تالىشىڭلار قىز چوكانلار ئىرىم مانا ئوڭچە قالدى گۆھەرقىز ئۇرايىم
ئازاپ ئىچرە كىتەر بولدۇم سىتىپ ئالغان ئۆيلەر قالدى، يىمەي ئىچمەي يىغىپ قويغان بانكىدىكى پۇللار قالدى. ھاياتىمنىڭ ئىزناسى دەپ بىلسەڭ ساڭا يادىكارغا، يۈرەك پارەم ئەزىز بالام بويۇن قىسىپ يىتىم قالدى. ئىشلىتىشكە كۆزۈم قىيماي تىزىپ قويغان كۆرپە قالدى، جاننى سىلىپ تۇتقان ئۆيۈم كۈندەشلەرگە ئوڭچە قالدى. ياشىغانتىم ياشلار تۆكۈپ دىلدا چەكسىز ئازاپ پىغان، نىشانە دەپ بىلسەڭ يوقلا مەندىن ساڭا قەۋرە قالدى. تەقدىر بىلەن ئىلىشىپ مەن ئۇشبۇ جىنىم ئاران قالدى، جەسەتلەردىن نىمە پەرقىم كۆڭلۈم مىنىڭ ئۆلۈپ قالدى. ئازاپ ئىچرە كىتەر بولدۇم دىلدا چەكسىز ئازاپ پىغان، دۇشمەن خۇشال بولدى مانا دوس يارەنلەر يىغلاپ قالدى. ئۆمۇر بويى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ھاردىم خىزمەت قالدى، قەدىرلەشكە ئامالىم يوق شۇنچە گۈزەل ھايات قالدى. ئەجىر قىلىپ كۆيگەنلىرىم يۈرىگىمنى قىلدى زىدە، كۆز يۇمۇپلا ئارام ئالاي يۈرىگىمدە ئازاپلىق ئوت پەريات قالدى. ھاياتلىقتا يالدامىغا سەندىن ماڭا ئەلەم قالدى، ئۆلۈپ كىتەي مەن بى ئىلاج ئورۇنلانماي ۋەدەم قالدى. يۈرىگىمنى مىجىغانتىڭ رەزىل دۈشمەن كىتەر بولدۇم، ئەقىدەمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ بىز ئىچىشكەن قەسەم قالدى. ئەزىز بىلىپ باققان بالام كوچىلاردا يىتىم قالدى، يەر تىگىگە كىرىپ كەتتىم بۇ دۇنيادا ئىتىم قالدى. نوتا ئىدىم ئۆلۈپ كەتتىم مەندىن ساڭا يادىكارغا، ھاياتلىقتا بىسىپ ئۆتكەن ئەگرى بۈگرى ئىزىم قالدى. بۇ دۇنيادا ئاپا دەيدۇ غىرىپ مىسكىن بالام قالدى، ئۇ دۇنيادا مىنى ساقلاپ تاقىتى تاق ئانام قالدى. ياش ئىدىمغۇ تىخى سەندەك ياشار ئىدىم ئۆلەرمەنمۇ، دۇنيا ساڭا قىيالماستىن ئاھ ئارقىمدا كۆزۈم قالدى. يۈرىگىمنى ئازاپلىغان تۈگۈنلەر ۋە داغلار قالدى، ساقلاپ يۈرۈپ دىيەلمىگەن قەلبىمدىكى سىرلار قالدى. بولدى كىتىپ ئارام ئالاي ئانام بىلەن مازاردىمەن، دەرت- ئەلەمدە ئازار يىگەن ئۇشبۇ ئەزىز جانلار قالدى. يۈزلىرىمدە قۇرۇپ قالغان دەرت- ئەلەملىك ياشلار قالدى، قىلىپ بولماي يىرىم يولدا قولۇمدىكى ئىشلار قالدى. ئۆمۇر بويى ئىلىشىپمەن بۇ رەھىمسىز قىسمەت بىلەن، جاننى بەردىم يۈرىگىمگە ئورناپ كەتكەن داغلار قالدى. ياشىغۇمغۇ بارتى بىراق بۈگۈن تۈگەپ رىسقىم قالدى، بۇ بىۋاپا كاج تەقدىردىن ماڭا پەقەت ئۆلۈم قالدى. ئالغىن بىرەي كۈلۈپ كەتكىن رەزىل دۈشمەن، غەملەر تۈگەپ بۇ جىنىمنى سىققان چەكسىز ئەلەم قالدى. يۈرىگىمنى زىدە قىلىپ قەلبىمدىكى دەردىم قالدى، خۇشاللىقتا يوقمۇ رىسقىم خۇدايىمگە ئەرزىم قالدى. قۇرىمايدۇ دىدىڭ يۈندە، يىغلىساممەن سىلكىپ تۇرۇپ، مانا تۈگەپ مۇردا بولۇپ ئاران بىرلا جىسمىم قالدى. ھۇجۇدۇمدىن تەنگە تاراپتاپا- تەنە ئازاپ قالدى، ياراتمىغان ئۇشبۇ جىنىم خۇدايىمگە ياراپ قالدى. بىۋاپا يار ئۆز قەدرىمنى قىپتىمەن خار سىنىڭ ئۈچۈن، ساڭا سۆيگۈ بەرگىنىمگە ئۆز -ئۆزەمگە غەزەپ قالدى. ھاياتىمدا قاپ-قاراڭغۇ مەنزىلى يوق دۇنيا قالدى، ئىلىپ كىتەي دەرت-ئەلەمنى بەخـت بولدى ساڭا قالدى. ئىچ-ئىچىمگە سىلىپ دەرتنى ئۆلۈپ كەتتىم ئەلەم بىلەن، ساق ئەمەستۇر كۆرگىن يىرىپ يۈرىگىمدە يارا قالدى. قەدىردان دەپ بىلگەنلىرىم يۈرىگىمگە پىچاق سالدى، ھەر قەدەمدە يوللىرىمغا سان ساناقسىز توزاق قۇردى. بۇ بۇنياغا قىيالمىدىم جان تالاشتىم كۆز يۇمماستىن، ئازاپ يامان جاننى ئالدى لىكىن كۆزۈم ئوچۇق قالدى. يۈرىگىمنى بەرگىنىمگە ئىچ-ئىچىمدە پۇشمان قالدى، يۈز ئۆرىدى سۆيگەن يارىم تۆت ئەتراپتا دۇشمەن قالدى. كۆڭۈل بەرسەم قەدىرلىمەي يەرگە ئاتتى ئامەرت ئىنسان، يۈرەكتىكە ئۆچ ئاداۋەت ئۇنتۇلماستىن گۇلخان بولدى. بولۇپ ئۆتمۇش ئەستىن چىقىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭ قالدى، ساڭا كۆڭلۈم ئىرىمەيدۇ يۈرىگىمدە دەردىڭ قالدى. ياش ئىدىمغۇ جاننى ئالدىڭ ئەزرايىلدەك قىيناپ مىنى، بىرىۋىتەي ئىيتە ئەسكى سىنىڭ مەندە نىمەڭ قالدى. بۇ دۇنيادىن يوقالدى دەپ دۇشمەنلىرىم كۈلۈپ قالدى، دوست يارەنلەر ھەيران بولۇپ جەسىدىمگە قاراپ قالدى. مىنى تاشلاپ ئازاپ غەمگە ، يادىدا يوق ئۇنۇتقانلا، پۇشمان بىلەن ئازاپلىنىپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قالدى. ئىشقا ئاشماي كاللامدىكى غايە بىلەن خىيال قالدى، قىرىنداشقا چىدىماستىن بىر تۇققانلار مالال قالدى. تىركىشىپمۇ ھىرىپ قالدىم بۇ رەھىمسىز تەقدىر بىلەن، بىر رەقىۋىم يوقالدى دەپ رەقىپداشلار خۇشال قالدى. جىنىم ئانا مىنى كەچۈر، قىلدىم خاپا پۇشمان قالدى. خىزمىتىڭنى قىلالمىدىم يۈرىگىمدە ئارمان قالدى. جازالىدىڭ سىلىپ ئوتقا گۇنايىمنى بىلدىم خۇدا، ئازاپلىماي جاننى ئالغىن ، چۈشمەي سەندىن پەرمان قالدى. ئۆلۈپ كەتتىم كۆز ئالدىڭدا غىرىپ مىسكىن چىھرىم قالدى، ئۈزىۋەتمەي چىڭ باغلىغان يارغا بولغان رىشتىم قالدى. نەپىسىمنى بوققان ئىدىڭ ئارام بەرمەي ئازاپ داغلار، كۆزلىرىمنى يۇمالمىدىم بۇ دۇنياغا مىھرىم قالدى. ئۆلۈپ كەتتىم لەۋلىرىمدە ئاچچىققىنە كۈلكە قالدى، تالىشىڭلار قىز چوكانلار ئىرىم مانا ئوڭچە قالدى. ئۆي تۇتقانتىم تىجەپ تۆنەپ ياشىماستىن ئويناپ كۈلۈپ، بىلەلمىدىم شۇ ئۆيۈم ۋە بالام بۈگۈن كىمگە قالدى. ئۆلۈپ كەتتىم ئارزۇ ئارمان دوستلار بۈگۈن بەربات بولدى، بۇ دۇنياغا كىلىپ مىنىڭ توۋلىغىنىم پەريات بولدى. خاپىلىقنى سالمىسامچۇ يۈرىگىمگە ئۆلمەس ئىدىم، كىرىپ كىتەي مازارغا مەن يىرىم يولدا ھايات قالدى. كۆز ئالدىڭدا غىرىپ مىسكىن بولۇپ پەيدا چىھرىم قالدى، بۇ دۇنياغا چىڭ باغلىنىپ ئۈزۈلمىگەن رىشتىم قالدى. قۇرۇت كەبى يەپ تۈگەتتى ئەزىز جاننى ئىغىر ئازاپ، دەرت ئەلەمدە ئۆلۈپ كەتتىم تەنھا خۇشال ئىرىم قالدى. يۈرىگىمگە نەشتەر كەبى ئۇرۇلغان گەپ سۆزلەر قالدى، ئۇنتۇلغۇسىز دەرت- ئەلەمدە ئازاپلىغان كۈنلەر قالدى. ھايات يولى ئەگرى توقاي تولغان ئىكەن مۇشكۈلاتقا، ھىرىپ قالدىم ئايىغىمدا تۈگىمەستىن يوللار قالدى.
ئارام بەرمەي دۇشمەن تاپقان پىتنە بىلەن پاسات قالدى، مەن كۆزەڭدىن يوقالدىم يوق سوداڭ سىنىڭ كاسات قالدى. ئازاپلىنىپ دەرت ئەلەمدە جاندىن تويدۇم نەچچى مىڭ رەت، ئارمىنىم شۇ دۇشمىنىمگە ئۇرالمىغان كاچات قالدى. بىۋاپاغا كۆڭۈل بىرىپ يىىگەن ئۇشبۇ تاياق قالدى. قىلىپ خىزمەت ئايىغىمدا مۇزلاپقىنە تاماق قالدى. ئاراڭلارغا مىنى ئالغان ئەي قەدىردان خولۇم خۇشنام، ئۆلۈپ كەتتىم مىنىڭ ئورنۇم سىپىڭلاردا قۇرۇق قالدى. كىمدىن ئۆسكەن كۆڭلۈم مىنىڭ بۇ رەھىمسىز ھايات قالدى، تىگىۋالغىن مانا كۈندەش ئىرىم مىنىڭ ئازات قالدى. دەردۇ ئەلەم قايغۇ بىلەن ئۆلەرمەنمۇ بىلەلمىدىم، بەختى كۈلگەن ئىنسانلارغا يۈرىەىمدە ھەسەت قالدى. بۇ دۇنياغا كىلىپ تۆككەن دەريا- دەريا ياشىم قالدى، يۈرەك پارەم بالام مانا ئۆگەيلەرگە يىتىم قالدى. ئۇۋال بولدى ماڭا تەڭرىم قەلبىمدىكى ئارمىنىم شۇ، قىساسىمنى تارتماي نەچۈن كۈلۈپ خۇشال ئىرىم قالدى. يۈز- كوزۈمنى سۆيۈپ ئۆتەر ساپ ھاۋالىق شامال قالدى، ئەركىنلىككە چىقتىم بۈگۈن مىنى ئەزگەن قامال قالدى. سۈرلۈك چىراي تەھدىت بىلەن يۈرىگىمنى ئەزگەن ئىدىڭ، ئۆلۈپ كەتتىم ئىچ- ئىچىمدە جاۋابى يوق سۇئال قالدى. ئىچىپ بولماي قاچامدىكى مىزلىك تاتلىق ئاشلار قالدى، تارخ بولۇپ كۆز ئالدىڭدا مەن يىغلىغان ياشلار قالدى. ئۆمۇر بۇيى ماڭا ھەمراھ بولغان ئىدىڭ ئاچچىق كۈلكە، مەن كىتەرمەن بولۇپ ھەمراھ قەۋرەمدىكى تاشلار قالدى. مەن توسالغۇ بولغان ئىدىم يولۇڭ مەنسىز داغدام قالدى، كىمنى ئالساڭ مەيلى لىكىن ياش تۆكمىسۇن بالام قالدى. ئازاپلىدىڭ ياتارمەنمۇ گۆرۈمدە تىنچ بىلەلمىدىم، ساڭا ئارام بەرمەس مەڭگۈ ياقاڭدا ئاھ قولۇم قالدى. كۆز ئالدىمدا پەقەت غۇۋا شەپەق بىلەن ئۇپۇق قالدى، ئۆلۈپ كىتەي دۇشمەن ساڭا غەلبىلەر ۋە ئۇتۇق قالدى. يۈرىگىمنى ئىگەللىگەن ئۇلۇق كىچىك تىنىق تۈگەپ، بالام مىسكىن سەبى دىلى مانا بۈگۈن سۇنۇق قالدى. بۇ دۇنيادا مەن ئىچمىگەن پەقەت بىرلا زەھەر قالدى. جىنىم قوزام يىتىم قالدىڭ ھاياتىڭغا خەتەر قالدى. يۈرىەىمگە سىلىپ كىتەي ئاھۇ پەريات ئەلەم دەرتنى، قۇلاق سالساڭ مەن توۋلىغان ئۇنسىز نىدا ئاھلار قالدى. ۋاراقلىساڭ خاتىرەمدە ئازاپ بىلەن پەريات قالدى، شامال ئۇچۇپ ئۆيۈم بۈگۈن توپا بىسىپ غۇربەت قالدى. ئىغىرىمنى سالماي دىسەم بى ئىلاج مەن ئاخىرىدا، كۆتۇرۈپ قۇي مىنى سالغان ئاخىرەتلىك تاۋۇت قالدى.
ئۆلۈپ كىتەي دۇنيا سەندىن رەنجىپ مىنىڭ كۆڭلۈم قالدى، خوش دىمەستىن كىتىپ قالدىم رەنجىمەڭلار ئۆزرەم قالدى. پۇچىلاندىم بولۇپ كاۋاپ دەرت ئەلەملىك قوقاس ئوتتا، قىلىپ قەۋرە كۆمۇپ قويغىن ئامانەتكە قەۋرەم قالدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-16 06:09 PM
|