مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4144|ئىنكاس: 19

2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9935
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9616
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 795 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ تولۇق نۇسخسى ئىكەن! كەسپى مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، تەنتەربىيە بولغان پىداگوگىكا خارەكتېرلىك ئوتتۇراتېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن (مەسىلەن خوتەن سفەن، قارماي سىفەن، قۇمۇل سىفەن دىگەندەك)ئوقۇغۇچىلار 4-، 5-، 6-تۈردىكى ناھىيە شەھەرلەر دىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتسا بولىدىكەن. باشقۇرغۇچى بۇ تېمامنى تەستىقلاپ قويساڭلار، باشقىلار يوللىغان مۇشۇ تۈردىكى تېمىلارغا قاراپ باقتىم تولۇق ئەمەس،


قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنىزور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغاقويۇش توغرىسىدىكى تەستىقى» (م م [2010] 511-نومۇرلۇق)، مائارىپ مىنىستىرلىقى،مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «2013-يىللىق يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىدىكى ئالاقىدار يولغا قويۇشخىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ئو ن م [2013] 4-نومۇرلۇق)،ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈكمەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىيمەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار(مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» (ش پ گ [2006]36-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر،داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋەتېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغائەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلاش پىكىرى» (ش پ گ [2008] 14-نومۇرلۇق)، «ئاپتونومرايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاشپىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى تۆۋەنگە تارقىتىش توغرىسىدىكىئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ئى ت [2010] 108-نومۇرلۇق) دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭباشلامچىلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەمكۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەتكەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنىئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىشخىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.


بىرىنچى،تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى


«ئاشكارابولۇش، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.


ئىككىنچى، تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى


1. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى


(1) شىنجاڭ نوپوسىدىكى ياكى شىنجاڭدا ئوقۇشقاكىرگەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار(چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئادەتتىكى پىلانىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)؛


(2) شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكىئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەنئوقۇغۇچىلار؛


(3) شىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرمىگەن ئىچكىرىدىكىپۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا كەسىپلىرىنىپۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (پەقەت ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىتەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا بولىدۇ)؛


(4) شىنجاڭدا ستۇدېنلارنىڭ پىدائىي بولۇپ غەربىيقىسىمغا ياردەم بېرىش پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان ھەمدە باھالاشتالاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛


(5) شىنجاڭدا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ۋە ستۇدېنلارنىڭ پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەمبېرىشنى باشتىن كەچۈرگەن خادىملار:


(6) شىنجاڭدا قېپقالغان ئەسكەرلەرنىڭ جۆرىلىرى؛


تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپقوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:


(1) جىنايى ئىشلار جازاسى، مەمۇرىي جازاغائۇچراپ جازاسى تېخى بىكار قىلىنمىغانلار:


(2) يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلىق، كەسپىيئورۇنلار خىزمەتچى خادىمى قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش جەريانىداكۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار:


(3) ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساسقاتلام يېزا-بازار خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن تېخى مۇلازىمەت ۋاقتىتوشمىغان خادىملار:


(4) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭخىزمەتتىكى، شىتاتتىكى خادىملار (ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدەئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ).


2. ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش شەرتلىرى


1.سىياسىي ساپاسى ياخشى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭرەھبەرلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان،ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى خىزمىتى بىلەنشۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛


(2) 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىنكېيىن تۇغۇلغان بولۇش؛


(3) خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان تەنساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛


(4) تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىنىڭئالاقىدار كەسىپ ئارقا كۆرۈنىشىنى ھازىرلىغان بولۇش؛


(5) ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشنىڭ ئوقۇش تارىخىتەلىپى:


بىرىنچى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكىئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى بولۇش (مەملىكەتلىكئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكىئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغائېرىشكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقائۆرلەش ئوقۇش تارىخى، «3+2» ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا كەسپى ئوقۇشتارىخى، چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئادەتتىكى پىلانىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخىنىئىچىگە ئالىدۇ)؛


ئىككىنچى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى ئىش ئورنىغاتىزىملىتىشتا ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش، تولۇقسىز ئوتتۇرا،تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشتا چوقۇم تولۇقكۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش؛


ئۈچىنچى، تۆتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭجاپالىق، چەت، يىراق يېزا-بازارلىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغاۋە بەشىنچى، ئالتىنچى تۇردىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغاشىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرگەن چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە خىزمەتتىنئايرىلىپ مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (پىداگوگىكا  تۈرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ)، تولۇق كۇرسنىپۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۇچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تولۇقكۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى،قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل ئەدەبىياتى، ئىنگىلىز تىلى، باشلانغۇچ مائارىپ،مەجبۇرىي مائارىپ ۋە پىداگوگىكا كەسپى بىلەنلا چەكلىنىدۇ)نىڭ تىزىملىتىشىغا روخسەتقىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە: تاشقورغا تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بارلىق باشلانغۇچمەكتەپ، ئوقۇتۇش نۇقتىسى ۋە باشقا ئالتىنجى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ جاپالىق،چەت، يىراق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا ئۆزلىكىدىنئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (خەنزۇتىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىلئەدەبىياتى، ئىنگىلىز تىلى، باشلانغۇچ مائارىپى ۋە مەجبۇرىي مائارىپ كەسپى بىلەنلاچەكلىنىدۇ) تىزىملاتسا بولىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكىئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.


تۆتىنچى،  بەشىنچى، ئالتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يېزا، بازارلىرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا،تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت پەنلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا ئوتتۇرا دەرىجىلىكپىداگوگىكا تۈرىدىكى مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەنئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ.


(6) تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ خەنزۇ تىلىسەۋىيەسى ۋە پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ:


بىرىنچى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغانتىزىملاتقۇچىلار پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.


ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئىقتىدارىنىھازىرلىغان ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملارئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.


ئۈچىنچى، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنىغاتىزىملاتقان ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملارپۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشىكېرەك. ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملارچوقۇم HSK دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك: باشلانغۇچ مەكتەپ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنىغاتىزىملاتقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا HSK نىڭ 5-، 6-، 7-دەرىجەسەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇشى؛ باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇقئوتتۇرا مەكتەپ «خەنزۇ تىلى» پەنى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا HSK نىڭ 5-، 6-، 7- دەرىجە سەۋىيەسىگەيەتكەن بولۇشى ياكى MHK نىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپخەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى 4-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەنبولۇشى، غەيرىي خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى 3-دەرىجىنىڭ A دەرىجىسىگە يەتكەنبولۇشى؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىئوقۇتقۇچىلىرى 3-دەرىجىنىڭ A دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى، غەيرىي خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى3-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.


تۆتىنچى، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش مىللەتئايرىمىسى شەرتى خەنزۇ بولغان تەكلىپ قىلىش ئىش ئورۇنلىرىغا خەنزۇچە ئوقۇغانمىللىيلار ۋە ئانا تىلى خەنزۇ بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تىزىملاتسىمۇبولىدۇ.


(7)تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تەلىپى:


ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار تەكلىپقىلىش ئىش ئورنى تەلىپىنىڭ مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلاش بولسا تەكلىپ قىلىش ئىشئورنى ئوقۇش تارىخى تەلىپىگە چوقۇم ئۇيغۇن كېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلىسەۋىيەسى ياكى پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 6- تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئۆلچەمگە يېتىشىنىكۆرسىتىدۇ.


(8) كونكرېت تەلەپلەرنى «2013-يىللىق شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىشئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپقىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەكلىپ قىلىشئىش ئورنىنى تولدۇرغان ۋاقىتتا، يەنى ئېلان قىلىنغان تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى ئوقۇشتارىخى ۋە سالاھىيىتىگە قارىتا ئالاھىدە تەلەپ بەلگىلەنگەن بولسا، تەكلىپ قىلىشئىش ئورنىدا ئېلان قىلىنغان تىزىملىتىش شەرتىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك؛ ئالاھىدەبەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، تەكلىپ قىلىش نىزامىدا ئېلان قىلىنغان تىزىملىتىششەرتلىرىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.


ئۈچىنچى، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى


3013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش نىزامى، ئىمتىھانئىزاھاتى، ھۆججەت ئۇقتۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاپتونوم رايونلۇقمائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ـــ «ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش» ئىستونىدا ئېلانقىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكەيۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپنازارىتىنىڭ تور بېكىتى ( تور ئادرىسى: http://www.xjedu.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇقئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (تور ئادرىسى: http://www.xjrs.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدۇ.


تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شىتاتى بېكىتىلگەن ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرا، باشلانغۇچمەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن يېزا، بازار مەكتەپلىرى (يېزا مەكتەپلىرى)دە ئۈچ يىل مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىلىدۇ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەمدە ئۇدائۈچ يىل ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى بىكىتىلگەن مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا يىللىقباھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن شىتاتى بېكىتىلگەن مەكتەپكە قايتىپخىزمەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارتەكلىپ قىلىنغان مەكتەپتە شىتاتى ۋە ئىش ئورنى بېكىتىلىدۇ.


تۆتىنچى، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى


1. توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ (2013-يىلى 5-ئاينىڭ21-كۈنى سائەت 16:00 دىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى،تۆۋەندىمۇ ئوخشاش، قوش دەم ئېلىش كۈنىدە نورمال خىزمەت قىلىدۇ)


تىزىمغا ئالدۇرۇش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلىبويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھانبەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇھەمدە  ئۆزى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنىئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىشتىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى توردىن چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرتىزىملىتىش ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،يالغان، ساختا ئۇچۇر بىلەن تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى بىكارقىلىنىدۇ.


مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر(باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى ۋەئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تەڭ تىزىملىتىشقابولمايدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچى قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنى ۋە غەيرىي قوش تىلئوقۇتۇشى ئىش ئورنىغىمۇ تەڭ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ. ھەر بىر ئىمتىھان بەرگۈچىپەقەت بىر مەكتەپنىڭ بىر ئىش ئورنىنىلا تاللاپ تىزىملىتىشى شەرت، ئارتۇقتىزىملىتىشقا بولمايدۇ، ئارتۇق تىزىملاتسا ئىناۋەتسىز بولىدۇ. تىزىملىتىش ئاخىرلىشىشتىنبۇرۇن ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش ئەھۋالىغائاساسەن تىزىمغا ئالدۇرغان ئىش ئورنىغا قارىتا دىنامىكىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىغارۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش ئۇچۇرى تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدەقەرەللىك ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.


2. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەقمەيداندا ئۇچۇر توپلاش (2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە)


سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندائۇچۇر توپلاش خىزمىتى بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدى بىلەن سالاھىيىتى تەكشۈرۈپبېكىتىلىدۇ، ئاندىن نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرتىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگەبېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش ئېلىپ بېرىشى شەرت،مەسىلەن: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا، ئاقسۇۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەقمەيداندا ئۇچۇر توپلاشقا قاتنىشىدۇ. كونكرېت ئورۇن، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنىئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


(1) سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش


سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئوقۇتقۇچىلارنىتەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، ئادەم كۈچىبايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى مەسئۇل بولىدۇ. تىزىملىتىش شەرتىگەئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك:بىرىنچى، ئىناۋەتلىك كىملىك؛ ئىككىنچى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى،ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنى تېخى ئالمىغان 2013-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي بۆلۈمى چىقىرىپ بەرگەن 2013-يىلى 7-ئايدىنئىلگىرى نورمال ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يازمىچە ئىسپات ماتىرىيالىنى ئېلىپ كېلىشىشەرت، ئىسپاتتا ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، ئوقۇغان كەسپى ۋە تەربىيەلىنىش شەكلى (پۈتۈنكۈلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، چوڭلار ئالىي مائارىپى) ئېنىقئەسكەرتىلىشى كېرەك، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇشپۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىش ئىسپاتىنى ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى چىقىرىپبېرىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى،ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى يوقلار تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ تەلىپىگەئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىگۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى  MHK( HSK) دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى (ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە)نىتەمىنلىشى كېرەك؛ تۆتىنچى، «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار» ئوقۇش پۈتكۈزگەنئالىي مەكتىپى چىقىرىپ بەرگەن مەكتەپتىكى مەزگىلدە «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيئوقۇغۇچى» بويىچە ئوقۇدى دېگەن ئىسپاتنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك؛ بەشىنچى، توردىنچۈشۈشۈپ بېسىپ چىقارغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچمەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نىجەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى»؛ يۇقىرىدا بايانقىلىنغان شەرت، ئىسپات، ماتىرىياللارنى تولۇق ھازىر قىلغاندىن كېيىن، ئىمتىھانبەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست،شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئېلىپ بارسابولىدۇ.


سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسىلاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ،نەتىجە نەق مەيداندا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ.


(2) نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش


سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەنئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بېكىتكەننۇقتىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېلېكترونلۇق رەسىمگە چۈشۈش قاتارلىق ئۇچۇر توپلاشئىشلىرىنى ئورۇنلايدۇ ھەمدە يېزىقچە ئىمتىھان بېرىش كېنىشكىسىنى ئالىدۇ.


ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپبېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدابەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نۇمۇرى (12 خانا)نىئىشلىتىپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ تەكشۈرۈپ بېقىشىھەمدە ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. تورغاچىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىش ئىمكانىيىتىبولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنىئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى دائىرىسى ئىچىدە، تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنىتۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپئېلىۋالسا بولىدۇ.


تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنىئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت10:00 دىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24:00 كىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)


      3. يازما ئىمتىھان


ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى،يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇشقەغىزىنى ئېلىپ كەلسە، ئاندىن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ يازما ئىمتىھانغاقاتنىشالايدۇ.


(1)    يازما ئىمتىھان ۋاقتى:


بىرىنچى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكىمەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار:2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 9:30 دىن سائەت 12:00 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)


ئىككىنچى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 9:30دىن سائەت 12:30 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)


(2) ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى


ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر،كۇيتۇن شەھىرى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتىدا يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىسقىلىنىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىدىنكۆرۈۋالسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان بېرىدىغان ئىمتىھان نۇقتىسى(سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئورۇن بىلەن ئوخشاش بولمىغان)نى ئۆزلىرى تاللىسابولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىنى تاللىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملاتقانئىش ئورنى چوقۇم  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەكلىپقىلىش ئىش ئورنى بولۇشى كېرەك.


(3) يازما ئىمتىھان پەن تۈرى


يازما ئىمتىھان پەن تۈرى بىر بولۇپ، ئۇنىۋېرسالبىلىملەر سىنىقى ۋە پەنلەر كەسپىي بىلىمى سىنىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغابۆلۈنىدۇ:


بىرىنچى، ئۇنىۋېرسال بېلىملەر سىنىقى ئىمتىھانبەرگۈچىلەرنىڭ ۋەزىيەت-سىياسىي، مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە مائارىپ، قانۇن-تۈزۈمگەئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىگىلەش دەرىجىسىنى تەكشۈرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىنخەنزۇچە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.


ئىككىنچى، پەنلەر كەسپىي بىلىمى سىنىقى جەمئىي22 پەنگە ئايرىلىدۇ: خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى،موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى، قىرغىز تىل-ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى،ئىدىيە-سىياسىي (ئىدىيە-ئەخلاق، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش، ئەخلاق ۋە جەمئىيەتنىمۇ ئىچىگەئالىدۇ)، پىسخىك ساغلاملىق، تارىخ (شىنجاڭ يەرلىك تارىخىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)،جۇغراپىيە، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، گۇزەل سەنئەت، مۇزىكا،تەنتەربىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى (كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇشنىمۇ ئىچىگەئالىدۇ)، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى (ئەمگەك ۋە تېخنىكانىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)،قوللىنىشچان تېخنىكا، ئىلىم-پەن. كەسىپ سىنىقى پەنلەرگە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ،«نېمىنى ئۆگەتسە شۇنىڭدىن ئىمتىھان بېرىش» پىرىنسىپى يۈرگۈزۈلىدۇ، ئىمتىھانبەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملاتقان ئىش ئورنى پەنى كەسپىي بىلىمىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىشدەرىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ، سىناق نۇقتىلىق ھالدا ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى ئاساسلىق بىلىملەر ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارىبولىدۇ.


ئۈچىنچى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچى مەكتەپلىرىئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى  يازمائىمتىھان ۋاقتى 150 مىنوت، تولۇق نومۇر 150 نومۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەنلەركەسپىي بىلىملىرى سىنىقى 120 نومۇر، ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى 30 نومۇر.


ئادەتتىكى تولۇق ئوتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭئىش ئورنى يازما ئىمتىھان ۋاقتى 150 مىنوت، تولۇق نومۇر 150 نومۇر بولۇپ، بۇنىڭئىچىدە «ھەممىباب تېخنىكا» پەن تۈرىدىن سىرت، باشقا تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانپەنلىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقىنىڭ مەزمۇنى مەجبۇرىيمائارىپ باسقۇچى مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىنىڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىنباشقا 20 نومۇرلۇق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرى سىنىقى سۇئالىكۆپەيتىلگەن، بۇ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نومۇرىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ تولۇقئوتتۇرا «ھەممىباپ تېخنىكا» پەنى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى مەزمۇنى باشقا پەنلەربىلەن ئوخشاش بولىدۇ، كەسپىي سىناق دائىرىسى تولۇق ئوتتۇرا بىلىملىرى قىسمىبولىدۇ.


(4) ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش


«2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھانسۇئالى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش چىقىرىدۇ، ئۇيغۇرتىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى، قىرغىزتىل-ئەدەبىياتى ئىمتىھان سۇئالىدىن سىرت، باشقا ئىمتىھان سۇئاللىرى خەنزۇچەچىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب بېرىلىدۇ. ئومۇمەن تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭپەنلەر ئىمتىھانى تەلىپى بويىچە يازما ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ئىمتىھانبەرگۈچىلەرنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.


(5) يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھېسابلاش ۋە يازمائىمتىھان نەتىجىسى ھەم يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترولنومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش


بىرىنچى، يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھېسابلاش.ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋەئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغائاساسەن، يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنىبىرتۇتاش بېكىتىدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى تولۇقئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئوخشىمىغانپەنلەرگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم بېكىتىلىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى يۈزتۇرائىمتىھانغا قاتنىشىش ۋە ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاشنىڭ ئاساسىي قىلىنىدۇ. يازمائىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلار يۈزتۈرا ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدۇ.


ئىككىنچى، يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە يازمائىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش.2013-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 7-ئاينىڭ20-كۈنى يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلانقىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


4.يۈزتۇرا ئىمتىھان


(1) يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە


(2) يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى: ھەرقايسىۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى. كونكرېت يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسىۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇقمائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۇرسە بولىدۇ.


(3) يۈزتۇرا ئىمتىھان تەشكىلى:


يۇزتۇرا ئىمتىھان خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇقمائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپئىدارىلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى تەشكىللەپ يولغاقويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.


(4) يۈزتۇرا ئىمتىھان خادىملىرىنى بېكىتىش


يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانخادىملار ئىچىدە نەتىجىسى بويىچە يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ۋە ئىشئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 1:3 نىسبىتىگە قاراپ يۈزتۇرا ئىمتىھانخادىملىرى بېكىتىلىدۇ.


(5) يۈزتۇرا ئىمتىھان تەلىپى


بىرىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭتىزىملاتقان ئىش ئورنىنىڭ پەنلەر ئۆگىنىش بۆلىكىگە ئاساسەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقاندەرسلىكتىن ئۈچ نۇسخا دەرس پىلانى تەييارلايدۇ، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئالىدىغانمۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ بەرگەن بىر نۇسخىنى يۈتۇرا ئىمتىھانداسۆزلەيدۇ، سۆزلەش ۋاقتى 20 مىنوتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۈرا ئىمتىھانھالقىسىدا ساختىلىق قىلىپ بايقىلىپ قالسا، يۇزتۇرا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىبىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى مەسئۇلبولىدۇ.


ئۈچىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشقانئوقۇغۇچىلار، بىركۈن بۇرۇن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغائالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30 مىنوت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھانبېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا يىغىلىشى كېرەك. يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندىنكېيىن ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا كەلسە، يۈزتۇرا ئىمتىھان بېرىشسالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.


تۆتىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتىدا، ئىمتىھانبەرگۈچىلەر كېملىك، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك، يۈزتۇرا ئىمتىھانئاخىرلاشقان ۋاقىتتا ئەسلى نۇسخا ئىمتىھان بەرگۈچىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىدائېيتىلغان گۇۋاھنامىلار تولۇق بولماي ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنىدەلىللىگىلى بولمىسا، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.


بەشنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تولۇقنومۇرى 100 نومۇر، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 60 نومۇر، لاياقەتلىك بولمىغانلارتەكلىپ قىلىنمايدۇ.


5. ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش (2013-يىلى8-ئاينىڭ 3-كۈنى)


ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئومۇمىينەتىجە = يازما ئىمتىھان نەتىجىسى × %60 + يۇزتۇرا ئىمتىھاننەتىجىسى × %40 . يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپنازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


6. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش(2013-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە)


سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشئادەم سانىغا ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە ۋە ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپىبويىچە بېكىتىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم كۈچىبايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ. سالامەتلىكتەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن ئىلگىرى (كونكرېت سالامەتلىكتەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ) ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىكمائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىملىتىدۇ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرىئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە گۇماتۇغۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرىئۇنىۋىرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، قايتاتەكشۈرۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغانلارتەكلىپ قىلىنمايدۇ، ئىش ئونىدا بوشلۇق كۆرۈلسە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىكمائارىپ ئىدارىلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەنبىرلىكتە بوش قالغان ئىش ئورنىغا يۇزتۇرا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارئىچىدىن  ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىشتەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلاپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرىدۇ. سالامەتلىكتەكشۈرۈش ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭسالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە چارىسى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، كونكرېت مەزمۇنىنىئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھانبەرگۈچىلەرگە قارىتا سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، سىياسىي تەكشۈرۈش مەزمۇنىئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسىي تەكشۈرۈشتەلاياقەتسىز بولۇپ، ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپئىدارىلىرى ئاپتونوم رايونۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچىبايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بۇ ئىشئورنىغا ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە تولۇقلاپ تەكلىپ قىلىدۇ.


7. تەڭشەپئورۇنلاشتۇرۇش  (8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن13-كۈنىگىچە)


يۇزتۇرائىمتىھان بېرىشكە كىرگەن ھەم يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، بىراق تىزىملاتقانئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالماي قالغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئومۇمىي نەتىجىگە قاراپيۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۆز جايىنىڭياكى باشقا جاينىڭ ئوخشاش (ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان) پەن، ئوخشاش ئوقۇش باسقۇچى(يۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىدىن تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىغا قاراپ بولىدۇ، تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىنىيۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىغا تەڭشەشكە بولمايدۇ)، ئوخشاش دەرس ئۆتۈش تىل تۈرىدىكىكەمچىل ئىش ئورۇنلىرىغا تەڭشەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشنى بېكىتىشتىنئىلگىرى چوقۇم تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىبىلەن يازمىچە كېلىشىم ئىمزالىسا، ئاندىن تەكشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، كونكرېتئىشلارنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلغان ۋىلايەت، ئوبلاست،شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىرتۇتاش ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش، شىياسىيتەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىزبولغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققانبوش ئىش ئورنى قايتا تولۇقلانمايدۇ.


8.ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە)


ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەمبويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىكتەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈنلەي لاياقەتلىك بولغان خادىملارنىتەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملار قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى توربىكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كالاپەت نازارىتى توربىكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ پىكىر ئالىدۇ.


9.تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ20-كۈنى)


سالاھىيەتتەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىيتەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا باشقىچە پىكىربولمىغان  تەكلىپ قىلىنغان خادىملارتىزىملىكىنى ئاپتونوم رايون تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپنازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنازارىتى تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.


10.ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن31-كۈنىگىچە)


ئاپتونومرايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغانئوقۇتۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ،كونكرېت ئىشلارنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋەئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.


11. ئىشئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش (2013-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە)


يېڭىتەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىرتۇتاش تارقاتقان «تەكلىپ قىلىش تىزىمغا ئالدۇرۇشقەغىزى»، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە كېملىكىنى ئېلىپ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپتىزىمغا ئالدۇرىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى: ئالدى بىلەنۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ بىرتۇتاش تىزىملىتىپتەكشۈرۈپ ئەلەمىيلەشتۇرگەندىن كېيىن، ئاندىن ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مائارىپئىدىرالىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تەكلىپ قىلغان مەكتەپ بىلەن تەكلىپ قىلىشتوختىمى ئىمزالايدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكلىپ قىلغان مەكتەپكە بېرىپتىزىمغا ئالدۇرىدۇ. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە سەۋەبسىزقاتناشمىغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە قايىل قىلارلىق سەۋەب يوق تىزىمغائالدۇرمىغانلارنىڭ  تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتىبىكار قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان شۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچيىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىئوقۇتۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ.


بەشىنچى،نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەلەپلەر


ئاپتونومرايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكلىپقىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ،ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىنتىزامتەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھە ھەم كەڭ خەلقئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئومۇم ئۈچۈن ئىش بېجىرىشى، تەكلىپقىلىشنىڭ ئاشكارە، ئادىل، باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىقخادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ھۆكۈمەتئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغانلارغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگەقاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولۇپجىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قارىتا، ئەدىلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلارجاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھانغا قاتنىشىشقاتىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ تەكلىپ قىلىنىپبولغانلار بولسا، تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.


تەكلىپقىلىنىپ ئىش ئورنىغا چىققان مەجبۇرىي مائارىپ باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدەئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭمەمۇرلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە مەمۇرلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشقا بولمايدۇ.


ئالتىنچى، ئالاقىدار ئىشلار


بۇ«نىزام»دا بېكىتىلگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلار ئالاھىدە ئىشلار يۈز بېرىشسەۋەبلىك ئۆزگىرىش بولسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.


بۇ«نىزام»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىيكاپالەت نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.


مەسلىھەتسوراش تېلېفونى:


ئاپتونومرايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى: 0991-7606121، 7606238


نازارەتقىلىش تېلېفونى:


ئاپتونومرايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش،مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى:0991-3689635


ئاپتونومرايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىشئىشخانىسى:0991-7606199


تورنىقوللاش تېلېفونى: 0991-7606092، 7606209


ئاپتونومرايونلۇق مائارىپ نازارىتى


ئاپتونومرايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى


2013-يىلى5-ئاينىڭ 21-كۈنى


__________________________________________
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ رايون تۈرلىرى

<>[tr] [/tr]
新疆维吾尔自治区各县市地区类别
序号地、州、市县市地区类别
1阿克苏地区阿克苏市三类地区
2阿瓦提县四类地区
3拜城县四类地区
4地区直属三类地区
5柯坪县四类地区
6库车县三类地区
7沙雅县三类地区
8温宿县三类地区
9乌什县四类地区
10新和县四类地区
11阿勒泰地区阿勒泰市四类地区
12布尔津县四类地区
13地区直属四类地区
14福海县四类地区
15富蕴县四类地区
16哈巴河县四类地区
17吉木乃县五类地区
18青河县五类地区
19巴州巴州石油教育分局四类地区
20博湖县三类地区
21和静县四类地区
22和硕县四类地区
23库尔勒市三类地区
24轮台县三类地区
25且末县五类地区
26若羌县五类地区
27尉犁县四类地区
28焉耆县三类地区
29州直属三类地区
30博州阿拉山口三类地区
31博乐市三类地区
32精河县三类地区
33温泉县四类地区
34州直属三类地区
35昌吉州昌吉市二类地区
36呼图壁县三类地区
37昌吉州直属二类地区
38奇台县三类地区
39哈密地区巴里坤县五类地区
40哈密市三类地区
41吐哈油田教育分局三类地区
42伊吾县五类地区
43地区直属三类地区
44和田地区策勒县五类地区
45地区直属四类地区
46和田市五类地区
47和田县五类地区
48洛浦县五类地区
49墨玉县五类地区
50皮山县五类地区
51于田县五类地区
52喀什地区巴楚县四类地区
53地区直属四类地区
54伽师县四类地区
55喀什市四类地区
56麦盖提县四类地区
57莎车县五类地区
58疏附县四类地区
59疏勒县四类地区
60塔什库尔干县六类地区
61叶城县六类地区
62英吉沙县四类地区
63岳普湖县四类地区
64泽普县四类地区
65克州阿合奇县六类地区
66阿克陶县六类地区
67阿图什市四类地区
68乌恰县六类地区
69塔城地区地区直属三类地区
70额敏县四类地区
71和丰县四类地区
72沙湾县三类地区
73塔城市三类地区
74托里县四类地区
75乌苏市三类地区
76裕民县四类地区
77吐鲁番地区地区直属三类地区
78鄯善县三类地区
79吐鲁番市三类地区
80托克逊县四类地区
81区直乌鲁木齐市二类地区
82伊犁州察布查尔县四类地区
83巩留县四类地区
84霍城县四类地区
85奎屯市三类地区
86尼勒克县四类地区
87特克斯县四类地区
88新源县四类地区
89伊宁市三类地区
90伊宁县三类地区
91昭苏县五类地区
92州直属三类地区

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-21 05:14 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەن ياشاش ئۈچۈن يەپ ئىچىمەن~!

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8157
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر ياخشى ئىشكەن.....

مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىللىق يىلدىن يىلغا چىڭايسا........  ئۇيغۇر تىلى يىلدىن يىلغا يىمىرىلسە .......  زادى قانداق قىلغۇلۇق ؟؟؟

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 06:29:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇرسەت كەم ئەمەسلەرگە پۇرسەت كۆپىيىپتۇ ... پۇرسەت يوقلارغا تىغىمۇ جاھان قاتتق بولغىدەك .

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76785
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-3-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 07:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
madonna يوللىغان ۋاقتى  2013-5-21 05:53 PM
قوش تىللىق يىلدىن يىلغا چىڭايسا........  ئۇيغۇر تىلى يىلدى ...

ئاللاھ خالىسا قوش تىل دەپلا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى تاشلاپ قويمايمىز ،قوش تىل دىگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن ۋاز كىچىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ ، ئەۋلادلارغا ھەر ئىككى تىلدا بىلىم ئىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىشقا تىرىشىپ باقىمىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ، بولسا ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئۆزىگە گەپ تىپىپ بىرەلىگۈدەك تەربىيەلەيمىز . قالغىنىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇق. ئاللاھ ئاسان قىلغاي .

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5739
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2267 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 07:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىڭلار، مېنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقان ۋاقىتتىكى كۆزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، مىللەت چەكلىمىسى يوق ئورۇنغان تىزىملاتقان ئۇيغۇر، خەنزۇلار بىر ئورۇننىڭ ئىمتىھانىنى تەڭ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىقى ئومۇمىي نەتىجىدە 60%ئۇيغۇر خەنزۇلارنى قالدۇرۇپ، ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ كەتكەن، پەقەت سىز ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، خاتىرىجەم تىزىملىتىڭ، باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر ئورۇنغا چۈشۈپ رىقابەتلىشىشمۇ ئانچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەس.
ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 808
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 08:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر ، جاپا چىكىپسىز .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4231
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 08:57:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 617 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 09:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 09:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى ئىمتىھان بىرىدىغان ئورۇننى ياخشى تاللاش كېرەك ، بولمىسا يەنە ئۆتەلمەيدىغان ئىش بوپ قالىدىكەن ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش