|
|
|
|
2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش نىزامى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار» (ش پ ت [2004] 2-نومۇرلۇق)، «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (ش پ ت [2005] 28-نومۇرلۇق)، «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (ش پ ئى ت [2008] 19-نومۇرلۇق)لىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپارات-شىتات كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئاپارات-شىتاتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ئا ش ئى [2009] 154-نومۇرلۇق) ۋە «‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى›نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش م ك [2009] 51-نومۇرلۇق) تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلوق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىقتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە 2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
توردا ئىمتىھانغا تېزىملاش ۋاقتى:
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16:00 دىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18:00 گىچە،
ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ستۇدېنتلار ئۇچۇر تورىدىن كۆرگەيسىز، مەنزىلى: http://www.xjstudent.com/kurux.asp?id=15615
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 12:37 PM
|
|
|
|
|
|