مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1187|ئىنكاس: 17

چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:46:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

               چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ
           «بەربات بولغان مۇھەببەت»تىن تۇغۇلغان پىكىرلەر

رەيھان ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ياخشى كۆرۈشكەن يىگىتى رەپقەتنى بەش يىل كېتىدۇ.رەپقەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن«كەسپ ئۈچۈن»ئۆزى« ياخشى كۆرگەن»قىز رەيھاننى،ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. رەيھان ئۆزىنىڭ رەپقەتكە قىلغان ئەقىدىسىگە زار-زار يىغلاپ خېلىل بىلەن توي قىلىدۇ. رەپقەت ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن سانىيە(رەپقەتنىڭ يەنە بىر«مۇھەببەت»ى)نىڭ دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن مىڭ تەستە ئورۇنلاشقان خىزمەت ئورنىدىن ھېچبىر سەۋەپسىزلا ۋاز كېچىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە رەيھاننىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا كۆرۈشۈش ھەققىدە خەت كىرگۈزىدۇ.خېلىل ئايالى بىلەن رەپقەتنىڭ چاتقاللىقتا خۇپىيانە كۆرۈشكەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ يېزا دوختۇرخانىسىدا رەپقەتنىڭ قولىدا جان ئۈزىدۇ.رەيھان دەريا بويىدا تۇرغاندا رەپقەت تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۇنى ئۆلۈۋېلىشتىن توسۇپ قالىدۇ.مانا بۇ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى ئىشلىگەن ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«بەربات بولغان مۇھەببەت»نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى.
مەن بۇ پىلاستىنكىنى بىرنەچچە قېتىم ياندۇرۇپ كۆرگەن بولساممۇ كىم بىلەن كىمنىڭ «مۇھەببەت»نىڭ بەربات بولغانلىقى زادىلا بىلەلمىدىم.بۇ تېلېفىلىمنى كۆرگەن باشقا كىشىلەردىن سورىسام، ئۇلارمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدى.فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا سېنارىست رەپقەت بىلەن رەيھان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نىسبى ھالدىكى ئاخىرلىشىشىنى مۇھەببەتنىڭ بەربات بولۇشى دېمەكچى بولسا كېرەك.رەيھاننىڭ رەپقەتنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.لېكىن،رەپقەتنىڭ رەيھاننى ياخشى كۆرۈشى ھەم تۇراقسىز ھەم چىن ئەمەس.رەپقەت رەيھاننى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولسا،ئۇنى خېلىلغا «تارتقۇزۇپ»قويماي،ئەلچى كىرگۈزۈپ، نىكاھلاپ ئەمرىگە ئېلىشى تامامەن مۇمكىن بولاتتى. لېكىن، رەپقەت خېلىلنىڭ رەيھانغا ئەلچى كىرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ.(ئەمەلىيەتتە رەپقەت رەيھاننىمۇ،سانىيەنىمۇ،ئانىسىنىمۇ،يۇرتىنىمۇ،كەسپىنىمۇ ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ.ئۇنىڭ ھېچنىمىگە ھەقىقىي مۇھەببىتى يوق.) شۇنىڭ بىلەن رەيھان ئاتا-ئانىسىغا قارشىلىق كۆرسەتمەيلا خېلىل بىلەن توي قىلىدۇ.
بۇلاردىن قارىغاندا رەپقەت بىلەن رەيھاننى يۈرىۋاتقانلار دېيىشكە بولىدۇ.ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇھەببەت دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بىرىنچىدىن، قىلچە ساختىلىق،دېلىغۇللۇق ۋە سەمىمىيەتسىزلىكىنى كۆتەرمەيدىغان چىن مەنىدىكى مۇھەببەت دېگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ھېس-تۇيغۇنىڭ يۈكسەكلىكىنى بىراقلا چۈشۈرىۋېتىمىز؛ ئىككىنچىدىن، خېلىل قازا قىلغاندىن كېيىن رەپقەت بىلەن رەيھاننىڭ «مۇھەببەت»ى بەربات بولماستىن، ئەكسىچە پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولۇپ قالىدۇ.ئەگەر، بەربات بولغىنى خېلىل بىلەن رەيھاننىڭ مۇھەببىتى دەپ قارىساق،يەنە يېڭىلىشىپ قالىمىز.رەيھان خېلىلنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەيدۇ.ئۇ رەپقەت ئاتالمىش«كەسىپ»ئۈچۈن ئۆزىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە بېرىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا رەپقەتكە ئاچچىق قىلىپ خېلىل بىلەن توي قىلدى ھەم ئۇنىڭدىن خۇپىيانە ھالدا رەپقەت بىلەن كۆرۈشتى.خېلىلنىڭمۇ رەيھاننى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىى خېلىلنىڭ رەيھاننى ساۋىغان قامچىسىدىن مەلۇم. ناۋادا ياخشى كۆرۈشمەيدىغان ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا يەنە خېلىلنىڭ قازا قىلىشىنى مۇھەببەتنىڭ بەربات بولۇشى دىيىشكە ئاساسىمىز يوق.
روخسارىنىڭ راك كېسىلىدە،رەسسام يىگىتنىڭ تېتانكتا قازا قىلىپ كېتىشى بىلەن خەمىت ۋە روخسارى،رەسسام يىگىت ۋە ئۇنىڭ سۆيگىنى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بەربات بولدىمۇ؟ ياق!مەن چۈشىندىغان چىن مۇھەببەتتە ئازاپ، جۇدالىق، ھىجران،مۇرادىغا يېتەلمەسلىك دېگەن سۆزلەر مەۋجۇت؛ بەربات بولۇش دېگەن سۆز قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس.نىكاھ، ئەقىدە، ئارزۇ،ئىشەنچ،ساختا مۇھەببەت...قاتارلىقلار زامان بورانلىرىدا بەربات بولۇپ توزۇپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ.لېكىن،ھەقىقىي چىن مۇھەببەتنى توپان بالاسىمۇ، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىمۇ بەربات قىلىۋېتەلمەيدۇ.ئۆلۈم ياكى جۇدالىق بىلەن مۇھەببەت بەربات بولىدىغان ئىش بولسا،تاھىر زۆھرە ئۈچۈن،پەرھات شىرىن ئۈچۈن،مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،فىتوفى...ئەل- ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرەرمىدى!
ئەجداتلىرىمىز«جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس»دەرمىدى!سۆزۈمنى يىغىنچاقلىسام،«بەربات بولغان مۇھەببەت»دېگەن بۇ تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا مۇھەببەت دەپ قارىغۇدەك ھېچنىمە يوق.ھەقىقەتەنمۇ ھازىر جەمىيىتىمىزدە قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدا بىر مەزگىل سىنىشىپ يۈرۈپ بېقىپ ، كېيىن بىرسى-بىرسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەي ياكى ئەرزىمەس بىر سەۋەپ بىلەن ئادا-جۇدا بولىدىغان ئىشلار ساماندەك تولا.بۇلارنى شۇ پېتىلا مۇھەببەت دەپ كۆتىرىپ چىقساق، قانداقمۇ سەنئەتنىڭ يۈكسەكلىكىدىن، ئېستېتىك قىممىتىدىن ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش رولىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟
مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆلمەس ۋە كەڭ دائىرلىك تېما.ئۇ يالغۇز قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىلا بولمايدۇ.ئۇرۇق-تۇغقان،ئۇستاز-شاگىرت،ئەل-ۋەتەن، ئادەم بىلەن تەبىئەت،ئادەم بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرسىدىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ.مۇھەببەت يەنە ئىرادىسىز،بوشاڭ ئادەملەرنى خورلۇققا،چۈشكۈنلىككە،ھالاكەتكە دۇچار قىلىدۇ.قەيسەر ئادەملەر مۇھەببەتتىن چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت،جاسارەتكە ئېرىشىدۇ.مەن بىلىدىغان نوبىل،ئېينىشتېيىن قاتارلىق خېلى نۇرغۇن غەرب ئالىملىرى مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بۇ ئازاپنى ئۇنتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلىم-پەن بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ ،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشكەن.
ئەمدى بىزدىكى ئەھۋالچۇ؟ بىزدە مۇھەببەت-نىكاھدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان يىگىتلەر «دەردى»ئۈچۈن ئىچىپ-چىكىپ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان بولسا،قىز-ئاياللار ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يازغۇچى- سىنارستلار بۇ مەسلىگىمۇ دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە،ئېكراندىكى يىغا-زارىنى ئازايتىش،ھىندىستان كىنولىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر كىنولىرىدىمۇ جەڭگىۋارلىق، ئۈمىدۋارلىق روھى بولۇش كېرەك.بولسا قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بىلەن كەسىپتىكى مۇۋەپىقىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.سىنارستلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرەتكەندە
«تېتانك»،«مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»،«ۋاپادار ئايال»، «كىيورى خانىم»،«سۇنجۇڭ شەن»گە ئوخشاش مۇھەببەت تېمىسىدىكى نادىر كىنو-تېلىۋېزىيە فىلىملىرىدىكى ياخشى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ،«بۇ چۈش ئەمەس»،

«ئۆچكەن يۇلتۇز»،«چىن سۆيگۈ»گە ئوخشاش يۇقىرى ئېستېتىك قىممەتكە ۋە بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور سىناريىلەرنى ئىجات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇھەببەت قەدىمدىن تارتىپ يەر شارىدىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان دۇنياۋى ئۇقۇم.خۇددى«مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»فىلىمىنىڭ بىر ناخشىسىدا «تۈگەيدۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە قۇرۇپ، قالىدۇ پەقەتلا پاك مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولۇپ»دېيىلگەندەك ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكاندا چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-19 02:58 AM  


جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6470
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 08:44:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما !
مەنمۇ كۆرۈپ باققان بۇ كىنونى ،چۈشىنىكسىز ،مۈجمەل ھېس قىلغان .ئۇيغۇر كىنوچىلىقى تەرەققىي قىلسا بولاتتى.
خەمىت ۋە روخسارى دىگەن قايسى كىنو بولغاي ؟ ئۈستىدە بىر نەچچە ياخشى كىنولارنى تىلغا ئاپتىكەنسىز ،مەن تىتانىكتىن باشقىسىنى كۆرۈپ باقمىغان چىراي

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3771
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2185 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 10:56:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   
  خەمىت ۋە رۇخسارى ،نۇرى ....قاتارلىق كىنولارنى كۆرگەندە ھەقىقي مۇھەببەت پەقەت كىنولاردىلا بار دەپلا ئۆيلايتىم................
  قۇدىرىتى بىلەن تەندە جاننى ۋە ھېكىمىتى بىلەن تىلدا سۆزنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللا ھەقىقي مۇھەببەتنى   قەلبىگە ئۆزى سالمىسا بەندە سالالمايدىكەن.
  شۇ ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئۆلۈممۇ يوق قىلالمايدىكەن.....بۇ ھەقىقەت.

سەۋر قىل !

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11532
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8637 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 11:13:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tapalmidim يوللىغان ۋاقتى  2013-5-19 08:44 AM
ياخشى تېما !
مەنمۇ كۆرۈپ باققان بۇ كىنونى ،چۈشىنىكسىز ، ...

پاكستاننىڭ مەڭگۇلۇك مۇھەببەت دىگەن كىنوسى،90يىللىرنىڭ باشلىرى چىققان،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11532
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8637 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 11:13:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tapalmidim يوللىغان ۋاقتى  2013-5-19 08:44 AM
ياخشى تېما !
مەنمۇ كۆرۈپ باققان بۇ كىنونى ،چۈشىنىكسىز ، ...

پاكستاننىڭ مەڭگۇلۇك مۇھەببەت دىگەن كىنوسى،90يىللىرنىڭ باشلىرى چىققان،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 11:30:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەڭگۈلۈك مۇھەببەت فىلىمى ھەقىقەتەن تەسىرلىك كىنو ئىدى.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 11:34:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tapalmidim يوللىغان ۋاقتى  2013-5-19 08:44 AM
ياخشى تېما !
مەنمۇ كۆرۈپ باققان بۇ كىنونى ،چۈشىنىكسىز ، ...

http://www.erkem.biz/kino/vodpla ... mp;sort=1&num=1
http://www.erkem.biz/kino/vodpla ... mp;sort=1&num=2

جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 11:34:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6470
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 12:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kichikoghul يوللىغان ۋاقتى  2013-5-19 11:34 AM
http://www.erkem.biz/kino/vodplay/index.asp?id=360&sort=1&num=1
http://www.erkem.biz/kino/vodplay/ ...

رەھمەت ، ياخشى كىنودىن بىرنى كۆرىۋالدىغان بولدۇمدە

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81938
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 12:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش