ئادەملەر نېمىشقا زەھەر چېكىدۇ؟
ئادەملەر نېمىشقا زەھەر چېكىدۇ؟ خۇمارنىڭ ھوزۇرى ئۈچۈنمۇ، زەھەر ساتقۇچىلارغا ئالدىنىپمۇ، ياشاشقا ماسلىشالماي ھاياتلىق تۇيغۇسىدىن قېچىش ئۈچۈنمۇ؟...ياكى ئەخمەقلىك بىلەن زەھەر ساتقۇچىلارنىڭ بازىرىنى قوللاش ئۈچۈنمۇ؟
زەھەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى مەنىسى زىيان قىلىدۇ، زەھەرلەيدۇ، جاننى ئالىدۇ دېگەن ھالەتتە بولۇپ، خەتىرى ناھايىتى ئېنىق-ئوچۇق بولسىمۇ، شۇنداقلا خىروئىننىڭ زەھەر دەپ ئاتىلىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئادەملەر بىلىپ-بىلمەي زەھەر چېكىشكە كىرىشىۋاتىدۇ، زەھەر چېكىشنى ئۆگۈنىۋاتىدۇ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ ھەممىدىن زەھەر چېكىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشىۋاتىدۇ. زەھەر چېكىشكە پۇل تېپىش ئۈچۈن زەھەر سېتىۋاتىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلىۋېتىپ قېتىپ قېلىپ ئۆلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مۇدىرى زاھىدە تۇرسۇن مەملىكەت بويىچە 3-نۆۋەتلىك «ئەل ئىچى ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابى»نى تاللاپ سايلاش نامزاتى بولۇپ، شىنجاڭدا زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھەم ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ نامايەن قىلدى. دېمىسىمۇ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مەسىلە ھالىتىدىكى زەھەر چېكىش، زەھەر سېتىش ئەھۋاللىرى ئالاھىدە بولمىغان بولمىسا، مەملىكەتلىك ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابىنى تاللاش، سايلاش نامزاتى بولۇش زاھىدە تۇرسۇنغا نىسىپ بولمىغانمۇ بولاتتى. (سۈرەتتىكى ئايال شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مۇدىرى)
شۇنداقلا، ھەممىمىزگە مەلۇم، شىنجاڭدا زەھەر چېكىدىغانلار، زەھەر ساتىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلاردىن زەھەر چېكىۋاتقانلار، چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلار، زەھەر تاشلىيالماي زەھەر تاشلىتىش ئورۇنلىرىغا كىرىپ قالغانلار-كىرىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. نېمىشقا زەھەر چېكىشتە مىللەتلىك پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟ ھەممە ئادەمگە زەھەرنى ئالداپ ھەم مەجبۇرى چەكتۈرىدىغان ئىش بولمىسا-يە! كۆپ سانلىق زەھەر چەككۈچىلەر زەھەرنى ئۆزلىرى خالاپ چېكىدۇ، ئۇلار زەھەرنىڭ خۇمار قىلىدىغانلىقىنى، باھاسىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى، داۋاملىق سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقىنى، زەھەرنىڭ تەننى كاردىن چىقىرىدىغانلىقى ھەم جانغا تاقىشىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ!بىلمىسە نېمىشقا بىلمەيدۇ؟ بىلسە نېمىشقا زەھەردىن يىراق تۇرمايدۇ؟
خىروئىندىن ئىبارەت زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش جەريانىدا ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ، ئائىلىدسىدىكى ھەمرالىرىغا ئەيدىز يۇقتۇرىۋاتقانلار ئازمۇ!
زەھەر چېكىش پىسخىكىلىق ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، دۇنيا قارىشىدا مەسىلە بار، قىممەت ئېڭى تۆۋەن، ئەقىدە-ئېتىقاد چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس، پەقەت خۇمارنى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ چۈشكۈنلۈك قىلمىشى بولغاچقا، زەھەر چەككۈچىلەر ھەممەيلەننىڭ ئۆچمەنلىك-نەپرىتىنى قوزغايدۇ.
مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئادەملەر نېمىشقا زەھەر چېكىدۇ؟ زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ نېمىشقا قۇيرىقى ئۈزۈلمەيدۇ؟ زەھەر چېكىشنىڭ قانداق سەۋەبلىرى بار دەپ قارايسىلەر؟ (زەھەر چېكىدىغانلار بولغاچقا، زەھەر ساتىدىغانلار پۇل تېپىۋاتىدۇ.)
تورداش دوستلار مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ باقساق، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، بۇ ئارقىلىق ۋاستىلىق بولسىمۇ زەھەر چەكلەش تەشۋىقات خىزمىتىگە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىمىزنى، تۆھپە قۇشۇۋاتقانلىقىمىزنى نامايەن قىلساق.
ئون كۈننىڭ ئالدىدا خەلق تورىغا چىقىرىلغان، مەملىكەتلىك ئۈچۈنچى نۆۋەتلىك (بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 2006-يىلى بىلەن 2007 –يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.) «ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى» تاللاش نامزاتلىرى ئىچىدە پۈتۈن جۇڭگو بويىچە 57 نەپەر نامزات كۆسۈتۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇردىن زاھىدە تۇرسۇنلا بولۇپ، خۇيزۇ مىللىتىدىن ئۈچ نەپەر، دەيزۇ مىللىتىدىن بىر نەپەر، مىياۋزۇ مىللىتىدىن بىر نەپەر، جۇاڭزۇ مىللىتىدىن بىر نەپەر بولۇپ، قالغان 50 نەپىرى خەنزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، بۈگۈنكى بىلەت تاشلاش رىقابىتىدە زاھىدە تۇرسۇن 10-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 5 كۈننىڭ ئالدىدا زاھىدە تۇرسۇننىڭ بىلەت تاشلاش ئەھۋالى 1-ئورۇنغا چىققان ئىدى.
خەلقىمىزنىڭ رىقابەتتە ئۇتتۇرۇشنى خالىمايدىغان، يىڭىپ چىقىش ئىستىگى كۈچلۈك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بويىچە، شۇنداقلا، شىنجاڭدا زەھەرنىڭ ئاپىتىنىڭ نىسبەتەن گەۋدىلىك ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، زەھەر چەكلەش سېپىدە ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا كۈچ چىقارغان شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مۇدىرى قېرىندىشىمىز زاھىدە تۇرسۇننى قوللاپ بىلەت تاشلاپ، يۇرتىمىزدا زەھەرگە قارشى جەمىيەت ھەرىكىتى قوزغاپ، كۈچلۈك جامائەت زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى پەيدا قىلايلى! چۈنكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا يىلدا 2 مىليارد يۈەن پۇل زەھەر چېكىش بىلەن ئىسراپ بولىدۇ!
خەلق تورى خەنزۇچە بەتتىكى زاھىدە تۇرسۇنغا بىلەت تاشلاش ئۇلانمىسى:
http://society.people.com.cn/GB/8217/363640/index.html