ئولتۇرىمەن پىنھاندا قولۇمدا قەلەم،
يۈرەگىمدە بىر دەرد بار ئورىغان ئەلەم،
ھەسرىتىمدىن تىزىلار ھەرقۇرغا دانەم،
دانىلەردىن تۆكۈلەر پىغانلىق نالەم،
بىلەلمىدىم بۇ زادى قانداق بىر ئالەم؟
ياخشى بولۇپ ياشاشقا نىيەتلەر تولۇق،
ئويلىمايتتىم ئۆزگىگە قىلشىنى قوۋلۇق،
ئەل بابىدا سانالسام ياراملىق غوللۇق،
ئويلىغاندا دېيىشسە بۇ يىگىت ئوڭلۇق،
لىكىن پەلەك تەتۈركەن،ئاڭلىغىن زارەم.
تۇلپار مىنىپ چاپقاندا تارتىلدى يۈگەن،
دېدى شۇندا«ئاكىلار»توختاشنى ئۆگەن،
چىپىش تۈگۈل ماڭساممۇ توسىدۇ كۆرگەن،
تاش-داشقاللىق يوللاردا يۈرگىنىم يۈرگەن،
باش تىققۇدەك يوق ئىدۇر كىچىك بىر خانەم.
قۇشلار كەبى پەرۋاز قىپ ئۆتكەن بىرچاغدا،
ياشىغانتىم باياشات چىرايلىق باغدا،
قاناتلىرىم قىرقىلدى قالدىم مەن داغدا،
ئۆز گۆشۈممۇ قورۇلدى ئۆزۈمنىڭ ياغدا،
ماتەم بولدى مەن ئۈچۈن ئاڭلامسەن ھازەم؟
گاللار بوغۇق خالىغانچە سۆزلىيەلمەي،
ئەمەل ئىمان ھەق نىيەتنى كۆزلىيەلمەي،
كۆزلىگەندە توقماق تەييار تۈزلىيەلمەي،
دوست-يارەنلەر ئۆزگىلەرگە يۈزلىنەلمەي،
دېدىم كەلسە«قارا بوران»كەلدى ئايەم.
ئۆرە تۇرسام بەك ئېگىزكەن ئولتۇر دېدى،
ئولتۇرغاندا ھۆرمەتسىز دەپ تۇرغىن دېدى ،
شۇ كۈنلەردە بۇ كۆڭلۈممۇ ۋايىم يىدى،
خاتالىقى توغرا تۇتقان يولى ئىدى،
نالە-پەرياد ئىچرە قالدى يىغلاپ غايەم.
بەخت ئوڭدا ماڭاي دېسەم ماڭالمىدىم،
مىڭىپ مىڭىپ ئۇشبۇ سولغا قانالمىدىم،
يۈرەكتىكى غەشلىكلەرنى ياپالمىدىم،
ساختا ھەقنى يوقالغىن دەپ ئاتالمىدىم،
يۈرەك يىغلار پەقەت ھەمراھ ماڭا سايەم.
شامالسىز لىڭشىيدىغان دەرەخلەر بارمۇ؟
چىچىم بار دەپ غىڭشىيدۇ بەزىدە تازمۇ،
ناھەقسىزلىك،يامانلىق بىر ماڭا يارمۇ؟
«ياق!...»دەپ توۋلىغانلار ئېيت شۇنچىلىك خارمۇ؟
كۆرەڭلىمە ،جىق يەنە غورۇرلۇق ئادەم!
بولۇپ كەتتى بەزىلەر مۇشۇنداق يولسىز،
پادا بولسا باقارغا قىلماقچى قويسىز،
بۇ كۈنلەردە تېتىيدۇ تاماقمۇ تۇزسىز،
غورۇر ۋىجدان سۆزلەيدۇ بولمىغىن يۈزسىز،
راس!...داۋانلاردا ھەمراھتۇر خەلقى-يارەم!
ھاۋاسى بۇزۇلۇپتۇ تەلەتسىز ئاسمان،
بورانلىق چاپقۇنلاردا كىملەردۇر قاچقان،
ھەيۋىسى ئارقىلىق ئول قورقۇشنى ياپقان،
تەز دەيدۇ شۇ يولۇمدىن ئەجدادلار ئاچقان،
نەقىلاي؟يىگانە ئىگەم قىلار ياردەم.
قەلىمىممۇ ئۇف دېدى مېنىڭچە چوقۇم،
راسنى يازماي دات باسقان،بۇ قانداق ئۇقۇم؟
يىزىپ بولدۇم توقۇلار قانچىلىك توقۇم؟
توقۇساڭمۇ مەيلى بەس،يازىمەن چوقۇم،
كىرپە يۇمشاق قاغا ئاق بولدىمۇ ئالەم؟
مەنبە:ئەنسارى
2013-يىلى13-ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەنسارى. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 01:23 AM