ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلار پېقىر تىتانىكتىن سىلەرگە تومۇزنىڭ ئاپتىپىدەك ئوتلۇق سالام!
سىلەرنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىڭلارنى ئىلىپ، بىزنىڭ غۇلجا ناھىيەنىڭ خەلقئارا كەبى تەرەققىي قىلىۋاتقان پۇتبولىدىن سىلەرنىمۇ خەۋەردار قىلايلى، دېگەن مەقسەتتە ئۈشبۇ تىمىنى يوللىدىم.
ناھىيىرىمىزنىڭ پۇتبۇل سەۋىيىسى ھەرقايسى شەھەر لەرنىڭكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ لىكىن مۇئەييەن پۇتبۇل ئاساسىغا ئىگە.
ئىلگىرىكى ۋاقتلاردا(90-يىللىرىنى دىمەكچى.) 8 ناھىيە 1 شەھەرنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە (بۇ مۇسابىقە ئەينى زاماندا دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇسابىقىلەردىن ھىسابلىناتتى) ئۇدا نەچچە يىل چىمپيونلۇقنى قولدىن بەرمىگەن. ئابلىز (قارا يىلپىز)، تۇرغۇش، ئابلىكىم قارا، شۈكۈر داگۇ، ... قاتارلىق چوڭلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. (بۇ ھەقتە كىيىنچە تەپسىلىي تېما قىلىپ يوللاي).
كېيىنكى ۋاقتلاردا غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پۇتبول ئوقۇتقۇچىسى شاۋكەت (مارادونا) مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن غۇلجا شەھەرنىڭ پۇتبۇلى تىخىمۇ يۇقىرى بالداق كۆتۈرۈلدى. ( شەھرىمىزنىڭ باللىرى شاۋكەت مۇئەللىمنىڭ قىلغان مېھنىتىنى چوقۇم پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ دەپ قارايمەن.)
دېمەككى، ناھىيىرىمىزنىڭ پۇتبۇل سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ، شۇنداقلا، رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيەلىك ھەرقايسى كومتىتلارنىڭ قىزغىن قوللىشى، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۈشبۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەكتە.
قىززىق ئىشلار دېگەن بوپ تۇرىدۇ. ما بىزنىڭ ناھىيەلەردە. ئاساسلىق دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن بولغاچقا ما مۇسابىقە، (ئالدى كەينى 10نەچچە كۈن ئۆتكۈزىلىدۇ ئەمەسمۇ)، ئىتىز-پىتىز، قوناق-پوناقلىرىنى تاشلىۋىتىپ ، ئىتىزلانى چۆپكە باسقۇزىۋىتىپ ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئوتتۇراپ كۆرىۋىرىدۇ. دىھقانلار دىھقانچىلىقىنى، سودىگەرلەر سودىسىنى تاشلىۋىتىپ (تاشلاپمۇ ۋەتمەيدۇ، سوغاقسۇ، سايە سىتىپ پۇلىنى تاپىۋىرىدىغانلارمۇ بار دەيمە) تۇرۇپ كۆرىدۇ.
بۇ خەلقنىڭ پۇتبۇلغا شۇنچىلىك ئىشتىياقى بارىكى، ئېست، غۇلجا شەھەردە نەچچە قېتىم ئۆتكۈزگەن ، ئالماتا، قىرغىزىستان....لار قاتناشقان مۇسابىقىنى كۆرەمەي (جىليۇزدە دىمەكچى) يۈردى. بىرەر قىتىم ئۆتكۈزۈلۈپ قالغان بولسا نىمە دەيمىزكىنتاڭ ئەمدى.
شۇنداق قىلىپ باللا قۇرۇق گەپنى ئازقىلاي.. ئەمدى بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرنى ئىلى دىيار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، مۇشۇ مۇنبەرنىڭ سادىق ئەزاسى تىتانىكنىڭ شۇ ئاپتاپلادا قاقلىنىپ، ۋاقىراپ-كاكىراپ گەز باغلاپ كەتكەن ئاغزىدىن ئاڭلاڭلا!
ئىلى دىيارى گىزىتى خەۋرى: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى.
ئورۇن: بايتوقاي يېزىسى
چۈشتىن بۇرۇن، جىلىليۇزى تۇلپار vs بايتوقاي 1:8 . نەتىجە بىلەن جىلىليۇزى كوماندىسى زەپەر قۇچتى.
ئورۇن: خۇدىيەريۈزى ئوتتورا مەكتەپ
چۈشتىن كىيىن، پىقىرنىڭ يۇرتى، خۇدىيەريۈزى vs موللا توختىيۈزى 1:0 خۇدىيەريۈزى . خۇدىيەر يۈزى قايدۇ كوماندىسى زەپەر قۇچتى.
يېڭىتام كوماندىسى14-ماي (سەيشەنبە) ئۆز مەيدانى بولغان يېڭىتام ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىدا قاش يىزا پۇتبول كوماندىسى بىلەن كەسكىن ئىلىشتى، مۇسابىقە باشتىن ئاخىر بەك كەسكىن داۋاملاشتى، ئاخىرىدا ساھىبخان يېڭىتام يېزا كوماندىسى 3كەقارشى 2نەتىجە بىلەن قاش يىزا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، 15-ماي(چارشەنبە) يېڭىتام يېزا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقە ئويناپ 4(2نۇقتاتوپ )كە قارشى 1نەتىجە بىلەن قاش يېزا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىپ كەتتى
تۇنۇگۇن چۇلۇڭقاي كوماندىسى قاش كوماندىسنى 3-1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتى
قالغان مۇسابىقىلەرگە پۇتۇم 2تاللا بولغاچقا تېخى خەۋرىنى ئالالمىدىم. قارىغاندا پۇتۇمدىن قۇلۇقۇم ئىتتىك چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
قالغان مۇسابىقىنى بۇ تۆت كوماندا، ئەتە 5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا، موللا توختىيۈزى يىزىسى بىلەن جىلىليۇزى بازىرى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بىرىلىدۇ.
ئەمدى نەق مەيدان سۈرەتلىرىدىن، ئوتتۇراپ تۇرۇپ ھوزۇرلانغايسىلەر!
خۇدىيەريۈزى قايدۇ كوماندىسى 1-0 موللاتوختىيۈزى كوماندىسى
خۇدىيەريۈزى قايدۇ كوماندىسى
موللاتوختىيۈزى كوماندىسى
http://bbs.putbol.cn/data/attachment/forum/201305/16/162351e7o66an6ea3piaez.jpg
http://bbs.putbol.cn/data/attachment/forum/201305/16/161834rmo1km5yqf9zmdrg.jpg
http://bbs.putbol.cn/data/attachment/forum/201305/16/162455qdgw8eb2tz9yoj98.jpg
http://bbs.putbol.cn/data/attachment/forum/201305/16/162529y7shbk5j9ccnlgso.jpg
فىلىم بار ئىدى ۋاخىتىم قىس بولوپ قالدى رەتلەر ئايرىم يولايمەن ،
بۇگۇن سائەت 30؛2دا خۇدىيەيۇز قايدۇ كوماندىسى بىلەن موللاختيۇز كوماندسىنىڭ مەيدانىدا ئوينايدۇ ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-17 04:53 PM