|
|
|
|
5- ئاينىڭ 17- 18- كۈنلىرى ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى <چاقنىغان مىراس > ناملىق سېرىك نۇمۇرلىرىنى خەلقىمىزگە سۇندى، بۇ كېچىلىكنىڭ بېلىتى ھەقسىز بولۇپ ،كېچىلىكتە سېرىك ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ،خەتىرى چوڭ ،شۇنداقلا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ماھارەتلىرى خەلقىمىزگە سۇنۇلدى.
ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى ئەرلەر كىيىمىنى ئاساس قىلغان،ئەرلەر كىيىمىنى لايىھىلەش،ئىشلەپچىقىرىش،سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن،كەسىپلەشكەن ئەرلەر كىيىمى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت.
شىركەتنىڭ ‹‹مىراس›› كىيىملىرى ماركىسى2005 -يىلى يەككە تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغان.دەسلەپكى قەدەمدە ‹‹مىراس››ماركىلىق قوي يۇڭى پوپايكىسىنى مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. 2010-يىلى 7-ئايدا داڭلىق ماركىلىق مىللىيچە كىيىملەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،كىيىم -كېچەك تۈرلىرىنى كۆپەيتىش،بىر تۇتاش باشقۇرۇش مەقسىتىدە ، شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچى مەغرىب سوداچەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى.شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن،شىركەت قارمىقىدىكى مىراس ماركىسىدىكى كىيىم -كېچەك تۈرلىرى ئەسلىدىكى بىر تۈردىن كۆپىيىپ كاستۇم-بۇرۇلكا،بوغما چاپان،قوي يۇڭى پوپايكىسى، ئارامبەخىش مايكا،كۆينەك،خۇرۇم كىيىم،خۇرۇم ئاياغ،ھەميان،قول سائىتى،گالىستۇك،ئىچ كىيىم،خۇرۇم تاسما،پايپاق قاتارلىق 30 نەچچە خىلغا يەتتى . شىركەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ،شىركەتتە مەمورىيەت بۆلۈمى،مالىيەبۆلۈمى،ئۇچۇر-تەشۋىقات باشقۇرۇش بۆلۈمى، ئۇنۋېرسال بۆلۈم ،ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش بۆلۈمى،ئىسكىلات باشقۇرۇش بۆلۈمى،ئاممىۋىي مۇناسىۋەت بۆلۈمى،سېتىش بۆلۈمى،سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىق فونكىسىيەلىك ئاپپاراتلار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى،ھەمدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ۋە لايىھلەش ئىنىستىتوتى بىلەن كىيىم-كېچەك تۈر تەتقىقاتى توغرىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى . شىركەتكە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر خىزمەتچى-خادىملار قوبۇل قىلىندى ۋە تەربىيەلەندى.بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان دوكتۇر ئاسپىرانتتىن بىر نەپەر ، ماگىستىر ئاسپىرانتتىن ئۈچ نەپەر ،تولۇق كۇرۇس سەۋىيىسىدىكىلەردىن 15نەپەر خادىم بار.
شىركەتنىڭ سېتىش نۇقتىلىرى ئىچىدە ، شىركەت بىۋاستە مەبلەغ سالغان مەخسوس سېتىش دۇكىنىدىن 3،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلەردىن 45بار.
شىركەت توپ تارقىتىش ، رايون ۋاكالەتچىلىكى ۋە مەخسوس سېتىش دۇكانلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئۇنېۋېرسال كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ ،ئۆزىگە خاس بولغان كارخانا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ،‹‹مىراس››داڭلىق ماركىسىنى شىنجاڭغا ، جۇڭگوغا ، خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش كارخانا نىشانىنى تۇرغۇزۇپ ،‹‹كارخانا باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ،مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش،سېتىشتا يېڭىلىق يارىتىش،مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش،ھەمكارلىشىشتا يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.‹‹مىراس››ماركىسىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ شەھەر،ناھىيىلىرىگىچە كېڭەيتتى.
شىركەت ئىزچىل ھالدا ئىتىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاپ ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى : شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،شىركىتىمىز ئىلمىي كارخانا باشقۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللىنىپ،ئورتاق نىشان بىلەن ‹‹مەغرىب›› كە جەم بولغان قەيسەر قىز -ئوغلانلار يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ گۈزەل مەنزىلگە قاراپ دادىل قەدەم تاشلىماقتا.
|
|
|
|
|
|