|
|
|
|
ئوي
مەن شەرق، غەرىب پەلسەپىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئۇ مەشھۇر ئۈچ سولتەكنىڭ بارلىق كىتاپلىرىنى سېتىۋالدىم. نىچشېنى دەھشەتلىك ھاياجانغا سالغان شوپىنخاۋىر، تىل، شېئىر، ئوي مەملىكىتىدە بار كۈچى بىلەن جار سالغان ھايدىگىر، سەمىمىي، تەلۋىلىكى بىلەن كىشى كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان ژاك دېرىدا..ئاھ، خۇدا! مەن بۇ ئىمانسىزلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىمەن-ھە! نىچشې روھىي كېسەللىك دوختۇرخانىسىدا ‹خۇدا ئۆلدى› دەپ ئېچىنىشلىك ۋاقىرىغىنىچە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تېنىمسىز ئىجاد قىلىش روھى، مېھىرسىز، مۇھەببەتسىز قالغان قۇپقۇرۇق قەلبى بىلەن جەۋھەردەك ھەقىقەتلەرنى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئاپىرىدە قىلدى. 2013-يىلى، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى دەم ئىلىشنى كۈنىنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتقان خوتەن ناھىيە چاقار مەكتەپنىڭ ماتىماتىما، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئەسقەر مۇھەممەت ئىككىنجى قەۋەتتىكى پىنھان خانىسىدە ئولتۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ قۇرقۇنچلۇق ئادەم- تۇغما ئاسىي نىچشې ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ ئېسىل بىر پارچە بېغىشلىماقتا يازماقتا ئىدى. ‹ئىرادە، ۋە تەسەۋۋۇر سۈپىتىدىكى دۇني›
كۆز ئالدىمدا نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان بۇ دۇنيا گىرىمسەن، رەڭگارەڭ كۆرۈنمە ئارىسىدا باشقىچىلا مەن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز ئىنىقسىزلىك بىلەن زاھىرلەندى. كۆپجۈپ تۇرغان لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىدىم، تۆت بۇرجەك رامكىغا سىغدالغان كۆزلىرىمنى قايتىدىن ئۇۋلىدىم.. تاناي بېشى ئاھالىلەر كومېتىتى يېنىدىكى قادىي پۇخاقنىڭ گۆشكىردىخانىسىدا ئۈچ يۈەنلىك كىچىك گۆشكىردىنى لەززەت بىلەن چاينىغاچ، ئاكا ئاغىينەم بوزلاننىڭ ‹شېئىر يېزىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ھەقىقىي بىر شېئىر كۆز بىلەن دۇنياغا مۇھەببەت ئاتا قىلىش› دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. ئېيتىلىشى بىلەنلا ھاۋا بىلەن تەڭ غايىب بولىدىغىنى- گەپ. يوقلۇق پايانىدا مەڭگۈلۈك چوڭقۇرلىقى بىلەن مەڭگۈلۈك ئېنىقسىزلىك ئىگە بولىدىغىنى-سۆز. ئەي، شائىر گەپتىن پەرھىز تۇتۇپ سۆزگە يېقىنلاش.. تېشىڭدىن ئىچىڭگە يۈرۈش قىل. سەن ھەممىدۇر،ھەممە سەندىدۇر!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 12:12 PM
|
|
|
|
|
|