بەختىيار تاھىرنىڭ يۈرەك سۆزى-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېھرى ئاتەش، سەنئەت سۆيەر تورداشلار!!!.سىزلەرنىڭ ب- ستۇدىيەرىمىزگە قەدەم باسقىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ھەمدە مەن ئېيتقان ناخشىلارنى ياختۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرمىنىڭ تېخمۇ ياخشى چىقىرىش ۋە ب-ستۇدىيەرىمىزنىڭ تېخمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەرپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، ھەمدە مېنىڭ ئىيتقان ناخشىلىرىم ۋە ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ سىلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭلار بولۇشىنى تولۇمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
سىتۇدىيە كومپىزوتېرىمىز قۇربانجان دىلشات ھەققىدە
ۋەزىپىسى: سىتۇدىيە كومپىزوتېرى، ئاكورۇتلاشتۇرغۇچى، توربەت باشلىقى
سىتۇدىيە كومپىزوتېرىمىز قۇربانجان دىلشات 1984- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا چوڭقۇر مۇزىكا ئىشتىياقى ۋە تەبئى مۇزىكا تالانتى بولغاچقا، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈزۈلۈكسىز تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ناخشا مۇزىكا جەھەتتە باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان يۈكسەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. سىتۇدىيەرىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ، كومپىزوتېرىمىز قۇربانجان دىلشات ب – سىتۇدىيەسىنىڭ كومپىزوتېرى ۋە ئاكورتلاشتۇرغۇچىسى ھەمدە ب – سىتۇدىيەسىنىڭ توربەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ ‹چىدامدىغانسەن›،‹مەندىن رەنجىمە›،‹بەخىتلىك بول›،‹كەچۈرەلمەيمەن›،‹بىلمىدىڭ›،‹سەنسىزمۇ›.... قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ خەلىقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، ئۇ ئىشلىگەن مۇزىكىلرىدا شوق جەڭگىۋار ئۇسلۇپ، لېرىك ۋە رومانتىك ئۇسلۇپلارنى بىرلەشتۈرۈپ چەت ئەلنىڭ ئىلغار مۇزىكا ئۇسلۇبى بىلەن مىللىيچە مۇزىكا ئۇسلۇبىنى قوشۇپ يېڭى بىر ئۇسلۇپ ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى كۆپلىگەن ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ ئەڭ ياختۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان ‹تەنھا›،‹سۇلماس ئەقىدە›... قاتالىق ناخشىلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ئوبراز بىلەن نامايەن بولغان.
قۇربانجان دىلشاتنىڭ يۈرەك سۆزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېھرى ئاتەش، سەنئەت سۆيەر تورداشلار!!!. مېنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىمنى ياختۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا چىن دىلىمىدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە كۆپچىلىككە تېخىمۇ مول ، تېخمۇ جانلىق ۋە تېخىمۇ يېڭى بولغان ئىجادىيەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تېرىشمەن. مېنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكام ۋە ئىيتقان ناخشامنىڭ كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسى بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
تۆۋەندە ب_سىتودىيسىنىڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرىدىن بىر قانچىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
بەخىتلىك بول،ناخشىدا ئەلى روزى،مۇزىكىسى ب-سىتودىيىسى.
چىدامدىغانسەن،ناخشىدا بەختىيار تاھىر،زۇلمىرە.
مەن بىلەن ئۆتسەڭ،ناخشىدا بەختىيار تاھىر،زۇلمىرە مىرزەخمەت.
مەنبە ب-سىتودىيسى ۋە مەن.