ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار :
مەن مۇنبەرگە تېخى يېڭى ئاران ئىككى قېتىم تېما يوللاپتىمەن . ئىككىنچى قېتىم يوللىغان (كىمنىڭ دەردى مەن بىلەن ئوخشاش) تېمىسىغا ياخشى ئىنكاسلارنى يېزىپسىلەر ، مەن بۇ تېمىدا ئاللىقانداق ئۆزەمنى دېھقانلار بىلەن سېلىشتۇرمىدىم بەلكى بىز بىلەن ئوخشاش پارتىيەگە ئىشلەپ باشقا ئىدارىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقى لىكىن بىز ئوقۇتقۇچىلار سانىمىز كۆپ بولغانلىقتىن بىز تالادا قالىدىغانلىقىمىزنى بايان قىلدىم . بۇ قېتىم مەن سىلەرگە ئۆزۈم 1998-يىلى ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا يازغان (مەرھۇم زۇزى سايتنىڭ : دېھقان بولماق تەس . ھەم يەنە ئوقۇتقۇچى بولماى تەس . ھاراق ئىچمەك تەس . خېلى كۆپ تەس ناملىق شىئېرلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن يازغان شىئېرىمنى يوللۇدۇم تەكلىپ – پىكىر بەرگەيسىلەر )
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
ياقۇپجان
ئاڭلاپ قالدىم يېقىندا بىر شىئېر بەس ،
دەپتۇ ئۇ روھنى پاكلاش ھەممىدىن تەس .
دەپتۇ يەنە ھاراق ئىچمەك ئۇندىن تەس ،
دېھقان بولماق بەكمۇ تەس ئىش بولدى بەس .
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
ناھەققە قاينار ۋىژدانىڭ بولمىسا ؟
ئەل-خەلققە كۆيەر يۈرەكىڭ بولمىسا ؟
نامىڭغا لايىقراق تۆھپەڭ بولمىسا ؟
سۆلىتىڭگە چۇشلۇق بىلىمىڭ بولمىسا ؟
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .
كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىسە سەمىمىيەتتىن ،
سۆزلىگىنىڭ يالغان ، يوق ھەقىقەتتىن ،
نەزەرىيەڭ بار ئۆزۈڭ يوق ھەقىقەتتىن،
شە مۇ شە ئالىسەن چۈشمۇ كۆرمەستىن ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .
پۇل تاپساڭ ھەددىڭدىن تولا ئاشىسەن ،
بولساڭ ئەمەلدار تېرەڭگە پاتمايسەن ،
ئىككى نان تاپساڭ بىرنى داپ چالىسەن ،
ھاراق ئىچىپ نومۇسىڭنى قويمايسەن ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .
ئۆزەڭنى بىلمەيسەن ئاقنى چېكىسەن ،
چىكىپ ھۇش كاللاڭنى ئاندىن بىلمەيسەن ،
ئىككى چەكمەي بىر كۈننى ئۆتكۈزمەيسەن؟
تۇتسا خۇمار قىينىلىپ ئاخىر ئۆلىسەن ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .
قويۇپ قويايلى بىز بۇ ئىللەتلەرنى ،
ئىلىم بىلەن تۈزلەيلى بۇ مىللەتنى ،
جان چىقسىمۇ سۆزلەيلى ھەقىقەتنى ،
يېتىشتۈرەيلى ساپ پەزىلەتلەرنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .
ئويلىنايلى بىز كىم ئەجدادىمىز كىم ؟
بۇ سۇئالنى ئويلىنىڭلار ھەركىم ،
بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپسا بىر كىم ،
ئويلىنىپ بۇلارنى قاينىغاي ھەركىم ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .
تورغا يوللىغان ۋاقىت : 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 06:59 PM