ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەستىقى» (م م [2010] 511-نومۇرلۇق)، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «2013-يىللىق يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىدىكى ئالاقىدار يولغا قويۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ئو ن م [2013] 4-نومۇرلۇق)، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» (ش پ گ [2006] 36-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلاش پىكىرى» (ش پ گ [2008] 14-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى تۆۋەنگە تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ئى ت [2010] 108-نومۇرلۇق) دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەتكەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
بىرىنچى، تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى
«ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى
1. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى
(1) شىنجاڭ نوپوسىدىكى ياكى شىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرگەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئادەتتىكى پىلانىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)؛
(2) شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛
(3) شىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرمىگەن ئىچكىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (پەقەت ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا بولىدۇ)؛
(4) شىنجاڭدا ستۇدېنلارنىڭ پىدائىي بولۇپ غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان ھەمدە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛
(5) شىنجاڭدا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ۋە ستۇدېنلارنىڭ پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشنى باشتىن كەچۈرگەن خادىملار:
(6) شىنجاڭدا قېپقالغان ئەسكەرلەرنىڭ جۆرىلىرى؛
تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:
(1) جىنايى ئىشلار جازاسى، مەمۇرىي جازاغا ئۇچراپ جازاسى تېخى بىكار قىلىنمىغانلار:
(2) يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلىق، كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىمى قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار:
(3) ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساس قاتلام يېزا-بازار خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن تېخى مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان خادىملار:
(4) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ خىزمەتتىكى، شىتاتتىكى خادىملار (ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ).
تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ستۇدېنتلار ئۇچۇر تورىغا دىققەت قىلىڭ. مەنزىل: http://www.xjstudent.com/kurux.asp?id=15616
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 12:38 PM