مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2560|ئىنكاس: 17

تەلۋە ئەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22525
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 9632
تۆھپە نۇمۇرى: 326
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 07:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

talwa.jpg



تەلۋە ئەمەت

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

بۇ زىمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغ بەھەيۋەت قىلىچتەك ئۇرۇق-تۇققانلارنى ئىككىگە بۆلۈپ ياتىدىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى تەڭرىتاغلىرى ئىكەن.

چوڭلار " تاغ دىگەن يۇرتنىڭ تۈۋرىكى، غۇرۇرى " دەيدىكەن. چاتاق مۇشۇ گەپتىكەن. نىمىشقا دىسىڭىز، بۇ تەرەپتىكىلەر تەڭرىتېغىنى "غۇرۇمىز" دىسە، ئۇ تەرەپتىكىلەرمۇ تەڭرىتېغىنى "غۇرۇرىمىز" دەيدىكەن. ئىككىسىنىڭلا غۇرۇرى تەڭرىتېغى ئىكەن. بۇ ئاڭلىماققا ياخشى ئىشتەك قىلغان بىلەن بىراق ئەمەلىيەتتە ياخشى ئىش ئەمەسكەن. چۈنكى ئۇلار بىر تاغنى تالىشىدىكەن. ياكى بولمىسا بۇ تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپتىكىلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان يول يوق ئىكەن. ھېچ بولمىسا ئىككى يۇرتتىكىلەرنىڭ غۇرۇرىنى چېتىپ تۇرىدىغان ئاغامچا يوق ئىكەن. شۇڭا ئىككى يۇرت ئارىسىدا غۇرۇر تالىشىپ داۋاملىق ئازارلىق كېلىپ چىقىدىكەن.

ئىككى يۇرتتىكى ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلار ياكى گادايلار ئوتتۇرىسىدا چاتاق چىقمايدىكەن. مۇشۇ غۇرۇرلۇقلار ئوتتۇرىسىدىلا چاتاق چىقىدىكەن.

ئوغرى دىگەنغۇ خۇدۇكچان كېلىدىكەن. گاداي دىگەنمۇ كېرىلىشنى بىلمەيدىكەن. چىرايلىقراق ئېيتساق ئۇلار "كەمتەر" بولىدىكەن.  يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرىدىكەن. بىراۋنىڭ ئالدىدا قىلمىشلىرىنى كۆپۇپ سۆزلەپ يۇرمەيدىكەن. چۈنكى قىلغان ئىشىدىن خۇدانىڭ ئالدىدا، بەندىنىڭ ئالدىدا خىجىل بولىدىكەن. ھەتتا داۋاملىق " مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كاتتا ئادەم بولسامكەن !؟" دەپ ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇلار ئۆزىنى دۇنيانىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى دەپ بىلىدىكەن. دۇنيا دىگەن مىڭلىغان مىليونلىغان پارچىلاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا ئۇلار ئورۇن تالىشىپ سوقۇشۇپ قالمايدىكەن.

بىراق ماۋۇ غۇرۇرلۇقلار خۇدۇكچان كەلمەيدىكەن. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىدىكەن. شۇڭا خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ بەندىنىڭ ئالدىدىمۇ مەغرۇر تۇرىدىكەن. داۋاملىق " نىمىشقا باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش كاتتا ئادەم بولمايدۇ ؟! " دەپ ئۈنلۈك ۋاقىرايدىكەن. بېشىنى سېلىپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرمەيدىكەن. سۇ ئىچكەن توخودەك بىر يۇتۇم سۇنى ئىچىپلا بېشىنى كۆتۈرىدىكەن. ئەتراپىغا قارايدىكەن. ئۇلار ئۆزىنى " دۇنيانىڭ مەركىزى" دەپ بىلىدىكەن. " پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ ئەتراپىمدا ئايلىنىۋاتىدۇ " دەپ ھىساپلايدىكەن.

بىراق دۇنيانىڭ مەركىزى پەقەت بىر ئىكەن. سەمەتمۇ ئۆزىنى مەركەز ھىساپلىسا، ئەمەتمۇ ئۆزىنى مەركەز ھىساپلىسا، مەمەتمۇ قاتاردىن قالمىسا ئامال يوقكەن. ئورۇن پەقەت بىرلا بولغاچقا تالىشىدىغان گەپكەن. دەسلەپ كەمتەرلىك بىلەن تالىشىدىكەن. ئەپلەشمىگەنچە قارشى تەرەپنى چىرايلىق چاندۇرماي ئەيىپلەيدىكەن. بۇمۇ ئەپلەشمىسە دىنىنى ياكى مىللىلىكىنى تارازىغا سالىدىكەن. تارازا ئۇنىڭ قولىدا بولغاندىكىن ئېغىرلىقى ئەلۋەتتە كام چىقىدىكەن. بۇلارمۇ ئەپلەشمىگەندە جان ئاچچىقىدا چاقىدىكەن. ساتىدىكەن. بىر تاختا چايغا ياكى تۆت بولاق چاقماق قەنگە ئەرزانلا سېتىۋېتىدىكەن.

دىمەك ئوغرى چىقىشقان بىلەن غۇرۇرلۇق چىقىشمايدىكەن. جالاپ چىقىشقان بىلەن "قەھرىمان" چىقىشالمايدىكەن. ئوغرى بىلەن جالاپ شۆھرەتتىن قاچىدىكەن ئەمما غۇرۇرلۇق بىلەن قەھرىمان شۆھرەتكە چىۋىندەك ئولىشىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن بۇ يۇرتنىڭ تارىخىدا ئاپەت كەلتۈرگىنى ئوغرى ياكى جالاپ بولماستىن بەلكى غۇرۇرلۇقلار ئىكەن.

گەپنى قىسقارتايلى، مەخسەتكە كەلسەك، بۈگۈن ئۇلار توغرىلىق سۆزلىمەيمىز. ناۋادا سۆزلىسەكلا بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قالىمىز. بىزمۇ " نىمىشقا بىزدەك ياشىمايدۇ...." دەپ كېرىلىپ، رامىزاندا پوق بىلەن ئىپتا قىلغاندەك ئىشنى قىلىپ سالىمىز.

شۇڭا بۈگۈن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى تەڭرىتاغلىرىنى كېسىپ يول ئاچقان بىر يىگىت توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىمىز. بۇ يىگىت بىز ئويلىغاندەك "غۇرۇرلۇق " لاردىن ئەمەسكەن. ياكى "ئۇلۇغ مىللى قەھرىمان"مۇ ئەمەسكەن. ئادەتتىكى بىر ئادەمكەن. ئەمما مىجەزى سەل ئوسالكەن. تەلۋىكەن.

ئۇ زۇلۇمنىڭ دەستىدىن ئەشۇ يولنى ئېچىپتىكەن. ئەشۇ زامانلاردا ئىككى يۇرتنىڭ غۇرۇرى ئارىسىدا زۇلۇم سەۋەبىدىن ئەشۇنداق بىر يول ئېچىلىپتىكەن. زۇلۇم ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى بىر مەزگىل بولسىمۇ باغلاپتىكەن.

بىز بۈگۈن ئەشۇ تەلۋە ئەمەت توغرىسىدىكى پاراڭلار بىلەن ھىكايىمىزنى باشلايمىز.

ئۇ زامانلاردا بىزدىن تولىمۇ يىراقتا، يىراقتىكى كۈن چىقىش تەرەپتە قاپ-قاراڭغۇ ئورمانلار بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەشۇ قاراڭغۇلۇقتا ياشايدىغان قارا خىتاي(قىتانلار) دىگەن تائىپە ئولجا پۇراپ ئورخۇن-يېنسەي ۋادىلىرىغا تىمىسقىلاپ كەپتۇ. ئۇ يەرلەردىن نىسۋە تەگمەي تەڭرىتاغنىڭ بۇرجەكلىرىگە تۇمشۇقىنى تىقىپ بېقىپتۇ. شۇ چاغدا بىزنىڭ خانلىرىمىزدىن بىرى ئۇلارنى ئەرزان باھادا يۇرتنىڭ چېگراسىنى قوغداپ بېرىشكە ياللاپتۇ. قىتانغا بېشىنى تىققۇدەك ئورۇن چىقىپتۇ. قوڭى ئىللىغۇدەك زىمىن تېگىپتۇ.

ئۇ چاغلاردا  بىزنىڭ خاقانلار ئالدىراشكەن. ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ باغلىرىنى، ئۇكىسى بولسا تاغىسىنىڭ قىزلىرىنى ماراپ تۇرغان بولغاچقا دۈشمەنگە قارايدىغانغا ھېچكىمنىڭ چولىسى تەگمەپتۇ.

شۇنداق قىلىپ كۆڭلى قارا قارا خىتاي بۇ زىمىنغا ئۆزلۈشۈپتۇ. ساماننىڭ تېگىدىن سۇلار ماڭدۇرۇپ، قىسقا قولىنى ئۇزارتىپتۇ. قېرى ئېتىنى ياشارتىپتۇ. كالتەكلىرىنى قىلىچ-قالقانغا ئۆزگەرتىپتۇ.

نىمەتنى ساقلاشنى بىلمىگەن ئادەمدىن نېمەتنى تارتىۋېلىش يوللۇق جاھانكەن. تەييارلىقى پۈتكەن دۈشمەن بىر كېچىدىلا ئانى-سانى بولۇپ قوزغۇلۇپتۇ. خانلىرىمىزنىڭ پاختىدەك يۇمشاق قوللىرىدىن نېنىنى، گۆشتەك يۇمشاق بېشىدىن تاجىنى يۇلۇپ ئاپتۇ.

شۇنداق قىلىپ بېھىشتەك چىرايلىق باغلار قىتانغا قاپتۇ. خانىش بولىدىغان گۈزەل قىزلار ئۇلارغا دىدەك بوپتۇ. ئىلگىرى "قاراخان" دەپ ئۇلۇغلانغان خانلىرىمىز ئەمدى بەختى قارىلىققا گىرىپتار بوپتۇ.

قىتانلارنىڭ خاقانى گورخان تولىمۇ ئاچكۆزكەن. بۇلاپ ئېرىشكەن لوقمىسىغا قانائەت قىلمايدىكەن. تېخىمۇ يىراقلارنى، بولسا دۇنيانى بېسىۋېلىشنى ئويلايدىكەن. شۇڭا توختىماي ئۇرۇش قىلىدىكەن. گورخاندا قۇل جىقكەن. يۇرتلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئۇنىڭ تەييار قۇلىكەن. قۇل دىگەن ئېتىزدا تېرىقچى، سۇدا بېلىقچى، يايلاقتا پادىچىكەن. بۇلاردىن باشقا گورخانغا جەڭدە قىلىچ يېمى بولىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا خەلىقتىن ئەسكەر توپلاپتۇ. ھەر يىلى ھەر مەۋسۈمدە ئۇنىڭ ئەسكەر ئېلىش پەرمانى شەھەر-يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. قارام بەگلەر پەرمانى ئالى ئۈچۈن يېزامۇ-يېزا ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە ھەيدەيدىكەن.

ئۆتكەن يىلى ئاتىسى ئەسكەرلىككە كەتكەنلەرنىڭ بۇ يىل بالىسى مېڭىپتۇ. بالىسى كەتكەنلەرنىڭ بولسا قېرى دادىسى مېڭىپتۇ. ئەرزاتى بولسىلا نە يېشى، نە كېسەل-ساقلىقىغا قارىماي مەجبۇرى مېڭىپتۇ.

بىزنىڭ ئالىقاغا دىگەن يەردە ئەمەت ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇرۇشقا كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتىكەن. بۇ قېتىم بەگ ئۇنىمۇ ئەسكەرلىككە ئېلىپ مېڭىپتۇ. بىراق ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ كاڭدىنمۇ چۈشەلمەيدىكەن. ئۆيدە يىگۈدەك ئاش-ئوزۇق بولمىغاچقا ئوزۇق تاپىدىغان ئوغلى كەتسە نىمجان ئانىنىڭ كۈنى نەچچە كۈنگە بارمايدىكەن. كېسەل ۋە ئاچلىق دەردىدە شۇ ياتقانچە ئۆلۈپ قالىدىكەن.

ئەمەت بەگكە يالۋۇرۇپتۇ. دىمىگەن سۆزى، قىلمىغان خوشامىتى قالماپتۇ. بوينىنى، بېلىنى ھەتتا ئاخىرىدا تىزىنىمۇ ئېگىپ بېقىپتۇ. بولماپتۇ. بەگ ئۇنىماپتۇ.

ئەمەت چېتىق سېلىپ قاتارسىغا باغلانغان يۈزلىگەن يۇرتداشلىرى بىلەن ئالىقاغىدىن ئايرىلىپتۇ. يىراقتىكى نامەلۇم تەغدىرگە، بارسا كەلمەس سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.

ئەمەتنىڭ پۇتى ئالدىغا ماڭىدىكەن. ئەمما كۆزى بىلەن كۆڭلى ئارقىدا ئىكەن. ئۆلۈپ قالسا ئېڭىكىنى چاتىدىغان ئادىمىمۇ يوق ئانىسىدا ئىكەن.

ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلار شۇ كۈنى كەچتە قىزىلنىڭ بويىدىكى دەريادا قونۇپتۇ.

كەچ بوپتۇ. چېتىقتىكى ھەمراھلىرىنىڭ قىينىلىپ ئىڭراشلىرى ئەمەتنى ئۇخلاتماپتۇ. راستىنى دىگەندە كاڭدىن ئۆمۈلۈپ چۈشۈپ پەگاغا يىقىلغانچە يېتىپ قالغان ئانىسى كۆز ئالدىدىن كەتمەپتۇ. ئەمەتكە ئۇيقا نەدە ؟ ھەتتا ئورنىدىمۇ ئولتۇرالماپتۇ. قولىدىكى چېتىقنى چىشلىرى بىلەن غاجاپتۇ. باشقىلارغا سەزدۈرمەي ئاز-ئازدىن ئۈزۈشكە باشلاپتۇ. قىل چېتىق ئۇنىڭ چىشلىرىنى قانىتىپتۇ. ئېغىزلىرىنى كېسىپ تاشلاپتۇ. كېچە يېرىم بوپتۇ. قولىدىكى چېتىق ئۈزۈلۈپتۇ. ئەمەت قاراۋۇللارغا سەزدۈرمەي بارگاھتىن قېچىپتۇ. ئۇ يۈگۈراۋاتامدۇ ياكى ئۆمۈلەۋاتامدۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. پەقەت قۇلاق تۈۋىدىن ئۆتۈۋاتقان بوراننى بىلىدىكەن. ئەمەت بىر كۈن ماڭغان يولنى بوراندەك يۈگرەپ بىر سائەتتە بېسىپ بوپتۇ. ئالىقاغىغا، مەھەلىنىڭ چېتىدىكى غېرىپ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۆيىگە "ئانا" دەپ ھاسىراپ كىرىپتۇ. بىراق ئۆيدىن "بالام" دىگەن سادا چىقماپتۇ.

چۈنكى ئانىسىنىڭ كۆزى يۇمۇلغان ئىكەن. بىچارە ئانا ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى ۋە ئۆلگىلى كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ دەردىگە چىدىماي جان ئۈزگەن ئىكەن.

ئەمەت ئاستا بېرىپ ئانىسىنىڭ جەسىتىنى قۇچاغلاپتۇ. ئانىسى ئوغلىنىڭ قۇچىغىدىمۇ قىمىر قىلماپتۇ. ئەمەت ئانىسىنى قۇچاغلىغانچە قېتىپ قاپتۇ. يا يىغلىماپتۇ ياكى قىمىر قىلماپتۇ. تۆنۆگۈن كەچكىچە يىغلىغان كۆزلىرىدىن ھازىر بولسا تېمىم ياشمۇ چىقماپتۇ. بىر چاغدا  تاڭ يورۇپتۇ. جاھان سۈزۈلۈپتۇ.

كېچىچە ئانىسىنىڭ جەسىتىنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغان ئەمەت ئەزان ئاۋازى بىلەن ئېسىگە كەپتۇ. تاھارەت ئېلىپ بامداتنى ئۆتەپتۇ. ئاندىن ھويلىسىغا قەبرە كولاپ ئانىسىنى يەرلىككە قويۇپتۇ.

بۇ چاغدا ئەتراپ خېلىلا يورۇپ قالغان ئىكەن.

ئەمەت ئانىسىغا يەرلىك كولىغان كەتمەننى قولىغا ئېلىپتۇ. دەرۋازىدىن چىقىپتۇ. ئاخىرقى قېتىم ئاتىسى بىلەن ئانىسىنىڭ تۇتقان ئۆيىگە، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قوراسىغا قاراپتۇ. كۆزلىرى تويغۇدەك قاراپتۇ.

ئاندىن بۇرۇلۇپ مەھەلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەگنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.

يولدا خولۇم-خوشنىلار ئۇچراپتۇ. تۆنۆگۈنلا ئەسكەرلىككە كەتكەن ئەمەتنىڭ بۇ يەردە يۈرگىنىگە ھەيران قاپتۇ. ئۇنىڭ قان ئىچكەندەك قىزىل بويالغان ئېغىزىغا ۋە ئىڭەكلىرىگە چۆچوپ قاراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى كەتمەنگە، يەرنى ئويۇۋەتكۈدەك مېڭىشىغا، تۆمۈردەك قاپ-قارا تۇتۇلغان چىرايىغا ھەيران قاپتۇ. كەينىدىن "نەگە بارار...؟ " دەپ يىراقتىن ئەگىشىپتۇ.

ئەمەت بارغىنىچە بەگنىڭ دەرۋاسىنى كەتمەن بىلەن چېقىپ  ئۇنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپتۇ. بۇ چاغدا بەگ ئەمدىلا بىر نەزىردىن قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئىشىكتىن باستۇرۇپ كىرگەن ئەمەتنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئاچقىنىچە قېتىپلا قاپتۇ. ئەمەت بارغىنىچە بەگنىڭ كاللىسىغا كەتمەننىڭ جولدىسى بىلەن ئۇرۇپ يانچىۋېتىپتۇ. ئاندىن ۋاقىرىشىپ-چۇقۇرىشىپ قېچىۋاتقان بەگنىڭ ئايالى، ئىككى ئوغلى ھەتتا ئاغرىقچان ياتقان دادىسىنىمۇ كەتمەن بىلەن چانىۋېتىپتۇ.

ئەمەت ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ شۇ قاچقىنىچە كۇچا دەرياسىنى ياقىلاپ تاغ ئارىسىغا قېچىپتۇ.

شۇ كۈنى ئالىقاغىغا، ئاندىن كۇچارغا، پۈتۈن يۇرتقا ئەمەتنىڭ تەلۋىلىكى پۇر كېتىپتۇ. ئۇنىڭ تەلۋىلىكىگە، قانخورلىقىغا يۇرت ھەيران قاپتۇ.

گورخان بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ شۇنداق خاپىلاپتۇ. سۈرىكى ئېنىق پەرمان بىلەن مىڭلىغان قوشۇن ۋە ئونلىغان ئىزچىلارنى ئەۋەتىپتۇ. تەلۋە ئەمەتنى چوقۇم تۇتۇپ كاللىسىنى ئېلىش كېرەككەن. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇيغۇر بەگلىرى ئەشۇنداق تەلۋىلەردىن قورقۇپ خانغا ساداقەت بىلدۈرمەيدىكەن.

ئىزچىلار تاغمۇ تاغ ئايلىنىپتۇ. ھەر-بىر تاش ۋە كامارلارنى ئالا قويماي ئىزلاپتۇ. ئاخىرى ئەمەتنىڭ ئىزىنى مۇزداۋاننىڭ يېنىدىن تېپىپتۇ. ئەمەتمۇ قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ قېچىپتۇ. خاننىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي قوغلاپتۇ. ئەمەت قېچىپ مۇزداۋاننىڭ يېنىغا بېرىپ توسۇلۇپتۇ. ئەسكەرلەر ئەمدى ئۇنى تۇتىۋالىمىز دەپ ئويلاپ تۇرىشىغا، ئۇ ئاق تۇمانغا ئورىلىپ تۇرغان مۇزلۇققا يامىشىپتۇ. توختىماستىن مېڭىۋېرىپ مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەسكەرلەر بولسا قويۇق تۇمان ئارىسىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي ئامالسىز قايتىپ كېتىپتۇ.

شۇندىن كېيىن جەنۇپتىن شىمالنى باغلاپ تۇرىدىغان يول ئېچىلىپتۇ. بۇ يول تەلۋە ئەمەتنىڭ يولى يەنى "تەلەمەت يولى" دەپ ئاتىلىپتۇ.

غوجاملارنىڭ ۋاقتىدا " مۇزداۋاندا مۇزارت غوجام بار " دىگەن ھىكايەتلەر پەيدا بوپتىكەن. ھىكايىلەردە ئېيتىلىشىچە مۇزارت غوجام بۇ يولدىن ئەسكى ئادەملەرنى ئۆتكۈزمەيدىكەن. ياخشى ئادەملەرنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئەسكى ئادەملەر ئۆتمەكچى بولسا مۇزلۇق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىكەن. ياكى مۇزارت غوجامنىڭ غايىپ قولى كانىيىنى سىقىپ نەپەس ئالدۇرمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نەپسى يېتىشمەي ئۆلۈپ قالىدىكەن.  

تەلۋە ئەمەتتىن باشلاپ مىڭلىغان، مىليونلىغان ئەمەتلەر بۇ داۋانلاردىن ئۆتۈپ تۇردى.

ئوتتۇز ئىككىمىڭ يەكەنلىك،

ئون ئالتە مىڭ قەشقەرلىق.

تاپقان بالاڭ پاشالىق......

دىگەندەك تاكى تۆنۆگۈنگە قەدەر پاشالىقنىڭ پەرمان-جەۋرىسى سەۋەبىدىن مۇزداۋاندىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان يىتىمچى ساناقسىز. ئۇلاردىن قانچىلىكى ياخشى ئادەم يەنە قانچىلىكى يامان ئادەم بۇلارنى بىزگە قارىغاندا مۇزارت غوجام ياخشىراق بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بۈگۈنگىچە تۈمەنلىگەن يىتىمچىنىڭ جەسىتى مۇزداۋاننىڭ كۆز يەتمەس ھاڭلىرىدا كېپەنسىز ۋە دۇئاسىز ياتىدۇ. ئۇلار تىرىكلىكىدە ئۆز يۇرتىدا تۇرالمىغان ئىدى. ئەمدى ئۆلىگىمۇ مۇساپىرلىقتىن قۇتۇلالمىدى.

ئۇلار بەلكىم ئەسكى ئادەمدۇ. ئەسكى ئادەم بولمىسا مۇزارت غوجامنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ ئەشۇنداق ئۆلۈپ كەتمەيتتى.

يىراق تارىختىن بۇيان نەچچە-نەچچە رەتلەر بۇ دىيارغا بېسىپ كەلگەن دۈشمەنمۇ مۇزارت غوجامنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتىكەن.

بىزگە بېسىپ كەلگەن ئەشۇ دۈشمەن بەلكىم ياخشى ئادەملەر بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ياخشى بولمىسا غوجامنىڭ ئالدىدىن تىرىك ئۆتەلمەيتتى.  

شۇ تاپتا غۇرۇرىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان تەڭرىتاغ بىلەن ئېتىقادىمىزنىڭ مىسالى بولغان مۇزارت غوجام كۆڭلۈمنى بەكمۇ پاراكەندە قىلدى. چۈنكى بىزنىڭ غۇرۇرىمىز بىر-بىرىمىزنى ئايرىپ تاشلىغاندەك، ئېتىقادىمىزنىڭمۇ بىزگىلا كۈچى يېتىدىغاندەك بىلىندى.

شۇ تاپتا جاھاندا ھېچكىم، ھېچنىمە قالمىغاندەك بىلىندى.

تۇيۇقسىز قارا تاشلىقتا تەلۋە ئەمەت كۆزۈمگە كۆرۈندى. ئۇ توختىماي، قورقماي مۇزداۋانغا يامىشىۋاتاتتى. مېنىڭ سېنىڭ غۇرۇرىمىزنى باغلايدىغان تەلەمەت يولىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئەتراپىمدا ھېچكىم يوق. ئالدىمدا قارىيىپ تۇرغان تاغ بار ئىدى. مەن ئەمەتكە قاراپ ۋاقىرىدىم.

-       ئەي تەلۋە ئەمەت ! بېرىپ مۇزارت غوجامغا دە !

يىتىمچىلار ئۆز يۇرتىدا تۇرۇش ئۈچۈن بارماقتەك ئىمكانىيىتى بولسا مۇزداۋانغا چىقارمىدى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتەرمىدى؟!

- جۇڭغار، مانجۇلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان بىچارە خەلق مۇزداۋانغا يامىشارمىدى ؟

- ھەي تەلۋە ئەمەت ، مۇزارت غوجامغا بېرىپ ئېيت !

غوجاملارنىڭ بۇيرىقى بولمىسا "غالچە خوتۇن" ۋە "غالچە يىگىت" ئاتالغان 900 بەرنا قىز-يىگىتىمىز ھەر يىلى مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ جۇڭغارلارغا قۇللۇققا بارارمىدى ؟! چارىسى بولسا بۇ ھاقارەت يۈز يىل داۋاملىشارمىدى !؟

ئەمەت يۇقۇرىغا توختىماي يامىشىۋاتاتتى. بەلكىم ئاۋازىمنى ئاڭلىغاندۇ ياكى مۇزارت غوجامنىڭ قۇلىقى ئۇزۇن بولغاندىكىن ئەمەتتىن بۇرۇن ئاڭلاپ تۇرىۋاتقاندۇ. مەن تېخىمۇ كۈچەپ ۋاقىرىدىم.

- ئەي، تەلۋە ئەمەت ! مۇزارت غوجامغا ئېيت. قېرىپ قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالغان بولسا، ياقىسىدىن تۇتۇپ سىلكەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېيت !

قېرىغان ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ، مېھرى ئىسسىق، قوينى ئىللىق يۇرتلىرىدىن كېچىپ مىڭلىغان"ئالتۇنچى يىگىتلەر " ئۇنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ بارارمىدى ؟! ....

بەلكىم تەلۋە ئەمەت مۇزارت غوجامغا بۇ گەپلەرنى بېرىپ ئېيتسا، غوجام سەل خىجىل بولۇر. ئۆزىنىڭ كارامىتىنى مۇشۇ ئاجىز بىچارىلەرگە ئىشلەتكىنىگە ئازراق بولسىمۇ ئۆكۈنەر.......


قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزاجىگدە قۇدۇق كەنت

Abdurehim ablethan

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.ablathan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-21 07:58 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jahangir20 + 10
Sir + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 09:57:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلۋە ئەمەت دىمەي ۋاپادار ئەمەت دىيىش كىرەككەن ئەسلىي
تېما ئىگىسىگە رەھمەت . ياخشى ئەسەردىن بىرنى ئۇقۇۋالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:00:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە باركاللا.  

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تېما يوللىغۇچىغا ردخمەت....بۇ ؟‹تەلۋە ئەمەت› خاس ئوبراز ۋە ئېسىل تەپەككۇر بايانلىرى
بىلەن شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.....   

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90800
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باركاللا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 11:27:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇرىڭىزغا قايىلمەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 11:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      تىما ماۋزۇسىنى كۆرۆپ تىخى « ئابدۇقادىر داموللامنى قەسىتلىگەن تەلۋە ئەمەت مەزىن »ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن تىخى، ئەسلى بۇ ئانىغا ۋاپادار ، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا مەيدە كىرىپ مەيدانغا چىقالايدىغان باتۇر ئەمەت ئىكەن ئەمەسمۇ؟
   تىما ئىگىسى ھارمىغايسىز.

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 12:11:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلەمەتنىڭ داۋىنى دەپ داڭقى بار ئىدى ئەمدى كىلىش مەنبىيىنىمۇ بىلىۋالدىم

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 12:28:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان مەرھابا قەدىمڭىزگە، مىسرانىمغا كىرگىنىڭىزىدىن شۇنچە خوشالمەن. باشقۇرغۇچى بۇرادەرلە ر دەرھال ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننى ئالىي ئەزالىق مەرتىبىسى بىلەن تەمنلەپ مىسرانىمغا باغلىۋالغايسىزلەر.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مارشال + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 12:56:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمىڭىزگە مەرھابا.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش