غەلىتە ۋەتەنپەرۋەرلىك
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان (ئاقسۇ خاتىرلىرىدىن پارچە)
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. بۈگۈننىڭ قەدرىنى بىلىش ئۈچۈن چوقۇمكى تارىخنىڭ دەردىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. تارىختىن ساۋاق ئالغان ئىشەكمۇ پۇتى تىقىلغان كۆۋرۈككە قايتا قەدەم باسمايمىش. بىز ھەر ھالدا ئىنسان بالىسى. ئىنساندارچىلىق يۈزىسىدىن بىر ھەۋەسكار سۈپىتىدە جەمىيەت ۋە مىللەتنىڭ غەملىرى توغرىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر پاراڭ سالغۇمىز كېلىدىكەن. مۇددىئايىمىز، ئەتىمىز تېخىمۇ ياخشى بولسا ئىكەندىن ئىبارەت. بىلىم قۇرۇلمىمىزنىڭ مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن خاتالىقلارغا دۇچار بولغىنىمىز ئېنىق. كۆپچىلىكنىڭ بىزنى خەيرى-خاھلىق يۈزىسىدىن توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئامال بولسا نىيەت-ئارزۇيىمىزنىڭ توغرىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىسا ئىكەن دەيمىز. ئەسلىدىكى ئەسەرنىڭ ھەجمى سەل چوڭراق، شۇنداقلا يېتىشسىزلىكلەر زور بولغاچقا ئۇنىڭ ھەر-بىر قىسمىغا قايتىدىن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولدۇق. دىمەك، سەمىمى تىرىشساقلا ئىلگىركى ئالىملىرىمىزنىڭ شۇنداقلا بۈگۈنكى قەلەمكەش ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەپۇسىغا ھەم يېتەكلىشىگە ئېرىشەلەيمىز دىگەنلەرنى ئويلىدۇق. شۇل سەۋەپتىن ھەممەيلەننىڭ رىغبەتلىرىگە مۇھتاجمىز. .......................تارىخشۇناسلارنىڭ ئاقسۇ خەلقىنى "پىتراڭغۇ، پاراكەندە" دىيىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. پىتراڭغۇلۇققا، پاراكەندىچىلىككە ئامالسىز مەجبۇرلانغان، زۇلۇمنىڭ ئوچىقىدا پاراسلاپ كۆيگەن بۇ يۇرتقا تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىق توغرىسىدا ۋەزخانلىق قىلىشقا يەنە نىمە دەسمايە بار دەيسىز ؟ 1859-يىللاردا جەنۇپتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان قازاق قېرىندىشىمىز چوقان چىڭگىز ئوغلى " بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پۈتمەس-تۈگىمەس قۇللۇق ئاسارىتى، زورلۇق-زومبۇلۇق، ھەمدە ئادالەتسىزلىكلەر ئەنە شۇنداق بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھورۇنلۇق، يالغانچىلىق، بۇزۇقلۇق دىگەندەك ئىللەتلەرنىڭ يامرام كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ." دىگەن خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپتىكەن. ئادەمنىڭ نېپىز يۈزىنى ھەپتە كۈن شاپىلاقلىسا چەمدەك قېلىن بولۇپ كېتەرمىش. شۇڭا خۇداغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئوقۇيمىزكى، ئاز كەم مىڭ يىل شۇنچىلىك ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە يۈرۈپمۇ تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان بولۇپ كەتمەپتىمىز. خەلقىمىزنىڭ بېشىدا دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زۇلمەتلىك دەۋىرلەر ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان دىسەك ئارتۇقچە كەتمەس. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىدىيە ۋە ئۆزگۈرۈش ئىسلاھاتلىرى بۇ زىمىنغىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئىچكى يېغىلىق بىلەن بىرلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلاردىن ئىسسىق جېنىنى ئاران ئېلىپ كەلگەن خەلقىمىز ۋۇجۇدىدىكى ئاخىرقى ھاياتىي كۈچى بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ رىقابەت مەيدانىغا كىرىپ كېلىدۇ. بىراق شۇ دەۋردىكى ياكى كېيىنكى ھۆكۈمدارلار تارىخنىڭ مۇقەرەر قانۇنىيىتى بولمىش تەرەقىيات ۋە يېڭىلىق ھادىسىلىرىنىڭ بۇ زىمىندا ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويمايدۇ. ھەتتا ئىنسان بالىسىنىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق ئېرىشىدىغان ئەڭ تۆۋەن جىسمانى ئەمگەك ھەققىنى ئېلىشىغىمۇ قورسىقى ئاغرىيدۇ. قۇللۇق تۈزۈم ۋە فېئودالىزىم دىگەنلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ تۈزۈملەر كۈنسېرى ئىلگىرلەۋاتقان باشقا ئىنسانىيەتلەردىن ئۈزلۈكسىز يوقۇلۇپ ئادىمىي ھاياتقا ئېرىشىپ ياشاپتۇ. ئەپسۇس دۇنيانىڭ تارىخى تەرەقىياتىدىن ئايرىپ تاشلانغان بۇ زىمىندا بولسا ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ دەۋرسېرى ئۆزگۈرىشىنىمۇ بايقىغىلى بولمايدۇ. ئىسمى ئوخشىمىغان بىلەن ماھىيىتى ئوخشاش. قايسى قۇللۇق تۈزۈم قايسى فېئودالىزىم يەنە قايسى بۇرژازىيە.....قىلچىلىكمۇ پەرقى يوق. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا " ئۇيغۇر بالىسى" دەپ ئاتالغان بىر ئوت يۈرەك يىگىتىمىز ئاقسۇ يېزىلىرىنى ئايلىنىپ "بۇ ئەتراپتىكى ئادەملەر توغرا، ساپ دىل، يالغان سۆزلىمەس، دۇنيا ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئادەملەركەن. قىسقىسى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن قانداق ياشىغان بولسا ھازىرمۇ شۇنداق ياشاپ تۇرۇپتۇ." دىگەن تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىكەن. بۇ تەسىراتقا يۈز يىلدىن كېيىن مەنمۇ ئېرىشتىم. ئۇنداقتا بۇنداق ساددىلىق بىلەن ياشاۋاتقىلى بىرمىڭ بىر يۈز يىل بولغانمىدۇ ؟! بۇ مىللەتنى ھۆرۈن دەي دىسەك تىلىمىز كۆيىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ زىمىنغا كەلگەن چارلىز بولگىر دىگەن پەرەڭ ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلغان كىتاۋىدا ئاقسۇلۇقلارغا باھا بېرىپ " ...ئۇلار ئەقىل-ئىدراك ۋە ئۆز يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە قەشقەرىيەلىكلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشقا لايىق." دىگەن. يۇقۇرىدا چىڭگىزخاننىڭ ئۇياققا ئۆتكۈچە بىر خارابىلىقنى كۆرگەنلىكىنى، ئارىدىن ئالتى ئۆتۈپ بۇياققا ئۆتكۈچە ئۇنىڭ ئورنىدا گۈلۈستانلىقنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۈق. دىمەك ئۇلار ھۆرۈن ئەمەس. ئاقسۇ يېزىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئاز كەم يۈز ئەللىك يىل بۇرۇنقى ئاۋۇ پەرەڭنىڭ سۆزىنى مەنمۇ ئىختىيارسىز تەكرارلىدىم. بۇ مىللەتنى تارىخنىڭ تەرەقىياتىغا كۈچ چىقارمىغان دەي دىسەك بۇ زىمىندا ھۆرلۈك ۋە ئازاتلىق چۇقانلىرى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرى بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز كۆپ يۈز بەرگەن. بۇ مىللەتنى دۆت دەي دىسەك يەنە ئەپلەشمەيدۇ. چۈنكى 56 مىللەتنڭ ئىچىدە زامانىۋى مائارىپقا ئەڭ بۇرۇن كۆچكەن. سانائەت ئىنقىلاۋىغا ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويغان. بۇ مىللەتنى قورقۇنچاق دەي دىسەك، ئەنە تارىخقا قاراڭ ! بۇ زىمىندىكى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ھەر-بىر قوزغۇلاڭ ۋە توپىلاڭلارنىڭ ھەرقاندىقىغا چوڭ ئىشەنچ ۋە ئۈمۈت بىلەن ئۆزىنىڭ جېنىنى ۋە مېلىنى ئاتاپ كەلگەن. ھايات-ماماتتىكى ئۆلۈمدىن قورقماس روھىنى نامايەن قىلىپ بۇ تۇپراقنى مۇقەددەس قىلغان. بوۋىسى، دادىسى، نەۋرىسى ھەتتا ئۇرۇق-پۇشتىغا قەدەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قىلچە پايدىسىنى كۆرمىسىمۇ يەنە ئۈزلۈكسىز ئەشۇ ئۈمۈت دىگەن سەرراپنىڭ كەينىگە كىرىپ قىرىلىپ كەلگەن. غوجاملار كېلىپ " قالماقلارنى قوغلايلى!" دىسە "ماقۇل" دىگەن. غازاتچىلار كېلىپ" كۇپارنى يوقۇتايلى!" دىسە يەنە "ماقۇل" دىگەن. بىر يۇرتلۇقلار قوزغۇلاڭ قىلىپ " زۇلۇمنى يوقۇتايلى!" دىسىغۇ ھەممە نىمىسىنى ئاتىغان. ھەتتا مۇزداۋاندىن ئۆتكەن ماركىسىزىمچىلار " باراۋەرلىك، خەلقچىلىق " نى توۋلاپ كەلگەندە "باتۇرلىرىمىز...." دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالغانغۇ !؟ بىراق كېيىنچۇ ؟ ئوسما كېتىپ قاش قالغان. سۇ كېتىپ تاش قالغان. بۇ دىياردا ئىككى نەرسە قالغان. بىرى شورلۇق تەغدىردىكى خەلق قالغان. يەنە بىرى ھېچيەرگە يوقالمايدىغان نومۇسسىز زۇلۇم قالغان. بىز بىرنەرسىگە دىققەت قىلىمىز. نىمە ئۈچۈن بۇ زىمىندىكى خەلقلەر مەيلى جاھانگىر ياكى كەلگۈدى خوجىلار ۋە ياكى ۋەتەنداشلار بولسۇن ھەممىسىنى پەرقلەندۈرمەي قارشى ئېلىۋېرىدۇ ؟! بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ئوسمان تۈركلىرى " بالقان ئۇرۇشى" ئېلىپ بارىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇ دەۋردىكى ئاچارلىق دەردىدىكى ئاقسۇ خەلىقلەرى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈركىيە سۇلتانلىقىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 210 يامبۇ كۈمۈش يىغىپ ئەۋەتىدۇ. بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە جوڭگودا شىنخەي ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەن ئىدى. ئاقسۇلۇقلار ئەشۇ ئىنقىلاپقىمۇ يامبۇ ئېۋەتكەنمىدۇ ؟ ئېۋەتمىگەن. ئۇلاردا زادى ۋەتەنپەرۋەرلىك ياكى جاھانگىرلىك دەيدىغان ئۇقۇم بارمۇ-يوقمۇ ؟ ياق ئۇلاردا بۇ ئۇقۇملار بار. زۇلۇم ۋە ھاقارەت شۇنداق نەرسىكى ئۇ پۇت-قولۇڭنى ئۈزلۈكسىز قىسىۋاتقان كويزا-ئىشكەلگە ئوخشايدۇ. بۇ قىسماق سەن قىمىر قىلساڭلا چىڭىيدۇ. ھاقارەت ۋە ئاغرىق جان-جېنىڭدىن، يۈرەك-باغرىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا ھەتتا شەيتان كېلىپ "سېنى قۇتۇلدۇراي..." دىسىمۇ ھەرقانداق ئادەم "جان!" دەپ ماقۇل بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغان بولسا ياۋروپادىكى ماركىسىزىم ئاسىيا بىلەن لاتىن ئامىرىكىسىدا بازار تاپالامتى. شۇڭا بۇ دىياردىكى مۇقەددەس مازارلاردا ياتقانلارنىڭ ئىچىدە يەرلىكلەرمۇ، كەلگۈدىلەرمۇ ھەتتا جاھانگىرلارنىڭ گۇماشتىلىرىمۇ.....ھەممىسى بار. يەرلىكلەر قەلبىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت يۈكسەك مىللىلىكنى ئەنە شۇنداق مىللەت چېگرىسى بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ساقلاپ قالغان. ۋەتەننى سۆيۈش ئىنساننىڭ ئەقەللى ھوقوقى. بىراق بۇ زىمىندىكى خەلىقلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۈشى، ئۆز تەغدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشى يېقىنقى زامان تارىخىدا ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئەڭ زور جىنايەت ھىساپلانغان. يەرلىك خەلق ئىشەكتەك بىر سىقىم سامانغا ياكى ئىتتەك بىر بۇردا نانغىلا قانائەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇلارنىڭ ئادىمىلىك ھىسياتى، ئىنسانىي تەلەپ-ئۈمۈدى ھۆكۈمرانلارنىڭ سىزىپ قويغان سىزىقىدىن تاشقىرىلىققا يول قويۇلمىغان. جاھاندا جۈپتى يوق بۇنداق كۆڭلى قارا سىياسەتنىڭ زەربىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك مازارچىلىق بىلەن مەۋجۇت بولۇشقا تىرىشقان. "....ھەرەمگە بېرىشتىن بۇرۇن پالانچى مازارنى زىيارەت قىلىش كېرەككەن...." "ھەرەمگە بارغانلارغا بىر ئابىت ئۇچراپتۇ. ئۇ، سىلەر يۇرتۇڭلاردىكى پۇستانچى مازارنى زىيارەت قىلماپسىلەر دەپتۇ...." دىگەندەك ئەپسانە-رىۋايەتلەر دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە بار-يوقلۇقىنى بىلمىدىم. ئەمما بۇ دىياردا ساماندەك كۆپ. بەلكىم يۇرت-ۋەتەن سۆيگۈسىنى غوجاملارغا باغلاپ ساقلايدىغان بۇنداق غەلىتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھادىسىسى دۇنيادا ئاسانلىقچە ئۇچرىماس. سۇدا ياشاۋەرگەن ئادەمنىڭ ئىسسىغى ئېشىپ كېتىدۇ. ئوت بىلەن ھەپلىشىدىغان ناۋاي سوغۇقچان كېلىدۇ. ئىنسان بالىسى رىئاللىقتىكى زىدىيەت-توقۇنۇشلارنىڭ زەربىسىگە ئۆز ۋۇجۇدىدا ئىممونىت كۈچى ھازىرلاش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ. شۇڭا پۇرسەتپەرەسلىك ئەۋج ئالغان جەمىيەتتە ئەخلاقنىڭ كۈچى يىگىلەيدۇ. زۇلۇم كۈچەيگەن جەمىيەتتە ئىنسان بالىسى قۇل مىجەزلىك بىلەن ئۆز ئامانلىقىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مېھرىبانلىق زىيانلىق نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئىنسانلارنى باغلاپ تۇرىدىغان مېھرىبانلىق يوقالغان، قۇل مىجەزلىكنى تەلەپ قىلغان جەمىيەت ئاخىرى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدۇ. ئەخلاقنىڭ ئىدارە قىلىش تەرتىۋىنىڭ بۇزۇلىشىشقا باشلانغانلىقى ئىنسان بالىسىنىڭ بۇ جەمىيەتتىن زېرىككەنلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. چۈنكى ئىنسان تەبىئىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەكلىككە باشلىيالمىغان جەمىيەت ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان جەمىيەتتۇر. بۇ جەمىيەت ئادەملەر ئارىسىدىكى سېسىۋاتقان بارچە ئەخلاقسىزلىقنىڭ جاۋاپكارىدۇر.................
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت Abdurehim ablethan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.ablathan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-14 08:43 PM
|