مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3434|ئىنكاس: 47

قورساق سېلىش مودىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34280
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 04:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت ساغلام تەن بىلەنلا ھېس قىلالايدۇ، سىزدە ساغلام تەنلا بولىدىكەن، بۇ دۇنيانىڭ لەززىتىنى ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە تېتىيالايسىز. ئۇنداقتا سىزدىكى بۇ تەن زادى نېمىگە مۇھتاج، سىز تېنىڭىزنى ئاسرىيالىدىڭىزمۇ، تېنىڭىزنى ۋاقتى - ۋاقتىدا «رېمونت» قىلدۇرۋاتامسىز؟
ھازىر نۇرغۇن ياشلىمىزدا قورساق سېلىش «كېسىلى» ئەۋج ئالماقتا. تېخى 40 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بەلباغنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قورساقنى ساڭگىلىتىپ خۇددى قورسىقىدىكى ھامىلىدىن پەخىرلەنگەن «ئانا» لاردەك يۈرۈيدىغان ئەركەكلەر جەمئىيىتىمىزدە كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. ھەتتا بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ئەركەكلەردە بۇنداق «باداڭ» قورساقنىڭ بولىشى ئۇلاردىكى بىر خىل سالاپەتكەنمىش. توغرا، بەزىلەرنىڭ قورسىقىنىڭ بۇنداق چوڭ بولۇشى بەلكىم ئىرسىيەت ئامىلىدىن كېلىپ چىققان بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئېرسىيەت ئامىلى تۈپەيلى يوغانغان قورساقنى چۈشۈرۈش تىببىي ئىلىمىدىمۇ تەسكە توختايدۇ. بىراق ھازىر بۇ ئېرسىيەت ياشلىرىمىزغا خۇددى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق زۇكۇمىدەك تارقالماقتا.
يېقىندا بىر دوستۇم ئۆزىنىڭ بۇنداق باداڭ قورساق كېسىلى»گە گىرىپتار بولغانلىقىغا نەچچە يىللار بولغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئىنتايىن ئۆكۈنگەن ھالدا مۇنداق دېدى«گەرچە ئۆزۈم ئورۇق بولساممۇ، بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدىلا قورسۇقۇم خۇددى شاردەكلا تومپىيىۋالدى، كۈندىلىك غىزالىنىشىممۇ كۆپىيىپ، ھەتتا قورسۇقۇمنىڭ تويغىنىنىمۇ ھېس قىلالماس بولۇپ قالدىم. قورسۇقۇم تويسىمۇ كۆزۈم تويماي، قورساق ئاچسىلا كېچە - كۈندۈز بولىشغا قارىماي قورسۇقۇمنى <باقىمەن>. ئۆيۈم تۆتىنچى قەۋەتتە بولغاچقا ئۆيگە چىقىپ - چۈشۈشتە بەكلا قىينىلىۋاتىمەن. بەزىدە ئۆپكەم كارنىيىمغا تىقىلىپ قالغاندەك يۆتىلىپ بىئارام بولىمەن. كېچىسى ئۇخلىغاندا خورىكىمنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۆزۈممۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىمەن.... يېقىندا تېخى بازار ئايلىنىپ، بىر شىمنى ياقتۇرۇپ قالدىم. كىيىپ باقسام بېلى پەقەتلا كەلمىدى. ھەر قانچە كۈچەپ تارتىپ تۈگمە تۇرماق سېرتمىسىنىمۇ ئېتەلمىدىم. دۇكاندار مېنىڭ بىئارام بولغىنىمنى ھېس قىلدى بولغاي <يا، شىمغا تۇرۇڭ، يا، قورساققا> دەپ تەنە ئارىلاش كۈلۈپ قويدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي شىمنى تاشلاپ دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم.»
مانا بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم «باداڭ قورساق» ياشلارنىڭ دەردى. مانا بۇ 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالماي تۇرۇپلا دىئابىت كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى،  يۇقۇرى قان بېسىم، جىگەرنى ماي قاپلاش يەللىك بوغۇم كېسىلى قاتارلىق  نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، روھىي ئازاپ تارتىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي سۆزىدۇر.
ھازىر ياشلىرىمىزدىكى غىزالىنىش ئادىتى كىشىنى ئىنتايىن چۆچىتىدۇ. بولۇپمۇ، كېچىسى كۆپ غىزالىنىش، ھەرىكەت ئاز بولۇش، ئىچىملىك - چېكىملىكلەرگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىش، تۇرمۇش ئادىتى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىققان نېرۋا ئاجىزلاش قاتارلىق سەۋەپلەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىۋاستە چېتىلىدىغان ئامىللاردۇر.
كونىلاردا «ساغلاملىق بىباھا گۆھەر»، «ساغلام تەندە، ساپ ئەقىل» دېگەندەك ھېكمەت بار. سىز تېنىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىز تېنىڭىزمۇ سىزنى ئاسرىمايدۇ گەرچە سىزنى ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ. سىز فىلىملەردە رول ئېلىۋاتقان، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىغا بېرىلگەن ئەركەكلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ قاۋۇل، تولۇمۇ كېلىشكەنلىكى؛ كېيىم - كىچەكلىرىنىڭ  يارىشىملىقلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرلمىسى تۇغۇلىشىدىلا مۇشۇنداق بەستىلىك دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۇلاردىكى بۇنداق ساغلام تەن ھەرگىزمۇ تۇغما ئەمەس، ئۇلار ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، داۋاملىق چېنىقىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرغاچقىلا مۇشۇنداق بەدەن ساپاسىغا ئىگە بولغانلاردۇر. ئەگەر ئۇلارمۇ قورساققا زىيادە بېرىلىپ، ئويۇن - تاماشا، كەيىپ - ساپانى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرسا تۆت كۈندىلا «باداڭ قورساق» لار سېپىگە ئەزا بولۇپ كىرىشى تۇرغانلا گەپ.
شۇڭا، «باداڭ قورساق» ىڭىزدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، ساغلام روھىي كەيپىيات يېتىلدۈرگىڭىز بولسا، كەچلىك غىزادا ئوڭاي ھەزىم بولمايدىغان لەڭمەن، مانتا، كاۋاپ، پولو تۈرىدىكى تائاملارنى يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ. ئامال بار كەچقۇرۇن غىزالانغاندا كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن شوخۇلا، تەرخەمەكلەر بىلەن سۇس دەملەنگەن چاي ۋە بىر - ئىككى تال پىرەنىك بىلەن قورسىقىڭىزنى «ئالداڭ». ناشتىدا مايلىق قورۇما ياكى مايدا قاقلاپ پىشۇرۇلغان گۆش، قۇيماق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر بۇنداق قارغۇلارچە غىزالىنىش داۋاملاشسا يۈرەك - قان، تومۇر قېتىشىش، يۇقۇرى قان بېسىم، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىز. بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر قوپۇشنى ئادەتلەندۈرۈڭ. بولۇپمۇ كەچقۇرۇن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر - ئىككى سەئەت بىيادە يول يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. نەچچە سائەتلەپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھېرىپ - چارچاشتىن ياكى ئايىغى چىقماس بىمەنە سورۇنلاردا ئولتۇرۇشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. قەرەللىك دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ، كېسەل بايقالسا، ۋاقتىدا داۋالىتىڭ.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-14 04:42 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HAJIGOMUX + 300
mahbusman + 300 يېتەمدۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 600   باھا خاتىرىسى

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20189
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2258 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 04:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇ شۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن بىمارلارغا بەك دىققەت قىلىمەن...
بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئوتتۇر ياشلارغا قارايدىغان بولساق بەكلا سەمىرىپ كەتكەن...
ئەمەليەتتە سېمىزلىك بىر كېسەل...
ھەممىسى تاماقتىن كېيىن ھەركەت بولماسلىقىدا...
ھازىرغۇ قورساق سالمىسا مانىڭ كىرىمى ياخشى ئەمەسكەن دەپ بىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس...
قىزلار توي قىلغاندىىن كېيىن چوقۇم سەمرىمىسە ئۆز ئاتا ئانىلىرى كۆيئوغلۇم ياخشى باقماپتۇ دەپ ئويلايدۇ، ئۇلار ئۇنداق ئويلىمىسىمۇ ، باشقىلارنىڭ گەپ تېپىشى ئېنىق..

سالامەتلىكى ئۈچۈن بەك سەمىرىپ كەتمەسلىك كېرەك.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 04:58:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامان تەرەققىي قىلغانسىرى قىلىدىغان ھەرىكەتلەرمۇ ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5914
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 05:02:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانداقمۇ مودا بولسۇن. تەن سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم،

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 05:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇيىل 25ياش، 85كىلوكىلمەن ، تاماقنمۇ كۆپ يىمەيمەن ، ھاراق-تاماكا،كەيىپ ساپاغا ئاللاھ گۇۋاھ يىقىن كىلپ باقمىدىم، پەقەت سۇنى كۆپرەك ئىچمەن، كونلار‹‹بىرگە ھارام جىق بولسا يەنە بىرگە ئارام جىق بولسا ئادەم سەمرىيدۇ››دەپتكەن ، مەن ئارامنى تولائىلپ سەمىرىپ كەتتمىكىن،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94969
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-4-17
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 05:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەۋرىشىم گۈزەللك-سىمىزكىسەللك

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 05:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-5-14 05:03 PM
مەن بۇيىل 25ياش، 85كىلوكىلمەن ، تاماقنمۇ كۆپ يىمەيمەن ،  ...

ئىككىمىز ئوخشاپ قالىدىكەنمىز . مەنمۇ 23 ياشتا ، 85 ئۆپچۆرىسىدە  كىلىمەن . ئازراق ئۇرۇقلاش خىيالىم بار .

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 05:37:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى 40 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بەلباغنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قورساقنى ساڭگىلىتىپ خۇددى قورسىقىدىكى ھامىلىدىن پەخىرلەنگەن «ئانا» لاردەك يۈرۈيدىغان ئەركەكلەر
         
ئالامەت سۈپەتلەپتىغۇ...      

بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 05:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-5-14 05:25 PM
ئىككىمىز ئوخشاپ قالىدىكەنمىز . مەنمۇ 23 ياشتا ، 85 ئۆپچۆ ...

تەڭكەنمىز ، مەن 92 كىلو كىلىمەن . ئارام ئالماي ئىشلەيمەن لىكىن ئولتۇرۇپ . شۇنداقتىمۇ ئېغىرلىقىم ئېشىپ كىتىپ باردۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 06:08:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش