غۇنچەم
(ھېكايە)
1
غۇنچەم مەكتەپتىن ناھايىتى خۇشھال ھالدا قايتىپ كەلدى-دە،دادىسىغا:
— دادا،مەن ئېلىپبەنى تۈگەتتىم،-دېدى.
دادىسى خۇشھال بولۇپ،غۇنچەمگە:
—ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ . قېنى ئوقۇپ بېقىڭا،قىزىم،-دېدى.
غۇنچەم«ئېلىپبە»كىتابىدىكى بىر تېكىستنى قىلچە دۇدۇقلىماي ئوقۇپ بەردى.
دادىسى:
—بارىكاللا قىزىم،ياخشى ئۆگىنىپسىز،-دېدى-دە،غۇنچەمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ
قويدى ھەم،-سىزگە ئەمدى تۈرلۈك ياخشى كىتابلارنى ئېلىپ بېرىمەن.تىرىشىپ ئوقۇڭ،چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇڭ،- دېدى. غۇنچەم دادىسىغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
—دادا، مەن چوقۇم ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن،- دېدى.
2
ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە غۇنچەمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز كېسىەل تېگىپ بۇ پانىي دۇنيادىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلدى. غۇنچەم ئاپىسى زورىخان بىلەن زار-زار يىغلاپ دادىسىنى ئۇزاتقاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسەللىي بېرىشى بىلەن يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ پەقەت ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئائىلىسىگە كەلگەن مۇسىبەتنى ئۇنتۇيالايتتى.
ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ بىر ئايدىن ئاشقاندا غۇنچەمگە بىر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلدى.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس! غۇنچەمگە بۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىدى. چاقىرىق قەغىزىدە مەكتەپكە ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈنلا 5000 يۈەن پۇل تاپشۇرىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. غۇنچەم يەنە بىر قېتىم پېشانىسىنىڭ تەتۈرلىكىدىن ئاغىرىنىپ يىغلىدى.
ئۆيدىكى بار ئىقتىسادنىڭ ھەممسى دادىسىنى داۋالىتىشقا كەتكەن بولغاچقا ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دادىسىدىن قالغان ئون مو ئالمىلىق باغقا تاينىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.
فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر ئەتىگەنلىكى غۇنچەملەرنىڭ ھويلىسىغا ئۆمەر شاڭيۈ،باسىت ئەللىك بېشى قاتارلىق يۇرت چوڭلىرى كىرىپ كەلدى.
— زورىخان، ھوي زورىخان!بارمۇ سىلى!؟
— تىنچ- ئامان كىرىپلا بەگلىرىم،ئۆيگە كىرىشسىلە.
—ئۆيگە كېيىن كىرەرمىز،بۈگۈن بىز بەك ئالدىراش.مۇنداق ئىش،ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىغائاساسەن قىزلىرىنى ئون بەش كۈنلۈك ئوقۇشقا خەۋەرقىلىپ كىردۇق. ئۆيدە ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار بولسا بۈگۈن تۈگىتىپ ئەتە ئەتىگەن سائەت سەككىزگە ئۈلگۈرۈپ يېزىغا دەپتەر-قەلەم ئېلىپ ئوقۇشقا بارسۇن. يېزىمىز تەۋەسىدىكى بىر-ئىككى يىل مابەينىدە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن قىزلارنىڭ ھەممىسى تەربىيىلنىپ ئىچكىرىگە زاۋۇتتا ئىشلەشكە ماڭدۇرۇلىدۇ. قىزلىرى غۇنچەمنىڭ بەختى بارئىكەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايمۇ ئايلىق ئالىدىغان بولدى مانا.
— شۇنداق قىلساققۇ بەك ئۇبدان بولاتتى بەگلىرىم. مەن مۇشۇ يالغۇز قىزىمدىن باشقا ھېچنىمەم يوق قېرى تۇل خوتۇن،ھازىر سالامەتلىكىممۇ ياخشى ئەمەس. قىزىمنى ھېلىغۇ ئىچكىرى ئىكەن،قوشنا ناھىيە-بازارلارغىمۇ ماڭدۇرالمايمەن. ھەرقايسلىرىنىڭ يىتىم قىزىمنىڭ بېشىنى سىيلىغانلىرىغا كۆپ رەھمەت.
— نېمە دېگەنلىرى بۇ زورىخان بۇ سېلىنىڭ ماقۇللىقلىرىنى ئالىدىغان ئىش ئەمەس. بىز يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن تىزىمغا ئالدۇق.سېلى قىزلىرىنى ئۆمۈر بويى ئۆيلىرىدە ساقلاپ سېغىپ ئىچمەيدىغانلا! بىزگە تولا يالغان باھانە-سەۋەپ كۆرسەتمىسىلە،ئەرگە بەرگىلى تەمشىلىپتىلىغۇ قىزلىرىنى؟!
—ئۇ خىيالىممۇ يوق ئەمەس. قىزىم سېلىنىڭ سائادەت بىلەن بىريىل، بىر ئايدا تۇغۇلغان،مانا،سائادەت قىزمۇ ھازىر بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى.ئەمدى شۇ شاڭيۇم،غۇنچەم بىلەن نۇرۇمنىڭ بېشىنى قوشۇپ،نۇرۇمنى ئىچ كۈيئوغۇل قىلىۋالاي دەۋاتىمەن.نۇرۇممۇ يا ئۆيى،يا ئاتا-ئانىسى يوق،كۆپ جاپا تارتتى.
— نېمانداق يالغان گەپلىرى كۆپ سېلىنىڭ،تېخى بىر-ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا سىلى مېنىڭ ئالدىمغا«قىزىمنى ئىچكىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتاتتىم، ياردەم قىلغان بولسىلا»دەپ كەلمىدىلىمۇ؟ئەمدى قىزلىرىدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدىلىما!؟ قانداق دېگەن گەپ بۇ!
ئۆمەر شاڭيۇ بارغانچە ئېسىلىپ يۈزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى.
—ئەمدى شۇ رەھمەتلىك دادىسىنىڭ ئارزۇ- تىلىكى شۇنداق ئىدى،شۇڭا...
—بولدى-بولدى،باشقا گەپنى قويۇپ ئەرگە تەگكۈسى كېلىپ كەتكەن قىزلىرىنى چاقىرسىلا. سېلى قارا تۈرۈك ئادەمگە گەپ ئۇقتۇرغىلى بولمايدىكەن.
باياتتىن بېرى ئۆيدە ھەممە گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان غۇنچەم ئانىسى چاقىرىش بىلەن تەڭ سىرتقا چىقتى. غۇنچەمنىڭ سەھەردە ئېچىلغان ئەتىرگۈل غۇنچىسىدەك گۈزەل روخسارىنى،مەجنۇنتالدەك زىلۋا قامىتىنى كۆرۈش بىلەن ئۆمەر شاڭيۇ قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىشتى.
— ھوي غۇنچە قىز،يۇرت ئاقساقاللىرىغا بولغان ھۆرمەت،سالام –سەھەت قېنى!؟
— شاڭيۇكا،پېشانىلىرىنى سىلىۋېتىپ سۆزلىسىلە،مەن سېلىنىڭ قىزلىرىدەك تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئەرگە تېگىمەن،دەپ تۇرۇۋالمىدىم،قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشىمغا يەتتىم،شۇڭا ياتلىق بولىمەن.
ئۆمەر شاڭيۈنىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغىنى كۆرۈپ باسىت ئەللىك بېشى دەرھال ئېغىز ئاچتى.
—سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردىڭىز،مەدەنىيەت سەۋىيىڭىزمۇ يۇقىرى.باشقا قىزلار ئاساسەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن.شۇڭا سىز ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز زاۋۇتتا ئىشلىمەي توي قىلسىڭىز،مۇشۇنداق چىرايلىق ھۆسنى-جامالىڭىز نۇر دېگەن يالاڭتۆشكە زايە كېتىدۇ.زاۋۇتتا ئىشلىسىڭىز،نۇرغۇن پۇل تېپىپ ماۋۇ كونا تېمىڭلىنىمۇ يېڭىلىۋالسىلەر ئەمەسمۇ؟
—باسىت ئەللىك بېشى،ئىچكىرىدە زاۋۇتتا ئىشلەپ كۆپ پۇل تاپقىلى بولسا،ئىچكىرىدىكى يىگىت-قىزلار شىنجاڭدا پۇل تاپماق ئاسانكەن،دەپ مۇساپىرچىلىق تارتىپ يۇرتىمىزغا كېلىپ يۈرمەستى!مەن ئوقۇۋالاي دېسەم،ھەرقايسلىرى قەرز ئالىدىغانغا كېپىل بولۇپ بەرگىلىمۇ ئۇناشمىدىلا.ھەرقايسىلىرىنىڭ مېھىر- شەپقەتلىرىگە رەھمەت. زاۋۇتتا ئىشلىمىسەممۇ رەھمەتلىك دادامدىن قالغان ئون مو بېغىمىز بار،قورسىقىمىز ئاچ قالماس.
—ھە مۇنداق دەڭ،سىزنى يوغان گەپ قىلغۇزغان ئاشۇ باغمىتى! لوزۇڭ بېگىم كونا باغلاردىكى كۆچەتلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ ئەلا سورتلۇق مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىڭلار دېسە،مەن تېخى تۇل خوتۇنكەن دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئاشۇ باغنى قالدۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ! مەن ئەتىلا توپا ئىتتىرىش ماشنىسى ماڭدۇرۇپ ئاشۇ باغنى تۈپتۈز قىلدۇرۋەتمىسەم، ئۆمەر شاڭيۇ بولماي كېتەي!ئىچكىرىگە بارماي، نۇر بىلەن توي خېتى ئالالىغىنىڭنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي قېنى!
—باھالاشنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان ماۋۇ كېسەك تېمىنىمۇ چېقىشىمىز كېرەك ئىدى شاڭيۇكا .
—چاقىمىز، چېقىپ تۈپتۈز قىلىۋېتىمىىز! قايسى پۇلىغا ئۆي سالىدىكەن بۇلار، قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى.
3
تەقدىر-ئىرادە شامىلى ئاخىرى غۇنچەمنى يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. زورىخان ئۆيىنى ۋە ئالمىلىق بېغىنى ۋاقىتلىق ساقلاپ قالالىغان بولسىمۇ،غۇنچەم بىلەن ئەمدى قايتا كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.سۆيگەن جانانى بىلەن توي قىلىشقا ئامالسىز قالغان نۇرۇممۇ بۇ كۈنلەردە تاماكىنى ئۈزمەي چېكىدىغان،پات-پاتلا غەرق مەست بولۇپ كوچا-كويلاردا يېتىپ قالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
غۇنچەم كېتىپ يېرىم يىلدىن ئاشقاندا «كىيىك ئۇچرار ئوقسىزغا،بالا كېلەر يوقسۇزغا» دېگەندەك زورىخاننىڭ كونا ئۆپكە كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. نۇرۇم نەچچە قېتىم تېلېفون بېرىپمۇ غۇنچەم بىلەن پەقەتلا ئالاقىلىشالمىدى. زورىخان سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىمۇ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ كۆزى ئوچۇق ھالدا جان ئۈزدى.
نۇرۇم زورىخاننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ قولىنى بىكار قىلغاندا غۇنچەمنىڭ دادىسىدىن قالغان بېغىدىكى ئالمىلار پۈتۈنلەي قۇمۇرۇلۇپ مەھەللىنىڭ ئۈستىدىكى سايلىققا چىقىرىۋېتىلىپ،ئۇ يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىكىلگەن ئىدى.
غۇنچەم ئاپىسى قازا قىلىپ بىر ئايدىن ئاشقاندا يۇرتقا قايتىپ ماڭغاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ جەسىدى ياقا يۇرتتا«يولغا ئەمەس،چۆلگە» قويۇلدى.....
2008-يىل2-ئاينىڭ 23-كۈنى
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-18 10:24 AM