چولپانلىرىمىز ئېلانغا چىقىشتىن بۇرۇن
كۈرەش ھاشىم
ھەمىمىزگە مەلۇمكى، 20-ئەسىردىن باشلاپ ئىجادىي كۈچى ئەڭ مول ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور سەنئەتكارلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ جاھاندارچىلىق پىرىنسىپىنى سەنئەت ئارقىلىق ھەققانىيەتنى ياقلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلەندۈرگەنىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر سەنئىتىمىزمۇ دەۋرىمىزدىن ھالقىغان بىر بۆلۈك ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان چولپانلىرىمىزنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.بۇ ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ خاس ئوبرازىنى يارىتىپ، مۇئەييەن شەكىلدىكى مىللىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىدى. بولۇپمۇ ئېلان ۋاستىسى ئارقىلىق سەنئەت بىلەن تاۋار ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېستىمالنى قوزغاش، كارخانىلارنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئوبيكتىپ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ئەمما بىر قىسىم ئېلان چىقارغۇچى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان ئىگىلىرى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە يېتىش مەقسىتىدە، سەنئەت چولپانلىرىمىزنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ، ناتوغرا ئېستىمالنى قوزغىتىپ، ساختا ئېلانلارنى بېرىدىغان ۋە ئىشلەيدىغان، كۆپتۈرۈپ ئېلان قىلىدىغان، ناتوغرا رىقابەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئېلان لايىھەسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىپ، تاۋار ئېلان پائالىيەتلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. دۆلىتىمىزدە«ئېلان قانۇنى»نىڭ تۈزۈپ يولغا قويۇلۇشى بۇخىل ئەھۋاللارنى قانۇن دەرىجىسىدە تۇرۇپ توسمىسا بولمايدىغان ھالەتكە قارىتىلغانلىقى ھەمىمىزگە مەلۇم. 2009-يىلى 24-نويابىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلار كۆز تىككەن«سەنلۇ» سۈت تالقىنى ۋەقەسى دېلوسىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچى جاڭ يۈجۈن بىلەن گىڭ جىنپىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ، دۆلىتىمىزدە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكى، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزگە ئىلماي، ساختا مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى ساختا ئېلانلارنى بېرىپ، نۇرغۇن ئېستىمالچىلارنىڭ، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالغان بۇ خىلدىكى تىجارەتچىلەرگە جىددىي بىر سىگنال بەردى. بۇ بىر دېلو مىسالى بولسىمۇ، ئېلان چىقارغۇچى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان ئىگىلىرىگە قارىتا، تاۋار ئېلانلىرىدا دېققەت قىلمىسا، ئېلان پائالىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.شۇڭا سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلىرىمىز تاۋار ئېلانلىرىدا ئوبراز ۋەكىلى بولغاندا، ئالدى بىلەن«ئېلان قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئېلان چىقارغۇچى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان ئىگىلىرى بىلەن ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدايدىغان ياكى ئۇلارغا خاتا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يالغان ساختا مەزمۇندىكى ئېلانلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزىنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئوبرازىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئېستىمالچىلارنىڭ چولپانلارغا بەرگەن ئوبيېكتىپ باھاسىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ھەتتا يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقسا، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ قەلبىدىكى چولپانلىق ئوبرازى يوقايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك:
1.ئۆزىنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلىق ئوبرازىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدىشى كېرەك.
سەنئەت چولپانلىرى دېگىنىمىز
_ئىجتىمائىي جامائەتچىلىكنىڭ، ئالاھىدە پۇقرانىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى ۋە ئىدىيەسىگە بەرگەن باھاسىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي جامائەتچىلىكنىڭ چولپانلارنىڭ ئىناۋىتى ۋە كەسپىي ئىناۋىتىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، ئىجتىمائىي ئوبرازىغا بەرگەن ئوبيېكتىپ باھاسى بولغاچقا، ئۇ ئىجتىمائىي باھانى ساقلاپ قالمىسا، ئۆزىگە ئېغىر بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئوبراز ۋەكىلى بولغاندا، ئالدى بىلەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى، شەكلى، تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، رولى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقىشى، رويخەتكە ئالدۇرۇلغان-ئالدۇرۇلمىغانلىقى، تاۋار ماركىلىرىنىڭ تەقلىد قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى، ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق قىلمىشلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئاندىن ئوبراز ۋەكىلى بولۇش مۇلازىمەت توختاملىرى تۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئاساس سېلىش كېرەك. تاۋار ئېلانلىرىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ، ئوبراز ۋەكىلى بولغاندا، يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار كېلىپ چىققاندا ئېغىر قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن،2008-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن ئىشلەنگەن زىيانسىز مەلۇم بىر چاچ قارايتىش مەلھىمى سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق بىر چولپاننىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ بېرىشى بىلەن بازارغا سېلىنىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما تاۋارنىڭ بېزىكىدە بۇ چاچ قارايتىش مەلھىمىنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار ئەسكەرتىلمىگەن بولغاچقا، بىر ئىستېمالچى ئۇنى ئىشلىتىپ سەپەرگە چىقىپ، شاڭخەيگە بېرىپ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا چۈشكەن. ئۇ ھارغىنلىق سەۋەبىدىن كەچتە ئۇخلاپ قالغان. ئەتىگىنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، ياستۇق ۋە يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ قارا رەڭدە بويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.يۇيۇپ تازىلاپ بۇ رەڭنى چىقىرۋېتىلمىگەن. بۇ ياستۇق-كۆرپىلەر چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يىپەك مەھسۇلاتلىرى بولغاچقا، ئىستېمالچى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا ئۈچۈن 20مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچى تاۋاردا نۇقسان بار دەپ قاراپ، ئاخىرى بۇ زىياننى ئېلان چىقارغۇچى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان ئىگىلىرى،زاۋۇت ئىگىسى ۋە ئوبراز ۋەكىللىرى بىلەن قانۇن يولى ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىپ تۆلىتىپ ئاخىرلاشتۇرغان. گەرچە بۇ بىر ئاددىي تۆلەم بىلەن ئاخىرلاشقان دېلو مىسالى بولسمۇ، ئەمما ئوبراز ۋەكىلىلىرىگە قارىتا ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان، ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا تاقىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلە. شۇڭا چولپانلىرىمىز ھەققانىيەت يۆنىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
2
.«تاۋار ماركىسى قانۇنى»نى بىلىش كېرەك.
«تاۋار ماركىسى قانۇنى»دېگىنىمىز_تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش، رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش، شۇنىڭدەك تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە ئورنىتىلغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان قانۇن قائىدىسىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ.
3.«ئېلان قانۇنى»نى بىلىش كېرەك.
«ئېلان قانۇنى»دېگىنىمىز_ئېلان باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان ۋە ئېلان پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان قانۇن-قائىدىلەرنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ.
(«تەڭرىتاغ ئېكرانى»ژۇرنىلى2012-2-سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.)