سايە
بىر تۈپ دەرەخنىڭ سايىدەك قاملاشقان بىر خىيالنى خىيال قىلدىم. كۆكلىدىم ئاندىن يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك
تامچە-تامچە. ھېچنەرسە بولمايدۇ دېدى. مەن ماقۇل دېدىم، تېلىمدا شىىكەر-شىكەر ئۈنچىلەر...
ئۇزاق بولدى بۇ ھىجراننىڭ دەردى تۈگىمەس، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى ئاشۇ ئىگىز چوققىلارنىڭ ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان مۇزلۇق
سېغىنىشلارنى ئېلىپ كەتمەكچى مەڭگۈ كەلمەيدىغان جانان كۆلەڭگىسى....
يۈتتى قاراڭغۇ، چەكسىز نۇرىستان ئچى گۆردەك مەنىسىز ئۆتۈۋاتقان بۇ كۈنلەرگە ئېسىلىپ يىغلار. تىتىلىۋاتقان ھېچلەشكەن سىياق مەۋجۇتلۇق، بولۇم ھەقىقىتىدە جەۋھەرگە ئايلىنىۋاتقان دۇئادەك بىھۇدە شېئىرىي دېيىلمە. ئاھ، زېرىكىشتىن كېيىنكى بۇ تەسىۋىرلىگۈسىز
شادلىق تەنتەنىسىگە نېمىمۇ يەتسۇن!
ئاشۇ تەنسىز جانان، روھىسىز پەسىل ناخشىسى،ياڭرىماس، قايتماس گۇگۇم پەيتىدىكى ئۆلۈۋېلىش ۋەسۋەسسىنىڭ غالجىرلارچە چۇقان سېلىشى..
ئۆلمەس جانان، كۈندە مىڭ ئۆلىدىغان جان!
ئۈنلەر چېچەكلەر، ئۈنلەر ئىشتىياق، قالار پەقەت تاغلاردىن يانغان مۇقەددەس سادالار! سانسىزلىق،، سانسىزلىشش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغان بىر پارچە قىزىللىق، ئېچىلغان گۈل، توي كېچىسىدىكى ئەسەبىيلىك ۋە مېڭىگە شىددەت بىلەن تېپىۋاتقان يىگىلىگەن نېرۋىنىڭ
ئۈمچەيگەندىكى ئوماقلىقى.ئاھ، يەنىلا رەسۋالىقىڭنى قىلىسىەن. سەن بەرىبىر ئەمەسسەن ۋەتەن!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 12:13 PM