مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1225|ئىنكاس: 5

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش نىزامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10336
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5126 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 07:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش نىزامى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەستىقى» (م م [2010] 511-نومۇرلۇق)، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «2013-يىللىق يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىدىكى ئالاقىدار يولغا قويۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ئو ن م [2013] 4-نومۇرلۇق)، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» (ش پ گ [2006] 36-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلاش پىكىرى» (ش پ گ [2008] 14-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى تۆۋەنگە تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ئى ت [2010] 108-نومۇرلۇق) دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەتكەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

بىرىنچى، تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى

«ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.

ئىككىنچى، تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى

1. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى

(1) شىنجاڭ نوپوسىدىكى ياكى شىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرگەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئادەتتىكى پىلانىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(2) شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛

(3) شىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرمىگەن ئىچكىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (پەقەت ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا بولىدۇ)؛

(4) شىنجاڭدا ستۇدېنلارنىڭ پىدائىي بولۇپ غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان ھەمدە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛

(5) شىنجاڭدا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ۋە ستۇدېنلارنىڭ پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشنى باشتىن كەچۈرگەن خادىملار:

(6) شىنجاڭدا قېپقالغان ئەسكەرلەرنىڭ جۆرىلىرى؛

تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:

(1) جىنايى ئىشلار جازاسى، مەمۇرىي جازاغا ئۇچراپ جازاسى تېخى بىكار قىلىنمىغانلار:

(2) يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلىق، كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىمى قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار:

(3) ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساس قاتلام يېزا-بازار خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن تېخى مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان خادىملار:

(4) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ خىزمەتتىكى، شىتاتتىكى خادىملار (ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ).

2. ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش شەرتلىرى

1. سىياسىي ساپاسى ياخشى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛

(2) 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇش؛

(3) خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان تەن ساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛

(4) تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىنىڭ ئالاقىدار كەسىپ ئارقا كۆرۈنىشىنى ھازىرلىغان بولۇش؛

(5) ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشنىڭ ئوقۇش تارىخى تەلىپى:

بىرىنچى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى بولۇش (مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئوقۇش تارىخى، «3+2» ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا كەسپى ئوقۇش تارىخى، چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئادەتتىكى پىلانىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخىنى ئىچىگە ئالىدۇ)؛

ئىككىنچى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشتا ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشتا چوقۇم تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش؛

ئۈچىنچى، تۆتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ جاپالىق، چەت، يىراق يېزا-بازارلىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا ۋە بەشىنچى، ئالتىنچى تۇردىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا شىنجاڭدا ئوقۇشقا كىرگەن چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە خىزمەتتىن ئايرىلىپ مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (پىداگوگىكا  تۈرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ)، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۇچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل ئەدەبىياتى، ئىنگىلىز تىلى، باشلانغۇچ مائارىپ، مەجبۇرىي مائارىپ ۋە پىداگوگىكا كەسپى بىلەنلا چەكلىنىدۇ)نىڭ تىزىملىتىشىغا روخسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە: تاشقورغا تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتۇش نۇقتىسى ۋە باشقا ئالتىنجى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ جاپالىق، چەت، يىراق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار (خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل ئەدەبىياتى، ئىنگىلىز تىلى، باشلانغۇچ مائارىپى ۋە مەجبۇرىي مائارىپ كەسپى بىلەنلا چەكلىنىدۇ) تىزىملاتسا بولىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۆتىنچى،  بەشىنچى، ئالتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ يېزا، بازارلىرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت پەنلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا تۈرىدىكى مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

(6) تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ۋە پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ:

بىرىنچى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان تىزىملاتقۇچىلار پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجىنىڭ B  دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار چوقۇم HSK دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك: باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا HSK نىڭ 5-، 6-، 7-دەرىجە سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇشى؛ باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «خەنزۇ تىلى» پەنى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا  HSK نىڭ 5-، 6-، 7- دەرىجە سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇشى ياكى MHK نىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى 4-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى، غەيرىي خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى 3-دەرىجىنىڭ A دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى 3-دەرىجىنىڭ A دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى، غەيرىي خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى 3-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش مىللەت ئايرىمىسى شەرتى خەنزۇ بولغان تەكلىپ قىلىش ئىش ئورۇنلىرىغا خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار ۋە ئانا تىلى خەنزۇ بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ.

(7) تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تەلىپى:

ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى تەلىپىنىڭ مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلاش بولسا تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى ئوقۇش تارىخى تەلىپىگە چوقۇم ئۇيغۇن كېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ياكى پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 6- تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئۆلچەمگە يېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

(8) كونكرېت تەلەپلەرنى «2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنى تولدۇرغان ۋاقىتتا، يەنى ئېلان قىلىنغان تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى ئوقۇش تارىخى ۋە سالاھىيىتىگە قارىتا ئالاھىدە تەلەپ بەلگىلەنگەن بولسا، تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىدا ئېلان قىلىنغان تىزىملىتىش شەرتىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك؛ ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، تەكلىپ قىلىش نىزامىدا ئېلان قىلىنغان تىزىملىتىش شەرتلىرىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى

3013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش نىزامى، ئىمتىھان ئىزاھاتى، ھۆججەت ئۇقتۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ـــ «ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش» ئىستونىدا ئېلان قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ( تور ئادرىسى: http://www.xjedu.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (تور ئادرىسى: http://www.xjrs.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدۇ.

تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شىتاتى بېكىتىلگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن يېزا، بازار مەكتەپلىرى (يېزا مەكتەپلىرى) دە ئۈچ يىل مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىلىدۇ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىل ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى بىكىتىلگەن مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا يىللىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن شىتاتى بېكىتىلگەن مەكتەپكە قايتىپ خىزمەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپتە شىتاتى ۋە ئىش ئورنى بېكىتىلىدۇ.

تۆتىنچى، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى

1. توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ (2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16:00 دىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش، قوش دەم ئېلىش كۈنىدە نورمال خىزمەت قىلىدۇ)

تىزىمغا ئالدۇرۇش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇ ھەمدە  ئۆزى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى توردىن چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، يالغان، ساختا ئۇچۇر بىلەن تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىنىدۇ.

مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر (باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تەڭ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچى قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنى ۋە غەيرىي قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىش ئورنىغىمۇ تەڭ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ. ھەر بىر ئىمتىھان بەرگۈچى پەقەت بىر مەكتەپنىڭ بىر ئىش ئورنىنىلا تاللاپ تىزىملىتىشى شەرت، ئارتۇق تىزىملىتىشقا بولمايدۇ، ئارتۇق تىزىملاتسا ئىناۋەتسىز بولىدۇ. تىزىملىتىش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تىزىمغا ئالدۇرغان ئىش ئورنىغا قارىتا دىنامىكىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش ئۇچۇرى تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدە قەرەللىك ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

2. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش (2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە)

سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش خىزمىتى بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدى بىلەن سالاھىيىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ، ئاندىن نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش ئېلىپ بېرىشى شەرت، مەسىلەن: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاشقا قاتنىشىدۇ. كونكرېت ئورۇن، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

(1) سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش

سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى مەسئۇل بولىدۇ. تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئىناۋەتلىك كىملىك؛ ئىككىنچى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنى تېخى ئالمىغان 2013-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي بۆلۈمى چىقىرىپ بەرگەن 2013-يىلى 7-ئايدىن ئىلگىرى نورمال ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يازمىچە ئىسپات ماتىرىيالىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، ئىسپاتتا ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، ئوقۇغان كەسپى ۋە تەربىيەلىنىش شەكلى (پۈتۈن كۈلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، چوڭلار ئالىي مائارىپى) ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىش ئىسپاتىنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى چىقىرىپ بېرىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى يوقلار تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى  MHK( HSK) دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى (ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە)نى تەمىنلىشى كېرەك؛ تۆتىنچى، «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار» ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتىپى چىقىرىپ بەرگەن مەكتەپتىكى مەزگىلدە «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچى» بويىچە ئوقۇدى دېگەن ئىسپاتنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك؛ بەشىنچى، توردىن چۈشۈشۈپ بېسىپ چىقارغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى»؛ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرت، ئىسپات، ماتىرىياللارنى تولۇق ھازىر قىلغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، نەتىجە نەق مەيداندا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ.

(2) نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش

سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بېكىتكەن نۇقتىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېلېكترونلۇق رەسىمگە چۈشۈش قاتارلىق ئۇچۇر توپلاش ئىشلىرىنى ئورۇنلايدۇ ھەمدە يېزىقچە ئىمتىھان بېرىش كېنىشكىسىنى ئالىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نۇمۇرى (12 خانا)نى ئىشلىتىپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ تەكشۈرۈپ بېقىشى ھەمدە ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى دائىرىسى ئىچىدە، تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ.

تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24:00 كىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)

      3. يازما ئىمتىھان

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئېلىپ كەلسە، ئاندىن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ يازما ئىمتىھانغا قاتنىشالايدۇ.

(1)    يازما ئىمتىھان ۋاقتى:

بىرىنچى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 9:30 دىن سائەت 12:00 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)

ئىككىنچى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 9:30 دىن سائەت 12:30 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)

(2) ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى

ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، كۇيتۇن شەھىرى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتىدا يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان بېرىدىغان ئىمتىھان نۇقتىسى (سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئورۇن بىلەن ئوخشاش بولمىغان)نى ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىنى تاللىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملاتقان ئىش ئورنى چوقۇم  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى بولۇشى كېرەك.

(3) يازما ئىمتىھان پەن تۈرى

يازما ئىمتىھان پەن تۈرى بىر بولۇپ، ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى ۋە پەنلەر كەسپىي بىلىمى سىنىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى، ئۇنىۋېرسال بېلىملەر سىنىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ۋەزىيەت-سىياسىي، مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە مائارىپ، قانۇن-تۈزۈمگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىگىلەش دەرىجىسىنى تەكشۈرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن خەنزۇچە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، پەنلەر كەسپىي بىلىمى سىنىقى جەمئىي 22 پەنگە ئايرىلىدۇ: خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى، قىرغىز تىل-ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى، ئىدىيە-سىياسىي (ئىدىيە-ئەخلاق، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش، ئەخلاق ۋە جەمئىيەتنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)، پىسخىك ساغلاملىق، تارىخ (شىنجاڭ يەرلىك تارىخىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)، جۇغراپىيە، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، گۇزەل سەنئەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى (كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇشنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى (ئەمگەك ۋە تېخنىكانىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)، قوللىنىشچان تېخنىكا، ئىلىم-پەن. كەسىپ سىنىقى پەنلەرگە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، «نېمىنى ئۆگەتسە شۇنىڭدىن ئىمتىھان بېرىش» پىرىنسىپى يۈرگۈزۈلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملاتقان ئىش ئورنى پەنى كەسپىي بىلىمىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ، سىناق نۇقتىلىق ھالدا ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى ئاساسلىق بىلىملەر ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچى مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى  يازما ئىمتىھان ۋاقتى 150 مىنوت، تولۇق نومۇر 150 نومۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەنلەر كەسپىي بىلىملىرى سىنىقى 120 نومۇر، ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى 30 نومۇر.

ئادەتتىكى تولۇق ئوتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى يازما ئىمتىھان ۋاقتى 150 مىنوت، تولۇق نومۇر 150 نومۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ھەممىباب تېخنىكا» پەن تۈرىدىن سىرت، باشقا تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھان پەنلىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقىنىڭ مەزمۇنى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچى مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىنىڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا 20 نومۇرلۇق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرى سىنىقى سۇئالى كۆپەيتىلگەن، بۇ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نومۇرىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ تولۇق ئوتتۇرا «ھەممىباپ تېخنىكا» پەنى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى مەزمۇنى باشقا پەنلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، كەسپىي سىناق دائىرىسى تولۇق ئوتتۇرا بىلىملىرى قىسمى بولىدۇ.

(4) ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش

«2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)نى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھان سۇئالى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش چىقىرىدۇ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى، قىرغىز تىل-ئەدەبىياتى ئىمتىھان سۇئالىدىن سىرت، باشقا ئىمتىھان سۇئاللىرى خەنزۇچە چىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب بېرىلىدۇ. ئومۇمەن تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ پەنلەر ئىمتىھانى تەلىپى بويىچە يازما ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

(5) يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھېسابلاش ۋە يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ھەم يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش

بىرىنچى، يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھېسابلاش. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى بىرتۇتاش بېكىتىدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئوخشىمىغان پەنلەرگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم بېكىتىلىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىش ۋە ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاشنىڭ ئاساسىي قىلىنىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلار يۈزتۈرا ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدۇ.

ئىككىنچى، يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

4. يۈزتۇرا ئىمتىھان

(1) يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە

(2) يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى. كونكرېت يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۇرسە بولىدۇ.

(3) يۈزتۇرا ئىمتىھان تەشكىلى:

يۇزتۇرا ئىمتىھان خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

(4) يۈزتۇرا ئىمتىھان خادىملىرىنى بېكىتىش

يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان خادىملار ئىچىدە نەتىجىسى بويىچە يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ۋە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 1:3 نىسبىتىگە قاراپ يۈزتۇرا ئىمتىھان خادىملىرى بېكىتىلىدۇ.

(5) يۈزتۇرا ئىمتىھان تەلىپى

بىرىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ تىزىملاتقان ئىش ئورنىنىڭ پەنلەر ئۆگىنىش بۆلىكىگە ئاساسەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان دەرسلىكتىن ئۈچ نۇسخا دەرس پىلانى تەييارلايدۇ، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئالىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ بەرگەن بىر نۇسخىنى يۈتۇرا ئىمتىھاندا سۆزلەيدۇ، سۆزلەش ۋاقتى 20 مىنوتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۈرا ئىمتىھان ھالقىسىدا ساختىلىق قىلىپ بايقىلىپ قالسا، يۇزتۇرا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

ئۈچىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، بىركۈن بۇرۇن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30 مىنوت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا يىغىلىشى كېرەك. يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا كەلسە، يۈزتۇرا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

تۆتىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتىدا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كېملىك، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا ئەسلى نۇسخا ئىمتىھان بەرگۈچىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان گۇۋاھنامىلار تولۇق بولماي ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى دەلىللىگىلى بولمىسا، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

بەشنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تولۇق نومۇرى 100 نومۇر، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 60 نومۇر، لاياقەتلىك بولمىغانلار تەكلىپ قىلىنمايدۇ.

5. ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى)

ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئومۇمىي نەتىجە = يازما ئىمتىھان نەتىجىسى × %60 + يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى × %40 . يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

6. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە)

سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ئادەم سانىغا ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە ۋە ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن ئىلگىرى (كونكرېت سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ) ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىملىتىدۇ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە گۇما تۇغۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋىرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغانلار تەكلىپ قىلىنمايدۇ، ئىش ئونىدا بوشلۇق كۆرۈلسە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوش قالغان ئىش ئورنىغا يۇزتۇرا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن  ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلاپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە چارىسى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، كونكرېت مەزمۇنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، سىياسىي تەكشۈرۈش مەزمۇنى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ، ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئاپتونوم رايونۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بۇ ئىش ئورنىغا ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە تولۇقلاپ تەكلىپ قىلىدۇ.

7. تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش  (8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە)

يۇزتۇرا ئىمتىھان بېرىشكە كىرگەن ھەم يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، بىراق تىزىملاتقان ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالماي قالغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئومۇمىي نەتىجىگە قاراپ يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۆز جايىنىڭ ياكى باشقا جاينىڭ ئوخشاش (ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان) پەن، ئوخشاش ئوقۇش باسقۇچى (يۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىدىن تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىغا قاراپ بولىدۇ، تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىنى يۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىغا تەڭشەشكە بولمايدۇ)، ئوخشاش دەرس ئۆتۈش تىل تۈرىدىكى كەمچىل ئىش ئورۇنلىرىغا تەڭشەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشنى بېكىتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن يازمىچە كېلىشىم ئىمزالىسا، ئاندىن تەكشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىرتۇتاش ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش، شىياسىي تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بوش ئىش ئورنى قايتا تولۇقلانمايدۇ.

8. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە)

ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈنلەي لاياقەتلىك بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملار قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بىكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كالاپەت نازارىتى تور بىكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ پىكىر ئالىدۇ.

9. تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى)

سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا باشقىچە پىكىر بولمىغان  تەكلىپ قىلىنغان خادىملار تىزىملىكىنى ئاپتونوم رايون تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

10. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە)

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

11. ئىش ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش (2013-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە)

يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىرتۇتاش تارقاتقان «تەكلىپ قىلىش تىزىمغا ئالدۇرۇش قەغىزى»، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە كېملىكىنى ئېلىپ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى: ئالدى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ بىرتۇتاش تىزىملىتىپ تەكشۈرۈپ ئەلەمىيلەشتۇرگەندىن كېيىن، ئاندىن ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مائارىپ ئىدىرالىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تەكلىپ قىلغان مەكتەپ بىلەن تەكلىپ قىلىش توختىمى ئىمزالايدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكلىپ قىلغان مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە سەۋەبسىز قاتناشمىغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە قايىل قىلارلىق سەۋەب يوق تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ  تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان شۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ.

بەشىنچى، نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەلەپلەر

ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھە ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئومۇم ئۈچۈن ئىش بېجىرىشى، تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاشكارە، ئادىل، باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.  بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغانلارغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قارىتا، ئەدىلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ تەكلىپ قىلىنىپ بولغانلار بولسا، تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

تەكلىپ قىلىنىپ ئىش ئورنىغا چىققان مەجبۇرىي مائارىپ باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە مەمۇرلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشقا بولمايدۇ.

ئالتىنچى، ئالاقىدار ئىشلار

بۇ «نىزام»دا بېكىتىلگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلار ئالاھىدە ئىشلار يۈز بېرىش سەۋەبلىك ئۆزگىرىش بولسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

بۇ «نىزام»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى: 0991-7606121، 7606238

نازارەت قىلىش تېلېفونى:

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى:0991-3689635

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى:0991-7606199

تورنى قوللاش تېلېفونى: 0991-7606092، 7606209

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى


كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

مىللەت ئۇرۇشتا ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57707
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 671 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 10:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىمتاھاندا مىللەت چەكلىنەمدۇ يا؟
بەك ھۆۆ!! بولدۇم چەكلىنىدۇ دىگەن گەپكە!

Www.Arkzat.Com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 44845
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6416 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 12:52:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇقتۇرۇشنى نازارەتلەر  تېخى ئەتە چىقىرىدىكەن-دە!؟  قارىغاندا، مىسرانىمدا بازارغا سېلىپ بولۇپ، ئاندىن كېڭەش بىلەن ئەتە يولغا قويىدىغان چېغىۋا!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4752
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 09:03:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك دىپلۇمى كىيىن ئالدىغان بالىلار ئىنتىھاما ئورنىمىزنى مۇشۇ ئۇرۇمچى قىلىپ مۇشۇ جايدا نەق مەيدان تەكشۈرتسەك بولامدۇ يوق بولمسا يۇرتىمىزغا كىتىپ يەنە كىلەمدۇ؟ مۇشۇ توغرسىدا تەپسىلى خەۋەر بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن...

ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12125
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2979 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزىملىتىش ئادىرسى بىلەن تەمىنلەڭلا تورداشلا

سەنسىز يۈرگۈنۈمدىن سىنى كۆرگەن چۈشلىرىم ياخشىكەن .

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10336
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5126 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 10:07:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
www.xjedu.gov.cnمۇشۇ ئادرىستىن تىزىملىتىمىز.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش