مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2570|ئىنكاس: 23

نادامەتنى يۇيالمىغان كۆز ياشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   نادامەتنى  يۇيالمىغان كۆز ياشلار

گۆھەرقىز ئۇرايىم


دوستۇمنىڭ تۇپراق بىشىنى يوقلاپ كىلىش ئۇچۈن قەۋرىستانلىققا چىقتىم، يىراقتىن قارىسام ئۇنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا يولدىشى نىجات يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتتى ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسلەپ يىقىنلاشتىم.
  _ئادالەت سەن بىر پەرشتە ئىدىڭ، سەن ئۆيۈمگە كىرگەندىن كىيىن ئائىلەمدە شاتلىق خۇشاللىق ۋە ھال كۈنۈمدە زور دەرجىدە يۈكسىلىش بولدى. مەن سەندىن پەخىرلىنەتتىميۇ لىكىن بۇ خىل ھىسياتىمنى پەقەت قەلبىمگىلا كۆمىۋىتەتتىم ، چۈنكى مەن بىر قىتىم نىكادا مەغلۇپ بولغان ئەر ئىدىم، سىنىڭ مىنىڭ تومۇرۇمنى تۇتىۋىلىپ، ماڭا يوغانچىلىق قىلىشىڭدىن ، مىنى كۆزگە ئىلماسلىغىڭدىن مىنى تاشلاپ كىتىشىڭدىن ئەنسىرەيتىم ؛ قورقايتىم، شۇ ۋەجىدىن قورىققان  بۇرۇن مۇش كۆتۇرۇپتۇ دىگەندەك ساڭا قوپال تىگەتتىم ، سىنى قاراملىغىم ۋە ئەسكىلىگىم بىلەن قورقۇتۇپ تۇتۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئائىلىدە ساڭا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ھەمراھ مولماستىن مىنىڭ زۇلۇمۇم ھەمراھ بولاتتى. سىنىڭ قورقۇپ ماللا مۈشۇك بولۇپ كەتكىنىڭنى كۆرسەم ئىچىمدىن ىۇرسەن بولۇپ ، ئەرلىك غورۇرمدىن سۆيىنىپ كىتەتتىم.
   سەن تولىمۇ كەم سۆز خۇشخۇي كىچىك پىېل ئىدىڭ، مىنىڭ ناھەق ھاقارەتلىرىمنى تاتلىق بىر كۈلكەڭ بىلەنلا ئۆتكۈزىۋىتەتنىڭ، مەندىن ئاغرىنمايتىڭ، مىنىڭ جەمىيەتتىكى يۇزۈمنى ؛ئىززەت ئابرويىمنى شۇنداقلا ئائىلەڭنىڭ ئوبرازىنى جان تىكىپ قوغدايتىڭ، ئائىلىنى بىز تەلپۇنىدىغان بىر باغچىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرشاتتىڭ، قۇربانلىق بىرەتتىڭ، تۆھپىسىز بەدەل تۆلەيتىڭ.
  سىنىڭ نەزىڭدە مەن بىر بىمار ئىدىم، لىكىن مەن سىنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلىغىڭدىن تىخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ئۈچۈن قەستەن كىسەل بولغان قىياپەتكە كىرۋىلىپ كىچە كىچىلەپ پۇت قولۇمنى تۇتقۇزتاتتىم، مەنچە سەنمۇ منىڭ مۇغەمبەرلىگىمنى بىلىپ تۇراتتىڭيۇ لىكىن يۈزۈمگە سالمايتىڭ، بىزار بولمايتىڭ، "ئەركىلىۋىلىڭە، ئەركىلىگەنگە سىزنىڭ مەندىن باشقا نىمىڭىز بار" دەك كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك ئەركىلىتىپلا ئۆتۈپ كىتەتتىڭ.
  سەن تولىمۇ پاكىز ئىدىڭ، مەن سىنىڭ تازلىق سۆيەر پاكىزلىغىڭنى ياقتۇراتتىم يۇ لىكىن سىنى جىلى قىلىش ئچۈن ئۇيان بۇيانغا بىر نەرسىلەرنى تاشلاپ قويۇپ ئارقىسىدىن "مەينەتلىگىڭنى قارا " دەپ تىللاپ يۈرىگىڭنى ئىزەتتىم. سىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ مىنى ياساشلىرىڭنى ياقتۇرغاچقا سىنىڭ ھەر كۈنى ماڭا كىيىم تەييارلىشىڭنى ئۈمىت قىلىپ سەن كىيدۇرگەن رەتلىك پاكىز كىيىملەرنىڭ بىر كۈندىلا ۋەتىۋەرىگىنى ئۇچىرىۋىتەتتىم.سەن كۈندە يۈيىۋاتقان كىر ۋە كۈندە ئالماشتۇرىۋاتقان كىيىملەردىن بىزارلىق ھىس قىلمايتىڭ.
  سەن مىنىڭ جۇشقۇن ؛جانلىق ؛پاكىز ۋە خۈشال قىياپىتىمنى كۆرسەڭ سۆيىنىپ كىتەتتىڭ، مەن سىنىڭ مۇلايىم
گۈزەل  خۇشخۇي ھالىتىڭنى كۆرسەم ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوقىتىپ ، سىنى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇپ كىتىشىدىن قورقاتتىم دە ساڭا مۇزدەك سوغۇق تىگەتتىم، ماڭا بولغان قىزغىنلىغىڭدىن سىنى مەندىن باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق قىلامدىغاندۇ دەپ گۇمانلىنىپ سىنى كۈنلەپ ، ساڭا ناھەق ئازار بىرىپ ، ئۆيدىن تالاغا چىقارماي جىنىڭنى سىقاتتىم.سەن  ئازاپ بىلەن ئۈنسىز ياش تۆكسەڭ سىنىڭ كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتمەكتە يوق "كەچكىچە يۈندىسىنى ئىقىتقان " دەپ تىللايتىم، ئازار بىرەتتىم، كىيىنچە سەن مىنىڭ ئالدىمدا كۆز يىشى قىلمايدىغان بولدۇڭ، مەن سىنىڭ ئەشۇ ئازاپلىق ياشلىرىڭنى ئىچىڭگە تۆكىۋاتقىنىڭنى مەن يوق يەردە تۆكىۋاتقىنىڭنى ھىس قىلساممۇ "خوتۇنۇمغا تومۇرۇمنى تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن" ئەرلىك غورۇرۇم بىلەن بىپەرۋا يۈرەتتىم.
_سەن تولىمۇ كەڭ قوساق ئەپۇچان ئىدىڭ. قىزىم رەھىمە سەندەك ئۆگەي ئانىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ ھۆرمەت قىلمىسىمۇ ؛ سىنى سىلكىپ ئورۇنسىز ئازار بەرسىمۇ ، كىچىك بالىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرسىمۇ، پۇل مىلىڭنى تارتىۋالسىمۇ ئۆچمەنلىك قىلماستىن "نادان ئەمەسمۇ، بالا ئەمەسمۇ، ئانا مىھرى كۆرمىگەن " دەپ ئۆتكۈزىۋىتىپ قىزىمىز مىھرايغا ئالمىغاننى شۇنىڭغا ئىلىپ يىگۈزەتتىڭ كەيگۈزەتتىڭ، ئۆزەڭنىڭ ئۇچىسىغا يىللاپ بىر كىيىم چىقمىسىمۇ رەنجىمەستىن ئۇنىڭغا ئايدا نەچچە قۇر كىيىم كىيدۈرۈپ ياسايتىڭ. مەن سىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مىھرىڭدىن خۇددى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئانىسىغا تاپشۇرغاندەكلا خاتىرجەم ئىدىم.
  _سەن  بىلىملىك،  ساپالىق ،ئىشچان نۇمۇسچان ۋە دىيانەتلىك ئىدىڭ، مەن سىنىڭ تىلىڭنى كىسىك قىلىپ ئۆزەمگە باغلاپ تۇرغۇزۇش مەخسىتىدە ساڭا يوق بۆھتانلارنى دەپ تۇرۋالاتتىم، سەن تولىمۇ تەمكىن تۇرۇپ، "شەيتانغا دوست بولۇپ قاپسىز، توۋۋا ئىستىغپار ئىيتىڭ " دەپلا قوياتتىڭكى مەندىن ئاغرنمايتىڭ رەنجىمەيتىڭ يۈز ئۆرىمەيتىڭ، ماڭا ۋاپادار ئىدىڭ.لىكىن ئەپسۇس مەن  سەندىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ھايات كارتىنامنى ئەندىشە؛ گۇمان؛ ھەسەت ۋە كۈنلەش بىلەنلا تولدۇرىۋىلىپ سىنى قەدىرلەش ئورنىغا ئازاپلىدىم. سىنىڭ ئازاۋىڭدىن ئۆزەمگە خۇشاللىق ۋە غورۇر ئىزلىدىم، سىنى ياخشى كۆردىغىنىمنى، سەندىن پەخىرلىنىدىغىنىمنى؛ سويىنىدىغىنىمنى بىر قىتىممۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم.
  _ سەن ئاددىلىق ئىچىدىن بەخت، ئازاپ ئىچىدىن شۈكرى، نامراتلىق ئىچىدىن قانائەت ، ھايات يولىدىن ئەخلاق ۋە دىيانەت ئىزلەپ ، ماڭا مەنىلىك ھايات  ۋە مەنىۋىي زوق بىغىشلاش ئۈچۈن تىرشاتتىڭ. مەنلا ئەمەس سىنىڭ يىنىڭغا كەلگەن ئاچ يالىڭاچ ئادەممۇ ئۆزىنى مەنىۋىي مىليونىردەك ھىساپلىيالايتى، ئازاپ بىلەن ئۆلمەكچى بولغانلارمۇ ساڭا قاراپ كۈلەتتى،  مەن سەندەك بىر پەرىشتىنى ماڭا ئاتا قىلغان ئاللادىن سۆيىنەتتىم، سەندەك بىر ھەممىلا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان گۇزەلنى ماڭا بىرىپ كۈنلىرىمگە خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئازاپ ئىلىپ كىلىۋاتىدن تەڭرىدىن ئاغرىناتتىم، شۇ ۋەجىدىن سىنى رەشىك ئوتىغا سىلىپ ئەنسىرتىپ ئۆي تۇتۇشنى مەخسەت قىلىپ قەستەن باشقا ئاياللار بىلەن ئۇچرىششىقا چىقاتتىم ئۇلار بىلەن بىرىش كىلىش قىلاتتىم، ئۇلار بىلەن سىنىڭ كۆزۈڭدە تىلفۇنلىشىپ چىقىپ كىتەتتىم.
  _ئائىلىدە ساڭا ئادىللىق يوق پەقەت ئازاپ - ئازار جاپا ۋە تىل دەشناملا بار ئىدى. سەن ئۆزەڭنىڭ دەرت -ئازاۋىنى ئىچىڭگە يۈتۈپ، بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، مىنىڭ بىغەرەز مىجەزىم سەۋەبى ھەممىنى ئىچىڭگە سىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈرەك كىسىلى دىگەن ئىبلىس بىلەن ئاتالدىڭ، لىكىن سەن شۇنداقتىمۇ قىلچە ئۆكۈنمەي ئەپسۇسلانماي ئۆزەڭنى قويۇپ بىزنى ئويلاپ ياشىدىڭ. دوختۇر سىنى يۈرەك ئاپرەتسىيەسى قىلىشقا دەۋەت قىلغاندا سەن ئۆزگەرمەس مىنىڭ مىجەزىم ۋە ئائىلە مۇھىتىم..... دەپ تۇرىۋىلىپ ئۇنىمىدىڭ.
__سەن بىر كۈنى ساڭخەيگە بىرىپ ساياھەت قىلىدىغان ئىككى  بىلەتنى ئىلىپ كىردىڭ دە "ھايات تولىمۇ گۈزەل، سىز تولىمۇ ئازاپ بىلەنلا ئۆتۈپ كەتتىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىز بىلەن ساياھەت قىلىپ بىر قىتىم بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ۇاشاپ بىقىڭ " دەپ ماڭا سۇندۇڭ، مەن سىنىڭ بىرگە بارايلى دىمەي دەۋاتقان گىپىڭدىن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى، ساڭا بىز بىرگە بارايلى مىنىڭ سەندىن باشقا نىمەم بار دىمەكچى بولدۇميۇ لىكىن ئەرلىك غورۇرۇم يول قويمىدى. سىنى ئازاپلاپ داغدا قويۇش ئۈچۈن قولۇڭدىن  بىلەتنى ئىلىپ يىقىن دوستۇڭدىن بىرنى  ئىلىپ شاڭخەيگە قاراپ ئۇچتۇم.
  _سەن بىر ياش غۇنچە ئىدىڭ، باشقىلار ئۈچۈن خۇش پۇراق چىچىپ ھەممەيلەننى داغدا قويۇپ كۆز يۇمىۋالدىڭ، مىنى شاڭخەيگە يولغا سىلىپلا مەڭگۈلۈك ئۇخلىۋالدىڭ، بىزنى دەپ ئارام ئالامىغان ئىدىڭ مانا  خاتىرجەم ئارام ئىلىۋالدىڭ، بىزنى يامان ئۈگىتىپ قويۇپ كۆز يۇمىۋالدىڭ، سەن مىنى مۇشۇنداق ئوسال قىلماقچى بولغانمۇ؟  قەدرىڭنى مۇشۇنداق بىلدۇرمەكچى بولغانمۇ؟
  _ ئىچ-ئىچىمدە ھەسرەت نادامەت ، سىنىڭ "يۈرەك كىسىلى "ئىكەنلىەىڭنى ئۇنۇتقىنىمغا ئۆزەمگە غەزىۋىم مىنى ئازاپلىماقتا. شاڭخەيگە 100ئادەمنى ئىلىپ بارساممۇ ساڭا بولغان مۇھاببىتىم ئۇلارغا قەلبىمدىن ، قوينۇمدىن ئورۇن بىرەرمۇ؟ مەن نىمىشكە سىنىڭ ھاياتلىغىڭدا ئەرلىك غورۇرۇمنى قايرىپ قويۇپ ساڭا ھەممىنى دىمىگەندىمەن؟ مەن قانداق قىلارمەن ؟ بىز قانداق قىلارمىز؟  مەن سەندەك مىجەز خۇلۇقلۇق بىرسىنى تاپالىشىم مۇمكىنمۇ؟ مەن چىدىمىدىم  مىنىمۇ ئىلىپ كەتكىن دىگۈم بار لىكىن بالىلارنى قانداق قىلارمەن؟ سەن بىلەن تەڭ بوران ئۇچقان ئۇيۇڭنى قانداق قىلارمەن؟ ..........
  _مەن نىجاتنىڭ ھەسرەت نادامەتتە ئىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىغا قاراپ تەسەللى بىرىشكە قۇدرىتىم يەتمەيدىغىنىنى ھىس قىلدىم دە ئارقامغا ئۆرۇلدۈم.
  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xabnam00 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43527
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 01:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئۇقۇپ كۆزلىرىمدىن ياشلار چىقىپ كەتتى.نىمىشقا ئاياللار شۇنچە نۇرغۇن بەدەل تۆلەيمىز،ئائىلە،بالا پەقەت بىز ئاياللارغىلا لازىممۇ؟ئەرلەرگە لازىم ئەمەسمۇ؟ لازىم بولمىسا نىمىشقا ئاياللار بىلەن توي قىلىدۇ؟نىمىشقا يەنە بالىلىق بولىدۇ؟ئەرلەرنىڭ خاتالىقىنى نىمشقا بىز ئۈستىمىزگە ئېلشىمىز كېرەك؟بىزمۇ ئادەمغۇ؟بىزگىمۇ ئادالەت كېرەكقۇ؟نىمىشقا زادى بۇنداق بولىدۇ؟بۇ ئىشلارنى ئويلىساملا شۇنداق ئازابلىنىمەن.تۇرمۇشتىن چىقىپ كەتكۇم ،ئۇرۇش-تالاش يوق،نىمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلسام(گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارنى)،خاتىرجەم تۇرمۇشقا قايتقۇم كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93782
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 150
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 02:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولسا،ھايۋانكەن بۇ

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23719
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3754 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 04:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 04:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ROXAN306 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 01:57 PM
بۇنى ئۇقۇپ كۆزلىرىمدىن ياشلار چىقىپ كەتتى.نىمىشقا ئاي ...

مانا بۇ (سىزنىڭ ئويلىغىنىڭز) ئىتقادسىزلىقنىڭ (ئىمان سۇسلىقنىڭ)ئوچۇق ئىپادىسى.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 04:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە ئېسل ئايال بۇ ؟؟؟ئىككىنچى خوتۇنىڭ بۇنداق چىقمقى تەس ...بالسىنى ئۆز بالسدەك ئەمەس ..ئۆگەي بالا كەيندىن ئاپا دەپ ئەگشىپ يۈرسىمۇ ئىترىپ ،قاراپمۇ قويمايدىغان ئىپلاس ئۆگەي ئانلار بار ..بۇ ئايال يەنلا بەختلىكەن چۈنكى يولدىشنىڭ ھەقىقى مۇھەببتىگە ئېرشىپتۇ ،گەرچە ئىپادىلمسىمۇ ،بۇنى ئايال ھېس قىلالايدۇ ..چۈنكى تەبئى نەرسىنى سۈنئى ھالاتكە كەلتۈرۈلسە ئاسانلا چىنىپ قالىدۇ ...بولمسا بۇ ئايال بۇنداق ئائلدە ياشاشتىن ۋاز كەچكەن بولار ئىدى.ھە

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 04:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن ئىسىل ئايال بۇ ؟ جەمئىيىتىمىزدە نەدە مۇشۇنداق ئىسىل ئاياللىرىمىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلماي خارلاپ ئاخىرىدا پۇشايمان قاچىسىنى تاپالماي يۈرگەن ۋىجدانسىز ئەرلىرىمىز نۇرغۇن؟....

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 05:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ئىنساننىڭ تۇغما خۇي مېجەزى، ھايۋانات ئۇچار قۇشلارمۇ جىنىدا ئۆز جۈپتىگە كۆيۈنۈپ باللىرىنى بىرگە بېقپ قاتارغا قوشۇدۇ، بۇلارنىڭ ئۆز جۈپتىنى ئۇرۇپ تىشلەپ، يارىلاندۇرغانلىقىنى كۆرگەنلەر يوق بەلكىم، بىراق ئىنسانلار ئارىسىدا مۇشۇنداق رەزىللىك تۈگەپ ئۆتمەيدىكەن....
شۇڭا بۇلارنى ئۇنداق مۇنداق دەپ ئەيىپلىگەننىڭ ئورنىدا شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھدىن ئىنساپ ئىمان، ۋىجدان-غورۇر تېلەيلى............

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 05:41:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 06:32:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 04:26 PM
نىمانچە ئېسل ئايال بۇ ؟؟؟ئىككىنچى خوتۇنىڭ بۇنداق چىقم ...

سىززە بەكلا ئەقىلق جۇمۇ ، مىنىڭچىمۇ ئۇ ئايال ھىس قىلالايدۇ يولدىشىنىڭ  مىھرى مۇھەببىتىنى



ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش