بۇزۇلدى... ھەي ، ھەي !  بۇ بۇزۇلۇشلار بىزنى يەنە قانداق قىسمەرلەرگە دۇچار قىلار؟!... بۇ بۇزۇلۇشلار قاچان تۈگەر؟!... ئىنسان تىل ۋە يۈرەكتەك ئىككى پارچە گۆش بىلەن ئەمەس ، ياخشى ئەمەل ۋە ئېتىقادتەك ئىككى چوڭ مەۋجۇتلىغى بىلەن ئىنساندۇر.بۇ ئىككى چوڭلۇق ئۇنىڭغا يار بولمىغۇچە  ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلالمايدۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئازغان ئەر-ئاياللىرىمىزنى ھىدايەت قىلغىن،بىزگە جەننەت يولىنى كۆرسەتكىن! ...

بىر قۇچاق ھاياجان ، بىر دۆۋە سۈكۈت،

ئىچىمنى باسماقتا كەلكۈندەك ، تاغدەك...

غېرىبلىق كۆكسۈمگە سانجىلغان قىلىچ!

ئاغرىقى جېنىمدا ئاچماقتا چېچەك.

قۇملارنىڭ يۈرىكى يوق دېگۈچىلەر،

ئەقىدىسىنى يىغلىتىدۇ زارۇ-زار.

دەرد مېنى تامچىلىتىدۇ قاندەك ئاھ،

قايغۇ ، ھىجران يۈرىكىمنى ۋارقلار.

قاراڭغۇ قەلىبلەر نۇردىن قورقىدۇ،

خارابلىق كۈلىدۇ ھەر بىر ئىزىدا.

نائىلاج ياشايدۇ ھەر بىر نەپەستە،

قەلبىمدە بىر ئاچچىق پىغانلىق ناخشا.

تىتىلغان ياپراقتەك ئازابلىق باغرىم،

مۇز قاتقان زېمىننى سۆيمەكتە باھار .

ئەرلەرنىڭ ئاۋازى سۇندى قاراسلاپ ،

قۇلاق سال، ئاياللار شىردەك ۋارقىرار.»

مەن چوكاننىڭ يازمىسىنى بېرىلىپ ئوقۇپ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئىشخانامنىڭ ئىچىدە بۇياقتىن ئۇياققا، ئۇياقتىن بۇياققا مېڭېشقا باشلىدىم . نېمىشقا بۇنداق قىلىمەن ؟ قانائەتلەنگۈدەك  بىر جاۋاپ تاپالمىدىم. روھى دۇنيارىمدا « يۈرەكلىرىمىز  ‹ ئېرىم ،مانا ئەمدى ھەقىقى ئەرگە ئوخشىدىڭىز › دەپ ۋاقىرىۋالسۇن . » دېگەن يالقۇنلۇق بىر سادا جاراڭلاشقا باشلىدى. شۇئان  ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇم –دە، چوكاننىڭ بۇ يازمىسىنى  چارشەنبە كۈنى ئاڭلىتىدىغان « ئاياللا دۇنياسى» پىراگىرامىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

ئىشخانامدىكى ھەر بىر نەرسدىن « بۇ چوكان كېلەركى قېتىم يەنە نېمىلەرنى يېزىپ كېلەر ؟...» دېگەن سۇئال ئاڭلانغاندەك بولۇپ، ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ھەر بىر نەرسىگە تەپسىلى زەڭ قويۇشقا باشلىدىم...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-22 01:42 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rizwangul0995 + 100 نادىر تېما
سۈمەييە + 50 ئەھمىيەتلىك قۇرلاردى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 999 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 02:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شورلۇق، ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.         
          ھەربىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك. رەھمەت سەزگە!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 02:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما بوپتۇ،  ئەتراىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەمەلى تىما بوپتۇ...
     
   «ئېرىم، مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، سىرتىلاردا قونۇپ قالساممۇ ئانچە سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدۇ، »،  « ئېرىم  مېنىڭ گېپىمنى قەتئىي يىرمايدۇ...»   ...  ھەي... مۇشۇلارنى ياخشى كۆرۈش دەپ ئۆز-ئۆزىنى بەزلەپ يۈرگەن بىچارە قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي!!     ئايالىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان «كەڭ قورساق، ئېسىل سۈپەت» «ئەركەك» لەرنىڭ ھالىغا ۋاي!!   
.... توۋا دەي... خۇدا ساقلىسۇن مېنى كەلگۈسىدە ئۇنداق «كەڭ قورساق» ئەردىن....   

     
   

كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3637
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4042 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 02:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايالمەن ئايالدەك ياشىسام دەيمەن،
مېھرى ھەم ۋاپادىن بېزەلسەم دەيمەن.
قولۇمدا ساداقەت، دىلىمدا ئەھدەم،
جەننەتكە يول ئېلىپ ئۇچسامكەن دەيمەن.

ئاياللىق بۇرچۇمنى قىلىپ ھەم ئادا،
ئېرىمنىڭ كۆكسىگە گۈللەر قادىسام.
پەرزەنتىم ئالدىدا مۇستەھكەم قورغان،
مىسالى مۇئەللىم بولسامكەن دەيمەن.

يۈرەگىم قېتىدىن چىققان ئارزۇغا،
مۇڭلۇق كۈي دائىما جۆر بولسا دەيمەن،
تەۋھىيدتىن زەمزەملەر ئۇسسۇزلۇقۇمغا،
تېپىلسا نە ئارمان ئۆلسەممۇ دەيمەن.

كېلىڭلار ئەركەكلەر، قوللار بېرىڭلار،
ئاجىزە ئاياللار سىلەرگە مۇھتاج.
سىڭلىڭلار، قىزىڭلار تەلمۈرگەن ئىكەن،
ئۇلارنى ھەق يولغا داۋام قىلىڭلار.

ھاياتنىڭ مەنىسى گۈللەر ئېچىلسۇن،
ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا داغدام يول بولسۇن.
گۇناھتىن توسۇڭلار ئاجىزەلەرنى،
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممە يار بولسۇن!
--------------------------------------
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، بۇ تېما ئەركەكلەرگىلا ئەمەس ئايالارغىمۇ بىر چاقىرىق بوپتۇ، كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالدىم.


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 77 ماختاشقا تېگىشلىك
Qabiljan + 108 دەلىللەر يېتەرلىك
سۈمەييە + 20 ئىســـــــــــــل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 205   باھا خاتىرىسى

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 02:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەر ئەرلارگە ئوخشىيالىسا بولاتتى .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10673
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3328 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 03:45:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ، مەزمۇنى چوڭقۇر تىمىكەن ،
ئىنسان تىل ۋە يۈرەكتەك ئىككى پارچە گۆش بىلەن ئەمەس ، ياخشى ئەمەل ۋە ئېتىقادتەك ئىككى چوڭ مەۋجۇتلىغى بىلەن ئىنساندۇر . مۇنۇ قۇرلىرى بەك يارىدى ،
ماۋۇ تىمىنى قىز ئوغۇللار بىر-بىرىگە دۆڭگەپ ئىنكاس يىزىشنى مەخسەت قىلماي ، چوڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10673
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3328 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 03:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-22 03:48 PM  


ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 04:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    〝 مۇتەئەسسىپ 〞  ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بۇلۇشقا مۇناسىپ ئىدى ، ئەپسۇس ، ئۇلار ئاۋۇ تىرناق ئىچىدىكى سوز بىلەن ئەيىبلەنمەكتە . دەۋرىمىزدە ئۇ سوزنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى ئوزگىرىپ ، ئىستىمال مەنىسى بىز مۇشۇ مۇنبەرلەردە تەشەببۇس قىلغان ئاجايىپ ياخشى پەزىلەتلەرنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئېلىپ كەتتى ........................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rizwangul0995 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك........

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24176
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3839 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 04:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-5-21 08:28 PM
〝 مۇتەئەسسىپ 〞  ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بۇلۇشقا مۇن ...

توغرا دەيسىز.

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 05:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش