مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4335|ئىنكاس: 49

جەنۇپتىن كەلگەن خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 03:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         بىر كۈنى كوت-كوتۇمنى ئېچىپ ئولتۇرسام، قاي زامانلاردا قوشۇۋالغان بىر دوستۇم خەت قالدۇرۇپتۇ. خەتنىڭ ئاستىدا ئادىرىس باركەن، ئۇ ئادىرىسنى ئېچىپ مەزمۇنىنى كۆرۈپ بولغۇچە مىچىلداپ يىغلاپ كەتتىم.
      ئەسلىدە جەنۇپتىكى مەلۇم ۋىلايەت، مەلۇم ناھىيەدە خىزمەت قىلىدىغان بۇ تورداش ماڭا ئۆز ناھىيسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان نەتىجە تىزىملىكىنى ئەۋەتكەن ئىكەن. تىزىملىكتىكى نومۇرلارنى كۆرگەن ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسى يىغلىماي قالمايدۇ! چۈنكى، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ھېساپلىنىدىغان ئىزباسار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىن ئالغان نومۇرلىرى كىشىنى دەھشەتلىك قورقۇنۇشقا مۇپتىلا قىلىپلا قالماستىن، يۈرەك باغرىڭىزنى چەكسىز ھېسداشلىق تەشۋىشلىرى قاپلايدۇ. مىللىتىنى ۋە سەبىيلەرنى سۆيىدىغان ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ نومۇلار تىزىملىكىنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا...ھۆڭرەپ يغىلىۋېتىدۇ ئەمەس، غەزەپ ۋە نەپرەت ئىلكىدە مىڭىسى قايناپ پارتىلاپ كېتىشى مۇمكىن.
  كېيىن، بۇ تورداش بىلەن كوت-كوتتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىرلەشتۇق، ئۇنىڭ سۆزىچە، ئەگەر بۇ نەتىجىلەرنى خەلقى ئالەمگە ئېلان قىلىۋەتسەك، ئۇنىڭ خىزمىتى ھەتتا بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچىرىشى مۇمكىنكەن. بۇرۇنمۇ ئازراق بىر ئۇچۇرنى ئاشكارلاپ قويۇپ، كۆپ دىشۋارچىلىقلار يولۇققاچقا ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا، مېنىڭ بىر ئامال قىلىپ بۇ نەتىجىلەرنى، ئىسىملارنى ئۆزگەرتىپ توردا يوللىۋېتىشىمنى تاپىلغانتى. لېكىن، مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنى ئاشكارلىماسلىقنى قارار قىلغانتىم، بىراق، شۇ كۈندىن باشلاپ يۈرىكىمدە بىر گادا پەيدا بولۇپ، ئىنتايىن بىئارامسىلىنىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم، چۈشلىرىمدە تۈمەنلىگەن سەبىيلەر قوللىرىغا 0، 5، 7 ، 11، 12، 13، 14، 15، 17، 19، 21، 32. 34، 40، 43، 56، 58، 60، 67،...رەقەملەر يېزىلغان ئىمتىھان سوئال قەغەزلىرىنى كۆتۈرگىنىچە يىغلاپ تۇرغان ھالەتتە ئايان بولىدىغان بولىۋالدى. بەلكىم، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، پۈتۈن ناھىيەدىكى نەچچە ئون مىڭلغان ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان نەتىجىسى ئارىسىدا ئىمتىھاندىن 90 نومۇر ئېلىپ ئۆتكەنلەر يوق، 80 نومۇر ئالغانلار ھەم يوق...70 نومۇر ئالغانلار بىر، ئىككى...نەپەر خالاس.
       توردىشىمنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى بۇ قېتىملىق نەتىجىدىنمۇ ئېچىنىشلىق نەتىجە مەلۇماتلىرىنى كۆرۈپتىكەن. لېكىن، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر مەخسوس خىزمەت گۇرۇپپسى تەشكىللەپ، بۇ نومۇرلارنى قايتىدىن تۈزەپ، ئوڭشاپ، يالغاندىن لاياقەتلىك قىلىپ يۇقىرىغا، ئاپتونوم رايونغا يوللايدىكەن.بارلىق ئىمتىھان نەتىجە قەغەزلىرىنى خاس تەيىنلەنگەن خەنزۇ مۇئەللىملەر قايتىدىن ئىمتىھان بەرگەندەك تۈزىتىپ چىقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ناھىيە ھەر يىلى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئىلغار بولىۋېتىپتۇ. بىراق، بۇنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغىنى دۆلەتنى ئالداش، مىللەتنى نادان قالدۇرۇش، مائارىپ قانۇنىغا ،خىلاپ جىنايى قىلمىشلار ئىكەن.
     توردىشىم، بۇنى ماڭا يوللاپ بەردى، مەن ئەمدى كىمگە يوللىشىم كېرەك...؟! ئاشۇ مۇدىھىش تۆت تامنىڭ ئىچىدە كۆزلىرىنى مۆلدۈرلۈتۈپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ئولتۇرغان بالىلارنى قاراپ تۇرۇپ نابۇت قىلىۋېتەمدۇق؟!  ئاخىرى بۇ ئىشنى تورغا يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرگىلى تۆۋەنگە چۈشكەندە، داستىخانغا دۈم چۈشمەي ئەل ئارىسىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا يوشۇرۇن سىڭىپ كىرىپ بۇ ناھەقچىلىكەرنى تەكشۈرەش تەكلىپىنى بولسىمۇ بېرىپ قوياي، دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەگەر سىزلەر ھەرقايسى ۋىلايەت ،شەھەرلەرگە داغدۇغا بىلەن تەكشۈرەشكە كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىۋەتسىڭىزلەر، سىزلەر بىلمەكچى ، تەكشۈرمەكچى بولغان بارلىق ئىشلار يوشۇرۇنۇپ بولغان بولىدۇ.  
  دۆلەت زۇڭلىسى ۋىن جىيا باۋ تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەلنىڭ، خەلقئارانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، ئۇنىڭ مۇلايىملارچە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان تۇرقى پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىلدى. لى كېچاڭمۇ ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭماقتا...جۇڭگو چۈشى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ جۇڭگو مەدەنىيتىگە ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان، نوپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان، جۇڭگودىكى 5 چوڭ مىللەتنىڭ بىرى سانىلىدىغان ئۇيغۇر مائارىپىغا،  ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو چۈشى، ئۇيغۇر ئارزۇسىغا چوقۇم دېققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتىيالمىسىمۇ ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكىرتارى جاڭ چۈنشەن ۋە ياكى قوش تىل ھىماتچىسى رەئىس نۇر بەكرىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
      ئەگەر مائارىپ- مەغلوپ بولسا،  مائارىپ- ساختلىق بىلەن نىقاپلانسا، مائارىپ قوشۇنىغا بىر ئۇچۇم دۆلەتنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مائارىپ قانۇنىنى قانۇنلىق ئىجرا قىلمايدىغان نادان كىشىلەر سۇقۇنۇپ كىرىۋالسا، بۇنداق مائارىپ پەقەت بۇ دۆلەتكە بىر تۈركۈم قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئەسەبىي جىنايەتچىلەر قوشۇنىنى تەربىيلەپ بېرىدۇ خالاس! ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتنىڭ تەقدىرى نىمە بولماقچى؟! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئاممىسنىڭ مائارىپى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى تەكشۈرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن...بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قانۇن، سىياسەتلىرىنى باراۋەر يولغا قۇيۇشى ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئەبەدىيلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

2013-يىلى5-ئاينىڭ21- كۈنى قومۇل                                         مەنبە باغداش مۇنبىرى

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 03:52:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىم ھەمىمىز ئويلىنىپ باقساق دىگەن ئۈمۈتتە  يوللىدىم.كۆچۈرمىكەشلىككە كىرمەيدۇ مىللەت ئۈچۈن قىلۈان  ئىشلار

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2813 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلاقنى ئىتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلايدىغانلارنىڭ بۇنداق ئىش بىلەن كارى يوق ، ئۈزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەۋېرىدۇ . خەلق قانچە نادان بولسا باشقۇرماق شۇنچە ئاسان بولىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 99 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1061 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يۇقىرىنى ئالداش بولۇپلا قالماستىن يەنە پەرزەنتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئالداش بولۇدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7534
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7727 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇساق كۆپىدىغان ئىشلار ئىكەن. بۇنى ھەر بىر ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى كۆرۈپ ئۆزى توغرىىسدا قاتتىق ئويلىنىشى كىرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:55:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
maaripni tuzimay mingni mablag salgini bikar

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29863
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6348
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2920 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 06:12:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم بۇنى يوللىغىنىڭىز بەك بەلەن بوپتۇ،بىراق بۇ تېمىنى شۇ مائارىپنى تۇزەيدىغانلار كۆرەمدۇ يوق؟ ئەسلى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ جاڭچۇنشەنگە يوللىغىنى بولسىدى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ئەسقەر  تۇراپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 06:38:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلاردىن سورايدىغان گەپ بار ئېدى نېمىشقا مەن خەت يازسام باشتىن ئاخىرى تەكشى چىقمايدۇ، يۇقارقى ماقالدە خەت شەكلى شۇنداق رەتلىك چىقىپتۇ خەت شەكلنىڭ چوڭ كىچىكلكىنى
قانچە قىلساق رەتلىك چىقدۇ خاپا بولماي تورداشلار ماڭا دەپ بەرسەڭلار

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17914
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 833 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 06:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ تاڭلار ئېتىپ كۈن پاتىدۇ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 07:01:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىمىنى مىسرانىمغا يوللىماي باغداش قا يوللىسىڭىز بولىتى ئەسلى ، ئەتىگە قالماي تىمىڭىزنى ئۆچۈرۋىتىدۇ .  ئەلشاھ تەستىقلىغىنى بىلەن  ئابابەكرى ئۆچۈرىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش