|
|
|
|
|
پۈتكۈل مەۋجۇدات چەكسىز ۋاقىتنىڭ كونتۇرۇللىقىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئالەمدە ۋاقىتنىڭ كونتىروللىغىدىن ھالقىپ كەتكەن ھىچقانداق شەيى يوق. ئالەم جىسىملىرىنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەركىتى يەنى قۇياش،ئاي،يەرشارى ۋە باشقا يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ ئۆز ئورنىنى قانۇنىيەتلىك ئۆزگەرتىپ تۇرىشى ۋە بۇ ئۆزگىرىش ئارقىلىق شەكىلەنگەن تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرى،پەسىل ئۆزگىرىشلىرى، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىشى قاتارلىقلار ئىنسانلاردا ۋاقىت ئۇقىمى ۋە ۋاقىت چۈشەنچىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى مۇساپىسىدە تەبىەت ئىنسانلارغا ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى ۋە چەكسىز ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى.بىراق،مانا شۇ چەكسىز ئىمكانىيەت ۋە چەكسىز ۋقىت دەۋرىلىكى جەريانىدا كۆپلىگەن ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە بەخت ۋە بەخىتسىزلىك چۈشەنچىللىرى،قۇتلۇق كۈن، قۇتلۇق ئاي،قۇتلۇق يىل چۈشەنچىللىرى بارلىققا كەلگەن ئىدى.
تەجىربىلەرنىڭ توپلىنىشى، بىلىشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى، ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان كۈزۈتۈشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىپتىداى كالىندارچىلىق ۋە مۇنەججىملىك (يۇلتۇزشۇناسلىق) قۇرى (پالچىلىق) چىلىق قاتارلىقلار بارلىققا كىلىپ كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمىشىدىن تارتىپ سودا سېتىق، سەپەر، ھېيىت-بايرام، ئۇرۇش ۋە باشقا تۈرلۈك مۇراسىملارغىچە سىڭىپ كىرىپ، ئىنسانلار مەدىنىيىتىنىڭ مۇقىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. شۇڭا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرىنىڭ ئۆزگىچە ۋاقىت چۇشەنچىللىرى ۋە ئوخشىمىغان ۋاقىتنىڭ كىشىلەرنىڭ بەخىت سائادەت ئارزۇسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىللىرى بار.
‹‹سائەتنامە›› ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ئاشۇنداق ئاگاھ مەسلىھەت رىسالىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ بىراق بىز كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە بۇ ئەنئەنىدىن بارا بارا يىراقلاپ كەتكەن شۇڭا ھازىرقى ياشلىرىمىزدا بۇ توغرىدىكى چۈشەنچە ۋە بىلىش يوق دىيەرلىك.ئەمما ئانىللىرىمىز ھەرقاچان قازانغا ماي قۇيغاندا بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، ئانىمىز پاتىمەنىڭ ھەققىدە................... ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت ساەت ،دەپ ياخشى سائەت ياخشى ۋاقىتلارنى تىلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مەشرەپنىڭ بىر شېىرىدا پۈتۈن بىر ھەپتىنىڭ ھەر بىر كۈنىگە باھا بىرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئىچىدە سەيشەنبىنى ‹‹نەس›› ئاتايدۇ
مەن ئۆلەر ھالەتكە يەتتىم ئەي نامىزىم شەنبە كەل
شەنبىگە ئۈلگۈرمىسەڭ شەپقەت قىلىپ يەكشەنبە كەل
ئىككى ئالەمنىڭ چىراغى ئول كۈنى تاپتى ۋۇجۇت
مۇستاپانىڭ ھۆرمىتىدىن دىلبىرىم دۈشەنبە كەل
نەس ئاتاپتۇ يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە سەيشەنبىنى
مۇستجەپ بولغان دۇئانىڭ ھۆرمىتى چارشەنبە كەل
نەچچە پەيشەنبە ئۈتۈپ كەلمەك مۇيەسەر بولمىسا
ئۆلگىنىمدە ياد .ئىتەرسەن ئازنا كۈن تۇپراققا كەل
ھەقىقەتنى ئېيىتقاندا كىشلىك ھاياتتا تۈرلۈك تۇرمۇش ھادىسلىرىگە دۇچ كىلىمىز. ھەر خىل تەبىئەت ھادىسلىرىگە ئۇچرايمىز. بۇ ھادىسلەر مۇئايەن بىر ۋاقىتت يىل،ئاي،كۈن، ھەتتا ساەتتە يۈز بىرىدۇ .ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىر يىلنىڭ ھەر خىل مەسۇمىدا ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ،بىر كۈندىكى 24سائەتنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىدىمۇ بەلگىلىك پەرىققە ئىگە بولدىغانلىقىنى ھىس قىلمىز.بىراق،كۆپ ئادەملەر بۇ تەرەپلەرگە تازا ئرتبار بېرىپ كەتمەيدۇ. لىكىن بۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ قانچىلىك ئىلمى ئاساسى بارلىقىنى يەنىمۇ چۇڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كىلدۇ. بىراق ھەرگىزمۇ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.
مەنبە سائەتنامە ۋە قىياپەتنامىدىن ئېلىندى |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-15 12:03 AM
|
|
|
|
|
|