شىئېرلار
نۇرمۇھەممەد توخنىياز
ئانا قەسىدىسى
«توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ»،
ئەيى ئانا سەن مېنى قىلدىڭ تەۋەللۇت.
كۈنۈ-تۈن ئارزۇلاپ باقتىڭ پەپىلەپ،
ئاھ، ئىللىق مېھرىڭدىن ياغدى ماڭا قۇت.
ئۆستۈم شوخ، پارنىكتا ئۆسكەن گۈل كەبى،
ئەجرىڭدە كۈنسېرى بوي تارتىمەن.
مەن ئۈچۈن يەڭدىك سەن تالاي جاپانى،
تەشەككۈر-رەخمىتىم بارساڭا تۈمەن.
بىلىمەن ئەي ئانا چوڭ قىلدىڭ مېنى،
سەن ئۆزۈڭ يىمەستىن ماڭا يىدۈرۈپ.
ماڭىلا ئاتاپ ھەم تاپقان-تەرگەننى،
ئەڭ ئاۋۋال يېڭىنى ماڭا كىيدۈرۈپ.
شۇسەۋەب چاچلىرىڭ قاردەك ئاقىرىپ،
قېرىلىق جىسمىڭنى ئالدى ئىلكىگە.
مۈكچەيدى بەللىرىڭ تۈپ-تۈز بەللىرىڭ،
مەن ئۈچۈن تەييار سەن يەنە ھەممىگە.
بىلىمەن مەن ئۈچۈن تارتقان جاپايىڭ،
كۆكتىكى يۇلتۇزلار سانىدىن تولا.
نەۋقىران بىر يىگىت بولدۇم مەن شۇتاپ،
سۆيىمەن ئەركىلەپ سېنى يەنىلا.
مىڭ، يىللاپ باقساممۇ ئەرزىيدۇ سېنى،
ئەي ئانا مەن ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭگە.
خالىساڭ مەككىگە ئاپىراي يۈدۈپ،
مەرھەمەت ئولتۇرغىن قېنى يەلكەمگە.
دەريا
ئەي دەريا ساھىلىڭ ئەزەلدىن،
چىن سۆيگۈ ئەھلىنىڭ كۈلبىسى.
ھەر دائىم ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ،
شاۋقۇنۇڭ مىسلى يار كۈلكىسى.
شۇسەۋەب ئۇدۇم بۇ ئاشىقلار،
كېتەلمەس بويۇڭنى چۆرگىلەپ.
ئاقىسەن ئەسىرلەر توختىماي،
سەن ھامان تىنىمسىز كۈي كۈيلەپ.
ئاياللار يېرىم دۇنيا
ئاياللار ئۇلۇغ، شۇنداق ئۇلۇغلۇقى،
ھەممە يەر ھەممە جايدا قەدىرلىنەر.
پەرىشتە سۈپەت، گۈزەل ئايالدىن،
مەرت يىگىت، كۆڭلى شۇنچە پەخىرلىنەر.
ئاياللار خاسىيەتلىك گۈھەر گويا،
مېھرىدىن ئۆيگە نۇرلار تۆكۈلىدۇ.
ئايالسىز ئۆي بەئەينى بىر گۆرىستان،
قەدرى ئۇنىڭ ھەمساتتىلا ئۆتىلىدۇ.
ئاياللار خۇشپۇراقلىق گۈلدۇر گويا،
چېكەڭگە قىسىۋالساڭ يارىشىدۇ.
ئۇ، ساڭا قۇچاق ئاچقان كېچەلەردە،
يۇلتۇزلار مەستخۇش بۇلۇپ قارىشىدۇ.
ئاياللار يېرىم دۇنيا يەلكىسىدە،
نى، ئېغىر يۈكلەرنىمۇ كۆتۈرىدۇ.
دەرتلىنىپ ۋۇجۇدۇڭنى باسقانداغەم،
تەبەسسۇم جىلۋىسىدە كۈلدۈرۈدۇ.
بولغاچ شۇ ساھىبجامال قەدىناسىڭ،
ئۆتىدۇ ئۆمرۈڭ بەخت سەيلىسىدە.
تەڭ كۆرۈپ جاپانىمۇ، راھەتنىمۇ،
ياشايدۇ ساداقەتنىڭ پەللىسىدە.
قۇرۇماس بولاق گويا پاك ۋۇجۇدى،
يۈرۈكۈڭ شۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچىدۇ.
سەن ئۈچۈن پەرۋانە بوپ، جان كۆيدۈرۈپ،
بىر چىنە سوغاق سۇنى تەڭ ئىچىدۇ.
ئاياللار ئۆينىڭ گۈلى تۇزىمايدۇ،
ياشنايدۇ ساداقەتنىڭ سۈيىدە ئۇ.
ئاسرايلى شۇڭا ئۇنى ھەممە ئىشتا،
قالمىسۇن مۈشكىلاتنىڭ چۆلىدە ئۇ.
ئايسەك تەسىراتلىرى
خىيالىم كېتىپ قالدى يىراقلارغا،
ئاھ، ئايسەك شۇتاپ سېنى كۆرگىىنىمدە.
ئۇپۇققا سۇزۇلغان كەڭ يوللۇرۇڭدا،
سەيلى قىپ دوستلار بىلەن يۈرگۈنۈمدە.
چۆل ئىدى بىرچاغ سېنىڭ قۇچاقلىرىڭ،
زىرائەت تېرىسىمۇ ئۈنمەيدىغان.
ھە بۈگۈن بوپتۇ يېرىڭ مۇنبەت ئەجەپ،
ئاش، ئەمەس تاشمۇ ھەتتا كۆكلەيدىغان.
پايانسىز شىۋاق باسقان دالىلاردا،
ئۆسۈپتۇ بۈك-باراقسان بوستان تېرەك.
رەڭگارەك گۈل-چېچەككە تولۇپ باغلار،
پەرۋانە بوپتۇ ئاڭا شوخ كېپىنەك.
ئېتىزدا كۆردۈم تالاي دېھقانلارنى،
بەختنىڭ نۇرى چاقنار كۆزلىرىدە.
قەلبىدە خوشاللىقى ئۇرغۇپ ھامان،
تەبەسسۇم جىلۋە قىلار يۈزلىرىدە.
ھۆسنىڭگە زىننەت قوشۇپ تۇرار ھەيۋەت،
بىرىدىن بىرى ئېسىل يېڭى ئۆيلەر.
نامراتلىق كۆچۈپ كەتكەچ يۇرتتىن تامام،
ئاڭلىنار ھەممە ئۆيدىن شاد كۈلكىلەر.
پارتىيە سىياسىتى يۆلىگەچكە،
باي بوپتۇ مېھنەت سۆيەر دىخانلىرىڭ.
ئەسلىتەر توزنى شۇتاپ گۈزەللىكىڭ،
ساڭا تەر تۆككەچكە مەرت پالۋانلىرىڭ.
سەيلى قىپ جەننەت كەبى باغرىڭدا مەن،
يايرىدىم دوستلار بىلەن مېھمان بولۇپ.
مۇبارەك ئەتەڭگە چىن ئۇتۇق تىلەپ،
سايرىدىم ئىشقىڭدا شوخ خەندان ئۇرۇپ.
يۈرۈگۈمدە يانار بىر قۇياش
يىراقلاردا ھامان نەزىرىم،
كېلەچەكنى بارىمەن كۆزلەپ.
سەپەر مۈشكۈل بولسىمۇ گەرچە،
شىجائەت بار مەندە ھەسسىلەپ.
مۈشكۈللەردىن كېلىمەن غالىپ،
توسقۇنلارغا ئەگمەيمەن بويۇن.
قەھرىم بىلەن قىلىمەن بەرپات،
گەر ئالدىمدا قۇترىسا قويۇن.
پەن، ئىجادنىڭ ئاشىقى قەلبىم،
ئاڭا رىشتىم چېكىلگەن مەھكەم.
دىل كۆكۆمدە چاقنايدۇ ئۈمۈد،
جىسمىمغا كۈچ بېغىشلاپ ھەردەم.
ئارمانلىرىم شۇقەدەر يۈكسەك،
ئۇنى سۆيۈپ ئېتىمەن باغاش.
كېلەچەككە بارىمەن مەغرۇر،
يۈرۈگۈمدە يانار بىر قۇياش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-16 07:58 PM