|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار !! پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى بولغان ھەرەم مەسچىتى ھەممىمىز ئوتتەك تەلپۈنىدىغان ،ئۆمرىمىزدە بىر قېتىم بولسىمۇ بېرىپ تاۋاپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇقەددەس جاي. ھەر خىل ئىرىق ،ھەرخىل مىللەت ،ھەرخىل دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشىمايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلار پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ،تەۋبە قىلىپ ئۆز گۈناھلىرىغا مەغفىرەت تىلەش ئۈچۈن يىراق -يېقىن ،جاپا -مۇشەققەت دىمەي مۇشۇ جايغا توپلىشىدۇ ،بەلكىم دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كاتتا مۇراسىم بولمىسا كېرەك! بەلكىم ئاشۇ مۇبارەك جاي بولغان بەيتۇللاھدا كۆزلىرىگە ياش كەلمەيدىغان ،قەلىبلىرى ئىرىمەيدىغان ، ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۆجىزىسىنى كۆرمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك ! ! ئاللاھ بىزلەرنى ھەم مۇراد -مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي!
تۆۋندە ھوزۇرىڭلارغا سۇنىدىغان فىلىم بولسا ئەڭ سۈزۈك ئىشلەنگەن ھەج پائالىيتى ھۆججەتلىك فىلىمى ،فىلىمنىڭ ئەسلى چۈشەندۈرىشى ئورنىغا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە لەببەيكە ئاۋازلىرى كىرگۈزۈلگەن .فىلىمدىن مەككە ھەرەم مەسچىتى ،مۇزدەلفە ،ئەرەفات ،مىنا ،شەيتانغا تاش ئېتىش ئورنى قاتارلىق مۇقەددەس جايلار ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ،فىلىمگە يەنە 70-80يىل بۇرۇنقى ھەرەم مەسچىتنىڭ كونا كۆرۈنۈشلىرى ،ئىلگىرىكى سەئۇدىي پادىشاھلىرى ،ۋە كەئبىنىڭ ئىچىنى تازىلاش كۆرۈنۈشلىرى قېتىلغان .
خالىس دۇئالىرىڭىزدا بىزلەرنى ياد ئېتىپ قويغايسىز.
فىلىمدىن كەسمە رەسىملەر
يوكۇدىكى ئادىرىسى :http://i.youku.com/u/UNTgyNzM2NDg4
فىلىم چۈشۈرۈش ئادىرىسى :http://pan.baidu.com/share/link?shareid=438416&uk=2518792664
ئەسكەرتىش : فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئورنى تەمىنلەندى ،فىلىمنىڭ مەنبەدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ بۇ فىلىمنى قالايمىقان ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن ،خالىس دۇئالىرىڭىزدا بىزلەرنى ياد ئېتىپ قۇيۇڭ ،پات ئارىدا تېخىمۇ نادىر فىلىملەر ھوزۇرۇىڭىزدا بولغۇسى !!ئىنشائاللاھ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-16 03:21 PM
|
|
|
|
|
|