|
|
|
|
ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ قەيەردە ئۆلۇشىنى بىلمەيدۇ ،لىكىن بۇ كانادالىق 72ياشلىق ئايال Susan Griffithsئۆزنىڭ نەدە قاچان قانداق ئۆلۇشىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۇلۇپ تۇرۇپ تالىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخرىقى مىنۇتلىرىنى سۇرەتكە چۇشۇپ جاھان ئەھلىگە خاتىرە قالدۇرغان.
سىز بۇ ئايالنىڭ شۇنداق روھلۇق ۋە كۇلۇمسىرەپ تۇرغىنىغا قاراپ ، بۇ ئايالنى شۇنداق ساغلام ۋە بەخىتلىككەن دەپ قارىماڭ، ئۇ بىر خىل كەم ئۇچۇرايدىغان بەدەنىڭ ئىچكى موھىم ئەزالىرى ئىچكى قىسىمدا قۇرۇپ ،قورۇلۇپ قورايدىغان غەلتە كىسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنى كىسەل ئازاۋى شۇنداق قىينىغان ،ئۇ كىسەل ئازاۋىدىن تاماقتىن قىلىپ ،ئۇيقىدىن قىلىپ ،يا تۇزۇك ياتالماي يا تۇزۇك ئورنىدىن تۇرالماي تىرىك بىلەن ئۆلۇلۇكنىڭ ئارلىقىدا قالغان، بۇنداق كىسەلنىڭ ھازىرچە دۇنيادا ھىچ قانداق بىر ئۇنۇملۇك داۋاسى بولمىغان لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ كىسەلىك ئازاۋىنى يىڭىپ ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىگە مۇشۇنداق روھلۇق كۆرنۇشكە تىرىشقان.
ئۇ ئاخرى ھاياتى بىلەن خوشلۇشۇپ بۇ ئاغىرىق ئازاۋىدىن قۇتۇلماقچى بولغان ، ھازىر بەزى دۆلەتتلەردە ساقىيالمايدىغان ئىغىر كىسەلەرنىڭ دوختۇرنىڭ ياردىمىدە ئوكۇل ئۇرۇپ تىنىچ ھالدا بۇ دۇنيادىن كىتىشىگە يول قويدۇ.لىكىن كانادادا بۇ قانۇنغا خىلاپ ئىش بولغاچقا ،ئۇ شىۋىتسارىيەگە بىرىپ 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۇنى دوختۇرخانىدا ئۆز رازىلىقى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدى ، ھەم قارشى تەرەپ بىلەن شۇنداق كىلىشتى.
ئۇ بىر كىچىنى تاڭ ئاتقۇزۇش ئۇچۇن ئۇ خۇددى بىر ئەسىرنى ئۆتكۇزگەندەك ئۇزۇن تۇيۇلاتتى .
ئۇنىڭ كۆرۇنمىگەن دوختۇرى يىمىگەن دورىسى قالمىدى.
ئۇ بىردەم بولسىمۇ تىتىك روھلۇق كۆرنۇش ۋە ماغدۇرغا كىلىش ئۇچۇن زورلاپ ئۆزى ياقتۇردىغان تاماقنى يىدى.
ئۇ تۆت يىلدىن بىرى كۇنلىرىنى كارۋات بىلەن ھارۋىدا ئۆتكۇزدى ،ئۇنىڭ نەۋىرسى ئۇنىڭ ھالدىن ئىزچىل خەۋەر ئىلىپ كەلدى.
ئۇنىڭ نەۋىرسىنىڭ مومىسىغا تەييارلىغان سوغۇتى. باغاقچىغا ، دۇنيادىكى ئەڭ مىھىرىبان قەدىرلىك مومامغا بىرىمەن دەپ يىزىلغان.
ئۇ مومسىنىڭ قارارىنى ئاڭلاپ ھاڭتاڭ قالدى ، بۇنىڭغا قانداقمۇ قوشۇلغىلى بولسۇن! لىكىن قوشۇلمايمۇ ئامالى يوق ئىدى ، ئۇنىڭ مومىسىنىڭ كىسەل ئازاۋى كۇندىن -كۇنگە ئىغىرلىشىپ، ئاغىرىق ئازاۋى ئۇنىڭ مومىسىنى قاتتىق ئازاپلاۋاتاتى......
ئۇنىڭ بۇ قىلىمىشى كانادا قانۇنىغا خىلاپ ئىش بولغاچقا ،ئۇ ئۆزنىڭ ئازاۋىنى قانۇن تارماقلىرىغا يىزىپ ئۆزنىڭ بۇ تالىشىنى توغرا چۇشۇنىشىنى ئۆتۇندى.
ئۇ يىزىپ بولغان ۋەسىيتى ۋە ئۆزنىڭ كىسەل بولغاندىن كىيىن بىشىدىن ئۆتكۇزگەن كەچۇرمۇشىنى يىزىپ دوستىنىڭ پارلامىتقا تاپشۇرۇپ بىرىشىنى ھاۋالە قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخرەتلىك ئىشنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
بىسىپ ئۆتكەن 72 يىللىق ھاياتنى ئەسلىمەكتە ......
ئۇ ئۆزنىڭ يىقىن كىشىلىرى بىلەن خوشلاشماقتا
ئۇنىڭ بىلەزۇكىگە مۆجىزە دەپ خەت ئويۇلغان ئىدى ،ئاستىدىكى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قالدۇرغان ۋەسىيەت نامىسى.
ئاخىرقى مىنۇتلارمۇ يىتىپ كەلدى.
ئۇ بارسا كەلمەس يولغا ئاتلاندى.
ئۇ كىلىننىڭ ياردىمىدە ئايروپىلان ئىستانسىغا يىتىپ كەلدى.
ئۇ بىر ئۆمۇر ئەڭ يىقىن ئۆتكەن دوستى بىلەن خوشلاشتى ، ئۇنىڭ دوستى ئۇنى قانداق ئۇزۇتۇشنى ۋە قانداق تەسەلى بىرىشنىمۇ بىلەلمىدى....
ئۇ ئۆزنى ئۇزاتقىلى چىققان كىشىلەرگە ۋە ھاياتقا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئەڭ ئاخرىقى قىتىم كۆزگە ئىسىق ياش ئىلىپ خوشلاشتى.....
ھەممىسى تۇگدى.... ئۇ ئاشۇنداق ئۆلۇم يولىنى تالىدى......
بىزدە ئاسان ئاغىرىق ،ئاسان ئۆلۇمنى تىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ. بۇنداق ئىغىر كۇننى ھىچ قانداق ئىنساننىڭ بىشىغا كەلمىگەي.
بىزدە ئۆزنى ئۆلتۇرۋىلىشنى ئەڭ ئىغىر كۆرمىز شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ تىمنى مۇشۇ ۋەقەلىك بىلەن باغلاپ چۇشۇنۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
مەنبەhttp://bbs.tiexue.net/post_6727207_1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 12:42 PM
|
|
|
|
|
|