|
|
|
|
غۇلجا شەھرىدە ‹‹ئەمىن›› لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى
2013- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى غۇلجا شەھەر مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، غۇلجا شەھەرلىك ئىشتىن سىرىتقى تەنتەربىيە مەكتىۋى، غۇلجا شەھەرلىك ياش ـ ئۆسمۇرلەر كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىشى غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ مەتكەپنىڭ ھەمكارلىشىشى ، غۇلجا ئەمىن ئۆي مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ مەكتەپتە 2013 – يىللىق غۇلجا شەھىرى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى تەنھەرىكەت يىغىنى ‹‹ئەمىن›› لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىغە غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹ئەمىن›› پۇتبول كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹چىنپىيون››كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 31- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 4- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 14- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 14- ئوتتۇرا باشلانغۈچ قىسىم كاماندىسى ، غۇلجا شەھەرلىك 7- باشلانغۈچ كاماندىسى قاتارلىق 8 كاماندا قانتاشتى.
مۇسابىقە ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبول قىلىش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ئالاھىدە كېلىپ قاتناشتى ھەم غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈ مەكتەپكە ‹‹ شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۇرۇش بازىسى›› دىگەن تاختىنى بەردى. غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلاغۈچ مەكتەپ لۇنىڭ پۇتبول مەتكىۋى بىلەن غۇلجا ئەمىن ئۆي مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىگە تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلدى.
ھەر قايسى مەكتەپ كاماندا پاراتتىن ئۆتۈش ئەترىتى جەسۈرانى ۋە جۈشقۇت كەيپىيات بىلەن پاراتتىن ئۆتۈپ، مۇسابىقە مەيدانىنى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈردى. ئارقىدىنلا ساھىپخان كاماندا غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹ئەمىن›› پۇتبول كاماندىسى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۈچ مەكتەپ كاماندىسىنىڭ مەيدانغا كېرىشى بىلەن كەسكىن مۇسابىقە باشلاندى ۋە ئارقا ـ ئارقىدىن 4 مەيدان جىددى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى، ئايرىم – ئايرىم غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹ئەمىن›› پۇتبول كاماندىسى،غۇلجا شەھەرلىك 31- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 4- باشلانغۈچ مەكتەپ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹چىنپىيون›› پۇتبول كاماندىسى قاتارلىك كاماندىلارنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە باشتىن ئاخىر جىددى كەيپىياتتا، قىزغىن ئېلىپ بېرىلىدى، ياش مايسىلارنىڭ تېخنىكىلىك ماھارەتلىرى كۆرمەنلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى، ئۇلارنىڭ پۇتبول ماھارىتىنى كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭ پۈتپولچىلىغىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى نامەيەن قىلىدى.
2013- يىلى 5- ئاينىڭ 18 – كۈنى ( شەنبە ) چۈشتىن بۇرۇن 4 مەيدان ، چۈشتىن كىيىن 4 مەيدان كەسكىن مۇسابىقە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
غۇلجا ئۈچۈر تۈرى خەۋىرى
تۆۋەندىكىلەر مۇسابىقىدىكى كۆرۈنۈشلەر
|
|
|
|
|
|