پاراسەت تور كىتابخانىسىدىن بىلدۈرگۈ
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، بىزنى قوللاپ كەلگەن ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان كىتابخۇمار قېرىنداشلار:
بىر يىلدىن بۇيان سېلەرنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىڭلار بىلەن روناق تېپىپ، خېلىلا راۋاجلانغان پاراسەت تور كىتابخانىسى تور سودىسىدىكى بىر قىسىم نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى، لېكىن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى مەمۇرلۇق ئىمتاھانى ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە شىتات ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلىشىم كېرەك بولۇپ قالددى، مۇشۇ سەۋەبلىك تور كىتابخانىسىنىڭ ئىشلىرىدا ئاقساپ قىلىش ياكى توختاپ قىلىش مومكىنچىلىكى كۆرۈلدى، (ئەسلى توختىتىپ قويۇپلا ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلاي دەپمۇ ئويلىغانتىم، لېكىن مەن مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر قانچە دائىملىق خىرىدارلىرىمدىن مەسلىھەتىگە سالسام ئۇلار بۇنداق قىلىشىمنى تاا قوللاپ كەتمىدى) شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى بىرقانچە بىلدۈرگۈنى ئويلاپ چىقتىم. (بۇنداق قىلغاندا بۇ تور كىتابخانىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كىتابخۇمار دوسلىرىمنىڭ ئۈمۈدىنىمۇ يەردە قويمىغۇدەكمەن، ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ئىشلىرىممۇ تاشلىنىپ قالمايدىكەن،) سېلەرنىڭمۇ كۆرۈپ مۇۋاپىق پىكىر تەكلىپىڭلار بولسا بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ، مۇۋاپىق كەلسە شۇ ئۇسۇلنى قوللانساممۇ بولىدۇ:
1.كىتاب سېتىۋالغاندا ئادەتتىكى پوچتا يوللانمىسى يەنى باسما بۇيۇم ( 印刷品 ) ئارقىلىق توشۇلىدىغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى دۈشەنبە ، چارشەنبە كۈنلىرى (ئەھۋالغا قاراپ جۈمە كۈنلىرى) سېلىنىدۇ، ( بۇ كۈنلىرى دەرس ئاز ھەم ئېشىنچا ۋاقىت خېلىلا يېتەرلىك، شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتىخانا دەم ئالىدىغان بولغاچقا كىتاب ئەۋەتىش قولايسىز) .
2.كىتاب سېتىۋالغاندا تىز يوللانما ئارقىلىق توشۇلىدىغان كىتابلار بىردەك پۇل تۆلەپ ئىككىنچى كۈنى كەچكىچە ئەۋەتىلىدۇ، ( دەرس كۆپ بولۇپ قالسا شۇ كۈنى ئەۋەتىشكە بىئەپ) . شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرى تىز يوللانما ئارقىلىق كىتاب سېتىۋالغانلارنىڭ ( شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3:30 دىن بۇرۇن ) كىتابىنى شۇ كۈنى ئەۋەتىپ بېرىشكە تىرىشىمەن (ئەمىلىيەتتە نۇرمال ۋاقىتتا شۇ كۈنى سېلىۋىتىمەن، ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە تىلىفۇن قىلىپ ئۇقتۇرۇپ قويىمەن) .
3. تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ۋە دوستلۇق سوۋغىسىنى يەنە بۇرۇنقىدەك يەتكۈزۈپ بېرىمىز ، لېكىن سىزنىڭ بىز بىلەن ئىمكاننىڭ بېرىچە ھېچ بولمىغاندا 3 كۈن بۇرۇن ئالاقىلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇرۇنقىدەك ۋاقىت قىستاپ قالغاندا بولۇپ قالسا ھەر ئىككىمىز تەڭقىسلىقتا قېلىشىمىز مومكىن. كىتابقا بېغىشلىما (يادنامە) يازدۇرۇپ ئەۋەتىدىغانلار كىتاب سېتىۋالغان چاغدا ياكى سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن بىزگە خەت قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (كىتابنى قاچىلاپ بولغاندا ، ئېسىڭىزگە كەلسە ئالدىنقى قېتىملاردىكىدەك يەنە قايتىدىن قاچىلاشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىقىمىز مومكىن)
4. باشقا ئىشلار نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ھەر خىل زانىردىكى كىتاب – ژۇرناللارغا زاكاس قوبۇل قىلىمىز (لېكىن ئەۋەتىش ۋاقتىمىز يۇقىرىقى بىلدۈرگۈ بويىچە بولىدۇ).
5. سىزگە ئىھتىياجلىق، تىپىش قىيىن بولغان كىتابلارنى تېپىپ بېرىشكە تىرىشىمىز. بىز بىلەن خالىغان چاغدا QQ ۋە 旺旺 ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى: 阿里旺旺:Omer729 QQ:1321611421
ئالاھىدە بىلدۈرۈلدى. ھۆرمەت بىلەن: پاراسەت تور كىتابخانىسى
مەنزىل: http://paraset.taobao.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 09:30 AM