|
|
|
|
ئۇسسۇلچى ئېيىق ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان سېرىكچى ئېيىق زەنجىردىن قېچىپ قۇتۇلۇپ ، ئورمانلىققا قېچىپتۇ. ئۇ كەينى پۇتلىرى بېلەن ئۆرە بۇلۇپ، قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كۆرسىتىپتۇ. - ماڭا قاراڭلار،- دەپ ۋاقىراپتۇ ئۇ،- بۇ دىگەن سەنئەت، بۇ دىگەن مەن ئىنسانلاردىن ئۆگەنگەن ماھارەت. خالىساڭلار ۋە ياقتۇرساڭلار مەن بىلەن بىللە ئويناڭلار. - يوقال،- دەپ ۋاقىراپتۇ بىر قېرى ئېيىق،- بۇ سەنئەت مەيلى قانچىلىك قىيىن ياكى قانچىلىك ھەيران قالارلىق بولسۇن، پەقەت سېنىڭ پەسلىكىڭ ۋە قۇللۇق ئىدىيەڭنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. باشقا ئېيىقلارمۇ ئۇنىڭ نەپىس ئۇسسۇلىغا پىسەنت قىلىپ قويماپتۇ. ئۇسسۇلچى ئېيىق بولسا قېرىنداشلىرىنىڭ ”نادان “ۋە ”قاشاڭ“لىقىدىن ئاھ ئۇرۇپ، ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىپ بېرىپ، زەنجىرنى رازىمەنلىك بىلەن بوينىغا ساپتۇ. شۆھرەت قازانغان بىر ۋەزىر ياكى ساختىلىق قىلىپ ھوقۇققا ئېرىشكەن ئىستېداتسىز بىر كىشى خاننىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشلەتسە، خوشەمەتچىلىك قىلىپ يۇقىرى مەتىۋىگە ئېرىشسە، بۇنداق بىر ۋەزىر ياكى بۇنداق بىر كاتتا ئەرباب ماختاشقا لايىقمۇ ياكى تەنقىدلەشكىمۇ ؟ مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى 2013 -يىل 4 -سان
|
|
|
|
|
|