مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5472|ئىنكاس: 61

ئالتۇن كۆمۈش بازىرىدا چوڭ چۈشۈش بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7556
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 10:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              ئالتۇن كۆمۈش بازىرىدا چوڭ چۈشۈش بولدى


     خەلىقئارا ئالتۇن كۆمۈش بازىرى يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان قايتىدىن چۈشۈش بىسىمىغا ئۇچراپ مەبلەغ سالغۇچىلاردا نىسبەتەن ئۇمىدسىز كەيپىياتنى شەكىللەندۇردى . بۇ ھەپتىلىك ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق ،ئالتۇن 1430دوللار ئەتراپى (285يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى ) دىن باشلاپ چۇشۇشكە باشلىغان ۋە بۇ ھەپتىلىك ئەڭ يىڭى تۆۋەن نۇقتا 1366دوللار (272يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى )غا چۇشكەن.كۈمۈش 23.40دوللار ئەتراپى (4.66يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى )دىن باشلاپ چۇشۇشكە باشلىغان ۋە بۇ ھەپتىلىك ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 22.11دوللار (4.41يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى ) غا چۇشكەن .
                            3165984158.jpg

   تىخنىكىلىق ئانالىز ئامىللىرىدىن توختالغىنىمىزدا ، ئالتۇن 1564دوللاردىن 1321دوللارغىچە ، كۈمۈش 26.10دوللاردىن 22.06دوللارغىچە چوڭ چۇشۇشنى شەكىللەندۇرگەندىن كىيىن ، تىخنىكىلىق ئۆسۇش تەلىپى بويىچە 1440دوللار چىگرا سىزىقىدىن مۇۋەپىقىيەتلىك بۆسۇپ ئۆتكەنىدى ،ئەمما خەلىقئارا ئامىللارنىڭ ناچار تەسىرىدىن 1440دوللار چىگراسىزىقى ئەتراپىدا ئۇزۇن تۇرالماي ،2-قىتىملىق چۇشۇش بىسىمىغا ئۇچرىدى .،
چۇشۇش بىسىمىغا ئۇچراشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى ، ئامىرىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ياخشىلىنىپ دوللارنىڭ ئۇزلۇكسىز كۇچيىپ كىتىشى بولماقتا . جۈمە كۈنى دوللار كۆرسەتكۇچى 84.20دىن ئىشىپ كەتتى .
  ئۇنىڭ ئۇستىگە ياۋرۇپا قەرز كىرزىسى مەسىلىسى كۇنسايىن جىددىلىشىپ  مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن پاسسىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا . شۇ ۋەجىدىن دوللارنىڭ قاڭقىشى نەتىجىسىدە ئالتۇن كۈمۈشنىڭ جەلپ قىلىش كۇچى بارا -بارا تۆۋەنلىمەكتە .
    ETFدۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كۈمۈش سودا ماگناتىنىڭ يىقىنقى 2ئايلىق ئىستاتىكىستا جەدىۋىلىدىن ئايان بولىشىچە ، ئالتۇن كۈمۈش چوڭ چۇشكەندىن كىيىن ، ئەمەلىي ئالتۇن كۈمۈشنى سىتىۋىلىش قىزغىنلىقى كۆتۇرۇلگەن بولسىمۇ ، ئەمما قەرەللىك مال ئالتۇن كۈمۈشنى سىتىۋىلىش مىقدارى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 300توننا كىمىيىپ كەتكەن . بولۇپمۇ قەرەللىك ئالتۇن سىتىۋىلىش مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كىتىشى كۆرىنەرلىك بولماقتا . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى ، ئالتۇن كۈمۈشنىڭ داۋاملىق چۇشىشىگە ئەگىشىپ قىممەت مىتالغا بولغان قىزغىنلىق بارا-بارا تۆۋەنلەپ، قەغەز پۇلغا بولغان ئىھتىياج ۋە ئىشەنچ كۇچىيىپ بارماقتا .كۈمۈش تۆنۇگۇن 22.06دوللاردىكى تەگ نۇقتىغا يىقىنلاشقان بولسىمۇ ،ئەمما تىرەش نۇقتىسىنىڭ زەربىسىن يۇقىرىغا قاڭقىپ كەتتى ، ئەگەر كۈمۈش 22دوللاردىكى مۇھىم تىرەش نۇقتىسىنى بۇزىۋەتسە ، كۈمۈشنىڭ چۇشۇش يۆلىنىشىنى ئىچىلىشى ۋە 18دوللار ئەتراپىغا چۇشۇپ كىتىشى مۇمكىن .
                      QQ截图20130517214204.png


   ئاساسىي ئانالىز ئامىللىرىدىن ئىلىپ ئىيتقىنىمىزدا ، ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنىش ساداسى ئۇلغىيىپ كەتكەن بۇ شارائىتتا ، دوللار توپىلاڭدىن تورغاچ ئوغۇرلاپ  ئۇزلۇكسىز ئۆسۇش يۆلىنىشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ . ياۋرۇپا ۋەزيىتىنىڭ بەتبەشىرە ئەپتىدىن ياۋرۇمۇ ئىنجىقلاپ ماغدۇرىدىن كەتتى. ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ 4-ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتى ئىلانى قىلىنىدۇ . پۇتكۇل تاشقى پىرۋۇت بازىرى ، ئالتۇن كۈمۈش قىممەت مىتال بازىرى ، خەلىقئارا ناسداك داۋجىنىس كۆرسەتكۇچى ...قاتارلىقلار يۇقارقى فىدىراتسىيە بانكىسى 4-ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتىغا يىقىندىن دىققەتتە بولىدۇ . مەزكۇر دوكىلاتتا ئامىرىكا پۇل-مۇئامىلە سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە قويۋىتىش سىياسىتى توغرىسىدا يىڭى ئۇچۇر ئىلان قىلىنىشى مۇمكىن . ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا چوڭ تەۋرىنىش ئىلىپ كىلىدۇ .،
   ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى QEنى تىخى رەسمىي يۇسۇندا توختاتمىغان بولسىمۇ ،يىقىنقى 5ئايدىن بۇيانقى QEدىن چىكىنىش داۋرىڭى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا خىلىلا چوڭ بىسىم ئىلىپ كەلدى .ئامىرىكا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ مۆلچەردىن ياخشى چىقىشى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن ئامىرىكا فىدىراىسيە بانكىسىنىڭ QEدىن چىكىنىش مۇمكىنچىلكىنى زورايتىۋەتتى .ئۇنداقتا ئامىرىكا QEنى راسمىي يوسۇندا بىكار قىلسا ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا قانداق تەسىرى بولار ؟
  ئەگەر ئامىرىكا QEدىن رەسمي يوسۇندا چىكىنىپ چىقسا ، ئالتۇن كۈمۈش يىڭى بىر نۆۋەت چۇشۇش خەتىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن . ئۇ ۋاقىتتا ئالتۇن 1225دوللار كۈمۈش 18.40دوللار ئەتراپىغا چۇشۇپ قىلىشى ئىھتىمالغا يىقىن .ھەم شۇنىڭدەك ئالتۇن كۈمۈش ئەڭ چوڭ تىرەش ئامىلىدىن ئايرىلىدۇ ۋە كىيىنكى يۆلىنىشنى پەرەز قىلماق ناھايىتى قىيىن .ئامىرىكا ۋاشىنگىتون ھۆكىمىتى پۇتۇن زىھنىتىنى ئىقتىسادى يۇزلىنىشكە قاراتقان بولغاچقا، زوڭتۇڭ ئوباما تەختكە چىققاندىن بۇيان ئامىرىكا ئىقتىسادىنى ياخشىلاش كويىدا بولىۋاتىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ئۆسۇش يۆلىنىشىگە قايتىشى تەس بولىۋاتىدۇ .مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق تۇردە كىلەر ھەپتە ئىلان قىلىنىدىغان ئامىرىكا فىدىراتىسيە بانكىسى 4-ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتىغا دىققەت قىلىدۇ .
  ئالتۇن 1462دوللاردىن كۈمۈش 22.06دوللاردىن چۇشۇپ كەتسە ، كىيىنكى بازاردا داۋاملىق چۇشىشى مۇمكىن .

         مەنبەسى : ئۆزۇم
          ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-17 11:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2313 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 11:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى نەچچە پۇل بولدى ؟

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 828 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 11:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك سودا قىلغۇم بار،رەھمەت جۇمۇ  ھې ھې ھې ،مەنمۇ يېقىندىن بۇيان خېلى قىزىقىپ كېلىۋاتقان،ئازراق بولسىمۇ سىناپ باقمىساق بولمايدۇ دە؟!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 12:13:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9544
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 12:19:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل تېپىشنىڭ ياخشى  پۇرسىتى كەپتۇ .  تورداشلار يىغىپ ساقلاڭلار جۇمۇ .

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7556
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 12:39:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2013-5-17 11:47 PM
بەك سودا قىلغۇم بار،رەھمەت جۇمۇ  ھې ھې ھې ،مەنمۇ يېقىن ...

ياق ، ھەرگىز بۇ سودىغا يىقىن كەلمەڭ . بولمىسا پۇتىڭىزنى تارتالماي قالىسىز ، ھەرگىز يىقىن كەلمەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11895
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 3116 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 12:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن قاراپ تۇرۇپ 270000 مىڭ يۈەن زىيان تارتىۋالدىم ..352 يۈەندىن سىتىۋالغان ئالتۇننى 5 ئاي ساقلاپ تىخى يىقىندىلا 302 كويدىن ساتتىم قارىسام ئىككى يۈز يەتمىش مىڭ يۈەن زىيان تارتىپتىمەن ..ھەرگىز يىقىن كىلىدىغان سودا ئەمەسكەن بۇ ...مەن 6كىلودىن كۆپرەك سىتىۋاپتىكەنمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8106
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 01:47:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wolkan888 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-18 12:54 AM
مانا مەن قاراپ تۇرۇپ 270000 مىڭ يۈەن زىيان تارتىۋالدىم ..352 ...

پۇل دىگەن بايەدا باركەن جۇما........

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 02:04:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمە دىگەن؟!

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4306
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 02:25:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنغان ياخشى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش