|
|
|
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار، يېقىندا ئەرەبلەرنىڭ قامۇسى دېگەن شۆھرەتلىك نامغا نائىل بولغان مىسر ئەزھەر ئونىۋىرستىېنىڭ مەشھۇر ئەللامەسى ئەھمەد ئەمىنىڭ «ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى » ناملىق 8 توملۇق ئەسىرىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىنى باشلىغان، بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى 4 تومى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنىكى 4 تومى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشىر قىلىنمىغان. بۇ ئەسەر ئىنتايىن مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، يەنە ئىسلامىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي شۇنداقلا ئەدەبىياتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشمىزگە ئەڭ ياخىشى ماتېرىيال مەنبەسى بۇلالايدۇ. مەن ھازىر بۇ كىتابنىڭ 5-تومى، يەنى «ئىسلامىيەتنىڭ قىران دەۋرى» نىڭ 1-تومىنى تەرجىمە قىلۋاتىمەن، بۇ ئەسەرنىڭ تېزىراق روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، خالىسانە ياردەم قىلىپ تەرجىمە قىلغۇچى ئىزدىمەكچى. بۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنسا ئېلكىتاب قىلىپ تارقىتىلدۇ. ئەسەرنى تارجىمە قىلىش ئۈچۈن خەنرۇچە سەۋىيسى ياخشى بولشى كېرەك، بولسا مۇشۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى تومىنى ئۇقۇپ باققانلار بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، تەرجىمىدە ئۇچىرايدىغان يەر نامى، تارىخى شەخىسلەرنى توغرا، ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلغىلى بۇلاتتى.
ئەگەر خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ. مېنىڭ QQ نۇمۇرىم : 771265419
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orhun1001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-17 11:40 PM
|
|
|
|
|
|